You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » قۇتادغۇ بىلىگدە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش

قۇتادغۇ بىلىگدە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش

دوكتور دەموكائان دەمىرەل

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئەھمەد سۇلۇق

تەھرىرلىگۈچى: قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتىدىن مىھراي ئوسمان

قىسقىچە مەزمۇنى: قۇتادغۇ بىلىگ تۈرك-ئىسلام ئىدىيەسى تارىخىدىكى مۇھىم ئەدەبىي ئەسەردۇر. ئەسەر بەخت ئاتا قىلىدىغان بىلىم دېگەن مەنىدىدۇر . ئەسەر، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ھاكىمىيەت قانداق بولۇشى كېرەك دېگەن سوئالغا جاۋاب ئىزدەيدۇ. ئۇ زېھىن ۋە بىلىمنىڭ مۇھىملىقىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇ بىلىمگە يۈزلەنگەن دۆلەت ئەندىزىسىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، بىلىم يەككە ۋە ئىجتىمائىي بەخت-سائادەتكە كاپالەتلىك قىلىدىغان بىردىنبىر كۈچتۇر. دۆلەت باشقۇرىدىغان كىشىلەر بىلىملىك بولۇشى كېرەك. يەنە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆز-ئارا مەسلىھەتلىشىشى كېرەك. سىياسىي قائىدە ۋە تۈزۈملەرنىڭ قانۇنلۇق بولۇشى ئۈچۈن ئادالەت ۋە ئەقىل ئىنتايىن مۇھىمدۇر. كۆڭۈلدىكىدەك دۆلەت باشقۇرۇشتا كەڭ قورساقلىق، ياخشىلىق، ھەققانىيەت ۋە باراۋەرلىك قاتارلىق پەزىلەتلەر ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ئەسەردىكى تېما دۆلەت باشقۇرغۇچىلارنىڭ دىئالوگلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، باشقۇرغۇچىلارنىڭ خەلققە تۇتقان پوزىتسىيەسى، خەلقنىڭ دۆلەتكە بولغان مەسئۇلىيەتى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. دۆلەت باشقۇرۇشتا خۇشاللىقنى قانداق قولغا كەلتۈرۈش چۈشەندۈرۈلگەن. ئەسەردە مۇنداق دېيىلگەن: دۆلەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەجبۇرىيىتى قانۇن چىقىرىش، تەرتىپكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىقتىسادىي مۇقىملىقنى قوغداشتۇر.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: بىلىم، ئادالەت، يۈسۈپ خاس ھاجىب، قۇتادغۇ بىلىگ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش

1. كىرىش

بىز ئاساسلىقى دۆلەت باشقۇرۇش جەھەتتە ئۈستىدە توختىلىدىغان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ ئەسىرى، 1069-يىلى ( ھىجرىيە 461-يىلى) بالاساغۇندا يېزىشقا باشلانغان ۋە 1070-يىلى (ھىجرىيە 462-يىلى) قەشقەردە تاماملانغان، تۇنجى تۈرك-ئىسلام دۆلىتىنىڭ بىرى بولغان قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تۇنجى نادىر ئەسەرلەرنىڭ بىرىدۇر. يەنە بىرى، مەھمۇد قەشقەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت-تۈرك» ناملىق ئەسىرى بولۇپ، قۇتادغۇ بىلىگ بىلەن ئوخشاش دەۋردە يېزىلغان.

بىر-بىرىنى تىلغا ئالمىغان بۇ ئىككى ئەسەر بىلەن تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ مىللىي قۇرۇلمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دىۋانۇ لۇغەتىت-تۈركتە، بۇ قۇرۇلمىنىڭ سىرتقى قۇرۇلمىسى تەكىتلەنگەن. قۇتادغۇ بىلىگدە، بۇ مىللىي قۇرۇلمىنىڭ ئىچكى قىسمىغا مۇناسىۋەتلىك پىرىنسىپلارئوتتۇرىغا قويۇلغان (كۈلەكچى، 2005: 19).

يۈسۈپ خاس ھاجىب 1018-يىلى بالاساغۇندا تۇغۇلغان. ئۇ ئەقىللىق ۋە تىرىشچان بالا بولغاچقا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چوڭقۇر بىلىملەر ئېگەللىدى. ئۇ ئۇستازلىرىنىڭ ياردىمىدە پەلسەپە، ئەخلاق، جەمئىيەتشۇناسلىق، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، تىبابەت، خەلق مەدەنىيەتى ۋە تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئۆزىنى يېتىشتۈرگەن. ئۇ بالاساغۇندا «قۇتادغۇ بىلىگ» ناملىق ئەسىرىنى يېزىشقا باشلىغان. ئۇ 1068-يىلى بالاساغۇندىن ئايرىلىپ، قەشقەرگە بارغان. 18 ئايدىن كېيىن، ئۇ 1069-1070-يىللاردا كىتابىنى تاماملاپ، تابغاچ ھەسەن بۇغراخانغا سۇنغان (كازماز، 2000: 10). ھۆكۈمدار شائىرنىڭ قەلەم كۈچىگە ئاپىرىن ئوقۇغان ۋە ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ قېلىپ «خاس ھاجىب» دېگەن ئۇنۋاننى بەرگەن. شۇڭلاشقا، ئۇنىڭ ئىسمى يۈسۈپ خاس ھاجىب ياكى يۈسۈپ ئۇلۇغ خاس ھاجىب دەپ ئاتالغان (ئارات، 1979: 22).
ھاجىب، «پەردىچى » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ ئۇ خەلق بىلەن سۇلتان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى باشقۇرىدىغان ئەمەلداردۇر. بۇ ۋەزىپىنىڭ «ھاجىب» دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب، قىلىنغان خىزمەت ھۆكۈمراننى خەلقتىن ئايرىپ تۇرىدىغان پائالىيەت بولىشىدىندۇر. بۇ نام باشقا تۈرك دۆلەتلىرىدە «باش مابەينچى» ۋە «كابىچىبېشى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ (ئەر يىلماز، 2012: 65).

گەرچە ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بەزى نۇقتىلارنى شائىر ئەسەردە تىلغا ئالغان مەزمۇنلاردىن بېكىتىش ياكى پەرەز قىلىش مۇمكىن ئەمەس.ھىجرىيە 462-يىلى (1069/1070) ئون سەككىز ئاي ئىچىدە كىتابىنى تاماملىغانلىقىنى ۋە يېزىشنى باشلىغان ۋاقىتتا 50 ياشتا ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، يۈسۈپ خاس ھاجىبنى ھىجرىيە 410- يىلى ( مىلادىيە 1019) ئەتراپىدا تۇغۇلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قاراش مۇۋاپىق. ئۇنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا ئەسەرلىرىدە ۋە ياكى باشقا بىر ئەسەردە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. ئەسەرنىڭ قوشۇمچە قىسمىدا، ئۇ ئۆزىنى تىلغا ئالغاندا قېرىپ كەتكەنلىكىنى، ھاياتىنى كىشىلەرگە خىزمەت قىلىشقا ئاتىغانلىقى ئۈچۈن خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا كېچىكىپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ، بۇنىڭدىن ئۇنى خېلى ئۇزۇن ياشىغان دەپ قاراشقا بولىدۇ (ئارات، 1979: 23).

شەخسىي ئېتىقادىغا ئاساسلانغاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىب، ئىنسانغا ھەر ئىككى دۇنيادا بەختلىك ۋە خۇشال بولۇش يولىنى كۆرسىتىشنى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەجبۇرىيىتى دەپ قارىغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۇ ئۆزىنى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ھەقىقىي ئىدېئولوگىيەسى دەپ قارىغان ۋە بۇ تۇنجى ئىسلام دۆلىتىنىڭ كۈچىيىشى ۋە قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن ئىلگىرىكى دۆلەت سىستېمىسىنى غايىۋىلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقان (جافەرئوغلۇ، 1984: 54).

تۈركلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتى ۋە خاراكتېرىنى ئوبدان بىلىدىغان ئاپتور بۇ بىلىملەرنى دۆلەت تەشكىلاتىدا خاس ھاجىپلىق (تەشرىفات نازىرلىقى) نىڭ مەجبۇرىيىتى بىلەن پىشىپ يېتىلىپ، زور تەجرىبە توپلىغان . بۇ ئارقىلىق بىلىم ۋە تەجرىبىسىنىڭ پىشقان مېۋىسى بولغان قۇتادغۇ بىلىگنى يېزىپ چىققان. بۇ ئەسەر مەسنەۋى ئۇسلۇبىدا يېزىلغان سىياسەتنامىدۇر.

