You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن «مىللىي مەپكۇرە ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى

ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن «مىللىي مەپكۇرە ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى

ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تايانچ كۈچ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە ئۇيغۇر ئاكادېمىك، تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، دولقۇن ئەيسا، دوكتور مەغپىرەت كامال، دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، دوكتور شەۋكەت ناسىر ۋە ئابدۇلھەمىد قاراخان قاتارلىقلارنىڭ دەرس بېرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن 21 ئۇيغۇر ياش ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا «مىللىي مەپكۇرە ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

بۇ قېتىملىق كۇرسقا قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە، تەشكىلاتچىلىق، رەسمىي سورۇنلاردىكى ئەدەب-قائىدىلەر (پىروتوكول تەربىيەسى)، تۈركلەر ۋە تۈركىيەنى تونۇش، خىتاينىڭ ھەقىقىي ئىچ يۈزىنى تونۇشنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئەھمىيىتى، تاراتقۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئەھمىيىتى، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتلىرى، بىزنىڭ تەييارلىقىمىز ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۆرىشىدە بىرلىككە كېلىشكە تېگىشلىك مۇھىم نوقتىلار ھەم شۇنداقلا يەھۇدى، ھىندى، بوشناق ۋە كوسوۋا قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي كۆرەش يوللىرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تېمىلاردا دەرس ئالدى.

بۇ قېتىمقى كۇرستا 21 نەپەر ئوت يۈرەك ئۇيغۇر ياش شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەپكۇرەسى (ئىدىئولوگىيەسى) ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزدى. ھەم شۇنداقلا ھىندى، يەھۇدى، بوشناق ۋە كوسوۋالىق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە كۆرەش يوللىرىنى ئۆگەندى. بۇ پىداكار ياشلار كەلگۈسى مۇستەقىل ۋەتىنىمىزنىڭ قۇرۇلۇشىدا مەزمۇت ئۇل تاشلاردىن بولۇپ قالغۇسى.

2021-يىلى 4-يانۋار

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top