• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخاناسىدا زىياپەت

ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخاناسىدا زىياپەت

تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، مەزكۇر يازما ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ئەڭ ئاخىرقى كونسۇلى جون خول پاكستون (John Hall Paxton) يازغان ۋە تېخى نەشىر قىلىنمىغان «شىنجاڭغا تەيىنلەنگەن كونسۇل» (Consul to Sinkiang) ناملىق كىتابنىڭ «بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئەزالىرىغا بېرىلگەن كەچلىك زىياپەت» ناملىق بۆلىكىدىن ئېلىندى. ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئىلى تەرەپتىن ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە خىزمەت قىلغان كىشىلەر بىلەن ئامېرىكا كونسۇلخانىسى، بولۇپمۇ كونسۇل پاكستون ۋە ئايالى ۋىنسوئى پاكستون (Vincoe Paxton) يېقىن مۇناسىۋەت باغلاشقا تىرىشقان بولۇپ، ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا ۋە باشقا سورۇنلاردا ئۇچرىشىپ، پىكىرلىشىش پۇرسىتى تۇغۇلغان. يازمىدا تىلغا ئېلىنغاندەك، پەقەتلا ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار ۋە ئاياللىرىغا بېرىلگەن بىر قېتىملىق كەچلىك زىياپەتتە كونسۇل پاكستون ئەپەندى ئۈنئالغۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئېلىپ، ئۇلارغا ئاڭلاتقان. شۇنداقلا مېھمانلار خەلق ناخشىسىدىن بىرنى كوللېكتىپ ئېيتىپ بېرىپ، ئۈنگە ئالغۇزغان. ئەگەر مەزكۇر ئۈنئالغۇ لېنتىسى ساقلىنىپ قالغان بولسا، ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى رەھبەرلىرىمىزنىڭ ئاۋازىنى، ھەتتا ئېيتقان بىر پەدە ناخشىسىنى ئاڭلاشقا مۇمكىنلىك تۇغۇلىدۇ. 


ئۈرۈمچىنىڭ قىشى كىشىلەرنى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە بەكمۇ ئۈندەپ كەتمەيدۇ. ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق خىزمەت بىناسى ۋە سوۋېت كونسۇلخانىسىدەك مەركەزلەشكەن ئىسىتىش سېستىمىسى ئورنىتىلغان جايلارنىڭ مېھمانخانىلىرىمۇ خېلى سوغۇق بولۇپ، بىز ئەڭ قېلىن كىيىملىرىمىز ۋە قىشلىق ئۆتۈكلىرىمىزنى كىيىپ بېرىشقا مەجبۇر ئىدۇق. پەقەتلا ئوچاققا ئوت قالاپ ئىسىنىدىغان ئۆيىمىزدە بولسا بىز تولىمۇ بىئارام ئىدۇق. بۇ خىل ھاۋا ماشىنىلارغىمۇ كاشىلا چىقىرىپ تۇراتتى. گەرچە ئۇلاردا قىشلىق ھازىرلىق بولسىمۇ، شوپۇر ئاددىي بىر قېتىملىق كەچلىك زىياپەت ئەسناسىدا ماشىنىنى بىر قانچە قېتىم قوزغىتىپ، ماتورنى ئىسسىق تۇتۇشى كېرەك بولاتتى. شۇنداق قىلغان تەقدىردىمۇ يېقىلغۇ توڭلاپ قالاتتى ۋە بىر قېتىملىق كەچلىك زىياپەتتىن كېيىن تەلەيلىك بىر مېھماننىڭ ماشىنىسى ئارقىلىق يەنە بىرقانچە بىتەلەي مېھمانلارنىڭ ماشىنىسىنى ئوت ئالغۇچە سۆرەپ مېڭىش دائىملىق كۆرۈنۈش ئىدى.

ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە كونسۇلخانالىرىنىڭ سىرتتىن كۆرۈنۈشى

گەرچە بىز ئاشخانا ۋە مېھمانخانا ئورنىدا تەڭ قوللىنىلىدىغان خانىمىزدە كۆڭۈللۈك ئولتۇرالايدىغان بولساقمۇ، كېلىدىغان مېھمانلارنىڭ سانىغا چەك قويۇشقا توغرا كەلدى. تاللا تاماق شەكلىدىكى غىزا شىنجاڭدا كۆپ ئۇچرىمايتتى. تاماققا يېقىن ئولتۇرغان مېھمان ئورۇندۇقىنى ئامال بار ئىچكىرىگىرەك سۈرۈشكە ھەرىكەت قىلسا، باشقا مېھمانلار ساقلاپ كېتەتتى. ئەگەر مېھمانلار تاماقنى ئۆزلىرى ئۇسسا، بۇ ئۇلارغا قارشى ئېلىنمىغاندەك تەسىر بېرەتتى. بىز بولساق چوڭراق تاماق ئۈستىلىنى قويىدىغانغا جاي ئىزدەيتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا بىز داۋاملىق كېلىۋاتقان مېھمانلارنى كۈتۈپ ئېلىشىمىز ۋە مېھمانخانىمىزدا ئىللىق كەيپىياتنى ساقلىشىمىز كېرەك ئىدى.

بىز كونسۇلخانىنىڭ قۇبۇلخانىسىغىمۇ مېھمان باشلاشنى ئويلىشىپ كۆردۇق. گەرچە ئاشخانا ئۆي قۇبۇلخانىدىن سەل نېرىراق بولسىمۇ، تاماقلارنىڭ ئۈستىنى ياخشى ئوراپ توشۇغاندا قۇبۇلخانىنى كىچىك مېھمانخانىغا ئايلاندۇرۇش مۇمكىن ئىدى. «مەن بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنى يامان كۆرىمەن» دېدى خول پاكستون «بىز كونسۇلخانىنى لاپاسقا تېخىمۇ بەكرەك ئوخشىتىپ قويمىساق قانداق؟». سەرپ قىلىشقا ھېچ مەبلىغىمىز يوق ھالدا بىز بىرلىكتە قۇبۇلخانىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئويلىنىپ كەتتۇق. بۇ ئۆي تولىمۇ ئۇزۇن، ئۆينىڭ بىرلا تېمىغا قاتار ئورۇنلاشتۇرۇلغان دەرىزىلەر تولىمۇ كېلەڭسىز ئىدى. ئۆي ئاق رەڭدە ئاقارتىلغان، ئېسىلغان پەردىلەرمۇ ئاق رەڭدە ئىدى.

« مېنىڭچە» دېدى ۋىنسوئى «ئەگەر بۇ ئۇزۇن يىغىن ئۈستىلىنى توغرىسىغا قويساق بۇ ئۆينى ئوتتۇرىدىن ئىككى بۆلەككە ئايرىيالايمىز».

«بولىدۇ» دېدى خول پاكستون «ئەگەر ئۈستەل ئۈستىگە ژورناللارنى تىزىپ قويساق بۇ كىتاب ئوقۇش ئۈستىلىدەك كۆرۈنىدۇ».

«ژورناللار بۇ ئۆيگە ئانچە مۇنچە تۈس قوشالايدۇ. قاراڭە، ئاق رەڭ نېمىدېگەن ئۆلۈك رەڭ،-ھە؟!»  دەپ قوشۇپ قويدى ۋىنسوئى.

«بۇ ئۆينى يەنە قانداق قىلىپ جانلاندۇرساق بولار،-ھە؟ گىلەملەر بىلەنمۇ رەڭ تۈزەپ قالار».

«توغرا. بۇ سىپتا ئىشلەنگەن گىلەمدىكى رەڭلەر بىز تىزىدىغان باشقا بېزەكلەر بىلەنمۇ ماسلىشالايدىكەن. پەردىلەرنى بويىساق قانداق بولار؟ سۇس كۆك رەڭدە بوياش تەس ئىش ئەمەس».

«رەڭلىك پەردە ئەلۋەتتە ئۆزگىچە بولىدۇ. بۇ تاملارنىمۇ باشقا رەڭدە قايتىدىن ئاقارتساق تېخىمۇ ئايرىلىپ تۇرىدۇ».

«مەن ژورناللاردىن بىرقانچە پارچە رەسىم تېپىپ، ئېسىپ كۆرەي. كېينچە چوڭراق رەسىملەرمۇ چىقىپ قالار».

