• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » گومىنداڭنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا يەتتە يىلدا 500 مىڭ كۆچمەن يەرلەشتۈرۈش پىلانى

گومىنداڭنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا يەتتە يىلدا 500 مىڭ كۆچمەن يەرلەشتۈرۈش پىلانى

گومىنداڭنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا يەتتە يىلدا 500 مىڭ كۆچمەن يەرلەشتۈرۈش پىلانى

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، تۆۋەندىكىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى بۇزۇش ۋە شۇ ئارقىلىق مۇستەملىكەچىلىك سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتىدە 1944-يىلى 14-نويابىر كۈنى گومىنداڭ پىرقىسى رەئىسى جياڭ جېشىغا يوللانغان كۆچمەن يۆتكەش پىلانىنىڭ تەرجىمىسىدۇر. مەزكۇر پىلان ئەينى چاغدا «غەربىي شىمال تاشيول ۋە قاتناش ئىدارىسى»نىڭ باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە كېيىن خىتاي ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندان ئورۇنباسارى بولغان خې جىڭۋۇ (何竞武) تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، يەتتە يىل ئىچىدە تۈرلۈك مەنبەلەردىن 500 مىڭ خىتاي كۆچمەننى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك جايلىرىغا يەرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. پىلان ناھايىتى كەڭ كۆلەملىك ۋە تەپسىلىي بولۇپ، 1945-يىلى تۇنجى قارارلىق كۆچمەنلەرنى يۆتكەشنىڭ ۋاقت جەدۋىلى ۋە چىقىملىرىمۇ ئاللىبۇرۇن بېكىتىلگەن. مەزكۇر پىلاننى تەپسىلىي ئوقۇغىنىمىزدا ئىختىيارسىز ھالدا خىتاي كومۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ كۆپ ئۆتمەيلا قۇرۇپ چىققان ۋە ھازىرغىچە توختىماي كېڭەيتىۋاتقان «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى» يەنى «بىڭتۈەن» ئېسىمىزگە كېلىدۇ. بۇ ھۈججەتتە يۆتكىلىدىغان كۆچمەنلەرنىڭ خىتاينىڭ ئەينى چاغدىكى مالىيە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش بىلەن بىر ۋاقتتا، ئەڭ مۇھىمى ئاتالمىش «چېگرا رايون دۆلەت مۇداپىئەسى» يەنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكەچىلىك سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. سان جەھەتتىن ئالغاندا، ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەرنىڭ  نوپۇسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا يەتتە يىل ئىچىدە يۆتكىلىدىغان ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرى ئەگىشىپ كېلىدىغان 500 مىڭ كۆچمەن ئاز سان ئەمەس ئىدى. مەزكۇر تارىخىي ھۈججەت خىتاي يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ھوقۇق تۇتقان ئىككى پارتىيەنىڭ سىياسىي مەۋقەسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شەرقىي تۈركىستانغا تۇتقان مۇستەملىكەچىلىك سىياسىنىڭ نەقەدەر ئوخشاشلىقى ۋە ئىزچىللىقىنى ئوچۇق ھالدا كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. بۇ پىلاننىڭ ئەسلى نۇسخىسى تەيۋەندىكى دۆلەتلىك تارىخ سارىيىدا ساقلانماقتا بولۇپ، مەخپىيەتلىكى 2005-يىلى 13-سېنتەبىر قالدۇرۇلغان. 


شىنجاڭغا بوز يەر ئېچىش ئۈچۈن يەتتە يىل ئىچىدە 500 مىڭ كىشى كۆچۈرۈش تەكلىپ لايىھەسى

جانابلىرىغا مەلۇم بولغىنىدەك، شىنجاڭ مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالدىكى دەرۋازىسى، شۇنداقلا نېفىتلىكلەر جايلاشقان ئورۇن بولۇپ، ئۇنى ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئازراقمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. ھازىر قاتناش مەسىلىسىدىن باشقا، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلاردىن بىرى بولغان كۆچمەن يۆتكەپ بوزيەر ئېچىش ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.  مىنىستېر شىڭ (شىسەي) بۇندىن بۇرۇن «1943-يىلى ئىچىدە شىنجاڭغا 500 مىڭ كىشى كۆچۈرۈلمىسە، شىنجاڭنىڭ ھەرۋاقت قولدىن كېتىشى مۇمكىن» ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى. دېگەندەكلا يېقىنقى بەش ئايدىن بۇيان موڭغۇل باندىتلىرى شىڭشىڭشىيا (ئارايۇلتۇز)  ۋە يۈمىنگۈەن قاتارلىق جايلارغا مىنا كۆمۈپ، قىسىملىرىمىزنىڭ شىنجاڭغا قاراپ ئىلگىرلىشىنى توسۇماقتا ۋە ئالتايدىكى قازاق باندىتلىرىنىڭ شىمالىي شىنجاڭدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىغا ياردەم قىلماقتا. بۇلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلانغانلىقىنى بىلىش تەس ئەمەس.

يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ھەربىي قىسىملار ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن جەمئىي 50 مىڭغا يېقىن كىشى ئاران تەستە شىنجاڭغا كىردى. لېكىن ھەر قايسى ناھىيەلەرگە تارقاق ئورۇنلاشقان بولۇپ، ئاشلىق تەمىناتى ئۈزۈلۈپ قېلىش خەتىرىگە ئۇچراش ئالدىدا تۇرماقتا. بوز يەر ئېچىۋاتقانلار سۇچىلىق ئىنشائاتلىرىنىڭ يېتەرسىزلىكى، ئېشىنچە ئاشلىقنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان ئاز بولۇشى تۈپەيلى يېرىمدىن كۆپرەكى جاي-جايلارغا مەدىكار بولۇپ كەتمەكتە. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچىسىدىن قېلىپلا قالماستىن، يەرلىك خەلقلەرنىڭ يەلكىسىدىكى يۈكنى كۆپلەپ ئاشۇرماقتا. ئىلگىرىكى يىللارنى تەكشۈرگەندە شىنجاڭنىڭ ئاشلىقىنىڭ ئۆز ئىستىمالىنى قامداپ ئېشىنغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بۇندىن كېيىن ئەگەر نوپۇسنى ئاشۇرىمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم ھەر يىلى نىسبەت بويىچە كۆچمەن ئەۋەتىشىمىز كېرەك. ئەگەر سۇچىلىق ئىشلىرى، مال-چارۋا ۋە ئۇرۇق ۋە بىرىنچى يىلدىكى ئاشلىق بىلەن قامداش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئالدىن ھەل قىلمايدىكەنمىز، يەرلىك نىزالار ۋە بوزيەر ئاچقۇچىلارنىڭ ئازابىنى ئېغىرلىتىپ قويىمىز. ھەر يىللىق كۆچمەن سانى تەقسىماتى بولسا ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە كۈچى ۋە يەرلىكلەرنىڭ ئېشىنچە ئاشلىقىنىڭ مىقدارىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ. ھازىرقى ۋاقتتا توشۇش ھەققى تولىمۇ قىممەت بولغانلىقى ئۈچۈن گەنسۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولى پۈتكەندىن كېيىن زور مىقداردا كۆچمەن يۆتكەش مۇمكىن بولىدۇ. تۆمۈر يولى قۇرۇش ئۈچۈنمۇ زور مىقداردا ئىشچى ۋە ئاشلىق كېرەك بولىدۇ. كەلگۈسىدىكى تۆمۈر يولىنى قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن چوقۇم غەربىي قىسىمنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زاپاس ئاشلىق ۋە ئەمگەك كۈچى تەييارلاش كېرەك. بۇرۇنقى كۆچمەن يۆتكەش پىلانىنىڭ ئىككى يىلدا تاماملىنىشى قىيىن بولدى. چۈنكى شىنجاڭ ئۆلكىسىدە قابىلىيەتلىكلەر ۋە مەخپىي تۈزۈلگەن تەپسىلىي پىلان يوق، نەتىجىسىمۇ كۆرۈنەرلىك ئەمەس بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ھۆكۈمەتلەر ئالماشقاندا بۇ ئىشقا مەسئۇل بولىدىغان كىشى قالمىغان.