ياش ۋاقتىدىن تارتىپلا تۈرك دۆلەت تەشكىلاتىدا مۇھىم ۋەزىپقلەر ئۆتىگەن، ھەتتا ۋاپات بولغۇچە بۇ تەشكىلاتتا ئىشلىگەن يۈسۈپنىڭ ئەسىرى قارىماققا دۆلەت تەشكىلاتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكتەك قىلسىمۇ، ئەمما شائىر مول تەجرىبىسىگە تايىنىپ، جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغان قىلغان كىشىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە ۋەزىپىسىنى بەلگىلەش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ يەر ئايرىغان (ئارات، 1991: 21).
ئەسەردە ھەر قانداق ئارزۇ ياكى بۇيرۇققا ئاساسەن يېزىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن ۋە بىر ئۇنۋان ياكى ماددىي مەنپەئەت ئۈچۈن يېزىلمىغانلىقى ئېنىقتۇر (كۇلەكچى، 2005: 19). كۆزگە كۆرۈنۈش، ياخشىلىققا ئېرىشىش، شەخسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەر قانداق بىر شەخسكە ئايرىم مەدھىيە كۆرۈلمىگەن. ئەكسىچە، نۇرغۇن پەزىلەت ۋە قۇربانلىقلارنى كۆرسىتىپ، مۇكەممەل بىر جەمئىيەتنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋرنى تەنقىدلىگەن.

ئاپتور 350، 351 ۋە 352- بېيىتلىرىدە ئەسىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئوتتۇرىغا قويغان (كۇلەكچى ، 2005: 20):

Kitab atı urdum kutadgu bilig
Kutadsu okıglıkla tutsu elig
Sözüm sözledim men bitidim bitig
Sunup iki ajunnı tutgu elig
Kişi ik ajunnı tutsa kutun
Kutadmış bolur bu sözüm çın bütün

مەن بۇ كىتابقا قۇتادغۇ بىلىگ دەپ ئىسىم قويدۇم. ئوقۇغان كىشىگە خۇشاللىق ئاتا قىلسۇن ۋە ئۇنىڭغا يول كۆرسەتسۇن. مەن كىتاب يازدىم ۋە پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بۇ كىتاب ھەر ئىككى دۇنيانى تۇتۇپ تۇرىدىغان قولدۇر. ئەگەر بىر ئادەم ھەر ئىككى دۇنيانى دۆلەت بىلەن تۇتسا، بەخت ئىچىدە ياشايدۇ؛ بۇ سۆزۈم راست ۋە سەمىمىيدۇر. بۇ تەتقىقات ھاجىبنىڭ قۇتادغۇ بىلىگ ناملىق ئەسىرىنى مەزمۇن جەھەتتىن تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. تەتقىقاتتا، قۇتادغۇ بىلىگدىكى دۆلەت ۋە ئاممىۋى باشقۇرۇشقا بولغان چۈشەنچىسى، ئۇنىڭ دۆلەت باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

2. قۇتادغۇ بىلىگ

قۇتادغۇ بىلىگنىڭ مەنىسى «قۇتلۇق بىلىم، قۇتلۇق بولۇش بىلىمى، خۇشاللىق بىلىمى، كىشىلەرنى ئىككى دۇنيادا بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان بىلىم» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ كىتاب نەزمە شەكلىدە، ئارۇز ۋەزنىنىڭ فائىلۇن – فائىلۇن – فائىلۇن -فائىل قاپىيەسىدە، قاراخانلى تۈركچىسى ۋە ئۇيغۇر ھەرپى بىلەن يېزىلغان. ئەسلى يېزىلغان نۇسخىسى ھازىرغىچە تېپىلمىغان. بىزدە ھازىر كېيىن كۆپەيتىلگەن نۇسخىلىرى بار. بۇلار ۋىيانا ، قاھىرە ۋە پەرغانە نۇسخىسىدىن ئىبارەت ئۈچ نۇسخىدۇر (كۈلەكچى، 2005: 20). قۇتادغۇ بىلىگ تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ تۇنجى مەسنەۋىسىدۇر . مەسنەۋى نەزمە شەكلىدە يېزىلغان . ئۇنىڭدىن باشقا، يۈسۈپ خاس ھاجىب تۈرك ئەدەبىياتىدا تۇنجى قېتىم قەسىدە نەزمە شەكلىدە شېئىر يازغان شائىردۇر (ياۋۇز، 2008: 175).

بۇ ئەسەر راۋان تىلى، كۈچلۈك ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە 6645 بېيتلىك ئەتراپلىق قۇرۇلمىسى بىلەن ئوتتۇرا ئەسر تۈركچە دەۋرىدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئەسەردۇر. ھازىرغىچە بىزگە بىرى نەزمە (77 بېيت)، يەنە بىرى نەسر، ئىككى مۇقەددىمە بولغان نۇسخىسى يېتىپ كەلگەن. ھەر ئىككىسى ئەسەرگە كېيىن قوشۇلغان. كىتاب 85 باب ۋە 6722 بېيتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كىتابتا A، B، C ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەنگەن 3 باب بار، ئاخىرىدا E ھەرىپى ۋەI ، II، III رەقەملىرى يېزىلغان 3 قوشۇمچىسى بار (كازماز، 2000: 10).

قۇتادغۇ بىلىگ بىر سىياسەتنامە بولۇپ، سىياسەت كىتابى دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن، ئەمما ئۇ ئوخشىمىغان ئىنسان ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ سىياسەت ۋە دۆلەت باشقۇرۇشنى پەلسەپە ۋە غايىۋى نۇقتىدىن ئىپادىلەش ئارقىلىق ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتىكى .چىقماقچى بولغان. ئۇ بۇ دەۋردىكى دۆلەت ئەربابلىرىغا يول كۆرسىتىش ئارقىلىق مەمۇرىي مەسىلىلەرنى تۈزىتىش توغرىسىدا سىياسىي ۋە ئەخلاقىي مەسلىھەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان (ئادالىئوغلۇ، 2013: 246). ئەسەرنىڭ مەقسىتى تۈركلەرنىڭ 11-ئەسىردىكى ئەخلاق، قانۇن ۋە دۆلەت باشقۇرۇش ساھەسىدىكى ئەنئەنىۋى تونۇشى ۋە شۇ دەۋرنىڭ قانۇنىي تەشكىللىنىشىنى ئېنىقلاش ۋە بۇ ئەنئەنىۋى ئۇقۇملارنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشتۇر (ئارسال، 1947: 659). ئەسەر؛ بايان قىلىش ئۇسۇلى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى تۆت كىشىنىڭ دۆلەت، قانۇن، ئىنسانىيەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر خىل مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىدىن تەركىب تاپقان.ۋەكىللىك قىلىش سۈپىتىگە ئىگە ئەسەردە، پىكىر ۋە ئويلىرى سۆھبەتلەر ئارىسىدا بېرىلىدۇ. ۋەقەلىكنىڭ قەھرىمانلىرى ھۆكۈمدار كۈن -تۇغدى، ئىككى ۋەزىر، دادا-ئوغۇل، ئاي-تولدى ۋە ئۆگدۈلمىش ؛ ئۆزىنى ئىبادەتكە بېغىشلىغان ئەۋلىيا ئودغۇرمىشتۇر. ۋەقەلىكنىڭ خۇلاسىسىگە ئۆتۈشتىن بۇرۇن، قەھرىمانلارنى تونۇشتۇرۇش مۇۋاپىقتۇر.

