• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئستانبۇلدا پەرھات تۇرسۇن ئەسەرلىرى نەشىر قىلىندى

ئستانبۇلدا پەرھات تۇرسۇن ئەسەرلىرى نەشىر قىلىندى

ئالماس ھاجى

ياش يازغۇچى، شائىر ۋە ئەدەبىيات نەزىرىيە تەتقىقاتچىسى دوكتۇر پەرھات تۇرسۇن ئەسەرلىرى ئىستانبۇلدا ئۈچ توپلام قىلىنىپ نەشىر قىلىندى. بۇنىڭغا شائىرنىڭ شىئىر ۋە نەسىرى ئەسەرلىرى، ھىكايە ۋە پىروزىلىرى، ئەدەبىيات نەزىرىيىسىگە ئائىت تەتقىقات ماقالە ۋە لىكسىيە خاتىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.

ئەدەبىياتتا ئۆزگىچە ئۇسلۇب ۋە پەرقلىق كۆز قاراشلىرى بىلەن تونۇلغان دوكتۇر پەرھات تۇرسۇن 1969-يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان،تولۇق ئوتتۇرىنى ئاتۇشتا تاماملاپ،ئاتالمىش مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىدە تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان، ئوقۇش تاماملانغاندىن كىيىن، 2011 -يىلى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىدە ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئونۋانىنى ئالغان. پەرھات تۇرسۇن ئۆز ئىجادىيەتلىرى ۋە لىكسىيەلىرىدە مەۋجۇت ئىستىبىدات تۈزۈمگە تىل تەككۇزگەنلىكى ئۈچۈن خېلىدىن بىرى خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ شۇبىھىلىك دىققەت نەزىرىدە، نازارەت ئاستىدا بولۇپ كەلگەن. شۇڭا،  2018-يىلدىكى بوران-چاپقۇندا تۇتقۇن قىلىنغان، شۇندىن بىرى پەرھات تۇرسۇننىڭ ئىز دىرىكى يوق.

پەرھات تۇرسۇن ئەسەرلىرىنى نەشىرگە تەييارلىغۇچى ۋە كىتابنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى يازغۇچى غولام ئوسمان ئەپەندى توپلامغا يازغان كىرىش سۆزىدە پەرھات تۇرسۇننىڭ ئۆسۇپ يىتىلىشى ۋە ئۇنىڭ ھاياتقا، ئىجادىيەتكە بولغان ئۆزگىچە قاراشلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگىنى سەمىمى دوستانە مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.

دوكتۇر مەمتىمىن ئەلا توپلامدا بىرىلگەن ئوبزۇر ماقالىسىدا ‹‹پەرھات تۇرسۇن ئەسەرلىرى››نى ئەتىراپلىق ئانالىز قىلىپ، پەرھات تۇرسۇن ئىدىيىسى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، قېممىتى ھەققىدە تەپسىلى توختۇلۇپ ، پەرھات تۇرسۇننى ‹‹ “ھەممە ئادەم بىلىدۇ” دەپ قارىلىدىغان، ئەمما، دىيىشكە جۇرئەت قىلالمايدىغان ھەقىقەتلەرنى بېشىغا بالايى-ئاپەت كىلىشىگە قارىماي سۆزلىگەن زىيالى . جەمىيەتتە مەيلى قانچىلىك تەقىپلەنسۇن، ئۇ پۈتۈن ھاياتى بۇيىچە ئىنساننىڭ ئەڭ بۈيۈك قېممىتىنىڭ تەپەككۇر قىلىشتىن كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنگۈچى ۋە ئىشىنىشنى ئۆز ئەمىلىيىتىدە كۆرسەتكۈچىدۇر›› دەپ تەرىپلەيدۇ .

ئوبزور ماقالىسىدا پەرھات تۇرسۇن ئەسەرلىرى ئۈستىدە ژانىرلار بويىچە ئانالىز قىلىنىپ، ئەسەرلەرنىڭ شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى، ئىدىيەلەر توقۇنىشى، ھايات سىرلىقلىرىنىڭ رىئاللىقنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى سۈپىتىدە ئەكىس ئەتتۈرىلىشى، ئۇنىڭ ھىكايىلىرىدىكى بىشارەتلىك سىرلىق ھادىسەلەر ۋە بۇ جەرياندىكى چۈشۇنىشكە ئىرىشىلگەن ياكى چۈشۇنۇلمىگەن مۇرەككەپلىكلەر ئىلمىي نوقتىدىن تەھلىل قىلىنغان. بۇ ئارقىلىق بەزى”گوڭگا” مەسئىلىلەرگە ئايدىڭلىق بىرىپ، كىتابخانلارنى پەرھات تۇرسۇن ئەسەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە ماھىيىتىنى چۈشۈنىشكە، ئەدەبىياتتىكى رىئالنى ۋە ماھىيەتلىك مەسئىلىلەر بويىچە پىكىر قىلىشقا يىتەكلەنگەنگەن.

