• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئويغىنايلى! ئويغىنىش دەۋرى كەلدى! – ئېلىخان تۆرە سۆزلىگەن نۇتۇق

ئويغىنايلى! ئويغىنىش دەۋرى كەلدى! – ئېلىخان تۆرە سۆزلىگەن نۇتۇق

ئويغىنايلى! ئويغىنىش دەۋرى كەلدى! – ئېلىخان تۆرە سۆزلىگەن نۇتۇق

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئېلىخان تۆرەم جانابى ئالىيلىرىنىڭ سۆزلىگەن نۇتۇقى

1945-يىلى ماي.  (ھىجرىيە) 1364-يىلى جۇمادىيەل ئەۋۋەل

لائىلاھە ئىللەللا مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللا

ئاللا-رەببىمىز، مۇھەممەد-پەيغەمبىرىمىز، ئىسلام-دىنىمىز، شەرقىي تۈركىستان-ۋەتىنىمىزدۇر. ئويغىنايلى، ئويغىنىش دەۋرى كەلدى!

قېرىنداش ۋە ۋەتەنداشلار!

ھەر بىر ئادەم بالىسى ئەسلى يارىلىشىدا مەدەنىيەت، مائارىپ، ھۈنەر ۋە سانائەتنى ئىگەللەش قابىلىيىتى بىلەن يارالمىشتۇر. كۈنچىقىشتا تۇغۇلغان بىر بالىنىڭ ۋۇجۇدىدا كۈن پېتىش ئىنسانلىرىنىڭ قابىلىيىتى بارلىقى شۈبھىسىزدۇر. پەقەت بۇ قابىلىيەتنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن ئىلىم ئوقۇماق ۋە تەربىيە كۆرمەك لازىمدۇر. ئىلىمسىز ۋە تەربىيەسىز بولغانلار ئۆز ۋۇجۇدىدىكى قىممەتلىك مەدەنلەردىن پايدىلىنالمايلا قالماستىن، بەلكى ھايۋانلار قاتارىدا ياشىماققا مەجبۇردۇر. بۇ ھەقىقەتنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.

ساددا شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغۇچى نەچچە مىلىيون ۋەتەن بالىلىرى شۇ كۈنگىچىلىك ۋۇجۇدىدىكى قىممەتلىك گۆھەرلەردىن پايدىلىنىشقا ئىمكانىيەت تاپالماي كەلدى. مەدەنىيەت، مائارىپتىن مەھرۇم قېلىپ، نەچچە يۈز يىللار ھايۋانلار قاتارىدا، قۇللۇقتا، ئاسارەتتە ياشاپ كەلدى. ئىلىمسىز، مەدەنىيەتسىز، زالىم قارا خىتايلارنىڭ قارا سىياسىتى ئاستىدا ئېزىلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك قابىلىيەتلىرى (ياراملىقلىرى) يوقۇلۇشقا يۈز قويدى. ئىسلامىيەتنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرى بۇزۇلدى. دىنىي، مىللىي، ۋەتەنىي تۇيغۇ ھېسىياتلىرى ئاجىزلىنىشقا تۇردى. بۇنى كۆرگەن مەككار، تەماخور خىتاي ھۆكۈمىتى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، دىنىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ ۋە ھەم ۋەتىنىمىزنىڭ قەستىگە چۈشتى. بۇ توغۇرلۇق پىلان تۈزۈپ، ئۈچ تەرەپلەپ ھۇجۇم باشلىدى.

قېرىنداش، ۋەتەنداشلار!

