• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » «ئۈچ مەسلەك»تىن تەرمىلەر (1) – مىللەتچىلىك

«ئۈچ مەسلەك»تىن تەرمىلەر (1) – مىللەتچىلىك

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: «ئۈچ مەسلەك» يەنى «سەنمىنجۇيى»(三民主义) بولسا خىتاينىڭ دۆلەت ئاتىسى سۈن جۇڭشەننىڭ ئەڭ كەڭ تونۇلغان ۋە تەسىر كۈچى ئەڭ زور بولغان ئەسەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، خىتاي جۇمھۇرىيىتى يەنى جۇڭخۇا مىنگو (中华民国)نىڭ دۆلەتچىلىك يول خەرىتىسى ۋە ھازىرقى زامان خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ نەزىرىيەۋىي ئاساسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە ئوخشىمىغان تەبىر بېرىلسىمۇ، مەزكۇر ئەسەر مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ)، خىتاي كومۇنىستلىرى ۋە باشقا ئۆكتىچى خىتاي كۈچلىرى تەرىپىدىن ئورتاق ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن. «ئۈچ مەسلەك» – «مىللەتچىلىك مەسلەكى» (民族主义)، «خەلق ھوقۇقى مەسلەكى» (民权主义) ۋە «خەلق پاراۋانلىقى مەسلەكى» (民生主义) دىن ئىبارەت ئۈچ پىرىنسىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇلار ئىچىدە مىللەتچىلىك مەسلەكى خىتاينىڭ زامانىۋىي مىللەتچىلىكىنىڭ ھۇلى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر مەسلەك جەمئىي ئالتە لېكسىيە شەكلىدە سۆزلەنگەن بولۇپ، بۇ قىسىمدا بىرىنچى لېكسىيەدىكى مۇھىم نۇقتىلاردىن ئۈزۈندىلەرنى سىلەرگە سۇندۇق. مەزكۇر يازما سۈن جۇڭشەننىڭ شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق مەنچىڭ ھاكىمىيىتى بېسىۋالغان زىمىنلاردا ياشىغۇچى مىللەتلەرگە تۇتقان پوزېتسىيەسىنى تونۇشتا ۋە ھېلىھەم ئۆزىنى «ئۈچ مەسلەك»نىڭ مۇرىتلىرى دەپ قاراۋاتقان بەزى خىتاي سىياسىي كۈچلىرىنىڭ مىللىي مەسىلىدىكى زېھنىيىتىنى چۈشىنىشتە ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس.


مىللەتچىلىك مەسلەكى: بىرىنچى لېكسىيە
(民族主義 第一講)

سۈن جۇڭشەن (孙中山)

جوڭخۇا مىنگونىڭ 13-يىلى (1924-يىلى) 27-يانۋار

 

كۆپچىلىك، بۈگۈن سىلەرگە «ئۈچ مەسلەك» ھەققىدە سۆزلەپ بېرەي دەيمەن. «ئۈچ مەسلەك» دېگەن نېمە؟ ئەڭ ئاددىي قىلىپ ئېنىقلىما بەرگەندە «ئۈچ مەسلەك» دۆلەتنى قۇتۇلدۇرۇش مەسلەكىدۇر. مەسلەك دېگەن نېمە؟ مەسلەك دېگىنىمىز بىر خىل ئىدىيە، بىر خىل ئېتىقاد ۋە بىر خىل كۈچتۇر. ئىنسانلار بىر ئىشنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئىزدەنگەندە ئەڭ دەسلەپتە ئىدىيە مەيدانغا كېلىدۇ. ئىدىيە تولۇق چۈشىنىپ يېتىلگەندىن كېيىن ئېتىقاد شەكىللىنىدۇ. ئېتىقاد بولغاندا كۈچ پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەسلەك – ئىدىيەدىن ئېتىقادقا، ئاندىن ئېتىقادتىن كۈچكە ئايلىنىپ تاماملانغان بولىدۇ. نېمىشقا «ئۈچ مەسلەك»نى دۆلەتنى قۇتۇلدۇرۇش مەسلەكى دەيمىز؟ چۈنكى «ئۈچ مەسلەك» خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئورنى، سىياسىي ئورنى ۋە ئىقتىسادىي ئورنىنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاينىڭ دۇنيادا مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ساقلايدۇ. شۇڭا «ئۈچ مەسلەك» دۆلەتنى قۇتۇلدۇرۇش مەسلەكىدۇر. ئەگەر «ئۈچ مەسلەك» دۆلەتنى قۇتۇلدۇرۇش مەسلەكى بولسا، «ھازىرقى خىتاينى قۇتۇلدۇرۇش كېرەكمۇ يوق؟» دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ. ئەگەر «قۇتۇلدۇرۇش كېرەك» دەپ قارالسا، ئۇنداقتا «ئۈچ مەسلەك»كە ئېتىقاد قىلىش كېرەك. «ئۈچ مەسلەك»كە ئېتىقاد قىلغاندا ناھايىتى زور كۈچ ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ ۋە بۇ زور كۈچ خىتاينى قۇتۇلدۇرىدۇ.

