• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » روھنى ساغلاملاشتۇرۇش – مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى

روھنى ساغلاملاشتۇرۇش – مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

ھەسەتخورلۇق – مىللەتنى خارابلاشتۇرىدىغان خەتەرلىك ئىللەت.
نادانلىقتىن ئۈچ بىخ ئۈسۈپ چىققان، ئۇلار: قارا نىيەت، ساختا شۆھرەت ۋە ھاكاۋۇرلۇق.
– شۇپىنخاۋئېر

نادانلىقنىڭ مەرىپەتكە زىتلىقى ھەممىگە ئايان. نادانلىقنىڭ ئىككى خىل تارىخىي شەكلى مەۋجۇت: بۇنىڭ بىرى، مەرىپەت ( سىۋىلىزاتسىيە) تىن ئىلگىرىكى نادانلىق ( ۋارۋارلىق )، ئىپتىدا’ئىي ئىنسان گۇروھىدىكى نادانلىق ۋە قىپيالىڭاچ نادانلىق. بۇنىڭ ئىككىنچىسى، بېكىنمە ھالەتتىكى جەمئىيەت چەمبىرىكىدىكى نادانلىق، ساختا شۆھرەت بىلەن كىيىندۇرۇلگەن نادانلىق، ھەسەتخورلۇق ۋەسۋەسىسى بىلەن تولغان نادانلىق.
ئەقىلنى رەت قىلىش (ئېراتسىئوناللىق) بۇ ئىككى خىل نادانلىقنىڭ تۈپ خۇسۇسىيتى. ۋەھالەنكى، ئەقىل، پەقەتلا ئەقىل ئىنساننىڭ غەيرى ھايۋانىي ئەۋزەللىكى ۋە ئىنسانىي تاكامۇللىشىش مۇمكىنلىكىنى تەشكىل قىلغان. ئەقىلنى رەت قىلغان، نادانلىققا چۆكۈپ كېتىۋەرگەن مىللەتنىڭ ئارقىدا قېلىش، پارچىلىنىش، توزۇپ كېتىشتىن ئىبارەت «ھالاكەت ترىلوگىيسى»نىڭ ھەر بىر باسقۇچىغا ھەسەتخورلۇقتىن ئىبارەت روھىي كېسەللىك سىڭگەن.
ھەسەتخورلۇقنىڭ بىز تۇنۇپ يەتكەن «كۆرۈنۈش» لىرى مۇنداق:
بىرىنچى، قارانىيەتلىك ۋە قولى يەتمەسلىك-ھەسەتخورلۇقنىڭ باشلىنىشىدىن ئىبارەت. ئومۇمەن، بىلىمىنى پەزىلەت كۇرىسى ۋە كامالەت كۇرىسىغا يەتكۈزمىگەن ئاتالمىش «ئۆلىما-زىيالى»لار ئۆز مىللىتىدىن ھەقىقى تەپەككۇر ۋە بىلىم ئىگىلىرىنىڭ چىقىشىنى كۆرەلمەيدۇ .

ئابدۇقادىر بېدىل ھەسەتخورلۇقنىڭ قارانىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى مۇنداق سۆككەن:

دىلى ھەسەتكە تولغان ئىچى قارا،
دا’ئىم پاك ئادەمگە چاپلايدۇ يالا.
تورۇسقا ئېسىپ كۆر ئاپئاق پاختىنى،
جىمى ئىس چاپلىشار شۇ ئاق پاختىغا.

سە’ئىدى شىرازى ھەسەتخورلۇقتىكى قارانىيەتنىڭ قولى قىسقا، تىرىشماس، قابىليەتسىز، نامەرت ئادەملەر قەلبىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى مۇنداق پاش قىلغان:

قولى قىسقا ھەسەتخور قىلار غەيۋەت، يوق ئامال،
ئەگەر ئۇدۇل يۇلۇقساڭ بولۇر تىلى كالۋا-لال.

