• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » ئۇيغۇرلاردا ئاتا – ئانىنىڭ مۇقەددەسلىكى

ئۇيغۇرلاردا ئاتا – ئانىنىڭ مۇقەددەسلىكى

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئەڭ ئېسىل ئەنئەنە ۋە گۈزەل ئەخلاققا ئىگە خەلق. ئاتا – ئانىنى ئۇلۇغلاش بۇ مىللەت ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس بۇرچ. « ئاتا – ئاناڭنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمە»، « ئاتاڭ رازى خۇدا رازى» دېگەنگە ئوخشىغان ھېكمەتلىك ئۆگۈتلەر بىلەن « جەننەت ئاتا – ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا»دېگەن ھەدىسنىڭ ئۆزگەرمەس تەلىمات شەكلىدە كەڭ تارقىلىپ، ئەسىرلەردىن بىرى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۇدۇم بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

چۈنكى ئاتا ـ ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرى ئىنتايىن كۆپتۇر. بالىلار ئاتا ـ ئانىلارغا قانچىلىك كۆپ ياخشىلىق قىلسىمۇ، ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئۇلارغا قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ھەرگىزمۇ قايتۇرۇپ بولالمايدۇ، ئەلۋەتتە.

ئاتا، ئائىلىنىڭ يېتەرلىك ئېھتىياجلىرىنى تولۇقلاش يولىدا ھارماي ـ تالماي ئىشلەيدۇ، چارچايدۇ. ئانا بولسا، پەرزەنتىم دەپ، توققۇز ئاي قورساق كۆتىرىپ، ئاندىن ئۇنى تۇغۇش جەريانىدا ئالەمنى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان تولغاقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ئۇنى تۇغىدۇ. ئاندىن ئۇنى يىللار بۇيى ئېمىتىپ، ئاسراپ چوڭ قىلىدۇ. ئۇنى چوڭ قىلىش جەريانىدا كېچىلىرى تاتلىق ئۇيقۇسىنى ئۆزىگە ھارام قىلغان ھالدا، بالىسىنى ئاسراش ۋە ھىمايە قىلىش يولىدا ئۆزىنىڭ راھىتىنى ئۇنۇتىدۇ. ئاتا ـ ئانىلار بالىلارنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن خۇشال بولىدۇ. ئۇلارنىڭ غەمكىنلىكلىرى ئۈچۈن غەمكىن بولىدۇ. ئاتا ـ ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ قاتارغا قوشۇلۇپ ئادەم بولغىنىنى كۆرگىنىدە، قانچىلىك ھاياجانغا تولۇپ، ئۆزلىرىنى قانچىلىك سائادەتلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەپ بولۇش قىيىن. پەرزەنتلەر ئاتا ـ ئانىلارنىڭ بۈگۈنى ھەم ئەتىسىدۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇنۇتقان ھالدا پەرزنتلىرى ئۈچۈنلا ياشايدۇ.