يېقىندا رەئىس ۋۇ (جۇڭشىن) تېلگىراممىسىدا ئاپتوموبىل، ئاشلىق ۋە كىيىم-كېچەك كەمچىل ئىكەنلىكى ۋە كۆچمەن يۆتكەشنى توختىتىشنى تاپىلاپتۇ. كۆچمەن يۆتكەش (مەركىزىي) ھۆكۈمەت بېكىتىپ بولغان سىياسەت بولۇپ، شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مالىيەدىكى قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىنلا توختىتىپ قويۇشقا ھەرگىزمۇ بولمايدۇ. ئەتىيازلىق تېرىقچىلىق توساتتىنلا توختىسا، ئەتىياز كەلگەندە قانداقمۇ يەرنى بۆلۈشكىلى، كۆچمەن يۆتكىگىلى، ئۇلار ئۈچۈن ئۆي سالغىلى، ئۇرۇق ئۈلۈشتۈرۈپ بەرگىلى، نەسىللىك چارۋا ئايرىپ بەرگىلى بولسۇن. بۇ ئىشلارنىڭ بېشىنى ئەڭ ياخشىسى قىش مەزگىلىدىلا مۆلچەرلەپ، تەييارلىق كۆرۈش كېرەك. ئەگەر شىنجاڭغا بوزيەر ئاچىدىغان كۆچمەنلەرنى تەييارلاپ يوللاش ئۈچۈن ئەتىيازنى كۈتۈپ ئولتۇرىدىغان بولساق، يازلىق ۋە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىنى كەتكۈزۈپ قويغان بولىمىز. شۇ سەۋەبتىن يەنە بىر يىللىق ئېشىنچە ئاشلىق تەييارلاش كېرەك بولىدۇ. ھازىر شىنجاڭنىڭ ئادەم كۈچى ۋە ئىقتىسادى، شۇنداقلا بوزيەر ئېچىشنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى سىياسىتى ناھايىتى كەمچىل. يەنە كېلىپ بۇ ئىش دۆلىتىمىز ئۈچۈن يۈز يىللىق بۈيۈك ئىش ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىشتا ئىقتىدارلىق كىشىلەرنىڭ مەسلىھەتى كېرەك، شۇنداقلا ھۆكۈمەتمۇ شىنجاڭنىڭ بوزيەر ئېچىش ئىشلىرى ئۈچۈن زور كۈچ سەپەرۋەر قىلىپ بىۋاستە باشقۇرۇشى كېرەك. بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەت بوزيەر ئېچىش ئۈچۈن بارىدىغان كۆچمەنلەرنىڭ سانى ۋە مەنبەسىنى بېكىتىشى، يەنە بىر تەرەپتىن ئاكتىپ ھالدا سۇچىلىق ئىشلىرىنى ياخشىلىشى ۋە بۇ ئىشقا كېتىدىغان بارلىق مال-چارۋا، ياغاچ ماتېرىياللىرى، ئۇرۇق ۋە توشۇش ئەسلىھەلىرىنى تەييارلىشى كېرەك. پىرىنسىپلارنى تېزدىن بېكىتىپ، خىراجەتلەرنى ئالدىن مۆلچەرلەپ، ۋاقتىدا ئىجرا قىلىش كېرەك. ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى ئۆتكۈزۈۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئەڭ چوڭ كەمچىلىكلىرىمىزنى تولۇقلىشىمىز لازىم:

بىرىنچى، بوزيەر ئاچقۇچى كۆچمەنلەر مەنبەسى بېكىتىلمىگەن. كۆچمەنلەر جاي-جايلاردىن تېرىپ كېلىنگەن، سان جەھەتتىن تەخمىن قىلىش مۇمكىن بولمايلا قالماي، تەركىبىمۇ ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، قېرىلار ۋە ئاجىزلار ئۈچتىن ئىككى قىسىمنى ئىگەللەيدۇ. ئۆلۈش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ھالدا يۇقىرى.

ئىككىنچى، مەمۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى قىيىنچىلىق. ھازىر كۆچمەنلەرنى توپلاش خىزمىتى دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق مىنىستېرلىقىغا، توشۇش خىزمىتى غەربىي شىمال يول باشقۇرۇش ئىدارىسىگە، قۇمۇلدىن ئۈرۈمچىگىچە يولغا سېلىش شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە مەركىزىي قاتناش ئىدارىسىگە، كۆچمەنلەرگە يەر تەقسىملەش ۋە كۈتۈۋېلىش خەلق ئىشلىرى نازارىتىگە، سۇچىلىق ئىشلىرى تەمىرات نازارىتىگە تەۋە بولىۋاتىدۇ. بوزيەر ئاچىدىغان كۆچمەنلەر يولغا چىقىشتىن تاكى يەر تەقسىملىنىپ تېرىشقا كىرىشكىچە بېسىپ ئۆتىدىغان مەمۇرىي ئورگانلار تولىمۇ كۆپ، كېتىدىغان ۋاقت بەك ئۇزۇن.

ئۈچىنچى، سۇچىلىق ئىشلىرى تەرەققىي قىلمىغان. بوزيەر ئاچقۇچى كۆچمەنلەرنىڭ سانىنى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆلىمىگە قاراپ بېكىتىش كېرەك. ئەگەر سۇچىلىق ئىشلىرى ئارقىدا قالغان بولسا، يەرلەرنى تەقسىملەش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. سۇچىلىق ئىنشائاتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم سۇنىڭ ئورنىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ۋە خاتېرىلەش كېرەك. بۇندىن باشقا سۇچىلىق ئىنشائاتلىرى پەسىلنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، بىر-ئىككى يىلدىلا پۈتتۈرۈۋېتىدىغان ئىش ئەمەس. سۇچىلىق ئىنشائاتلىرىنىڭ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشى كۆچمەن سانى بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بولمىسا كۆچمەن كۆپ، تېرىلغۇ يەر يېتەرسىز ۋەزىيەت شەكىللىنىپ قالىدۇ. ئادەم ئاز بولسا، سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى كاپالەتسىز قالىدۇ. ھازىر شىنجاڭ ئۆلكىسىدە سۇچىلىق ئىشلىرى قالاق ھالەتتە، سۇچىلىق ساھەسىدىكى كەسپ ئەھللىرىمۇ يوق. ئەگەر تېزدىن بوزيەر ئېچىش ئىشلىرىغا ماسلاشتۇرۇشقا كىرىشىلمىسە، بوزيەر ئېچىش سىياسىتىدىن ئۈمىد كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس.

