چىڭگىزخاننىڭ ئىككى نەۋرىسى مۆڭكۈخان ۋە ھىلاكۇخان
سايرام ئوغلانى
تەھرىرلىگۈچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئەھمەد سۇلۇق
مۇقەددىمە: مۆڭكۈ بىلەن ھىلاكۇ ئوخشاشلا چىڭگىزخاننىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى تولۇيدىن تۇغۇلغان ئىككى ئامراق نەۋرىسى بولۇپ، مۆڭكۈ دەل ئۇيغۇر ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىن چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلىش ھارپىسىدا، يەنى 1209-يىلى 11-يانۋار قاراقۇرۇمدا تۇغۇلغان. شۇڭىمىكىن تاڭ، ئۇنىڭ دەۋرىدە مەركىزىي ئاسىيادا پەقەت ئۇيغۇر ئىدىقۇتلۇقىلا يەنىلا مۇستەقىل پېتى گۈللىنىشكە ئېرىشكەن. بۇ چاغدا ئاسىيادا موڭغۇللار تەسىرى ئاستىداقالغان ئەللەرنىڭ ھەممىسى بېقىندى ئەللەر ئىدى. پەقەت مۇشۇ ئۇيغۇر ئىدىقۇتلۇقىلا چىڭگىزخاننىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن مۇستەقىل پېتى راۋاجلىنالىغان. ھەتتا ئۇنىڭ ئۆمرى بارچە موڭغۇل سۇلالىلىرىدىن ئۇزۇن بولغان. مۆڭكۈخان تاغىسى باتۇخاننىڭ بىۋاستە قوللىشدا 1251-يىلى 1-ئىيۇل موڭغۇللارنىڭ چوڭ قاغانى بولغان. شۇڭا ئۇ ئۆمۈر بويى باتۇخانغا قاتتىق ھۆرمەت كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ بىر ئېغىز تەلىپىنىمۇ يەردە قويمىغان. مۆڭكۈنىڭ يەنە ئۈچ قېرىندىشى بار بولۇپ، ئۇلار ئارىق بۇقا، قۇبلاي ۋە ھىلاكۇ ئىدى. ئۇلارمۇ باتۇخانغا خۇددى ئاكىسىدەكلا ھۆرمەت قىلغان. مۆڭكۈخان 1259-يىلى 11-ئاۋغۇستتا ھازىرقى يۈننەندىكى دالى دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇشتا ئوق تېگىپ ئۆلگەن.
ھىلاكۇ بولسا مۆڭكۈنىڭ ئىنىسى بولۇپ، ئۇ 1217-يىلى بوۋىسى چىڭگىزخان جۇرجىتلارنى مەغلۇپ قىلىپ، خانبالىقنى بېسىۋالغان چاغدا بۇرھان تاغدا تۇغۇلغان. ئاكىسى قاغان بولۇپلا، ھىلاكۇنى ئىران ۋە غەربىي ئاسىيانىڭ خوجايىنى قىلىپ تەيىنلىگەن. ھىلاكۇ 1255-يىلى ئىلخانىلار خانلىقىنى قۇرغان. 1256-يىلى دېكابىردا ئالامۇت قەلئەسىنى تۈزلىۋېتىپ، 1258-يىلى 8-فېۋرال باغداتنى ئىشغال قىلىپ، 505 يىللىق ئابباسىيلار سۇلالىسىنى يوقاتقان. 1260-يىلى مىسىرنىمۇ قوشۇۋالاي دېگەندە ئاكىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلگەن. ئۇ شۇ كەتكەنچە قايتا بېسىپ كېلەلمەي، 1265-يىلى 8-فېۋرال تەبرىزدە دەرت تارتىپ ئۆلگەن. ئۇنىڭ ئەرەبلەردە قالدۇرغان ۋەھىمىسى بوۋىسى چىڭگىزخاندىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن.
