خەلقئارا ئانا تىل كۈنىدىكى ئەسلەتمىلەر، كۆرسەتمىلەر ۋە چاقىرىقلار
تەھرىرلىگۈچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئابدۇلھەمىد قاراخان
مۇقەددىمە ۋە كىرىش سۆز
ئۇيغۇرلار «ئانا تىلىمىز» دەپ پەخىرلىنىۋاتقان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى (ھەر خىل ئۆزگىچە يەرلىك شېۋىلىرىنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.) ئەسلىدە توپتوغرا مىڭ يىل بۇرۇن ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن «خاقانىيە تىلى» دەپ ئاتالغان قۇتلۇق تىل ۋە ئۇنى يېزىقتا ئىپادىلىگۈچى ۋاسىتە بولغان «خاقانىيە يېزىقى» ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان (906 – 956) بىلەن ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانى (888 – 952) 940 – يىللىرى قۇرۇپ چىققان قاغانلىق ئالىي بىلىم يۇرتى «ساچىيە مەدرىسىسى» تەرىپىدىن پۈتۈن قاغانلىق تەۋەسىگە تارقىتىلغان ۋە ئومۇملاشتۇرۇلغان ئەدەبىي يېزىق بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا يالغۇز قاراخانىلارنىڭ مىللىي يېزىقى بولۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ تەسىرىدە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان غەزنەۋىلەر ۋە سالجۇقىلارنىڭمۇ ئەدەبىي يېزىقىغا ئايلانغان ئىدى. ھەزرىتى مەھمۇد كاشغەرىي 1072 – يىلى 25 – يانۋار قۇتلۇق قۇتلۇق جۈمە كۈنى باغدات شەھىرىدە تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ مۇقەدىمىسىنى يېزىۋاتقاندا خاقانىيە تىلىنىڭ باشقا يەرلىك شېۋىلەردىن پەرقلىق بولغان تەرىپى ھەققىدە ئوچۇق مۇنداق ئۇچۇر بەرگەن: «تۈرك تىللىرىنىڭ ئەڭ پاساھەتلىكى ۋە تولۇق تەلەپپۇز قىلىنىدىغىنى شەك – شۈبھىسىز كاشغەر تۈركچىسىدۇر! تىلغا ئەڭ يېنىك ۋە كەمتۈك تەلەپپۇز قىلىنىدىغىنى ئوغۇز تۈركچىسىدۇر!». بىز بۇ قىممەتلىك تارىخىي ئۇچۇرلاردىن ئەينى ۋاقىتتىكى خاقانىيە تىلىمىزنىڭ بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەدەبىي تىلى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدۇق. ئۇندىن باشقا كېيىنكى چاغاتاي تىلى ۋە ئوسمانلى تىلى قاتارلىقلارنىڭ خاقانىيە تىلىنىڭ راۋاجى ۋە داۋامى ئىكەنلىكى تارىخچىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ھەقىقەت. ئەردوغان چېغىدا تېخىچە ئاشۇ ئوسمانلى تىلى ۋە ئوسمانلى يېزىقىنى قايتا مائارىپ ساھەسىگە كىرگۈزۈپ بولالماي ئاۋارە. ئەمما ئۇيغۇر خەلقى يېقىنقى مىڭ يىلدىن بېرى ھەر خىل ئىسسىق – سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، خاقانىيە تىلى ۋە خاقانىيە يېزىقىنى تۈرلۈك چارىلەر بىلەن ساقلاپ قالدى. خىتاي باندىتلىرىنىڭ 1960 – يىللىرى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم يېزىقنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىپ، ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ يوقىتىش سۇيقەستىنىمۇ خەلقىمىز 1980 – يىلغا كەلگەندە تولۇق بىتچىت قىلدى.
ئانا تىلىمىزنىڭ ۋە ئۇنى ئىپادىلىگۈچى تەۋەررۈك يېزىقىمىزنىڭ قىممىتى نەدە؟
ئانا تىلىمىزنى يېقىنقى مىڭ يىلدىن بېرى راۋان ئىپادىلەپ، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ يارقىن نامايەندىسى بولغان ئۇيغۇر – ئىسلام مەدەنىيىتىگە ئۇل سالغان تەۋەررۈك يېزىقىمىز «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى» بولسا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاندىن مەلىكۇل مەشرىق يۈسۈپ قادىرخانغىچە بولغان يۈز يىلدا پۇختا قېلىپلىشىپ «خاقانىيە يېزىقى» دەپ ئاتالغان بولسا، كېيىنچە «چاغاتاي يېزىقى» نامى بىلەن 20 – ئەسىرگىچە داۋام قىلغان. يېقىنقى يۈز يىلدا خۇددى ئىگىلىرىدەك دەھشەتلىك بالا – قازالارنى بېشىدىن كەچۈرگەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىمىز يەنىلا شۇ پېتى ھەر قايسى مەتبۇئاتلار، گېزىت – ژۇرناللار ۋە تاراتقۇلاردا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلماقتا. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تاراتقۇلىرىمۇ دەل مۇشۇ تەۋەررۈك يېزىقتا ھەر كۈنى ئەزىز خەلقىمىزگە دۇنيادىكى بارلىق ئۆزگىرىشلەر ۋە ئاخباراتلارنى دەل ۋاختىدا تەمىنلەپ بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. ھەممىمىز ئانا تىلىمىزنى قوغداش ئۈچۈن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشايلى! مىڭ يىلدىن بېرى ئانا تىلىمىزنىڭ جانلىق ۋە ئەدەبىي يېزىقى بولۇپ كەلگەن «خاقانىيە يېزىقى» نى ئۇيغۇر خەلقى ھەر خىل چارىلەر بىلەن ساقلاپ قالغان بولسا، غەرپتە بوشناقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بالقانلىقلار، تۈركلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاناتولىيە خەلقى، چېچەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كاۋكازلىقلار مەزكۇر خاقانىيە يېزىقىنىڭ راۋاجى بولغان ئوسمانىيە يېزىقىنى ئۇنتۇپ كېتىشتى. ھازىرمۇ ئۇلار لاتىن يېزىقى ياكى كېرىل يېزىقى ئارقىلىق ئانا تىلىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە. شەرقتە خاقانىيە يېزىقىنىڭ ئۇرالدىن ئالتايغىچە قوللىنىپ كېلىنگەن راۋاجى «چاغاتاي يېزىقى» نى قوللىنىپ كېلىۋاتقان تاتارلار ۋە مەركىزىي ئاسىيادىكى قېرىنداش خوشنا مىللەتلەرمۇ ئۆز يېزىقىنى ساقلاپ قالالماي ئورۇسچە ئېلىپبە ئاساسىدىكى كېرىل يېزىقى بىلەن ئانا تىلىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە. قىسقىسى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارزۇ قىلىدىغان يېزىقى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار ھازىر ئىشلىتىۋاتقان يېزىقتۇر. بۇ نۇقتىدىن ھەر بىر ئۇيغۇر ئىپتىخارلىق ۋە شەرەپ ھېس قىلىشى، مىڭ يىلدىن بۇيان ئانا تىلىمىزنى ئۆز مىللىي يېزىقىمىز بىلەن قوغداپ كەلگەن بارلىق نامسىز قەھرىمانلار ياكى داڭلىق قەھرىمانلىرىمىزنى ۋە تۆھپىكارلىرىمىزنى ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىپ تۇرۇشى لازىم! ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋارىسلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى كېرەك! شۇندىلا ئانا تىلىمىزنىڭ ئىستىقبالى ۋە كېلەچىكىدىن سۆزقىلغىلى بولىدۇ.
1. ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل ۋە تىل مەدەنىيىتى تەربىيىسى
يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق
ئەقىل ھەم بىلىم تەرجىمانى بۇ تىل،
رۇشەن تىل كىشىنى يۇرۇتقۇچى، بىل! -يۈسۈپ خاس ھاجىپ
تىل مەدەنىيىتى تەربىيىسى دېگەندە نەزەردە تۇتۇلىدىغىنى ئانا تىل تەربىيىسى، ئانا تىل تەربىيىسى پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىدە ئانا تىلغا بولغان مۇھەببەت تۇيغۇسىنى ئويغىتىش، ئانا تىلنى قوغداش ۋە ئانا تىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇڭا، «تىل ۋە تىلشۇناسلىق خەلق مۇئارىپىنىڭ ئادەتتىكى ھاياتىنىلا ئەمەس، بەلكى مەركىزىي ماھىيىتىنى تەشكىل قىلىدۇ» كارامىزىن). بىراق ئانا تىل تەربىيىسى مەكتەپلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس، بەلكى ئۇ پۈتۈن جەمئىيەت ۋە ھەربىر ئائىلىنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ بىرى. ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن تارىخىي مۇساپىسىدە ئۇيغۇر تىلىنى يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۇرۇپ، ئۇنى جېنىدەك قەدىرلەپ كەلدى. ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرى ئەمدى دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن تارتىپ پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىگە ئانا تىل تاۋۇشلىرىنى سىڭدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئانا تىلغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت تۇيغۇسىنى ئويغىتىپ كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئانا تىل مەدەنىيىتى تەربىيىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ئۇلۇغۋار ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەنلىكى تارىختىن بىزگە مەلۇم. ئۇيغۇر مۇئارىپىمۇ ئانا تىل دەرسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بىلەن قارايتتى.
تارىخىي مۇساپىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇيغۇر خەلقى ئانا تىلنى ۋە ئۇنىڭ ساپلىقىنى قوغداش، ئانا تىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىنى سەرپ قىلغانلىقى تارىختىن بىزگە مەلۇم. بۇنىڭدىن مىڭ يىللار مۇقەددەم ئوتتۇرا ئاسىيادا ئومۇمىي يۈزلۇك ئەۋج ئالغان ئەرەبلەشتۇرۇش دولقۇنىدا قاراخانىيلارنىڭ مەھمۇد ئىسىملىك بىر شاھزادىسى يېتىشىپ چىقىپ، ئۆز دەۋرىدە «مۇقەددەس تىل» دەپ ئۇلۇغلىنىۋاتقان ئەرەب تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ «بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقان» مەدەنىي تىل ئىكەنلىكىنى ئەرەبلەرگە ۋە ئۆز ۋاقتىدىكى ئانا تىلىدىن ئاينىغان ۋە ياتلاشقان بىر بۆلەك زىيالىلارغا ئىسپاتلاپ بېرىش مەخسىتىدە «تۈركىي تىللار دىۋانى» دېگەن بۈيۈك قامۇسنى يازغان. ئۇ بۇ ئەسىرى ئۈچۈن ئۆمرىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك سەرپ قىلغان. ئۇ گىگانت ئالىم بۇ قىممەتلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ئەمگىكى بىلەن ئەينى دەۋردە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىلىنىۋاتقان دەھشەتلىك ھۇجۇم ئۈچۈن مۇستەھكەم مەنىۋى سېپىل سوققانىدى. ئەسىرگە 15-كەلگەندە يەنىلا بىر قىسىم ئاغمىچى شائىرلار ئانا تىلنى كەمسىتىدىغان، پارس تىلىنى مەدەنىي تىل ھېسابلايدىغان بىر تەتۈر ئېقىم ئوتتۇرغا چىققان. خېلى كۆپ ئاپتۇرلار ئەسەرلىرىنى پارس تىلىدا يازغان. ئەرەب-پارسچە نۇرغۇن سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىغا كىرىپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت سوستاۋىدا خېلى بۇزۇلۇشنى بارلىققا كەلتۈرگەنىدى. بۇخىل يۈزلىنىشنىڭ يامان ئاقىۋېتىنى ئەقىل كۆزى بىلەن كۆرگەن نۇرغۇن مەدەنىيەت سەركەردىلىرى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، بىر تەرەپتىن، ئىلمىي ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلى بىلەن پارس تىلىنىڭ مەدەنىيەتلىك دەرىجىسىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ پارس تىلىدىن مەدەنىي تىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر تىلىدا مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاغمىچىلارغا زەربە بەردى ۋە ئانا تىلنى قوغداپ قالغانىدى.