بۈگۈن ئاۋۋال مىللەتچىلىك مەسلەكى ھەققىدە سۆزلەيلى. گومىنداڭنىڭ بۇ قېتىملىق قايتا تەشكىللىنىشى ۋە دۆلەتنى قۇتقۇزۇشتىكى ئۇسۇلى تەشۋىقاتقا ئېتىبار بېرىشدۇر. يەنى ھەربىر پۇقراغا ئومۇميۈزلۈك تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش، بولۇپمۇ چۈشەنچىلەرنى ئېنىق تەسۋىرلەپ بېرىش كېرەك. خىتايدا يېقىنقى 10 يىلغا يېقىن ۋاقتتىن بۇيان، ئاڭلىق كىشىلەر ئۈچ مەسلەكنى ئوقۇپ چۈشەندى، لېكىن كۆپىنچە كىشىلەر ئۇنى تېخىمۇ تولۇق چۈشىنەلمىدى. شۇڭا بۈگۈن ئاۋۋال مىللەتچىلىك مەسلەكىنى كۆپچىلىككە تەپسىلىي سۆزلەپ بېرەي. مىللەتچىلىك دېگەن نېمە؟ خىتاينىڭ تارىختىكى ئىجتىمائىي ئادەتلىرىدىن قارىغاندا بىز ئاددىيلا بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئىپادىلىسەك مىللەتچىلىك – «ئۇلۇسچىلىق»دۇر (國族主義).

خىتايلار جەمەتچىلىك ۋە ئۇرۇقچىلىققا ئېتىقاد قىلىدۇ، شۇڭا خىتايدا جەمەتچىلىك ۋە ئۇرۇقچىلىق مەۋجۇتكى، ئۇلۇسچىلىق بولمىغان. بىر ياندا قاراپ تۇرغان چەتئەللىكلەر «خىتايلار چېچىلىپ كەتكەن بىر دۆۋە قۇم» دېيىشىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نەدە؟ بۇنىڭ سەۋەبى ئاددىي پۇقرالاردا جەمەتچىلىك ۋە ئۇرۇقچىلىقنىڭ بولۇپ، ئۇلۇسچىلىقنىڭ بولمىغانلىقىدا. خىتايلاردا جەمەت ۋە ئۇرۇقىنىڭ ئىتتىپاقى ناھايىتى كۈچلۈك، كۆپىنچە چاغلاردا ئۆز ئۇرۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆز جانلىرىنى قۇربان قىلىشقا رازى بولىدۇ. مەسىلەن، گۇاڭدۇڭدىكى ئىككى فامىلەگە تەۋە بولغان ئىككى جەمەت مەيلى قانچىلىك مال-جانى سەرپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەرگىزمۇ جىدەلدىن توختىمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇقچىلىق كۆز قارىشىنىڭ ناھايىتىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىدا. بۇنداق مەسلەكلەر كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەنلىكىتىن بۇ خىل مەسلەك ئۈچۈن كىشىلەر قۇربانلىق بېرىشىدۇ. لېكىن دۆلەت توغرىسىدا گەپ ئېچىلسا، بىر قېتىم قۇربان بېرىشقا ئەرزىيدىغان ھېچقانداق كۈچلۈك روھىيەت تېپىلمايدۇ. شۇڭا خىتايلارنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى پەقەت ئۇرۇق دەرىجىسىدە توختاپ قالغان بولۇپ، ئۇلۇس دەرىجىسىگە تېخى كېڭىيەلمىگەن.

