• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » ئۇيغۇرلاردا تۈگمەنچىلىك

ئۇيغۇرلاردا تۈگمەنچىلىك

ئابدۇرىشات مۇساجان توغرۇل

تۈگمەن – ئىپتىدائى ئاشلىق پىششىقلاپ ئىشلەش (ئۇن تارتىش) قۇرۇلمىسى بولۇپ، ئاساسلىقى سۇ كۈچى، شامال كۈچى، چوڭ ھايۋان كۈچى ۋە ئادەم كۈچى بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان تۈرلىرى بار. ئەجداتلىرىمىز ئەڭ بۇرۇن يىرىك ئاشلىقلارنى يۇمشۇتۇش ئۈچۈن بىلەي تاش ئاساسىدا سۈرمەلنى كەشىپ قىلغان. سۈرمەل – چوڭ تاشنىڭ بىر يۈزىنى ھىلال ئاي شەكلىگە كەلتۈرۈپ سىلىقلاپ، ئۈستىگە يىرىك ئاشلىقنى تەكشى يېيىلتىپ، نوغۇچ تاش (دەستە سىمان تاش) بېلەن سۈرۈپ يۇمشىتىدىغان تاش قورال بولۇپ، چوڭ- كىچىكلىكى سۈرمەل تاشنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ئاساسىدا بولىدۇ. ھازىرغىچە تېپىلغان سۈرمەلنىڭ ئەڭ چوڭلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 80 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، كەڭلىكى 40 سانتىمېتىر ئەتراپىدا. بىر قەدەر نەپىس ياسالغانلىىرىنىڭ ئىككى بېشىغا تۇتقۇچ چىقىرىلغان. كېرىيە ناھىيىسى تەۋەسىدىكى يۇمىلاق قۇم قىدىمىي شەھەر خارابىسى (بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2300 يىللار ئىلگىرى ۋەيران بولغان)، كېرىيە ناھىيىسىنىڭ سەتمەت قەدىمىي ئىزى (ساپال خۇمدىنى رايۇنى بولۇپ، خەن دەۋرىدىن چىڭ دەۋرىگە قەدەر ئىنسانلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان) قاتارلىق جايلاردا قەدىمىي سۈرمەل تاشلار بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. خوتەن رايۇنىدا سۈرمەلنى تاكى 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىغا قەدەر ئائىلىلەردە ئىشلىتىپ كەلگەن.

ئەجداتلىرىمىز يەنە سۈرمەل ئاساسىدا يارغۇنچاقنى كەشىپ قىلغان بولۇپ، يارغۇنچاق – بىر جۈپ دۈگۈلەك تاشنىڭ چىپ ئوتتۇرىسىدىن تۆشۈك ئېچىپ، ئاستى تاشنىڭ تۆشۈكىدىن ئوق ئۆتكۈزۈپ مۇنتىزىملاشتۇرۇلىدۇ ۋە ئۈستى تاشنى ئېلىپ تۇرىدىغان ئۇچ چىقىرىلىدۇ، ئۈستى تاشنىڭ ئوتتۇرا تۆشىكى بۇ ئوق ئۇچىغا ھەرىكەتچان قىلىپ كەيگۈزىلىدۇ. ئۈستى تاشنىڭ بىر يېنىدىن يەنە بىر تۆشۈك ئېچىلىپ، دەستە ئورنۇتۇلۇپ، قول بىلەن ئايلاندۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، يىرىك ئاشلىق يارغۇنچاققا ئوتتۇرا تۆشۈكتىن قۇيۇلىدۇ. يارغۇنچاق ئاساسلىقى يارما يېرىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