شۇنداق قىلىپ بىز بۇ ئۆينى يىغىن ئۈستىلى بىلەن ئىككىگە ئايرىدۇق. ئۆينىڭ بىر بۆلىكىگە يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇق ۋە كىچىك ئۈستەل قويدۇق. بۇ بۆلەك مېھمانلار يېڭى كېلىپ جايلىشىۋالغۇچە ژورنال كۆرۈپ كۈتۈپ ئولتۇرۇپ تۇرىدىغان كۈتۈش ئۆيى بولدى. ئۆينىڭ ئوچاققا يېقىنراق، ئىسسىقراق بۆلىكىگە بولسا يوغانراق، بىر قېتىمدا 12-10 كىشى ئولتۇرالايدىغان يۇمىلاق تاماق ئۈستىلى ئورۇنلاشتۇردۇق. بىر ھەپتىدىن كېيىن بىز پەردىلەرنى سۇس كۆك رەڭدە بويىدۇق، تامغا بىر قانچە پارچە رەسىملەرنى ئاستۇق، تورۇسنىڭ ئوتتۇرىدىن ساڭگىلاپ تۇرغان چوڭ ۋە يورۇق لامپۇچكىنى ئىككى ئۈستەلگە ئايرىم ھالدا تۆۋەنرەك ئېسىلغان ۋە ئۈستىگە يىپەكتىن ياسالغان قالپاق كىيدۈرۈلگەن ئىككى لامپۇچكىغا ئۆزگەرتتۇق.

خول پاكستون ئىككىمىز ئورۇنلاشتۇرۇشىمىزنىڭ سەمەرىلىرىگە بىر قاراپ چىقتۇق ۋە خول پاكستون :«بۇ كىچىك تاماقخانا بىز ئادەتتە تەكلىپ قىلىدىغان مېھمانلىرىمىزغا ئۇيغۇن ئىكەن» دېدى.

«توغرا، ئەگەر يىگىرمە ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك مېھمان چاقىرىلغان يىغىلىش بولۇپ قالسا، ئوتتۇرىدىكى يىغىن ئۈستىلى بىلەن كىچىك ئۈستەلنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇزۇن قىلىپ ئورۇنلاشتۇرساقمۇ تەس بولمىغۇدەك» دېدى ۋىنسوئى ئۆيگە سەپسالغاندىن كېيىن.

مېھمان كۈتىدىغان جايلىرىمىز ھازىر بولغاندىن كېيىن بىز تۇنجى تۈركۈمدە چاقىرىلىدىغان، بىز بىلەن چىقىشىپ ئۆتكەن مېھمانلارنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇشقا كىرىشتۇق. بىزنىڭ خىتاي مېھمانلىرىمىزنىڭ جاۋابى تېزرەك كەلدى. خول پاكستوننىڭ ئىككى يېشىدا مىسسىئونېر ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ خىتايغا كەلگەنلىكتىن خىتايچە تىل ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنى ياخشى بىلگەنلىكى بىزنىڭ خىتاي ئەمەلدارلار بىلەن ئالاقىمىزنى قولايلىق قىلغان ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۈچ يىل بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن باشلانغان غەربكە مايىل كەيپىيات ھېلىمۇ داۋام قىلماقتا ئىدى. تولىمۇ ئاز بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاياللىرى ئۇلار بىلەن بىللە بۇ چېگرا رايوندىكى ۋەزىپىگە كەلگەن ئىدى. بۇ جايغا كېلىشكە جۈرئەت قىلغان بىر قانچە يۈرەكلىك ئاياللار بولسا (25-) فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىن كۆپ ۋاقت ئۆتمەيلا قورققىنىدىن شەرقىي خىتايغا قېچىپ كەتكەن ئىدى. لېكىن بۇ جايدا يەنىلا تۇرۇپ قالغان ئاياللار بىلەن ۋىنسوئى ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەت باغلىدى. بۇلارنى خىتاي ئەمەلدارلار ئەركىلىتىپ«ئەي تىيخۇا نۈي جېن» (ئەي دىخۇا نۈيرېن) يەنى «دىخۇا (ئۈرۈمچى) نى سۆيىدىغان ئاياللار» ياكى «سۆيۈملۈك دىخۇا (ئۈرۈمچى) ئاياللىرى» دەپ ئاتايتتى.