1. چىڭگىزخان ۋە ئۆگەدەيخان دەۋرىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت
1218-يىلى چىڭگىزخان(1162-1227 – يىللار) غەربكە يۈرۈش قىلغۇچى باش سانغۇن جەبە نوياننى 20 مىڭ ئەسكەر بىلەن كۈچلۈككە جازا يۈرۈشى قىلىشقا ئەۋەتكەندە، قۇچۇ ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىن (1208-1235) مۇ بۇ يۈرۈشكە ئاۋاز قوشۇپ پۈتۈن قاراخانىلار تەۋەسىنى ئىشغال قىلىپ تۇرغان كۈچلۈكنى ئۆلتۈردى. ئاندىن دىنىي ئەركىنلىك جاكارلاپ، ئاۋامنىڭ كۆڭلىنى تىندۇردى. ئارقىدىنلا چىڭگىزخان 1219-يىلى ئۆزى بىۋاستە 200 مىڭ موڭغۇل ئەسكىرىنى باشلاپ كېلىپ، مەركىزىي ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمىنىمۇ ئۆز قولىغا ئالدى. شۇنىڭ بىلەن ئەينى چاغدا چىڭگىزخاننىڭ ياخشىلىقىنى كۆرگەن، ئۇنىڭ ياردىمىدە قايتىدىن قەددىنى رۇسلىۋالغان بىردىنبىر تۈركىي مىللەت يەنىلا ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى ۋە قاراخانىلار قاغانلىقىنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار بولۇپ قالدى. ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان پالاكەتلەرگە سۈكۈت قىلغان، ھەتتا كۈچلۈك بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھەر ئىككى قاراخانىلارنى يوقاتقان خارەزىم خانلىقى (1097-1221) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىسلام دۇنياسى موڭغۇللارنىڭ تۆمۈر تاپانلىرى ئاستىدا دەسسەپ چەيلىنىپ، ساناقسىز ئاھالىلەر قارا ياغاچتەك قىرىلىپ كەتتى.
ھەممىگە مەلۇمكى، چىڭگىزخان 1221-يىلى خارەزىم شاھلىقىنى يوقىتىپ، دەشتى قىپچاقتىكى كۆچمەن قەۋملەرگە ھۇجۇم قىلغان. موڭغۇل قوشۇنى 1223-يىلى ئىيۇندا ئورۇسلارنى تۇنجى قېتىم مەغلۇپ قىلغان.
1223-يىلى 31-ماي جەبە بىلەن سۇبوتاي باشچىلىق قىلغان قوشۇن ئورۇس-قىپچاق بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن كالكا دەرياسى بويىدا جەڭ قىلغان. چىڭگىزخان 1221-يىلى خارەزىم خانلىقىنىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئىككى يىل ئۇدا قوغلاپ زەربە بېرىپ، شاھزادە جالالىددىننى ھىندىستانغا، قالدۇق قوشۇنلارنى ئىرانغا، قىپچاق قەبىلىلىرىنى قارا دېڭىز بويلىرىغا قېچىشقا مەجبۇرلىغان. ئىككى نويان دەشتى قىپچاقنى كېسىپ ئۆتۈپ قىپچاق بەگلىرىگە ھوجۇم قىلىشقا كەلگەندە بىزدىنلا ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرغان ئورۇس-قىپچاق بىرلەشمە ئارمىيىسىگە دۇچ كەلگەن. ئەمما زىرەك موڭغۇللار ئارىسىدىكى تۈركىي چەۋەندازلار ۋە كاماندازلارغا تايىنىپ ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. 1224-يىلى چىڭگىزخان قايتىپ كېتىشنى قارار قىلغاچقا، موڭغۇل قوشۇنى ۋاختىنچە ياۋروپاغا بېسىپ كىرمىگەن. كېيىنچە چىڭگىزخاننىڭ چوڭ نەۋرىسى باتۇخان 1236-يىلى ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى قۇرۇپ غەرپكە يۈرۈش قىلغاندا تۇنجى ئورۇس خانلىقى 1240-يىلى يوق قىلغان. 1241-يىلى پۈتۈن ياۋروپا ۋەھىمىدە قالغان.
1227-يىلى ئاۋغۇستتا چىڭگىزخان ئۆلدى. ئىمپىرىيە خەۋپتە قالدى. 1229-يىلى ئۇنىڭ ئەڭ چىۋەر ۋە دانا ئوغلى ئۆگەدەيخان تەختكە چىقتى. ئۇ تېزلا جۇچى جەمەتى بىلەن چاغاتاي جەمەتىنى ياراشتۇرۇپ، جۇچى جەمەتىنى ياۋروپانى بويسۇندۇرۇشقا، تولۇي جەمەتىنى خىتاينى ۋە ئىسلام دۇنياسىنى بويسۇندۇرۇشقا ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ جەمەتىنى موڭغۇلىيەدىكى مەركەزنى ساقلاشتا قويۇپ، ئاكىسى چاغاتاي ۋە ئۇنىڭ خانلىقىنى غەرپكە يۈرۈش قىلغان ئىككى جەمەتنىڭ ئارقا سەپ بازىسى قىلىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ موڭغۇللار قايتىدىن ئۆزىنى تەرتىپكە سېلىۋېلىپلا ئۇرۇش باشلىدى.