يىغىپ ئېيتقاندا غەلبە يىراق ئەمەس. دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ئالدى بىلەن نېفىتلىكلەرگە دىققەتنى قارىتىدۇ. بولۇپمۇ ھەربىي سەپتىن قايتقان ئوفېتسىر-ئەسكەرلەرنى بۇ جايغا يەرلەشتۈرۈشنى ئويلىشىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا شىنجاڭدا بوزيەر ئېچىش سىياسىتىنى تېزدىن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەمدى بۇ ھەقتە كۆپ ئويلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق. كەمىنە يەتتە يىل ئىچىدە شىنجاڭغا 500 مىڭ كىشى كۆچۈرۈش ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئۆزلىرىگە بىر نۇسخا سۇندۇم. مۇناسىۋەتلىك ئورگان، مىنىستېرلىق ۋە بۆلۈملەرنىڭ كۆرۈپ چىقىشى ۋە پىلاننىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ كۆرۈشىنى سورايمەن.

خې جىڭۋۇ (何竞武) تەرىپىدىن جىياڭ (جېشى) ۋېييۈەنجاڭغا سۇنۇلدى

مىنگونىڭ 33-يىلى (1944-يىلى) 14-نويابىر


بوز يەر ئېچىش ئۈچۈن شىنجاڭغا 500 مىڭ كىشى كۆچۈرۈش ئومۇمىي پىلانى

بىرىنچى، ۋاقت: مىنگونىڭ 34-يىلى (1945-يىلى) دىن 40-يىلى (1951-يىلى)غىچە. ئەگەر گەنسۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولى كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە تاماملانسا، كۆچمەن يۆتكەشكە كېتىدىغان ۋاقتنى 1-2 يىل قىسقارتقىلى بولىدۇ.

ئىككىنچى، سان: 500 مىڭ كىشى. بۇلارنىڭ كېلىش مەنبەلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئا. خېنەندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقتىن 200 مىڭ كىشى.

ب. تەقدىرلەنگەن ھەربىيلەر ۋە ھەربىي سەپتىن قايتقان ئەسكەرلەردىن 200 مىڭ كىشى.

س. ئاپەت رايونىدىكى بالىلاردىن 100 مىڭ كىشى.

كۆچمەنلەرنى يىللار بويىچە توشۇش پىلانى قوشۇمچە جەدۋەل (1) دە كۆرسىتىلدى.

ئۈچىنچى، باشقۇرغۇچى ئورگان: ھۆكۈمەت دىخۇادا (ئۈرۈمچىدە) قۇرىدىغان «شىنجاڭ ئۆلكىلىك بوزيەر ئېچىش ۋە چارۋاچىلىق باش ئىدارىسى» مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدۇ. ئىدارە باشلىقى بىر نەپەر، ئورۇنباسارى ئىككى نەپەر. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرى شىنجاڭ ئۆلكىلىك تەمىرات نازارىتىنىڭ نازىرى. بۇ ئىدارە قارىمىقىدا يەنە توپلاش، توشۇش، سۇچىلىق ئىنشائاتى ۋە تېخنىكا بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەر تۇرغۇزىلىدۇ. 34-يىللىق (1945-يىللىق) خىراجەت قوشۇمچە جەدۋەل(2) دە كۆرسىتىلدى.

تۆتىنچى، قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر:

كەڭ كۆلەملىك سۇ ئىنشائاتلىرىنىڭ پۈتۈش ۋاقتىنى تەپسىلىي ۋە ئىنچىكە تەكشۈرۈش كېرەكلىكى سەۋەبىدىن تەخمىن قىلىش تەس بولسىمۇ ، قوشۇمچە جەدۋەل (1) دە بەلگىلەنگەن بويىچە 34-يىلى (1945-يىلى) بوزيەر ئېچىش ئۈچۈن ئادەتتىكى پۇقرالاردىن 15 مىڭ، ئاپەت رايونىدىكى بالىلاردىن ئۈچ مىڭ ۋە تەقدىرلەنگەن ھەربىيلەردىن بەش مىڭ كىشىنى شىنجاڭغا يۆتكەش كېرەك. بۇ ئىشنى 33-يىلى(1944-يىلى) دىكى كۆچمەن يۆتكەش ۋە تەمىنلەش بويىچە ئىجرا قىلىش كېرەك. ئالدىنئالا تارقىتىلىدىغان يېرىم يىللىق ئاشلىق، كىيىم-كېچەك، ئۇرۇق، مال-چارۋا، شۇنداقلا تۇرمۇش پۇلى ۋە دەسمايە قاتارلىقلارنىڭ تەپسىلاتى قوشۇمچە جەدۋال (2) دە كۆرسىتىلدى. بۇنىڭدىن باشقا ئادەتتىكى بوزيەر ئاچقۇچىلارغا خارەكتېر جەھەتتىن ئوخشىمايدىغان قوشۇمچە ئىگىلىكلەر تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك قىلىپ بېكىتىلدى:

ئا. «شىنجاڭ بوزيەر ئاچقۇچى ياشلار تەلىم-تەربىيە ئىنستىتۇتى»دىن بىرنى تەسىس قىلىش.

بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ چوڭ تىپتىكى دېھقانچىلىق مەيدانىدىن بىرنى، چارۋاچىلىق مەيدانىدىن بىرنى ۋە زاۋۇتتىن بىرنى قۇرۇش كېرەك.

سەۋەبى: ئاپەت رايونىدىكى بالىلاردىن دىخۇاغا (ئۈرۈمچىگە) يەتكۈزۈلگەنلىرى بەش يۈز بولۇپ، يەنە 2500 بالا سەنشىدە ماشىنا ساقلاپ تۇرىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ياشلىرى ئاساسەن 12 ياشتىن 18 ياشقىچە بولۇپ، ھازىر دەسلەپكى قەدەمدىكى بوزيەر ئېچىش مەشغۇلاتلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە. ئۈچ يىلدىن كېيىن دېھقانچىلىق مەيدانى، چارۋاچىلىق مەيدانى ۋە زاۋۇت پۈتۈپ چىققاندا بۇ بالىلار ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزى قامداپلا قالماستىن، ئېشىنچە قىممەت بىلەن تېخخمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلالايدۇ. بۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى:

بىرىنچىدىن، ئۆلۈش نىسبىتى ئادەتتىكى بوزيەر ئاچقۇچىلاردىن تۆۋەن.

ئىككىنچىدىن، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئادەتتىكى بوزيەر ئاچقۇچىلاردىن يۇقىرى.

ئۈچىنچىدىن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆز تۇرمۇشى ۋە ئىگىلىكىنى قۇرۇپ، ئائىلە ئەزالىرىنى شىنجاڭغا ئېلىپ كېلەلەيدۇ. تۆتىنچى، ئەگەر تاساددىبىي ۋەقەلەر سادىر بولۇپ قالسا، دەرھاللا چاقىرىلىپ، چېگرا رايون دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى تەشكىللىنىدۇ. بەشىنچى، جانابلىرى (جياڭ جېشى) تۈزگەن  «خىتاينىڭ تەقدىرى» (中国之命运) ناملىق ئەسەردە كۆرسىتىلگىنىدەك چېگرا رايوندا كۆپلىگەن بوزيەر ئاچقۇچى ياشلارنى تەربىيلەش كېرەك دېگەن نۇقتىغا تامامەن ماس كېلىدۇ.

ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇسۇلى:

ۋاقتىنچە ئاپەت رايونىدىكى بالىلاردىن ئۈچ مىڭنى توپلاپ، ساۋەن ناھىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. مائارىپ تەربىيەسى تاماملانغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا سەۋىيەدە تۈرلۈك ھۈنەر-كەسپلەر بويىچە تەربىيەلەش كېرەك. ئوقۇش پۈتكەندىن كېيىن ئەتراپتىكى بوزيەر ئېچىش مەيدانلىرىدىن يەر تەقسىملەپ بېرىش ۋە ئۆزلۈكىدىن يېڭىچە ماشىنىلاشقان دېھقانچىلىق كوپىراتىپىنى قۇرغۇزۇش كېرەك. بۇ تەلىم-تەربىيە ئىنستىتۇتى كەلگۈسىدە بىر قانچە جايدا تارماقلىرىنى قۇرۇشى، شۇنداقلا يەتتە يىل ئىچىدە ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانلار سانىنى 100 مىڭغا يەتكۈزۈشى كېرەك.

كېتىدىغان خىراجەت: قوشۇمچە جەدۋەل (2) ۋە (3) دە كۆرسىتىلدى.

ب. بىر قانچە جايدا «سىناق تەرىقىسىدە ئۈچ مەسلەك (سەنمىنجۇيى) دېھقانچىلىق كوپېراتىپى» قۇرۇپ چىقىش.

