• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا (5) ئۆلكە ئەمەس، مۇستەملىكە!

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا (5) ئۆلكە ئەمەس، مۇستەملىكە!

روسلار خىتاينىڭ باي جايلىرىدا ئۈستۈنلۈك ئىگەللىدى

چەت-ياقا شىنجاڭ ئۆلكىسى يەنە بىر قېتىم قىزىللارنىڭ ئىقتىسادىي ئوربېتىسىغا كىردى

 مول تەبىئىي بايلىقلار ئىچىدە بىر خىل مۇھىم رودا ھەم مەۋجۈت

«نوكسۋېل خەۋەر كۈزەتچىسى گېزىتى» (The Knoxville News-Sentinel)

ۋىليام خ. نيۇۋتون (William H. Newton)

شاڭخەي،1947-يىلى 3-فېۋرال

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر


ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى خىتايدىن قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈشكە تەييارلىنىۋاتقاندا، روسىيە تۇيدۇرماستىن خىتاينىڭ ئەڭ باي ئۆلكىلىرىدىن بىرىنىڭ كەڭ زىمىنلىرىنى قايتىدىن ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىر دائىرىسىگە ئېلىشقا ھەرىكەت قىلدى.

بۇ جاي ۋە ئامېرىكادىكى كومۇنىستلار ۋە سەيياھلارنىڭ ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ خىتايدا تۇرۇشىغا قارشى كۈچلۈك تەشۋىقاتلىرى روسىيەنىڭ خىتاينىڭ غەربىي چېگرا ئۆلكىسى بولغان شىنجاڭغا قايتىدىن ئىچكىرلەپ كىرىشىدىن دىققەتنى بۇرىۋەتتى.

ئۇرۇشتىن بۇرۇن روسىيە شىنجاڭدا ئون يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقت ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، بۇ جايدا قوشۇن تۇرغۇزغان، تاشقى سودىسىنى مونوپول قىلغان، يەرلىكلەردىن تۈزۈلگەن ئارمىيەنى مەشىقلەندۈرگەن ۋە ساقچى قىسىملىرىنى كونترول قىلغان ئىدى. 1942-يىلىغا كەلگەندە روسىيەنىڭ رايوندىن چېكىنگەنلىكى، ئورنىنى خىتاي مىللەتچىلىرى ھۆكۈمىتى ئالغانلىقى بىلىندى. ئەنە شۇ يىللاردا پايتەخت ئۈرۈمچىدە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى كونسۇلخانىسى قۇرۇلغان ئىدى.

ئۈچتىن بىرى «مۇستەقىل»

شىنجاڭنىڭ يەر مەيدانى ئامېرىكانىڭ بەشتىن بىرىگە تەڭ بولۇپ، خىتاي ئىچىدە تەبىئىي بايلىقلارغا ئەڭ باي بىر جاي دەپ بىلىنىدۇ. شىنجاڭدىن ئىبارەت دۇنيادىن ئايرىلغان جايدىن كېلىدىغان خەۋەر ناھايىتى ئاز بولۇپ، شاڭخەيگە بۈگۈن ئۇلاشقان ئۇچۇرلار تۆۋەندىكىچە ئىدى:

1- «شەرقىي تۈركىستان خەلق جۇمھۇرىيىتى» شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى روسىيە بىلەن چېگرىداش رايونلارنى، يەنى ئۆلكىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى كونترول قىلىپ تۇرىدىكەن.

2- ئۆتكەن يىلى 6-ئىيۇندا ئۈرۈمچىدە بىر بىتىمگە قول قويۇلغان ۋە ئۇنىڭ بويىچە غەربىي شىمالدىكى جايلار ئۆلكىنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلانسىمۇ، بۇ «خەلق جۇمھۇرىيىتى» پۈتۈنلەي مۇستەقىل بولۇپ، مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خادىملىرى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ جايلارغا كىرىشى چەكلەنگەن ئىكەن. مەزكۇر بىتىمگە مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۆلكىلىك دائىرىلەرنىڭ ۋەكىللىرى تەرىپىدىن قول قويغان ئىكەن.

تۆمۈر پەردە كۆتۈرۈلمەكتە

3- خىتاي دۆلەت ئارمىيەسى قىسىملىرى ئۆلكە پايتەختىنىڭ غەربىگە 70 مېل كېلىدىغان جايدا توختىتىپ قويۇلغان ئىكەن. ئۈرۈمچىنىڭ 150 مېل غەربىگە جايلاشقان شىخۇ نېفىتلىكلىرى ئەمەلىيەتتە بىر پارچە تۆمۈر پەردە تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن ئايرىپ تاشلانغان ئىكەن.

4- سوۋېتنىڭ رايونغا سىڭىپ كىرىشى ھەبىي ئەمەس بەلكى سىياسىي-ئىقتىسادىي بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى تۆت مىليون نوپۇسنى تەشكىل قىلىدىغان 14 مىللەت ۋە قەبىلىگە ئېلىپ بارغان ھۆرمەتسىزلىكى ۋە ئۈنۈمسىز سىياسەتلىرى سوۋېتنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى مۇمكىنلىككە ئىگە قىلغان ئىكەن. پەقەت %5 خەلق خىتايلار بولسىمۇ، ھۆكۈمەت مەمۇرىي لاۋازىملارغا پەقەت خىتايلارنىلا قويۇشتا چىڭ تۇرغان ئىكەن.