ئۇلار ئانا تىل ئۈچۈن نېمىشقا مۇنچە كۆيىدۇ، ئانا تىل ئۈچۈن شۇنچە زور قۇربان بېرىشكە تەييار تۇرىدۇ؟ چۈنكى تىل دېگەن بىر مىللەتنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى بايلىقلىرىدىن بىرى. تىل دېگەن مىللەتنىڭ روھى، مىللەتنىڭ جېنى. تىل ھەم بىر مىللەتنىڭ ئورتاق مۇلكى. قەدىمكى ئەجدادلىرىدىن قالغان قىممەتلىك تەۋەرۇكى. ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەتنىڭ تەپەككۇر بايلىقى دېگەن سۆز. شۇڭا، ئۇلار تىلنى مىللەتنىڭ جېنى دەپ قارايتتى. مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى، مەدەنىيەتنىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئىزچىل داۋاملىشىشى تىلدىن ئىبارەت قۇرالغا باغلىق. ئەگەر بىر مىللەتنىڭ تىلى يوقالسا، مىللەتنىڭ ئۆزىمۇ ۋە مەدەنىيىتىمۇ يوقىلاتتى. ئۇلار خەلقنىڭ تىلىغا قارىتىلغان ھوجۇمنى ئۇنىڭ قەلبىگە قىلغان ھۇجۇم دەپ چۈشىنەتتى. «خەلق تىلىنىڭ ھەمىشە مىللىي رەھ بىلەن چەمبەرچەس باغلانغانلىقىنى» (گۇمبۇلىدت) بىلەتتى. ئانا تىلنى قوغداش ئۈچۈن بولغان كۆرەش ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە خەلقپەرۋەرلىكنىڭ ئالىي ئىپادىسى ئىدى.
مانا شۇ ئۇيغۇر تىلى ئۇزاق يىللار مابەينىدە ئۇيغۇر خەلقىنى دۇنيا بىلەن باغلاپ تۇردى، دۇنيا مەدەنىيىتى ئۇچرىشىدىغان بۇ ئالتۇن ماكاندا ئالتۇن كۆۋرۈك بولۇپ، دۇنيا بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىنى ئۈزۈلمەس رىشتە بىلەن باغلىدى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى تارىخىمىزدا نۇرغۇن ئۇلۇغ ئالىملارنى يىتىشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى دۇنيا مەدەنىيەت مۇنبىرىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكۈزگەنىدى. ئىنسانىيەت ئۈچۈن بەخت يولىنى، نىجاتلىق يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دۇنياۋى خاراكتىرلىك نادىر ئەسەرلەر ئەنە شۇ مەدەنىي ئۇيغۇر تىلى بىلەن بارلىققا كېلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شان-شۆھرىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تۇنۇتقانىدى. دۇنيا تارىخىدا بارلىققا كەلگەن مۇقەددەس كىتابلارمۇ ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرۇلۇپ، ئۆزىنىڭ ھاياتىي قۇدرىتىنى نامايەن قىلغانىدى.
بۇ ھەقىقەتنى تولۇق چۈشەنگەن ئۇيغۇر خەلقى بالا «ئىڭە» دەپ تۇغۇلغىنىدىن تارتىپ، ئۇنىڭ قەلب دەپتىرىگە «ئەللەي ناخشىلىرى» بىلەن ئانا تىلنىڭ مۇقەددەس نۇرلىرىنى نەقىشلەشكە باشلايتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر تىلى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ، تارىختىكى ھەر خىل تىل ئاسسىمىلياتسىيىلىرىگە قارشى كۆرەشتە غالىب كېلىپ، پەن-مەدەنىيەت غايەت زور دەرجىدە تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى 21-ئەسىرگە دادىل قەدەم باستى.
ھازىرقى مەدەنىي دۇنيادا ئۇيغۇر خەلقى پەرزەنتلىرىگە ئانا تىل ھەققىدە قانداق تەربىيە بېرىشى كېرەك؟ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرقى زامان دۇنيا مەدەنىيىتىگە ياندىشىشى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئائىلە تەربىيىسى قانداق رول ئوينايدۇ؟
ئانا تىل تەربىيىسى ھازىرقى دۇنيادىمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ قەتئىي جىددىي قاراشقا تېگىشلىك بىر چەكسىزلىك. ئانا تىل تەربىيسىگە سەل قارىغانلىق، باشقا تەربىيلەرگە ھەم سەل قارىغانلىق بولىدۇ. پەرزەنتلەرنىڭ بوۋاق چېغىدا چىققان تۈنجى «ئانا» سۆزى ئانا تىل مۇقەددەسلىكى بىلەن يۇغۇرىلىپ كېتىدۇ. شۇ تۈنجى سادادىن كېيىن ئۇيغۇر ئانىلىرى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ تۈنجى ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالىدۇ. ئانىنىڭ بۇ ھەقتە سىڭدۈرگەن ئەجرى پەرزەنتلەرنىڭ تىلىنىڭ راۋان بولىشى، تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن چوڭقۇر ئاساس سالىدۇ. چۈنكى تىلنىڭ راۋانلىقى، ئېنىقلىقى ۋە ئىپادە قىلىش كۈچى پەرزەنتلەرنىڭ پىكىر قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. تىلى بالدۇر چىققان بالىلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتى بىلەن تىلى كېيىن چىققان بالىلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتى رۇشەن پەرقلىنىدۇ. بالىلارنىڭ تىلىنىڭ تېز ۋە راۋان چىقىشى كۆپ مەشىقلەندۇرۇش، كۆپ سۆزلىتىش، كۆپ گەپ قىلىپ بېرىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، ئۇيغۇرلار مەقسەت-مۇددىئاسىنى تولۇق، راۋان ئۇقتۇرالايدىغان بالىلارنى «ئەقىللىق بالا ئىكەن» دەيدۇ. دۇدۇقلاپ گېپىنى ئۇقتۇرالمىغان، گەپنى تاققا-تۇققا قىلىپ مەقسىدىنى ئۇقتۇرالمىغان جۈرئەتسىز بالىلارنى ياخشى تىل تەربىيىسى كۆرمىگەن، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، پەرزەنتلەرنىڭ تىلىنىڭ ئۇچۇق ۋە راۋان بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق بىر قانچە خىل ئۇسۇلنى قوللىنىش مۇۋاپىق:
بىرىنچى، پەرزەنتلەرنى تىلى چىقىشقا باشلىغاندىن تارتىپ ئېنىق، توغرا تەلەپپۇز بىلەن راۋان سۆزلەشكە ئادەتلەندۇرۇش لازىم. ئەگەر گېپىنى تولۇق تەلەپپۇز قىلالماسلىق ئەھۋاللىرى بايقالسا، جۈرئەتلىك بولۇشقا، تارتىنماسلىققا ئىلھاملاندۇرۇپ، گەپنى ئېنىق، دانە-دانە، ئالدىرىماي سۆزلەشكە ئادەتلەندۇرۇش؛ قىيلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندا، يېتەكلەش خاراكتىرىدە سۆزلىرىنى تولۇقلاپ بېرىش كېرەك. چۈنكى بەزى بالىلار تارتىنىش ۋە جىددىيلىشىش تۈپەيلىدىن گەپنى تولۇق تەلەپپۇز قىلالمايدۇ.
ئىككىنچى، بالىلارغا گەپ قىلىش زۈرۈرىيىتى تۇغۇلغان چاغدىلا گەپ قىلىپ، قالغان چاغلارغا كارىمىز بولمىسا بولمايدۇ. زۆرۈرىيەتسىز چاغلاردىمۇ بالىلاردىن كۆپرەك نەرسىلەرنى سوراش يولى بىلەن غىدىقلاش لازىم. ئەگەر بالىلار بىرەر يەرگە بارغان بولسا شۇ يەرگە بارغاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى، نېمىلەرنى كۆرگەنلىكىنى، نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى سۆزلىتىش، ئوينىغان، تۇرغان ئىشلىرى توغرىسىدا سۆزلىتىش، باشقىلارغا بولغان چۈشەنچىسىنى سۆزلىتىش كېرەك. بەزى چاغلارغا پالانىنىڭكىگە بېرىپ «مۇنداق، مۇنداق دەپ كەل» دەپ بۇيرۇش، تېلفۇندا سۆزلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن يېتەكلەش كېرەك.
ئۈچىنچى، مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ۋە مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن، بالىلار بىلەن كۆپرەك ئارىلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئىشتىراك قىلىش، ئۇقۇشتىكى تەسىراتلىرىنى، دەرسلەرنىڭ مەزمۇنلىرىنى سۆزلەپ بېقىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش، كىتابلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇپ بېرىشنى ئۆتۈنۈش يولى بىلەن بالىلارنىڭ تىل قابىلىيىتىنى، نۇتۇق قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇ. بالىلار بىلەن ئانچە-مۇنچە بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇنازىرىلىشىپ قويۇشمۇ بالىلارنىڭ پىكرىنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ، تىلىنى راۋان قىلىدۇ.
ئاتا-ئانىلار پەرزەنت تەربىيلەشتە ئانا تىل بىلەن باشقا چەت ئەل تىللىرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئىلمىي كۆز قاراشتا بولۇشى كېرەك.
كۆپ تىل ئۆگۈنۈش قەدىمدىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلەرگە قويغان مۇھىم تەلىپى بولۇپ كەلگەن. دىنىي ئېتىقاد ئېھتىياجىدىن بولسۇن، مەدەنىيەت نوقتىئىنەزەردىن بولسۇن، ئۇيغۇرلار قوش تىللىق بولۇشنى دۇنياغا يۈزلىنىشنىڭ يول خېتى دەپ قاراشقان. قەدىمكى بۈيۈك ئالىملاردىن مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر نەۋائىيلارمۇ ئەرەب، پارس تىللىرىدا يوقۇرى سەۋىيەلىك ۋە پاساھەتلىك ئەسەرلىرىنى يازغانىدى. بىراق ئۇلار شۇنداق كامالەتكە يەتكەن تۇرۇقلۇقمۇ ھەرگىز ئانا تىلىدىن ۋاز كەچمىگەن، بەلكى ئانا تىلنى ئۇلۇغ بىلگەن ۋە ئانا تىلدىن ئەسەر يېزىپ دۇنياغا تۇنۇتقان.
