• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » قان بەدىلىگە كەلگەن ھوقۇقىمىزنى ھىمايە قىلىشقا تەييارمىز!

قان بەدىلىگە كەلگەن ھوقۇقىمىزنى ھىمايە قىلىشقا تەييارمىز!

بىسمىللائىرەھمانىرەھىم

بىتىم ۋە بۈگۈنكى ئۆلكە ئەھۋالى

شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىستىبدات ۋە ئەكسىلھەرىكەتچى ھاكىمىيەتنىڭ ئېزىشى، قۇل قىلىشى، بۇلاش-تالاش، قىرىش-چېپىش، ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش، غەپلەتتە تۇتۇش، باراۋەرسىزلىك تۇغدۇرۇش قارا سىياسىتىگە قارشى ئەركىنلىك، باۋارەرلىك، خەلقچىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا نۇرغۇن ئىنقىلابىي كۈرەشلەرنى، شۇ جۈملىدىن 12-نويابىر ئىنقىلابىي كۈرىشىنى قىلىپ، باراۋەرلىك، ئەركىنلىك، خەلقچىللىقنىڭ كاپالىتى 11 ماددىلىق بىتىمنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. ھەم بىتىمگە مۇۋاپىق خەلقچىل ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەشكىل بولغان ئىدى.

بۇ بىتىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مىليونلىغان خەلقىمىز ئۆزلىرىنىڭ دەردلىك يۈرەكلىرىدە كۆپ يىللاردىن بۇيان كۈتۈلگەن شېرىن ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تۆت كۆزى بىلەن تەلمۈرۈپ، زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەن ئىدى. خەلقىمىزنىڭ بىتىمنى غايەت قىزغىن كۆڭۈللىرى بىلەن ھىمايە قىلىپ، ئۇنىڭ ناھايىتى تېزلىك بىلەن تولۇق ئورۇنلىنىشى ئۈچۈن بارلىق ۋۇجۇدى بىلەن تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما خەلقىمىزنىڭ كۈتكىنىدەك بولمىدى. ئىستىبداتچىلار بىتىم ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىشقا كىرىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىستىبدات پىلانىنى ۋە ھەر تۈرلۈك سۈيىقەستلىرىنى يۈرگۈزۈپ كەلدى.

بىتىم ئاساسىدا ئىلگىرىكى ئىستىبدات قالدۇقلىرى ئورنىدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇ ئىستىبدات قالدۇقلىرى ئورنىدىن قالدۇرۇلۇش بۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە خەلق نارازىلىق بىلدۈرگەن كىشى ھىمايە قىلىنىپ، مەنسەپكە كۆتۈرۈلدى. ئۇنداق مۇناپىقلار خوجايىنلىرىدىن تەقدىرگە ئىگە بولغاندىن كېيىن تېخىمۇ غالجىرلىشىپ، خەلقىمىزنىڭ بېشىغا تېخىمۇ ئېغىر كۈلپەتلەرنى سالدى. خەلقنىڭ بىتىم ئاساسىدىكى سىياسىي ھوقۇقىغا ھۇجۇم قىلدى. خەلق سۆيگەن ئوبدان ئادەملەرنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن سولىدى. خەلق ئۆزى سۆيگەن ئادەملەرنى خەلق خىزمىتىگە سايلىيالمىدى. ئەكىسچە مۇناپىقلارنى ئىدارە بېشىغا قويدى. بۇلار خەلققە ئەمەس، بەلكى ئىستىبداتچى ئەكسىلھەرىكەتچى ھەربىيلەرنىڭ يانچۇقىنى تولدۇرۇشقا، مەئىيشىتىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىدى.

مەسىلەن: يەركەندتە جۇ فاڭگاڭ، خوتەندە خا دۇڭباڭ، ئاقسۇدا توختامىش، كۇچاردا سەيىد ئەخمەد، ئالتايدا باندىت ئوسمان، ئۈرۈمچىدە خادىۋاڭ، سالىس، زاكىچىن، شۇڭ سىلەن (شىليەن)لەر بىچارە مەھكۇم خەلقىمىزنىڭ يەلكىسىگە مىنىپ ئېلىپ، قىلىچىدىن قان تامغۇزۇپ، قانخورلارچە فاشىستلىق ھەرىكىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلدى. ئومۇمەن جەنۇب خەلقىنىڭ بىتىم ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان تارتقان جەبىر-جاپالىرىنى يېزىپ تەسۋىرلەشكە ھەم ئېيتىپ تۈگىتىشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ. جەنۇب خەلقى ئومۇمەن ئېيتقاندا دەھشەتلىك ئوت يانغىنى ئىچىدە قالدى. مۇنداق ئەھۋال يالغۇز جەنۇبتىلا ئەمەس، بەلكى يەتتە ۋىلايەتنىڭ ھەممىسىدىلا شۇنداق، ھەتتا ئۆلكە مەركىزى ئۈرۈمچىدىمۇ كېيىنكى كۈنلەردە ئەكسىلھەرىكەتچىلەر ئادەتتىن تاشقىرى غالجىرلىدى. سۇڭ شىلەنلەرنىڭ كاماندىسى بىلەن خەلقچە ياسانغان ھەربىيلەر پاجىئەلىك 25-فېۋرال ۋەقەسىنى تۇغدۇرۇپ، تېنچسىزلىقنى ھۇجۇتقا كەلتۈردى. مۇئاۋىن رەئىسلىرىمىز تەرىپىدىن خەلقنى تەشۋىق قىلىپ تېنچلاندۇرۇش ئۈچۈن چىقىرىلغان توققۇز نەپەر كىشى سەنپەنگو (ساڭفاڭگو) (ئۈرۈمچىنىڭ غەربىدىكى يېزا) دا ھەربىيلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ قامالدى. ئۇلارنى تۇتقان ۋاقتىدا ئېغىزلىرىغا پاختا تىقىپ، كۆزلىرىنى تېڭىپ، پۇتلىرىغا كىشەن سېلىپ، تاغارنى باسقاندەك ماشىنىغا ۋەھشىيلەرچە بىرسىنىڭ ئۈستىگە بىرسىنى بېسىپ، ئۈستىگە ئەسكەرلەر چىقىپ ئولتۇرۇپ ئېلىپ كەلگەن.

