You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 18: ھەم كىتاب يازغۇچى ھەمدە كىتاب ساتقۇچى

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 18: ھەم كىتاب يازغۇچى ھەمدە كىتاب ساتقۇچى

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى (چاتما ئەدەبىي خاتىرە)

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

ئون سەككىزىنجى باب: ھەم كىتاب يازغۇچى ھەمدە كىتاب ساتقۇچى

بۈگۈن پەن-تەخنىكا بەرق ئۇرغان دۇنيا،
قۇت بەرگۈچ بىلىككە تەخىمۇ مۇھتاج؛
ئىلىم-پەن بەيگەدىن چىقىمىز غالىب،
“قۇتادغۇ بىلىك”نىڭ ۋارىسى بولغاچ.

(“كاشغارىيە سەلكىنلەرى” 33-بەت، “مىراس ۋە ۋارىس”، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 2020-يىل)

مەسئۇلىيەتتىن مەجبۇرىيەتكە

مەملىكەتتە بولۇپ ئۆتكەن دىموكراتىك ئىسلاھات دەۋرى ئۇيغۇر نەشىرياتچىلىقى ساھەسىدەمۇ بەلەن گۈللەنىش دەۋرى بولغان ئىدى، دەپ ئەسلەپ قالىمەن. بولۇپمۇ ئىلمىي كىتاب نەشىر قىلىشتا، بۇرۇنقىدەك مانچە مۇتەخەسسىس كۆرۈپ بولۇشلۇق ئوبزۇر ۋە تەۋسىيە دوكلاتى يازىپ بەرگەن بولۇش شەرت دەيدىغان توساقلار بۇزۇپ تاشلانىپ، نەشىرياتتىكى مەسئۇل مۇھەررىر بىلەن ئاپتور بولغۇچى سۆزلەشىپ، مائقۇللۇق پۈتۈمى ھاسىل قىلسالا، كىتاب چىقارغىلى بولىدىغان، ئاپتورغا قەلەم ھەققى بەرىش-بەرمەسلىك، قانداق شەرتلەر ئاستىدا قانچەلىك بەرىش دەگەنلەرمۇ مەسلىھەتلىك توختام-پۈتۈم بويىچە بولىدىغان مۇھىت ياراتىلغانىدى.

مەن شۇ چاغقىچە يىگىرمەدىن ئارتۇق كىتاب نەشىر قىلدۇرۇپتىمەن. شۇڭا، كىتاب يازغۇچى سانالساممۇ بولۇر، دەيمەن ئۆزەمچە. مەنىڭ مۇنداق كىتاب يازغۇچى بولۇپ قالىشىمغا، بولۇپمۇ ئىلمىي تەتقىقات كىتابى يازىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانىشىمغا ئاز كەم قىرىق يىل ئىزچىل شۇغۇللانغان كەسپىم سەۋەب بولغان ئىدى.

شۇنداق، ئەينى چاغدا، مەن بىر ئالىي مەكتەب ئوقۇتقۇچىسى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى» دەپ ئاتالىدىغان كلاسسىك (كوھنا ۋە ئەسىل) ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش پروفەسسورى. ھالبۇكى، ھازىرقى زامان ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلارى ئۈچۈن، باشقالارنىڭ يازغان كىتابىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇپ، ئاڭلاتىپ بەرىدىغان كارناي بولسا، كۇپايە قىلمايدىغان بولۇپ قالدى. ئۆزەڭ شۇغۇللانىۋاتقان كەسىپ ساھەسى بويىچە ئىزدەنىپ ئىلمىي ماقالە يازماساڭ، يازىلغان ئۇ ئىلمىي ماقالەنى يادرولۇق ۋە نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئەلان قىلدۇرماساڭ، خاس دەرسلىك كىتابى يازىپ نەشىر قىلدۇرماساڭ، لەكتور، دوتسىنت ۋە پروفەسسور باھالانالمايسەن. بۇ خىل ئىلمىي ۋە تەخنىك ئۇنۋانلارغا ئەرىشمەسەڭ ياكى ئەرىشەلمەسەڭ، تەبىئىيكى مۇناسىپ ماددىي ۋە مەئنەۋى ئىمتىيازلاردىن، تەگىشلىك ھەق ۋە ھوزۇرلانىشلاردىن بەھرىلەنەلمەيدىغان بىچارە، روۋۇك زىيالىي بولۇپ قالىسەن. دەمەكچىكى، بۇ خىل تۈرلۈك مەدەنىي ئىنسانلار توپىدا تەگىشلىك سالاھىيەتنى قازانىپ ياشاشنى قولغا كەلتۈرۈش ئەمەلىيەتتە، مۇئەييەن مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلغان بىر مەجبۇرىيەت بولۇپ قالدى ھەقلىق يۇسۇندا. مەن مۇشۇنداق مەجبۇرىيەت ئاساسىدا، ئىلمىي تەتقىقات كىتابى يازىقچىلىقى يولىغا كىرىپ كەتكەن ئاڭلىق جاپاكەشلەرنىڭ بىرىمەن.