ھازىر ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ قوش تىللىق بولىشىغا بەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. بولۇپمۇ شەرت-شارائىتى يار بېرىدىغان جايلاردا بالىلارنىڭ چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش ئىشتىياقى زور دەرىجىدە يوقۇرى كۆتۈرۈلگەن، چەت ئەل تىلى كۇرىسلىرى كۆپەيگەن، بۇ خىل يۈزلىنىش ئەلۋەتتە كىشىنى سۆيۈندۇرىدۇ. ئاتا-ئانىلار بۇنىڭ ئۈچۈن خېلى كۆپ پۇل چىقىم قىلىۋاتىدۇ.
بىراق ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش، بەزى ئاتا-ئانىلار باشلامچىلىق بىلەن پەرزەنتلەرنى ئانا تىلدىن ياتلاشتۇرىدىغان ئەھۋاللار باش كۆتۈردى. بۇنىڭ ئىپادىلىرى مۇنداق بىر قانچە تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ: بىرى، بەزى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرى بىلەن ئالاقىدە ئانا تىلدا سۆزلىمەي، يات تىلدا سۆزلەشسە، بەزىلىرى يېرىم ئۇيغۇر تىلىدا، يېرىم يات تىلىدا سۆزلەپ ئەبجەش بىر تىلنى بارلىققا كەلتۈرىۋاتسا ئۇنىڭغا توغرا تەدبىر قوللانماقتا يوق، ئەكسىچە پەخىرلىنىدىغان، ھەتتا ئۆزى باشلامچى بولۇپ يات تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئەھۋاللارنىمۇ ئۇچراتتۇق. يەنە بىرى، ھازىر خېلى كۆپ ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى يات تىل مەكتەپلىرىگە بېرىش بىر دولقۇنغا ئايلانغىلى تۇردى. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلى مەڭگۇ يات تىل بولۇپ قالىدۇ. ئۇيغۇر تىلى ئۇلار ئۈچۈن ئىككىنچى ئورۇندىكى قوشۇمچە ئۈگەنگەن تىل بولىدۇ. ئۇ بالىلار ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئانا تىل تەربىيىسى كۆرگەن بالىلاردەك قەلب ھېسياتىنى ئانا تىل بىلەن تولۇق مۇكەممەل ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. ئۇلار ئانا تىل بىلەن پەقەت تۇرمۇشتىكى ئاددىي ئالاقىنىڭلا ھۆددىسىدىن چىقالىشى مۈمكىن. مەن تونۇيدىغان ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان خىتاي تىلىدا ئىمتىھان بېرىپ قوبۇل قىلىنغان بىر نەچچە ئوقۇغۇچى بار ئىدى. ئۇلار 5 يىل مۇنتىزىم ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئاڭلاپمۇ، كېيىن خېلى ئۇزۇن مەزگىل ئۇيغۇر تىلى بىلەن دەرس ئۆتۈشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى. بەزىلىرى كەسپ ئالماشتۇرۇپ چىقىپ كەتتى.
بۇنداق بولۇشنىڭ نېمە سەۋەبى باردۇر، دەپ جەمىئىيەتتىن ئەھۋال ئىگىلەپ باقتىم. بەزى ئاتا-ئانىلار، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان بالىلار خىتاي تىلىنى بىلمەيدىكەن، شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئىستىقبالى يوق بولىدىكەن،خىتاي مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا ئىستىقبالى بولىدۇ، دەپ قارايدىكەن. يەنە بىر بۆلەك ئاتا-ئانىلار، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ شەرت-شارائىتى ناچار، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى تۆۋەن، خىتاي مەكتەپلىرىنىڭ شارائىتى ياخشى، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ساپاسى يۇقۇرى، دەپ قارايدىكەن. بىرىنچى خىل قاراشنىڭ ئاساسى يوق. ئەگەر مەسىلىگە ئۇنداق قارايدىغان بولساق، مەنتىق جەھەتتىن خىتاي بالىلارنىڭ ئىستىقبالى بار، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئىستىقبالى يوق دېگەن خاتا ئەقلىي يەكۈن چىقارغان بولۇپ قالىمىز. بىلىش كېرەككى، مىللىي مۇئارىپ مىللەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن، كەلگۈسى ئۈچۈن، تەرەققىيات ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىلىدۇ. ھازىر دەرسلىك مەزمۇنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈلدى. ئەگەر تىل پەرقى نوقتىسىدىن ئىستىقبالى پەرقلىنىدۇ، دەپ قارايدىغان بولساق، ئۇنداقتا مىللىي مائارىپنىڭ دەرۋازىسىنى تاقاپ، بارلىق بالىلارنى خىتاي مەكتەپلەرگە بېرىش زۈرۈرىيىتى تۇغۇلامدۇ؟
شۇنى بىلىش كېرەككى، مىللىي مۇئارىپ مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتنىڭ ئەڭ مۇھىم كاپالەتچىسى. ئومۇملۇق نوقتىسىدىن قارىغاندا، ئىستىقبال مەسىلىسىنى پەرزەنتلەرنى خىتاي مەكتەپلەرگە بېرىش يولى بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. بەلكى مىللىي مۇئارىپنىڭ سۈپىتىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاساس سالغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مۇئارىپى ھەرگىزمۇ مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇئارىپ ئەمەس، ئۇيغۇر مۇئارىپى نەچچە مىڭ يىللاردىن بويان ئانا تىلدا دەرس ئۆتۈش ئارقىلىق دۇنياۋى مەشھۇر ئالىملارنى يىتىشتۇرۇپ چىققانىدى. ھازىرمۇ شۇنچە كۆپ پىروفېسسور ۋە دوكتۇرلارنى جەمىيەتكە چىقاردى. خىتاي مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە (شارائىتى ياخشىراق مەكتەپلەردە) ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىدا رۈشەن پەرق يوققۇ. تىل مەسىلىسىدىن قارىساق، ھازىر 3-يىللىقتىن باشلاپ تاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە خىتاي تىلى ئۆگۈنىدۇ. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن كۆپلىگەن بالىلار خىتاي تىلىدا راۋان ئالاقىلىشالايدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئانا تىلدىن مەھرۇم قىلىشقا زورلايدىغان ھەرقانداق ۋاستىسىنى ئىستىقبال ئۈچۈن تىرىشىش دەپ قارىمايمىز. ئۇ شەخسىيەتچىلىك، مەنپەئەتپەرەسلىكتىن كېلىپ چىققان قۇرۇق باھانىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەگەر ئاتا-ئانىلار ھەقىقەتەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئىستىقبالىنى ئويلايدىغان بولسا، ئۇنى مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن مەدەنىيەت ئىزچىللىقى ۋە ئانا تىلنىڭ مۇكەممەللىكىدىن ئىزدىشى لازىم.
پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئانا تىلدىن مەھرۇم قېلىشتىنمۇ ئارتۇق يوقىتىش بولمايدۇ. چۈنكى «تىلدا خەلقنىڭ بارلىقى، ئۇنىڭ ۋەتىنى گەۋدىلىنىدۇ… تىل خەلقنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ھەم كېلەچەك ئەۋلادنى مۇستەھكەم بىر پۈتۈنلۇككە، تارىخىيلىق ۋە جانلىقلىق جەھەتتە جىپسىلىققا ئايلاندۇرغۇچى ئەڭ ھاياتىي، ئەڭ باي، ئەڭ مۇستەھكەم ۋاستىدۇر» (ئوشىنسكىي)
مەنبە: يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتى ئانا تىل سەھىپىسى، 2013 – يىلى 9 – فېۋرال.
ئەسكەرتىش: مەرھۇم يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئەپەندىنىڭ بۇ يازمىسىدىكى «خەنزۇ ۋە جۇڭگۇ» سۆزلىرى «خىتاي» سۆزىگە، «خەنزۇچە» سۆزى «خىتايچە» سۆزىگە تۈزىتىلىپ تەھرىرلەندى. مەلۇم بولغىنىدەك، يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئەپەندى ۋەتەندە «خىتاي» ۋە «خىتايچە» دىگەندەك ئاتالغۇلارنى قوللىنىش ئىمكانى يوق ئىدى. – تەھرىردىن
2. تىبەت زىيالىسىدىن ئون يىل بۇرۇنقى ئاگاھلاندۇرۇش
تىبەت يازغۇچىسى ۋوئېسېر: ‘تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تىل مەدەنىيىتى ۋەيران بولماقتا’
تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوئېسېر ئۆزىنىڭ يېڭى كىتابى ”توربوتتىكى بىرنەچچە يىل“ دا، نۇقتىلىق ھالدا تىبەت ھەم ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بۇ 60 يىلدىن بۇيان ۋەيرانچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە توختالغان.
ۋوئېسېر تىبەت مەدەنىيىتىنى قوغداش تەشەببۇس قىلىنغان يازمىلىرى بىلەن تىبەتلەر ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ تونۇلغان يازغۇچى. يازغۇچى ۋوئېسېر كىتابىنىڭ ”يۈرەكنىڭ بېغىشى“ ناملىق كىرىش سۆز قىسمىدا، ئۆزىنىڭ تىبەت ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بۇ ئىككى خەلقنىڭ تىل – يېزىق، ئۆرۈپ – ئادەت مەدەنىيىتىدە يۈز بەرگەن پاجىئەلىك قىسمەتلەر ھەققىدە توختالغان.
ۋوئېسېر ئۆزىنىڭ يازمىلىرى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ شەخسى بلوگىنىڭ كۆپ قېتىم خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق يازىدۇ: ”مەن ئۆز يازمىلىرىمدا ھەر ۋاقىت خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن سەزگۈر بولغان مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغىنىم ئۈچۈن، مېنىڭ تور بېتىم كۆپ قېتىم تاقالدى. مەسىلەن: مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدە تىبەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى يازغىنىم ھەم بۇ يازمىلىرىمغا دادام ئەينى يىللىرى تارتىۋالغان تىبەت بۇتخانىلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنغان ھالىتى تەسۋىرلەنگەن سۈرەتلەرنى كىرىشتۈرۈپ، تور بېتىمدە ئېلان قىلغىنىم ئۈچۈن، ئۇلار مېنىڭ تور بېتىمنى يېرىم يىل تاقاپ قويۇشتى.“
ۋوئېسېر ئۆز يازمىسىدا يەنە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن تارىخىدا، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر ھەم بۇ مىللەتلەرنىڭ ئانا تىلى، يېزىقى، مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ھەققىدە توختىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەيدۇ.