دوكتۇر مەمتىمىن ئەلا – شەخىسنىڭ خاھىشى، جەمىيەتنىڭ كونتىرۇللىقى، پىكىر ئوخشىماسلىقنىڭ پاراكەندىچىلىگى، ئىنسان ئەقلىگە بولغان مەپكۇرە زوراۋانلىقى، زولۇم تىپىنى ئالغان ئىجتىمائىي يالغانچىلىققا ئوخشاش مەسئىلىلەرنىڭ تىپىكلەشتۈرۈلۈپ ئوبرازلاشتۇرۇلغانلىقى پەرھات تۇرسۇن ھىكايىلىرىدىكى ئالاھىدىلىك بولسا، شېئىرىيەت بابىدا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئاۋازىنى ئىزدىگەن، ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر يولدا ماڭغانلىقى ئۇنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە تەرىپى ، دەپ قارايدۇ.

مەن بۇ يازمىدا دوكتۇر مەمتىمىن ئەلانىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىنىمۇ كىتابخانلارغا ئالدىن يەتكۈزۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم:-‹‹يەنە بىر نۇقتىدىن پەرھاتنىڭ ماقالىلىرىدىن شۇنى كۆرەلەيمىزكى، پەرھاتنىڭ ئىجادىيەتتىكى كۆپ قىرلىقلىقى ئۇنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ماھىيەتلىك مۇناسىۋىتىنىڭ—ئۆزىنىڭ دۇنيادا بولىشىنىڭ ۋە بۇنى ئىپادىلەش شەكلىنىڭ كۆپ خىللىقىدىن كەلگەن.پەرھاتنىڭ بۇ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ تۈگەتكەن ئادەم ئۇنىڭ قىزىقىش دائىرىسىنىڭ نەقەدەر كەڭلىكىدىن ھەيران قالماي تۇرالمايدۇ. ئۇنىڭدا ئىنسانشۇناسلىق،جەمىيەتشۇناسلىق، پەلىسەپە، پىسىخولوگىيە، ئەدەبىيات نەزەرىيىىسى ۋە ھەتتا سىياسەتشۇناسلىققا قەدەرقىزىقىش بار. ئۇنىڭدىن سىرىت، پەقەت ئەدەبىيات نۇقتىسىدىنلا ئېلىپ ئەيىتقاندا، ئۇ ئەدەبىياتنىڭ ئۆتمۈشىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچىلا ئەمەس، بەلكى، يەنە ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ ئۆتمۈشىدىن تارتىپ ھازىرىغىچە تولۇق بىلىدىغان كەم ئۇچرايدىغان بىر تەتقىقاتچىدۇر. شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغىنىمىزدا غايەت زور بىر كۈتۈپخانىگە كىرگەندەك بولىمىز—ئۇنىڭدا ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە ئەسىرلىك بىلىم خەزىنىسى بار. چوڭقۇر ئىزدىنىلگەن بىر تارىخ بار. چوڭقۇر كۆزۈتۈلگەن بىر ھازىر بار. ئەيىتقۇسىز ئەندىشىلەنگەن بىر كېلىچەك بار››. ‹‹پەرھات بىر ئىنسانپەرۋەردۇر. ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ قېممەتلىرى ئۇنىڭ ئەنسىزلىككە ۋە زۇراۋانلىققا تولغان مۇستەملىكە جەمىيىتىدىكى مىزانى ئىدى. بۇ مىزان ئۇنى ساتقىنلىقتىن، ئىككى يۈزلىمىچىلىكتىن ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن ساقلاپ قالدى. بۇ قېممەتلەر ئۇنى ئەخلاقىي كىرزىسكە پېتىۋاتقان ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئادەمنىڭ ۋىژدانى بىلەن ياشاش ھەم ھەقىقىي ساھىپ چىقىش قېيىن ۋە ھەتتا كېيىنچە مۈمكىن بولمىغان شارائىتتا ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي بىردەكلىكىنى ساقلاپ كەلگەن ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى. بۇ جەھەتتىن، پەرھاتنى ئۇيغۇر زىيالىلىق ساھەسىدە ئىدىيىسى، يېزىقچىلىقى، سىياسى مەيدانى ۋە ئەخلاقىي ھەركىتى باشتىن – ئاياق بىردەك بولغان زىيالىيلارنىڭ بىرى دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز. ئۇنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشى ئۇنى بىر ۋىژدان مەھبۇسى قىلدى.››

خۇددى تارىم سۈيىدەك،

بىز مۇشۇ يەردە باشلانغان.

مۇشۇ يەردە تۈگەيمىز،

بىز ھىچ يەردىن كەلمىگەن،

ھىچ يەرگە بارمايمىز.

پەرھاتنىڭ بۇ مىسرالاردا يازغىنى باش ئەگمەس جەسۇرلۇق، يوقالماس ئۇيغۇرلۇق ئىدى. بۇ گۆھەر زىمىننى مەڭگۈ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن يالغان تارىخ ياساپ كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارىشى تۇرۇپ ، باش كىتىشتىن قورقماي‹‹بۇ زىمىن بىزنىڭ !›› دەپ مەڭگۈ باش ئەگمەيدىغانلىقىنى جاكالىغان جاكاسى ئىدى. شۇنداق، پەرھات تۇرسۇن ھېچنەگە كەتمىدى، ئۇ ، ئانا تۇپراقتا دۈشمەنگە قارشى دەس تۇردى!

يازغۇچى ۋە شائىر دوكتۇر پەرھات تۇرسۇن ئەسەرلىرى ئىستانبۇل تەكلىماكان ئۇيغۇر كىتابخانىسىدا تارقىتىلماقتا .

2020 -يىلى7-ئاينىڭ17-كۈنى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top