مانا شۇندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئارقا-ئارقىدىن ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈپ، مىڭلاپ-مىڭلاپ كىشىلەر تۈرمىلەرگە قامالدى. ھەتتا ئەخمەت ئەپەندى شوپۇرى، رەخىمجان ئەپەندىنىڭ ئاديۇتانتى  مايور خەمىت ئەپەندىلەرنىمۇ فاشىستلارچە تۇتۇپ قاماپ، ئازاپ كۆرسەتتى. مانا بۇ يۇقۇرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىتىمنىڭ قانداق ئىجرا قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

دېمەك، بىتىمگە ئاساسەن ھەر جايدىكى ئىستىبدات قالدۇقلىرىنى ئورنىدىن قالدۇرۇش ئورنىغا گەرچە مىليونلىغان خەلقىمىز ئۆز ئىستىبدات قالدۇقلىرىنىڭ جەبىر-زۇلۇملىرىنى توختاتماستىن، ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە ئارتتۇرۇپ زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىدىن دادلاپ نۇرغۇن ئەرزلەر بەرگەن بولسىمۇ، ھەتتا ھەرجايدا نۇرغۇن قېتىم نامايىش قىلىپ تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، خەلقىمىزنىڭ ئۇ ئارزۇ-دادلىرى، تەلەپلىرى قىلچىلىك ئېتىبارغا ئېلىنماي، ئىستىبدات قالدۇقلىرى ھىمايە قىلىندى. ئۇلارنىڭ ئەكسىلھەرىكەتلىرى تەقدىرلەندى.

بىتىم ۋە سىياسىي پروگراممىغا ئاساسەن خەلققە مەتبۇئات ھۆرلۈكى، سۆز ھۆرلۈكى تولۇق تەمىن قىلىنىشى كېرەك ئىدى. ئىستىبداتچىلار بۇنىڭغا قارشى، نەشىر قىلىنىپ تۇرغان گېزىتلەرنى -قارا شەھەر« يۇلتۇز» گېزىتى،  بۈگۈر «تارىم»گېزىتى، كورلا «باغراش» گېزىتى، قەشقەر «شىنجاڭ» گېزىتى ھەربىيلەرنىڭ قوراللىق كۈچى بىلەن ياپتۇرۇلۇپ، بۇلارنىڭ ئورنىغا بۆھتانچى، ئېغۋاگەر ئەكسىلھەرىكەتچىلەرنىڭ كانىيى بولغان فاشىست تۈستىكى «يالقۇن» غا ئوخشاش گېزىتلەر نەشىر قىلىنىپ، ئۇنداقلارنى مەنئىي قىلىش بىر ياقتا تۇرسۇن، ئۇنى كەڭ يوسۇندا تارقىتىپ، ئۇرۇش ئوتىنى يېقىش تەشۋىقىنى ئوچۇقتىن-ئوچۇق يۈرگۈزۈشكە ئىمكانىيەت بەردى. سىياسىي پروگرامما توغرىسىدا، ھەتتا ئادىللىق، باراۋەرلىك توغرىسىدا سۆزلىگەنلەر، مەسىلەن گۇچۇڭدا ئابدۇقادىر، يەركەندتە ئەنۋەر، خوتەندە ئابدۇلئەزىز قارى مۇھىددىن ھاجى، ئاقسۇدا سامساق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار سوقۇلدى ۋە سولاندى، ئۆلتۈرۈلدى، قوغلاندى.

بىتىم ۋە سىياسىي پروگراممىغا ئاساسەن سىياسىي ساقچى يوقىتىلىپ، خەلققە ھايات ئەركىنلىكى بېرىلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئەكسىلھەرىكەتچى ئۇنسۇرلار بۇنىڭغا قارشى ھەربىي شىتابلار يېنىدا ئايرىم تېرور ئەترەتلىرىنى تۈزدى. جۇڭ توڭجۈ (مەركىزىي سىتاتىستىكىغا ئېلىش ئىدارىسى)، جۈن توڭجۇ (ھەربىي نازارەت سىتاتىستىكىغا ئېلىش بۆلۈمى) نامى بىلەن سىياسىي مەخپىي خىزمەتلەرنى ئېلىپ باردى ۋە سىقىش يۈرگۈزدى. كوچىلاردا، خەلقچىللارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ يېنىدا سودا-تىجارەت سۈپىتى بىلەن ئالاھىدە ئىشپىيونخانىلارنى قۇرۇپ، خەلقنىڭ ئەركىن يۈرۈشىنى خەۋپ ئاستىغا ئالدى.

بىتىم بويىچە ئاقسۇدا مىللىي قىسىم قۇرۇش كېرەك ئىدى. ئۈچ ۋىلايەت قوماندان شىتابىنىڭ قەشقەردە، ئاقسۇدا مىللىي قىسىم قۇرۇش ۋەكىلى ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئۈچ ئاي تۇرۇپ، «مىين تىيەن، خوۋ تىيەن» (ئەتە، ئۆگۈن) بىلەن قايتىپ كەلدى.

