• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » سۈن جۇڭشەننىڭ «دۆلەت قۇرۇش پىلانلىرى» دا شەرقىي تۈركىستان

سۈن جۇڭشەننىڭ «دۆلەت قۇرۇش پىلانلىرى» دا شەرقىي تۈركىستان

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، مەزكۇر يازما مىللەتچى خىتاي ۋە خىتاي كومۇنىستلىرى تەرىپىدىن «دۆلەت ئاتىسى» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان سۈن جۇڭشەن 1917-يىلىدىن 1920-يىللىرىغىچە يازغان «دۆلەت قۇرۇش پىلانلىرى» (建国方略) ناملىق ئەسىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت بابىدىن تەرجىمە قىلىنىپ تەييارلاندى. سۈن جۇڭشەن مەزكۇر ئەسىرىدە خىتاي دۆلىتىنى زامانىۋىي قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن زۆرۈر دەپ قارىغان سىياسەت ۋە ئەمەلىي ئىش پىلانلىرىنى كىرگۈزگەن بولۇپ، كىتابتا تىلغا ئېلىنغان خىزمەتلەر ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن تەختكە چىققان گومىنداڭ پارتىيەسى ۋە ھەتتا خىتاي كومۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن ۋە ئىزچىللىقنى ساقلاپ كەلگەن. سۈن جۇڭشەن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت بىر قانچە پىلاننى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇلاردىن ئەڭ مۇھىملىرى غەربىي شىمال تۆمۈر يولى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋە موڭغۇلىيەگە قارىتىلغان مۇستەملىكە قىلىش سىياسىتى ھېسابلىنىدۇ. غەربىي شىمال تۆمۈر يولىدىكى كۆپلىگەن لېنىيەلەر خىتاي كومۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. كۆچمەن يۆتكەش ۋە مۇستەملىكە قىلىش سىياسەتلىرى بولسا، مىللەتچى خىتاي-گومىنداڭ مەزگىلىدە پىلانلىنىپ ۋە دەسلەپكى قەدەمدە باشلىنىپ، يەنىلا خىتاي كومۇنىستلىرى تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرۇلۇپ، ھازىرقى كۈندە ئەۋجىگە چىقتى. چەتئەللەردىكى ئاتالمىش خىتاي دېموكراتلىرى ۋە خىتاي ئىچىدىكى كومۇنىستلارغا قارشى كۈچلەر ھېلىمۇ سۈن جۇڭشەننىڭ «ئۈچ مەسلەك» (سەنمىنجۇيى 三民主义) ، «دۆلەت قۇرۇش پىلانلىرى» (建国方略) قاتارلىق ئەسەرلىرى ۋە بۇلاردا تىلغا ئېلىنغان پىكىرلەرنى تەستىقلاپ، تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە. ئوخشىمىغان ئىدىئولوگىيەگە مەنسۇپ دەپ قارىلىۋاتقان ۋە بىر-بىرىنى ئەيبلەپ كېلىۋاتقان خىتاي سىياسىي كۈچلىرىنىڭ بۇ نۇقتىدىكى ئورتاقلىقى ۋە ئىزچىللىقنى كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئەسەردىكى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت مەزمۇنلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىش مەقسىتىدە مەزكۇر يازما تەييارلاندى. 


1-پىلان| 3-قىسىم: موڭغۇلىيە ۋە شىنجاڭنى مۇستەملىكە قىلىش (蒙古,新疆之殖民)

 