تۈگمەن – يارغۇنچاق ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن قۇرۇلما بولۇپ، سۇ كۈچى ۋە شامال كۈچى بېلەن ئايلاندۇرىدىغانلىرى بار. رايۇنىمىزدىكى دەريا- ئېقىنلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تاغقا يېقىن، ئوكلونى يوقۇرى بولغاچقا، سۇ كۈچى بايلىقى بىر قەدەر مول. شۇڭا رايۇنىمىزدا سۇ كۈچى تۈگمەنلىرى كەڭ ئومۇملاشقان. تۈگمەننىڭ قۇرۇلمىسى يارغۇنچاققا ئوخشاپ كېتىدۇ، بىر جۈپ چوڭ دۈگۈلەك تاشنىڭ چىپ ئوتتۇرىسىدىن تۆشۈك ئېچىلىپ، ئاستىن تاش مۇنتىزىم ئورنىتىلىدۇ، ئەتراپىغا ياغاچ تاختاي بېسىلىپ چاسا شەكلىگە كەلتۈرۈلىدۇ ۋە تۆت ئەتراپىغا 20~30 سانتىمېتىر كەڭلىكتە توساق ئورنۇتۇلۇپ، ساندۇق شەكلىدە ياسىلىدۇ. بۇ قۇرۇلما «خامپا» دېيىلىدۇ. ئۈستىن تاش تۆشۈكىنىڭ ئاستىن تاشقا جۈپلەشتۈرۈلىدىغان يۈزى تەرىپىگە توغرىسىغا ئۇزۇنچاق كاتەك ئويۇلۇپ، ئوقنىڭ ئۇچىغا ئورنۇتۇلغان توغرا ئوققا كەيگۈزۈلۈپ، تاشنى ئايلاندۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. بىر تال ئۇزۇن ئوقنىڭ بىر ئۇچىغا چاقپىلەك ئورنۇتىلىدۇ، چاق پىلەك – كۇنۇس شەكىللىك ياسالغان كۆتەكنىڭ كەسمە يۈزى ئەتراپىغا 24 دانە پالاق ياغاچ ئورنۇتۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ، پالاق ياغاچ قىيپاش بېكىتىلىپ، ئۈستىگە سۇ چۈشكەندە سۇنىڭ ئىتتىرىش كۈچى بېلەن ئايلىنىشقا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ياسىلىدۇ، بەزى ئۇستىلار پالاقنىڭ چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پالاق ئۇچىنى ئايلاندۇرۇپ چەمبەر شەكىللىك قۇرۇلما ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئوقنىڭ يەنە بىر ئۇچى ئاستىن تاشنىڭ تۆشۈكىدىن ھەرىكەتلىنەلەيدىغان ھالەتتە ئۆتكۈزۈلۈپ، ئوقنىڭ ئۇچىغا ئورنۇتۇلغان توغرا ئوقغا ئۈستىنتاش كەيگۈزىلىدۇ. چاق پىلەكنىڭ ئاستى ئۇچىغا ئۇچلۇق تۆمۈر ئورنۇتۇلىدۇ، تۈگمەننىڭ ئاستىغا چاق پىلەكنىڭ ئاستى ئۇچىغا توغرىلاپ، بىر توغرا ياغاچ ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ، ياغاچنىڭ بىر ئۇچى ئاستى- ئۈستىگە ھەرىكەتلىنەلەيدىغان بېكىتىلىدۇ، ئۇقنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا كىچىك كاتەكچە ئويۇلۇپ، چاقپېلەكنىڭ ئۇچىغا ئورنۇتۇلغان تۆمۈر ئۇچ كەيگۈزىلىدۇ، توغرا ئوقنىڭ يەنە بىر ئۇچىغا تىك ئوق ھەرىكەتچان ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ، تىك ئوقنىڭ بىر ئۇچىنى تۈگمەن خامپىسىنىڭ بىر يېنىغا كىچىك تۆشۈك ئارقىلىق چىقىرىپ، توغرىسىغا قۇلاق بېكىتىلىپ، تىك ئوق چىقىرىلغان تۆشۈكتىن چۈشۈپ كەتمەيدىغان قىلىپ ئورنىتىلىدۇ. بۇ قۇرۇلغا «قوپارغۇ» دىيىلىپ، قۇلاقنى پىشاڭ بېلەن كۆتۈرگەندە، تۈگمەننىڭ ئۈستى تېشى كۆتۈرۈلىدۇ، قۇلاقنى قۇيۇپ بەرگەندە ئۈستىن تاش پەسلەيدۇ، بۇ قۇرۇلما ئارقىلىق تارتىلىدىغان يىرىك ئاشلىق ۋە ئۇننىڭ يۇمشاق- يىرىك تارتىلىشىغا ئاساسەن، ئىككى تاش ئارىسىدىكى يوچۇق مۇۋاپىق تەڭشىلىدۇ. ئۈستى تاشنىڭ ئۈستىگە تۆشۈككە ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئېھرام شەكىللىك ياغاچ ساندۇق ئۇچ قىسمى ئاستىغا قىلىپ ئېسىلىدۇ، بۇ قۇرۇلغا «ئۈسكەن» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۈسكەننىڭ ئاستىغا قارىتىلغان ئۇچىدىن تۆشۈك قويۇلۇپ، ئاستىغا چاناق ئېسىلىدۇ. چاناق – كەپكۈر شەكىللىك ياغاچ قۇرۇلما بولۇپ، چوڭ- كىچىكلىكى بىردەك بولمايدۇ، ئەڭ چوڭلىرىنىڭ كەڭلىكى 20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، ئۇزۇنلۇقى 30 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ، ئاستى تۈز، 3 تەرىپى ئىگىز گىرۋەك چىقىرىلىدۇ، گىرۋەكنىڭ ئىگىزلىكى ئادەتتە 5 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ، ئۈستى ۋە بىر تەرىپى ئوچۇق بولۇپ، ئوچۇق تەرىپى ئېغىز ھېسابلىنىدۇ، ئېغىز بىر قەدەر كىچىك بولۇپ، يىرىك ئاشلىق ئۈسكەندىن چاناققا چۈشۈپ، چاناقنىڭ شۇ ئېغىزىدىن تۈگمەن تېشىنىڭ تۆشۈكىگە چۈشىدۇ. يىرىك ئاشلىقنىڭ نورماق ۋە راۋان چۈشىشى ئۈچۈن، چاناققا تاقىلدىغۇچ ئورنىتىلىدۇ. تاقىلدىغۇچ 7 شەكىللىك ئاددى ياغاچ قۇرۇلما بولۇپ، ئۇزۇن تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25~30 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، قىسقا تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10~15 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەگمىسىدىن شوينا بېلەن ئۈسكەنگە ئېسىپ، ئۇزۇن ئۇچى چاناققا سېلىپ قويىلىدۇ، قىسقا ئۇچى تۈگمەن تېشىغا تېگىپ تۇرىدۇ، تۈگمەن ئايلانغاندا تاقىلدىغۇچ سەكرەپ ھەرىكەتلىنىپ، يىرىك ئاشلىقنىڭ چۈشۈشىنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