سەۋەبى: شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، نوپۇسى شالاڭ، شۇنداقلا نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان بولغاچقا، بوزيەر ئېچىشنى ماشىنىلاشتۇرۇشقا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. يېڭى كەلگەن بوزيەر ئاچقۇچىلارنىڭ ئۆملۈكى ۋە ئىجاتچانلىقى چوقۇم كۈچلۈك بولۇشى كېرەك. ئەگەر يېڭىچە دېھقانچىلىق كوپىراتسىيەلىرىنى قۇرۇپ چىقالىساق ئۈنۈمى چوقۇم كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇسۇلى:

ئاز ساندا مەدەنىيەت سەۋىيەسى يۇقىرىراق كىشىلەر تاللىنىشى كېرەك. بوزيەر ئاچقۇچىلاردىن ئون ئائىلە بىر بىرلىك بولۇپ، بىرلىكتە «ئۈچ مەسلەك (سەنمىنجۇيى) دېھقانچىلىق كوپېراتىپى»نى قۇرۇپ چىقىدۇ. ھۆكۈمەت تەرەپ بۇلارغا ياردەم بېرىپ، دېھقانچىلىققا كېرەك بولغان ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە ھەمكارلىق قائىدىلىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

مەسىلەن، ھەر بىر ئائىلە ئۈچۈن 150 مو يەر بۆلۈپ بېرىلگەن بولسا، ئون ئائىلىگە 1500 مو يەر توغرا كېلىدۇ. 100 مو يەرنى بىرلىك قىلىپ بىر كەنت قۇرۇلىدۇ. ھەر بىر ئائىلىگە زاپاس ئاشلىق ئۈچۈن بەش مو يەر تەقسىملىنىدۇ. كوپېراتسىيە ئورنى، ئاممىۋى ئامبار، زاۋۇت ۋە كېسەلخانا قاتارلىقلارغا 50 مو يەر ئايرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 1100 مو يەر تېرىقچىلىققا ئىشلىتىلىدۇ. ھەربىر ئائىلىدىن بىر كىشى ۋە بىردىن ئات ئومۇم ئۈچۈن بەش نۆۋەت ئىشلەيدۇ. دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى ھوسۇل يىغىدىغان چاغدا ئوندا بىر پاي بويىچە تەقسىملىنىدۇ. ھەر بىر ئائىلىگە بىردىن پاي ئايرىلىدۇ. ھەمكارلىق كوپېراتىپىغا بىر پاي ئايرىلىدۇ. 300 مو يەر كېلەركى يىللىق تېرىلغۇ ئۈچۈن ئايرىلىپ، ئاق قويۇلىدۇ. ئەگەر ئون ئائىلىنى مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە چارۋاچىلىق مەيدانىدا تەشكىللىسە، ھەر ئائىلىدىكى ئاشلىق ئىستىمالدىن ئېشىنىدۇ. تېرىقچىلىق مەزگىلى ئالتە يېرىم ئاي بولۇپ، قالغان بەش يېرىم ئايدا ھەمكارلىق زاۋۇتىدا ئىشلەشكە بولىدۇ (توقۇمىچىلىق، كۆن-خۇرۇم ئىشلەش ۋە قول ھۈنەرۋەنلىك قاتارلىق ئىشلار بىلەن).

بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتى، خام ئەشيا ۋە مەھسۇلات ئېلىم سېتىملىرىنى ھەمكارلىق كوپېراتىپى باشقۇرىدۇ ۋە  مەھسۇلاتلارنى چوڭ شەھەرلەرگە سېتىپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تەڭرىتاغ جىلغىسىدا يەنە بىر باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇپ چىقىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئاشلىقتىن كىرگەن كىرىمدىن سىرت يەنە زاۋۇتتىن ئالىدىغان پۈتۈن يىللىق مائاش، ھەمكارلىق كوپېراتىپىدىن كىرىدىغان كىرىم ۋە باقمىچىلىق مەيدانىدىن كىرىدىغان كىرىملەرنى قوشقاندا ئاددىي بوزيەر ئاچقۇچىغا سېلىشتۇرغاندا 30 دىن 50 ھەسسىگىچە ئارتۇق كىرىم قىلغىلى بولىدۇ. تۇرمۇش باياشات بولۇپ، مەدەنىيلىكى ئۆسۈپ، «ئۈچ مەسلەك» تىكى «خەلق تۇرمۇشى مەسلىكى» (民生主义) نىمۇ بۇ يوسۇندا سۆزسىز ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى دېھقانچىلىق كوپېراتسىيەلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ پەخرلىنىدىغان ئىجادى دەپ ماختىنىدۇ. ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ ئۈنۈم قازاندى. ئەگەر شۇنىڭغا تەقلىد قىلغان ھالدا ئەتراپتىكى كەنتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان بولساق، ئۆزىمىزمۇ سەزمىگەن ھالدا چېگرا رايوننىڭ سەھرا تۇرمۇشىنى ياخشىلىغان بولىمىز. دېھقانچىلىق كوپېراتىپىنىڭ تەكشىلىك خەرىتىسى قوشۇمچە خەرىتە (1) دە كۆرسىتىلدى.