مۇندىن باشقا ئۈچ ۋىلايەت خەلق ئازادلىق قىسىملىرى بىتىمگە ئاساسەن ئۆزگەرتىلىپ، دۆلەت ۋە تېنچلىق ساقلاش قىسىمى ھېسابىغا كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن مۇستەبىتچىلەر تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن 46-يىل ئۆكتەبىردىن تارتىپ ئۈچ ۋىلايەت ھەربىي قىسىمىنىڭ خىراجىتىنى بەرمىدى. مەمۇرىي راسخود بولسا، 47-يىل يانۋار ئېيىدىن تارتىپ بېرىلمىدى. مەدەنىي-مائارىپ راسخودىنى ھەم بەرمىدى. بۇ ياش-مەسۈم بالىلارنىڭ بىلىم ئېلىشىغا، مەدەنىي-مائارىپقا خىيانەتكارانە قارشىلىق قىلىش ئەمەسمۇ؟

ئۈچ ۋىلايەت خەلق ۋەكىللىرى ئەكسىلھەرىكەتچىلەرنىڭ بىتىمگە خىلاپ قىلغان پۈتۈن توسقۇنلۇقلىرىنى يوقىتىپ، بىتىم ئاساسىدىكى تېنچلىقنى يەنە داۋام قىلدۇرۇش ۋە مەھكەملەش مەقسىتىدە كۆپ تىرىشتى. لېكىن ئەكسىلھەرىكەتچىلەر قورالغا سۆيۈنۈپ خەلقچىللىققا قارشى ھەرىكىتىنى زادى توختاتقىنى يوق. ئەكسىلھەرىكەتچىلەر خەلق كۆزىنى بوياپ، ۋاقت ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە خەلق تىلەك ۋە شىكايەتلىرىنى، بىتىمنىڭ ئىجرا قىلىنماي قىلغان ماددىلىرىنى ئۆلكىلىك كېڭەش چارە ۋە تەدبىرلەر تۈزۈپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى توغۇرلۇق خەلققە ۋەدە بېرىپ كەلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلق كېڭىشىدىن خېلى زور ئۈمىد كۈتكەن ئىدى. لېكىن ئۆلكىلىك كېڭەش ئىستىبداتچىلارنىڭ قانۇنسىز شەرتلەرنى قويۇشى ۋە كېڭەش ئەزالىرىنى قىسىشى بىلەن نەتىجىسىز تارقاشقا مەجبۇر بولدى. شۇ بىلەن بىر قاتاردا ئۇلار ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرىىڭ رازىلىقىنى ئالماستىن جانىمقاننى ھۆكۈمەت ئەزالىقى ھەم مالىيە نازىرلىقىغا، خادىۋاڭ، توختامىش ۋە بىر قانچە خەلق ئەڭ يامان كۆرگەن كىشىلەرنى ۋىلايەت رەھبەرلىكىگە تەيىن قىلدى. ئۇندىن كېيىن ئۇلار ئاقسۇ ۋىلايىتىگە ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنى ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرىدىن مەسلىھەتسىز ۋالىيلىققا بەلگىلەپ، ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ئۇرۇشپەرەست، مۇستەبىت ئۇنسۇرلارنىڭ ئويلىغىنىدەك چىقمىغاندىن كېيىن ئۇنى يامانلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ۋالىيلىققا بەلگىلىنىشىنى يەنە ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرىگە دۆڭگىدى. بۇ بىلەن ھۆكۈمەت ئەزالىرى پۈتۈنلەي ئېتىبارسىز قارىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ مىلىتارىست غەرەزلىرىنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىدىغان (ئىچكىرىدىكى باشقا ئۆلكىلەرگە ئوخشاش) كىشىلەر دەپ ئويلىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى شۇ ئەھۋالغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقانلىقى ئىسپاتلاندى. لېكىن خەلقچىل دەپ ئۆلكە تېنچلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقانلىقى نەتىجىسىدە ھەر قانداق شەخسىي ھاقارەتلەرگە كۆز يۇمۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار بۇ بىلەن قانائەتلىنىپ قالماستىن، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خەلقچىل ئەزالىرىنى بىر قورچاق قاتارىدا كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى سوراپمۇ باقماستىن، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رىياسىتىنى ئۆزگەرتتى. بۇ ئۆزگەرتىشكە قارشى كۆتۈرۈلگەن خەلقنىڭ نارازىلىق ئاۋازلىرىنى ئورۇنداشنىڭ ئورنىغا ئۇلار قاتتىق رىئاكسىيون ھەربىي پولىتسىيە رېجىمىنى يۈرگۈزدى.

خەلقىمىزنىڭ بۇ ئۆزگەرتىشكەك قارشى ئاۋاز كۆتۈرۈشى ھەقلىق ئىدى. چۈنكى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەركىبىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى، ئۆلكىمىزنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ تۇرغان ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرار، خەلق ئۈستىدىكى تېنچسىزلىق خەۋپىنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرەر ئىدى. چۈنكى، بۇ ئۆزگىرىش خەلق ئەركىنلىكىنى تەمىن قىلىش مەقسىتىدە بولماستىن، ئەكس ھالدا خەلقنى قايتا قۇللۇققا مەھكۇم قىلىش پىلانىنى ئايرىم ئەكسىلھەرىكەتچى ئۇنسۇرلار ۋە خەلق دۈشمەنلىرى ئارقىلىق ئىجرا قىلىشتىن ۋە ئىستىبدات تىزگىنىنى ئۇ قارا نىيەت مەخلۇقلارنىڭ قولى بىلەن يېتەكلەشتىن ئىبارەت ئىدى. بولمىسا خەلقىمىز قانلىق كۆرەشلەر بىلەن ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىشتىن بۇرۇن، شۇ «دانا» كىشىلەر ئارقىلىق خەلققە قىلماقچى بولغان «شەپقەتدار»لىقىنى نېمە ئۈچۈن قىلمىغان ئىكەن؟! خەلقنىڭ بىتىمدە كۆرسىتىلگەن ئاددىي ھوقۇقلىرىنى بېرىشكە چىش-تىرنىقى بىلەن قارشى تۇرغان ھالدا ھەجەپ ئالدىراپ رەئىسلىكنى ئۆزىمىزگە بېرىپتىغۇ؟! ئاساسىي قانۇن بويىچە خەلققە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسىنى سايلاش ھوقۇقى بېرىلىش ۋاقتى كەلگەندىن بۇرۇن خەلق ھوقۇقىغا قارشى قىلىۋاتقان جىنايەتلىك ھەرىكەتلىرىگە قارىماي، رەئىسلىكنى ھەجەب چاپسانلا ئۆز-ئۆزىدىن ئۆلكە خەلقىگە بېرىپتىغۇ؟! مانا بۇنىڭ ماھىيىتىگە تولۇق چۈشۈنۈش كېرەك. يەنە شۇنى ئېيتىش كېرەككى، ئەگەردە ئۆلكىمىزدە بىتىم ۋە سىياسىي پروگراممىغا تولۇق يول بېرىلگەن ھالدا، ئۆلكىمىزنىڭ ھەربىي دىكتاتورىنى ئېلىپ تاشلاپ، خەلق ئەركىنلىكى تولۇق تەمىن قىلىنغان ھالدا رەئىسلىكنى ئۆزىمىزگە بەرگەن بولسا ئىدى، بۇ ھەقىقەتتە خەلققە ھوقۇق بېرىلگەن بولار ئىدى. ئۇ ۋاقتتا خەلقىمىز بۇ ئۆزگىرىشنى زور تەنتەنىلەر بىلەن قارشى ئالغان بولار ئىدى.