موڭغۇلىيە ۋە شىنجاڭنىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشى ئەمەلىيەتتە تۆمۈر يول پىلانىنىڭ قوشۇمچىسى بولۇپ، بۇ ئىككىسى بىر بىرىگە تايىنىدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ. مۇستەملىكە سىياسىتى تۆمۈر يول پىلانىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئۆز ئالدىغا ھەم ئەڭ پايدىلىق بىر خىزمەتتۇر. مەسىلەن، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە ئارگېنتىنا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكە ئەمەلىياتلىرىنىڭ نەتىجىلىرى تولىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى. بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى پىلانىمىز بولسا كاردىن چىققان كىشىلەر ۋە چەتئەلنىڭ ئىلغار ئەسلىھەلىرىنى قوللىنىپ، مۇنبەت تۇپراقلاردىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىپ پايدا يارىتىشتىن ئىبارەت. ھازىر مانجۇرىيەنى مۇستەملىكە قىلىش ئەھۋالىنى ھەققىدە سۆز ئاچساق، ئۇ قالايمىقان ۋە تەرتىپسىز بولۇپ، ئادەم كۈچى ۋە يەر بايلىقىنى ئىسراپ قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللار ئاز ئەمەس. ئەگەر تار كۆلەمدە بولسىمۇ يۇقىرى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ مۇستەملىكە سىياسىتىنى ئېلىپ بارساق، بۇنىڭ ئۈنۈمىگە گەپ كەتمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا چەتئەلدە تەربىيەلەنگەن ئىختىساسلىقلار ۋە ھەربىي جەھەتتىن تەشكىللەش ئىقتىدارى بار كىشىلەرنى سېستىمىلىق ھالدا بۇ ئىشقا يېتەكلەپ، كۆچمەنلەرگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ، پۈتۈن دۆلەتكە پايدا يەتكۈزۈش كېرەك.

يەر-زىمىن چوقۇم دۆلەت تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ، پۇرسەتپەرەسلەرنىڭ ئېلىپ تاشلاپ قويۇپ ئىشلەتمەستىن جەمئىيەتكە زىيان سېلىشىدىن ساقلىنىپ كېرەك. دۆلەت تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان يەر-زىمىن ئېكىنزارلىقلارغا ئايلاندۇرۇلۇپ، كۆچمەنلەرگە ئۇزۇن مۇددەت ھۆددىگە بېرىلىشى كېرەك. ئىش باشلاشقا كېرەرلىك مەبلەغ، ئۇرۇق، سايمان-جابدۇق ۋە تۇرالغۇ ئۆي دۆلەت تەرىپىدىن تەمىنلىنىشى كېرەك، ئەمەلىيەتتە كېتىدىغان خىراجەتنى نەق پۇل بىلەن قوشۇنچە ياردەم بېرىش ياكى بىر قانچە يىلغا بۆلۈپ قايتۇرۇش يولى بىلەن قەرز بېرىشكە بولىدۇ. ئەمما بۇ ئىشنى جانلىق ھالدا بېجىرىش ئۈچۈن بىر قانچە چوڭ ئورگاننى قۇرۇش، ئۇرۇش مەزگىلىدىكى زاۋۇت تۈزۈمىنى قوللىنىپ، كۆچمەنلەرگە كېرەكلىك ئۆي-جابدۇق، كىيىم-كېچەك ۋە ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. بىرىنچى يىلى نەق پۇل مەبلىغى ئىشلەتمەستىن، ئىناۋەتلىك قەرز بېرىش يولى بىلەن ئىش باشلاش لازىم.

مۇستەملىكە قىلىنغان بىر رايوندا كۆچمەنلەر مەلۇم يەتكەندە ئۇلارغا ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئالاھىدە ھوقۇقى بېرىش كېرەك. ھەربىر كۆچمەن چوقۇم تەربىيەلىنىشى، ئۆز-ئۆزىدە دېموكراتلارچە سىياسىي روھ ھازىرلاپ، ئۆز ئىشلىرىنى بارا-بارا ئورۇنلاشتۇرالايدىغان ۋە ئىدارە قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك.

ئەگەر ئون يىل ئىچىدە كۆچمەن سانى ئون مىليونغا يەتسە، غەربىي شىمالدا ئاھالىسى كۆپ ئۆلكىگە ئايلىنالايدۇ ۋە مول تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئېچىش ئارقىلىق سودا دۇنياسىغا كەلتۈرىدىغان پايدا ناھايىتى زور بولىدۇ. دەسلەپتە كېتىدىغان مەبلەغنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكى توغرىسىدا گەپ بولغاندا، قىسقا مۇددەت ئىچىدە پايدا كۆرۈپ، دەسلەپ قىلغان مەبلەغنى قايتۇرۇۋېلىشقا تامامەن بولىدىغانلىقىنى ئويلاش كېرەك. شۇڭا «مەنپەئەتلىك بولۇش» دېگەن پىرىنسىپ بويىچە ئېيتساق، بۇ ئىشنىڭ مەنپەئەتلىك ئىكەنلىكىگە سوئال قويۇش بىھاجەت.