بىز مىللەتچىلىكنى ئۇلۇسچىلىق دېسەك خىتايغا نىسبەتەن مۇۋاپىق بولىدۇ، چەتئەللەردە بولسا مۇۋاپىق بولمايدۇ. چەتئەللىكلەر مىللەت ۋە ئۇلۇسنى ئوخشىمىغان سۆزلەر بىلەن ئاتايدۇ. ئېنگىلىز تىلىدا مىللەت ئاتالغۇسى «نېيشىن» (Nation) دەپ ئاتىلىدۇ. «نېيشىن» دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى مىللەت، يەنە بىرى ئۇلۇسدۇر. گەرچە بۇ سۆزنىڭ ئىككى خىل مەنىسى بولسىمۇ، ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى تولىمۇ ئېنىق بولۇپ، قالايمىقان بولۇپ كەتمەيدۇ. خىتايچىدە بولسا بىر خەتنىڭ ئىككى خىل چۈشەندۈلۈلۈشىنىڭ بولۇشى ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، «شېخۈي»(社会) دېگەن ئىككى خەتنى ئالساق، بۇنىڭ ئىككى خىل ئىشلىتىلىشى بار بولۇپ، بىرى ئادەتتىكى كىشىلەر توپىنى كۆرسىتىدۇ، يەنە بىرى بولسا تەشكىللەنگەن بىر توپنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلى مىللەت بىلەن ئۇلۇسنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى قۇيۇق بولۇپ، ئايرىۋېتىش ئاسان ئەمەس، لېكىن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئەمەلىيەتتە چەك-چېگرا بار. بىز نېمىنىڭ ئۇلۇس، نېمىنىڭ مىللەت ئىكەنلىكىنى چوقۇم ئايرىۋېلىشىمىز كېرەك. مەن نېمىشقا مىللەت دېگىنىمىز ئۇلۇس دېسەك خىتايغا مۇۋاپىق، لېكىن چەتئەلگە نامۇۋاپىق دەيمەن؟ چۈنكى خىتاي چىن،خەن دەۋرىدىن تارتىپ بىرلا مىللەت بىلەن قۇرۇلغان بىر دۆلەت بولۇپ كەلگەن. چەتئەللەردە بولسا بىر مىللەت بىر قانچە دۆلەت قۇرغان، ياكى بىر دۆلەت ئىچىدە بىر قانچە مىللەت بار ھالەتلەر مەۋجۇت. مەسىلەن، ھازىرقى زاماندىكى دۇنياۋىي كۈچلۈك دۆلەت ئەنگىلىيەدە ئاق تەنلىكلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا قوڭۇر تەنلىك ۋە قارا تەنلىك مىللەتلەر مەۋجۇت بولۇپ، بۇلار «بۈيۈك بېرىتانىيە ئېمپىرىيەسى»نى تەشكىل قىلغان. شۇڭا ئەنگىلىيە مىللىتىنى ئۇلۇس دېسەك توغرا بولمايدۇ. يەنە مىسال ئالساق خوڭكوڭمۇ ئەنگىلىيە تۇپرىقى بولۇپ، ئۇنىڭدا نەچچە يۈزمىڭ خىتاي خەنلەر ياشايدۇ. ئەگەر خوڭكوڭدىكى ئەنگىلىيە ئۇلۇسى ئەنگىلىيە مىللىتى دېسەك بۇ قاملاشمايدۇ. يەنە مىسال ئالساق، ھىندىستانمۇ ئەنگىلىيە تۇپرىقى بولۇپ، ئەنگىلىيە ئۇلۇسى ھەققىدە گەپ ئاچساق ئۇ جايدا 350 مىليون ھىندىستانلىق ياشايدۇ. ئەگەر ھىندىستانلىقلار ئەنگىلىيە ئۇلۇسىغا تەۋە دېيىلسە، ئۇلارنى يەنە ئەنگىلىيە مىللىتى دېيىش مۇۋاپىق ئەمەس. ھەممەيلەنگە ئايان بولغىنىدەك ئەنگىلىيەنىڭ ئاساسلىق مىللىتى «ئانگلو ساكسونلار» دۇر. لېكىن «ئانگلو ساكسونلار» ئەنگىلىيەدىلا ئەمەس بەلكى ئامېرىكادىمۇ كۆپ ساندا مەۋجۇت. شۇڭا چەتئەلدە مىللەت بىلەن ئۇلۇس بىر دېگىلى بولمايدۇ. لېكىن مىللەت بىلەن ئۇلۇسنىڭ چەك-چېگراسى بار بولۇپ، ئۇنى قانداق ئۇسۇل بىلەن پەرقلەندۈرىمىز؟ ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇل مىللەت ۋە ئۇلۇسنىڭ نېمە ئارقىلىق شەكىللەنگەنلىكىگە قاراشتۇر. ئاددىيراق قىلىپ پەرقلەندۈرسەك، مىللەت تەبىئىي كۈچ تەرىپىدىن شەكىللەنگەن، ئۇلۇس بولسا زورلۇق كۈچى بىلەن شەكىللەنگەن. خىتاينىڭ سىياسىي تارىخىدىن چىقىپ ئىسپاتلىغاندا، خىتايلار ئادەتتە توغرا يول (王道) تەبىئەتكە بويسۇنۇش دەيدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تەبىئىي كۈچ – توغرا يول بولۇپ، توغرا يولدا ماڭغانلار مىللەتنى يارىتىدۇ. زورلۇق كۈچ زومىگەرلىك يولى (霸道) بولۇپ، زومىگەرلىك يولىدا ماڭغان كىشىلەر توپى دۆلەتنى يارىتىدۇ. خۇددى ھازىرقى خوڭكوڭنىڭ بارلىققا كېلىش سەۋەبى نەچچە يۈزمىڭ خوڭكوڭلۇقنىڭ ئەنگىلىيەلىكلەرنى قارشى ئالغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ زورلۇق كۈچى بىلەن كېسىپ ئالغانلىقىدىن بولغانلىقىدەك.چۈنكى خىتاي بىلەن ئەنگىلىيە ئۇرۇشۇپ، خىتاي يېڭىلىپ، خوڭكوڭ تۇپرىقى ۋە خەلقىنى ئەنگىلىيەگە كېسىپ بەرگەن ۋە ۋاقتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھازىرقى خوڭكوڭ شەكىللەنگەن ئىدى. يەنە ھىندىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ۋە شەكلىمۇ خۇددى خوڭكوڭنىڭكىگە ئوخشاش.