دېمەك ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەركىبىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىدىن مەقسەت خەلقىمىزنىڭ قانلىق كۆرەشلەر بىلەن قانلار بەدىلىگە ئالغان ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكىنى يەكسان قىلىپ، خەلقىمىزنى يەنە زۇلۇم دەرياسىغا غەرق قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. (بۇ بولسا ئۈچ ئايلىق قىسقا مۇددەت ئىچىدە خىيانەتكارلىق ۋە ھەتتا پاجىئەلىك يوسۇندا پاكىتلار بىلەن كۆز ئالدىمىزدىن ئۆتمەكتە. بۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر زۇلمەت ئاستىدىكى پەرياتلىق-قانلىق يەتتە ۋىلايەتنى ئويلاڭ!) شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆپ يىللاردىن بېرى جەبىر-جاپالار ئىچىدە ئاچچىق تەجرىبە ئالغان خەلقىمىز كېلەچەكنى كۆرۈپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەركىبىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن ئىدى. ھازىر ھەم قارشى، كېلەچەكتە ھەم قارشى بولغۇسى!

خەلقىمىز ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەركىبىگە ئەۋەتكەن ۋەكىللىرىمىزگە خەلقنىڭ تىلەك-ئارزۇلىرىنى توغرا ھەل قىلىشنى تاپشۇرغان ئىدى. ئۇلار چىۋەر رەھبىرىمىز ئەخمەت ئەپەندىمنىڭ رەھبەرلىكىدە سەبىرلىك بىلەن تۈرلۈك تەدبىرلەر قىلىپ، خەلق ئارزۇسىغا قارشى قويۇلغان ۋە قويۇلماق بولغان ھەر قانداق چارىلەرگە قارشى ئىزچىل كۆرەشلەر قىلىپ كەلدى.

ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئۆزگەرگەنگە قەدەر كۆرۈنۈشتە بولسىمۇ خەلقچىللىق سىياسىتىنى تۇرمۇشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنغان ھۆكۈمەت ئىدى. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەركىبى ئۆزگەرگەندىن كېيىن ئۆلكىدە ئوچۇق، يۈگەنسىز ھەربىي پولىتسىيە ھۆكۈمرانلىقى باشلىنىپ، خەلق ئۈستىدىكى تېرور سىياسەت ئاشكارە يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىدى. ئىلگىرى خەلقنى ئېتىش، چېپىش، قاماش ئىشلىرى يوشۇرۇن بولسا، ئەمدى ئاشكارە يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىدى. خەلق ۋەكىللەر تەركىبىگە كىرگەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بۇ ھۆكۈمەت ئەمەس ئىدى. دېمەك بۇ ھۆكۈمەت خەلق ۋەكىللىرىنىڭ نارازىلىقىدىن قەتئىينەزەر ئۆز قىلمىشلىرىنى داۋام قىلىپ، خەلق ئۈمىدىنى بەربات قىلدى. ئۆلكىنىڭ سىياسىي ئەھۋالىنى ئەڭ ئېغىر باسقۇچقا چىقىرىپ قويدى. ۋەكىللىرىمىزنىڭ خەلق تاپشۇرۇقىنى ئورۇنداشلىرىغا ھېچبىر يول قالدۇرمىدى. ۋەكىللىرىمىزنىڭ بۇنداق ھۆكۈمەت تەركىبىدە تۇرىۋېرىشىنىڭ ئەھمىيىتى قالمىدى.

مۇئاۋىن رەئىسىمىز ئەخمەت ئەپەندىم كۆپ مەرتىبە «بىتىم ئىجرا قىلىنغان يەردە بىز بار، بىتىم ئىجرا قىلىنمىغان يەردە بىز يوق»، يەنە «خەلق تەلىپى ئورۇندىلىدىكەن بىز ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەركىبىدە بارمىز، ئەگەردە خەلق تەلىپى ئورۇندالمايدىكەن، شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەركىبىدە يوق بىز!» دەپ ئۆزلىرىنىڭ مەقسىتىنى ئېيتىپ كېلەر ئىدى. شۇنىڭغا بىنائەن ۋەكىللىرىمىز ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەركىبىدە تۇرىۋېرىشنى نالايىق دەپ تاپتى.

ئەكسىلھەرىكەتچىلەر يەنە بىر قېتىم شەرمەندە بولغۇسى

ئىستىبداتچىلار خەلق كۈچى بىلەن تار-مار قىلىنىپ، شەرمەندە بولغان باسمىچى ئوسماننى يۈزىنى بوياپ يەنە بۇلاڭچىلىق ئويۇنىغا سالماقتا.