2.1. قۇتادغۇ بىلىگدىكى خاراكتېرلەر

يۈسۈپ خاس ھاجىب، ئەسەرنىڭ ئاساسلىق قەھرىمانلىرى بولغان تۆت پېرسوناژنى تۆت ئۇقۇمنىڭ سىمۋولى قىلىپ، كىتابنى بۇ تۆت ئۇقۇم ئۈستىگە قۇرغان.بۇ تۆت قەھرىمانغا تۆۋەندىكىدەك ئېنىقلىما بېرەلەيمىز (قازماز، 2000: 11):

كۈن تۇغدى (ھۆكۈمدار): كۈن تۇغدى، سۆزنىڭ مەنىسى، كۈن تۇغدى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان كۈن تۇغدى قانۇن چىقارغۇچى ئادىل بىر خاقاندۇر. قانۇن، ھەققانىيەت ۋە ئادالەتنى تەمسىل قىلىدۇ. ئۇ ھوقۇق ۋە ئادالەت ئاساسىدا خەلققە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلايدۇ. ئۇنىڭ داڭقى ھەممە يەرگە تارقالغان. ئەمما ئۇنىڭ ياردەمچىسى يوقتۇر، دۆلەتنى يالغۇز باشقۇرىدىغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئەھۋالى ياخشىدۇر. ئۇنىڭ خاراكتىرى قوياشقا ئوخشىغاچقا، كۈن تۇغدى دېگەن ئىسىم قويۇلغان. قۇياش كىچىكلىمەيدۇ، ئۇ ھەمىشە پۈتۈنلۈكى ۋە يورۇقلۇقىنى ساقلايدۇ. كۈن تۇغدىنىڭ يارىتىلىشىمۇ شۇنداقتۇر. كۈن چىققاندا ئۇ پۈتۈن دۇنيانى يورۇتۇپ، ئۇنىڭ نۇرىنى بارلىق كىشىلەرگە يەتكۈزىدۇ. كۈن تۇغدى يەنە ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ھەممە ئادەم ئۇنىڭدىن تېگىشلىك نېسىۋىگە ئېرىشىدۇ. قۇياشنىڭ يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى سىمۋولى شىردۇر. كۈن تۇغدىنىڭ يورۇقلۇقىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ. ھەممە ئادەم ئوخشاش شەكىلدە ئۇنىڭدىن نېسىۋىسىنى ئالىدۇ. كۈن چىققاندا ئىللىقلىق يەرگە كېلىپ گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىدۇ. كۈن تۇغدىنىڭ قانۇنى قەيەرگە كەلسە، ئۇ يەر ھەرقانچە ناچار بولسىمۇ تەرتىپكە كىرىدۇ.

ئاي تولدى (بىرىنچى ۋەزىر): ئاي تولدى، مەنىسى، تولۇن ئاينى كۆرسىتىدۇ. ئاي تولدى زېرەك، ئەقىللىق ۋە بىلىملىك يىگىتتۇر؛سائادىتى باشقا بىر ئىپادە بىلەن ئېيتساق، دۆلەتنى تەمسىل قىلىدۇ. بۈگۈنكى مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇ قانۇن چىقىرىش ۋە ئىجرا قىلىش كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئاي تولدى ئەسەردە، دۆلەتنى، سائادەتنى ۋە بەختنى تەمسىل قىلىدۇ.ھۆكۈمدار باشلىق ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا موھتاجدۇر(ياۋۇز، 2008: 172).
ئۆگدۈلمىش (ئىككىنچى ۋەزىر): ئۇ ئاي تولدىنىڭ ئوغلىدۇر. ئالقىشقا ئېرىشكەن، ئەقلى بىلەن خىزمەت قىلىدىغان بۈيۈك يېتەكچى قوللانما دېگەن مەنىسى بار. ئۆگدۈلمىش ئەسەردە ئەقىلنى تەمسىل قىلىدۇ.

ئودغۇرمىش (زاھىد): ئەسلى مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا، تەركىدۇنيا؛ ھازىرقى مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا، دۇنيانى بىر يانغا قايرىپ قويۇپ، تاغلاردا، باياۋانلاردا يالغۇز ياشايدىغان، پۈتۈن ۋاقتىنى دۇئا-تىلاۋەت بىلەن ئۆتكۈزىدىغان كىشىنى تەمسىل قىلىدۇ. ئودغۇرمىشنىڭ سۆز مەنىسى، ھەقىقەتنى چۈشەنگەن ۋە ئويغانغان ئادەم دېمەكتۇر. باشقا بىر مەنىسىگە ئاساسلانغاندا، ئاقىۋەتنى تەمسىل قىلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، مەنىۋىيەت مەنىسنىمۇ بار دېيىش مۇمكىن (قازماز، 2000: 11). ئارسالنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، (1947: 663) ئۇ تۈركلەرنىڭ ھايات پەلسەپىسىنى تەمسىل قىلىدۇ، ئودغۇرمىشنىڭ نورمال ھاياتتىن يىراقلىشىشى، خەلقنىڭ پاراۋانلىقى ۋە بەخت-سائادىتى ئۈچۈن ئادالەتنى نامايان قىلىش ئۈچۈندۇر.

ئىككىنچى دەرىجىلىك قەھرىمانلار تۆۋەندىكىچە: ئاي تولدىنى ھۆكۈمدارغا تونۇشتۇرغان كۈسەمىش ؛ ئودغۇرمىشنىڭ شاگىرتى كۇمارۇ؛ ئودغۇرمىشتىن خەۋەر ئېلىپ كەلگەن خەۋەرچى؛ ئۇ ئودغۇرمىشنىڭ يېنىدا ئىشلەيدىغان ئادەمدۇر. پەقەت، ئۇلار سۆھبەتلەرگە قېتىلمايدۇ (قازماز، 2000: 12).

بۇ تۆت كىشىنىڭ ھېكايىسى، كىتابنىڭ 7. بابىدىن باشلايدۇ. (دىلئاچار،1995: 72-82): ئالدىنقى ئىككى بابدا ، بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ ئىسلامدىكى تۈرلۈك تەرتىپ تەلەپلىرىنى ئورۇندىغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ دەسلەپكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. تەرتىپ تۆۋەندىكىچە: ئاللاھقا ھەمدۇسانا، (1. باب، بېيت 1-33) ھ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (2. باب، بېيت 34-48) ۋە تۆت ساھابىگە (تۇنجى تۆت خەلىپە: ھ. ئەبۇ بەكىر، ھ. ئۆمەر، ھ. ئوسمان، ھ. ئەلى) سەلاتۇ سالام (3-باب، بېيت 49-62). بۇ تەرتىپلەردىن كېيىن، 4. بابتا قۇتادغۇ بىلىگنىڭ ئەڭ لىرىك قىسمى كېلىدۇ: باھارنى مەدھىيەلەش (يازيارۇق بۆلىكى)، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەسەن بۇغراخاننىڭ مەدھىيەسى ۋە ئەسەرنىڭ ئۇنىڭغا سۇنۇلۇشى بولۇپ جەمئىي 61 بېيتتۇر (بېيت 63-123). يۇقارقى شېئىرنى بەرگەندىن، مەدھىيە، ئەسەرنىڭ ئىسمى، مەنىسى ۋە تېمىسىنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، 5. بابتا ، بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ كائىناتنى تەسۋىرلەيدۇ (بېيت 124-147): 7 سەييارە (يۇلتۇز، ئۇ دەۋردىكى ئاتىلىشى بىلەن) ۋە 12 يۇلتۇز تۈركۈمى (ئۈكەك) بىلەن سەييارىلەرنى تىلغا ئالىدۇ. 6-10. بابلاردا يۈسۈپ ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئومۇمەن خۇلاسىلەپ، تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىنى تەكىتلەيدۇ: بىلىم، تىل ۋە ياخشىلىق. 6. باب (بېيت: 148-161) يالنۇك ئوغلانىنىڭ، يەنى ئىنسانئوغلىنىڭ بىلىگ (بىلىم) ۋە ئۆكۈش (ئەقىل، چۈشىنىش) ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىممىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، بىلىم ھەممىدىن ئۈستۈن بۇلۇپ تەڭداشسىز قىممەتكە ئېگە بولغان بىر مەۋجۇدات، پەزىلەت ۋە كۈچتۇر. ئىنسانئوغلى ئۇنىڭ بىلەن ماختىنالايدۇ. بىلىم چۈشىنىش ئارقىلىق ئېرىشىلىدۇ،ئۇنى تەڭرى بىزگە ئاتا قىلغان.