1229-يىلى موڭغۇللار يېڭىدىن قايتا تىرىلگەن خارەزمشاھ ئوغلى جالالىددىننى ئىراندىن قوغلاپ چىقىرىپ، ھازىرقى ئىراقنىڭ شىمالى، ئەزەربەيجان ۋە كۇردىستانغا سۈرۈۋەتكەن. بىراق موڭغۇللار 1230-يىلى شىمالىخىتاينى بېسىپ ياتقان جۇرجىت ئالتۇن خانلىقى (1124-1236) غا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم باشلىغاچقا، جالالىددىن تەبرىزدە قايتا تىرىلىپ، ئاناتولىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى سالجۇقىلار خانلىقى (1087-يىلى سالجۇقنىڭ چەۋرىسى داۋۇد مەلىك شاھنىڭ قوللىشى بىلەن قۇرۇپ چىققان. 1242-يىلى ھىلاكۇخانغا قاراشلىق قورچاقئەلگە ئايلانغان . 1309-يىلى پۈتۈنلەي يوقالغان)نىڭ سۇلتانى ئالائىددىن كەيقۇبات ( 1220-1237-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) بىلەن ئەييۇبىلار سۇلالىسى(1187-1250)نىڭ ئاتامانلىرىغا موڭغۇللارغا بىرلىشىپقارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئەلچى ئەۋەتىپ كۆرگەن. لېكىن كۆڭۈلدىكىدەك جاۋاپ ئالالماي، ئۇلارغا قاراشلىق جايلارغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغان. ھەتتا 1230-يىلدىكى يەسسى چىمەن ئۇرۇشىدا سالجۇقىلارنى مۇنقەرز قىلاي دەپ قالغان. ھالقىلىق پەيتتە بۇ يەرگە بەش يىل بۇرۇن كۆچۈپ كەلگەن تۈركمەنلەر، جۈملىدىن ئەرتوغرۇل بىلەن قەبىلىسى بۇ ئۇرۇشتا سۇلتاننى قوللاپ ئۇرۇشۇپ، ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالغان. (بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇ ھازىرقى «سۆگۈت» نى مەركەز قىلغان ۋىزانتىيە چېگرىسىغا بەگ قىلىپ تەيىنلەنگەن. كېيىنچە ئەرتوغرۇل ئىزچىل ھالدائىلخانىلارغا قاراشلىق قورچاق سالجۇقىلار دۆلىتىگە بىر ئۆمۈر ساداقەتمەن بولغان. ئوغلى ئوسمان بىر مەزگىل بۇ خىل ساداقەتنى داۋام قىلىپ، 1295-يىلى ئىلخانىلار خانى غازانخان دۆلەت بويىچە ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن، پۇرسەت كەلدى دەپ قاراپ، 1299-يىلدىن باشلاپ غازانخانغام قاراشلىق قورچاق سالجۇق ئېلىدىن يۈز ئۆرىگەن. كېيىنچە ئىلخانىلار 1309-يىلى كونيانى ئىشغال قىلىپ، قورچاق سالجۇق خانلىقىنى بىۋاستە باشقۇرۇشنى يولغا قويغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ 1329-يىلى ئەبۇسەئىدخان تەرىپىدىن ئاناتولىيە باش ۋالىيسى قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇر سانغۇن ئالائىددىن ئەرەتنا 1335-يىلىئاناتولىيەدە سالجۇقلاردىن كېيىن، ئوسمانىلاردىن بۇرۇنقى تۇنجى دۆلەتنى قۇرغاندىن كېيىن، ئوسماننىڭ ئوغلىئورخان خاتىرجەم ھالدا مەرمەرە دېڭىزىنىڭ شەرقىدىن غەربىگە كېڭىيىشكە باشلىغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر سەركەردە ئالائىددىن ئەرەتنا موڭغۇللارنىڭ ئاناتولىيەدىكى شانلىق سەلتەنەتىنى يوق قىلىپ، ئوسمانىلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئۈچۈن ئالدىنئالا غايەت زور ئاساس سالغان).