ئۇيغۇرلار بۇ ھەقىقەتلەرنى ياخشى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار دۇنيادا ئەڭ مۇقەددەستۇر. ئۇلار ئاتا – ئانىسىنى چوڭقۇر ھۆرمەتلىگەنلىكتىن، يول يۈرگەندە ئۇلارنىڭ ئالدىدا يۈرمەيدۇ. داستىخانغا ئۇلاردىن ئاۋۋال قول ئۇزارتمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى تونۇيدۇ ۋە يولىدا ئادا قىلىدۇ.
ئاتا ـ ئانىلارنىڭ بالىلار ئۈستىدىكى ھەقلىرى ـ بالىلارنىڭ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشلىرىدىن ئىبارەت بىر جۈملە سۆزگە قىسقىرىدۇ. ئاتا ـ ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش دېگەن بۇ بىرجۈملە سۆز ــ ئۇلارنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن تەمىنلەپ تۇرۇش، ئۇلارنى ئاسراش، ئۇلارغا ۋاپا قىلىش، ئۇلارنىڭ تەۋسىيەلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۇلارنى ھەمىشە ئەڭ ئالىي ئېھتىرام بىلەن ھۆرمەت قىلىش قاتارلىق كۆپلىگەن مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بالىلارنى ئاتا ـ ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ بىر جۈملە سۆزگە بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن، (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن، ئۇلارغا كامالىي مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: -ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدىن تەربىيىلىگىنىدەك، ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن“ دېگىن. پەرۋەردىگارىڭلار دىلىڭلاردىكىنى ئۇبدان بىلگۇچىدۇر. ئەگەر سىلەر ياخشى بولساڭلار (يەنى ئاتا ـ ئاناڭلارنى قاخشاتقۇچى بولمىساڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ خاتالىقىڭلارنى كەچۈرىدۇ) ئاللاھ ھەقىقەتەن، تەۋبە قىلىپ تۇرغۇچىلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.» (ئىسرا سۈرىسى 23 ـ 25 ـ ئايەتلەر)

يۇقىرىقى ئايەتلەر، بالىلار قانداقلا شارائىتتا بولمسۇن، يەنى ئۇلار مەيلى باي بولسۇن، مەيلى كەمبەغەل بولسۇن، مەيلى كۆڭۈللىرى خاتىرجەم بولسۇن، مەيلى غەم ـ قايغۇ ئىچىدە بولسۇن، ھەر ھالەتتە، ئاتا ـ ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ لازىملىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ھەتتا قۇرئان كەرىم، بەزى ۋاقىتلاردا بالىلارنىڭ ئاچچىقىدىن ئۆزلىرىنى تۇتالمىغان ھالەتلەردىمۇ ئۇلارغا مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان ئاددى سۆزلەرنىمۇ قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. خوسۇسەن، ئاتا ـ ئانىلار قېرىپ قالغاندا، ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرى ئىنچىكە، گەپ كۆتىرەلمەيدىغان بولۇپ قالغاچقا، ئۇلارغا ئىنتايىن يۈمشاق ۋە سىلىق مۇئامىلىدە بولۇشنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، بالىلار ئاتا ـ ئانىلارغا قوللىرىدىن كېلىدىغان پۈتۈن ياخشىلىقلارنى قىلغاننىڭ سىرتىدا ئاللاھ تائالادىن ئۇلارغا مەرھەمەت ۋە رەھمەت تىلەشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى پۈتۈن ئويلىغانلىرىنى بىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاتا ـ ئانىسىغا بولغان سەمىمى ئىخلاسى ۋە مۇھەببىتىگە قاراپ مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بۇ تەۋسىيەلەرنى تاماملايدۇ.

ئاتا ـ ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. ئاتا ـ ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ماددىي ۋە مەنىۋى ھەر ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاتا ـ ئانىلارغا پۇل ـ مال ياردەم قىلىش، ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىش، ئېغىر ئىشلىرى بولسۇن، يېنىك ئىشلىرى بولسۇن ھەممىدە ئۇلارغا ئىتائەتچانلىق بىلەن خىزمەت قىلىش قاتارلىقلار ماددىي تەرەپتىن ياخشىلىق قىلغانلىق بولۇپ سانىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى خوشال قىلىش، دەرتلىرىگە قۇلاق سېلىش، مۇسىبەتلىرىگە تەسەللى بىرىش، بىلمىگەنلىرىنى بىلدۈرۈپ قويۇش قاتارلىقلار مەنىۋى جەھەتتىن ياخشىلىق قىلغانلىق بولىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا« ئاناڭنى يۈدۈپ يەتتە قېتىم ھەرەمگە ئاپارساڭمۇ، ئاناڭنىڭ سەندىكى ھەققىنى ئۆتەپ بولالمايسەن»دەيدىغان بىر ھېكمەتلىك مەشھۇر سۆز بار. بۇ سۆزنىڭ ئاساسى بار ئىدى.