ئەنگىلىيەنىڭ ھازىرقى زىمىنلىرى پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان بولۇپ، ئەنگىلىيەلىكلەردە «ئەنگىلىيەدە كۈن پاتمايدۇ» دەيدىغان گەپ بار. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر كۈنى قوياش نۇرى چۈشۈپ تۇرىدىغانلىكى جايلارنىڭ ھەممىسىدە ئەنگىلىيە زىمىنلىرى مەۋجۇت دېگەنلىك بولىدۇ. مەسىلەن، بىزدەك شەرقىي يېرىم شاردىكىلەر تاڭ ئاتقاندىن باشلاپ ھېسابلىساق، ئەڭ ئاۋۋال يېڭى زىللاندىيە، ئاۋسترالىيە، خوڭكوڭ، سىنگاپور، يەنە غەرپكە سۈرۈلسەك سىرىلانكا، ھىندىستان، يەنىمۇ غەربكە سۈرۈلسەك ئېدىن ۋە مالتا، تېخىمۇ غەربكە سۈرۈلگەندە ئەنگىلىيە ئۆز زىمىنىغا كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇرىدۇ. ئەمدى غەربىي يېرىم شارغا كەلسەك، كانادادىن باشلىنىپ يەنە خوڭكوڭ، سىنگاپورغا قايتىپ ئايلىنىپ تۇرىدۇ. دېمەك، ھەر كۈنى 24 سائەت كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇرىدىغانلىكى جايدا ئەنگىلىيە زىمىنى مەۋجۇتلۇقى ئېنىق. ئەنگىلىيەگە ئوخشاش بۇنداق بىپايان زىمىننىڭ ھېچبىر پارچىسى زورلۇق كۈچى ئىشلەتمەستىن ئېلىنغان ئەمەس. قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە ھېچقانداق بىر ئۇلۇس زورلۇق كۈچىسىز بارلىققا كەلگەن ئەمەس. مىللەت بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، تامامەن تەبىئەتكە باغلىق بولغان، قىلچىمۇ زورلاش بولمىغان ھالەتتە شەكىللەنگەن بولىدۇ. مەسىلەن خوڭكوڭدىكى نەچچە يۈزمىڭ خىتاي ئىتتىپاقلىشىپ بىر مىللەت بولسا بۇ بەكمۇ تەبىئىي بىر ئىش بولۇپ، ئەنگىلىيە قانداق زورلۇق ئىشلەتسىمۇ بۇنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. شۇڭا بىر توپلۇم ئەگەر توغرا يول بىلەن تەبىئىي كۈچ تەسىرىدە بىرىكسە مىللەتنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئەگەر زورلۇق كۈچ بىلەن بىرىكسە دۆلەت ياكى ئۇلۇسنى شەكىللەندۈرىدۇ. مانا بۇ ئۇلۇس بىلەن مىللەتنىڭ پەرقى.