مەنىڭچە، ئەدەبىي ئىجادىيەت يازىقچىلىقى بىلەن ئىلمىي تەتقىقات ئەسەر يازىقچىلىقىنىڭ قايسىسى ئاسان ۋە قايسىسى تەرس ۋە قايسىبىرى بەك پايدالىق، قايسىبىرى پايداسىز دەگەنلەرنى مۇنازىرە قىلغاننىڭ جىق ئەھمىيەتى يوق. لىللاھ مەيداندا تۇرۇپ ئەيتقاندا، ھەر ئىككىسى ئۆز نۆۋەتىدە، زۆرۈر، ئەھمىيەتلىك ۋە قىممەتلىك ئەمگەكلەردۇر. ئەمما، شۇنىسى ئەنىقكى، ئەدەبىي ئىجادىيەت كىتابلارى، مەسىلەن شىئىر-ناخشالار توپلامى ۋە رومان-پوۋىستلارغا قاراغاندا، ئىلمىي تەتقىقات كىتابلارىنىڭ ئوقۇرمەنى نىسبەتەن ئازلا ئەرمەس، بەلكى ئاسمان- زەمىن پەرقىدە ئاز بولىدۇ. شۇ ۋەجدىن، ئىلمىي تەتقىقات كىتابلارىنى نەشىر قىلدۇرماق ئەدەبىي ئىجادىيەت كىتابلارىنى نەشىر قىلدۇرۇشتىن جىق تەرس. چۈنكى، نەشىرىيات زىيانغا پىلان تۈزمەيدۇ، نەشىر قىلىنغۇسى كىتاب بەلگەلىك تراژغا يەتىپ، ئىقتىسادىي پايدا بەرىدىغانلىقىدىن بەشارەت كۆرۈلمەسە، نەشىرىيات ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئوقۇرمەنى ئاز كىتابنى نەشىر قىلىپ قويۇپ ساتالماساڭ، نەشىرىياتقا زىيان، كىتابخانا ئامبارلارىغا باسىم بولىدۇ شۇ. ئابروتى يوق، پايداسى ئاز تىجارەتنى ھىچكىم ياخشى كۆرمەيدۇ-دە!

