• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » «11 بىتىم» نىڭ ئەسلى نۇسخىسى

«11 بىتىم» نىڭ ئەسلى نۇسخىسى

مەركىزىي جوڭ گو ھۆكۈمىتى ھەم شىڭ جاڭ دىكى ئىختىلال (قوزغىلاڭ) قىلغان جايلارنى ئىشغال قىلغان خەلق ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا قوراللىق جاڭجال مەسىلىسىنى تېنچلىق يول بىلەن ھەل قىلىش توغۇرلۇق بىتىم

 

1- ھۆكۈمەت شىڭ جاڭ خەلقىگە ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنگەن يەرلى (يەرلىك) خەلقىدىن مەمۇرىيەت خادىملىرىنى سايلاش ھوقۇقى بېرىدۇ.

بۇ ھوقۇقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەرتىپ بەلگىلىنىدۇ:

ۋەقە ھەل بولغاندىن كېيىن ئۈچ ئاي ئىچىدە ھەر-بىر ناھىيەدىكى خەلقلەر ناھىيەلىك كېڭەش ئەزالىرىنى سايلاپ، ناھىيەلىك كېڭەش ھەيئەتلىرى تەشكىل قىلىدۇ.

ناھىيەلىك كېڭەش ھەيئەتلىرى ھاكىم (ناھىيە باشلىقى) ۋە ھاكىم مۇئاۋىنلىرىنى سايلايدۇ. سايلاۋ (سايلام) ئۆتكۈزۈلگەن دەۋرگە قەدەر، ۋەقە رايون ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردە، ئۇ يەردىكى بار بولغان مەمۇرىيەتلەر ساقلىنىدۇ.

ۋىلايەتلىك ۋەكىللەر (ۋالىيلار) ۋە ئۇلارنىڭ مۇئاۋىنلىرى، يەرلىك خەلق تەرىپىدىن كۆتۈرۈلۈپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەستىق قىلىنىدۇ.

ۋىلايەت ئىدارىلىرىدىكى ۋەزىپىلەرگە خىزمەتچىلەر ۋىلايەتلىك ۋەكىل (ۋالىي) تامانىدىن (تەرىپىدىن) تەيىنلىنىدۇ.

ھەر-بىر ناھىيەلىك كېڭەش ھەيئەتى تەشكىل بولغاندىن كېيىن ئۇلار قانۇنغا ئاساسەن ئۆلكىلىك كېڭەش ھەيئەتىنى سايلايدۇ. ئۆلكىلىك كېڭەش ھەيئەتى خەلقنىڭ رايىنى تەلەپپۇز ئىتۇۋ (بىلدۈرۈش) بىلەن بىللە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ھەرىكىتىنى تەكشۈرىدۇ ۋە ياردەملىشىدۇ.

ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنىپ، ئومۇمىي-دائىمىي سايلاۋ (سايلام) ئۆتكۈزۈلگەنگە قەدەر، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش چارىلىرى توققۇزىنچى ماددا بويىچە بەلگىلىنىدۇ.

2- ھۆكۈمەت دىنىي سىقىشلارغا يول قويماي، خەلققە دىنغا تولۇق ئازاتلىق بېرىدۇ.

3- دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ، مەمۇرىي ئىدارىلەرنىڭ ۋە ساۋات ئىدارىلىرىنىڭ ھۈججەتلىرى دۆلەت تىلى ۋە مۇسۇلمان تىللىرىدا تۈزۈلىدۇ.

ھۆكۈمەت ئىدارىلىرىگە مۇراجەت قىلىدىغان خەلق ھۈججەتلىرى شۇ خەلقنىڭ ئۆز ئانا تىلىداغىنە (تىلىدىلا) تۈزۈلۈشكە ئىجازەت بېرىلىدۇ.

4- باشلانغۇچ ۋە ئورتا مەكتەپلەردە ئوقۇش ھەر مىللەتنىڭ ئۆز تىلىدا بولىدۇ، لېكىن ئورتا مەكتەپتە دۆلەت تىلى مەجبۇرىي دەرس بولۇپ كىرىدۇ.