7. بابنىڭ (بېيت: 162-191) تېمىسى، تىلنىڭ پەزىلىتى (پەزىلەت)، كەمچىلىكى (مۈن)، پايدىسى (ئاسىغ) ۋە زىيىنى (ماتەم) ھەققىدىدۇر. 8. بابتا (بېيت: 192-229)، بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ ئۆزرىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: ئۇ ئەسىرىنى نادانلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىلىملىكلەر ئۈچۈن يازغان، شۇڭا، ئۇ ئىككىلەنگەن ھالدا بىلىملىكلەردىن كەچۈرۈم سورايدۇ؛ خاتالاشقان ياكى يولىدىن ئازغان بولۇشى مۇمكىن ؛ ئەقىللىق كىشىلەر بۇ خاتالىقلارنى ئوڭشىسۇن. سۆزنى چۈشىنىدىغان ئادەم سۆزلىگۈچى ئۈچۈن ئەزىزدۇر. 9. بابتا (بېيت: 230-286)، بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ ياخشىلىق قىلىشنى (ياخشىلىق قىلىش= خەير ئىشى قىلماق) ماختىغان ۋە بۇ ئىشنىڭ پايدىسىنى چۈشەندۈرگەن. ياخشىلىق قىلىش ئېسىل پەزىلەتتۇر . خەير-ساخاۋەت قىلىش، جىنايەتنى كەچۈرۈم قىلىش، بېرىلگەن ۋەدىگە ئەمەل قىلىش بۇ پەزىلەتكە باغلىقتۇر. ئادەم ئۆلىدۇ، قىلغان ياخشىلىقى تارىختا ساقلىنىپ قالىدۇ. ئەسەرنىڭ 10. بابى (بېيت: 287-349) بىلىم بىلەن ئەقىلنىڭ پەزىلىتىگە بېغىشلانغان. ئالدىنقى بابلارغا ئوخشاش، بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ بۇ تېمىنىمۇ ئۆز ئۇسۇلى بىلەن ئىپادىلەشكە تىرىشقان. 11-بابتا كىتابنىڭ ئىسمى، مەنىسى ۋە ئۆزىنىڭ ساقلىقى بايان قىلىش ئارقىلىق ياشلىقنى ئىسراپ قىلماسلىققا تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئەسىرىنى ئىككى دۇنيالىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسەر دەپ تەسۋىرلىگەن ۋە ئەگەر بىر ئادەم بۇ ئىككى دۇنيانى قولىدا چىڭ تۇتسا، «قۇت» ۋە راھەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، قۇتادغۇ بىلىگنىڭ ئاساس ھېكايىسى باشلىنىپ داۋاملاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا،ئەسەرنىڭ بەزى قىسىملىرىدا ئېنسىكلوپېدىك ئۇچۇرلارغىمۇ يەر بېرىلگەن. بۇلار، دۆلەتنىڭ ساپاسى، ئادالەتنىڭ سۈپىتى، ئاتىلارنىڭ نەسىھەتى، ئەقىلنىڭ خاراكتېرى، دۆلەت ۋە ئارمىيە تەشكىلاتى، باشقۇرغۇچى-خىزمەتچى مۇناسىۋىتى، توغرا قانۇن ۋە ھوقۇق، ئاممىباب قاتلاملارنى تۈرگە ئايرىش، شەھەر قائىدە-يوسۇنلىرى، دۆلەتنىڭ ياخشىلىنىشى، دۇنيادىكى مەجبۇرىيىتىمىز ۋە ئاخىرەت قاتارلىقلاردۇر (دىلاچار، 1995: 83-92).

قۇتادغۇ بىلىگدىكى ئاساسلىق ۋەقەلەرنى تۆۋەندىكىدەك يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
ئاي تولدى داڭقىنى ئاڭلىغان ھۆكۈمدار كۈن توغدىنىڭ خىزمىتىدە بولۇش ۋە ئوردىدا خىزمەت قىلىشقا يولغا چىقىدۇ. پايتەختتە كۈسەمىش ئىسىملىك بىرى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىدۇ ۋە كۈسەمىشكە مەقسىدىنى ئوچۇقلايدۇ. ئۇ بۇ ئەھۋالنى ھۆكۈمدارنىڭ خاس ھاجىپىغا ئۇقتۇرىدۇ ۋە خاس ھاجىب بىلەن ئاي تولدىنىڭ ئۇچرىشىشى نەتىجىسىدە، ساپالىق دەپ قارىغان ئاي تولدىنى ھۆكۈمدارغا ئېلىپ بارىدۇ. ھۆكۈمدار بىلەن ئۇزۇن سۆھبەتلەردە بولىدۇ. ياخشىلىقتىن، ئۆزى ۋە سۆزى بىر بولۇشتىن، دۆلەت باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسىلىلەر ئىمتاھان تەرىقىسىدە سۆھبەت بىلەن داۋاملىشىدۇ. ئاي تولدىنى ياقتۇرغان ھۆكۈمدار ئۇنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ، بىر مەزگىل سىنايدۇ ۋە ئۇنى ۋەزىر قىلىدۇ (كازماز، 2000: 12-13).

بۇ سۆھبەتلەردە تەكىتلەنگەن نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە:
قۇتادغۇ بىلىگدە «تۆرە» سۆزى قانۇنغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ ئەڭ قەدىمكى دۆلەت بىلىمىدە خان تۆرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ ئادەت تۆۋەندىكىدەك تەسۋىرلەنگەن: بىر كۈمۈش تەخت، بىر بىرىگە باغلانغان ئۈچ پۇت ئۈستىدە تۇرىدۇ. ئۈچ پۇتنىڭ ئۈستىدىكى نەرسە بىر تەرەپكە ئاغماسلىقى، تىترىمەسلىكى ئۈچۈن ھەر ئۈچ پۇتنىڭ تۈز شەكىلدە تۇرۇشى كېرەك. ئەگەر بىر پۇتى يانتۇ بولسا، قالغان ئىككىسىمۇ ئېغىپ كېتىدۇ. قولىدا چوڭ پىچاق تۇتقان خان (تۆرە) نىڭ سول تەرىپىدە ئاچچىق ئوت (ئۇراگۇن)، ئوڭ تەرىپىدە شېكەر بولىدۇ. بۇ يەردە پىچاق ھۆكۈمدارنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن، شېكەر بولسا زۇلۇمغا ئۇچراپ ھۆكۈمدارنىڭ ئالدىغا كەلگەن كىشى ئۈچۈندۇر. ئۇ كىشى ھۆكۈمداردىن تاتلىق-تاتلىق ئايرىلىدۇ، يۈزى كۈلىدۇ، خۇشال بولىدۇ. ئاچچىق ئوت بولسا، زوراۋان ۋە ھەققانىيەتتىن قاچقان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئۇلارغا ھۆكۈم قىلىنغاندا، ئۇلار ھۆكۈمنى ياقتۇرمايدۇ ۋە ئاچچىق ئوت-چۆپ يېگەندەك ئاچچىقلىنىدۇ (دىلاچار، 1995: 95).

ئەسەردىكى تۆرە تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا باغلانغان (بوزكۇرت، 2005: 131):
1. توغرىلىق (كۆنىلىك): تۆرە چوقۇم توغرا بولۇشى كېرەك. توغرا پىرىنسىپلار تەرىپىدىن بېكىتىلمىگەن تۆرە، بىر پۇتى كەم ئۈچ پۇتلۇق ئۈستەلگە ئوخشايدۇ. ئۇ خاتالىق ۋە ئادالەتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا دۆلەتنىڭ تەختى يىمىرىلىدۇ. دۆلىتىنى قوغداشنى خالايدىغان خان توغرا تۆرەنى قوللىنىشى كېرەك.

2. ياخشىلىق ۋە پايدىلىق بولۇش (ئۇزلۇق): تۆرە ياخشى بولۇشى كېرەك. ئۇ جەمئىيەت ۋە جەمئىيەتنى تەشكىل قىلىدىغان شەخسلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بولۇشى كېرەك. شەخسلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىمايدىغان ۋە جەمئىيەتكە ماس كەلمەيدىغان تۆرە دۆلەتنى يىمىرىلىشقا يۈزلەندۈرىدۇ. تۆرىنىڭ پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپىنى تەكىتلەشكە ئەرزىيدۇ. تەرتىپنى ساقلاش ئۈچۈن، يېتەرلىك ھوقۇق بىلەن ئېلىپ بېرىلمىغان ھەر قانداق تۆرىدىن سۆز ئېچىشقا بولمايدۇ. گەرچە ئۇلار يەككە قانۇن ۋە جەمئىيەتنىڭ پايدىسىنى ئويلاشمىسىمۇ، بەزى كىشىلەرنى بېسىم ئاستىدا قويغان، ئەمما دۆلەتنىڭ ئىزچىللىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئۇسۇللارمۇ بار. بۇلارمۇ تۆرە دەپ ئاتىلىدۇ.

3. باراۋەرلىك (تۈزلۈك): تۆرە «ئوغۇل بىلەن ناتونۇش ئادەمنى ئايرىمايدىغانلىقىنى »ۋە «بەگ بىلەن خىزمەتكار ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوقلىقىنى» ئېيتىدۇ.