ھەممىمىزگە مەلۇم، ئىستىبداتلار بىتىمگە توسقۇنلۇق قىلىش بىلەنلا تۇرماستىن، بىتىمگە پۈتۈنلەي قارشى ھالدا ئۆتكەن يىلى سېنتەبىر ئېيىدا ئالتايدا باسمىچىلىق كەسپى بولغان ئوغرى ئوسماننى قۇترىتىپ، ئۇنىڭ باشچىلىقىدا بىر تۈركۈم باسمىچىلار گۇرۇپپىسىنى ھەرىكەتكە سالغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار گوياكى ئەركىن ئۈچ ۋىلايەتكە خەۋپ سېلىش، ئۈچ ۋىلايەت خەلقىنى تىز چۆكتۈرۈش خىيالىنى قىلغان ئىدى.

ئوسماننى ھەممە كىشى ياخشى بىلىدۇ. ئۇ ئالتايدا ئالتە يىل داۋام قىلغان خەلق قوزغىلىڭىنىڭ ئىنقىلابىي خارەكتېرىنى باسمىچىلىق روھىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنغان ۋە ئۇ خەلق قوزغىلىڭىنىڭ تولۇق غەلبىسىنى كېچىكتۈرۈشكە كۆپ زىيانلىق ئىشلار قىلغان باسمىچى ئىدى. لېكىن خەلق قەھرىمانى گېنىرال مايور دەلىلخان ئۆز سەپداشلىرى بىلەن بىللە ئۇنىڭ دەردىنى تارتىپ بولسا ھەم ئۇنى تۈزىتىش ئاساسىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىنى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن ئىدى. 1945-يىل سېنتەبىردە بىزنىڭ جەڭچىلىرىمىز ئالتايغا بارغاندا دەلىلخان ئۆز قوشۇنلىرى بىلەن كېلىپ بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىزگە قوشۇلۇپ، ئالتاينىڭ ئازادلىنىش كۆرۈشىگە قىزغىن قاتناشتى. ئوسمان بولسا يەنە تاغدا ئۆزىنىڭ باسمىچىلىق ھەرىكىتىنى داۋام قىلدۇردى. ھەتتا ئىنقىلاب كۈنلىرى دۆربىلىجىن خەلقىنى، قۇبۇق خەلقىنى بۇلاپ، خەلق نەپرىتىگە ئۇچرىغان باندىت ئوسماننىڭ قولغا چۈشكەن باسمىچىلىرىدىن تۆت نەپەر كىشى خەلق تەلىپىگە مۇۋاپىق دۆربىلىجىندە ئىنقىلابىي رەھبەرلىك تەرىپىدىن خەلق ئالدىدا ئىبرەت ئۈچۈن ئېتىلغان ئىدى. شۇنداق بولسا ھەم تۈزۈلۈپ قالار دېگەن نىيەت بىلەن ئۇنى ئەپۇ قىلىپ، ئالتاينىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىن قىلغان ئىدى. ئۇ يەنە بۇ شەپقەتدارلىقنىڭ قەدرىنى بىلمەستىن، ئىستىبداتچىلارنىڭ قۇترىتىشى بىلەن ئاسىيلىق يولىغا كىردى.

لېكىن خەلق كۈچى ئوسمان باندىتنى تار-مار قىلىپ، ئۇنى ئالتاي ۋىلايىتىدىن ھەيدىۋەتكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم ئىدى. شۇندا ھەم ئۇلار ئوسماننى ھىمايە قىلماقتا. لېكىن بىز ئۇنىڭغا ھەيران قالمايمىز. چۈنكى، جەنۇبتا ھەم خەلقنىڭ قاتتىق نەپرىتىگە ئۇچرىغان خەلق دۈشمەنلىرى: تۇراپ بەگ، سەئىد ئەخمەت خوجا، خا دۇڭباڭ، سوپىبەگ ھاجى، توختامىشقا ئوخشايدىغان مۇناپىقلارنىڭ ھىمايە قىلىنىپ كېلىنىۋاتقانلىقىنى خەلقىمىز ياخشى بىلىدۇ.

ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئالدىن بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ كېلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت مۇئاۋىن رەئىسى بۇرھان ئەپەندىم، تېنچلىقنى ساقلاش شىتابىنىڭ ئورۇنباسارى داڭ بىگاڭ، ئىچكى ئىشلار مۇئاۋىن نازىرى رەخىمجان سابىرھاجى، مەركىزىي قازاق-قىرغىز ئۇيۇشما رەئىسى قاسىم ئەپەندىلەردىن ئىبارەت كومېسسىيە تەشكىل قىلىنىپ، ئالتايغا يىبەرگەن (ئەۋەتكەن) ئىدى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئوسماننىڭ ھەقىقەتەن جىنايەتچى، ئاددىي بۇلاڭچى ئىكەنلىكى، ئالتاي خەلقىنىڭ تېنچلىقىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغانلىقى ۋە ئۈرۈمچىدىكى سوقۇشپەرەست «جاناب»لار تەرىپىدىن يولباشچىلىق ۋە ھەرىكەتلەر قىلغانلىقى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاندى.

ئۆلكىلىك تېنچلىقنى ساقلاش قوماندانىنىڭ مۇئاۋىنى داڭ بىگاڭ ئەپەندى ئالتاي سارسۈمبەدىكى خەلق كۇلۇبىدا خەلق تەرىپىدىن تاشلانغان سوئاللارغا: «بۇ يەردە ئاڭلىغان ھەممە سۆزلەردىن ئالغان ماتېرىياللار بويىچە ئوسماننى ئوغرى دەپ تونۇيمىز، بۇنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىپ، مەملىكەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى بويىچە ئەڭ قاتتىق جازا بېرىلىشىنى سىزلەرنىڭ نامىڭىزدىن سورايمىز»، يەنە ئوسمانغا ئۈرۈمچىدىن ئەۋەتىلگەن رادىئو ئەسلىھەلىرى ۋە رادىستلار توغۇرلۇق قويۇلغان سوئاللارغا:«…بۇنى كىم بەرگەنلىكىنى بىلمىدىم. مۇمكىن ئەكسىلھەرىكەتچىلەر تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئوخشايدۇ. بىز قايتىپ بارغاندىن كېيىن نېگىزىگە يېتىپ، تەكشۈرۈپ مۇنداق ياردەم بەرگۈچىلەرگە ئوسمان قاتارىدا جازا بېرىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىمىز…»دەپ ئوسماننىڭ قاراقچى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا ئۈرۈمچىدىكى ياردەم بېرىۋاتقانلارنى داڭ فۇسىلىڭ (مۇئاۋىن قوماندان) ئۆزىمۇ ئېتىراپ قىلغان ئىدى.