ئالي مەكتەپلەردە دەرسلەر ئېھتىياجغا قاراپ دۆلەت ياكى مۇسۇلمان تىللىرىدا يۈرگۈزىلىدۇ.

5- ھۆكۈمەت مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي سەنئەتنىڭ ھۆرلۈك بىلەن تەرەققىي ئېتىشىنى تەمىن قىلىدۇ.

6- ھۆكۈمەت مەتبۇئاتتا، مەجلىسلەردە، نۇتۇق-سۆزلەردە ھۆرلۈكنى تەمىن قىلىدۇ.

7- ھۆكۈمەت ھەقىقىي ئىشلەپچىقىرىش ئوبېكىتلىرىنى ۋە خەلقنىڭ قۇۋۋىتىنى ھېسابقا ئېلىپ، كۈچ قۇۋۋىتىگە قاراپ خراج (خىراجەت، خامچوت) بەلگىلەيدۇ.

خەلقلەر ھۆكۈمەتكە ئىقتىسادىي ياردەم قىىشنىڭ لازىملىقىنى چۈشەنگىنى ئۈچۈن، بۇ ياردەمنى بېرىش لازىم دەم ھېسابلايدۇ، لېكىن ياردەمنىڭ مىقدارى خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ۋە ئىقتىسادىي يۈكسىلىشىگە داخل يەتكۈزمەسلىك دەرىجىدە بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ.

8- ھۆكۈمەت سودىگەرلەرگە داخىلى (ئىچكى) ۋە خارجى (تاشقى) سودا ھۆرلۈكى بېرىدۇ. لېكىن مەركەز ھۆكۈمىتىنىڭ خارجى (چەت) دۆلەتلەر بىلەن تۈزۈلگەن سىرتقى سودا قائىدىلىرىگە سودىگەرلەر رىئايە قىلىشى كېرەك بولىدۇ.

9- شىڭ جاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەركىبى مەركىزىي ھۆكۈمەت تامانىدىن (تەرىپىدىن) يىگىرمە بەش ئەزاغا قەدەر كۆپەيتىلىدۇ.

يىگىرمە بەش ھۆكۈمەت ئەزاسى ئىچىدىن مەركىزىي ھۆكۈمەت ئون ئەزا تەيىنلەيدۇ. قالغان ئون بەش ھۆكۈمەت ئەزاسىنى ھەر-بىر ۋىلايەتتىن خەلق ۋەكىللىرى تامانىدىن (تەرىپىدىن) كۆتۈرۈلۈپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەستىقلىنىدۇ.

مەركىزىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەيىن قىلىناچاق (قىلىنىدىغان) ئون ئەزا ئىچىگە:

ھۆكۈمەت رەئىسى، باش كاتىب، ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ باشلىقى، مالىيە نازارىتىنىڭ باشلىقى، جەمئىيەت ئىدارە باشلىقى، مائارىپ نازارەت باشلىقىنىڭ مۇئاۋىنى، تەمىرات نازارەت باشلىقىنىڭ مۇئاۋىنى، سەھىيە ئىدارە باشلىقىنىڭ مۇئاۋىنى ۋە ئىككى ھۆكۈمەت ئەزاسى كىرىدۇ.

ھەر-بىر ۋىلايەت خەلق ۋەكىللىرى تامانىدىن (تەرىپىدىن) كۆتۈرۈلۈپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەستىقلىنىدىغان ئون بەش ھۆكۈمەت ئەزالار ئىچىگە:

ئىككى ھۆكۈمەت رەئىس مۇئاۋىنى، ئىككى باش كاتىب مۇئاۋىنى، ئىچكى ئىشلار نازىرىنىڭ مۇئاۋىنى، مائارىپ نازىرى، تەمىرات ئىشلار نازىرى، سەھىيە ئىشلار باشلىقى، مالىيە نازىرىنىڭ مۇئاۋىنى، جەمئىيەت ئىشلار باشلىقىنىڭ مۇئاۋىنى ۋە بەش ھۆكۈمەت ئەزاسى كىرىدۇ.

