• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » 11 بىتىم ئارخىپلىرى (1): بىز شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرى!

11 بىتىم ئارخىپلىرى (1): بىز شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرى!

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن،

مەزكۇر چاتما يازمىدا 1944-يىلى 12-نويابىر قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تېنچلىق سۆھبىتىنىڭ جەريانىنى ئارخىپلىق ھۈججەتلەر بىلەن تونۇشتۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز. سەككىز ئايغا سوزۇلغان بۇ قېتىملىق سۆھبەت جەريانى ناھايىتى مۇرەككەپ، سۆھبەتكە تەسىر كۆرسەتكەن تاشقى كۈچلەر ۋە ۋەقەلەر تولىمۇ كۆپ بولغانلىقى ۋە سۆھبەتنىڭ مۇھىم ھالقىلىرىغا ئائىت ئارخىپ ماتېرىياللار تېخى ئاشكارىلانمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يازما ئارقىلىق سۆھبەتنىڭ بارلىق دېتاللىرىنى يورۇتۇپ بېرەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئەمما، مەزكۇر يازما شۇ قېتىملىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان ئەمەلىي ۋەزىيەت ۋە ئالاقىدار ئامىللارنىمۇ نەزەرگە ئېلىپ، سۆھبەت ۋەكىللىرى ۋە نەتىجىسىگە ئوبېكتىپ باھا بېرىشكە تۈرتكە بولۇپ قالسا، 11 بىتىم سۆھبىتى ھەققىدىكى يېڭى ئىزدىنىشلەرگە ۋەسىلە بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. مەزكۇر تېلېگراممىلار ئەنئەنىۋىي خىتاي يېزىقىدا ۋە ئۇسلۇبىدا يېزىلغان بولۇپ، ئوقۇش، چۈشىنىش ۋە تەرجىمىدە خاتالىقلاردىن ساقلىنىش قىيىن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ تۈزىتىشى، تولۇقلىشى ۋە پىكىر-تەكلىپلىرىنى قارشى ئالىمىز.

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر


 1- تېلېگرامما

جۇڭخۇا مىنگونىڭ 34-يىلى (1945-يىلى) 13-ئۆكتەبىر سەھەر سائەت 2 دىن 10 مىنۇت

دىخۇا (ئۈرۈمچى) دىن يوللانغان 2986-نۇمۇرلۇق تېلېگرامما

يوللىغۇچى جۇ شاۋلياڭ

جياڭ ۋېييۇەنجاڭ (رەئىس) غا مەلۇم بولسۇنكى، ئىلى باندىتلىرىنىڭ ئۈچ نەپەر ۋەكىلى دىخۇا (ئۈرۈمچى) غا يېتىپ كەلدى. بۇلاردىن بىرى رەخىمجان، يەنى مەسئۇد (سابىرى) نىڭ تۇققىنى؛ بىرى ئوبۇلخەيرى تۆرە، قازاق بولۇپ، قازاق تۆرەلىرىدىن بىرى؛ يەنە بىرى ئەخمەت. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت كۈتكۈچى خادىملىرى كۆرۈشۈپ كۈتۈۋالدى. جاڭ (جىجۇڭ) مۇدىر كەلگەندىن كېيىن سۆھبەتنى باشلايمىز دەپ كۈتۈۋاتىمىز.

ئەسلى نۇسخىسى


2- تېلېگرامما

جۇڭخۇا مىنگونىڭ 34-يىلى (1945-يىلى) 15-ئۆكتەبىر كەچ سائەت 8 دىن 20 مىنۇت

دىخۇا (ئۈرۈمچى) دىن يوللانغان 30069-نومۇرلۇق تېلېگرامما

ناھايىتى جىددىي

يوللىغۇچى جاڭ جىجۇڭ

جياڭ ۋېييۈەنجاڭ (رەئىس) غا تەگسۇن

بۇ قېتىم دىخۇا (ئۈرۈمچى) غا كەلگەن باندىتلار تەرەپنىڭ ئۈچ ۋەكىلىنىڭ ھەممىسى ئۈستىگە ئۇيغۇرچە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئىزنەكلەرنى تاقىغان بولۇپ، كۈتكۈچى خادىملارغا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، ۋاقتى كەلگەندە ۋاكالەت گۇۋاھنامە ھۆججەتلىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپنىڭمۇ تېگىشلىك گۇۋاھنامە ھۆججەتلىرىنى كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۈگۈن چۈشتە سوۋېت كونسۇلى بىلەن كۆرۈشۈپ، قەتئىي پوزىتسىيەدە پېدروۋ (سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چۇڭچىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى) نىڭ ئەينى چاغدا تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكىمىزگە پەقەتلا شىنجاڭدىكى توپىلاڭ كۆتۈرگەن جايلار ۋەكىللىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئارىغا چۈشۈپ كېلىشتۈرۈشكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا توپىلاڭچى خەلقنىڭ خىتايدىن ئايرىلىش نىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتىم. شۇنداقلا ھۆكۈمىتىمىز ئەينى چاغدا بۇ قېتىمقى ۋەقەگە قاتناشقانلارنىڭ دىخۇا (ئۈرۈمچى) غا ۋەكىل ئەۋەتىپ، ماڭا پىكىر-تەكلىپلىرىنى بىلدۈرۈپ، ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش يوللىرىنى مۇزاكىرەلىشىشكە يول قويۇپ تەستىقلىغان ئىدى دېدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەقەت ھۆكۈمەت ۋەكىلى ئورنىدا تۇرۇپ توپىلاڭ كۆتۈرگەنلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى قۇبۇل قىلالايمەنكى، ھەرگىزمۇ ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرىنى قۇبۇل قىلالمايمەن دېدىم ۋە بۇ پىكرىمنى قارشى تەرەپكە يەتكۈزۈپ قويۇشنى سورىدىم. سوۋېت كونسۇلى دەسلەپتە بۇ پىكرىمنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى خالاپ كەتمىدى ۋە ئەڭ ياخشىسى بۇ ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندە يۈز تۇرانە ئېيتىشىمنى سورىدى ۋە سوۋېت تەرەپنىڭ ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەسلى نۇسخىسى


