You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » «يول» ناملىق روماندىن ئارىيە: نەي ساداسى

«يول» ناملىق روماندىن ئارىيە: نەي ساداسى

«يول» ناملىق روماندىن ئارىيە: نەي ساداسى

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئەردەم يول ياقىلاپ كېتىۋېتىپ ئۆيگە يېقىن كەلگەندە، بىر قورودىن نەينىڭ يېقىملىق مۇڭىنى ئاڭلىدى. ئاشۇ يوقالغان بەختنى تېپىش ئۈچۈن، بۇ ھاياتتا قەدىر – قىممەتكە ئىگە بولۇپ ئىنساندەك ياشاش ئۈچۈن، نېمىلەرنى قىلىشنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا ئىيسا ئەپەندىنىڭ ياشلارغا قىلغان بىر نۇتقىدا، ئىككى بامبۇكنىڭ قىسقا ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى دەرھال يادىدىن كەچۈردى: «ئوخشاش ئىككى تال بامبۇكنىڭ بىرسىدە نەي، يەنە بىرسىدە كىر يايغۇچ ياسىلىپتۇ. ئۈستىگە نۇرغۇن كىرلەرنى ئارتىۋالغان كىر يايغۇچ، بىر كۈنى خوجايىن خېنىم دائىم ئەتىۋالاپ كۆتۈرۈۋالىدىغان نەيگە قاراپ بىر ئاز ئويلىنىپ قاپتۇ. خېنىمنىڭ ياپراقتەك تىترەپ تۇرغان نېپىز لەۋلىرىنى نەيگە تەگكۈزۈپ يەڭگىل پۈۋلىشى ۋە نازۇك بارماقلىرى بىلەن نەي تۆشۈكلىرىنى رېتىملىق يېپىپ – ئېچىشلىرى نەتىجىسىدە لەرزان كۈي چىقىرىۋاتقان نەيگە قاراپ ئىچى ئاداپتۇ ۋە ھەسەت ئوتى ئۆرلەپ، زۇۋانغا كېلىپ، نەيدىن مۇنداق سوئال سوراپتۇ: «ئىككىمىز بىر تاغدا ئۆسكەن ئوخشاش بامبۇك تۇرۇپ، نېمىشقا مەن ئەتىدىن كەچكىچە ئۈستۈمگە ئارتىلغان كىرلەرنى كۆتۈرۈپ، ئاپتاپتا تۇرىمەن. بۇنى ئاز دەپ ھېچقانداق قەدىر – قىممىتىم يوق؟ سەنچۇ؟ شۇنداق ئەتىۋارلىق، بىباھا؟ نېمە ئۈچۈن ئىككىمىزنىڭ قىممىتى ئوخشىمايدۇ؟» ئۇشتۇمتۇت سورالغان بۇ سوئالغا، نەي تەمكىنلىك بىلەن مۇنداق جاۋاب بىرىپتۇ: «چۈنكى سەن بىر پىچاق بىلەنلا ياسالدىڭ، ئەمما مەنچۇ؟ نەي شەكىلگە كىرگىچە، نەچچە مىڭ قېتىملاپ پىچاق يېدىم. بەدىنىمدىكى توققۇز بوغۇمۇمنى بىر – بىرلەپ شىلىپ سىلىقلىدى، ئۇنى ئاز دەپ يەتتە يېرىمگە تۆشۈك ئاچتى. بۇ جەرياندا قانچىلىك ئازابلانغانلىقىمنى سەن بىلەمسەن؟» بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان كىر يايغۇچ گەپ قىلالماي زۇۋانى تۇتۇلۇپتۇ ۋە چوڭقۇر ئويغا چۆكۈپتۇ».