تېخى يادىڭىزدىن چىققۇدەكمۇ بولمىدى. بۇ زالىم خىتايلار بىز مۇسۇلمانلارغا قانداق ۋەھشىلىكلەرنى كۆرسەتتى. قانداق قارا كۈنلەرنى بېشىمىزغا سالدى. بىزلەرنىڭ (چوڭ ئۆلىما) دىن باشلىقلىرىمىز، قەدىرلىك تۇججار (باي سودىگەر) لىرىمىز، ئۇلۇغ ياشلىق ھاجى، ھۆرمەتلىك يۇرت ئاتىلىرىمىز، زىيالى (ئوچۇق پىكىرلىك) ۋەتەنپەرۋەر بالىلىرىمىز، نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك زاتلىرىمىز ناھەقتىن ناھەق ئۇياتسىز، ۋىجدانسىز زالىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇشخانىلىرىدا ۋەھشىي خىتايلارنىڭ ئۆز كۆڭۈللىرىدىكىدەك قاراڭغۇ، سېسىق، زەي زىندان-تۈرمىلىرىدە كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان تۈرلۈك تۈمەن قىيناشلار ئاستىدا ئازابلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى. مانا بۇ ھەقىقەت ھەركىمنىڭ يۈرەك ئىچىدە دەرد بولۇپ، كۆزلىرىدە كۆرۈنۈپ تۇرسا، زالىم خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى قانداق يوشۇرالىسۇن؟! بۇ بىچارىلەرنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكلىرى، قورا-جاي، يەر-زىمىنلىرى مۇسادىرە قىلىندى. خوتۇن-بالا، ئوغۇل-قىزلىرى ئۆيسىز-ماكانسىز، ئاچ-يالىڭاچ قېلىپ، كوچىلاردا سەرسان بولدى. خىتاي ۋەھشىيلىرى بۇنىڭغىمۇ تويماستىن، گۇناھسىز خوتۇن، قىز-ئوغۇللارنى ئۆز ماكانلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىپ، يىراق يەرلەرگە پالاپ، قاماققا ئېلىپ سەرگەردانلىققا سالدى. بۇنىڭ بىلەن باراۋەر بۇ قانخور زالىملارنىڭ ئومۇمى خەلق ئۈستىدىن قىلغان جەبىر-جاپالىرى تاقىتىدىن تاشقىرى بولۇپ، ھەددىدىن زىيادە ئاشتى.

مانا، ئىش شۇ ھالغا يېتىپ، پۈتۈن خەلق جېنىدىن جاق تويۇپ تۇرغان بىر مەزگىلدە «زالىمنىڭ زاۋالىنى بېرىمەن» دېگەن ئاللانىڭ بۇزۇلماس ۋەدىسىگە ئىشىنىپ، بىز غۇلجا ئەھلى پۈتۈن ۋەتەنداشلىرىمىز بىلەن بىر ئىتتىپاقتا تاياق-توقماق، ئارا-گۈرجەكلەر كۆتۈرۈپ، زالىملارغا قارشى قوزغالدۇق. بىرلىك ئىتتىپاق شاراپىتىگە ئىگە بولغان «كۆپنىڭ كۈچى-ئاللاھنىڭ كۈچى» دېگەندەك، ئاز كۈن ئىچىدە زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىسلام ھۆكۈمىتىمىزنى قۇردۇق. خىتاي قانخورلىرىنىڭ زۇلۇم ئىستىبدات بايراقلىرىنى ئاياق ئاستىمىزغا ئېلىپ، دەسسەپ كۆيدۈردۇق. ئاتا-بوۋىلىمىزدىن مىراس بولۇپ قالغان ئاي-يۇلتۇز تامغىلىق، دىنى شۇئارىمىز كەلىمە تەيىبە يېزىلغان ئادالەتلىك ئاق بايرىقىمىزنى ئېگىز كۆتەردۇق. بۇ مۇقەددەس تۇغ-بايرىقىمىزنىڭ نومۇسىنى، ھۆرمىتىنى، ئۇلۇغلىقىنى چىداملىق بىلەن ئەبەدكە ساقلايمىز دەپ پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئانت-قەسەملەر ئىچىپ، قوللىرىمىزغا قورال تۇتتۇق.