”ئەجەبا بىزنىڭ تىنچ يوسۇندا مەجبۇرى ئۆزگەرتىلگەن يېزىقىمىز، تىلىمىز ھەققىدىكى تارىخ ۋە بېشىمىزدىن كەچۈرگەن ئاچچىق قىسمەتلەرنى يېزىشقا ھەققىمىز يوقمۇ؟ مەن خوتەننىڭ نىيە ناھىيىسىگە ساياھەت ئۈچۈن بارغان چېغىمدا، بۇ ناھىيىنىڭ مەركىزىگە تىكلەنگەن خاتىرە مۇنارنى كۆرگەن ئىدىم. قىزىل سىردا سىرلانغان بۇ مۇنارنىڭ چوققىسىدا قىزىل بايراقلار بىلەن ئورالغان ماۋزېدوڭنىڭ ھەيكىلى تۇرۇپتۇ، مۇنارنىڭ ئوتتۇرىسىغا خىتاي يېزىقى ھەم مەن بىلمەيدىغان لاتىن يېزىقى بىلەن ‘يېتەكچى ئىدىيىمىزنىڭ ئاساسى ماركسىزم ئىدىيىسى، بىزگە يېتەكچىلىك قىلغۇچى يادرو كۈچ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى’ دەپ يېزىلىپتۇ. مۇنار ئاستىغا بولسا مۇنارىنىڭ 1968 – يىلى بىنا قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىپتۇ. قارىغاندا مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ بوران – چاپقۇنلىرى پۈتۈن خىتايغا تۇتاشقان ئىكەن، مەن بۇ مۇناردىكى يازمىدىن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى قىزىل تېررورلۇق ھەممە يەرنى قاپلىغان مەنزىرىنى يەنە بىر قېتىم كۆرگەندەك بولدۇم.“
ۋوئېسېر بايانىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 1968 – يىلى تىبەتنىڭ لخاسا شەھىرىدە يۈز بەرگەن ”قىزىل تېررورلۇق“ ۋە ئۇيغۇر، موڭغۇل، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىقى مەجبۇرى ھالدا ئىسلاھ قىلىنغىنى ئۈچۈن، بۇ مىللەتلەر مەدەنىيىتىدە يۈز بەرگەن پاجىئەلەرنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: ”مېنىڭ ئىگىلىشىمچە، 1968 – يىلى ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى ئەلەم كۈرىشى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ئىكەن. بۇ دەۋردە خىتايلار بىلەن تىبەتلەر تارىختىكى ئەڭ ئىتتىپاق ھالەتتە ياشىغان بولۇپ، بۇ يىللاردا كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىقنى بەلگىلەشتە، مىللەت ئايرىمىلىقى ئەمەس بەلكى سىنىپ ئايرىمىلىقى ئۆلچەم قىلىنغان ئىكەن. ئەمما، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بۇ يىللاردا قانداق بولدى، بۇنى تازا بىلەلمىدىم. ئەمما مېنىڭ ئەڭ ياخشى بىلىدىغىنىم شۇ بولدىكى مۇنارغا يېزىلغان بۇ يېزىق ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى دەپ ئاتىلىدىكەن. 1960 يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرى تېڭىلغان بۇ يېزىق، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن زادىلا قوبۇل قىلىنمىغىنى ئۈچۈن، 1982 – يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ؛ ئەسلىدىكى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئىشلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئىكەن. ئەممۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرى تاڭغان بۇ يېزىق سەۋەبىدىن 20 يىل بۇ خىل يېڭىچە يېزىقتا تەربىيىلەنگەن بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلار بىر كېچىدىلا ساۋاتسىزلار قوشۇنىغا قېتىلغان. ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلاردىن باشقا قازاقلار، موڭغۇللار ئىشلىتىپ كەلگەن يېڭى يېزىقمۇ ئوخشاش قىسمەتكە يولۇقتى. ئاتالمىش مۇتەخەسسىسلەرمۇ بۇنىڭ 50 يىلدىن بۇيانقى خىتاينىڭ تىل – يېزىق سىياسىتىدە ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنىڭ ئەڭ جانلىق ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر ئەلۋەتتە!“
ئاپتور يەنە، ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت يېزىقىنىمۇ ئىسلاھ قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقى ھەم ئەنئەنىۋى خىتاي يېزىقىنى ئىسلاھ قىلىپ؛ كۈلكىلىك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئاپتور ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن يېزىق ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزاھاتلىرىنى مەسخىرە قىلىپ مۇنداق يازىدۇ: ”ئۇلار تىبەت يېزىقىنى لاتىن يېزىقىغا ئايلاندۇرۇشقا ئامالسىز قالدى، ئەمما بىزنىڭ گرامماتىكىمىزنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تىبەت يېزىقىدا ئىشلىنىدىغان ياردەمچى سۆزلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇپ بىرلا ياردەمچى سۆز ئارقىلىق كۆپ خىل مەنىلەرنى ئىپادىلىمەكچى بولۇشتى. نەتىجىدە ئەينى چاغدا بۇ خىل گرامماتىكا قانۇنىيىتى بويىچە تەرجىمە قىلىنغان ماۋزىدوڭ تاللانما ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ، كۈلكىلىك بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى. مەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆزگەرتىلىپ ئاددىيلاشتۇرۇلغان خىتاي يېزىقى لايىھىسىنى كۆرگەن ئىدىم، بۇ يېزىق ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى ھەتتا تىبەت مىللىتىنىڭ ئىسمىنى بىلدۈرىدىغان ‘زاڭ’ خېتى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ؛ ئۈستىدە پەقەت چۆپنى ئىپادىلەيدىغان سۈپەت بىلەن ئاستىدا ‘يۇقىرى’ مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ‘شاڭ’ خېتىلا قاپتۇ. ئۇلار تېخى بۇنى ئىزاھلاپ ‘بۇ خىل يېزىق ئىسلاھاتى قەد كۆتۈرگەن تىبەت يانچىلىرى ھەم خىتاي مىللىتىدىن بولغان كەمبەغەل دېھقان ئىشچىلار سىنىپى ئۈچۈن قۇلايلىق ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىك، ئاقسۆڭەكلەر ھەم ئەزگۈچى سىنىپلار قولىدىن يېزىق ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تارتىۋالغانلىق، تىبەت تىلىدىكى پەقەت لخاسا ئاقسۆڭەكلىرىلا قوللىنىدىغان تەكەللۇپ سۆزلىرىنى چىقىرىۋەتكەندىلا ئەمگەكچى خەلق تىبەت ئاقسۆڭەكلىرىگە قۇل بولۇش قىسمىتىدىن قۇتۇلىدۇ.’ دەپ يېزىپتۇ.“
ۋېئوسېر كىرىش سۆز قىسمىنىڭ ئاخىرىدىكى بايانلاردا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ”قوش تىللىق مائارىپ ئىسلاھاتى“ نامىدىكى ”مىللىي مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش“ سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن.
”ئەجەبا تىبەت مىللىتى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى تىل مەدەنىيىتىدىكى گۈزەللىكنى نەپىسلىكنى يوقاتقاندىلا ئاندىن قەد كۆتۈرەلەمدىكەن؟ گەرچە بۇ خىل تىنچلىق ئىچىدىكى تىبەت يېزىق مەدەنىيىتىنى ئىسلاھ قىلىش شامىلى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ دەۋر تىبەت مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئەڭ زور يوقىتىش بولدى. ئەمما، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىمۇ يۇقىرى ئامال – چارىلەرنى ئويلاپ چىقىپ، خىتاي بولمىغان تىبەت، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئانا تىلى ھەم يېزىقىدىن يىراقلاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ! ئۇلار ھازىر بىز ئىچىشنى رەت قىلغان شارابنى’ ئىچىشنى خالىساڭمۇ ئىچىسەن، خالىمىساڭمۇ ئىچىسەن!’ دەپ بىزنى مەجبۇرلاۋاتىدۇ.“
ئاپتور ۋوئېسېر ئۆز كىتابى“توربوتتىكى بىرنەچچە يىل“ نىڭ كىرىش سۆز قىسمىنى مۇنداق جۈملىلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
”تىل ۋە يېزىق بىر مىللەتنىڭ جېنى، خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىنى يېزىقىنى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما، ئۇلار خەنجەرنى يۈرەكنىڭ بېغىشىغا سانجىماقتا. مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل دوستلىرىمدىن ئۆز يېزىقلىرىنىڭ مەجبۇرى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى پاجىئەلەرنى ئاڭلىدىم. تىبەت تىلى گرامماتىكىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، خىتاي تىلىغا يېقىنلاشتۇرۇلۇش جەريانىنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم. ھازىر ئەينى يىللىرى گرامماتىكىمىز ئۆزگەرتىلىپ، خىتاي تىلىغا يېقىنلاشتۇرۇلغان تىبەت تىلىمىز ھەققىدە خەلق ئارىسىدا ئاچچىق يۇمۇرلار، مەسخىرە – لەتىپىلەر ئېقىپ يۈرۈپتۇ. ئەجەبا بۇ ھۆكۈمەت ئەمدى بىزنىڭ ئۆز ئانا تىلىمىزنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنسا بۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟“
3. ئۇيغۇر زىيالىسىنىڭ ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن ئون يىل كېيىنكى ئانا تىلىنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرى
«ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر ئېلىدا مائارىپ ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرىلغان، يۈزلىگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرى تۈرمىلەرگە تاشلانغان، ئۇيغۇر تىللىق ئەسەرلەر چەكلەنگەن ياكى يىغىپ كېتىلگەن، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ تىلى بوغۇلغان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەلگۈسى توغرىلىق پىكىر يۈرگۈزگىنىمدە ۋۇجۇدۇمنى ۋەھىمە باسىدۇ،» دەيدۇ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور مەمتىمىن ئەلا. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە يەنە بەلكىم بۇ تۇيغۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاپ تۇرغۇچى بارلىق ئۇيغۇر تەپەككۇر ئىگىلىرىگە ئورتاق بولسا كېرەك. (2017 – يىلى 5 – ئىيۇل ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ ، شۇ يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلى ۋەتىنىمىزدىكى بارلىق مائارىپ ئاپپاراتلىرى ۋە مەكتەپلەردە قەتئىي چەكلەندى).
ئانا تىل ھەققىدە قەترىلەر
* * *
تۇنجى خىتابىدا ئادەم ئاتىنىڭ،
يانغان ئەلەم بولۇپ بىزنىڭ تىلىمىز.
يارالمىش قىسسىسى پۈتۈلگەن چاغدا،
تەۋرىگەن قەلەم بولۇپ بىزنىڭ تىلىمىز.
* * *
شۇنىڭغا ئوخشاش قەترىلەر قاتارىدا بۇ مىسرالارمۇ جۇلالىنىپ تۇراتتى.
* * *
ئالەمنىڭ ھېكمىتى پۈتۈلگەن تىلغا،
مەن ئۇيغۇر تىلىمنى قويىمەن يانداش.
سىنادا مۇراجىئەت قىلغاندا مۇسا،
بوۋام نەپەسلىرى بولغان زامانداش.
* * *
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۈيۈك شائىر، مۇتەپەككۇر ئەلىشىر ناۋائىي بۇندىن بەش ئەسىر مۇقەددەم ئانا تىلنى ئۇلۇغلاش ھەققىدە قەلەم تەۋرەتكەن بولسا، قۇتلۇق شەۋقىگە ئوخشاش ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇندىن تەخمىنەن يۈز يىل ئىلگىرىلا ئانا تىلىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىگەن ئىكەن.