ئەمدى مىللەتنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدە سۆزلەيلى. دۇنيادىكى ئىنسانلار ئەسلىدە بىر خىل مەخلۇق ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئۇچارقاناتلار ۋە ھايۋاناتلاردىن پەرقلىنىدۇ. ئىنسان دۇنيادىكى ئەڭ زېرەك مەخلۇق. ئىنسانلار ئالدى بىلەن ئىرقىغا قاراپ ئاق تەنلىكلەر، قارا تەنلىكلەر، قىزىل تەنلىكلەر، سېرىق تەنلىكلەر ۋە قوڭۇر تەنلىكلەر دەپ بەش تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئاسىيادىكى مىللەتلەر ئىچىدە نامى بارلىرىدىن موڭغۇللار، مالايلار (مالايسىيالىقلار)، ياپونلۇقلار، مانجۇلار ۋە خىتايلار بار. بۇ خىلدىكى تۈرلۈك مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى يىغىنچاقلاپ ئېيتساق تەبىئەت كۈچىدىن بولۇپ، ئەگەر ئانالىز قىلىپ كەلسەك تولىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ. بۇلار ئىچىدە ئەڭ زور كۈچ نەسەبتۇر (血统). خىتايلارنىڭ سېرىق تەنلىك بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئەسلىنىڭ سېرىق تەنلىكلەر نەسەبىگە تۇتاشقانلىقىدىندۇر. ئەجدادىنىڭ نەسەبى قانداق بولسا، بىر مىللەت ئۇنىڭغا مەڭگۈ ۋارسلىق قىلىدۇ، شۇڭا نەسەبنىڭ كۈچى ناھايىتىمۇ زور.

ئۇنىڭدىن قالسىلا تۇرمۇش ئىككىنچى چوڭ كۈچ ھېسابلىنىدۇ. ئوخشىمىغان تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇسۇلىدىن ئوخشىمىغان مىللەتلەر شەكىللىنىدۇ. مەسىلەن موڭغۇللار سۇ ۋە يايلاق قوغلىشىپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى كەچۈرىدۇ. قەيەردە يايلاق بولسا، ئۇلار شۇ جايغا كۆچۈپ بارىدۇ. شۇڭا بۇ خىل كۆچمەن ھاياتنى كەچۈرگۈچىلەر بىر مىللەت بولالىغان. موڭغۇللارنىڭ بىردىنلا كۈچلىنەلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ شۇنىڭدا. موڭغۇللار ئەڭ قۇدرەت تاپقان چاغلاردا يۈەن سۇلالىسى ئەسكەرلىرى غەربتە مەركىزىي ئاسىيانى، ئەرەب ۋە ياۋروپانىڭ بىر قىسىمىنى بويسۇندۇرغان. شەرقتە بولسا خىتاينى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ياپونىيەنى بويسۇندۇرۇشقا ۋە پۈتكۈل ياۋروئاسىيانى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئازلا قالغان.  بۇنىڭدىن باشقا كۈچلۈك مىللەتلەردىن خەنلەرنى ئالساق، خەن سۇلالىسى ئەڭ قۇدرەتلىك چاغلاردا غەربتە كاسپىي دېڭىزىغىچىلا بارالىغان. رىم مىللىتى ئەڭ كۈچلەنگەندە بولسا غەربتە قارا دېڭىزغىچىلا بارالىغان. بۇندىن بۇرۇن ھېچقانداق بىر مىللەت قورال كۈچى بىلەن ياۋروپا ۋە ئاسىيادىن ئىبارەت ئىككى قىتئەنى بويسۇندۇرۇپ باقمىغان ۋە يۈەن سۇلالىسى ۋە موڭغۇللاردەك قۇدرەت تاپالمىغان. موڭغۇللارنىڭ ئەنە شۇنداق قۇدرەت تاپالىشىدىكى سەۋەب بولسا ئۇلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ھايات كەچۈرۈشى، كۈندە ئۇزۇن سەپەرگە چىقىشقا كۆنۈك بولۇشىدەك ئالاھىدىلىكلىرىدە.