ئوسماننىڭ بۇلاڭچىلىقلىرى تولۇق ئىسپاتلانغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت تەركىبىدىكى خەلقچىل ئەزالار ئوسماننى ھۆكۈمەت ئەزالىقىدىن ۋە ئالتاي ۋالىيلىقىدىن قالدۇرۇشنى رەسمىي تەلەپ قىلغان ئىدى. پۈتۈن خلەق ئوسمانغا بۈگۈن بولمىسا ئەتە ئوچۇق سوت بولۇپ، كۆپچىلىك ئالدىدا ئەمەلىي جازاغا تارتىلىدۇ دەپ كۈتكەن ئىدى. ئەمما ئىش ئۇنداق بولۇپ چىقمىدى. خەلقنىڭ ھەققانىي ۋە قانۇنىي تەلىپى ئىجرا قىلىنمىدى. ئەكسىنچە ئوسماننى قۇترىتىپ، ئۇنىڭغا ھەربىي ياردەم قىلغانلار بۈگۈنكى كۈندە يەنە يۈزلىرىگە «شىنجاڭ مىللەتلىرىنىڭ تېنچلىقىنى ھەم بىرلىكىنى ھىمايە قىلىش بىرلەشمىسى» دېگەن نىقابنى تارتىپ ئېلىپ، «مۇسۇلمانلارنىڭ قەھرىمانى ئوسماننى ئالتايدىن قوغلاپ چىقاردى» دەپ، ئوسمان ۋەقەسىدىكى ئەيبنى ئۈچ ۋىلايەتكە قويۇپ، ئۆزلىرىنى پاك قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپمۇ كۆردى. ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە ئوسماننى «مۇسۇلمانلار قەھرىمانى»دەپ، ئۈچەيلىرى ئۆرۈلگىچە چىڭقىلىپ ۋاقىرىغان بىلەنمۇ بۇ تۈردىكى ئاساسلىق ھۈججەتلەرنى خەلقتىن يوشۇرۇپ ئالالمايدۇ.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستاپا سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەزرەتلىرىنىڭ « سِبَابُ الْمُسْلِم فُسُوقٌ وَقِتالُهُ كُفْرٌ » يەنى «مۇسۇلمانلارنى سۆكۈش پاسىقلىقتۇر، مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرمەك دىندىن چىققانلىقتۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ ماللىرىنىڭ ھاراملىقى، قانلىرىنىڭ ھاراملىقى ئوخشاشتۇر» دېگەن ھەدىس شەرىفى بويىچە، سوڭ زوڭسىلىڭ (باش قوماندان)، باۋئەن سىلىڭبۇدىكى (گارنىزون قوماندانلىق شىتابى) فۇسىلىك (مۇئاۋىن قوماندان) ۋە باشقىلارنىڭ مەلئۇن پۇللىرىغا، چاي-گەزماللىرىغا ئالدىنىپ ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىي ياردەملىرىگە يۆلۈنۈپ ئېلىپ، دىن ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن كۆرەش قىلغۇچىلارنى تىللاپ ۋە ئۆز دىنداشلىرىنىڭ ئۈستىگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ، قانلىرىنى تۆكۈپ، ماللىرىنى بۇلاشقا ئۇرۇنغان ئوسمان «مۇسۇلمانلارنىڭ قەھرىمانى» بولۇش بىر ياقتا تۇرسۇن، ئۇنى مۇسۇلمان دەپ ئېيتىشقىمۇ ئورۇن يوقتۇر.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۈممەتلىرىنى توغرا يولغا باشلاپ ئېيتقان:«مَنْ مشَى معَ ظالِمٍ ليُعِينَهُ وهو يعلَمُ أنَّهُ ظالِمٌ فقدْ خرجَ مِنَ الإسلامِ»يەنى «بىراۋ خەلققە زۇلۇم قىلغۇچىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە يۈرسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشى ئىسلام دىنىدىن تەھقىق (چوقۇم) چىقىدۇ» دېگەن ھەدىس شەرىفلىرىگە ئاساسەن ئوسمان مۇسۇلمانلار قەھرىمانى بولۇش بىر ياقتا تۇرسۇن، مۇبارەك ئىسلام دىنىمىزدىن چىققان قارا يۈزدۇر. ئوسماننىڭ تارىخ سەھنىسىدە مۇسۇلمانلار ئالدىدا چوڭ جىنايەتچى بولۇپ نامى قالغۇسىدۇر.

ئىستىبدات ھاكىمىيەت قالدۇقلىرى خەلقىمىزگە بىتىم ۋە سىياسىي ئىشلارنى ئەمەلگە قويۇش پروگرامممىسى ئاساسىدا بېرىلگەن سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقلىرىنى ۋە قانۇنغا مۇۋاپىق بېرىلگەن ھۆرلۈكلەرنى كۆرەلمەستىن، ئۇلارنى خەلقىمىز قولىدىن تارتىپ ئېلىپ، مۇستەبىتلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن بارلىق ئەكسىلھەرىكەتچىلىك ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈپ كەلدى.