بىزنىڭ تۈركىي مېھمانلىرىمىز بىز بىلەن چىقىشىپ كېتىشتە ئاستىراق ھەرىكەت قىلدى، بىز بولساق ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى تونۇش ئۈچۈن ئىنتىلەتتۇق. بىز تۈركىي ئەمەلدارلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنى ئۆيىمىزگە تەكلىپ قىلىشنى قارار قىلدۇق. بۇ خىل ئادەت ئۇلار ئۈچۈن يېڭىلىق ئىدى. ئاياللار ئاممىۋى سورۇنلاردا كۆرۈنۈشكە ئادەتلەنمىگەن بولۇپ، تېخى بىر قانچە يىل ئىلگىرىلا رومال ئىچىدە يۈرەتتى. بىز ئېھتىيات قىلغان ھالدا ئاۋۋال ئاياللىرى بىلەن تونۇشلىقىمىز بولغان ئىككى-ئۈچ تۈركىي ئەمەلدارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىش بىلەن بۇ خىل تونۇشۇشنى باشلىدۇق.

ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا كىتاب كۆرۈۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرى

بىز ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانچە تاماقلىنىش ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلدۇق ۋە بۇ خىل پەرقنىڭ بىزنى ئايرىپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق. بۇ سەۋەپتىن بۇرۇنقى روس ئاشپىزىمىز ۋالېنتىنانىڭ كەتكىنى ۋە مەيكىلى ئىسىملىك قازاق مۇسۇلمان ئاشپىزىمىزنىڭ بولغانلىقى بىزنىڭ تەلىيىمىز ئىدى.شۇنىڭ بىلەن بىز تۈركىي مېھمانلىرىمىزنىڭ ھارام قىلىنغان گۆشلەرگە يولىماسلىق ئادىتىنى تولۇق ھۆرمەت قىلدۇق، ھەتتا تاماققا ئىشلەتكەن كالا گۆشىنىمۇ مۇسۇلمان قاسساپلاردىن ئېلىپ، ماللارنىڭ مۇسۇلمان ئادىتىگە ئۇيغۇن مۇراسىم بىلەن سويۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق.

بىز بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ تاماكا ۋە ھاراقتىن يىراق تۇرىدىغانلىقىنىمۇ ئويلاشتۇق. لېكىن خىتاي ۋە روس ئەمەلدارلارنىڭ بۇ خىل سورۇنلاردا رەسمىي يوسۇندا قەدەھ كۆتۈرۈشنى تەكلىپ قىلىدىغانلىقى ۋە بەزى مۇسۇلمان ئەمەلدارلارنىڭمۇ بۇ خىل ئادەتكە ماسلىشىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ قائىدىنى سەل بوشاتقان بولدۇق. قەدەھلەرگە تەلەپكە بىنائەن يەرلىك ئۈزۈم ھارىقى ياكى سۇ قۇيۇلدى. بۇ قائىدىدە بەكرەك چىڭ تۇرىدىغان مېھمانلىرىمىز بىلەن سۇ تولدۇرۇلغان قەدەھلەرنى سوقۇشتۇرساق ئۇلار تېخىمۇ مەمنۇن بولاتتى.