تۈگمەن دۆڭنىڭ ئاستىغا ئورنىتىلىدۇ. دەريا- ئېقىن سۇلىرى يىراقتىن ئېلىنغان ئېرىق ئارقىلىق دۆڭ ئۈستىگە باشلاپ چىقىلىپ، كىچىك كۆلچەككە چىڭقىلىپ، سۇ مۇۋاپىق مىقتاردا تەڭشىلىپ، قوغاش ئارقىلىق تۈگمەننىڭ ئاستىغا چۈشۈرۈلۈپ، سۇنىڭ كۈچى بېلەن تۈگمەن ئايلاندۇرىلىدۇ. كۆلچەكنىڭ بىر تەرىپىگە سۇ كۆپ چىڭقىلىپ كەتسە قويۇپ بېرىدىغان ئېغىز ياسىلىدۇ، بۇ «چۈشۈرگە» دەپ ئاتىلىدۇ. قوغاش – يوغان ياغاچتىن چېپىلغان چوڭ ۋە ئۇزۇن نور بولۇپ، ئۈستى ئوچۇق بولىدۇ. ئۇزۇنلۇقى تۈگمەن قۇرۇلغان دۆڭنىڭ يان باغرىغا قاراپ ياسىلىپ، تۈگمەننىڭ چاقپېلىكىگە ئۇدۇللاپ، يانتۇ ئورناشتۇرىلىدۇ. سۇ تۈگمەننىڭ ئاستىدىن ئېقىپ چىقىپ كېتىدۇ، چاقپېلەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان، سۇ ئېقىپ چىقىپ كېتىدىغان بۇ بوشلۇق «كالا» (”كا“ بولغۇمى سوزۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ) دەپ ئاتىلىدۇ. تۈگمەن قۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۈستىگە ئۆي سېلىنىپ، تۈگمەن ئۆي ئىچىگە ئېلىدۇ. تارتىلغان ئۇننى يىغىشقا ئاشلانغان قوي تېرىسىنىڭ پارچىسى ئىشلىتىلىدۇ، بۇ «پوستەك» دەپ ئاتىلىدۇ. تۈگمەنچىگە قارىشىپ بېرىدىغان ۋە تارتىلغان ئۇننى سۈپۈرۈپ يىغىشقا مەسئۇل بولغان كىشىلەر «پوستەكچى» دەپ ئاتىلىدۇ. كالىنىڭ چوڭ مۈڭگۈزى ياكى قوتاز مۈڭگۈزى، ئارقار مۈڭگۈزىدىن بۇرغا ياسىلىدۇ. بۇ خىلدىكى مۈڭگۈزلەرنى تاپالىغانلار ياغاچتىن ئويۇپمۇ ياسىۋالىدۇ ياكى نوگاي قاپاقتا ياسىۋالىدۇ. تۈگمەن بىكار قالغاندا، بۇرغىنى چېلىپ، ئەتراپقا بۇ تۈگمەننىڭ بىكار ئىكەنلىكىدىن سىگنال بىرىدۇ.