3- تېلېگرامما

جۇڭخۇا مىنگونىڭ 34-يىلى (1945-يىلى) 16-ئۆكتەبىر كەچ سائەت 6 دىن 30 مىنۇت

دىخۇا (ئۈرۈمچى) دىن يوللانغان 6163-نومۇرلۇق تېلېگرامما

يوللىغۇچى جۇ شاۋلياڭ

چۇڭچىڭدىكى جياڭ ۋېييۈەنجاڭ (رەئىس) غا تەگسۇن

1) 16-ئۆكتەبىر كۈنى، ھاۋا ئوچۇق

2) ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى ئەخمەت قاسىموۋ، رەخىمجان، ئوبۇلخەيرى تۆرە دىخۇا (ئۈرۈمچى) غا كېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلخانىسىغا ئورۇنلاشتى. ئەتىسى ئەتىگەن سوۋېت كونسۇلى يېۋسىيېۋنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ليۇۋ زىروڭ بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشتى. سۆھبەت نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە:

ئاتالمىش ۋەكىللەر بۇ قېتىم دىخۇا (ئۈرۈمچى) غا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى خەلقىگە ۋاكالىتەن تېنچلىقنى مەقسەت قىلىپ كەلگەنلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سۆھبەتنى بالدۇرراق باشلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جاڭ (جىجۇڭ) مۇدىر دىخۇا (ئۈرۈمچى) غا كەلگەن كۈنىدىن باشلاپ بۈگۈن چۈشكىچە سوۋېت باش كونسۇلخانىسى بىلەن سۆھبەتلەر داۋام قىلماقتا…

ئەسلى نۇسخىسى


4- تېلېگرامما

جۇڭخۇا مىنگونىڭ 34-يىلى (1945-يىلى) 18-ئۆكتەبىر

دىخۇا (ئۈرۈمچى) دىن يوللانغان 30274-نومۇرلۇق تېلېگرامما

يوللىغۇچى جاڭ جىجۇڭ

سوۋېت كونسۇلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرىنى قۇبۇل قىلالمايدىغانلىمنى قارشى تەرەپكە يەتكۈزدى. دەسلەپتە قارشى تەرەپنىڭ پوزىتسىيەسى ناھايىتى قاتتىق بولدى. قايتا-قايتا نەسىھەت قىلىشلاردىن كېيىن، ئاۋۋالقىدەك چىڭ تۇرۇپ كەتمىدى. بۈگۈن، يەنى 17-ئۆكتەبىر كۈنى سەھەر سائەت 10 دا رەخىمجان (ئۇيغۇر)، ئەخمەت (ئۇيغۇر) ۋە ئوبۇلخەيرى (قازاق) قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتۈم. باشتا سۆز بېشى ئورنىدا مەركەزنىڭ چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىچكىرىدىكى خەلقلەر بىلەن باراۋەر ئورۇندا مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىدەك سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىپ ئۆتتۈم. ئاندىن ئۇلاردىن بۇ قېتىملىق ۋەقەگە نىسبەتەن پىكىر-تەكلىپلىرىنى سورىدىم. ئۇلار بىز تەرەپنىڭ ئاۋۋال پىكىر بىلدۈرۈشىنى سورىدى. بىز ھازىر ناھايىتى جىددىي ھالدا كونكېرىت لايىھە ئۈستىدە ئىشلەۋاتىمىز. قوماندان جۇ (شاۋلياڭ) ۋە رەئىس ۋۇ (جۇڭشىن) بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، قارشى تەرەپكە تەكلىپ لايىھەسىنى سۇنىمىز.

ئەسلى نۇسخىسى

مەنبە: (تەيۋەن) دۆلەتلىك تارىخ سارىيى. مەزكۇر تېلېگراممىلار ئەسلى مەخپىي بولۇپ، 2016-يىلى مەخپىيەتلىكى قالدۇرۇلغان.


سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نەنجىڭدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پېدروۋ (كۆزەينەكلىك كىشى) سۇڭ مېيلىڭ بىلەن كۆرۈشمەكتە. 1945-يىلى نەنجىڭ

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top