ھەم قۇلى قىسقا-ناقابىل، ھەم قارانىيەت-غەيۋەتخور بۇلۇش بىر خىل زىدىيەتچان روھىي كېسەللىك بولۇپ، ئىبلىس تەسۋىرىگە ئوخشايدۇ. ناقابىل بولغان ئىكەن قابىل بۇلۇشقا تىرىشىشى، قابىل بۇلالمىسا ،قابىللارنى قوللىشى لازىم بولغان نۇرمال روھىي ھالەتنىڭ زىدىيەتچان روھىي كېسەللىكىكە ئايلانغانلىقىنى ھەسەتخور قەلبنىڭ ئىبلىسلىقى ئەمەسمۇ؟
ئىككىنجى، ئۆزگىنى كەسلەپ، ئۆز شېخىنى كۆتۈرۈش ھەسەتخورلۇقنىڭ مۇھىم ئالامىتىدىن ئىبارەت. مىللەتنىڭ نادان ھەسەتخورلىرى دۇنيادا قانداق يېڭىلىقلارنىڭ بولغانلىقى، قانداق كىتاپلارنىڭ يېزىلغانلىقى، قانداق كەشپىياتلارنىڭ مەيدانغا چىققانلىقى بىلەن كارى بولماي، ئۆز مىللىتىدە بىر يېڭىلىق باش كۈتۈرسىلا «يۈرىكى يارا ،يۈزى قارا» بۇلۇپ كېتىشىدۇ .

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ «باردۇر» ناملىق غەزىلىدە مىللىتىمىزدىكى بۇ ئىللەتنى مۇنداق سۆككەن:

تە’ئاۋۇنۇ- تەناسۇر ئورنىغا بىزلەردە بىر ئادەت،
يېڭى باشنى كۈتەرگەننى ئۇرۇپ يېقىتقانىمىز باردۇر.

قىزىل كۆزلۈك ،كۆرەلمەسلىك ۋەيا ئۆزى قىلالماسلىق،
قىلاي دەپ باغلىسا بەلنى تۈمەن بوھتانىمىز باردۇر.

ھەسەتخورلۇقنىڭ شۇنداق بىر تىپى باركى، ئۇلار ئۆزلىرى ئۇچىرىغان بەخىتسىزلىكنى «ئەڭ ياخشى ئالى مەكتەپ» (بىلىنىسكىي) دەپ بىلىپ، ئۇنىڭدىن ئەقلىي ۋە ۋىجدانىي خۇلاسە چىقارماستىن، «سۇنغان ئاقسۇڭەكلەر» چە ئەسەبىي قىساسكارلىق پىسخىك كېسەللىگى بىلەن ئالدىن كەتكەنلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ، ئورا كولاپ، شېخىنى كېسىپ، ئاسان يول بىلەن « قەھرىمان» لىق مۇنبىرىگە چىقىشنى قەسىتلەيدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ ھەسەتخورلۇقى ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدىغان تەرسالىق بىلەن تەنھا ياكى تۈركۈم بۇيىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنى « قىساسكارلارچە ھەسەتخورلۇق» دىگەن نام ئاستىدا ئەيىبلەش لازىم.

كامالىدىن بىنايى مۇنداق يازسا:

ھەسەت ھەممە ئىللەت-نوقساندىن يامان،
ھسەت ئەھلى بارچە ياماندىن يامان.

ناسىر خۇسراۋ مۇنداق يازغانىدى:

بېرىلمىگەيسەن ھەسەتكە زىنھار،
ھەسەتنىڭ چېكى يوق، تۈگەنچى مىقدار.