ئۆلكىمىزدە تۈزۈلگەن تارىخىي ھۈججەت – تېنچلىق بىتىمىنى بۇزغۇچى باندىت ئوسماننى دۆلەت قانۇنى بويىچە جازاغا تارتىش ئورنىغا، مۇشۇ يېقىنقى كۈنلەر ئىچىدە ئەكسىلھەرىكەتچىلەر ئوسمانغا قورال ۋە ئەسلىھە، ئوزۇق-تۈلۈك، ئات-ئۇلاغ، كىيىم-كېچەك، ئەسكىرىي ياردەملەرنى بېرىپ، ئوسماننى قۇترىتىپ، ئۇنى پەردە ۋە قورال قىلىپ تۇرۇپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بەزى ناھىيەلىرىگە قوراللىق ھۇجۇم يۈرگۈزۈپ قايتا قاراقچىلىق ھەرىكىتىنى باشلىدى.

ئەمما، ئالتايدىكى مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىمىز خەلقىمىز بىلەن بىرلىكتە ئۇ باندىتلارغا قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىغا شەك-شۈبھە يوق. خەلق نەپرىتىگە ئۇچراپ، ئاممىدىن ئاجرالغان بۇلاڭچى باندىتلار ئادالەت كۈچ زەربىسى ئاستىدا چوقۇم يوقىتىلغۇسى. ئەگەر باندىت ئوسمان ئۆتكەن سەپەر مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىمىزنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىغا چىداش بېرەلمەي، ئالتايدىن قېچىپ ئەكسىلھەرىكەتچى خوجايىنلىرىنىڭ قولتۇقىغا كىرىپ قۇتۇلۇپ قالغان بولسا، بۇ نۆۋەت مۇقەررەر قىلمىش جىنايەتلىرى ئۈستىدە خەلق ئالدىدا سوتقا تارتىلىپ، خەلقنىڭ ھۆكۈمى بويىچە جازاغا بېرىلگۈسى.

پەيغەمبىرىمىزنىڭ «مَنْ لا يَرْحَمْ لا يُرْحَمْ » يەنى «خەلققە رەھىم قىلمىغانلارغا رەھىم قىلىش يوق» دېگەن ھەدىس شەرفى بويىچە ئوسماننى ئۈچ ۋىلايەتتىن قوغلاپ چىقىرىش ئەمەس، بەلكى ئوسمان ئۆزى چاناپ ئۆلتۈرگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن خەلق سوتى ئالدىدا قاتتىق جازا بېرىش رەسۇلىمىزنىڭ شۇ ھەدىسىدىكى بۈيۈك تاپشۇرۇقىنى ئورۇنداشتۇر.

ئوسمان ۋە ئوسماننى پەردە ھەم قورال قىلىپ تۇرۇپ، ئازاتلىق ۋە ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ھەم خەلقچىللىق ئۈچۈن كۆرەشكۈچى بىز ئۈچ ۋىلايەت خەلقىگە قارشى ئېغۋا قىلغۇچى ھەرقانداق ئەكسىلھەرىكەتچىلەر ئۈچۈن يول قويمايمىز. سوقۇش ئوتىنى يېقىپ، ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا ئۇرۇنغۇچىلارغا زەربە بېرىپ، بىتىم ئاساسىدا باراۋەرلىك ئاساسىدىكى ھەقىقىي تېنچلىق ئۈچۈن كۆرەش ئېلىپ بارىمىز. بىزنىڭ ئىشىمىز ھەق، ھەقىقەت ئەلۋەتتە غەلبە قازىنىدۇ. ئەكسىلھەرىكەتچىلەر قىلمىش جىنايەتلىرى ئۈچۈن تارىخ ئالدىدا چوقۇم جازاغا تارتىلغۇسى.

بىزنىڭ كۆرەش ۋەزىپىلىرىمىز

ئەكسىلھەرىكەتچىلەرنىڭ خەلقىمىز ئۈستىگە سالغان ۋەھشىيانە ھەرىكەتلىرىنى يوقىتىپ، بىتىمنىڭ تولۇق ۋە توغرا ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن ئۈچ ۋىلايەت خەلقى ۋە ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى شۇنىڭ بىلەن باراۋەر قالغان يەتتە ۋىلايەت خەلقى ھەم بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى ئىزدىدى. ئەكسىلھەرىكەتچىلەر خەلق ۋەكىللىرىنىڭ ھاياتىغا قانچىلىك خەۋپلەرنى يەتكۈزۈپ، خەلقلەرنى تۈرلۈك ھەربىي چارىلەر بىلەن قىسىپ، بىتىم ھەققىدە سۆز ئاچماسلىققا مەجبۇر قىلسىمۇ، يەنە مەردانىلىك بىلەن بىتىم ۋە سىياسىي ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۆرەشتى. خەلق تىلىكىنىڭ تولۇق تاماملىنىشى ئۈچۈن بارلىق چارە ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ كۆردى.

لېكىن ئەكسىلھەرىكەتچى مۇستەبىتلەر ئۆزلىرىنىڭ خەلققە نىسبەتەن قىلغان جىنايىتىنى توختاتقىنى يوق. باندىت ئوسماننى ۋە ئۇنىڭ قۇيرۇقلىرىنى قۇترىتىپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ تېنچلىقىنى بۇزدى. پۈتۈن ئۈچ ۋىلايەت خەلقىنىڭ ئەركىن ھاياتىغا، قولغا كەلتۈرگەن ھوقۇقىغا ھۇجۇم قىلدى. پۈتۈن ئۆلكە خەلقىنىڭ باراۋەرلىك، ئەركىنلىك ۋە خەلقچىللىق ئارزۇلىرىنى پۈتۈنلەي يوققا چىقاردى. ھەقىقىي خەلقچىللىق، باراۋەرلىك، ئەركىنلىك ئاساسىغا قۇرۇلغان تېنچلىقىمىزنى ئالتاي ۋىلايىتىدە ئىككى قېتىم بۇزدى.