4. كىشىلىك (ئادىمىيلىك): تۆرە ئادىمىيلىك، يەنى ئونىۋىرساللىق چۈشەنچىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، قانۇننىڭ قۇياشى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولىشى، پۈتۈن دۇنيانى يورۇتۇشى كېرەك. ئىنسانلارنىڭ يىلتىزى بىردۇر، ئۇلارنى ئايرىيدىغان نەرسە پەقەتلا ئۇلارنىڭ بىلىم سەۋىيەسىدۇر. قانۇن ئىنسانىيەتنى قانچىلىك دەرىجىدە قوغدىسا، خەلقمۇ شۇنچىلىك دەرىجىدە بەختلىك بولىدۇ ۋە دۆلەتمۇ مەڭگۈلۈك بولىدۇ. دۆلەتنىڭ يىمىرىلىشىدە مۇنداق ئىككى سەۋەب بار: بىرىنچىسى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، ئىككىنچىسى قىرغىنچىلىقتۇر. ئىنسانلار ئىچىدە سەرخىللار پەقەت بىلىمى بىلەنلا پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، ساقسىز بولۇپ قالغان ئاي تولدى، پىكىرلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان ئوغلى ئۆگدۈلمىشنى ھۆكۈمدارغا ھاۋالە قىلىدۇ ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولىدۇ. ماتەمدىن كېيىن، ھۆكۈمدار ئۆگدىلمىش بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى ياقتۇرغانلىقى ۋە دادىسىغا مىننەتدارلىق يۈزىسىدىن ئۇنى ۋەزىرلىككە تەيىنلەيدۇ (كازماز، 2000: 13-14).
بۇ بۆلۈمدە، ھۆكۈمدار بىلەن ئۆگدۈلمىش ئوتتۇرىسىدا دۆلەت ۋە ئوردا تەشكىلاتى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىز بۇ بۆلۈمدە قۇتادغۇ بىلىگنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئەڭ مۇھىم قىسىملىرىدا تىلغا ئېلىنغان بەگ، ۋەزىر ۋە ئۇلۇغ ھاجىب ھەققىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى بېرەلەيمىز (دىلاچار، 1995: 108-110):

بەگ: بەگ، بەگ بولۇپ تۇغىلىدۇ، كۆرۈش ئارقىلىق ئۆگىنىدۇ. تەڭرى كىمگە بەگلىك نېسىپ قىلسا، ئۇنىڭغا ئىشىغا ماس ھالدا ئەقىل ۋە قەلب بېرىدۇ. بەگ؛ ئۇ چوقۇم باتۇر، قەھرىمان، كۈچلۈك ۋە جاسارەتلىك، بىلىملىك ، ئەقىللىق، كەڭ قورساق ۋە مۇلايىم، كۆزى توق، قەلبى مول بولىشى، ياخشىلىققا قول ئۇزىتىشى كېرەك. بۇ نوقتىدا بىلىم بىلەن ئەقىل ئوتتۇرىسىدا ئىنچىكە بىر پەرق بولىشى كېرەك. بۇنىڭغا ئاساسەن، بىلىمنى ئەقىلدىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئاساسلىق ئالاھىدىلىك شۇكى، ئۇ كېيىن ئېرىشىلگەن بولىدۇ. ئەڭ مۇھىم ئىش بىلگەنلەرنىڭ بىلىمىگە ئەقىلنىڭ قوشۇلىشىدۇر. بەگ دۆلەت ۋە قانۇنلارنى بىلىم بىلەن بىر تەرەپ قىلىدۇ ۋە ئەقىل بىلەن ئىجرا قىلىدۇ (ئارسلان، 1986: 26). ئۇ خاتا ھەرىكەت قىلماسلىق ئۈچۈن ھەمىشە دېققەتلىك بولۇشى، چوقۇم سەۋرچان ۋە تەمكىن بولۇشى، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىشى، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى ۋە ۋەدىسىدە تۇرۇشى كېرەك. ئۇ چىقارغان قانۇنلار ھەقىقەتنى ئاساس قىلىشى، ئۆزى زالىم بولماسلىقى كېرەك. ئۇ ئالدىراقسانلىق، بېخىللىق، ئاچچىقلىنىش، جاھىللىقتىن ئىبارەت تۆت ئىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆز شېكەردىنمۇ تاتلىق بولۇشى كېرەك. ئۇ ھاراق ئىچمەسلىكى، ئويۇن – تاماشىغا بېرىلمەسلىكى، تەكەببۇرلۇق قىلماسلىقى، ئەنئەنە، ئۆرپ- ئادەت ۋە قانۇننى نازارەت قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. قىسقىسى، ئۇنىڭ بارلىق پەزىلىتى ھەممەيلەندىن ئۈستۈن بولۇشى كېرەك.

ۋەزىر: ۋەزىر بەگلەرنىڭ قولى دېمەكتۇر. ئەگەر ۋەزىر ياخشى بولسا، بەگ راھەت بولىدۇ، ئاساسى پۇختا بولىدۇ. ۋەزىر چوقۇم خەلق ئارىسىدا قەد كۆتۈرگەن، ئەقىللىق ۋە پىشىپ يېتىلگەن، ئىشىغا سادىق بىر ئىنسان بولۇشى كېرەك. ئۇ چوقۇم مەرتىۋىلىك ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى، سەمىمىي بولۇشى كېرەك. ئۇ چوقۇم قانۇن تەرىپىدە تۇرۇشى، بەگنىڭ ئىشلىرىغا ھەمدەمدە بولۇشى كېرەك. ئۇ خەلققە ھەر ۋاقت مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قول ئۇزىتىشى كېرەك. ئۇ ھېساب – كىتاب ئىشلىرىدا پۇختا بولۇشى، كەمتەر، مۇلايىم، تەمكىن، پىشقان، شەپقەتلىك ۋە ھوشيار بولۇشى كېرەك. ئۇ ئىشقا يارايدىغانلار بىلەن يارىمايدىغانلارنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. ئۇ چوقۇم ئۆزىگە لايىق بولغان دوست ھەمراھ تاللىشى كېرەك. ۋەزىر ئەقىلنىڭ مەسلىھەتچىسىدۇر. ئەگەر ۋەزىر ياخشى بولسا، ھەم بەگنىڭ ئىشى مۇكەممەل بولىدۇ، ھەم يۇرت تەرتىپلىك بولىدۇ، خەلقمۇ «قۇت» قا ئېرىشىدۇ.

ئۇلۇغ ھاجىب (ئۇلۇغ مابەينجى): ئۇلۇغ ھاجىب بولسا بەگنىڭ كۆزى، خەلق بىلەن بەگ ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى تەمىنلەيدىغان ۋاسىتىچى كىشىدۇر. نەسەبلىك ، كۆزى توق، كەڭ قورساق ، بىلىملىك، پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىككە قارشى قاتتىق قول، سىپايە، ھوشيار، كېلىشكەن، پاكىز، كۆيۈمچان، تىلى يۇمشاق، خۇش چىراي، كىچىك پېئىل، قۇلىقى ئۆتكۈر، سەۋرچان، پەزىلەتلىك ۋە قەلەم ئىگىسى بولۇشى كېرەك. قىسقىچە، ئۇنىڭدا تۆۋەندىكى ئون خىل پەزىلەت بولۇشى كېرەك: ئۆتكۈر كۆز (يىتى كۆز)، دىڭ قۇلاق (ساك قۇلغاك)، باغرى كەڭ (كەڭ كۆڭۈل)، كېلىشكەن چىراي، سۆيۈملۈك تاشقى قىياپەت (گۆرك)، ئوتتۇرا بوي ، ناتىق (ئۇز) تىللىق، كەڭ قورساق (ئۇقۇش)، ئەقىل (ئۆگ)، بىلىم (بىلگى).
قانۇن، تەرتىپ ۋە تۆرەنى ئىجرا قىلىشىنى بىلىشى كېرەك. ئۇ دۆلەت خەزىنىدارى ، ئەمەلدارلار، كېلىپ-كېتىدىغان ئەلچىلەرگە، ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىرىگە، مۇراسىملارغا، يوقسۇللارنىڭ تىلەكلىرىگە دىققەت قىلىشى، ئادالەتسىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، زۇلۇم قىلغۇچىلارنى بىر تەرەپ قىلىشى، ھەر بىر ئىشتا ئېھتىياتچان بولۇشى، يالغانچى بولماسلىقى، ناچار ئادەتلىرى بولماسلىقى، مەخپىيەتلىكنى ساقلىشى كېرەكلىكىنى بىلىشى كېرەك. كۆرمەسلىكى كېرەك بولغان نەرسىلەرنى كۆرمەسكە سېلىشى كېرەك. ئۇ بەگنى ھۆرمەتلىشى، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋە ئۇسۇلىنى بىلىشى كېرەك. ئۇلۇغ ھاجىبنى ۋەزىرنىڭ ياردەمچىسى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇ ھەر خىل سىنىپتىكى كىشىلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ تەلىپىنى ئاڭلاشقا مەسئۇل بولۇش بىلەن بىرگە بۇ تەلەپلەرنى بەگكە يەتكۈزۈش ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.