ئۈچىنجى، پىتنە تۇغدۇرۇپ ،تۆھمەت قىلىش ھەسەتخورلۇقنىڭ ئاسان چېلىقىدىغان شەكلىدىن ئىبارەت. ھەسەتخورلۇقنىڭ قورالى پىتنە بىلەن تۆھمەت ئىكەنلىكى شۈبھىسىز، بۇنى ئۇلار «سېسىتىش» دەپ ئاتىشىدۇ. تۇرمۇشنى ئالدىغىلى، خەلقنى پۈتۈن بىر تارىخى جەرياندا قايمۇقتۇرغىلى بولمايدۇ. قەيسەر ئىرادىلىك كىشىلەر ئۆز ئەجرى بىلەن ھەمىشە ياشناپ تۇرۇۋېرىدۇ. «سېسىتقۇچىلارنىڭ سېسىپ كېتىشى» مانا بۇ پاك ۋە ناپاكلىق كۈرىشىدىكى بىر ھەقىقەت. مانا بۇ تارىخنىڭ نۇرانە يۆنىلىشى. ئەگەر مۇنداق بولمىغاندا تەڭرىمۇ بولمىغان، ھەقىقەتمۇ بولمىغان، تارىخمۇ بولمىغان ،ئىستىقبالمۇ بولمىغان ،ئىشەنچ ۋە ئالىي ھىممەتمۇ بولمىغان بولاتتى!
بىزنىڭ ھەسەتخور پىتنە-تۆھمەتچىلىرىمىز «ئاقنى قارا قىلىش»، «ئۆزى گۇناھ قىلىپ، باشقىنى گۇناھكار كۆرسىتىش»، «ئوغرى ئوغرىنى تۇت دەپ ۋارقىراش»، «باشقىلار نامىدا قارا خەت يېزىش»، «بىر ئادەمگە ئىككى خىل تون كەيگۈزۈش»، «كېچىسى ئادەم ئۆلتۈرۈپ، كۈندۈزى ھازىدار بولۇش» قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىۋېرىدۇ. باشقىلار نامىدا خەت يازغانلەر ئىچىدە ئايال كىشى سۈرىتىگە كىرىۋېلىپ خەت يېزىش، تۆۋەننى قۇترىتىپ قۇيۇپ ئۆزى قازى بولۇۋېلىش، ئولتۇرۇش-سورۇنلاردا ئاشكارە پىتنە-ئېغۋا تارقىتىش، پىتنە-ئېغۋانى چەت ئەلگە كېڭەيتىش قاتارلىق ھادىسىلەرنى كۆرۈپ مىللىتىمىز ئىچىدە بۇ جەھەتتىكى «ماھارەت» نىڭ دۇنياۋى سەۋىيە ياراتقانلىقىدىن ئەپسۇسلانماي تۇرالمىدىم.
تۆتىنجى، گۇروھۋازلىق قىلىپ، باشقىلارنى چەتكە قېقىش ھەسەتخورلۇقنىڭ تۈركۈملەشكەن شەكلىدىن ئىبارەت. ھەسەتخورلۇق ئەسلىدە زەھەرلىك چاياندەك نەرسە بولسىمۇ، ئۆزىنىمۇ كۆيدۈرىدىغان، باشقىلارنىمۇ كۆيدۈرىدىغان خۇسۇمەتلىك ئوت بولسىمۇ، ھەسەتخورلار تۈركۈملىشىپ، چاياندىن پىل پەيدا قىلىشقا ماقۇل بولۇشىدۇ. ئۇلار مەلۇم ھۇقۇق ياكى تەسىر كۈچى بولمىسا، بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكتىن تۈركۈملىشىدىغان بولدى. ئەمما بۇ تۈركۈمنىڭ ھەر بىر ھەسەتخور ئەزاسى ھەمىشە ئۆز تۈركۈمىدىن يۈز ئۆرۈشكە تەييار، بىۋاپا كىشىلەردىن ئىبارەت. ھەسەتخورلۇق گۇرۇھلىرى ئىككى شەر ئاستىدا، يەنى قۇدرەتلىك مۇخالىپلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، قۇللارچە دەرىجىلىك بويسۇنۇش مۇناسىۋەت تەرتىپى بويىچىلا ساقلىنىپ تۇرۇشى مۇمكىن.

ھاپىز شىرازى مۇنداق دىگەنىدى:

كەت يامانلار سۆھبىتىدىن، ئىزدىسەڭ گەر ياخشى نام،
بەدنىيەتلىك ئول ئەقىلسىزلىققا ئىسپاتتۇر تامام.

بەشىنجى، خەلقنى پارچىلاش،مىللەتنى خانىۋەيران قىلىش- ھەسەتخورلۇقنىڭ ھەرىكەت نىشانىسى ۋە تارىخى جىنايىتىدىن ئىبارەت.