ئەگەر «ئاممىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش» دېگەن پىرىنسىپ بويىچە قارايدىغان بولساق، كۆچمەن يۆتكەش ھازىر ئەڭ زۆرۈر بولغان چوڭ ئىشلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر خىتايدا ھەربىي سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كېرەكلىك ئەسكەرلەر مىليوندىن ئاشىدۇ؛ نوپۇسىمىز كۆپ، كىشىلەر يەر تېرىپ ئۆزىنى قامدىشى كېرەك. مۇستەملىكە سىياسىتى يۇقىرىقى مەسىلىلەرنىڭ ھەر ئىككىسىگە جاۋاب بېرەلەيدۇ ۋە ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەسكەرلەر بىر خىل ئۆتكۈنچى ۋاستە بولۇپ، ئۇلارنى ھەربىي سەپتىن بوشاتقاندىن كېيىن بىر قانچە ئايلىق مائاشىنى بېرىش كېرەك ۋە بۇ زور چىقىم نەچچە يۈز مىليون يۈەنگە بارىدۇ. بۇ ئەسكەرلەر ھەربىي سەپتىن بوشىغاندىن كېيىن خاتىرجەم بولالمايدۇ ۋە ئاچ-يالىڭاچ قالماسلىق ئۈچۈن قاراقچى بولۇپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئاقىۋەتكە ئادەم چىداپ تۇرالمايدۇ. بۇ خىل خاتالىقتىن ساقلانماي بولمايدۇ، بولۇپمۇ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈمسىز بولۇشقا يول يوق. كۆچمەن بولۇپ قاقاس جايلارنى ئېچىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەسلىدە بۇلارغا قىلىنغان ياخشىلىق ھېسابلىنىدۇ. دوستانە چەتئەل كاپىتالىستلىرى ۋە خىتاينىڭ پاراۋانلىقىنى كۆزلىگۈچى كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇش ئۈچۈن قەرز سورىغان چاغدا تۆۋەندىكى پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك، يەنى ئېلىنغان قەرز چوقۇم ئەڭ ئاۋۋال ئەسكەرلەرنى تولۇقلاشقا ئىشلىتىلىشى كېرەك. ئەكسچە بولسا، بۇ خىل مەبلەغلەر خىتايغا زىيان كەلتۈرىدۇ. تولۇقلانغان مىليونغا يېقىن ئەسكەرگە كەلسەك، شىمالدىكى چوڭ پورت ۋە دولوننۇر (جەنۇبىي موڭغۇلىيەدە) ئارىلىقىدىكى كەڭرى زىمىنلار ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتىپ ئاشىدۇ. بۇ جايلارنىڭ ئاھالىسى ئاز، كان بايلىقلىرى مول. ئەگەر تۆمۈر يول بۇ پورتتىن چىقىپ دولۇننۇرغا ئۇلانسا، ھەربىي سەپتىن قايتىدىغان بۇ ئەسكەرلەردىن پورت ۋە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىدا پايدىلانغىلى ۋە سەددىچىن سېپىلىنىڭ سىرتىدىكى جايلارنى ئېچىشتا ئاۋانگارت قوشۇن قىلغىلى بولىدۇ. دولۇننۇر بولسا ئەڭ شىمالدىكى جايلارنى مۇستەملىكە قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئاساسىي بازا ھېسابلىنىدۇ.


«دۆلەت قۇرۇش پىلانلىرى» نىڭ «ئەمەلىي پىلان» (实业计划) بۆلىكىدە تىلغا ئېلىنغان تۆمۈر يول پىلانىنىڭ خەرىتىسى:

مەزكۇر پىلاننىڭ «غەربىي شىمال تۆمۈر يولى» بۆلىكىگە ئائىت بولغان شەرقىي تۈركىستاندىن ئۆتىدىغان تۆمۈر يوللار:

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top