You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئۇزۇتۇش

ئۇزۇتۇش

ئۇزۇتۇش

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

نىھايەت ئەساندال ئەپەدىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئاخىر تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن خەۋەر يېتىپ كەلگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئون ئۈچ ياخشلىق مۇھەممەد رىزا بىلەن نىياز مەھمەد، ئۆمەر ۋە سېرجىدىن قاتارلىق ئۆسمۈرلەر ئۇدۇل تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلارنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن كابۇلدىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلار يىغىلغان ئىدى. بالىلارنىڭ سەبى كۆزلىرىنىڭ ئىچى خۇددى يېڭى يولغا چىققان يولچىلاردا بولىدىغان ھاياجان نۇرىغا تولغان ئىدى. بولۇپمۇ ئەمدى ئون ئۈچ ياشقا كىرگەن مۇھەممەد رىزا بىر ئاز جىددىلىشىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كۈتكەن كۈنى، سەۋر بىلەن ساقلىغان ۋاقتى دەل مانا بۈگۈن ئىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىدىكى پارلاق يولنىڭ باشلىنىش بېكىتى بولسا دەل مۇشۇ ئۈچ يىلدىن ئوشۇق ئولتۇرغان شۇ قورانىڭ ئارقىسىدىكى چوڭ دوقمۇشتى. ئۇ ھازىر ئۆزۈ ئىزچىل خىيال قىلغان كەلگۈسى بىلەن ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن كۈتكەن ئۈمىدى ئارىسىدا ھېچقانداق بىر تىركىشىشنىڭ يوقلىغىنى، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ ئارزۇسى كۆپچىلىكنىڭ، بولۇپمۇ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ روشەن تونۇپ يېتىپ، ھاياجانىدىن ئۆزىنى قويۇدىغان يەر تاپالمايلا قالغان ئىدى. ئۇ ئۆزۈ بىلەن خوشلىشىۋاتقان قىرىنداشلىرىنىڭ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەۋاتقان ۋىدا سۆزلىرىگە قۇلاق سالمايتتى.