مۇھەممەت سەللاللاھۇئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «زالىملارغا قارشى مال-جانلىرىڭلارنى ئايىماي سوقۇشۇڭلار. ئاللانىڭ ياردىمى بىلەن دۈشمەنلىرىڭىزنى يېڭىپ، دۇنيادا راھەت، ئاخىرەتتە جەننەت تاپىسىزلەر» دېگەن مۇبارەك سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇنىڭ ياخشى نەتىجىلىرىنى كۆردۇق. يېڭى زامان قوراللىرى بىلەن قوراللانغان زالىم خىتايلارنىڭ چىرىك چېرىكلىرى گۈلدۈرلىگەن تەكبىر تاۋۇشلىرىمىز بىلەن قىلغان ھۇجۇملىرىمىز ئالدىدا تاقەت قىلالماي، پەرىشان ھالدا قېچىشقا تۇردى. ساي-سايلارنىڭ ئىچىدە، جىرا-جىرالاردا ۋەتەن بالىلىرى-قەھرىمان ئەسكەرلەر چېپىپ، تار-مار كەلتۈردى. خىتاي ۋەھشىيلىرى بىز مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قەستلەپ قازغان چوڭقۇرلىرىغا ئۆزلىرى يۈزى تۆۋەن بولۇپ يېقىلدى. « وَسَيَعْلَمُ الَّذِينَ ظَلَمُوا أَيَّ مُنْقَلَبٍ يَنْقَلِبُونَ» ئايەت كەرىمنىڭ مەزمۇنىغا مىسال بولۇشتى. دۈشمىنىمىزنى يەنى زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئىلى تۇپرىقىدىن پۈتۈنلەي تازىلاپ، ھەققانىيەت، ئادالەتكە ئاساسلانغان ئىسلام دۆلىتىمىزنى قۇردۇق. ھەر ياخشىلىقنىڭ ئىشىكى پۈتۈن خەلقنىڭ يۈزىگە ئېچىلدى. دىنىي ئىشلىرىمىز ئۈستىدىن نازارەت دىنىيە ئىدارىسى ئاچتۇق، مۇسۇلمانلارنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىنى، دەۋا-سوراقلىرىنى ئەدىلىيە، شەرىئەت مەھكىمىگە تاپشۇردۇق. مۆھتىرەم زېرىپ قارى ھاجىم جانابلىرىنى مەھكىمەشەرئىيەدە ئۆلىمالاردىن تەركىپ ئەزالار ئۈستىگە رەئىس سايلىدۇق. ئابدۇمۇتائالى خەلپەمنى دىنىيە نازارىتىگە باشلىق تەيىن قىلدۇق.

ئىسلام ئېچىلدى. شەرىئەت ھۆكۈملىرى جارى بولدى. قارا كۆڭۈللەر ئاقىرىشقا باشلىدى. ھەقىقەت ئاشكارە مەيدانغا چىقتى.

ئەزىز قېرىنداشلار!

ئاگاھ بولۇڭلار. غەپلەت ئۇيقۇڭىزدىن كۆز ئېچىپ ئويغىنىش ۋاقتىڭلار كەلدى. ئالدامچى ۋە ھەم ئۇلارنىڭ ئىپلاس يالاقچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ چوڭ مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن باشقا چارە تاپالماستىن، ساددا كۆڭۈللۈك مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئارىلىرىغا غەيۋەت ۋە پىتنە سۆزلىرى تارىتىشى مۇمكىندۇر.

قېرىنداش ۋە ۋەتەنداشلار!

ۋەھشى دۈشمەنلەرنىڭ، ۋەتەن خائىنلىرىنىڭ ھەر تۈر، ھەر شەكىلدىكى زەھەر ئىغۋا قاتناشقان مىكىر-ھىيلىلەرگە ئالدانماڭىزلار. بىز مۇسۇلمانلار ۋە باشقا ۋەتەنداشلار بىر ئىتتىپاقتا بولۇپ، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ، پۈتۈن مىللىتىمىز ۋە نەسىل-ئەۋلادىمىز ئۈچۈن ئازاتلىق يولىنى ئاچتۇق. باقلان قوزىنى يەپ ئۆگەنگەن ئاچ بۆرىدەك نەچچە يۈز يىللار مۇسۇلمانلار قېنىنى شوراپ، ئۇنىڭ تاتقىنى (تەمىنى) تېتىغان زالىم خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئەلۋەتتە رازى بولمايدۇ. دىنىنى، مىللىتىنى، ۋەتىنىنى ئۆزىنىڭ شەخسىيىتى ئۈچۈن قۇربان قىلغان خىيالپەرەس ۋە ۋىجدانسىز بىھىممەتلەر بۇ ئىشقا چىدىيالمايدۇ. «شىڭ جاڭ نەچچە يۈز يىلاردىن بېرى جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر ئۆلكەسى بولۇپ كەلگەن» دەپ ئۇيالماستىن مۇنداق يالغان سۆزنى ئۇيۇشتۇرۇپ: تارىخ يۈزىنى قارا قىلغۇچى قارا يۈزلەر تۆۋەندىكى ھەقىقىي پاكتلىق سۆزلەرنى ياخشى ئاڭلاپ كۆڭلىدە تۇتسۇن !

