«ئىنقىلابچى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن» – نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت ئۇيغۇر بالىسى
ئىنقىلابچى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن
نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت ئۇيغۇر بالىسى
نىيىتىمىز ماڭلىيىمىزدا، كەل ئوقۇ،
تۇرقىمىزدىن كۆرۈنۈرمۇ ھېچ قورقۇ؟!
كۆزىمىزدە نە رۇيا* بار، نە ئۇيقۇ،
ئەل يولىدا جاندىن كەچتۇق، ئاداشلار!
*
ئۇيغۇر ئوغلى قورققاق ئەمەس، ئەركەكتۇر،
ئەركەك ئولدۇر زالىملارنى سۈرمەكتۇر.
بىزنىڭ ئويلار دائىم ئالغا ماڭماقتۇر،
ئەل يولىدا جاندىن كەچتۇق، ئاداشلار!
*
بىزنىڭ ئەمەل ھەر ئەمەلدىن ئالىيدۇر،
پىكىر-ئويلار بۇزۇقلۇقتىن خالىيدۇر.
ئەمەل-مەسلەك ئازاتلىقنىڭ جانىدۇر،
مەسلەك ئۈچۈن جاندىن كەچتۇق، ئاداشلار!
*
مەقسىتىمىز ئازاتلىقنى بار ئېتىش،
ئىشچى قولىن ئازاتلىققا يار ئېتىش.
تەييارلارنى، ھورۇنلارنى خار ئېتىش،
ئەل يولىدا جاندىن كەچتۇق، ئاداشلار!
*
بىزنىڭ ئەمەل ئاشىقلارنىڭ جانانى،
بىزنىڭ ئەمەل ئىنسانلارنىڭ كامالى،
بىزنىڭ ئەمەل مەزلۇملارنىڭ قۇرئانى،
ئەل يولىدا جاندىن كەچتۇق، ئاداشلار!
*
ئەل يولىدا ئۆزدىن كەچتۇق، قۇربانمىز.
مەزلۇملارغا يول كۆرسەتكەن فۇرقانمىز.
ئۆلسەك، يۈتسەك ئۈشبۇ يولدا ئارمانسىز،
ئەل يولىدا ئۆزدىن كەچتۇق، ئاداشلار!
*
شەرق خوجاسى مىللەتلەرگە دۈشمەنمىز،
ئېنگىلىزمۇ، فىرانسۇزمۇ بىر تېگىز**.
كېڭەشلەرنىڭ روسىيەسىن دوست دەيمىز،
ئەل يولىدا جاندىن كەچتۇق، ئاداشلار!
*
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇدۇمىدا غەيرەت بار،
نېچۈن بولسۇن ئەل خورلۇققا سازاۋەر؟!
خورلۇقلاردىن ئاجرىتىشقا قارار بار،
ئۈشبۇ يولدا جاندىن كەچتۇق، ئاداشلار!
*
ئۇيغۇر ئوغلى ئۆز كۈچىگە ئىشىنەر،
بۇ خورلۇقلار، بۇ قۇللۇقلار تېز پۈتەر،
چەتتىن كەلگەن ئوتارچىلار*** ھەم كېتەر،
ئازات كۈنلەر يېقىنلاشتى، ئاداشلار!
*
يۆلەكچىمىز – قول كۈچىمىز، ئۆزىمىز،
ياردەم بەردى ئەقىل بىلەن پىكرىمىز.
ئازاتلىق دەپ ھەردەم ئالغا ماڭىمىز،
ئازاتلىقچۈن باشتىن كەچتۇق، ئاداشلار!
*
بىز ئول شەرق، ئەل يۇرتىمىز ئۇلۇغدۇر،
شەرق يۇرتى يات ئەللەرگە تولۇقتۇر.
بىزلەر جانلىق، ئەمدى ياتلار سۇلۇقتۇر،
ئازات كۈنلەر كېلىپ يەتتى، ئاداشلار.
مەنبە: «يورۇق ساھىللار»، نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت ئۇيغۇر بالىسى
تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر
*رۇيا – چۈش
**بىر تېگىز – ئوخشاش دېگەن مەنىدە
***ئوتارچى – كۆچمەن