مەغلۇپ بولغان جالالىددىن كۇردىستانغا چېكىنىپ، بارلىق قوشۇننى ئارام ئېلىشقا قويۇۋەتكەن. بۇنى پۇرسەتبىلگەن 1230-يىلدىكى ئاخلات قورشاۋىدا بىر قىسىم قەدىردانلىرى ھالاك بولغان ئىنتىقامچى كۇردلار ئۇنىكۇردىستان تاغلىرىدا قورشاپ يوقاتقان. 1231-يىلى ئۆكتەبىر جالالىددىن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، موڭغۇللاربەش يىل ئارام تېپىپ، ئامۇ دەرياسى بويىدىكى غول كۈچىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ئەۋەتىپ، 1236-يىلى ئالتۇنخانلىقىنى يوقىتىپ، موڭغۇل خەلقىنىڭ يۈز يىللىق ئىنتىقامىنى ئالغان. ئاندىن جىددىي قۇرۇلتاي ئېچىپ، تۇنجىقېتىملىق غەرپكە يۈرۈش قىلىشنى باشلىغان. بۇ يۈرۈشكە ئۇنىڭ جىيەنى، چىڭگىزخاننىڭ ئەڭ چوڭ نەۋرىسىباتۇخان باشچىلىق قىلغان. 1237-يىلى ئۇرال تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتكەن موڭغۇللار 1239-يىلى شەرقىيياۋروپادىكى بارلىق ئورۇس كېنەزلىكلىرى ۋە قىرىم يېرىم ئارىلىنى ئىگىلىگەن. 1240-يىلى كېيىۋ ئورۇسخانلىقى مۇنقەرز بولغان. 1241-يىلى پۈتۈن شەرقىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكى ئىشغال قىلىنىپ، قوشۇن ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنۈپ، بىر قىسمى شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىگە، يەنە بىر قىسمى باتۇخان باشچىلىقىدا ۋېنگىرىيە ۋەسېربىيەگە، ئاخىرقى زەربىدار ئەترەت پولشا-گېرمان چېگرىسىغا قىستاپ كەلگەن. 1241-يىلى 11-دېكابىرۋاپات بولغان ئۆگەدەيخاننىڭ خەۋىرى 1242-يىلى ئاپرىلدا ئاران يېتىپ كەلگەن.
1241-يىلى 9-ئاپرىل تاتار ۋە ئۇيغۇرلارنى تۇرشاۋۇل قىلغان موڭغۇل قوشۇنى باغدار نوياننىڭ باشچىلىقىدا داڭلىق ھېنرى باشچىلىقىدىكى پولشا-گېرمان بىرلەشمە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، غەربىي ياۋروپاغا كىرىشتىكى توسالغۇنى سۈپۈرۈپ تاشلىغان. غەزەپلەنگەن كاتولىك دۇنياسى موڭغۇللارغا ئەل بولغان ئورۇسلارنى باش جىنايەتچى، موڭغۇللارنى كاتولىك دۇنياسىغا باشلاپ كەلگەن مىللىي مۇناپىقلار دەپ قاراپ، گېرمان ئەھلى سەلپ ئارمىيىسى قۇرۇپ، ئورتودوكۇس مەزھىپىدىكى ئورۇسلارغا دىنىي ئۇرۇش قوزغىغان. بىراق 1242-يىلى مۇز كۆل ئۈستىدە ئورۇس كىنەزى ئىسكەندەر ياروسلاۋ ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي قاغان ئۆگەدەيخاننىڭ ئۆلۈم خەۋىرى تۈپەيلى، باتۇخان غەربكە يۈرۈش قىلغان ئارمىيىسىنى قايتۇرۇپ كەتكەن. يۇقىرىقى ئىسكەندەرنىڭ غەلىبىسىمۇ باتۇخاننى چېكىنىش قارارى بېرىشىگە تەسىركۆرسەتكەن. چۈنكى ئەگەر ئىسكەندەر خائىنلىق قىلىپ، ئېتىل ۋە ئۇرالنى بېسىۋالسا، موڭغۇل قوشۇنىنىڭ شەرقبىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئارقا سەپ تەمىناتى ئۈزۈلۈپ قالاتتى. شۇڭا باتۇخان تېزلىكتە ئۇرال ۋە ئېتىل بويىغاقايتىپ كېلىپ، بارلىق ئىستراتېگىيىلىك جايلارغا ئەسكەر قويغان. ئەپسۇس، ئۇنىڭغا قايتا غەرپكە يۈرۈش قىلىشپۇرسىتى نېسىپ بولمىغان. بەلكى ئۇنىڭ جىيەنى ھىلاكۇخان ئاكىسى مۆڭكۈخاننىڭ قوللىشى بىلەن شامان دىنىغائېتىقاد قىلىدىغان موڭغۇللاردىن قان ئىچەر قوشۇن تەشكىللەپ، ئىسلام دۇنياسىغا يۈرۈش قىلغان. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتىكى قاراخانىلار ۋە خارەزمشاھلارنىڭ تەۋەسىدىكى مۇسۇلمان جەڭگىۋارلار موڭغۇل قوشۇنىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئۇلار ھەم دىنىي ھەم مىللىي قېرىنداشلىرىغا ئۇرۇش ئېچىشقا قارشى ئىدى.