تۈگمەن توغرىسىدا مەخمۇت قەشقەرى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»دا ئاز بولمىغان مەلۇماتلارنى بەرگەن. «دىۋاندا»: «ئۈگۈت» سۆزىگە: ”بۇغداي ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلاردىن ئۇن تارتىش“ دەپ؛ «ئۈگۈتچى» سۆزىگە: ”ئۇن تارتقۇچى، تۈگمەنچى“ دەپ؛ «ئىتەگۈ» سۆزگە: ”تۈگمەندە ئۈستىگە ئايلانغۇچى تاش ئورنىتىلغان ياغاچ قۇلاق. ئۇننى يىرىكرەك تارتماقچى بولغاندا، بۇ قۇلاقنىڭ ياردىمى بېلەن تاش بىر ئاز كۆتۈرۈلىدۇ، يۇمشاق تارتىش زۈرۈر بولغاندا، تۈگمەن تېشى بۇ قۇلاقنىڭ ياردىمى بېلەن بىر ئاز تۆۋەن چۈشۈرۈلىدۇ“ دەپ؛ «قوغۇش» سۆزىگە: ”قوغۇش، قوش، نور، تەگىرمەن قوغۇشى: تۈگمەن نورى“ دەپ؛ «سىبەك» سۆزىگە: ”سۇۋەك، تۈگمەننىڭ كېنى، تۈگمەن تېشىنى چۆگىلىتىدىغان تۆمۈر“ دەپ؛ «چىغرى» سۆزىگە: ”تۈگمەن چاقى، چىغرىق، چاقپېلەك، يىپەك ئىگرىدىغان چاق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش غالتەكلەرمۇ شۇنداق دىيىلىدۇ“ دەپ تەبىر بېرىلگەن.بۇلاردىن بىز تۈگمەننىڭ خېلى بۇرۇنلا ئەجداتلىرىمىز ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.