قۇتلۇق شەۋقىنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان «ئانا تىل» ناملىق شېئىردا ئانا تىل سۆيگۈسىنى مۇنۇ مىسرالار بىلەن بايان قىلىدۇ.
ئانا تىل
قۇتلۇق شەۋقى
* * *
ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلغۇم كېلۇر،
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.
بۇ ئانا تىل بولسا ئەگەر ئامېرىكا-يۇ، ئافرىقىدا،
سەرپ ئېتىپ مىڭلارچە تىللا ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر.
* * *
ئەي ئانا تىل بىزگە سەن قالغان ئۇلۇغلاردىن نىشان،
سەن بىلەن روھىي زېمىندا ئىپتىخارلانغۇم كېلۇر.
* * *
تارىخى مەنبەلەرگە قارىغاندا، مەرھۇم شائىر قۇتلۇق شەۋقى 1876-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان ۋە 1937-يىلى شىڭشىسەينىڭ تۈرمىسىگە تاشلىنىپ، 1938-ئۆكتەبىردە پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن. (قۇتلۇق شەۋقىنى قىيناپ ئۆلتۈرگەن نەخ مەيداننى مەرھۇم ئىبراھىم مۇتىئى ئاكا ئۆز ئۆزى بىلەن كۆرگەن بولۇپ، بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئېنىق ۋاختىنى توغرا بېكىتىش ئۈچۈن ئىبراھىم مۇتىئى ھەققىدىكى تەرجىمىھال مۇھىم رول ئوينايدۇ. چۈنكى شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىلىرىدە قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ دەل 1937 – يىلى ماينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئابدۇنىياز قوشۇنى قەشقەرگە ھۇجۇم قىلغاندا، جاللات رازاق مەۋلانوفنىڭ قولىدا قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم).
قۇتلۇق شەۋقى يۇقىرىقى شېئىرلىرىدا بايان ئەتكەن پەند-نەسىھەتلىك مىسرالار، 2017-يىلى ئاپرىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىگە تاشلانغان داڭلىق سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيت تەرىپىدىن ناخشا قىلىپمۇ ئېيتىلغان ئىدى.
ئۇيغۇر تىلى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە خىرىسقا يولۇقۇۋاتقان زامانىمىزدا بۇ تىلنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقى نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ نېمىلەرنى قىلالىشىمىز مۇمكىن؟
4. ئۇيغۇر تىلى ئۆز ۋەتىنىدە چەكلەنگەندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئانا تىلنى ئۆزگىنىش قىزغىنلىقى پەيدا بولغان
جەنۇبىي قىرغىزىستاندىكى «ئۆزبېكلىشىپ كەتكەن» ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل قىزغىنلىقى قوزغالدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئانا تىلىنى چەكلەش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە دىنىغا چەك قويۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەكسىچە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا «ئۇيغۇر ئانا تىلنى قوغداش» قىزغىنلىقى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلمەكتە ئىكەن. مانا بۇنىڭ تەسىرىدە، نۆۋەتتە قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى جالال-ئاباد ۋىلايىتىدە 19-ئەسىرلەردە قەشقەرىيەدىن كۆچۈپ چىقىپ، ئىككى ئەسىر جەريانىدا ئاساسەن دېگۈدەك ئۆزبېكلىشىپ كەتكەن، ئەمما ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قالغان ئاز ساندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىدە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى قوزغالغان. بۇ جايدا ئۇيغۇر تىل كۇرسلىرى ئېچىلغان بولۇپ، بۇ كۇرسلارغا ئۇيغۇرلار كۆپلەپ ئىشتىراك قىلماقتا، شۇنىڭدەك يەنە ئوش ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىش تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم.
يانۋار ئېيىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى جالال-ئاباد شەھىرىدە ئۇيغۇر تىل كۇرسلىرى ئېچىلدى. كۇرسلار قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ تەشەببۇسكارلىقىدا ۋە جالال-ئاباد شەھىرىدىكى مەزكۇر تەشكىلات شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئەلىشىر ناسىراخۇنوفنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن، شۇنداقلا قازاقىستاندىن كەلگەن ۋەتەنپەرۋەر مۇئەللىم ئابدۇغېنى ئەپەندىنىڭ پىداكارلىق قىلىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئانا تىل كۇرسلىرىغا جالال-ئاباد شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدىكى يېزىلاردىن كەلگەن ئوغۇل-قىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قاتناشماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، جالال-ئاباد ۋىلايىتىدە تەخمىنەن 700 ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلار بازار قورغان، نوئوكەن، قوچقار-ئاتا قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. بۇلاردىن باشقا يەنە ئوش ۋىلايىتىنىڭ قاراسۇ ناھىيىسى، قەشقەر-قىشلاق يېزىسى ۋە ئوش شەھىرىدىمۇ خېلى كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشىماقتا. «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف، كۇرسلارنىڭ ئېچىلىشى ۋە ئوقۇش قوراللىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «بىز ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى جالال-ئابادقا ‹ئىتتىپاق› گېزىتىنى كۆپرەك ئەۋەتەلمەيۋاتىمىز، چۈنكى جالال-ئابادتىكى كىشىلەر، بىز ئۇيغۇرچە ئوقۇيالمايمىز دەپ يۈرگەن، شۇڭا ئاشۇ يەردە بىر ئانا تىل كۇرسى ئېچىش كېرەك بولۇپ قالغان ئىدى. يېقىندا قازاقىستاندىن مېنىڭ ئابدۇغېنى ئىنىم كېلىپ، خەلقىم ئۈچۈن ياخشىراق بىر ئىش قىلسام بولاتتى، دېدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا ئۆزگەن، جالال-ئاباد، ئوش شەھەرلىرىگە بېرىپ ئۆز تىلىنى ئۇنتۇپ كەتكەن كىشىلەرگە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئوقۇتۇڭ دېسەم، ئۇ ماقۇل، دېدى. بىز ئۇنى ئارتىق ھاجى بىلەن ئۇچراشتۇردۇق ۋە ئارتىق ھاجىمنىڭ مۇناسىۋىتى بىلەن ئابدۇغېنىنى جالال-ئابادقا ئەۋەتتۇق. كىتابلارنى مەن بەردىم، ئۇ ۋەتەندە ئوقۇپ كەلگەن ۋە ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلىدىغان ئادەم ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۇيغۇر تىلنى ئوقۇتۇشنى باشلىدى.»
جالال-ئاباد ئۇيغۇر ئاھالىسى ئانا تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلىغانلىقىغا ناھايىتى خۇشال بولۇپ، تىرىشچانلىق بىلەن كىرىلچە ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ۋە ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بىر قانچە گۇرۇپپىغا ئايرىلدى، يەنى، قىزلار ۋە ئوغۇللار ئايرىم ئۆگىنىۋاتىدۇ. كۇرسلاردا پەقەت جالال-ئاباد شەھىرىدىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدىكى يېزىلاردىنمۇ ئوقۇغۇچىلار بار. ئۇيغۇر تىل ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى رابىيە ساڭىلوۋا ئۇيغۇر تىلى ۋە كونا يېزىقىنى ئۆگىنىشنىڭ ئۆزىنىڭ چوڭ بىر ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى ھەم جالال-ئاباد ئاھالىسى ئۇيغۇر تىل ئوقۇتقۇچىسىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇغېنى ئەپەندى پەقەت ئانا تىل ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنىمۇ جالال-ئاباد ئاھالىسىگە تونۇشتۇرماقتا. ئۇ، ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگۈچىلەرگە ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر قىسىم شېئىرلار ۋە ناخشىلارنى ئوقۇپ بېرىشنىمۇ ئۆز پروگراممىسىغا كىرگۈزگەن.
جالال-ئاباد شەھىرىدىكى «ئىتتىپاق» شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئەلىشىر ناسىراخۇنوف جامائەتچىلىكنىڭ بۇ ئانا تىل كۇرسلىرىنى ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان كۈتۈۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن خوشاللىنىۋاتقانلىقلىرىنى كۆرسىتىپ، بۇ كۇرسلاردىن كۈتكەن نەتىجىلەرنى سۆزلەپ ئۆتتى.
جالال-ئابادتا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىۋاتقان ئابدۇغېنى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئۆتۈش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرى، ئۆزىدىن ئۇيغۇرچە ئۆگىنىۋاتقانلارنىڭ ئەھۋالى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن قىلماقچى بولغان پىلانلىرى ھەققىدە توختالدى.
تارىخىي ۋەقەلەر تۈپەيلى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئۆز ئانا تىلى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان. 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى يۈرگۈزۈلگەن ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خاتا مىللىي سىياسىتى تۈپەيلىدىن پەرغانە ۋادىسىدىكى، جۈملىدىن ئوش ۋە جالال-ئاباد ۋىلايەتلىرىدىكى زور ساندىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ يازدۇرغان ۋە بارا-بارا ئۇيغۇر تىلىنى ئۇنتۇپ، پۈتۈنلەي ئۆزبېكچە قوللىنىدىغان ئەھۋالدا قالغان ئىدى. بۇ ئانا تىل كۇرسى ئۆز تىلىنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەن.
ئۇندىن باشقا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە مائارىپ سەركىلىرى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن تىنىمسىز ھەرىكەت قىلماقتا . تۈركىيە، شېۋىتسىيە، نورۋېگىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ «ئانا تىل مەكتەپلىرى» ئېچىلىپ، شۇ جايلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئانا تىلدا يېتىشتۈرۈپ چىقىپ ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق ئەللەردىكى مىللەتلەرگە سىڭىشىپ توزۇپ كېتىش خەۋپىنى تۈگىتىش ئۈچۈن بار ئىمكانلىرى بىلەن پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. بالىلىرىغا ھەتتا ئۇيغۇرچە تىلدا گەپ قىلالماس ھالغا كېلىپ ئالغان بىپەرۋا ئاتا – ئانىلارمۇ ئانا تىلىمىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى كۆرۈپ، ئۆزلۈكىدىن ئانا تىلىنى قايتىدىن ئۆگىنىشنى باشلاپ، بالىلىرىغا ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن كۈچىمەكتە. خىتاي تىلىدا بىلىم ئېلىپ ئۆسۈپ يېتىلگەن خىتاي زۇۋان ۋە خىتايچە تەپەككۇرلۇق كىشىلەرنىڭمۇ قايتىدىن ئۆزلۈككە قايتىش دولقۇنى قوزغىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئەمما بۇلار يېتەرلىك ئەمەس. بىز تېخىمۇ تىرىشىپ ، چەتئەللەردە ھېچبولمىسا ئۆزبېكلەردەك بەش ئەۋلادقىچە سىڭىشىپ كەتمەسلىك نىشانىغا يېتىش لازىم. ھازىرقى سەۋىيىمىزدە ئىزچىل ئەللىك يىلدىن كېيىن پۈتۈنلەي سىڭىشىپ كېتىش خەۋپىدە تۇرۇپ كېلىۋاتىمىز.
5. كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قىلىش مەسىلىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن ھەر ۋاقىت مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە قارالماقتا.
نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە «ئۇيغۇر ئوقۇ مەكتىپى»، «تاڭنۇرى مائارىپى»، «ئايخان مائارىپى»، «ھېرا ئۇيغۇر مەكتىپى» قاتارلىق مەكتەپلەر ئاكتىپ پائالىيەت كۆرسەتمەكتە.
ئىگىلىشىمىزچە، «ئۇيغۇر ئوقۇ مەكتىپى» يېتىم ۋە يوقسۇل ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشنى ئاساس قىلغان ياتاقلىق مەكتەپ بولۇپ، مەكتەپتە 6 ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن 50 نەپىرى ئوقۇيدىكەن.
«ئايخان مائارىپى» ۋە «ئايخان فوندى» تېببىي پەنلەر ماگىستىرى مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خەندان يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر 47 ئوقۇغۇچىسى، مۇقىم مۇئەللىمدىن ئىككىسى ۋە تەربىيەلىنىۋاتقان مۇئەللىملەردىن تۆتى بار ئىكەن.
«ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپى» بولسا 500 كۋادرات مېتىر كۆلەمگە ئىگە مەكتەپ بولۇپ، توققۇز نەپەر ئوقۇتقۇچىسى بار ئىكەن. نۆۋەتتە چەتئەل تىللىرى، كومپيۇتېر كۇرسانتلىرى ۋە ئانا تىل باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، 200 نەپەرگە يېقىن ئوقۇغۇچى تەربىيەلەنمەكتىكەن.
يۇقارىقى ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك يېقىندىن بۇيان خىتاي ۋىرۇسى سەۋەپلىك توردا ئانا تىل دەرسىنى داۋام قىلماقتا.
كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قىلىش بۈگۈنكى سىياسىي رېئاللىقتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى ئىكەن.
ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىم ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردا شەرقى تۈركىستاندىن نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىز سىياسىي ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى چەتئەللەرگە چىقىپ يەرلەشتى. ھازىر چەتئەللەردە ئۇيغۇر جەمئىيىتى شەكىللەندى. ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقنى قوغداش ئۈچۈن ئانا تىل مائارىپىغا، مىللىي كىملىككە موھتاج بولۇۋاتىدۇ. ئۆسمۈرلىرىمىزگە ئانا تىلنى، مىللىي ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمىزنى، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى ئۆگىتىش مۇھىم ئىشلاردىن بىرى بولۇپ قالدى. بۇ شەرقى تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە كېلەچىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.»
بىز يەنە ئىستانبۇلدا پەرزەنتىنى ئانا تىل كۇرسىدا ئوقۇتۇۋاتقان ئادىل ساۋۇت ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئادىل ساۋۇت ئەپەندىم ئانا تىل كۇرسلىرىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بىر ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئانا تىل كۇرسلىرىنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتە ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور دەپ قارايمەن. بىرىنچىدىن، ئانا تىل كۇرسلىرى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى قانداق باشلاپ، قانداق ئاخىرلاشتۇرۇش، قانداق ئۆگىتىش قاتارلىق كەسپى جەھەتتىكى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئانا تىل كۇرسلىرى ئانا تىل ئوقۇتۇشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئىزچىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئانا تىل كۇرسلىرىدا بالىلار ئانا تىل ئۆگىنىپلا قالماي، باشقا ئۇيغۇر بالىلار بىلەن دوست بولۇپ، قېرىنداش بولۇپ ئۇيغۇرلۇق روھىنى ئۆزىدە يېتىلدۈرەلەيدۇ.»
مۇھاجىرەتتىكى مىللىي مائارىپتا ساقلانغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، مائارىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ئانا تىل مائارىپى ۋاسىتىسى بىلەن كۈچەيتىش نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل كۇرسلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى بىلىش ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن «ئايخان مائارىپى» ۋە «ئايخان فوندى» ئارقىلىق مىللىي مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد (خەندان) خانىمنىڭ كۆز قاراشلىرىنى بىلىپ باقايلى.
مۇيەسسەر خانىم ئانا تىل مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «ھازىر ئانا تىل ئوقۇتۇشىدىكى بىز دۇچ كېلىدىغان چوڭ قىيىنچىلىقلاردىن بىرى مۇئەللىم كەمچىللىكى بولۇپ، ئانا تىلىدا پىششىق ۋە دەرس ئۆتەلەيدىغان مۇئەللىملەر ئاز. تىل-ئەدەبىيات كەسپىنىڭ ئەھلىلىرى يوق دېيەرلىك. شۇڭا مۇئەللىم تەربىيەلەشنى ئوقۇغۇچى تەربىيەلەشتىن مۇھىمراق ۋەزىپە دەپ ئويلايمەن. ھازىر ساۋات چىقىرىش ئۈچۈن ماتېرىيال مەنبەسى بەك كەڭرى، بىراق ساۋاتى چىقىپ بولغان بالىلار ئۈچۈن دەسلەپتە ئۆزىمىز ماتېرىيال تۈزدۇق. ۋەتەندە نەشر قىلىنغان ئەدەبىيات كىتابلىرىدىكى بەزى مەزمۇنلارنى چىقىرىۋېتىپ قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمىز. مۇھاجىرەتتىكى بالىلارغا ماس كېلىدىغان، سىستېمىلىق تۈزۈلگەن ئەدەبىيات ماتېرىياللىرى يوق دېيىشكە بولىدۇ. مائارىپىمىزنىڭ ئاز-تولا ئىئانىدىن باشقا، سىرتتىن كېلىدىغان ئىقتىسادىي مەنبەسى يوق. ئاتا-ئانىلاردىن ماتېرىيال ھەققى ئۈچۈن پەقەت ئايدا 50 لىرا ئېلىنىدۇ، باشقا چىقىملارنى ئۆز كىرىمىمنىڭ بىر قىسمى بىلەن تەسىس قىلغان ‹ئايخان فوندى› ئارقىلىق قامداپ كېلىۋاتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن تېخى مۇقىم ئورنىمىز يوق، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سىنىپلىرىدىن ئىجارە ئېلىپ دەرس ئۆتۈۋاتىمىز. قىسقىسى، بالىلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا تۈزۈلگەن سىستېمىلىق بىر ئانا تىل مائارىپ ئەندىزىسىگە ئېھتىياجىمىز بار.»
«ئانا تىل مائارىپىنىڭ كېلەچىكى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشى ئۈچۈن پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولى نېمە؟ مىللىي مائارىپتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەرنى ئىلىپ بېرىۋاتىدۇ؟» دېگەن مەسىلىلەرگە جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«دۇنيانىڭ ھەر قايسىي جايلىرىدىكى شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى مىللىي كىملىكنى ساقلاش ۋە ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا ئانا تىل سىنىپلىرىنى ئىچىۋاتىدۇ. ئېلىپبە ۋە بالىلار كىتابلىرى، ھەر خىل ئۇيغۇرچە كىتابلارنى كۆپلەپ نەشر قىلىۋاتىدۇ. بىز ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى قوغداش، ياش ئۆسمۈرلەرگە ئۇيغۇر ئانا تىلىنى تېخىمۇ سىستېمىلىق ئۆگىتىش ئۈچۈن 2019-يىلى 2-ئايدا بىرلىكتە ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتىنى قۇرۇپ چىققانىدۇق. ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇۋاتقان دەرسلىك كىتابلىرىنى ئۆلچەملىك ھالدا تۈزۈپ چىقىش، ئانا تىل سىنىپلىرىنى كۆپلەپ ئىچىش ۋە سىستېمىلىق بىر شەكىلدە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان. ھازىرغىچە بولغان يەتتە ئاي جەريانىدا بۇ خىزمەتلەر پەيدىن-پەي ئىلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. مائارىپ خىزمىتى ناھايىتى جاپالىق، مۇشەققەتلىك خىزمەت. بۇنى تېخىمۇ سۈپەتلىك ۋە ئىلمىي ئىلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى زىممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.»
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئانا تىل مائارىپىنىڭ راۋاجلىنىشى پۇقراۋى تەشكىلاتلار بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك ھەمكارلىقى ۋە تىرىشچانلىقىغا موھتاج. ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى، پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەشكىللىشى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېھتىياجلىق.
ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىم مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر تۈركىيەدە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئۆسمۈرلىرىمىزگە ئانا تىل ئۆگىتىش ئۈچۈن كۇرسلار ئىچىلدى ۋە ئىچىلىۋاتىدۇ. بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش كېرەك بولغان ئوقۇشلۇق ۋە دەرسلىكلەر تۈزۈلۈشى كېرەك. بۇ مەقسەت بىلەن 2019- يىلى 2-ئايدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتىنى قۇرغان ئىدى. ھازىر بۇ كومىتېت بىرلىككە كەلگەن ئېلىپبە كىتابى تۈزۈشكە ۋە بىر يۈرۈش سىستېمىلاشقان دەرسلىك كىتاب تۈزۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قېرىنداشلىرىمىزنى بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە، قوللاشقا ۋە ياردەم قىلىشقا چاقىرىمەن.»
6. ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى يىغىنىدا «ئۇيغۇر ئانا تىلى كومىتېتى» قۇرۇلدى
«ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى: خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى» تېمىسىدىكى يىغىن 2019-يىلى 23 – 24-فېۋرال كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى .
ئۇيغۇر دىيارىدا ئانا تىلدىكى، يەنى ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ئۇيغۇرلار خىتايچە مائارىپ تەربىيەسى ئېلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە «ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى: خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا «ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى» قۇرۇلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ئەنگلىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە، ياپونىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن 30 زىيالىي ئىشتىراك قىلدى. 23-24 فېۋرال كۈنلىرى ئىستانبۇل گولدەن مېھمانخانىسىدا چاقىرىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى دۇچار بولۇۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مائارىپى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى، ئۇيغۇر مائارىپى دۇچار بولۇۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى قاتارلىق تېمىلاردا ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى كۈنسايىن ئېغىرلىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى ئانا تىلىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە «ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى: خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى» تېمىسىدا يىغىن چاقىرىشتىكى مەقسەت ھەققىدە توختالدى.
ئۇ، يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر مائارىپى دۇچار بولۇۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى توغرىسىدا تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇزاكىرىسى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن «ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى» قۇرۇلدى. كومىتېتنىڭ مۇدىرلىقىغا ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى سايلاندى. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتىنىڭ 2-نۆۋەتلىك مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى شىۋىتسىيەدىن زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم ئۈستىگە ئالماقتا. ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى يىغىندا مەزكۇر كومىتېتنىڭ بۇندىن كېيىن ئانا تىلنى قوغداپ قېلىش جەھەتتە مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلىدىغانلىقىنى، دەرسلىك كىتابلىرى تۈزىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ خىزمەتنى قوللىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەزكۇر يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى، ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ قاتناشتى ۋە سۆزلىدى. ئۇ، مۇھاكىمە يىغىنىغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تەجرىبىلىك مائارىپچىلارنىڭمۇ قاتناشقانلىقىنى ۋە سەۋىيەلىك يىغىن بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
قازاقىستان چەتئەلدە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مائارىپىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى سانىمۇ كۈنسايىن ئازىيىۋاتقان بولۇپ، يىغىندا بۇ ھەقتىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. قازاقىستاندىن كېلىپ مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان قازاقىستاندىكى سۇلايمان دەمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دىلنۇر قاسىموۋا خانىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
بۇ قېتىمقى يىغىن 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى درىسسېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان «چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ماۋزۇلۇق يىغىندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن چاقىرىلغان مەخسۇس ئۇيغۇر مائارىپى توغرىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق يىغىن ھېسابلىنىدۇ.
