You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » دوتەي نەزەرخان خوجا بىلەن سۆھبەت

دوتەي نەزەرخان خوجا بىلەن سۆھبەت

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن. مەزكۇر يازما تەيۋەنلىك يازغۇچى چىن جىيىن (陈纪滢) يازغان ۋە 1940-يىللارنىڭ باشلىرى نەشىردىن چىققان «شىنجاڭغا ئومۇمىي نەزەر» (新疆鸟瞰) ناملىق كىتابنىڭ «14 مىللەتتىن بولغان ۋەكىللەرنى زىيارەت خاتېرىسى» ناملىق 3-بابىدىن تەرجىمە قىلىنىپ تەييارلاندى. بۇ كىتاب شىڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈپ، گومىنداڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا كىرىشكەن مەزگىلدە يېزىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي-ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى خىتاي مەنپەئەتى نۇقتىسىدا تۇرۇپ تەشۋىق قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئېنىق. ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ياكى دوتەي (道台) مەنسىپىدىكى ئەمەلدارى نەزەرخان خوجانىڭ ئىسمى مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» تىرىلوگىيەسىنىڭ 1-قىسىمىدا كۆپ جايدا ئۇچرايدۇ. شىڭ شىسەيگە مايىللىقى، خوجانىياز ھاجى ۋە سابىت داموللا قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەرلەرنى قارىلاپ، ئاتالمىش «ئالتە بۈيۈك سىياسەت»نى ياقلىغانلىقى بىلەن مەنسىپى ئۆسۈپ ناھىيە ھاكىملىقىدىن دوتەيلىككە كۆتۈرۈلگەن بۇ شەخس، ئاخىرى يەنىلا خىتاي ھاكىمىيەتىنىڭ قولىدا زەھەرلىنىپ بۇ دۇنيادىن كۆز يۇمىدۇ. نەزەرخان خوجا ھەققىدە يازما مەنبەلەر تولىمۇ كەمچىل بولۇپ، مەزكۇر ماقالە ئاز ئۇچرايدىغان بىرىنچى قول مەنبە ھېسابلىنىدۇ.


تارانچى مىللىتىدىن بولغان نەزەرخان خوجا

(塔兰其族那孜尔和加)

نەزەرخان خوجا سەيدۇللا خوجا ئوغلى (مەنبە: «ئىلى دەرياسى»ژورنىلى)

يىغىندا ئەڭ كۆپ سۆز قىلغان، ئاۋازى ئەڭ جاراڭلىق، كەيپىياتى ئەڭ روھلۇق بىر ۋەكىل بولسا ھەممىنىڭ نەزىرى چۈشكەن ئىلىلىق مۇئاۋىن ۋالىي نەزەر(خان) خوجا ھېسابلىنىدۇ. نەزەر(خان) خوجا تارانچى مىللىتىدىن چىققان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىكى ئەڭ يۇقىرى مەنسەپلىك كىشى ۋە 100مىڭدىن ئارتۇق تارانچى خەلقى ئىچىدىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بىرى بولۇپ، قەددى قامىتى ناھايىتى قاملاشقان، يۈزلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان، قاشلىرى قۇيۇق، كۆزلىرى چوڭ، گەپ قىلغان چاغدىكى جاراڭلىق ئاۋازى بەئەينى مىس قوڭغۇراقنى ئەسلىتىدىغان تالانتلىق بىر ناتىق كىشىدۇر.