ئۈچىنچى چوڭ كۈچ تىلدۇر. ئەگەر سىرتتىن كەلگەن بىر مىللەت تىلىمىزنى ئۆگەنسە، بىزنىڭ تەسىرىمىزنىڭ ئۇلارغا يۇقۇشى ئاسان بولىدۇ، ۋاقتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ، بىر مىللەتكە ئايلىنىدۇ. ئەگەر بۇنىڭ تەتۈرىگە بىز ياتلارنىڭ تىلىنى ئۆگەنسەك، ئاسانلا ياتلارغا ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كېتىمىز. ئەگەر خەلقنىڭ نەسەبى ئوخشاش، تىلىمۇ ئوخشاش بولسا، ئاسسىمىلاتسىيەلىشىش ناھايىتى ئاسان بولىدۇ، شۇڭا تىل دۇنيادا مىللەتنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ناھايىتى زور بىر كۈچ ھېسابلىنىدۇ.

تۆتىنچى كۈچ دىندۇر. ئەگەر دۇنيادىكى خەلقلەر ئوخشاش ئىلاھقا ئېتىقاد قىلسا، ياكى ئوخشاش بىر ئەجداتقا تاۋاپ قىلسا بىر مىللەت بولۇپ شەكىللىنەلەيدۇ.  دىننىڭ مىللەتنىڭ شەكىللىنىشىدىكى كۈچىمۇ غايەت زور. خۇددى ئەرەب بىلەن يەھۇدىي دۆلەتلىرى ئاللىبۇرۇن يوقالغان بولسىمۇ، ئەمما ئەرەبلەر ۋە يەھۇدىيلار ھېلىمۇ مەۋجۇت بولغاندەك. ئۇلارنىڭ دۆلەتلىرى ھالاك بولغان بولسىمۇ، مىللەتلىرىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىنىڭ ماھىيىتىدە ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز دىنىي ئېتىقادلىرى ياتىدۇ. كۆپچىلىك بىلىسىلەركى ھازىر يەھۇدىيلار دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ناھايىتى كۆپ تارقالغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ناھايىتى داڭلىق ئىلىم ئىگىلىرىدىن ماركىس، ئېينىشتىيىنغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيلاردۇر. ھازىرقى ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكاغا ئوخشاش دۆلەتلەردىكى كاپىتالىست كۈچلەرنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ. يەھۇدىي مىللىتى تۇغۇلۇشىدىنلا ناھايىتى ئەقىللىق. بۇنىڭغا دىنىي ئېتىقات قوشۇلغانلىقتىن گەرچە ياقا يۇرتلاردە سەرسان بولۇپ يۈرسىمۇ، يەھۇدىيلار ئۆز مىللىتىنى ئۇزاققىچە ئاياقتا تۇتۇپ تۇرالىدى. ئەرەبلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىنىڭ ماھىيىتىمۇ ئەمەلىيەتتە مۇھەممەدنىڭ دىنى بولغانلىقىدىندۇر. يەنە باشقا بۇددا دىنىغا ئېتىقادى چوڭقۇر بولغان مىللەتلەردىن ھىندىستان گەرچە دۆلىتى ئەنگىلىيەگە مۇنقەرز بولغان بولسىمۇ، ئىرقى مەڭگۈ يوقالمايدۇ.

بەشىنچى كۈچ ئۆرپ-ئادەتتۇر. ئەگەر ئىنسانلاردا ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئورتاق ئۆرپ-ئادەت بولسا، ۋاقتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزلۈكىدىن بىر مىللەت بولۇپ شەكىللىنىدۇ.

بىز بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىرقلارنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، خىلمۇخىل مىللەتلەرنى شەكىللەندۈرىدىغان سەۋەبلەرنى تەبىئىي ھالدا قان ۋە نەسەب، تۇرمۇش، تىل، دىن ۋە ئۆرپ-ئادەتتىن ئىبارەت بەش خىل كۈچكە يىغىنچاقلىيالايمىز. بۇ بەش خىل كۈچ تەبىئىي ھالدا تەدرىجىي شەكىللىنىدۇ، زورلۇق كۈچى بىلەن بويسۇندۇرۇش ئارقىلىق شەكىللەنمەيدۇ. شۇڭا بۇ بەش خىل كۈچ بىلەن زورلۇق كۈچىنى سېلىشتۇرغاندا، مىللەت بىلەن ئۇلۇسنىڭ پەرقىنى چۈشىنەلەيمىز.