مەزكۇر يىغىندىن ئىككى كۈن ئىلگىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 21-فېۋرال «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئانا تىلى يۈزلىنىۋاتقان خەتەرلىك ۋەزىيەتنى تەكىتلىدى.
مەزكۇر باياناتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۆپ يىللاردىن بېرى «قوش تىل مائارىپى» نامى ئاستىدا ئۇيغۇر تىلىنى چەتكە قېقىش ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي تىلىنى دەسسىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كەلگەنلىكى، ئەمما كېيىنكى ئىككى يىلدىن بېرى بولسا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەكتەپلەردە پۈتۈنلەي چەكلەنگەنلىكى بايان قىلىنغان.
باياناتتا بۇنىڭغا خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۆتكەن يىلى مەكتەپلەردە مەيلى دەرسخانا، مەيلى مەكتەپ قورۇسىدا بولسۇن ئۇيغۇر تىلىنى قەتئىي ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇش پاكىت قىلىپ كۆرسىتىلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مىليونلىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىغا ۋارىسلىق قىلىشىغا جىددىي تەھدىت پەيدا قىلغان يۇقىرىقى بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئاخىرى بېرىپ لاگېر تۈزۈمىگىچە كېڭەيگەنلىكى، لاگېر تۈزۈمىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە ئانا تىلىغا قاتتىق زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
ئۇلار باياناتتا «ئەگەر دۇنيا بۇنىڭغا قارشى بىر تەدبىر ئالمىغان تەقدىردە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىدىن مەھرۇم قېلىشى مۇمكىن» دەپ ئەسكەرتكەن. ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن بۇ باياناتتا خەلقئارا جامائەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش جەھەتتە پىلانلىق، سىستېمىلىق ۋە ھۇجۇم خاراكتېرلىك ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىجرائاتلىرىغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىلغان.
7. خەلقئارا ئانا تىل كۈنى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
خەلقئارا ئانا تىل كۈنى (International Mother Language Day) بولسا ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يەر شارىدىكى كۆپ خىل تىل، كۆپ خىل مەدەنىيەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان مىللىي كىملىكنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىسى، شۇنداقلا يادرولۇق ئەڭ مۇھىم قىسمى بولغان «ئانا تىل» نى ئاسراش ۋە قوغداش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدىغان سىمۋول خاراكتېرلىق قۇتلۇق كۈن بولۇپ، بۇندىن ساق 21 يىل بۇرۇن، يەنى 1999 – يىلى 17 – نويابىر تۇنجى قېتىم ب د ت خەلقئارالىق پەن – مائارىپ، مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO يونىسكۇ United Nations Educational, Scientific and Cultural Organization) ئانا تىلغا ھۆرمەت يۈزىسىدىن ھەر يىلى 21 – فېۋرال كۈنىنى «خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن. ئارقىدىنلا ب د ت باش شىتابى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ تەستىقلانغان.
مەزكۇر بايرام 2000 – يىلى 21 – فېۋرالدىن ئېتىبارەن ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك تىنچلىقنى كۈچەيتىش، يەر شارىدىكى كۆپ خىل تىللىق مۇھىتنى ساقلاپ قېلىش، ھەمدە بارلىق ئانا تىللارنى قوغداشنى ئالىي غايە ۋە ئىستىكى قىلغان. 2017 – يىلى 5 – ئىيۇلدىن ئېتىبارەن ۋەتىنىمىزدە مائارىپ ساھەسىدىن، ئارقىدىنلا ئادەتتىكى ئالاقە ئىشلىرىدىنمۇ سىقىپ چىقىرىلىپ مەجبۇرىي چەكلەنگەن ئاناتىلىمىزنى مۇھاجىرەتتە قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن يىلدا بىر كېلىدىغان مەزكۇر ئانا تىل كۈنى، بولۇپمۇ بۇ يىلقى 21 – نۆۋەتلىك خەلقئارا ئانا تىل كۈنىدە ئانا تىلىمىز چەتئەللەردە دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار، قىيىنچىلىقلار ۋە ئۇنى ئەبەدىي قوغداپ قېلىش ئۈچۈن چارە – تەدبىر تۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەخىرسىزلىكى كۈنسىرى بىلىنمەكتە، ئاشكارا بولماقتا.
8. خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى
1758 – يىلدىن باشلاپ بابۇر شاھ دۆلىتى ئىدارە قىلىۋاتقان ھىندىستانغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان بۈيۈك بېرىتانىيە 1858 – يىلى ئەڭ ئاخىرقى بابۇر شاھ باھادىرخاننى بىكار قىلىپ، ھىندىستاننى بىۋاستە ئۆزىگە باغلىۋالغاندىن كېيىن ئۇدا 89 يىل ھازىرقى پاكىستان، كەشمىر، ھىندىستان، بېنگال ۋە بېرمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىپايان زېمىنلاردا بىۋاستە مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەپ، ئۆزىنىڭ كۈنسىرى ئېشىۋاتقان خام ئەشيا ئېھتىياجىنى قامداپ كەلگەنىدى. ئەمما بۈيۈك بېرىتانىيەنى ھالسىراتقان ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ئۇنى مەزكۇر مۇستەملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىدى. نەتىجىدە ئەنگلىيە ئەسلىدىكى بابۇر شاھ دۆلىتى تەۋەسىنى دىنىي ئېتىقاد بويىچە ئايرىپ ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، بىر پۈتۈن بۈيۈك بابۇر شاھ دۆلىتى تەۋەسىنى بەش دۆلەت ۋە رايونغا پارچىلاپ تاشلىغان. ھازىرقى بېنگال ئەسلىدە شەرقىي پاكىستان بولۇپ، ئۇ ھازىرقى پاكىستان بىلەن بىرلىشىش سىياسىي مۇساپىسىدە بىر قىسىم ھوقۇقلىرى چەتكە قېقىلغاچقا، بېنگال خەلقى بىلەن پاكىستان ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. بۇ قانلىق ۋەقە دەل مەزكۇر خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەپ بولغان ھادىسىگە ئايلانغان.
1952 ـ يىلى 21 ـ فېۋرال ئەسلىدىكى شەرقىي پاكىستاندا ئوردۇ تىلىنى شەرقىي پاكىستاننىڭ بىردىنبىر تىلى قىلىش توغرىلىق پايتەخت ئىسلامئاباتتىن كەلگەن ھۆكۈمەت بۇيرۇقىغا نارازى بولغان شەرقىي پاكىستانلىقلار نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان. بىراق پاكىستان ھەربىي تەرەپ ئۆكتەملىك بىلەن ئوق چىقىرىپ ئاۋامنى قانلىق باستۇرغان. بۇ ۋەقە ئاخىرى شەرقىي پاكىستاننىڭ پاكىستاندىن ئايرىلىپ چىقىپ، 1970 ـ يىلى بېنگال دۆلىتى نامىدا مۇستەقىل بولۇشى بىلەن خۇلاسىلەنگەن.
9. دىنىي زاتلاردىن ئانا تىلنى قوغداش ھەققىدە مۇھىم ۋە تەخىرسىز چاقىرىق
ئانا تىلنى قوغداش ئۆزىمىزنى قوغدىغانلىقتۇر
مۇھەممەد يۈسۈپ
شەكسىزكى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئىماندىن قالسا، ئۆگىتىش ئەڭ زۆرۈر بولغان نەرسە ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەتتۇر. بالىلارغا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىش خۇددى ئۇلارغا قۇرئان ئۆگىتىش زۆرۈر بولغاندەك زۆرۈردۇر.
ئىسلامدا مىللەتچىلىك يوق. ئەمما ئىسلامدا مىللەتلەرنىڭ تىلىنى، ئۆزگىچىلىكىنى ساقلاپ قېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش بار. ئەمما بىر مۇسۇلمان مىللەتنىڭ تىلى مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنىڭ تىلى ئاستىدا ئاستا-ئاستا ئىستېمالدىن قېلىش، ھەتتا يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە ئۇچرىغان ۋاقىتتا بۇ تىلنى قوغداپ قېلىشنى پەرز دەرىجىسىدىكى زۆرۈرىيەت دېسەك ھەرگىز ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز.
چۈنكى مەزكۇر مۇسۇلمان مىللەت ئەگەر ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى قوللىنىش ئورنىغا، مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنىڭ تىلىنى قوللىنىشقا ئۆتكەن ۋاقتىدا، ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ۋە ئىسلامىي ئەخلاقىنىمۇ ئاستا-ئاستا قولدىن بېرىپ قويۇشقا قاراپ يول ئالغان بولىدۇ. مۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بىر مىللەتنى ۋە ئۇنىڭ تىلىنى ساقلاپ قېلىش شۇ مىللەت خەلقى ئۈچۈن دىنىي ۋە مىللىي مەجبۇرىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
دىنىنى ۋە ئانا تىلىنى جان تىكىپ قوغداش مەسىلىدە چەتئەللەردە، خۇسۇسەن ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا ئوخشىغان خەلقى مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسى ھەقىقەتەن ئېغىردۇر. ئۇيغۇرلار نەدە بولسا بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ ياشىشى ۋە ئەجدادلىرىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىشى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى بىلەن ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر.
دۈشمىنىمىز بىزدىن بۇرۇن بىلىپ يەتكەن ھەقىقەت بىزنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن رەزىل چارە – تەدبىرلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان قىزىل خىتاي ھاكىمىيىتى بىر مىللەتنى مىللەت سۈپىتىدە ساقلاپ قالىدىغان ئاساسلىق ئەنگۈشتەرنىڭ تىل بىلەن دىن ئىكەنلىكىنى ۋە بىزنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن دىنىمىز بىلەن تىلىمىزنى يوق قىلىش شەرت ئىكەنلىكىنى ئاللىبۇرۇن بىلىپ يەتكەن. شۇڭا، ئۇلار بىزنىڭ بۇ ئىككى ئەنگۈشتەرىمىزگە جېنىنىڭ بارىچە ھۇجۇم قىلدى. ئانا ۋەتەندە دىنىمىز بىلەن تىلىمىز بۇ شەكىلدە چەكلەندى. ئەپسۇسكى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا تىلىمىزنى ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن يوق قىلىپ كېتىۋاتىمىز. چۈنكى بىز دىنىمىزغا ئەھمىيەت بەرگەن بولساقمۇ تىلىمىزغا ئەھمىيەت بەرمىدۇق. پەرزەنتلىرىمىز ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشنىڭ ئورنىغا بىزگە چەتئەل تىلىدا سۆزلەپ بەرسە، بىز ئۇلار بىلەن پەخىرلىنىپ كەتتۇق.