بۇ چاغدا موڭغۇللار غەربىي ياۋروپا بىرلەشمە ئارمىيىسىنى تارمار قىلىپ، گېرمانىيەگە قاراپ ئىلگىرىلەش ئالدىداتۇراتتى. دەل مۇشۇ پەيتتە ئورۇس كېنەزى ياروسلاۋ ئىسكەندەرنىڭ مۇز كۆل ئۈستىدە گېرمان ئەھلى سەلىپ قوشۇنىنى تارمار قىلغانلىق خەۋىرى كەلگەن. ئۆگەدەينىڭ ئورنىغا قاغان سايلاش، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسكەندەرنىڭ ئۇرال – ئېدىل يولىنى قامال قىلىپ، موڭغۇللارنىڭ چېكىنىش يولىنى ئۈزۈۋېتىشىدىن ئەنسىرىگەن باتۇخانيۈرۈشنى توختىتىپ، ئىگىلىگەن جايلارغا ئەڭ ئىشەنچىلىك ۋە سادىق ئادەملىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەپ، دەرھال قاراقۇرۇمغا قايتقان.
ئۇلار 1243-يىلى قاراقۇرۇمغا يېتىپ كەلگەندە ۋەزىيەتنى ئۆگەدەينىڭ خوتۇنى تۈركىنا خاتۇن تىزگىنلىۋالغان بولۇپ، باتۇخان ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئۈچ يىلدەك ئۇنىڭغا يول قويغان. ئاخىرى نۇرغۇن تالاش-تارتىشلارئارقىلىق ئۆگەدەينىڭ ئوغلى كۆيۈكخان قاغانلىققا سايلانغان. بىراق گۆدەك قاغان تاغىسى باتۇخاننى يوقىتىش كويىغا چۈشۈپ، ئۇرالغا يۈرۈش قىلغاندا، يول ئۈستىدە چۆچەككە يېقىن بىر جايدا ئۆلۈپ كەتكەن. نەتىجىدەھاكىمىيەتنى ئۇنىڭ خوتۇنى ئوغۇل قايمىش ئىگىلىۋالغان. غەزەپلەنگەن باتۇخان باشقا جىيەنلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، تەختنى ئۆگەدەي جەمەتى قولىدىن تولۇي جەمەتىگە ئېلىپ بەرگەن.
2. مۆڭكۈخان دەۋرىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت
1209-يىلى 11-يانۋار چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى مۆڭكۈ تۇغۇلغان. ئۇ تۆمۈرچىننىڭ كىچىك ئوغلى تولۇينىڭچوڭ ئوغلى ئىدى. 1227-يىلى 17-ئاۋغۇست چىڭگىزخان تۇيۇقسىز ئۆلگەندىن كېيىن، موڭغۇللار ئىككى يىلدەك چوڭ قاغان سايلاپ بولالماي، ئاخىرى 1229-يىلى 3-ئوغۇل ئۆگەدەينى قاغان قىلىپ سايلىغان. ئۆگەدەيخان ئالدى بىلەن ئىران ۋە ئەزەربەيجاندا قايتا تىرىلگەن خارازمشاھ جالالىدىن مۇھەممەدنى 1230-يىلى يوقىتىپ، ئاندىن پۈتۈن كۈچى بىلەن شىمالىي خىتاينى بېسىپ ياتقان جۇرجىتلارنىڭ ئالتۇن خانلىقىنى 1236-يىلى مۇنقەرز قىلغان. ئاندىن جىددىي قۇرۇلتاي ئېچىپ، تۇنجى قېتىملىق غەرپكە يۈرۈش قىلىشنى باشلىغان. بۇيۈرۈشكە ئۇنىڭ جىيەنى، چىڭگىزخاننىڭ ئەڭ چوڭ نەۋرىسى باتۇخان باشچىلىق قىلغان. 1237-يىلى ئۇرال تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتكەن موڭغۇللار 1239-يىلى شەرقىي ياۋروپادىكى بارلىق ئورۇس كېنەزلىكلىرى ۋە قىرىم يېرىم ئارىلىنى ئىگىلىگەن. 1240-يىلى كېيىۋ ئورۇس خانلىقى مۇنقەرز بولغان. 1241-يىلى پۈتۈن شەرقىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكى ئىشغال قىلىنىپ، قوشۇن ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنۈپ، بىر قىسمى شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىگە، يەنەبىر قىسمى باتۇخان باشچىلىقىدا ۋېنگىرىيە ۋە سېربىيەگە، ئاخىرقى زەربىدار ئەترەت پولشا-گېرمانچېگرىسىغا قىستاپ كەلگەن. 1241-يىلى 11-دېكابىر ۋاپات بولغان ئۆگەدەيخاننىڭ خەۋىرى 1242-يىلى ئاپرىلدا ئاران يېتىپ كەلگەن.
باتۇخاننىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن مۆڭكۈ 1251-يىلى 1-ئىيۇل موڭغۇللارنىڭ چوڭ قاغانى بولغان. شۇڭا ئۇ ئۆمۈر بويى باتۇخانغا قاتتىق ھۆرمەت كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ بىر ئېغىز تەلىپىنىمۇ يەردە قويمىغان. مۆڭكۈنىڭ يەنە ئۈچ قېرىندىشى بار بولۇپ، ئۇلار ئارىق بۇقا، قۇبلاي ۋە ھىلاكۇ ئىدى. ئۇلارمۇ باتۇخانغا خۇددى ئاكىسىدەكلا ھۆرمەت قىلغان.
مۆڭكۈخان 1252-يىلى قۇچۇ ئۇيغۇر ئىدىقۇتىنىڭ بىر كېچىدىلا بارلىق مۇسۇلمانلارنى قىرىپ تاشلاپ ئىسيان كۆتۈرۈش سۇيقەستىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئادەم ئەۋەتىپ ئىدىقۇتنى ئۆلتۈرۈپ، ئورنىغا باشقا بىر ئۇيغۇر تۆرىنى ئىدىقۇت قىلىپ تەيىنلىگەن. ئاندىن كېيىن ئىنىسى ھىلاكۇنى ئىسلام دۇنياسىنى بويسۇندۇرۇشقا بۇيرۇق قىلغان. بىراق باتۇخان مۇسۇلامان بولغان ئىنىسى بەركەخاننىڭ تەلىپى بىلەن مۆڭكۈخاننى توختىتىپ قويغان. شۇنداق قىلىپ 1253-يىلى ئىسلام دۇنياسى بىر مەزگىل غايەت زور بالا-قازادىن قۇتۇلۇپ قالغان. تولىمۇ ئەپسۇس، باتۇخان 1255-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىنىسى بەركە ئالتۇن ئوردا خانى بولغان. گەرچە ئۇ ھىلاكۇنى ئىزچىل ئابباسىيلارغا ۋە ئىسلام دۇنياسىغا چېقىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرسىمۇ، لېكىن ھىلاكۇ ئاكىسى مۆڭكۈخاننى قايىل قىلىپ، 1255-يىلىلا ئىسلام دۇنياسىغا قارشى قوشۇن تارتقان. باتۇخاننىڭ ئەكسىچە ھىلاكۇ بۇ قېتىمقى موڭغۇل قوشۇنىنى پەقەتلا شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان موڭغۇللاردىن تەييارلىغان. چۈنكى مۇسۇلمان ئەسكەرلەردىن قوشۇن تەييارلىسا، ئۇلارنىڭ چاتاق چىقىرىپ قويۇشىدىن، ھەتتائۆزىگە قارشى قىلىچ تەڭلىشىدىن قورققان.
قانخور ھىلاكۇ 1256-يىلى 16-دېكابىر ئىسلام دۇنياسىغا 166 يىل ۋەھىمە سالغان ئالامۇت قەلئەسىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن. 1257-يىلى باغدات ئەتراپىدىكى جايلارنى تولۇق ئىگىلەپ، ئالتە ئايلىق پۇختا تەييارلىقتىن كېيىن 1258-يىلى 5-فېۋرال باغداتنى ئىشغال قىلىپ، 505 يىللىق ئابباسىيلار سۇلالىسىنى يوقاتقان ** . 1259-يىلى سۈرىيە ۋە مىسىرغا يۈرۈش قىلىپ، 1260-يىلى يانۋاردا دەمەشىقنى ئىشغال قىلىپ تۇرغاندا ئاكىسى مۆڭكۈخاننىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلگەن.