كېتىدىغان خىراجەت: 34-يىلى (1945-يىلى)  ۋاقتلىق ھالدا قۇرۇلىدىغان ئىككى دېھقانچىلىق كوپېراتىپىنىڭ خىراجەتلىرى قوشۇمچە جەدۋەل (2) دە كۆرسىتىلدى.

س. «تەقدىرلەنگەن ھەربىيلەر بوزيەر ئېچىش لاگىرى»

سەۋەبى: تەقدىرلەنگەن ئەسكەرلەر ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئاز دېگەندىمۇ 200 مىڭ نەپەر. ئۇلار يېنىك يارىلانغانلار بولۇپ، ئاللىبۇرۇن ساقايغان ۋە بوزيەر ئېچىش ۋە باقمىچىلىق ئىشلىرىغا قۇربى يېتىدىغانلاردۇر. سانلىرىمۇ ئاز ئەمەس، شۇنداقلا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يەپ-ئىچىپلا يۈرۈپ، ھېچقانداق چىقىش يولى تاپالماي يۈرمەكتە. ئۇلار چېگرا رايونغا بارسا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ. ئۈچ يىلدىن كېيىن بولسا، دۆلەت تەرىپىدىن تەمىنلىنىشىگە ھاجەت قالمىغاندىن سىرت، يەنە دۆلەت ئۈچۈن يارىلانغان بۇ ھەربىيلەر ئۆز كەلگۈسىنى يارىتالايدۇ.

ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇسۇلى:

مىنگونىڭ 34-يىلى (1945-يىلى) ئۈچ مىڭ نەپەر تەقدىرلەنگەن ھەربىيلەرنى كۆچۈرۈش قارار قىلىندى. ئەڭ ئاۋۋال تەقدىرلەنگەن ھەربىيلەرنى باشقۇرۇش بۆلۈمى چېگرا رايونغا بېرىپ بوزيەر ئېچىشنىڭ پايدىسى توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئەتىيازنىڭ ئاخىرى شىنجاڭغا ئادەم يۆتكەشنى باشلىغاندىن كېيىن، بوزيەر ئاچىدىغان يەرلەرنى بېكىتىش كېرەك. تەقدىرلەنگەن ھەربىيلەرنى ئالتە لاگىرغا بۆلۈپ، ھەربىر لاگىرنى بىردىن بوزيەر ئېچىش رايونى قىلىپ، ئاۋۋال سۇچىلىق ئىنشائاتلىرىغا ئىشلىتىش كېرەك. بۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتىن ئۇرۇق چېچىشنى باشلاپ، شۇ يىللىق ئاشلىقنى ئۆزلىرى ھەل قىلىشى، يەنە بىر تەرەپتىن تاغلارغا چىقىپ ياغاچ كەسلەپ ئۆي قۇرۇشقا كىرىشىشى كېرەك. يارىلانغان ھەربىيلەردىن دېھقانچىلىق ۋە چارۋاچىلىق ئىشلىرىغا قىزىقىدىغانلار ئالدىن تاللىنىشى كېرەك. بۇندىن باشقا يەنە ھەربىر لاگىرغا دېھقانچىلىق مۇتەخەسىسلىرى سەپلىنىدۇ. ھەربىر لاگىر ئۆزلىرىگە ئىككى ھەسسە كېلىدىغان يەرنىڭ تېرىقچىلىقىغا ۋە سۇچىلىق ئىنشائاتلىرىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ھوسۇل ئالغاندىن كېيىن يەنە كېلەركى يىلى كېلىدىغان يېڭى ئەترەتنىڭ تۇرالغۇ ئۆي ۋە لاگىرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. دېھقانچىلىق كوپېراتسىيەلىرىگە تەقلىد قىلغان ھالدا، ئۈچ يىلدىن كېيىن بۇ كەنتلەرنىڭ قۇرۇلۇشلىرىمۇ پۈتۈپ قالغان بولىدۇ. ھەربىيچە تۈزۈم ئەمەلدىن قېلىپ تۇرىدۇ. دېھقانچىلىق كوپېراتسىيەلىرىگە ئوخشاش، ھۆكۈمەت بۇ ھەربىيلەرنىڭ ئەسلى يۇرتىدىكى رەپىقەلىرىنى يۆتكەپ كېلىشكە ياكى يەرلىكتىن ئۆيلىنىشكە ياردەم بېرىدۇ. مېيىپلىق دەرىجىسى خېلى ئېغىر ئەمما سالامەتلىكى ياخشى بولغانلار ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇلىدىغان باقمىچىلىق مەيدانلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

كېتىدىغان خىراجەت: مىنگونىڭ 34-يىلى (1945-يىلى) ئالتە لاگىرغا كېتىدىغان خىراجەت ۋە رەسمىيەتلەر قوشۇمچە جەدۋەل (2) ۋە (3) دە كۆرسىتىلدى.