بىز قەدىمدىن ھازىرغىچە مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش سەۋەبلىرىدىن قارىغىنىمىزدا، خىتاينى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي مىللىتىنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن چوقۇم مىللەتچىلىكنى تەشەببۇس قىلىشىمىز كېرەك. مىللەتچىلىكنى تەشەببۇس قىلىماقچى بولساق، ئالدى بىلەن چوقۇم بۇ مەسلەكنى تولۇق چۈشىنىشىمىز، ئاندىن قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنى قۇتۇلدۇرىشىمىز كېرەك. خىتاي مىللىتىگە نەزەر سالساق، ئومۇمىي سانى 400 مىليون بولۇپ، بۇلار ئىچىگە پەقەتلا نەچچە مىليون موڭغۇل، بىر مىليوندىن ئوشۇقراق مانجۇ، بىر نەچچە مىليون تىبەتلىك ۋە بىر مىليون نەچچە يۈزمىڭ مۇسۇلمان تۈرك ئارىلىشىپ قالغاننى ھېسابقا ئالغاندا، ياتلارنىڭ ئومۇمىي سانى 10 مىليونغىلا بارىدۇ، خالاس. شۇڭا 400 مىليون كىشىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقىنى پۈتۈنلەي خىتايلار دېيىشكە بولىدۇ. ئوخشاش نەسەب، ئوخشاش تىل-يېزىق، ئوخشاش دىن، ئوخشاش ئۆرپ-ئادەت، پۈتۈنلەي ئوخشاش بىر مىللەت.

بىزگە ئوخشاش بىر مىللەت دۇنيادا قانداق بىر ئورۇندا تۇرىدۇ؟ دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىزنىڭ سانىمىز ئەڭ كۆپ، مىللىتىمىز ئەڭ بۈيۈك، مەدەنىيەت تارىخىمىز تۆتمىڭ يىلدىن ئۇزۇن بولۇپ، يارۋوپا ۋە ئامېرىكادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئولتۇرۇپ قوپالىشىمىز كېرەك. لېكىن خىتايلار پەقەتلا جەمەت ۋە ئۇرۇقنىڭ تەشكىلى بولۇپ، مىللىي روھى يوق، شۇڭا 400 مىليون كىشى ئىتتىپاقلىشىپ بىر خىتاي بولۇش ناھايىتى تەس. ئەمەلىيەتتە خىتايلار بىر دۆۋە قۇمدەك چېچىلغان بولۇپ، ھازىرقى دۇنيادا ئەڭ نامرات ۋە ئاجىز دۆلەتلەر قاتارىدا خەلقئارادىكى ئەڭ تۆۋەن ئورۇندا تۇرماقتا. بەئەينى باشقىلار قاسساپ، بىز سويۇلۇشقا تەييار مال. بىزنىڭ ئورنىمىز مانا مۇشۇنداق ئەڭ خەتەرلىك ۋەزىيەتتە. ئەگەر يەنە بىخەستەلىك قىلىپ، مىللەتچىلىكى تەرغىپ قىلمىساق، 400 مىليون كىشىنى بىر مىللەت قىلىپ مۇستەھكەم ئۇيۇشتۇرمىساق، خىتاي دۆلىتى ھالاك بولۇش، خىتاي نەسلى قۇرۇشقا قاراپ يۈز تۇتىدۇ. بىز بۇ خىل خەتەرلىك ۋەزىيەتتىن قۇتۇلىمىز دەيدىكەنمىز، مىللەتچىلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، مىللىي روھىمىز بىلەن دۆلىتىمىزنى قۇتۇلدۇرىشىمىز كېرەك.