قالغىنى قوشۇمچەنىڭ بىرىنچىسىدە كۆرسىتىلدى.

10- مىللىي ھەربىي قىسىملار تەشكىل قىلىنىدۇ.

بۇ قىسىملارنىڭ تولدۇرۇلۇشى دائىرەۋى بەلگە بىلەن مۇسۇلمان خەلقلەردىن بولۇشى شەرت.

بۇ مىللىي قىسىملار ئىختىلالچى (قوزغىلاڭچى) ھەربىي قىسىملارنى قاتىدىن دۆلەت ئەسكىرىي تەرتىپىگە مۇۋاپىق قۇرۇش يولى بىلەن تەشكىللىنىدۇ.

ئەسكەرلەرنى ئوقۇتۇش ۋە قوماندا بېرىش ئىشلىرى ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرىدا بولىدۇ.

بۇ قىسىملارنىڭ قوماندىلىرى ئۆز ۋەزىپە ۋە ئۇنۋانلىرىنى ساقلايدۇ ھەم ئۆز دەرىجەسى بىلەن ۋەزىپىسىنى ساقلاپ تۇرۇپ، بەلگىلىك مۇددەتلەردە ھەبىي مەكتەپكە تەلىم-تەربىيە ئېلىش ئۈچۈن يىبەرىلىدۇ (ئەۋەتىلىدۇ).

بۇ قىسىملارغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەلىم-تەربىيە بېرىش ئۈچۈن كىشى ئەۋەتىپ تەلىم بېرىش ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ.

مەركەزنىڭ شىڭ جاڭ دا تۇرغۇچى ئەسكىرىي قىسىملىرى مىللىي ھەربىي قىسىملار تۇرغان رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ. مەركەزنىڭ ئەسكەرلىرى ۋە ھەم مىللىي ھەربىي قىسىملار ئۆز-ئارا دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنى ساقلاشلىرى لازىم. ھەمدە ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە قارشى ھېچقانداق دۈشمەنلىك ھەرىكەتلار قىلماسلىقلىرى شەرت.

بۇ ئەسكىرىي قىسىملارنىڭ سانى، مىقدارى توغۇرلۇق، تۇرىدىغان ئورۇنلىرى ھەققىدە ئايرىم مۇزاكىرە قىلىنىپ، ئايرىم قوشۇمچە تۈزۈلۈپ،ئىمزا قىلىنغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

قالغىنى قوشۇمچەنىڭ ئىككىنچىسىدە كۆرسىتىلىدۇ.

11- ھازىرقى ۋەقەگە ئالاقىدار ھەر ئىككى تەرەپتىن ھەبىسكە (قاماققا) ئېلىنغانلار مەسىلە ھەل بولغاندىن سوڭ (كېيىن) ئون كۈن ئىچىدە ئىككى تەرەپ بەرا-بەر ھەبسىدىن (قاماقتىن) بوشىتىدۇ ۋە كېلەچەكتە ئۇلارنىڭ ھېچقانداق سەۋەبلەر بىلەن سىقىلماسلىقىنى ئىككىلا تەرەپ (گارانت) كېپىللەندۈرىدۇ.

مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ۋەكىلى: جاڭ جىجۇڭ

خەلق ۋەكىللىرى:

رەخىمجان سابىرھاجى

ئابۇلقايىر رابات (ئوبۇلخەيرى تۆرە رابات)

ئەھمەد قاسىمى

جوڭخۋا مىنگونىڭ 35 ىنچى يىلى 1ىنچى ئاينىڭ 2ىنچى كۈنى

2/1-1946

شەھىرى ئۈرۈمچى

تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر


11 بىتىمنىڭ ئۇيغۇرچە ئەسلى نۇسخىسى:

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top