بۇلاردىن باشقا، ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان باشقا دۆلەت ئەمەلدارلىرىدىن (قوماندان، دەرۋازىۋەن، پۈتۈكچى، باش ئەلچى، خەزىنىچى، ئاشپەز باشلىقى، شاراپ باشلىقى) قاتارلىقلار بار. ئۇلارنىڭ كەمتەر، كەڭ قورساق، ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە ئېھتىياتچان، ئىشەنچلىك بولۇشى ۋە مەخپىيەتلىكنى ساقلاشنى بىلىش قاتارلىق ئورتاق خىسلەتلىرى بولۇشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ(چاۋۇشوغلۇ، 2012: 87-90).
ئۇنىڭدىن كېيىن، ھۆكۈمدار ئۆگدۈلمىشدىن دۆلەت ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدىغان بىرىنى تېپىشنى تەلەپ قىلغان. ئۆگدۈلمىش بۇنى تۇغقىنى ئودغۇرمىشقا ئېيتىقان، ئەمما ئودغۇرمىش ئۆزىنىڭ دۇنيا ھاياتىدىن يىراقلاشقانلىقىنى ۋە قول تارتقانلىقىنى ئېيتىپ بۇ تەكلىپنى ئىككى قېتىم رەت قىلغان. ئاخىرىدا بىر نەچچە كۈن كېلىشكە قوشۇلغان. ئودغۇرمىش دىن، دۇنيا ۋە دۆلەت مەسىلىلىرى ھەققىدە ھەر خىل سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغان (قازماز، 2000: 14-16).

بۇ سۆھبەتلەر جەريانىدا، ئودغۇرمىش يەنە بەزى تەكلىپلەرنى بەرگەن: «قۇلنىڭ مەرتېۋىسى نەقەدەر يۇقىرى چىقسۇن قۇلنىڭ ئىسمى يەنىلا قۇلدۇر.ئۇلارنىڭ بەگلىك تاما قىلىش، يالغانچىلىق، ئاچكۆزلۈكتىن ئىبارەت ئۈچ ئىشىغا دىققەت قىلىشى ۋە ئۇلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. خىزمەتكارلار غەيۋەت قىلماسلىقى ۋە ھەقىقەتنى يوشۇرماسلىقى كېرەك. تۆۋەندىكى ئۈچ ئىش خىزمەتكارنىڭ بېشىنى يەيدۇ: بەگنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلماسلىق، ئىشەنچنى سۇيىئىستېمال قىلىش، نامۇۋاپىق ئىشلارنى قىلىش (دىلاچار، 1995: 121).
بىر مەزگىلدىن كېيىن ئودغۇرمىشنىڭ يېنىغا كەلگەن ئۆگدۈلمىش ئۇنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى كۆرىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن قايتىپ دۆلەت باشقۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەسەرنىڭ داۋامى بۇ ئويلار بىلەن داۋام قىلىدۇ ۋە ئاخىرلىشىدۇ (كازماز، 2000: 16-17).

2.2. دۆلەت باشقۇرۇش چۈشەنچىسى جەھەتتە قۇتادغۇ بىلىگ

مەلۇمكى، تۈركلەر تارىختا بۈيۈك دۆلەت قۇرغان ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك باشقۇرۇش ئەنئەنىسىگە ئىگە. تۈركلەرنىڭ دۆلەت قۇرۇشى ۋە باشقۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيىتىدە سۇلتان ۋە بەگلەرنىڭلا ئەمەس، مۇتەپەككۇرلار ۋە ئالىملارنىڭ تۆھپىسىمۇ زور بولغان. ھۆكۈمرانلارنىڭ مۇتەپەككۇرلىرى، ئالىملىرى ۋە مەسلىھەتچىلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى ھۆكۈمدارلىرىغا ئاتاپ يازغان رىسالە ۋە نامىلەر بىلەن دۆلەتنى باشقۇرۇشتا يېتەكچىلىك قىلغان ۋە تەربىيە بەرگەن. شۇڭا، باشقۇرۇش تېمىسى، باشقۇرغۇچىلارغا سۇنۇلغان كىتابچىلار بىلەن دىن ۋە ئەخلاققا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرمۇ بار بولۇپ تەتقىق قىلىنغان. بۇ ئەسەرلەردە، گەرچە باشقۇرۇش سۇبيېكتى تۈزۈم ۋە تەشكىلىي ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ جەمئىيەتتىكى تەرتىپ، بىخەتەرلىك ۋە ئادالەتكە كاپالەتلىك قىلىشقا مەسئۇل باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ھەرىكىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ياكى ئەسلىتىدىغان ئەخلاق مەسلىھەتلىرى ۋە پىرىنسىپلىرى شەكلىدە يېزىلغان (ئېرىلماز، 2012: 62-63) . باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى بۇ شەكىلدە چۈشىنىش، سىياسەت ۋە باشقۇرۇشنىڭ كەڭ مەنىدە ئەخلاقنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى ياكى كېڭەيتىلگەن نۇسىخىسى دەپ قاراشتىن كېلىپ چىققان.

11-ئەسىر ئىسلام تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ بىرىنچى دەۋرى ھېساپلىنىدۇ. بۇ دەۋر تۈرك تارىخىدىكى ھەربىي ۋە سىياسىي تەرەققىيات باسقۇچى بولغاچقا، مەدەنىيەت تارىخى جەھەتتىمۇ ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بۇ ئىسلام تۈرك دەۋرى، تۈرك سەھرا كۈلتۈرى، ئىسلام مەدەنىيەتىنىڭ قىممىتى بىلەن بېيىتىلغان. يۈسۈپ خاس ھاجىب كىتابىنى ئىلگىرىكى تۈرك دۆلەتلىرىدە ۋە تۈرك مەدەنىيەتلىرىدە باشتىن كەچۈرگەن رېئاللىقلارنى ئاساس قىلىپ، كېيىنكىلەرگە بۇ ھەقىقەتنى يورۇتۇپ بەرگەن. ھاجىبنىڭ باشقۇرۇش سەنئىتىنى قانداق يۈرگۈزىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشلىرى دۇنيا خارەكتىرلىكتۇر (بوزكۇرت، 2005: 128).

يېڭى دەۋر سىياسىي ھاياتىدا كەڭ قوللىنىلغان ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە قېرىنداشلىق ئۇقۇمى فىرانسىيە ئىنقىلابىدا بارلىققا كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئەمما ئۇلار قۇتادغۇ بىلىگدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەسەردە ھۆر ئىنسان ئىپادىسى كەڭ قوللىنىلغان. كىتابنىڭ ئاساسلىق ئىدىيەسى بولغان «سۆيگۈ» ئادەتتە «قېرىنداشلىق» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ (كازماز، 2000: 18-19). ئەسەرنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، غايىۋى بىر دۆلەتنىڭ ۋە ھۆكۈمراننىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلكى، دۆلەت رەھبىرى، پۇقرالارغا مەجبۇرىيەت ۋە ئەخلاق قائىدىلىرىنى بىلدۈرۈشتۇر (دىلاچار، 1995: 145). يۈسۈپنىڭ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەن.

ئىنسان ھاياتنىڭ تەرتىپىنى تەكشۈرۈپ، تىنچلىق ۋە بەختنىڭ شەرتلىرىنى ئىزدەۋاتقان يۈسۈپ خاس ھاجىب كىتابىدا قانۇن ۋە دۆلەت مەسىلىسىنى تەپسىلىي شەرھىيلەپ چىققان ۋە بۇ پىكىرلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن كىتابىنى دۆلەت رەھبىرىگە سۇنغان. ئۆلمەس يازغۇچى، ئالدىنقى دەۋرلەردىن پايدىلانغانلىقى ئۈچۈن، قۇتادغۇ بىلىگ تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ ياراتقان دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: خەلق ئۈچۈن، خەلق تەرىپىدىن قۇرۇلغان، خەلققە خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان دۆلەتتۇر. يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ دۆلىتىدە ھۆكۈمرانلار، باشقۇرغۇچىلار ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. ئۇلار ئۆزلىرىنى جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشى ۋە خۇشاللىقىغا بېغىشلىغان. جامائەت مەنپەئەتى دۆلەت ئەربابلىرى ئۆز مۇلازىمىتىدە باشتىن-ئاخىر دىققەت قىلىشى كېرەك بولغان ئەڭ مۇھىم ئۆلچەمدۇر.