تېنچ ياتقان خەلقنىڭ مال-مۈلكلىرىنى بۇلاپ، ئىسسىق ماكانلىرىدىن قوزغاپ، بىسەرەمجانلىق تۇغدۇردى. ئۈچ ۋىلايەت خەلقىنى بۇرۇنقى ھالىغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇندى. ئەكسىلھەرىكەتچى مۇستەبىت ئۇنسۇرلار مانا شۇ خىلدىكى ئېغىزدا تېنچلىق، ئەمەلدە ئۇرۇش ئوتىنى يېقىپ، ئۆلكە خەلقىنى ئۇرۇش گىردابىغا تىقىش ئۈچۈن پىلانلىق ئىش ئېلىپ باردى.

ھالبۇكى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئەكسىلھەرىكەتچى مۇستەبىت ئۇنسۇرلارنىڭ ھەددىدىن ئاشقان قارا سىياسىتىگە يەنە تاقەت قىلالماي، 12-نويابىر ئازاتلىق ئىنقىلابى ۋاستىسى بىلەن بۈگۈنكى ئەركىن ھايات ۋە ئىنسانىي ھوقۇقىغا مالىك بولدى. بىز شەرقىي تۈركىستان دۇنيانىڭ بىر قىسىمى. بىزنىڭ خەلقىمىز دۇنيا خەلقىنىڭ بىر قىسىمى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزمۇ دۇنيا خەلقىگە ئوخشاش تېنچلىقنى ۋە خەلقچىللىقنى سۆيىمىز. لېكىن بىز ھەقىقىي تېنچلىق ۋە ھەقىقىي خەلقچىللىقنى سۆيىمىز. بىز سۆيگەن تېنچلىقتا باندىتلارغا، قۇيۇرچۇقلارغا، تېرورچىلارغا ، ئېغۋاگەرلەرگە، مىلىتارىستلارغا، ئېغىزدا تېنچلىق دەپ ئەمەلدە ئۇرۇش ئوتىنى ياققۇچىلارغا يول قويماسلىق لازىم. بىز سۆيگەن خەلقچىللىقتا ئەكسىلھەرىكەتچىلەرگە، مۇستەبىتچىلەرگە، كانسىرۋاتورلار (مۇتەئەسسىپلەر)گە، بىر مىللەت ھاكىمدارلىقىغا، تۈزۈم ھاكىمدارلىقىغا، يالاقچى مەنسەپپەرەست، پارىخور، مۇناپىق، ئېغىز ۋە قەغەزدىكى «خەلقچىلەر» ھاكىمدارلىقىغا يول قويماسلىق لازىم. بىز تىلىگەن تېنچلىقتا باراۋەرلىك، ئەركىنلىك، ھەقىقىي خەلقچىللىق ۋە تەرەققىپەرۋەرلەرگە يول قويۇلۇشى ۋە ئۇلارنى ھىمايە ۋە تەمىن قىلىش لازىم. بىز مانا شۇنداق تېنچلىق ۋە خەلقچىللىق ئۈچۈن كۆرەشكەنمىز. بىز مانا شۇنداق تېنچلىق ۋە خەلقچىللىق ئۈچۈن ئۇرۇش تۈسىدىن تېنچلىق تۈسىگە يەنى بىتىمگە كەلگەنمىز. بىز ھېلىمۇ ئەنە شۇنداق تېنچلىق ۋە خەلقچىللىق ئۈچۈن تىرىشىمىز!

بىز ئەكسىلھەرىكەتچىلەر جاكار قىلغان يالغان تېنچلىقنى، يالغان خەلقچىللىقنى سۆيەلمەيمىز! ئۈچ ۋىلايەت خەلقى قان تۆكۈپ ئالغان ھوقۇقىنى، قان تۆكۈپ ئورناشتۇرغان ھەقىقىي تېنچلىق ۋە خەلقچىللىق ھاياتىنى قولدىن بېرەلمەيدۇ!  بۇ خىل تېنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى چىڭىتىش ۋە ساقلاش ئۈچۈن بارلىق چارىلەرنى قىلىش لازىم. مانا شۇ مەقسەتتە ئۈچ ۋىلايەت خەلقى ئۆزىنىڭ ئەركىن ھايات پاناسى بولغان مىللىي قىسىمنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ھەر دائىم مال-جېنى بىلەن تەييار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈچ ۋىلايەت خەلقى بىرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋە قوماندان شىتابنىڭ مىللىي قىسىمنى تولدۇرۇش ۋە ناھىيەلىك ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئەترىتى تەشكىل قىلىش چارىلىرىنى سەمىمىي كۆڭلى بىلەن ھىمايە قىلىدۇ. بۇ چارىلەرنى ئۆز مۇددىتىدىن بۇرۇن ئورۇنداشقا دېھقان-چارۋىچىلار، ياشلار، ھەربىي سەپ خىزمىتىگە جاۋاب بېرەلەيدىغانلار، ئۆلىما-مۆتىۋەر زاتلار، زىيالىي-يازغۇچىلار، سودىگەرلار بىر تەن-بىر ئېغىزدىن تەييار!

بىز مانا شۇ چارە بىلەن ئىنسانىي ھوقۇققا، باراۋەرلىك، خەلقچىل ئەركىن ھاياتقا ئىگە بولغانمىز. يەنە شۇ چارە بىلەن ئىنسانىي ھوقۇقىمىزنى باراۋەر، خەلقچىل ئەركىن ھاياتىمىزنى ساقلايمىز ۋە چىڭىتىمىز.

يوقالسۇن ئەكسىلھەرىكەتچىلەر!

ياشىسۇن خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىكى!

شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى ۋە يەتتە ۋىلايەت خەلقچىللەر بىرلەشمىسى

ئەركىن خەلق مەتبەئەسىدە بېسىلدى. 1947


مەزكۇر تەشۋىقات كىتابچەسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى:

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top