شۇڭلاشقا، ئىلمىي تەتقىقات كىتابى يازغۇچى ئادەم ھەر قانچە بەلەن كىتاب يازىۋەتكەن تەقدىردەمۇ، نەشىرىياتچى ئالدىدا قول باغلاپ تۇرۇپ، نەشىر قىلىنغۇسى كىتابىغا تراژ توپلاش ۋە ئۇنى ساتىش ئىشى بويىچە، خىزمەتكار بولماسا بولمايدۇ ئادەتتە. مەن بۇ تەسىراتقا 1987-يىل يازدا ئەرىشكەن بولدۇم. شۇ يىلى ئاتاقلىق تىلشۇناس، مەرھۇم ئۇستازىم خەمىت تۆمۈر بىلەن بىرلىكتە، ئون بەشىنجى ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن بۈيۈك بوۋامىز ئەلىشىر نەۋائىينىڭ «مۇھاكەتۇل لۇغەتەين» ناملىق مەشھۇر ئەسەرىنى نەشىرگە تەييارلادۇق ۋە مىللەتلەر نەشىرىياتىغا ئىلتىماس بىلەن تاپشۇردۇق. نەشىرىيات قوبۇل قىلدى. ئەمما، تراژ توپلاپ كۆرسە، ئاران ئالتە يۈز يىگىرمە تراژ كەپتۇ. نەتىجەدە، نەشىرىياتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈمى بىزگە: «ھازىرقى ئۆلچەمدە، تراژ بىر يارىم مىڭدىن ئاشماسا، زىيان چىقىدۇ. رەنجىمەڭلەر، كىتابىڭلارنى باسالمايدىغان بولدۇق» دەپ ئۆزۈر بىلدۈردى. مەن ئەلىشىر نەۋائىينىڭ مەزكۇر ئەسەرىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى، مۇشۇ قاتىم باسىلسا، بۇ مەزكۇر ئەسەرنىڭ جۇڭگودا تۇنجى قاتىملىق نەشىرى بولىدىغانلىقىنى ئەيتىۋاتسام، نەشىرىياتچى باشلىق ئەپەندىم كەسكىنلىك بىلەن سۆزۈمنى بۆلدى ۋە: «مۇئەللىم، سىز بىزگە دەرس سۆزلەمەڭ! ئەلىشىر نەۋائىينىڭ كىملىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلەرىنىڭ مۇھىملىقىنى سىزدىن ئوبدانراق بىلىمىز بىز! ئەمما، يەتەرلىك تراژ بولماسا، نەشىرىياتتا كىتابنى باسقىلى بولمايدۇ، بۇ تۈزۈم!» دەدى. مۇنازىرەلەشىپ، قايىل قىلالماغاندىن كەيىن، مىڭ دانە كىتابنى مەن ئۆزەم ساتىۋالىدىغانغا ھۆججەت يازىپ بەرىپ، كىتابنى نەشىر قىلىدىغانغا پۈتۈشتۇق.

نەتىجەدە، بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى ئەلىشىر نەۋائىي مىلادىيە 1499-يىلى چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىدا يازغان مەشھۇر ئەسەر «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين» (ئىككى تىل توغرالىق مۇھاكىمە) نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىدىكى ئوقۇلغۇسى (ترانسكرىپسىيەسى)، يەشىمى (تەرجىمەسى) ۋە خاس لۇغەتى بولۇپ ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپقان تەتقىقات كىتابى 1988-يىل 11–ئايدا، جۇڭگودا تۇنجى بولۇپ بەيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرەپىدىن بىر مىڭ ئالتە يۈز تراژ بىلەن نەشىر قىلىنغان بولدى. كىتاب نەشىردىن چىققاندىن كەيىن، پۈتۈم بويىچە مىڭ دانە كىتابنى نەشىرىياتتىن مەن ساتىۋالدىم ۋە بازارغا ئالىپ بارىپ خەرىدارغا ئۆزەم ساتتىم. تەلەپ قىلغانلارغا ئىمزامۇ قويۇپ بەردىم تەخى. شۇنداق قىلىپ، مەن ئاشۇ چاغدىن باشلاپ، كىتابچى، يەنى كىتاب ساتقۇچى بولۇپ قالدىم.

مەن ماڭغان كىتابچىلىق يولى ئەمەلىيەتتە. مەن ئاپتور بىلەن مەنىڭ كىتابىمنى ياراتىپ ساتىپ ئالغان ئوقۇرمەنلەرىمنى ئۆز ئارا تونۇشتۇرىدىغان، دوستلاشتۇرىدىغان ۋە ئىلمىي مۇناسىبەتتە باغلايدىغان بەلباغ بولغاچ، ئۆزەممۇ ھەم قىزىقىش بىلەن كىرىشىپ قالدىم. كەيىنچە، نەشىرىياتلار “ساڭا قەلەم ھەققى بەرمەيمىز، ئىككى يۈز ئەللىك دانە كىتاب بەرىمىز” دەسەمۇ، ھىچ ئىككىلەنمەي، مائقۇل بولدۇم.