ئەجداتلىرىمىز ئۇزۇن تارىخى جەرياندا، يىمەكلىك ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ئىشلىرى ئۈستىدە كۆپ ئىزدىنىپ، ئادەم بەدىنىگە زىيانسىز پىششىقلاپ ئىشلەش ھۈنەر سەنئىتىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. رايۇنىمىزغا زامانىۋى پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ كىرىپ ئومۇملىشىشى بېلەن، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئۇنلار «زاۋۇت ئۇنى» ۋە «تۈگمەن ئۇنى» دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدىغان بولدى. پىشقەدەملىرىمىز يەنىلا سۇ تۈگمنىدە تارتىلغان ئۇننى ئەتىۋارلايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى ”ئاشقازاننى ئاغرىتمايدۇ، قەۋزىيەت قىلمايدۇ“ دەپ چۈشەندۈرىدۇ. بۇنىڭ ئىمىي ئاساسىنى مۇنداق ئىككى تەرەپتىن چۈشۈنىشكە بولىدۇ: بىرى، پىشقەدەملەر: ”ئۇن تارتىش جەريانىدا يۇمشىتىش قۇرۇلمىسى قىزىپ كەتسە، ئۇننىڭ رىزى كۆيۈپ كېتىدۇ“ دەپ قارايدۇ. شۇڭا بۇرۇنقى دەۋىرلەردە قىشلىق ئۇن 9- ئايدىن 11- ئايغىچە بولغان، يازلىق ئۇن 3- ئايدىن 5- ئاينىچە بولغان ھاۋا سالقىن پەسىلدە تارتىلاتتى.

بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «رىز» ھازىرقى زامان تىلىمىزدىكى «تالا» بولۇپ، ئاشلىقنىڭ تالاسىنى كۆرسىتىدۇ. ئاشلىق تالاسى – ئاشلىق تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى تۇتۇپ تۇرغۇچى سېستىما بولۇپ، ئاشلىق ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، مۇشۇ تالالار ئارقىلىق بەدەن ئۆزىگە كېرەكلىك ماددىلارنى مۇۋالىق مىقتاردا قوبۇل قىلىپ، كېرەكسىز ماددىلار ۋە زىيادە ئوزۇقلۇقنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. ئاشلىق تالاسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، بۇ خىل تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، ئاشلىقنىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى ئېشىپ كېتىدۇ- دە، ئاشلىق ھەزىم قىلىش ئورگانىزىملىرىغا يېپىشىۋېلىپ، بەدەن ئۆزىگە كېرەكلىك ماددىلارنى تولۇق قۇبۇل قىلالماي، كېرەكسىز ماددىلارنى قوشۇپ قوبۇل قىلىش ۋە مەجبۇرى قوبۇل قىلىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ. بۇنىڭ بېلەن ئادەمدە سەمرىپ كېتىش، قەۋزىيەت ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن سىرت، كىراخمال ماددىسىنى ئېھتىياجدىن ئارتۇق قوبۇل قىلىش سەۋەبىدىن، قان تەركىبىدىكى شېكەر ماددىسى ئېشىپ كېتىش، ماي ماددىسى ئېشىپ كېتىش، ئېغىر بولغاندا دىيابىت، قان قويۇقلىشىش، قان بېسىمى ئېشىپ كېتىش قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇن تارتىش زاۋۇتى مەشخۇلات جەريانىدا قىزىپ كېتىدۇ، يىڭى تارتىپ چىقىرىلغان ئۇنمۇ قىزىق بولىدۇ. بۇ قىزىقلىق ئاشلىقنىڭ تەبىئى تالاسىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ- دە، ئۇننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى ئېشىپ كېتىدۇ. سۇ تۈگمىنىنىڭ ئاستىدىن سۇ ئېقىپ تۇرغانلىقى ۋە ئاستى تاشقا سۇ ئۇرۇلۇپ تۇرغانلىقى سەۋەبىدىن، تۈگمەن تېشى تومۇز ئىسسىقلاردىمۇ بەك قىزىپ كەتمەيدۇ.سالقىن پەسىلدە تارتىلغان ئۇننىڭ تالاسى تېخىمۇ ياخشى ساقلىنىپ قالىدۇ. 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى توك بېلەن ھەرىكەتلىنىدىغان تۈگمەنلەر بارلىققا كەلگەن ئىدى. بۇنىڭ بېلەن تۈگمەن «سۇ تۈگمىنى» ۋە «توك تۈگمىنى» دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلدى. بۇ خىل تۈگمەننىڭ ئومۇمى قۇرۇلمىسى سۇ تۈگمىنى بېلەن ئوخشاش بولۇپ، پەقەت ئوق – ئېلىكتىرماتور ياكى دېزىلماتور بېلەن ئايلاندۇرىلىدۇ. لېكىن بۇ خىل تۈگمەننىڭ تىگىدە سۇ بولمىغاچقا، تاش قىزىپ كېتىپ، ئۇن ياخشى چىقماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمىدى. بۇنى ئازدەپ، زىيادە قىزىپ كېتىش سەۋەبىدىن تاش پارتىلاپ كېتىپ، ئادەم ئۆلۈش، زەخمىلىنىش ھادىسىسىلىرى يۈز بېرىپ، ئومۇملىشالماي ئىستىمالدىن قالغان ئىدى.