دۆلەت پۇقرالارغا ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن بەزى مەجبۇرىيەتلەرنى بېرىدۇ. دۆلەتنىڭ مۇقىم بولۇشى ۋە داۋاملىشىشى ئۈچۈن، پۇقرالارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغاندىن باشقا، دۆلەت بەلگىلىگەن بۇيرۇققا ئەمەل قىلىش كېرەك. يۈسۈپ خاس ھاجىب بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا: «ئەگەر دۆلەتكە جەڭ ئېلان قىلسىاڭ، قايغۇ-ھەسرەت بىلەن كۈرەش قىلىسەن» دېگەن، ئۇ دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە خارابلىققا قاراپ مېڭىش توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بەرگەن، دۆلەت ئىشلىرىدا سەل قارالماسلىقى ۋە سەل قارىغاندا ھالاكەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمرانلارنىڭ ياخشى كىشىلەردىن بولۇشى، ئىنسانلارغا قارىشى ياخشى پوزىتسىيەدە بولۇشى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بەرگەن (قازماز، 2000: 62).

يۈسۈپ خاس ھاجىب بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ھۆكۈمدار بىلەن ئۆگدۈلمىش ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتە ئوچۇق ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان. سۆھبەتلەردىن چۈشىنىشكە بولىدۇكى، خەلق ۋە ھۆكۈمدارنىڭ تىنچلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن، دۆلەت ئىشلىرى ھەر كۈن ۋاقتىدا كۆزدىن كەچۈرۈلىشى كېرەك. ئەگەر بۈگۈنكى ئىش تۈگىمىسە، ئەتىدىكى ئىشلارمۇ بۇنىڭغا قوشۇلىدۇ ۋە ئىشلار يىغىلىپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىشلارنى ئاقساتماسلىق كېرەكلىكى قاتتىق تەكىتلەنگەن ۋە قىممىتىنى ئەسىرلەر بويى ساقلاپ كەلگەن ماقال-تەمسىل تەكرارلانغان: بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما. مەجبۇرىيەتنىڭ بەدىلىگە پۇقرالارغا مۇلازىمەت قىلىشقا مەسئۇل دۆلەت، ئوخشاش ۋاقىتتا قۇۋۋەتنىمۇ كۆرسىتىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىب ئۈچۈن دۆلەتنى ساقلاپ قالىدىغان ئىككى مۇستەھكەم كۈچ، ئالتۇن ۋە قىلىچتۇر. دۆلەت ۋە ئادەم ھاياتىدا بايلىق ۋە پۇل ناھايىتى مۇھىمدۇر. ئەگەر بايلىق بولمىسا، تىل تۇتۇلىدۇ، ھەمىشە توسالغۇ ۋە قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ، ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. بۇ جەھەتتىن قىلىچ بىلەن بىرلىكتە ئالتۇن دۆلەتنىڭ ئاساسلىق كۈچىنى تەشكىل قىلىدۇ. پەقەت، دۆلەت ھوقۇقىنى ئىشلىتىدىغان ھۆكۈمران چوقۇم قۇياشقا ئوخشاش بولۇشى كېرەك (كازماز، 2000: 63).

دۆلەت توغرىلىقتىن چەتنەپ كەتمەسلىكى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك. مەلۇم بىر توپلۇمنىڭلا ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ خىزمىتىدە بولۇشى كېرەك، خىزمىتى بىلەن خەلقنى پاراۋانلىققا، گۈزەل تۇرمۇش ۋە بەختكە ئېرىشتۈرۈشى كېرەك. نامراتلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلىشى، تۇل ئاياللىرى ۋە يېتىم بالىلارنى قوغدىشى كېرەك. دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلارنىڭ ئەجر ھەققى دەرھال تۆلىنىشى كېرەك. جەمئىيەتتىكى سىياسىي ئورگانلار ۋە قائىدىلەرنىڭ قانۇنلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق بىلەن ئىجتىمائىي تەرتىپنىڭ مۇناسىۋىتى ئىجتىمائىي دۆلەتنىڭ چۈشىنىشى ئاساسىدا بېكىتىلىپ (دوغان، 2002b: 78-83)، بايلارنىڭ يۈكىنى ئوتتۇرا سەۋىيەدىكىلەرگە، ئوتتۇرا سەۋىيەدىكىلەرنىڭ يۈكىنى يوقسۇللارنىڭ يۈكىگە يۈكلىمەسلىكى ئوتتۇرىغا قويغان (چاۋۇشوغلۇ، 2012: 93). بۇ شەكىلدە، يۈسۈپ خاس ھاجىب دۆلەتنى خەلققە مۇلازىمەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان دەپ ئېنىقلىما بەرگەن.

دۆلەتنىڭ ئۈستىگە ئالغان مۇلازىمەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، مەنىۋى ھۆرمەتكە، قانۇن-نىزاملارغا بويسۇنۇشىنى تەلەپ قىلىشقا ۋە ماددىي جەھەتتىن تۈرلۈك ۋاسىتىلەرگە ئېرىشەلىشى كېرەك. ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئورگىنىدۇر. ئۇلار ماددىي ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىدۇ ۋە مۇلازىمەت قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، دۆلەت بىلەن ئوخشاش مەنىدىكى ھاكىمىيەت، دۆلەتنىڭ بايلىق ۋە ئىمكانىيەتلىرى، ماددىي ۋە مەنىۋىي ۋاسىتىلەرگە قوماندانلىق قىلىدىغان ۋە باشقۇرىدىغان كىشىلەر ياكى جامائەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ نۇقتىدا ئادالەتلىك باشقۇرۇشنىڭ كۆرسىتىلىشى ۋە بۇنىڭ باشقا جەھەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكى تەكىتلىگەن (ئاننان، 1970: 112).

يۈسۈپ خاس ھاجىب ئۈچۈن ھوقۇققا ئىگە بولۇش «ئەقىل-پاراسەت ۋە بەختكە ئېرىشىش» دېمەكتۇر. لېكىن، ھۆكۈمدار دۆلەتنىڭ قۇدرىتىنى ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خەلققە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يۈسۈپ ئىقبالغا ئىشەنمەسلىكىمىزنى، ھوقۇقنىڭ ۋاقىتلىقلىقى ، ھەتتا سىياسىي مۇقىمسىزلىق ۋە ھوقۇقى كۆرەش بۇ ئەھۋالنى ھەرۋاقىت ئۆزگەرتىۋېتەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھۆكۈمدار قولىدىكى كۈچنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئەمەسلىكىنى، بەلكى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزىگە ئامانەت قىلىنغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىقى كېرەك (كازماز، 2000: 64).

بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بارلىق تۈرك دۆلەتلىرىدە دۆلەتنىڭ بىر مۇلازىمەت ئورگىنى ئىكەنلىك چۈشەنچىسىنىڭ بولغانلىقى دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنىڭ كۆرسەتكۈچىسىدۇر. دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن (توغرا قانۇن-كۆنى تۆرۈ) قانۇن تۈزۈپ چىقىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، قانۇن يۈرگۈزگەندە ئادالەت، ياخشىلىق ۋە ھەققانىيەت بويىچە ئىش قىلىش زۆرۈردۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن تۆرىگە ئەمەل قىلمىغان بىر ھۆكۈمدار قۇت (ئاللاھ بەرگەن دۆلەتنى باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە پۇرسىتى) نى تاپالمايدۇ. شۇڭا، خەلققە پايدىلىق ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ئەمەلىيەت مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا قانۇننى ئىجرا قىلىدىغان ئەمەلدارلار يېتەرلىك ئىش ھەققى ئېلىشى، ھوقۇقدارلارمۇ بۇ قانۇنغا بويسۇنۇشى كېرەك (قازما، 2000: 70-71).

بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، بىز قۇتادغۇ بىلىگ ئادالەتنى ئاساس قىلغان، ئادالەتلىك بولۇش ئۈچۈن قانۇننى توغرا يولغا قويۇشنى تەۋسىيە قىلىدىغان، خەلقنى قوغدايدىغان دۆلەت ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى دەپ قارايمىز (ئادالىئوغلۇ، 2013: 244). دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇننى قوغداشنىڭ قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنىڭ ئاساسلىق تەلەپلىرىنىڭ بىرى بولغان قانۇنىي رامكا ئىچىدە بېكىتىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمەلدارلارنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتىنىڭ نامايەندىسى بولغان تۆرىگە قارشى تۇرالماسلىقى، ھاكىمىيەتنىڭ تۆرە بىلەن چەكلىمىگە ئۇچىرىشى بۇنىڭ روشەن مىسالىدۇر (دوغان، 2002a: 132).