مۆڭكۈخان ئەزەلدىن مۇستەقىل ھالدا داۋام قىلىۋاتقان دالى (ھازىرقى يۈننەن) دۆلىتىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇرۇشۇۋاتقاندا دايۈشەن تېغىدا زەھەرلىك ئوق تېگىپ كېتىپ 1259-يىلى 11-ئاۋغۇست قازا قىلغان ئىدى. ھىلاكۇ دەرھال 160 مىڭ سەر خىل قىسمىنى باشلاپ قاغان سايلاش ئۈچۈن قايتىپ كەتكەن. 40 مىڭ جەڭگىۋار قىسمىنى نايمان ئۇرۇقىدىن كېلىپ چىققان كىتبۇقا نويانغا تاپشۇرۇپ، دەمەشىقتە مۇداپىئەدەقالدۇرغان. بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان مىسىر تۈرك مەملۇكىلار خانلىقى ئالدىن قول سېلىپ، پەلەستىندە 1260-يىلى سېنتەبىردە موڭغۇللارنى مەغلۇپ قىلغان.
3. موڭغۇللارنىڭ تۇنجى ئېغىر مەغلۇبىيىتى
ھىلاكۇخان مىسىرغا يۈرۈش قىلاي دېگەندە، ئاكىسى مۆڭكۈخاننىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى دايۈشەن تېغىدا 1259-يىلى ئاۋغۇستتا زەھەرلىك ئوق تېگىپ قازا قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، دەرھال ئاساسلىق قوشۇننى چېكىندۈرۈپ، موڭغۇلىيەگە قاغان سايلاشقا كېتىپ قالغان. ئورنىغا ئەڭ جەسۇر قوماندانى كىت بۇقا نويان 40 مىڭ ئەسكەر بىلەن دەمەشىقتە قېپ قالغان.
بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان خارەزمشاھ پۇشتى سەيپىدىن قۇتۇز (1259-يىلى نويابىر سۇلتان بولغان) ئەسكەرتارتىپ، كىتبۇقانى پەلەستىندە مەغلۇپ قىلىدۇ. 1260-يىلى 3-سېنتەبىر كىت بۇقا ئۆلۈپ، موڭغۇللارسۈرىيەنىمۇ تاشلاپ ئىراققا چېكىنىدۇ.
4. ئالتۇن ئوردا ۋە ئىلخانىيلار ئارىسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەت ۋە سۈركىلىشلەر
ھىلاكۇ قۇبلاينى خان قىلىپ تىكلەپ، ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن يولغا چىقاي دەپ تۇرغىنىدا تاغىسىنىڭ ئوغلى، ئالتۇنئوردا خانى بەركەخاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، تەبرىز خاراپ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھىلاكۇ مىسىرغا ئەسكەرتارتىشقا ئۈلگۈرمەي دەرت تارتىپ، 1265-يىلى 8-فېۋرال ئۆلىدۇ. ئۇنىڭ رەقىبى بەركەخانمۇ 1266-يىلى 22-دېكابىر تىبلىستا قازا قىلىدۇ.
1265-يىلى 8-فېۋرال ھىلاكۇخان ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تاغىسى جۇچىخاننىڭ ئوغلى، ئالتۇن ئوردا خانىبەركەخان ھىلاكۇنىڭ ئوغلى ئاباقاخاننى دۆلىتى بىلەن قوشۇپ يوقىتىش ئۈچۈن ئېدىل (ۋولگا) دەرياسى بويىدىنقوشۇن تارتىپ 12-دېكابىر كاۋكازدىن ھالقىپ، ھازىرقى گىرۇزىيەنىڭ پايتەختى تىبلىسقا كەلگەندە، 22-دېكابىر قاتتىق سوغۇق تۈپەيلى تەن سالامەتلىكى يار بەرمەي ۋاپات بولغانىدى. ئۇ 1209-يىلى بۇرھان تاغداتۇغۇلغان. ھىلاكۇ بولسا جۇچىخاننىڭ ئەڭ كىچىك ئىنىسى تولۇيخاننىڭ ئوغلى بولۇپ، مۆڭكۈخان، ئارىق بۇقا، قۇبلايخان ۋە ھىلاكۇلار ھەممىسى تولۇينىڭ بالىلىرى ئىدى. ھىلاكۇ دەل شۇ تولۇينىڭ چېدىرىدا 1217-يىلىتۇغۇلغان.