ئۇنىڭ ئەس – ھوشى مۇھەممەد ئىمىن بۇغراغا قانداق تەشەككۇر بىلدۇرۇشتە، ئۆز ھېس- تۇيغۇلىرىنى ئۇنىڭغا قانداق ئىپادىلەشتە قالغان ئىدى. ئۇ ئۆزىگە ئۇزۇنغىچە قاراپ تۇرغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئالدىغا قوچاق ئېچىپ، يۇگرەپ كېلىپ، بۇ ھاياتنىڭ يېڭى ئۇپۇق يوللىرىنى كۆرسەتكەن ئاتا سۈپەت شەپقەتچىسىنى چىڭگىدە قۇچاقلىدى. ئۇ شۇنداق بىر قۇچاقلىدىكى ئۇنىڭ ئاچقان قۇشىقىغا دۇنيادىكى بارلىق ئۆسمۈر بالىلاردا بولىدىغان بالىلىق مېھرىنىڭ ھەممىسى مۇجەسسەملەنگەن ئىدى. ئۇنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرىنىڭ ئىچىنى ئەمدى نېپىز بىر ياش پەردىسى قاپلىغانتى. ئاخىرى ئۇنىڭ پاك يۈرىكىدىن ئىتىلىپ چىققان ھىجران ياشلىرى ئۇ پەردىنى يېرتىپ تاشلاپ، سەبى يۈزىگە تاراملاپ چۈشتى. ئۇنىڭ يۇمراق ئاق تېرىسى ئۈستىگە تۆكۈلگەن ياش تامچىلىرى خۇددى ئەسىرلەر بويى سەدەپنىڭ ئىچىدە تىزىلىپ ياتقان ئۇنچىلەرنىڭ بىردىنلا سەدەپنىڭ ئىچىلىشى بىلەن تەڭ ئاپاق بىر يىپەكنىڭ ئۈستىگە شۇرۇلداپ تۆكۇلگىنىدەك، قۇياش نۇرىدا شۇنچىلىك جۇلالىنىپ كەتتى. بۇ يالتىراق ئۇنچىللەر خوشاللىق، ھاياجانغا تولغان كىچىك بىر يۈرەكنىڭ ۋىدا ھەدىيەسى ئىدى. ھەي، ئىنساننىڭ قەلبى ئاجايىپ بىر نەرسە ئىكەن؟ ئۆز ۋاقتىدا كابۇلغا كېلىپ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن كۆرۈشۈپ، ۋىسالغا يەتكەن چاغدا، ھېچ ئايرىلمايدىغاندەك شۇنچىلىك خوشنۇت، شۇنچىلىك ھاياجانغا تولغان بۇ يۈرەك، مانا بۈگۈن ئايرىلىپ،ۋىدالىشىۋاتقاندىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق خوشنۇت، شۇنچىلىك ھاياجانغا تولغان ئىدى. دېمەك يولدىن كېلىش بىلەن يولغا چىقىش مەزگىلدىكى ئادەمنىڭ يۈرەكىدىكى ھېس-تۇيغۇلار ئاراسىدا پەرق چوڭ ئەمەس. چۈنكى كەلگەن يول بىلەن كەتكەن يول ئوخشاش بىر يول بولۇپ، ھەممىسى ھەقىقەتكە تۇتاشقان.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئۆزىگە ئېسىلىپ تۇرغان مۇھەممەد رىزانىڭ باشلىرىنى ئاتىلىق مېھرى بىلەن سىلاپ ۋە ئەتراپىدىكى يولغا چىقىشقا تەلمۇرۇپ تۇرغان بالىلارغا قاراپ تۇرۇپ «سېلەر ئۆزۈڭلارنى سەل چاغلىماڭلار يىگىتلەر، سېلەر مىللىتىمىزنىڭ كېلەچىگى، كەلگۇسىدە قۇرۇلىدىغان دۆلىتىمىزنىڭ ۋۇل تاشلىرى. سېلەر تۈركىيەگە ئوينىغىلى ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس بىر ۋەزىپىنى ئۈستۈڭلارغا ئېلىش ئۈچۈن يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرۋاتىسىلەر. سېلەر ئۇ يەرگە بارغاندا بەزىڭلار تىببىي بىلىملەرنى ئۆگەنسەڭلار، بەزىڭلار ھەربىي بىلىملەرنى ئۆگىنىسىلەر، بەزىڭلار بولسا مۇھەددىسلىك بىلىلەرنى ئىگىلەيسىلەر. سېلەر مۇشۇ زامانغا لايىق ئىلىمگە ئىگە بولۇش، زامانغا لايىق ئادەم بولماق ئۈچۈن ۋە كەلگۇسىدە ئانا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانىڭ ئازاتلىقى، تەرەققىيات قۇرۇلىشى ئۈچۈن جەسسۇر بىر جەڭچى بولۇش ئۈچۈن كېتىۋاتىسىلەر. سېلەر زامانغا ماس بىر تەپەككۈر ئۇسۇلى بىلەن ئۆزۈڭلارنى تەربىيەلەپ، چوقۇم ئانا يۇرتۇڭلارغا قايتىسىلەر. شۇڭا ئۇ يەردە تىرىشىپ ھەر ساھەدىكى بىلىملەرنى ئىگىلەش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزۈڭلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى تاۋلايسىلەر. سېلەرنىڭ بۇ يوللىڭلار مۇقەددەسس يولدۇر! شۇڭا بۈگۈن ھەممىمىزنىڭ يىغلايدىغان كۈنى ئەمەس، بەلكى خوشاللىق ئىچىدە خوشلۇشىدىغان كۈنىدۇر. ئارزۇيىمىز پەقەت ۋە پەقەتلا سېلەرنى ۋەتەن ئەۋلاتلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىلدۇرىدىغان مائارىپ يولىغا ئۇزۇتماقتۇر. ھەممىڭلارنىڭ يولى ئوچۇق بولسۇن! سېلەرنى بىرىنچى ئاللاغا، ئىككىنچى تۈركىيە خەلقىغە تاپشۇردۇق!»