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قەھرىمان بوۋىلىرىنىڭ قىقاس-چوقانلار بىلەن قىلغان ھۇجۇملىرىغا، ئۈزلۈكسىز بەرگەن زەربىلىرىگە چىدىيالماي، تاقەت كەلتۈرەلمەي، چىن ئەمەلدار، پادىشاھلىرى ئۆز ۋەتەنلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە ئۈچ بىر مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولغان جايىۋەن (جيايۈگۈەن) سېپىلى سەددىچىننى ياساپ، لاچىندىن قاچقان توشقاندەك سېپىل ئىچىگە كىرىپ ئېلىپ، ئاران جان باققانلىقىنى ئۇنۇتمىسۇن. بۇ ھەقىقەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇياتسىز يازغۇچىلىرى يوشۇرسىلارمۇ، پۈتۈن دۇنيا تارىخى بۇ ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بېرەلەيدۇ. كۈننى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولمايدۇ.

زالىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇم قەدەملىرى شەرقىي تۈركىستانغا يەتكەندىن بېرى، شەرقىي تۈركىستان خەلقلىرى باشلىرىدىن مەجبۇرىيەت ئاستىدا ئۈچ تۈرلۈك قارا دەۋر ئۆتكۈزدى: خانلىق دەۋرى، جاڭ جۇڭلۇق دەۋرى، شىڭ شىسەي دەۋرى.

بىرىنچى بولغان خانلىق دەۋرىدە مۇسۇلمانلار قاراڭغۇلۇقتا، قارا پاتقاق ئىچىدە نەچچە يۈز يىللاپ جان تالىشىپ، ئىلىم-مەرىپەتتىن، ئەدەب-ئەخلاقتىن پۈتۈنلەي يىراقلاشتى. بۇ دەھشەتلىك كۈنلەر، مۇدھىش ئەسىرلەر يالغۇز شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىدىلا بولماستىن، بەلكى پۈتۈن خىتاي تۇپرىقىدىمۇ ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. بۇ سۈپەتلىك قارا دەۋر ھۆكۈمىتى بولغان زالىم ۋەھشىيلەر بىز مۇسۇلمانلارغا نېمىلەرنى بېغىشلىدى، نېمىلەرنى يادىكار قالدۇردى، قايسى مەدەنىيەت، قايسى ھۈنەر سانائەتنى بولدۇردى؟ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى جۇڭگونىڭ قولىغا تاپشۇرغۇچى ئۆزىنىڭ ۋە پۈتۈن مىللەتنىڭ تەقدىرىنى جاڭ كەيشى «جانابلىرى»نىڭ ئىلتىپاتىغا باغلىق دەپ بىلگۈچى دىن ۋە مىللەت خائىنلىرى بۇنىڭغا جاۋاب ئېيتالامدۇ؟ «شەھەر-شەھەرلەردىكى كونا سېپىللار ، ھەر يۇرتتىكى بۇزۇلغان كونا، بۇزۇق، پاسكىنا يامۇللار قالدىغۇ» دەپ ئۇيالمىسا ئېيتالايدۇ. ئەدەب، ئەخلاق، دىيانەت تەرىپىدىن بىز مۇسۇلمانلارغا قىمارۋازلىق، ئوغرىلىق، يالغانچىلىك، بەڭگىلىك، ئەپيۇنكەشلىك، پاھىشىۋازلىق، قورققاقلىق، پاسكىنىلىق- پۈتۈن ئەخلاقسىزلىقلارنى ئۆگەتتى. مانا مۇشۇلارغا ئوخشاش ھاياتىمىز ئۈچۈن زەھەر بولغان ئىپلاسلىقلارنى ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىزگە يادىكار قىلىپ قالدۇرۇپ كەتتى.