د. «ھەربىي سەپتىن قايتقان ئەسكەرلەر بوزيەر ئېچىش لاگىرى»

سەۋەبى: ئەگەر ھازىر شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەسلىدىكى ھەربىي قىسىملار بىلەن شىنجاڭغا يېڭىدىن كىرگەن قىسىملارنى يىغساق 80 مىڭ كىشى ئەتراپىدا بولىدۇ. ھەر يىلى ھەربىي سەپتىن قايتىدىغانلار سانى قوشۇمچە جەدۋەل (1) دە كۆرسىتىلگىنىدەك. شۇنداق بولغاندا بەش يىلدىن كېيىن، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھەربىي قىسىملاردىكى ئوفېتسىر-ئەسكەرلەردىن ھەربىي سەپتىن قايتقانلارغا ئۈچ يىلدىن كېيىنلا بوزيەر ۋە تۇرالغۇ ئۆي تەقسىم قىلىپ بېرىلىپ، تېرىقچىلىق قىلسا بولىدۇ. ۋەقە چىقىپ قالسا، دەرھاللا قىسىمغا قايتىپ، دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى قىلىپ تەشكىللىگىلى بولىدۇ. ئون يىلدىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ تولۇقلىنىپ، ياخشى تەمىنلىنىشىدە گەپ يوق.

ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇسۇلى:

ھازىر بار بولغان دىۋىزىيەلەر مىنگونىڭ 34-يىلى (1945-يىلى)دىن باشلاپ ھەربىر دىۋىزىيە بىردىن باتالىيون ئايرىشى كېرەك. ھەر بىر باتالىيون 500 كىشى. ئون دىۋىزىيەدىن ئون باتالىيون، يەنى 5000 كىشى ئايرىلىپ، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردا تېرىلغۇ يەرلەرنى تاللاپ، سۇچىلىق ئىنشائاتلىرىنى پۈتتۈرۈشى ۋە باقمىچىلىق مەيدانلىرىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. كېيىن يەنە ئۇرۇق چېچىشى، ئۆي قۇرۇشى ۋە ئۈچ يىلدىن كېيىن يەر ئايرىپ، تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇپ، ھەربىرى بىردىن دېھقانچىلىق كوپېراتسىيەلىرىنى تەشكىللىشى كېرەك. بۇ لايىھە ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قىسىملار ناھايىتى ياخشى تەمىنلىنىپلا قالماي، قىسىمنىڭ ئومۇمىي ئاشلىق تەمىناتىمۇ ھەل قىلىنغان بولىدۇ. بۇنىڭغا كېتىدىغان چىقىممۇ كۆپ ئەمەس، ئەمما ئۈنۈمى كۆچمەن يۆتكەپ بوزيەر ئاچقاندىنمۇ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى. بوزيەر ئاچقۇچىلار ئىچىدە ئەسكەرلەر ئالاھىدە كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ ۋە دۆلەتنىڭ بوزيەر ئېچىش سىياسىتى بۇلار ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن  ئۇنى كۆچمەن بوزيەر ئاچقۇچىلار ئارقىلىق تاماملاشنى سېلىشتۇرغاندا پايدا-زىيان جەھەتتىن ئاسمان-زىمىن پەرق قىلىدۇ.

كېتىدىغان خىراجەت: مىنگونىڭ 34-يىلى (1945-يىلى) ئون باتالىيون ئۈچۈن ئەسلىدىكى مائاشتىن باشقا رەسمىيەت ھەققى قاتارلىقلار ئۈچۈن كېتىدىغان خىراجەت قوشۇمچە جەدۋەل (2) ۋە (3) لەردە كۆرسىتىلدى.


شاڭخەيدە چىقىدىغان «ھازىرقى زامان» ئايلىق ژورنىلى (现代月刊)نىڭ 1947-يىلى ئاۋغۇستتا بېسىلغان شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت ئالاھىدە سانىدا بېرىلگەن 1944-يىللىق نوپۇس سىتاتىستىكىسى. مەزكۇر مەنبەدە ئومۇمىي نوپۇس 4 مىليوندىن ئارتۇقراق قىلىپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار (ئۇيغۇر ۋە تارانچى قوشۇلۇپ) ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %76.48 نى ئىگەللىگەن. خىتاي نوپۇسى %5.54 قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر ھۈججەتنىڭ ئەسلى نۇسخىسى: 

قوشۇمچە خەرىتە (1):ساۋەن ناھىيەسىدە سىناق تەرىقىسىدە قۇرۇلۇشى پىلانلانغان «ئۈچ مەسلەك (سەنمىنجۇيى) دېھقانچىلىق كوپېراتىپى»نىڭ تەكشىلىك خەرىتىسى

قوشۇمچە جەدۋەل (1):

قوشۇمچە جەدۋەل (2):

قوشۇمچە جەدۋەل (3):

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top