ھىكايىدىن كېيىن، ئىيسا ئەپەندى ئۆزىگە تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغان قارا چاچلىق، قارا كۆزلۈك، بۇغداي ئۆڭلەرگە خىتاب قىلىپ تۇرۇپ: «دېمەك، دۇنياغا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا قەدىرلىك بولۇپ ئاپىرىدە بولسىمۇ، ئەمما ھاياتتا ھەركىم ئۆزىنىڭ قىلغان ئەجرىگە، تارتقان مۇشەققەتلىرىگە تۇشلۇق نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. ھەركىمنىڭ قىممىتى ئاشۇ بامبۇكلارنىڭكىدەك بىر – بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. كىمكى كۆپ جەۋر – جاپاغا چىدىسا، بوران – چاپقۇنلارغا سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بېرەلىسە، ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغاندا چۈشكۈنلىشىپ، مىسكىنلىك ئىچىدە يىغلاپ ئولتۇرغاننىڭ ئورنىغا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، كۈرەش يولىغا ئاتلىنالىسا، ئۆزى مۇقەددەس دەپ بىلگەن ئىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتەلىسە، باشقىلارنىڭ ھەسەتتىن قىلغان ئۆسەك سۆزلىرىگە ئۆزىنى يوقىتىپ قويماي، ئۆز يولىنى داۋام قىلسا، ئۇ ئادەم ھەقىقىي قىممەتكە ئىگە، نىجادىيەتكە ئېرىشكەن ئادەم بولۇپ، ئۆز مىللىتىگە، جۈملىدىن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە شۇ نەيدەك تاشنى ئېرىتكۈدەك يېقىملىق كۈي، ھۇزۇر ۋە بەخت ئاتا قىلىدىغان ئىنسان بولالايدۇ» دەپ سۆزلىگەن نۇتقىنىڭ ئاخىرىدىكى ئەنە شۇ سۆزلىرى، ئەردەمنىڭ قۇلىقى تۆۋىدە نەينىڭ مۇڭزارى بىلەن تەڭ قىممەتلىك ھېكمەت كۈيى بولۇپ ئاڭلىنىۋاتاتتى.

ئۇ بۈگۈن خىتايچە كۇرستىن قايتىپ، كەچكىرگىچە ئۆزى يالغۇز دەريا بويلىرىنى، يوللارنى كېزىپ، ھارغىن بىر ھالدا ئۆيگە قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ قورسىقىمۇ ئاچمىغان، روھىمۇ چارچىمىغان ئىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇ قارنىنى ئازراق ئەستەرلىۋالغاندىن كېيىن، ئەتىكى تاڭ، يېڭى بىر ھايات ئۈچۈن قارا كۆزلىرىنى يۇمدى. ئەمدى جالالىدىن رۇمىنىڭ نەي ھەققىدىكى غەزەللىرى، ئۇنىڭ شېرىن چۈشلىرىگە تېخىمۇ يېڭى بىر مەنا قاتماقتا ئىدى.

دائىما شىكايەتتىن توختىماي بۇ نەي،
جۇدالىقتىن باشقىسىنى ئاڭلىتالماس ھەي.

دەركى، پەريادىم قومۇشلۇقتىن كېلۇر،
ئاڭلىسا ھەر كىم، كۆزلىرىدىن قان كېلۇر.

جۇدالىقتىن لەختە – لەختە شۇ تاش يۈرەك،
ئىستىكىم شۇ، دەردىمنى تۆكمەك كېرەك.

ئەگەر تەندىن بىر نەپەس ئايرىلسا بۇ جان،
ۋەسلى ئۈچۈن قايتىشنى كۈتەر ھەر زامان.

يىغلاپ ھەر يەردە دائىم پەرياد ئۇردۇم،
كۆرگەن ھەر بەندىنى دېدىم «دوستۇم».

ھەركىمگە گويا دوست بولدۇم، ئەمما،
ھېچكىم پەرۋا قىلمىدى سىرلىرىمغا.

ھېچ ئەمەس پەريادىمغا سىرىم ئۇزاق،
كۆزدە لېكىن يوق نۇر، تۇيماس قۇلاق.

ئاشكارىدۇر جان – بەدەن، كۆرگىن ئىنساننى،
يوق ئىجازەت، كۆرمەس پەقەت ئىنسان جاننى.

ھاۋا ئەمەس نەي ساداسى، ئەمما ئاتەش،
ئېسىت كىمدە بولمىسا گەر ئۇشبۇ ئاتەش.

ئاشىق ئاتەش بولۇپ چۈشۈپتۇ نەيگە،
ئاشىقنىڭ ئىشقى ھالى تۆكۈلدى مەيگە.

ياردىن ئايرىدى دوستنى، دوست قىلدى نەي ھەم،
پەدىسىدىن پەردىلەر يىرتىلىپ كەتتى ھەم.

قانلىق يولدا نەي سۇنار دائىم ئەرز ھال،
ھەم بېرىدۇ مەجنۇننىڭ ئاشىقىدىن مىسال.

ئەقىلنىڭ سىرلىرى سىرداشتۇر ئاشىق بىلەن،
پەقەت قۇلاقتۇر خېرىدارى ھەم تىل بىلەن.

ئۆتسە كۈنلەر، قورقۇسىز، ھەممىسى مەسەل،
ئەي دوستۇم، سەن ماڭا مەڭگۈلۈك ئەسەر.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top