You Are Here: Home » پەن - مائارىپ » تەۋسىيىلىك كىتاب — دۆلەت بايلىق نەزەرىيىسى

تەۋسىيىلىك كىتاب — دۆلەت بايلىق نەزەرىيىسى

ئابلىز ئۇيغۇر

دۆلەت بايلىق نەزەرىيەسى غەرب ئىقتىسادشۇناسلىقىدىكى« ئىنجىل» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇ يەنەئىقتىسادشۇناسلىق قامۇسى، دۇنيا تارىخىغا تەسىر كۆرسسەتكەن ئون چوڭ ئەسەرنىڭ بىرى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن100 كىتابنىڭ بىرى، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ يېقىنقى زامان جەمئىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن كىلاسسىك تەرجىمە ئەسەر، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن كىتابنىڭ بىرى.

1986-يىلى فرانسىيە« كىتاب ئوقۇش» ژۇرنىلى تەۋسىيە قىلغان كۆڭۈلدىكىدەك كىتاب دېگەندەك شەرەپلەرگە نائىل بولغان كىتاب. « دۆلەت بايلىق نەزەرىيەسى» نىڭ تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنىشى ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ مۇستەقىل پەن سۈپىتىدە دۇنياغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، « دۆلەت بايلىق نەزەرىيەسى» ھازىرقى زامان سىياسىي ئىقتىساد تەتقىقاتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدۇر.

ئادام سىمىت 1768-يىلىدىن باشلاپ« مىللىي بايلىقنىڭ خاراكتېرى ۋە سەۋەبى ئۈستىدە تەتقىقات» (قىسقارتىلىپ« دۆلەت بايلىق» دېيىلىدۇ) نى يېزىشقا كىرىشكەن. 1773-يىلى« دۆلەت بايلىق نەزەرىيەسى» ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان، لېكىن ئادام سمىت ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ كىتابنى قايتا تەھرىرلىگەن، دەسلەپكى نەشرى 1776-يىلى 3-ئايدا نەشر قىلىنغاندىن كېيىن كەڭ كۆلەمدە مۇنازىرە قوزغىغان، ئەنگلىيەدىن ھالقىپ، ھەتتا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىمۇ زور غۇلغۇلا قوزغىغان، شۇڭا كىشىلەر ئادام سمىتنى« ھازىرقى زامان ئىقتىسادشۇناسلىقىنىڭ ئاتىسى» ركىن كارخانىنىڭ قوغدىغۇچى ئىلاھى» دەپ ھۆرمەتلىگەن.

« دۆلەت بايلىق نەزەرىيەسى» 1776-يىلى 3-ئايدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكا« مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغان يىلى ئىدى. « دۆلەت بايلىق نەزەرىيەسى» جەمئىي بەش تومغا بۆلۈنگەن. ئۇ دۆلەتنىڭ بايلىق مەنبەسى بولغان ئەمگەكتىن تارتىپ، ئەمگەكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋاسىتىسى بولغان ئىش تەقسىماتىغىچە، ئىش تەقسىماتى تۈپەيلىدىن ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ، شۇنداقلا ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسى بولغان پۇل، كاپىتال ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزىدۇ، تاۋارنىڭ باھاسى ۋە باھا قۇرۇلمىسىنىڭ تەركىبى بولغان ئىش ھەققى، يەر ئىجارىسى ۋە پايدا ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

بىرىنچى توم، جەمئىي 11 باب بولۇپ، ئاساسلىق مەزمۇنى ئەمگەك كۈچىنىڭ ھاسىل بولۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاش سەۋەبىنى تەھلىل قىلىش، مىللىي بايلىقنى تەقسىملەش پىرىنسىپىنى تەھلىل قىلىدۇ.

ئىككىنچى توم، جەمئىي بەش باب بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى كاپىتالنىڭ خاراكتېرى ۋە جۇغلاش ئۇسۇلىنى مۇھاكىمە قىلغان، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سانىغا بولغان ئېھتىياجنى تەھلىل قىلىش خىزمەتنىڭ خاراكتېرىگە باغلىق.

ئۈچۈنچى توم، جەمئىي تۆت باب بولۇپ، ئاساسىي مەزمۇنى بولسا شۇ چاغدا شەھەر سودا-سانائىتىگە ئەھمىيەت بېرىش، يېزا ئىگىلىكىگە سەل قاراش سىياسىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنى تونۇشتۇرغان.

تۆتىنچى توم، جەمئىي توققۇز باب بولۇپ، ئاساسلىق مەزمۇنى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتىكى تۈرلۈك ئىقتىسادىي نەزەرىيەلىرىنى مىسال كەلتۈرۈپ ۋە تەھلىل قىلغان.

