You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » مەسئۇلىيەت ۋە خاتىرجەم ھايات

مەسئۇلىيەت ۋە خاتىرجەم ھايات

ئادىل غۇجالىم

زامان تەرەققىي قىلغان، ئىقتىساد ئاشقان، ھەممىلا ئادەمگە بىلىم ئېلىش پۇرسىتى كەڭرى بۈگۈنكى جەمئىيەتتە بىلىملىك، ئىقتىدارلىقلار ۋە ئىقتىدار، مەسئۇلىيىتىنى سەمىمىي ئادا قىلىدىغانلار ئاز ئەمەس. كىشىلىك ھاياتتا ھەر كىمنىڭ زىممىسىدىكى(ئائىلە، خىزمەت ۋە باشقىلاردا) مەسئۇلىيەتنى سەمىمىي ئادا قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈشى بەكمۇ زۆرۈر. ئادەملەردە مەسئۇلىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۈچنىڭ دالالىتى بىلەن دائىم دېگۈدەك بىر خىل ئالىيجاناب بۇرچ تۇيغۇسى ئۇرغۇپ تۇرغان بولىدۇ. بۇ خۇددى تىككۈچىلىك كەسپىدە ئېڭىشسە پېشى قاچىدىغان، غادايسا ياقىسى ئېگىز – پەس بولىدىغان كىيىم تىككۈچىدىن بىر تال تۈگمىنى پۇختا قادىيالىغان كىشىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلىقىدەك ئىش.

18 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئاۋسترالىيەدىن ئىبارەت بۇ‹‹يېڭى قۇرۇقلۇق››نىڭ تېپىلغانلىق خەۋىرى ئېكىسپېدىتسىيەچىلەر ئارقىلىق ياۋروپاغا تېزلىكتە تارقالغان. شۇ چاغدىكى ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە بۇ خەۋەرگە بەكمۇ قىزىقىپ، ئالدىن يۈرەر قوشۇن ئەۋەتىپ بايلىقى مول بۇ زېمىننى ئىگىلەشنى قارار قىلغان. ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئوخشاش بولۇپ، غەلىبە قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە ئىككى دۆلەت پاراخوتلىرىنىڭ دېڭىزدىكى سۈرئىتىگە باغلىق بولغان. ئەنگلىيە فىلوتىغا ئۇرۇشقا ماھىر، پېشقەدەم گېنېرال باش قوماندان بولغان. فىرانسىيە فىلوتىغا مەشھۇر دېڭىز ساياھەتچىسى قوماندان بولغان بولۇپ، ئەنگلىيەنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ تېخنىكىسى ئالاھىدە يۇقىرى، دېڭىز سەپىرى بىلىمىمۇ مول ئىدى. فىرانسىيە قوماندانى ھەقىقەتەن كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، بۈگۈنكى ئاۋسترالىيەنىڭ ۋېكتورىيە پورتى بار يەرنى ئىگىلىگەن. فىرانسىيە قوماندانى قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، بۇ يەرگە ‹‹ناپولىئۇن›› دەپ ئىسىم قويغان. ئارمىيە باراگاھ قۇرۇپ جايلىشىشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقاندا، بۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، قۇشلىرى، كېنگورىلار گېنېرالنى ھەيران قالدۇرغان. گېنېرال تەبىئەت ئېكولوگىيەسى تەتقىقاتىغا قىزىققاچقا، بۇ يەردىكى دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان كېپىنەكلەرگە قاراپ، قوشۇندىكىلەرنى كېپىنەك تۇتۇشقا بۇيرۇغان.

فىرانسىيە قوشۇنلىرى كېپىنەك قوغلاپ پورتتىن يىراقلاپ كەتكەندە، ئەنگلىيە قوشۇنى قۇرۇقلۇققا چىققان. بىر قەدەم كېچىكىپ كەلگىنىگە پۇشايمان قىلغان ئەنگلىيە گېنېرالى دېڭىز بويىغا توختىتىپ قويۇلغان، ئەمما بىرمۇ ئەسكىرى يوق قۇپقۇرۇق كېمىلەرنى كۆرگەن ھەم فىرانسىيە ئارمىيەسى قىرغاقتا قالدۇرغان ھېچقانداق بەلگىنى ئۇچراتمىغان. ئەنگلىيە گېنېرالى ناھايىتى خۇش بولۇپ تېزدىن بۇ يەرنى ئىگىلەپ ئەسكەرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان. فىرانسىيە گېنېرالى خۇشاللىق بىلەن دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك كېپىنەكلەرنى ئېلىپ قايتقاندا، ئۆزلىرى قۇرۇقلۇققا چىققان دېڭىز بويلىرىدىكى يەرلەرگە ئەنگلىيە دۆلەت بايرىقىنىڭ تىكلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇغانلىقىنى ئەپسۇسلۇق بىلەن تەن ئالغان.