1260-يىلدىكى قاتتىق مەغلۇبىيەت، 1265-يىلدىكى مۇسىبەت سەۋەبىدىن ئەڭ ئاخىرقى ئىسلام دۆلىتى بولغانمىسىردىكى مەملۇكىلارلا مۇستەقىل ساقلىنىپ قالغان. ئەرتوغرۇل تاكى 1282-يىلى ئۆلگىچە ھىلاكۇ قۇرغان موڭغۇل ئىلخانىلارغا قاراشلىق قورچاق سالجۇقىلار خانلىقىغا ساداقەتمەن بولۇپ ئۆتكەن. ئوغلى ئوسمانمۇ 1299-يىلغىچە مەزكۇر بېقىندى خانلىققا ساداقەتمەن بولۇپ ئۆتكەن. گەرچە كېيىن ئوسمان ۋە ئوغلى ئورخانلارمۇستەقىل بەگلىك سۈپىتىدە راۋاجلانغان بولسىمۇ، بىراق ئاناتولىيەنىڭ غەربىي يېرىمنى قولغا كىرگۈزۈش بايەزىدخان دەۋرىدە ئاران نېسىپ بولغان. بەختكە قارشى نەچچە يىل ئۆتمەيلا 1402-يىلى يازدا ئەمىر تۆمۈر بايەزىدخاننى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، 28-ئىيۇل ئۇنى پايتەختى سەمەرقەندكە ئېلىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاناتولىيەنىڭ تولۇق قولغا كېلىشى پەقەت 1478-يىلى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋە ئۇنىڭ نەۋرىسى ياۋۇز سېلىم قولىدا 1514-يىلى ئىشقا ئاشقان. بۇ نۇقتىدىن ئۇيغۇر سۇلتان ئالائىددىن ئەرەتنا قۇرغان دۆلەت ئاناتولىيە تارىخىدا سالجۇقىلاردىن كېيىن، ئوسمانىلاردىن بۇرۇننى تۇنجى سەلتەنەتلىك دۆلەت بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
قانخور ھىلاكۇخان 1255-يىلى قۇرۇپ چىققان ئىلخانىلار خانلىقىنى، جۈملىدىن ھىلاكۇغا قارام بولغان ئاناتولىيە سالجۇق دۆلىتىنى ئۇيغۇر سانغۇن ۋە قوماندان «ئەراتنا بەگ» 1334-يىلى يوق قىلىپ، ئۆزى ئاناتولىيەدە «ئەراتنا ئۇيغۇر خانلىقى» نى قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئەڭ ئاخىرقى قۇدرەتلىك ئىلخانىلارخانى ئەبۇ سەئىد باھادىرخان خېلى ئۇرۇنۇپ كۆرۈپمۇ ئەرەتناغا تەڭ كېلەلمەي، دەرت يۇتۇپ 1335-يىلى 1-دېكابىر ئۆلۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ئۇيغۇر سەردار ئاناتولىيە تارىخىدا سالجۇقىلاردىن كېيىن، ئوسمانىلاردىن بۇرۇنقى تۇنجى تۈرك-ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان مەشھۇر سۇلتان بولۇپ قالىدۇ. ئۇ 1352-يىلى قەيسەرىيەدە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دۆلىتى 1381-يىلغىچە داۋام قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن ئوسمانىلار 1390-يىللىرى ئاندىن پەيدىنپەي ئاناتولىيەنىڭ غەربىي يېرىمىنى تەسىرىگە كىرگۈزىدۇ. بىراق ئونيىل ئۆتمەيلا بۇ جايلارنى ئەمىر تۆمۈر ئىگىلەيدۇ.
ئۇندىن كېيىنكى ئەھۋاللار يۇقىرىدا بىر قۇر دېيىلىپ بولدى.
بۇخارانىڭ چىڭگىزخان قولىدا خانىۋەيران قىلىۋېتىلگەنلىكىنىڭ 800 يىللىق خاتىرە كۈنى،
باغداتنىڭ ھىلاكۇ تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، 505 يىللىق ئابباسىيلار سەلتەنىتى ھالاك بولغانلىقىنىڭ 763 يىللىق خاتىرە كۈنى، شۇنداقلا قانخور ھىلاكۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ 756 يىللىق ئىبرەتلىك كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالاھىدە تەييارلاندى.
2021-يىلى 8-فېۋرال. قايغۇلۇق دۈشەنبە.
تايانغان مەنبەلەر:
1 . تۈرك ئىنىسكلوپىدىيىسى
2 . ئىلخانىلار خانلىقى تارىخى
3 . ئۇيغۇر يىلنامىسى
4 . تارىخ جاھانكۇشاي
5 . جامىئۇت تەۋارىخ
6 . موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى
7 . زەپەرنامە
8 . ئەرەتنالىقلار