5- ئۆلكىنىڭ قابىل رەئىسى جاڭ جىجۇڭنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش ھەققىدە قايتا-قايتا قىلغان مۇراجەتلىرى مەركىزىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئاساسەن نەزەردىن ساقت قىلىنغان ئىكەن. رەئىس جاڭ جىجۇڭ يېقىندا مەزكۇر ئورنىدىن چاقىرتىلىپ، خىتاي كومۇنىستلىرى بىلەن تېنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىشقا يۆتكەپ كېتىلگەن ئىكەن.

مۇستەملىكە قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنغان

6- مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى سوۋېت رازۋېتكا خادىملىرىنىڭ بۇ جاينى ماركىسىست تەشۋىقاتلارغا توشقۇزىۋېتىشىگە كۆڭۈلدىكىدەك پۇرسەت ياراتقان ئىكەن. لېكىن بۇ جايدىكى خەلقلەرنىڭ كۆپ قىسىمى مۇسۇلمان بولغانلىقى ۋە كومۇنىزىمغا قارشى بولغانلىقى سوۋېتنىڭ يەنىمۇ ئىچكىرلەپ ئۆز تەسىرىنى كۈچەيتىشىنى كېچىكتۈرۈپ تۇرغان ئىكەن.

شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۆتمۈشى نەچچە يۈز يىللاپ داۋاملاشقان قوزغىلاڭ ۋە قالايمىقانچىلىقلار بىلەن تولغان. بۇ جاي خىتايلار تەرىپىدىن بىر ئۆلكە ئەمەس، بەلكى بىر مۇستەملىكە قاتارىدا باشقۇرۇلغان بولۇپ، خىتاينىڭ مۇستەملىكەچى ئەمەلدارلىرىنىڭ سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئىدى. شىنجاڭنىڭ خەلقى- تۈركىي دەپ ئاتىلىدىغان قەبىلە بولۇپ، خىتاي مىلىتارىستلىرى تەرىپىدىن «ئاچ يولۋاسلار» دېيىلەتتى. خىتايلار ھەربىر ھۆكۈمەتنى پەقەت بىر يىللا پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ دەپ قارايتتى. چۈنكى ئۇلاردا «ئاچ يولۋاس تويغۇچە بىر يىل كېتىدۇ» دېگەن گەپ بار ئىدى.

بۇ جايدا بىر نەچچە ئەسىردىن بۇيان ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم دېھقانلار قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ئىكەن. بۇ قوزغىلاڭلارنىڭ ئەڭ يېقىنقىسى 1944-يىلى نويابىردا باشلىنىپ، 1945-يىلى يانۋارغىچە داۋام قىلغان بولۇپ، قوزغىلاڭچىلار خىتاي ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن قارشىلاشقان ۋە ئۇلارنى ھەيران قالارلىق ھالدا مەغلۇپ قىلغان ئىدى.

ئۇران بولۇشى مۇمكىن

بۇ قوزغىلاڭدىن بىر قانچە ئاي كېيىن، رەئىس جاڭ جىجۇڭ تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن شىنجاڭغا ئەۋەتىلدى. ئۇ سوۋېت ئىتىتپاقىغا قوزغىلاڭچىلار بىلەن ياراشتۇرۇپ قويۇشنى ئۆتۈندى. سوۋېت ئىتتىپاقى شۇنداق قىلدى ۋە 6-ئىيۇندىكى بىتىم مەيدانغا كەلدى. شىنجاڭ- نېفىت، ئالتۇن، كۆمۈر، تۇز، تۆمۈر، كۈمۈش، سىماب، قەلەي، گىپىس ۋە گىرافىت تاشلىرى قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارغا تولغان 633 مىڭ كۋادرات مىل كېلىدىغان بىر زىمىن. ھۆكۈمەتنىڭ گېئولوگىيە خادىملىرى يېقىندا ئاتوم بومبىسى ئىشلەش ئۈچۈن كېرەك بولغان ماتېرىيال ئۇراننىڭ بايقالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئىچكىرى خىتايدىن شىنجاڭغا پەقەت بىرلا ئەگرى-توقاي يول ئۇلىشىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى بىردىنبىر تۆمۈر يولىنى كونترول قىلغان ۋە بىردىنبىر ھاۋا لېنىيەسى ئۇلارنىڭ قولىدا، ئۇلار يەنە قازاقستان سوۋېت جۇمھۇرىيىتىدىن ئۆتۈپ شىنجاڭ چېگراسىغىچە سوزۇلغان «سودا تاشيولى»نى ئالدىراش ھالدا ياسىماقتا. سوۋېت ئىتتىپاقى ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان خەلق جۇمھۇرىيىتى» ئارقىلىق ئۆلكىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنىڭ كۆپ قىسىمىنى كونترول قىلىپ تۇرماقتا.


مەزكۇر ماقالەنىڭ گېزىتكە بېسىلغان ئەسلى نۇسخىسى:

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top