پەقەت تۈركىيلەرلا تەكلىپ قىلىنغان تۇنجى قېتىملىق زىياپەت ھېلىمۇ ئېسىمىزدە. تاماق تارتىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئەر-ئاياللار مېھمانخانىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تولىمۇ رەسمىي بىر يوسۇندا ئايرىلىپ يىغىلغان ئىدى.بۇرۇن ئىستانبۇلدا ئوقۇغان مەزگىلىدە ئۆگىنىۋالغان ئاددىي ئېنگىلىزچىسى بىلەن تەرجىمانلىقنى ئۈستىگە ئالغان بىر تۈركىي ئەمەلدارنىڭ ياردىمىدە خول پاكستون سۆزلىرىنى داۋام قىلدى. ۋىنسوئى بولسا ئۆزى تۇرىۋاتقان، ھېچكىم بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمىگەن ئاياللار توپىدا يالغۇز قېلىپ، ئەنسىزلىككە چۆككەن ئىدى. بۇ سۈكۈت تۇنجى بولۇپ قەھۋە ۋە كەمپۈتلەر سۇنۇلغان چاغدا ئازراق بۇزۇلغاندەك بولدى، ئەمما بۇ ئالاقىلەردە دوستانىلىك ۋە مېھماندوستلۇقنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كۈلۈمسىرەشلا يېتىپ ئاشاتتى. ئەمدى نېمە قىلىش كېرەك؟ ۋىنسوئى مېھمانخانىدىكى بىر ئىشكاپتىن قوراشتۇرما سۈرەت ئېلىپ چىقتى. ئۇ سۈرەت پارچىلىرىنى قەھۋە ئۈستىلىگە چېچىپ، مېھمانلىرىغا ئۇلارنىڭ قانداق قوراشتۇرۇلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇ ئويۇن گەرچە ئۇلارغا يېڭىلىق بولسىمۇ، ئۇلار تېزلا ئۆگىنىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ  بىرى بىرقانچە پارچىنى غەلبىلىك قوراشتۇرغاندا قالغانلىرى ئۇنىڭ ئەقىللىقلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىپ ماختايتتى ۋە تېزلا ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدى پاراڭغا چۈشۈپ كېتىپ، ۋىنسوئىنىڭ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىپ باقمىغانلىقىنى ئۇنتۇپ كېتەتتى.

«ساۋندسكرايبىر» ماركىلىق ئۈنئالغۇ

مېھمانخانىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بىز ساۋندسكرايبىر (Soundscriber) ماركىلىق ئۈنئالغۇنى مېھمانلارغا كۆرسەتتۇق. بىر پارچە قۇرۇق دېسكىنى ئۈنئالغۇغا سالغاندىن كېيىن، بىز مېھمانلاردىن ئۇلارنىڭ ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلاپ باققۇسى بار يوقلۇقىنى سورىدۇق. بىر ھازا ئۇيىلىشلاردىن كېيىن ئارىدىن بىرى مېكروفوننى قولىغا ئېلىپ، بىر قانچە ئېغىز سۆز قىلدى. ئۇنىڭ ئاۋازى قايتۇرۇپ قويۇپ بېرىلگەندە مېھمانلارنى ھەممىسى ھەيران قېلىشتى. ئۇلار ئەسلى بۇ دېسكىلارنى خۇددى سۈرەتلەرنىڭ نېگاتىۋىنى يۇيۇپ سۈرەت چىقارغاندەك ئامېرىكاغا ئەۋەتىپ «يۇيۇپ كېلىدۇ» دەپ ئويلىغان ئىكەن. بۇ خىل ئىلغار تېخنىكا ئۇلارنىڭ ھەيرانلىقى ۋە قىزىقىشىنى قوزغاپ قويدى ۋە مېھمانلار كوللېكتىپ ھالدا يەرلىك ناخشىدىن بىرنى ئېيتىپ بەرمەكچى بولۇشتى. ئۇلار زادى قايسى ناخشىنى ئېيتىش ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىشىۋاتقاندا، ئۈنئالغۇنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشقان ئىدى. ناخشا ئېيتىلىپ، قايتۇرۇپ قويۇپ بېرىلگەندە، ناخشا ئالدىدىكى ئۆزلىرىمۇ ئۇنتۇپ قېلىشقان ناھايىتى تەبىئىي، خۇشخۇي تالاش-تارتىش ۋە پىخىلداپ كۈلۈشلەرنى ئاڭلىغان مېھمانلار تەمتىرەپ كېتىشتى.

بىز شىنجاڭدىن كېتىپ يىللار ئۆتكەندىن كېيىن بىر دوستىمىز بىزگە ئىلى تەرەپنىڭ باش ۋەكىلى ئەخمەتجاننىڭ بىزنىڭ شۇ چاغلاردا ئۇلارغا دوستانىلىكىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىمىز ھەققىدىكى ئىنكاسىنى ئېيتىپ بەردى. ئەخمەتجان « ئۇ يامان ئەمەس بىر نېمە ئىدى («نېمە» دېيىش بىلەن خول پاكستوننى كۆرسىتەتتى)، ئۇ نېمىنىڭ كۆڭلى ياخشى ئىدى» دېگەن ئىكەن.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top