قۇتادغۇ بىلىگدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك يەنە بىر نۇقتا، بارلىق تۈرك مەدەنىيەتلىرىدە ئومۇمىي كۆرۈلىدىغان «دۇنيا ھۆكۈمرانلىقى» غايىسىدۇر. دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش غايىسىنىڭ مەقسىتى ئىنسانىيەتكە خىزمەت قىلىشتۇر. ئىنسانىيەتكە تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىش ئارزۇسىدۇر (كازماز، 2000: 64).

ئەگەر قاراخانىيلار «ئىلىگ» ياكى باشبۇغنىڭ يۇرتداشلار بىلەن بىر كېلىشىم ئارقىلىق باغلانغان دەپ قارىساق، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز-ئارا مەسئۇلىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئىلىگدىن كۈتىدىغىنى: كۈمۈشنىڭ، يەنى پۇلنىڭ قىممىتىنى قوغداش، ساپلىق دەرىجىسىنى ئازايتماسلىق ، توغرا قانۇن چىقىرىش، كارۋان يولىنى كۈچەيتىش ، يەنى تىجارەتنى راۋاجلاندۇرۇپ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتۇر. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىلىگنىڭ ئاۋامدىن تەلەپ قىلىدىغىنى بولسا؛ كۆنۈ تۆرۈ ( توغرا قانۇن) گە ئاساسەن بۇيرۇقنى ئورۇنداش، باجنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇش، ئىلىگنىڭ دوستىنى دوست ۋە دۈشمىنى دۈشمەن دەپ بىلىشتۇر. بۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ ئىلىگدە مەلۇم ھەققى بار. بۇلار؛ ھاكىمىيەت، ئىنسانپەرۋەرلىك، ئەقىلگە مۇۋاپىق بۇيرۇق، يېگۈزۈش -ئىچكۈزۈش، ياخشى كۈتۈنۈش، ئەمگەكنى باھالاش ۋە مۇكاپاتلاشتۇر (دىلاچار، 1995: 148-149). بۇ ھوقۇقلار ئوسمانلى ئادالەتنامەلەردە بايان قىلىنغان مەسىلىلەر بىلەن ناھايىتى چوڭ ئوخشاشلىققا ئىگە.

ئەسەردە دېموكراتىك بىر ئىپادىدىنىمۇ كۆرەلەيمىز. چۈنكى بۇ مەزمۇن جەھەتتىن دېموكراتىيەنىڭ ئارزۇسى بىلەن پاراللېل بولۇپ، خەلقنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان كۆپ خىللىق ئاساسىدا ئىشتىراك باشقۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىدۇ. خاننىڭ بىلىمگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىشى «مەرىپەتپەرۋەر ھۆكۈمران» ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇنىڭدىن ئادالەتنى چۈشىنىش جەھەتتە باشقۇرۇش دائىرىسىنىڭ ئىنتايىن كەڭ ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. ئەسەرنىڭ بىلىملىك ۋە ئىقتىدارلىق كىشىلەرنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرىدىغان سۆھبىتىنى ئاساس قىلغانلىقى، دۆلەت باشقۇرۇشقا تاللانغان كىشىلەرنىڭ مەسلىھەت سوراش (مەسلىھەت بېرىش) ئورگىنى ئارقىلىق مەمۇرىي قۇرۇلمىدا ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ (دوغان، 2002a: 132). ئومۇمىي جەھەتتىن ئەسەرگە قارايدىغان بولساق، پايدىلىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك مۇھىم نوقتىدۇر. ئەسەرنىڭ پايدىلىقلىقىدىن باشقا، ھەمىشە كىشىلەرنىڭ بەخت-سائادىتىنى مەقسەت قىلىشىدىن، ئىنسانپەرۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىشى بولسا ئودغۇرمۇشتىن باشقا، كۈن تولدى ۋە ئۆگدۈلمىشنى چىقىش نوقتىسى قىلغىنىمىزدا، بىز ئۇنىڭ كىشىلەرنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۈمىدسىز، تەقدىرگە ئىشەنگۈچى ئەمەس؛ داۋاملىق تېخىمۇ ياخشىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان، ھەتتا ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋرنى تەنقىد قىلالايدىغان بىر ئەسەر ئىكەنلىكى ئېنىقتۇر(دىلاچار، 1995: 196-197).

خۇلاسە

قۇتادغۇ بىلىگ تۈرك-ئىسلام ئىدىيەسى تارىخىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئەسەرلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ ئەسەردىن دۆلەت تەشكىلاتى ۋە باشقۇرغۇچىلارغا بولغان تەكلىپلەر نوقتىسىدىن پايدىلانغىلى بولىدۇ. ھاجىبنىڭ تەڭداشسىز ئەسىرىدىن تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتىدىن باشقا، تۈرك تارىخى ۋە جەمئىيەتشۇناسلىقىغا قىزىقىدىغانلار نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيدۇ. قۇتادغۇ بىلىگ پەقەتلا ئۆز دەۋرىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە سىياسىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماستىن، بەلكى بۈگۈنكى دۆلەت قۇرۇلمىسىدا يولۇققان مەسىلىلەرنىمۇ ھەل قىلالايدىغان كەڭ مەنىدىكى بىر ئەسەردۇر.

قۇتادغۇ بىلىگ جەمئىيەت ۋە كىشىلەرگە تىنچلىق ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىغان دۆلەت ئاساسىنىڭ پىرىنسىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەسەردە، ھۆكۈمرانلارنىڭ قوغدىلىشىدىن، ھاكىمىيەتنىڭ زۆرۈرىيىتى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە پۈتۈنلۈكىگە ئېلىپ كېلىدىغان خەتەرگە قارشى قوللىنىلىدىغان تەدبىرلەرگىچە ھەممىسى تىلغا ئېلىنغان. سىياسىي ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت چۈشەنچىسى دائىرىسىدە ھۆكۈمرانلارنىڭ ھوقۇقى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق پىرىنسىپى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ۋە دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى سەۋەبنىڭ سۇبيېكتلىرى ئۈچۈن ھاياتلىق سەھنىسى يارىتىش ئىكەنلىكى قوبۇل قىلىنغان.

قۇتادغۇ بىلىگ ئاساسەن بىلىم ۋە ئەقىلنىڭ ئەۋزەللىكى ئۈستىگە قۇرۇلغان. پەقەت بىلىملىك ئادەملا ياخشى قانۇن ۋە تۆرىنى تۈزۈپ چىقالايدىغانلىقى ۋە بۇنى ئۆزلەشتۈرۈش (ئەقىل) ئارقىلىق قوللىنالايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. تەسۋىرلەنگەن ئۇچۇرنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ۋەقەلەرنىڭ ئاقىۋىتىنى ئالدىن مۆلچەرلەشنى ئاساس قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن بىلىم ۋە ئىلىم ئەقىلنى يېتەكلەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئەسەر بىلىملىك جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. قانۇنلارنىڭ ھۆكۈمرانلار بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ھەل قىلىشى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتساق بۇ بىر جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتى خاراكتېرىدىكى ئەسەردۇر.

نەتىجىدە، ئەسەر ساغلام ۋە خۇشال ئىجتىمائىي تەرتىپنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دۆلەت مەمۇرىيىتىدە نېمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەكلىكى ئۈستىدە توختىلىدۇ. دۆلەت باشقۇرۇشقا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە ماھىيىتىنى بېكىتىش ئارقىلىق، سىياسىي ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن جەمئىيەت ۋە دۆلەت پەلسەپەسى شەكىللەندۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ. ئەڭ ياخشى «قۇت» قا ئېرىشىشنىڭ ئەقىل، بىلىم، ئۆزلەشتۈرۈش، راستچىللىق، كەڭ قورساقلىق، ئادالەت ۋە ياخشىلىق قاتارلىق پەزىلەتلەر بىلەن مۇمكىن بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ پەزىلەتلەرگە ئىگە بولۇش ئارقىلىق دۆلەتنى تەشكىل قىلىدىغان ئىنسانىيەت جامائىتىنىڭ بەخت يولىدا گۈللىنىشكە ئېرىشىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەنبە: Yrd. Doç. Dr. Demokaan DEMİREL نىڭ Kutadgu Bilig’de devlet yönetimi ناملىق ماقالىسى، ئۇنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئوقۇغىلى بولىدۇ.

Kutadgu Bilig’de devlet yönetimi

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top