تىلىمىز بىزنى قوغدايدۇ
بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەتنىڭ يەرشارىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ كاپالىتىدۇر. بىز ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن، ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قالغانلىق ھەم مىللىتىمىزنى، ھەم دىنىمىزنى قوغداپ قالغانلىقتۇر. ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن تونۇلىدۇ ۋە ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ. شۇنىڭدەك تىل ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ روناق تېپىشىغا، ياكى ئەكسىچە دۇنيا يۈزىدىن غايىب بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئامىلدۇر.
تىل—مىللەت دېمەكتۇر. مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىمۇ تىل ۋاسىتىسىگە مۇناسىۋەتلىك. ئۆز ئانا تىلىنى بىلمەيدىغان بالىنىڭ مىجەز-خۇلقىمۇ ئۆزى سۆزلىشىپ يۈرگەن تىلدىكى غەيرى مىللەتنىڭ ئۆزگىچىلىكىگە ماس شەكىللىنىدۇ. دېمەك، ئۆز ئانا تىلىنى بىلمىگەن بالا ئۆز خەلقىنىڭ دىنىنى، مىللىي ئەنئەنىسىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە بارچە ئۆزگىچىلىكلىرىنى تونۇمايدىغان بولۇپ ئۆسىدۇ. كىچىك بىر مىسال: مۇنداق بالا كىچىكنى ئاسراش، چوڭغا ھۆرمەت قىلىش دېگەندەك مىللىي ۋە دىنىي قائىدە-يوسۇنلاردىنمۇ پەرۋاسىز ئۆسىدۇ. بۇ ئىشتىكى چوڭ مەسئۇلىيەت ۋە جاۋابكارلىق يەنىلا ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ.
كۆپ تىل بىلىش كىشىنىڭ بىلىم- سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىدا شەك يوق. ئەلۋەتتە، ئۇنى ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ. لېكىن باشقا تىلنىڭ ھورىغا جىمىقىپ، ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كېتىش، ياكى ئۇنى ئۆگەنمەسلىك ئۆز مىللىتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن كەچۈرگۈسىز جىنايەتتۇر.
ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ مۇقەددەەس بۇرچى
شەكسىز ھەقىقەت شۇكى، ھازىرقى زاماندا ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتالمايدىغان مەجبۇيىتى پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىشنى ۋە يېزىشنى ئۆگىتىشتۇر. بۇنى ھەرقانداق ئۇيغۇر قىلالايدۇ. مەلۇمكى، تىل – يېزىق ئىنسانلارنىڭ ئالاقىلىشىش قورالىدۇر. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ناۋادا ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشنى ياكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىش ۋە ئوقۇشنى بىلمىسە، ئۇلار نېمە بىلەن ئۆزىنى ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپ قىلالايدۇ؟ نېمە بىلەن ئۇيغۇر دەۋاسىنى ياڭرىتالايدۇ؟ دۇنيانىڭ ھەرقايسىو جايلىرىغا تارقىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ۋە مىللىي ئۆزگىچىلىكىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان زۆرۈر نەرسە ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىدۇر.
بالىلار ئالىي مەكتەپلەرگە كېتىشتىن بۇرۇن ھەربىر ئاتا-ئانا ئۇلارغا ئۆزلىرى خالىغان نەرسىلەرنى ئۆگىتىۋالالايدۇ. ئەمما بالىلار ئالىي مەكتەپلەرگە كەتكەندىن كېيىن، ئۇلارغا ئاتا-ئانىنىڭ چىشى پاتمايدۇ، ھەم ئۇلارنى كۆزىتىپ بولالمايدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشى ۋە ئەپلىك پۇرسەت بالىلارغا كىچىك يېشىدىنلا ئىمان، ئىسلام ئۆگىتىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تىلىنى ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگىتىشتۇر.
مۇقەددەس ئامانەت
تۈركىيەدىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە، مەدرىسىلىرىدە ۋە قۇرئان كۇرسىلىرىدا كۈنلۈك دەرسلىك ئىچىگە ئۇيغۇر تىل – يېزىقى، ئۇيغۇر تارىخى، شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسى، ئۇيغۇر ئۆرپ- ئادەتلىرى قاتارلىق دەرسلىكلەرنى كىرگۈزۈش ئىنتايىن زۆرۈر مەسئۇلىيەت ۋە ئامانەتتۇر. بىز بۇ مەسىلىنى كۆپ قېتىم تەۋسىيە قىلغان بولدۇق. ئەمما ئەپسۇسكى، ۋەزىيەت يەنە بۇرۇنقىسىدىن كۆپ ئۆزگەرمەي كېتىپ بارماقتا.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەربىر ئاتا-ئانا ئۈچۈن، ھەربىر مۇئەللىم ئۇستاز ۋە ھەربىر تەربىيەچى ئۈچۈن باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيەت ۋە مۇقەددەس ئامانەت بالىلارغا ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى ئۆگىتىشتۇر. بۇ ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ بىزنىڭ تىلىمىزنى ۋە يېزىقىمىزنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىش سىياسىتىگە قولىمىزدىن كېلىشىچە تاقابىل تۇرغانلىق بولىدۇ. ئۇيغۇر ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئورۇندىماي تۇرۇپ، بالىلىرىنى قانچىلىك ياخشى بېقىپ كەتسۇن، قانچىلىك ياخشى ئوقۇتۇپ كەتسۇن، ئۇيغۇر ئۇستازلار ئوقۇغۇچىلارنى قانچىلىك ياخشى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن بولۇپ كەتسۇن، ئۇلار نۆۋەتتىكى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان ۋە بوينىدىكى ئامانەتنى ئادا قىلمىغان بولىدۇ. بۇ ھەربىر ئۇيغۇر باش قاتۇرۇشقا تېگىشلىك مۇھىم مۇئەممادۇر.
خۇلاسە ۋە تەخىرسىز چاقىرىق
بىر تىل بىر مىللىي كىملىكنىڭ سىمۋولى. دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللارنىڭ تېز سۈرئەتتە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىشى، بەزى تىللارنىڭ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشى، بەزى تىللارنىڭ ئەركىن تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولالماسلىقى خەلقئارادىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قوغداش ئىدىيىسىنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە 1999-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى «خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى» بارلىققا كەلدى. جۈملىدىن يېقىنقى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىل مائارىپى ۋە باشقا مىللىي سىياسەتلىرىنىڭ تەسىرىدە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى خەۋپكە دۇچ كەلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي 2017 – يىلىدىن باشلاپ «ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە تۇتقۇن، چەتئەللەردە قاچقۇن» غا ئايلىنىپ قالغاندىن كېيىن، 1020 – يىللىرى «ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئۇيغۇر تىلى ئۆز ۋەتىنىدە پۈتۈنلەي چەكلەندى». بۇ ئانا تىل كرىزىسى ئۇيغۇرلاردا مىللەت، دىن ۋە تىل كىملىكىنى چۆرىدىگەن ھالدا «ئانا تىلنى قوغداش ھەرىكىتىنى» مەيدانغا كەلتۈردى.
مانا بىز بۈگۈن قۇتلۇق جۈمە كۈنىگە توغرا كەلگەن 21 – فېۋرالدا 21 – قېتىملىق خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇپتىمىز. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىلىمىزنى قوغداش ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاۋاتقان جاپاكەش ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلار، ساخاۋەتچى بايلار، ئانا تىلىنى پۇختا ئۆگىنىشكە تىرىشىۋاتقان كېلەچەكنىڭ ئۈمۈدى بولغان ياش – ئۆسمۈرلەر، مەسئۇلىيەتچان ۋە جاپاكەش ئاتا – ئانىلار، جۈملىدىن ئانا تىلنى قوغداش ئۈچۈن تىنىمسىز ھەرىكەت قىلىۋاتقان، بۇ ھەقتە كاللا قاتۇرۇۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.
ئانا تىلىمىزنى قوغداشنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ۋە ئائىلىمىزدىن باشلاپ، ئاندىن ئۇنى تېزدىن مائارىپ ۋە تەلىم – تەربىيە ساھەسىدە قايتا ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا ئانا تىلىمىزنى دۇنياۋى تىللار قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرۇپ، سىياسەت ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان تىللاردىن بىرى قىلىپ ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچىشىمىز كېرەك. ئەمما ۋەتەندىكى خەلقىمىز بىلەن بولغان پەرقىمىزنى زورايتىش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئانا تىلىمىزنى «تۈركلەشتۈرۈش»، «خىتايلاشتۇرۇش»، «ئەبجەشلەشتۈرۈش» قاتارلىق شالغۇتلاشتۇرۇش سۇيقەستلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. ۋەتەندىكى خەلقىمىز بىلەن پەرق پەيدا قىلىپ ، كېيىنكى ئىشلارغا توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان ھاياجانلىق چاقىرىقلارغا پەرۋا قىلماسلىق كېرەك! بۇ كەمگىچە يوقاتقىنىمىز يېتەرلىك! ئەمدى قولىمىزدا قالغاننى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك!
ھەر قانداق ئىسلاھاتنىڭ ۋاختى بولىدۇ! كەڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئەمەس، ئەكسىچە تېخىمۇ بۆلۈنمە ھالەتتىكى ئۇششاق گۇرۇھلارغا ۋە ئېقىملارغا پارچىلىۋېتىشقا سەۋەپ بولىدىغان بارلىق ئاتالمىش ئىسلاھاتلار، ئىسلاھات ماركىسى بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۇرۇنۇشلىرى ھامان مەغلۇپ بولىدۇ! بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى ئانا تىلىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت قولىدىن كەلگىنىچە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز! ئانا تىلنى قوغدىغانلىق مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىز ۋە مىللىي كىملىكىمىزنى قوغدىغانلىق! ئانا تىلنى قوغدىغانلىق دىنىمىزنى قوغدىغانلىق! ئانا تىلنى قوغدىغانلىق ئۆزگىچە مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى قوغدىغانلىق! ئانا تىلنى قوغدىغانلىق ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزنى قوغدىغانلىق! ئانا تىلنى قوغدىغانلىق تارىخىمىزنى ۋە ئەخلاقىمىزنى قوغدىغانلىق! قىسقىسى ئانا تىلنى قوغدىغانلىق بارلىق قىممەت قاراشلىرىمىزنى ۋە ئەبەدىي ھۆرلۈكىمىزنى قوغدىغانلىقتۇر!
2021 – يىلى 21 – فېۋرال
مەنبەلەر:
1. دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى ئاكادېمىك ئەسەرلىرى
2. ئەركىن ئاسىيا تورىدا ئانا تىل ھەققىدە ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم يازمىلار
3. بىر قىسىم جامائەت ئەرباپلىرىنىڭ شەخسىي سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان ئانا تىلنى قوغداش ھەققىدىكى چاقىرىقلىرى
4. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېكىتى
5. ئۇيغۇر يىلنامىسى
6. تۈرك ئېنسكلوپىدىيىسى