ھەسەتخورلۇق شۇنداق كىسەلكى:
بىرىنجىدىن، ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ؛
ئىككىنجىدىن، يۇقتۇرۋالغان كىشىلەرنى ھلاك قىلىدۇ؛
ئۈچىنجىدىن، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى تارقاقلاشتۇرۇپ، روھىي ئۇيۇشتۇرغۇچى ئاقىل كىشىلەرنىڭ ئابروي -نوپۇزىنى داۋاملىق قىرقىپ، مىللەتنى ھالاك قىلىشنىڭ جەريانىنى تېزلەشتۈرىدۇ.

ھەسەتخورنىڭ تەپەككۇرى، ھېسىياتى، تىلى، قەلىمى خۇنۇكلۇك بىلەن تولغاچقا، تىنىقى ۋە يۈرەك سوقۇشى ھەمىشە ھەسەت زەھىرى، بوھتان ئوتى ۋە قورقۇش تەشۋىشىدە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ پىسخىك كېسىلى جىسمانىي ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەسەتخورلۇقنى يۇقتۇرغان كىشى ئۆزىگە يارىشا «جەڭگاھ» ئېچىۋالغان يەنە بىر ھەسەتخوردۇر.
ھەسەتخورلۇق تەرىپىدىن چىرمىۋېلىنغان مىللەت گەرچە تىل بىرلىكى بىلەن بىرلىشىپ تۇرسىمۇ، قەلبى پارچىلانغان مىللەتتىن ئىبارەت.
قەلبى پارچىلانغان مىللەتنىڭ تىلى بۇ قەلبنى پارچىلاشقا خىزمەت قىلىشتىن باشلاپ ،بۇ مىللەتنى ھالاك قىلىش بىلەن ئۆزىنىمۇ ھالاك قىلىدىغان تىل بولماي نىمە؟
روشەنكى، تىلنى تاشقى پوست، قەلبنى ئىچكى ئۆزەك قىلغان مىللى ئۇيۇشمىنىڭ ھەسەتخورلۇق ئىچىدە تەمتىرىشى ھالاكەت ھالقىسىنىڭ ئالامىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، خالاس.
گۈللەنگەن مىللەتنىڭ ھايات يولى ئىسپاتلىدىكى، مىللەتكە يېمەك-ئىچمەك ،ئۆي-ماكاندىن باشقا مۇھىمى مىللى روھىيەت لازىم.
بۇ مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچ مەنبەسى بولغان ئېتىقاد، مىللى ئەنەنە ،يېڭىلىققا ئىنتىلىش، مەنىۋى يېتەكچىلىك نۇپۇزىقاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
مۇنداق بىناكارلىقنى بۇزۇشتىن ھالاكەت، تۈزەشتىن گۈللىنىش كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئاددى، ئەمما بىزدە ئەستىن چىقىرىلغان ھەقىقەت.
مەنىۋى قەھرىمانلىق ۋە غايىۋى يولباشچىلىق لېگىندىلىرىنى ياراتقان خەلقنىڭ بىردىنلا ھەسەتخورلۇق ئۇچقۇنلىرى بىلەن بەنىت بولۇشىنىڭ تەكتىدە تارىخ نېمىنى پىچىرلاۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرىش مۈشكۈل ئەمەسمۇ!
گېرتسىن: «ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىش زېرەكلىكنىڭ ۋە دانىشمەنلىكنىڭ باشلىنىشىدۇر» دېگەنىدى. ھەقىقەتنى سۆيىدىغان قەلىب نۇرانە قەلىب، خەلقىمىزنىڭ تارىخىي ئىستىقبالىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قەلىب، مۇنداق قەلىب ھەقىقەتنى ھۆرمەت قىلىدۇ، ئۇنىڭغا جان پېدا قىلىدۇ.
ھەسەتخورلۇقنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچىرىغانلارغا كەلگەندە شۇنى ئېيتىش كېرەككى، بۇ ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ قەيسەر خاراكتىر يىتىشتۈرىدىغان شىۋىرغان سىنىقى!
ھىراكلىت توغرا ئېيتىدۇ : «ساڭا شۇنىڭ ئۈچۈن رەشىك قىلىشىدۇكى، سېنىڭ زوقلانغۇچىلىرىڭ ھەقىقەتەن تولىمۇ نۇرغۇن!»

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top