• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەقدىرى ھەققىدە ستالىننىڭ سۇڭ زىۋىنغا ئېيتقانلىرى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەقدىرى ھەققىدە ستالىننىڭ سۇڭ زىۋىنغا ئېيتقانلىرى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرى سۇڭ زىۋىن (سولدا) ۋە سوۋېت تاشقى ئىشلار مىنىستېرى مولوتوۋ (ئوتتۇرىدا)، موسكۋا ئايردرومى، 1945-يىل ئىيۇل

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

موسكۋادا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىسى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى مەسلىھەتچىسى (American Legation, U.S. Naval Attache-ALUSNA، Moscow) تەرىپىدىن ئەۋەتىلدى

1945-يىلى 11-ئىيۇل

مۇتلەق مەخپىي ئالاقە (مۇتلەق مەخپىي ۋە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى پرېزىدېنتى ۋە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستېرىنىڭ شەخسىي پايدىلىنىشى ئۈچۈن خەررىمەن (Harriman) تەرىپىدىن ئەۋەتىلدى)

سۇڭ (زىۋىن) بۈگۈن سەھەر ماڭا ئۆزىنىڭ تۆنۈگۈن كەچ ستالىن ۋە مولوتوۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلىي خاتېرىسىنى كۆرسەتتى. سۆھبەتتە ناھايىتى زور ئىلگىرلەش بوپتۇ. تاشقى موڭغۇلىيەگە نىسبەتەن پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلىنغاندەك تۇرىدۇ. خىتاي ئۇرۇشتىن كېيىن رېفېرېندۇم نەتىجىسى مۇستەقىللىققا مايىل بولسا، تاشقىي موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان بوپتۇ. بۇ پىكىر بىردەكلىكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقىچە ئېلان قىلىنمايدىكەن. يۇقارىقىلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ (گومىنداڭ) مىللىي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن خىتاينى بىرلىككە كەلتۈرۈشىنى قوللاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا بارلىق مەسىلىلەردىكى پىكىر بىردەكلىكىنى شەرت قىلىدىكەن. ستالىن ئوتتۇرىغا قويغان شەكىلدىكى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق شەرتنامەسىنى سۇڭ (زىۋىن) مۇ ماقۇل كۆرۈپتۇ. شىنجاڭ ۋە تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ چېگرالىرى ھەققىدە پىكىر ئوخشىماسلىقى بار ئىكەن. بۇلار چېگرا كومىسسىيەسىنىڭ بېكىتىشىگە قالدۇرۇلۇپتۇ. گەرچە ستالىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭدىكى قوزغىلاڭچىلارغا ياردەم بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، بۇ قوزغىلاڭچى كۈچلەرگە ياردەم بەرمەسلىكنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىگە قوشۇلۇپتۇ. سۇڭ (زىۋىن) ستالىننىڭ شىنجاڭدىكى ئىرقىي گۇرۇپىلارغا (يەرلىك مىللەتلەرگە) خىتاينىڭ تېخىمۇ كەڭرى سىياسىي ھوقۇق تونۇشى ھەققىدىكى تەشەببۇسىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ….

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرى ۋاڭ شىجېي «خىتاي-سوۋېت دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق شەرتنامەسى» نى ئىمزالاۋاتقان دەقىقە، موسكۋا، 1945-يىل 14-ئاۋغۇست

مەنبە: ئامېرىكا دۆلەتلىك ئارخىپخانىسى


مەزكۇر ئالاقەنىڭ ئەسلى نۇسخىسى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top