بەشىنچى توم، جەمئىي ئۈچ باب بولۇپ، ئاساسلىق مەزمۇنى دۆلەت كىرىمىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تەھلىل قىلىغان، ئومۇمىي خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ياكى ئاز سانلىق كىشىلەر ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىش، ئەگەر ئومۇمىي خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن قانچە خىل چىقىم تۈرى بولسا، ھەرقايسىسىنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ، نېمە ئۈچۈن ھازىرقى زامان ھۆكۈمىتىدە قىزىل رەقەم ۋە زايوم بولىدۇ، بۇ قىزىل رەقەم ۋە دۆلەت زايومىنىڭ ھەقىقىي بايلىققا بولغان تەسىرى قاتارلىقلار تەپسىلىي يېزىلغان.

كىتابتا يېقىنقى دەۋرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ھەرقايسى ئەللەر كاپىتالىزمىنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرى يەكۈنلىنىپ، ئەينى چاغدىكى مۇھىم ئىقتىسادىي نەزەرىيەلەر تەنقىدىي ئاساستا قوبۇل قىلىنىپ، پۈتكۈل خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىش جەريانى سىستېمىلىق تەسۋىرلىنىپ، « تۇنجى سىستېمىلىق ئۇلۇغ ئىقتىسادشۇناسلىق ئەسىرى» دەپ تەرىپلەنگەن. « دۆلەت بايلىق نەزەرىيەسى» نىڭ تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنىشى ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ مۇستەقىل پەن سۈپىتىدە دۇنياغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، كاپىتالىستىك جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى جەھەتتە، « دۆلەت بايلىق نەزەرىيەسى» زور تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
18-ئەسىر ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، « دۆلەت بايلىق نەزەرىيەسى» نىڭ ئىنگلىزچە توققۇز نۇسخىسى نەشر قىلىنغان. كىشىلەر ئادام سىمىتنىڭ بىر يېڭى پەن ــ سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ئىجادچىسى ئىكەنلىكىنى بىردەك ئېتىراپ قىلىدۇ. ئادام سىمىتنىڭ مۇشۇ سەۋەبلىك نامى چىقىپ، « بىلىمى مول شوتلاندىيەلىك تالانت ئىگىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەينى چاغدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىكى نۇرغۇن مۇھىم ئەربابلار« سمىتنىڭ شاگىرتى» بولغانلىقىدىن شەرەپ ھېس قىلغان. پارلامېنت مۇنازىرىلەشكەندە ياكى قانۇن لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلغاندا، پارلامېنت ئەزالىرى ھەمىشە« دۆلەت بايلىق نەزەرىيەسى» دىكى ئىبارىلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ سۆزلەشنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەقىل كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى رەت قىلمايدىكەن.

« دۆلەت بايلىق نەزەرىيەسى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كۆپ دۆلەت تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، چەت ئەللەرگە تارقالغان، بەزى دۆلەتلەر سىياسەت تۈزگەندە« دۆلەت بايلىق نەزەرىيەسى» نىڭ ئاساسىي قارىشىنى ئاساس قىلغان. بۇ كىتاب ئىلىم-پەن ساھەسى ۋە سىياسىي ساھەدىلا تارقىلىپ قالماستىن، بەلكى بىر مەھەل نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سورۇنلىرىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان.

« دۆلەت بايلىق نەزەرىيەسى» ناملىق بۇ كىتابنىڭ تىل ئىشلىتىش ماھارىتى يۇقىرى بولۇپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىردەك ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن. ئادام سىمىتنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ سودا ۋە سودا ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش، تۆۋەن تاموژنا بېجى ۋە ئەركىن سودىنى قوللاش نۇقتىئىنەزىرى پۈتكۈل 19-ئەسىردە ھۆكۈمەت سىياسىتىگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بۇ سىياسەتلەرگە بولغان تەسىرىنى ھازىر كىشىلەر يەنىلا ھېس قىلالايدۇ.

دۆلەت بايلىق نەزەرىيەسى بۇ كىتابنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئىلگىرىكى نۇرغۇن خاتا ئۇقۇملارنى چۆرۈپ تاشلىغان. ئادام سىمىت كونا سودا تەلىماتىغا رەددىيە بەرگەن. بۇ خىل تەلىمات دۆلەتنىڭ زور مىقداردىكى ئالتۇننى زاپاس ساقلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا تەكىتلەيدۇ. ئۇ دېھقانچىلىق تەرەپدارلىرىنىڭ يەر قىممەتنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى دېگەن قارىشىنى رەت قىلىپ، ئەمگەكنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئادام سىمىت (ئىش تەقسىماتى نەزەرىيەسى) ئەمگەكنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ئايرىپ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ زور مىقداردا ئېشىشىنى نۇقتىلىق تەكىتلەپ، سانائەت تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىدىغان بىر يۈرۈش چىرىك، قارىسىغا ھۆكۈم قىلىدىغان سىياسىي چەكلىمىنى سۆككەن.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top