« ياشىسۇن جياڭ ۋېييۈەنجاڭ! ياشىسۇن شىڭ دۇبەن! يوقالسۇن ياپون جاھانگىرلىكى!» دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلار نەزەر(خان) خوجانىڭ نۇتۇقلىرى ئاخىرىدا كەم بولمايدۇ ۋە پەقەت ئۇنىڭ شۇ ياڭراق ئاۋازى ۋە غەيۇر قىياپىتى پۈتۈن زالدىكىلەرنى قوزغىۋېتەلەيدۇ. ئۇ ھەر قېتىم سۆزىنى تاماملىغاندىن كېيىن، قىزغىن چاۋاكلار ھەمىشە ئەگىشىپ ياڭرايدۇ. چۈنكى ئۇ پەقەتلا بىر ئاز سانلىق مىللەتنىڭ مەسىلىسىگە ئەمەس، بەلكى دائىما بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەسىلەلىرىگە دىققەت قىلىدۇ: ئۇ پەقەتلا شىنجاڭ ھەققىدە سۆزلىمەستىن، دائىما پۈتۈن مەملىكەتكە دىققەت ئاغدۇرىدۇ. چوڭ مەسىلىلەرگە كۆز تىككەن چېگرا رايوندىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ زالدىكى ھەممەيلەننىڭ ھېسىداشلىقىغا ئېرىشىشى تەبىئىيدۇر.

تارانچىلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ئۇيغۇرلار بىلەن ھېچ پەرقلەنمىسىمۇ نېمىشقا يەنە ئايرىم ھالدا بىر مىللەت دەپ ئاتىلىدۇ؟ ئەسلىدە بۇنىڭمۇ بىر ھېكايەسى بار ئىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كاشىغەردىكى 20-30 ئائىلەلىك بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تۇرمۇشنىڭ ئېغىرچىلىقى سەۋەبىدىن شىمالىي شىنجاڭدىكى ئىلى ۋە چۆچەك قاتارلىق جايلارغا كۆچكەن بولۇپ، ئۇلۇغ-ئۇششاق بولۇپ جەمئىي يۈزگە يېقىن كىشى قەدىمىي ھارۋالارغا ئولتۇرۇپ، دالالاردا قونۇپ، نەچچە ئاي يول يۈرۈپ ئاخىرى ئىلىغا يېتىپ كەلگەن ئىكەن. ئۇ چاغلاردا ئىلىدا تېخى شەھەر قۇرۇلمىغان بولۇپ، يېڭىدىن كەلگەن بۇ بىر توپ ياقا يۇرتلۇق كىشىلەر ئائىلەلىرىنى جايلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن تىرىشىپ تىرمىشىپ تېرىقچىلىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەھەر قۇرغان ۋە ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ كۈچى بىلەن بىر شەھەرنى بەرپا قىلىپ پۈتتۈرەلىگەن ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ قايىللىقى كېلىپ، بۇ كىشىلەرنى (تىرىشچان دېھقانلار دېگەن مەنىدە) «تارانچىلار» دەپ ئاتىغان ئىكەن. بىر نەچچە ئەۋلاد ئۆتسىمۇ بۇ كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، مانا ھازىر نوپۇسى 100 مىڭدىن ئېشىپ قالدى. ئۇلار گەرچە دىنى ۋە ئۆرپ-ئادىتى ئۇيغۇرلار بىلەن پەرقلەنمىسىمۇ، تارىخىي مۇناسىۋەتلەر سەۋەبىدىن يەنىلا ئايرىم بىر توپ بولۇپ شەكىللەنگەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۆلكەدە 12-ئاپرېل ئىنقىلابى پارتىلىغاندىن كېيىن، تارانچىلارنى ئۇيغۇرلارغا قوشۇۋېتىشنى ئويلاشقان ئىكەن. لېكىن كېيىن تارانچىلار ئۆزلىرىنىڭ «تىرىشچان دېھقانلار» توپىنى ساقلاپ قېلىشنى خالىغان ۋە قوشۇۋېتىشكە قارشى تۇرۇپ بۇ ھەقتە تالاش-تارتىش قىلغان ئىكەن.

ھازىر تارانچىلار چۆچەك ۋە ئىلىدىن ئىبارەت ئىككى جايدا تارقاق ئولتۇراقلاشماقتا. ئىلى رايونىدا جەمئىي 60 دىن كۆپ كەنتتە تۆتمىڭ ئۆيلۈككە يېقىن تارانچىلار جايلاشقان بولۇپ، كۆپىنچە ئاھالىسى يەنىلا دېھقانچىلىقنى ئاساسىي كەسپ قىلغان، ئاز بىر قىسىمى چارۋىچىلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئىلى رايونىدا ھازىر 300 دىن ئارتۇق مەكتەپ بار بولۇپ، تۆتمىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى بار ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ۋە تارانچى مەكتەپلىرى 200 بولۇپ، ئوقۇغۇچى سانى 2800 دىن ئاشىدىكەن (ئەسلى ماقالىدە 28مىڭ دەپ خاتا ئېلىنغان).