بالىلار چۈشكەن ماشىنا چوڭ كوچىدىن چاڭ چىقىرىپ ئاستا-ئاستا ئۇزاقلاشتى. ئۇلار ئۆتمۇشىدىكى بارلىق كەچمىشلىرىنى مۇشۇ يەرگە قويۇپ قويۇپ، يېڭى بىر يولغا، يېڭى بىر ھاياتقا ئاتلانغان ئىدى.ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا قالغان ئۇرۇق-تۇققانلىرى كۆز ياشلىرىنى سۇرتۇپ، چاڭ-توزان باسقان كوچىدىن ھېچ ئايرىلماي، بەزىلەر قوللىرىنى پىلاڭلاتسا، بەزىلەر قوللىرنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ، ماشىننىڭ قارىسى يوقۇلۇپ، تاكى قارا چىكىت بولۇپ كۆرۈمىگىچە ساقلىدى، ئاخىرى ئاستا-ئاستا بىر ئىككىدىن بولۇپ تاراشتى. ئەمما قورانىڭ ئارقا باغچىسىدىكى دەرەخلەردىن سارغىيىپ تۆكۈلگەن ياپراقلار بولسا، كۈزنىڭ شامىلىنى ئات ئېتىپ قارا ماشىننىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ چىپىۋاتاتتى. ماشىنا ئۆزلىرىگە تونۇش بولگاھن جايلاردىن يىراقلىشىپ، ياد يوللاردا كېتىۋاتقاندا بالىلارنىڭ كۆڭۈللىرى ئەمدى يېرىم بولۇشقا باشلىغان ئىدى. ئۇلارنى ئۆز ئاتا-ئانىلىرىدىن، ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن كىچىك تۇرۇپلا ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلغان بۇ غايە ئەمدى ئۇلارنى ئازاپلاشقا باشلىغان ئىدى. ئۇلار يىراقلاردا كۆرۈنىپ تۇرغان تاغلارغا قاراپ كىچىك تۇرۇپلا ئايرىلغان ئاشۇ ئانا ۋەتىنىنى ئەسكە ئالدى. ئەمدى ئۇلار ۋەتەندىن تېخىمۇ يىراقلارغا قاراپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ كىچىك قەلبىنى بىر-بىرىگە مۇستەھكەم باغلىغان ئانا يۇرت مېھرى ئىدى. ئۇلاردىكى مۇھەببەت شۇ ئانا تۇپراقنىڭ باقى مېھرىدىن كەلگەن ئۇزۇلمەس رىشتە ئىدى. ئۇلار ئەمدى كىچىك بالا ئەمەس، بەلكى ئۆز ئىشلىرىنى ئۆزۈ قىلىدىغان، ئۆزلىرىنىڭ كېلەچىگى ئۈچۈن ئۆزلىرى قارار ئالدىغان كىچىك تۇرۇپلا چوڭ بولغان ئەسكەرلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ھاياتتىكى بارلىق خوشاللىقلىرى بىلەن قايغۇلىرى مانا مۇشۇ سەپەر بىلەن تەڭلا باشلىنىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار بىر كۆككە، بىر ئارقىدا قىلىۋاتقان يوللارغا قاراپ، بىر-بىرلىرىنىڭ ياش يۇقا يۈزلىرىگە قاراپ بېقىشتى. ئەمدى ئۇلار بىر-بىرىگە ھەممرا، بىر-بىرىگە يولداش ئىدى. ماڭغان يولىدىن ئازماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بۇ دوستلۇقى مەڭگۈگە باقى ئىدى. چۈنكى بالىلىق ئىنساننىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە ئەڭ يىقىن يارقىن بىر مەزگىل بولۇپ، بالىلىقتىكى دوستلۇق، بالىلىقتىكى يولچۇلۇق ئىنسانغا مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرىدىغان ئاجايىپ تارىخ.

مەنبە: “يول” ناملىق تارىخىي روماننىڭ “ۋەتەن ھەسرىتى” ناملىق بابىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top