ئىككىنچىسى جاڭ جۇڭلۇق، جۇڭخا مىنگولۇق دەۋرى. «جۇڭخا مىنگو» دېگەن خىتايچە «جۇمھۇرىيەت» دېگەن بولىدۇ. جۇمھۇرىيەتنىڭ قانۇنىدا پۈتۈن خەلق ھوقۇقتا باراۋەر بولۇپ، كىمنىڭ قابىلىيىتى (ياراملىقى) بولسا، شۇنىڭغا خىزمەت تاپشۇرۇش لازىم بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت دائىرەلىرىدە خىتايدىن باشقا كىملەر ئورۇن تاپتى! ئۆزىمىزلا ئەمەس ھەتتا خېتىمىزمۇ زالىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدارەلىرىدە ھاقارەتلەندى، دەپسەندە بولدى. بۇ دەۋرمۇ ئالدىنقى دەۋرنىڭ قاراڭغۇلۇق تۈنلىرى، قايغۇلۇق كۈنلىرىنىڭ ياردەمچىسى-قوشۇمچىسى بولۇپ ئۇزىدى. بۇ دەۋردە زالىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلغان ۋەزىپىسى خانلىق دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلارغا قىلغان زۇلۇم-تەقدىرلەرنى تولۇقلاش بولدى. شۇنىڭ بىلەن باراۋەر بۇ قارا دەۋردە ياشىغۇچى مۇسۇلمانلار جان تالىشىپ يۈرۈپ، ئۈچىنچى دەۋرگە ئارانلا ئېرىشتى.

ئۈچىنچى دەۋرنى شىڭ دۇبەن ئىستىبدات دەۋرى، ئالدامچىلار دەۋرى ياكى قانخورلار دەۋرى دەپ ئېيتساق ئەلۋەتتە خاتا دېمىگەن بولىمىز. چۈنكى، پۈتۈن مۇسۇلمانلار ۋە باشقا ۋەتەنداشلار بۇ ئۈچ تۈرلۈك دەھشەتلىك ئەھۋالنى ئۆز باشلىرىدىن كەچۈردى. بۇ دەۋرنىڭ كەلتۈرگەن، قىلغان جاپالىرى، دەھشەتلىك كۈنلىرى، زۇلۇم ئىستىبداتلىرى ئالدامچى قانخورلارنىڭ قىلغان ۋەھشىلىكلىرى ھەر كىمنىڭ كۆز ئالدىدا بولۇپ ئۇزغانلىقىدىن كۆڭۈل سەھىپەلىرىگە يېزىلىپ، ئۆچمەس خەت بولغانلىقتىن، يەنە تەكرار ئېيتىپ ئولتۇرۇشنى ھاجەت تاپمىدىم.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنداشلار!

ئەمدى شۇ قەدەر ئىشلار كۆز ئالدىمىزدىن ئۆتۈپ تۇرۇغلۇق، بېشىمىزدىن ئۆتكەن تەرجىمەھاللارنى كۆرۈپ تۇرۇغلۇق، يەنىمۇ ئالدانساق، ۋەھشىي دۈشمەنلەرنىڭ ئالدام خالتىلىرىغا تېخىمۇ چۈشسەك، ۋىجدانسىز خائىنلارنىڭ ياغلىما سۆزلىرىگە ئىشەنسەك ئۆزىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىزنىڭ بەخت-سائادىتىنى، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ھالاكىتىگە ئورا كولاپ تۇرغان دىن دۈشمىنى، خۇدا دۈشمىنى، خەلق دۈشمىنى بولغان جاڭ كەيشىنىڭ «ئىلتىپاتى»غا تاپشۇرساق، ئۆز قولىمىز بىلەن زەھەر ئىچكەن، ئۆز ئايىقىمىزغا كەكە چاپقان بولمايمىزمۇ؟! «يىلان چىققان تۆشۈككە قول سالماڭلار، زالىملارغا دوست بولماڭلار» دېگەن ئاللانىڭ ئەمرىگە، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھېكمەتلىك سۆزىگە قارشىلىق قىلغان بولۇپ، ئىككىلا دۇنيادا بىز مۇسۇلمانلارنىڭ يۈزىمىز قارا بولمامدۇ؟