يەنە بىرى: ئۇن تارتىش زاۋۇتىدا يىرىك ئاشلىق ئىزىش- كېسىش مىخاينىزىمى ئارقىلىق تارتىلىدۇ، بۇمۇ ئاشلىقنىڭ تالاسىنى بۇزىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئامىل. تۈگمەندە يىرىك ئاشلىق ئىشىپ ئىزىش مىخاينىزىمى ئارقىلىق تارتىلغاچقا، ئاشلىق تالاسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ. زاۋۇت ئۇنىدا لەغمەننى ياخشى سوزغىلى بولىشىدىكى سەۋەب – ئۇنىڭ تالالىرى بۇزۇلۇپ، يېپىشقاقلىقىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدە، تۈگمەن ئۇنىدا لەغمەننىڭ ياخشى سوزۇلماسلىقىدىكى سەۋەپ – ئۇننىڭ تالاسى بۇزۇلمىغانلىقى ۋە يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنىڭ تۆۋەن بولغانلىقىدا.

شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۈرۈركى، بۈگۈنكى دەۋىردە، سوزۇلما خارەكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغى، كۆپ قەۋزىيەت بولۇش ۋە ھەزىم قىلىش ئورگانىزىمىدىكى ئېغىر كېسەللىكلەرگە دۇچار بولغۇچىلارغا تىببى خادىملار ۋە تىۋىپلار تۈگمەن ئۇنى يىيىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. بۇ تۈگمەن ئۇنىنىڭ ھەقىقى يېشىل يېمەكلىك ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر ئىلمىي ئاساسىدۇر.

دېمەك سۇ تۈگمىنى – ئەجداتلىرىمىز ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە زىيانسىز يېشىل يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش ھەم ئېنىرگىيە تىجەش قۇرۇلمىسىدۇر. بۈگۈنكى دەۋىردىكى سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسىلىرى تۈگمەن ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. لېكىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، سۇ تۈگمەنلىرى ئازلاپ، يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى. پەرزەنەتلىرىمىز تۈگمەننىڭ نېمىلىكىنى، قانداق قۇرۇلما ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. بۇ جىددى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا تىگىشلىك قىممەتلىك مىراستۇر.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top