ھازىر دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى: يېقىنقى يۈز يىلنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا نوپۇسى 10 ھەسسە، ئەنگىلىيە نوپۇسى ئۈچ ھەسسە، ياپونىيە نوپۇسى ئۈچ ھەسسە، روسىيە نوپۇسى تۆت ھەسسە، گېرمانىيە نوپۇسى ئىككى يېرىم ھەسسە، فرانسىيە نوپۇسى تۆتتىن بىر ھەسسە ئاشقان… بۇ يۈز يىل ئىچىدە نوپۇسنىڭ بۇنداق كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى پەن-تېخنىكىنىڭ ئىلغارلىقى، تىببىي پەننىڭ تەرەققىياتى، ئاممىۋىي تازىلىق ئەسلىھەلىرىنىڭ يىلدىن-يىلغا مۇكەممەللىنىشى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئازىيىپ، تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىشدىندۇر… خىتايلار ھازىر نوپۇسىمىز كۆپ، باشقىلار تەرىپىدىن ئاسانلىقچە يوقىتىلمايمىز دەپ كۆرەڭلىمەكتە. يۈەن سۇلالىسى خىتاينى ئىگەللىگەندىن كېيىن، موڭغۇل مىللىتى خىتايلارنى يوقىتالمايلا قالماي، ئەكسچە ئۆزلىرى خىتايلار تەرىپىدىن ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كەتتى. خىتاي يوقالمايلا قالماي، موڭغۇللارنى يۈتۈپ كەتتى. مانجۇلار خىتاينى بويسۇندۇرۇپ، 260 نەچچە يىل باشقۇرغان بولسىمۇ مانجۇ مىللىتى خىتايلارنى يوقىتالمىدى. ئەكسچە خىتايلار تەرىپىدىن ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ خىتايلىشىپ كەتتى. خۇددى ھازىر نۇرغۇن مانجۇلار خىتايچە فامىلە ئىشلەتكىنىدەك. بۇ سەۋەبتىن، نۇرغۇن ئۇقۇمۇشلۇق زاتلار ياپونلۇق ياكى ئاق تەنلىكلەرنىڭ خىتاينى بويسۇندۇرۇشىغا قاراپ تۇرۇۋاتقان، خىتاينى بەرىبىر ياپونلۇقلار ۋە ئاق تەنلىكلەرنىمۇ يۈتۈپ كېتىدۇ دەپ خاتىرجەم بولۇپ كەتكەن بولسا كېرەك.

بۇندىن يەنە يۈز يىل كېيىن، ئامېرىكا نوپۇسى بىر مىلياردقا كۆپىيەلەيدۇ ۋە بىزنىڭ نوپۇسىمىزنى ئىككى يېرىم ھەسسە قاتلىيالايدۇ. بۇندىن بۇرۇن مانجۇلارنىڭ خىتاي مىللىتىنى بويسۇندۇرالماسلىقىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ ئاران بىر مىليون نەچچە يۈزمىڭ كىشى بولغانلىقىدىن ئىدى. خىتايلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا سانلىرى ناھايىتى ئاز بولغانلىقى سەۋەبىدىن خىتايلار تەرىپىدىن يۈتۈۋېتىلگەن ئىدى. ئەگەر ئامېرىكا خىتاينى بويسۇندۇرىمەن دەپ قالسا، يۈز يىلدىن كېيىن ئون ئامېرىكالىققا پەقەت تۆت خىتاي تاقابىل تۇرۇشى كېرەك بولىدۇ ۋە خىتايلار ئامېرىكالىقلار تەرىپىدىن ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كېتىدۇ.

خىتاي دۇنيا بويىچە كېلىماتى ئەڭ ئىللىق، بايلىقلىرى ئەڭ مول بىر جاي بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ تېخى بىزنى يۈتۈۋالماسلىقىدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ نوپۇسىنىڭ خىتاي نوپۇسىغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا تولىمۇ ئاز بولغانلىقىدا. يۈز يىلدىن كېيىن، ئەگەر بىزنىڭ نوپۇسىمىز كۆپەيمەستىن، ئۇلارنىڭ نوپۇسى كۆپىيىپ بىزدىنمۇ ئېشىپ كەتسە، ئۇلار نوپۇس ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، چوقۇم خىتاينى يۈتۈۋالىدۇ. شۇ چاغدا خىتاي ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دۆلىتىنى يوقىتىپلا قالماي، خىتاي مىللىتىمۇ باشقا مىللەتلەر تەرىپىدىن ئازايتىلىپ، نەسلى قۇرۇپ كېتىدۇ. خۇددى بۇندىن بۇرۇن موڭغۇل ۋە مانجۇلار خىتاينى بويسۇندۇرغاندا ،ئاز سانلىق كۆپ سانلىقنى بويسۇندۇرۇپ، كۆپ ساندىكى خىتايلاردىن پايدىلىنىشنى ۋە ئۇلارنى قۇل قىلىشنى كۆزلىگەندەكلا. ئەگەر كۈچلۈك دۆلەتلەر خىتاينى بويسۇندۇرسا چوقۇم كۆپ سانلىق ئاز سانلىقنى بويسۇندۇرىدۇ ۋە ئۇلار بىزنى قۇل قىلمايدۇ. ۋاقتى كەلگەندە بىز خىتايلار ھەتتا قۇلمۇ بولالمايمىز.

خىتاي كومۇنىستلىرى ئورۇنلاشتۇرغان سۈن جۇڭشەن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 150 يىللىقىنى خاتېرىلەش يىغىنى، 2016-يىلى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top