رىۋايەت قىلىنىشىچە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر ئادەمنىڭ ئانىسىنى يۈدۈپ كەبىنى تاۋاپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. بۇ ئادەم ئىبنى ئۆمەرگە يېقىنلىشىپ: ”ئى ئىبنى ئۆمەر! مەن بۇنىڭ بىلەن ئانامنىڭ مېنڭدىكى ھەقلىرىنى ئادا قىلغان بولدۇممۇ؟“ دەپ سورىغاندا، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ”ياق، سەن تېخى ئاناڭنىڭ ئەجىرلىرىدىن مىڭدىن بىرىنىمۇ ئادا قىلمىدىڭ. لېكىن سەن ياخشى قىلدىڭ. ئاللاھ سېنىڭ ئازلا خىزمىتىڭگە كۆپ ساۋاپ بەرگۇسى“ دەپ جاۋاب بىرىدۇ.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: « ئۈچ نەپەر كىشى كېتىپ باراتتى، توساتتىن قاتتىق يامغۇر يېغىپ كېتىپ، ئۇلار بىر تاغنىڭ تېگىدىكى ئۆڭكۈرگە كىرىۋالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تاغدىن چوڭ بىر تاش دومىلاپ چۈشۈپ ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزىنى توسىۋالىدۇ. ئۇلار بىر ـ بىرىگە، ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلغان ئەمەللىرىڭلار بولسا شۇ ئەمەللىرىڭلارنى ۋاسىتە قىلىپ دۇئا قىلىپ بېقىڭلار، بەلكى ئاللاھ ئۇنىڭ يۈزىسىدىن بىزگە بىر چىقىش يولى بىرىپ قالار، دېيىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى مۇنداق دەپ دۇئا قىلىدۇ: ”ئى ئاللاھ مېنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاتا ـ ئانام بىلەن بىر نارىسىدە بالام بار ئىدى. ئۇلار ئۈچۈن قوي باقاتتىم، ھەر كۈنى ئۇلارغا سۈت ئىچكۈزەتتىم. بىر كۈنى كەچ كېلىپ قالدىم. كەلسەم ئاتا ـ ئانام ئۇخلاپ قاپتۇ. مەن سۈتنى سېغىپ ئەكىلىپ ئۇلارنىڭ بېشىدا تۇتۇپ تۇردۇم ئۇلارنى ئويغىتىشقا كۆزۈم قىيمىدى. كىچىك نارسىدە بالام ئايغىمدا ئاچلىقتىن زارلىنىپ، سۈت ئىچىمەن دەپ يىغلاپ تۇراتتى، مەن ھەمىشە ئاۋۋال ئاتا ـ ئانامغا ئىچكۈزۈپ بولۇپ، ئاندىن بالامغا ئىچكۈزەتتىم. ئاتا ـ ئانامنىڭ ئويغىنىشىنى كۈتۈپ شۈنداق تۇرۇپ تاڭ ئاتتى. ئەگەر مېنىڭ بۇ قىلغىنىم سېنىڭ دەرگاھىڭدا ياخشى ئەمەللەر قاتارىدىن بولۇپ قوبۇل قىلىنغان بولسا، بۇ ئەمەلىمنىڭ يۈز ـ خاتىرىسى بىلەن بىزگە بىر يوچۇق ئېچىپ بەرگىنكى بىز يورۇقلۇقنى كۆرەيلى، ئاللاھ ئۇلارغا بىر يوچۇق ئېچىپ بەردى ـ دە، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاسماننى كۆرەلىدى……….“ (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىسنىڭ بىر قىسمى)

ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: «بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ”يا رەسۇلەللاھ! دادام مېنىڭ مال ـ مۈلكۈمنى مەندىن سوراۋاتىدۇ، قانداق قىلىمەن“ دېگەندە ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا، ”سەن ۋە مال ـ مۈلكۈڭ داداڭغا ئائىتتۇر“ دەپ جاۋاب بېرىدۇ.»

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top