ئەمدى بىز مۇسۇلمانلار ھېچ قاچاندا ئالدانمايمىز. يىلان چىققان تۆشۈككە كۆرۈپ تۇرۇپ قول سالمايمىز. ئەڭ ياخشىسى خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان يېرى ئۈستىدە ئويلىغان ھاكىمىيەت خىيالىنى مېڭىسىدىن چىقىرىپ تاشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئانا ماكانى، ئەسلى ۋەتەنلىرى بولغان شىمالىي جۇڭگونى ياپون جاھانگىرلىكىدىن قۇتقۇزۇپ ئېلىش چارىسىنى قىلسۇن ! ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ باي، ئەڭ گۈزەل جايلىرىنى باغ-بوستان تاغلىرىنى ياپون جاھانگىرلىكىگە تاپشۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەسل ۋەتىنى-ئانا ماكانىغا باسقۇنچىلىق قىلىشتىن ئۇيالسۇن! ئىلىمسىز، مەدەنىيەتسىز خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىستىبدادى ئاستىدا نەچچە يۈز يىللا ئېزىلىپ-يانچىلىپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ 95 پېرسەنت خەلقىنىڭ ئۆز ئازاتلىقى ئۈچۈن قىلغان سوقۇشىنى، ھەربىر مەدەنىيەتلىك، خەلقچىل ئىنسانىيەتپەرۋەر جاھان ھۆكۈمەتلىرى ھەقسىز، ئورۇنسىز دەپ تونۇماسلىقىغا ئىمانىمىز كامىل. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى جاڭ كەيشى قانچىلىك كۈچ-غەيرەت تاپقان بولسا ئۆز ۋەتەنلىرىگە باستۇرۇپ كىرگەن دۈشمەنلىرىگە قارشى سوقۇشۇپ، ئۆز ۋەتەنلىرىنى بوشۇتۇپ ئېلىشى لازىم. بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆز ۋەتىنىمىزگە ئۆزىمىز ئىگە بولالايمىز. ئەسلى ئانا ماكانىمىزنى، نازۇ-نېمەتلىك، ئۈنۈملۈك تۇپرىقىمىزنى بىر تامچە قېنىمىز قالغۇچىلىك ساقلاپ ئالىمىز. ئۆزىنىڭ ۋە ھەم خەلقىنىڭ ھاياتىنى، بەخت-سائادىتىنى ئۇ جۇڭشىڭ- پۇ جۇڭشىڭ (ۋۇ جۇڭشىن) ئىلتىپاتىغا تاپشۇرغۇچى ئۈمىدسىز بىھىممەتلەرگە ھېچقانداق يول قويمايمىز. دىن ئىسلامنىڭ ھەقلىقى ئۈچۈن تۇتقان يولىمىزنىڭ راستلىقى ئۈچۈن ئەلۋەتتە دۈشمەنلىرىمىزنى شەك شۈبھىسىز يېڭەلەيمىز. خۇدا بىزگە ياردۇر.

مۇسۇلمانلار، دىن قېرىنداشلار، ئاگاھ بولۇڭلار. دانا بولۇڭلار. پات يېقىندا غالىبىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چېكىگە يېتىپ، زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئانا ماكانىمىز، ئەسل ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىدىن تۈپ تومۇرى بىلەن يۇلۇپ تاشلايمىز. پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى قۇللۇقتىن، ئەسرلىكتىن ئازات بولۇپ، مۇندىن كېيىنكى نەسل-ئەۋلادلىرىمىزنى ئازاتلىققا چىقىرىپ، مەدەنىيەتلىك ئىنسانلار قاتارىدا ھوقۇقىمىزغا، ۋەتىنىمىزگە ئىگە بولۇپ، ئىسلام دىنىمىزنى كۆتۈرۈپ، بۇ دۇنيادا راھەتتە، ئۇ دۇنيادا جەننەتتە ياشايمىز.

وهوالمقصدالسلام عليكم

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ رەھبىرى

ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى

ئېلىخان تۆرە

بېسىلىش ئورنى: ئازاد شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك «خەلق ئاۋازى» گېزىت ئىدارەسىنىڭ باسماخانەسى. شەھرى چۆچەك.


تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

قوليازما مەنبەسى: ئۇيغۇر كىتاب تورى
ئۇلانما: http://www.uyghurkitap.com/book.php?id=a095d6e0e6db1ec4246cea56243afeab

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top