دېمەك، ھاياتلىقتا نىشانغا يېتىشتە كىشىلەرنىڭ كۆزىنى رەڭگارەڭ دۇنيا ئالاچەكمەن قىلىۋېتىشى مۇمكىن. بىراق، ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى، مەسئۇلىيىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇش، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئىزدىنىش نىشانىدىنمۇ ئادىشىش بەكمۇ ئەپسۇسلۇق ئىش. ئىنتىلىشچان بىر كىشىنىڭ كەسىپتە سادىر قىلغان بەزى خاتالىقلىرى توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەسئۇلىيەت. ئەلۋەتتە، بىر ئىشنى لايىقىدا بىر تەرەپ قىلالماسلىقنىڭمۇ نۇرغۇن سەۋەبى بولىدۇ. مەسىلىلەرگە يۈزلەنگەندە، سەۋەبنى باشقىلاردىن، شارائىتتىن ئىزدىمەي، ئالدىن ئۆزىدىن ئىزدەش ئاقىلانىلىك. چۈنكى ئۇ شۇ كىشىنى قايتىلانغۇسى سەھۋەندىن ساقلاپ، ئالغا ئىلگىرىلەشكە، سەگەك بولۇشقا ئۈندەيدۇ. قىلىۋاتقان ئىشقا مەسئۇل بولۇشنىڭ ئۆزى ھاياتىمىزنى خاتىرجەم، ئىناق ئۆتكۈزۈشىمىزنىڭ مۇھىم كاپالىتى. بىر مۇنەۋۋەر ئىختىساس ئىگىسى، ئالدى بىلەن، ئۆزىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش تۇيغۇسىنى دائىم كۈچلەندۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇلىيەت مۇلازىمەتكە، ھۆرمەتكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. دېمەك، مەسئۇلىيەت ھەممىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. مەسئۇلىيەت بىر خىل ئەخلاق – پەزىلەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھەممە ئىقتىدارنىڭ يادروسى. بىر ئادەمنىڭ ھەر قانداق ئىشقا تۇتقان مەسئۇلىيەتچانلىقى شۇ ئىشنىڭ ئۈنۈمى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى شۇ ئادەمنىڭ كىشىلىك پەزىلىتىگىمۇ مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىر ئادەمنىڭ بىر ئىشقا تۇتقان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدىنلا ئۇنى ئاساسىي جەھەتتىن چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ.

ئادەم ئۇلۇغلاردىن، بايلاردىن بولمىسا مەيلىكى، ئاددىي، نامرات بولسىمۇ مەسئۇلىيەتچان بولۇشى شەرت. ‹‹ئالىم بولۇشتىن ئاۋۋال ئادەم بول›› دېگەن سۆزنىڭ جەۋھىرى مانا مۇشۇنىڭدا.

ھاياتلىق سەھنىسىدە ھەر بىر ئادەم ئوخشاشمىغان روللارنى ئېلىپ ياشايدۇ. ھەر بىر رولچى ئوخشاشمىغان مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالىدۇ. مەلۇم نۇقتىدىن ئالغاندا، رول ئالغان ھەر بىر ئارتىسنىڭ (مەيلى ئۇ باش رولچى ياكى قوشۇمچە رولچى بولسۇن) ئەڭ زور ئۇتىقى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ھەقىقىي مەسئۇلىيەت قىيىنچىلىقتىن، مەسئۇلىيەتتىن قاچماسلىق، غەلىبە قازانغاندا سوغۇققان بولۇش، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا بەل قويۇۋەتمەسلىكنىڭ نىشانى.

1968 – يىلى مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنى ئەڭ ئاخىرىدا تاماملىغان ماھىر تانزانىيەدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ مۇسابىقە جەريانىدا يىقىلىپ يارىلانغان. ئەمما، قان ئېقىۋاتقان ھەم يارىلانغان پۇتى بىلەن ئاسقاقلاپ يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرغان ۋە پەللىگە خېلىلا كېچىكىپ كەلگەن. بۇ چاغدا كۆرۈش سۇپىسىدا 1000 غا يېقىن تاماشىبىن قالغانىدى. مۇخبىر ئۇنىڭدىن ‹‹يارىلانغان تۇرۇقلۇق، نېمىشقا مۇسابىقىدىن ۋاز كەچمەيسىز؟›› دەپ سورىغاندا ئۇ ‹‹دۆلەت مېنى ئافرىقىدىن 3000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتتى. شۇنداق بولغانىكەن يۈگۈرۈش ئۈچۈنلا يۈگۈرمەستىن، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىشىم كېرەك›› دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ دۆلەت ئۇنىڭغا يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ مۇسابىقىگە قاتناشقان، گەرچە نەتىجىگە ئېرىشەلمىسىمۇ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئۇنىڭ ‹‹قاچاق ئەسكەر›› بولۇشىغا يول قويمىغان. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، مەسئۇلىيەتنىڭ ۋەزنىنى ھەقىقىي ھېس قىلالىساق، قىلماقچى بولغان ھەر قانداق ئىشىمىز ئەھمىيەتلىك بولغان بولىدۇ.

ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيىتى كىشىلىك تۇرمۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەتنى بەلگىلەيدۇ. بىز تۇرمۇشتىكى، خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتكە قانداق پوزىتسىيە تۇتساق، تۇرمۇشمۇ، خىزمەتمۇ بىزگە شۇنداق پوزىتسىيە تۇتىدۇ. بىز باشقىلارنىڭ ئىشىغا قانداق مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلساق، باشقىلارمۇ بىزگە شۇنداق مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيەدە مۇئامىلە قىلىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top