نەزەرخان خوجا ئۆزى مىنگونىڭ 23-يىلى ( 1934-يىلى) ئۆلكەدە يۈز بەرگەن ئىنقىلابقا قاتناشقان ۋە جاڭ پېييۈەن (张培元) توپىلاڭ كۆتۈرگەندە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى تەييارلاپ بەرگەن. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئۇنىڭ كۆرسەتكەن تۆھپىسىنى تەقدىرلەپ، ئۇنى مۇئاۋىن ۋالىيلىققا تەينلىگەن.

بىز ئۇنىڭدىن تۆۋەندىكى سوئاللارنى سورىدۇق:

-جياڭ ۋېييۈەنجاڭ ۋە شىڭ دۇبەنگە قول قويامسىز؟

-جياڭ ۋېييۈەنجاڭ دۆلەتنىڭ نىجاد يۇلتۇزى، شىڭ دۇبەن بولسا شىنجاڭنىڭ نىجاد يۇلتۇزى. مەن ھەقىقەتەنمۇ قول قويىمەن.

-ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق (ئاۋام خەلق) قۇرۇلتىيىغا قاتناشتىڭىزمۇ؟

-ھەر ئىككىسىگە قاتناشتىم. ئەمما بۇ قېتىمقىسىدەك مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان ئىدى.

-نېمە ئۈچۈن؟

-ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق قۇرۇلتاي مەزگىلىدە خەلق ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەيتتى. كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى كەڭ كۇشادا ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. بۇ قېتىم بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرمىدى.

-بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟

-چۈنكى، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان خەلق ھەقىقەتەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ پايدىسىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا پۈتۈن شىنجاڭمۇ بىرلىككە كەلدى. مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ ياخشىلاندى. شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا ھەممىمىز ئېلىمىز ئۈچۈن چوقۇم شىنجاڭ ئۆلكىسىنى مۇستەھكەم ئارقا سەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، دۆلەتنى قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت ۋەزىپىنى تاماملىشىمىز كېرەك.

ئۇنىڭ ياڭراق ئاۋازى يەنە ئۇنىڭ سەھنىدە نۇتۇق سۆزلىگەن چېغىنى ئەسلەتتى. بىز ئاخىرىدا ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى ۋە دۆلىتىمىز ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق. ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن باش لىڭشىتىپ قۇبۇل قىلدى.

 

مەنبە: چىن جىيىن (陈纪滢) يازغان 1941-يىلى نەشىردىن چىققان «شىنجاڭغا ئومۇمىي نەزەر» (新疆鸟瞰) ناملىق كىتابنىڭ «14 مىللەتتىن بولغان ۋەكىللەرنى زىيارەت خاتېرىسى» ناملىق 3-بابىدىن ئېلىندى.


نەزەرخان خوجا (ئوڭدىن تۆتىنچى كىشى، تۇماق كىيگەن) ئاتالمىش شىنجاڭ ئۆلكىلىك 3-قېتىملىق ئاۋام خەلق قۇرۇلتىيىدا

ئاتالمىش شىنجاڭ ئۆلكىلىك 3-قېتىملىق ئاۋام خەلق قۇرۇلتىيى يىغىن زالىدىن بىر كۆرۈنۈش

جاللات شىڭ شىسەي (ئوتتۇرىدا ھەربىي كىيىملىك كىشى) ئاتالمىش شىنجاڭ ئۆلكىلىك 3-قېتىملىق ئاۋام خەلق قۇرۇلتىيى يىغىن زالى ئالدىدا

مەزكۇر زىيارەت خاتېرەسىنىڭ خىتايچە ئەسلى نۇسخىسىدىن بىر بەت

مەزكۇر ماقالە ئېلىنغان «شىنجاڭغا ئومۇمىي نەزەر» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top