غەيرى كىتابچى ۋە ئۇنىڭ ئۇنتۇلماس ئەستلىكلەرى

مەن كىتابچى بولۇپ قالدىم-يۇ، ئەمما مەنىڭ كىتابچىلىقىم غەيرى ئىدى. سالىشتۇرۇپ باقسام، باشقا كىتابچىلارغا مۇنداق ئىككى تەرەپتىن ئوخشاشمايدىكەنمەن: بىرىنجىدىن نامىم يوق؛ مەن شۇنچە يىللاردىن بۇيان كىتاب ساتىپ يۈرسەممۇ، مەنى بىلىدىغانلارنىڭ ھىچقايسىسى مەنى «كىتابچى» دەمەيدۇ، يەنەلا «مۇئەللىم» دەپ ئاتايدۇ. شۇنىڭدىن قاراغاندا، ئىشتىن سىرتقى كىتابچى ئوخشايمەن. ئىككىنجىدىن دۇكانىم يوق. مەنىڭ تۇراقلىق كەسپىم ئوقۇتقۇچىلىق، خىزمەت ئورنۇم بەيجىڭ بولغانى ئۈچۈن، مەخسۇس كىتاب ساتىش دۇكانى قىلالماغانىممۇ چۈشەنىشلىك ھەممەيلەن ئۈچۈن.

ئەمما، مەنىڭ كىتابچىلىق سەرگۈزەشتەم، يەنى كىتابچىلىق قىلىش جەريانىدا باشىمدىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلەرىم ھىچ كەمبەغەل ۋە نامۇراد ئەرمەس. ئالايلۇق، نورمال كىتابچىلار ئۆز ئىشىنى كىتابلار نەشىردىن چىققاندىن كەيىن باشلاسا، مەن غەيرى كىتابچى ئۆز ئىشىمنى، يەنى كىتابچىلىق خىزمەتىمنى تەخى نەشىردىن چىقماغان كىتابىم ئۈچۈن تراژ توپلاشتىن باشلايمەن. تراژ توپلاش ئۈچۈن، تەشۋىق-تەرغىب خىزمەتىنى ئىشلەشكە توغرا كەلىدۇ. شۇڭا، نەشىر قىلىنغۇسى كىتابىم ئۈچۈن، ئالدىن ئوبزۇر تەييارلاپ، ئۇنى ماقتاپ تەشۋىق قىلىمەن. تەشۋىق-تەرغىب خىزمەتىدىن ئۈنۈم قازانىش ئۈچۈن، تەشۋىقات ئوبيەكتى، يەنى مەنىڭ تەشۋىقاتىمغا قۇلاق بەرىدىغان، گەپىمگە چىن پۈتىدىغان، مەنىڭ گەپىمنى ئاڭلايدىغان ئادەم ئىزلەيمەن. بۇ ھالدا، ئىھتىياجىم تەبىئىي ھالدا، مەنىڭ ئەقىدەلىك ئەل-ئاغىنەلەرىم ۋە ئىخلاسمەن شاگىرتلارىم، تونۇش-بىلىشلەرىم ۋە تونۇش-بىلىشلەرىمنىڭ تونۇش-بىلىشلەرىگە چۈشىدۇ، ئەلبەتتە. بۇلارنى قوشۇپ كەلسەم، خەلى مول سان-سالماقلىق بىر قوشۇن ھاسىل بولىدىكەن.

ئارالىقتا، ئۈندىدار ۋاسىتەسى بىلەن ئەلان بەرىپ، نەشىردىن چىقماغان كىتابقا تراژ توپلاشقا ئۇرۇنۇپ كۆردۇم. ئەمما، ئۈنۈمى پەقەت ياخشى بولمادى. شۇنىڭغا قاراپ، بىزنىڭ خەلقىمىزدە، نەشىردىن چىقماغان كىتابقا ئالدىن تراژ بەرىش ئاڭى تەخى يەتىلمەپتۇ، دەگەن خۇلاسىگە كەلدىم. بۇ ھالدا، تراژ توپلاش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى كىتابخانا ساھىبلارى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ شەخسى كىتابخاناسى بار رەسمىي كىتابچى تونۇشلارىم بىلەن كىتابخانالارنى باشقۇرالايدىغان ھوقۇقى بار ئەمەلدار ئاغىنەلەرىمگە تايانىشتىن باشقا يول تاپالمادىم شۇ شارائىتتا.
ھەر قانداق ئىشنىڭ بىسمىللاھسى تەرس. مەن ئاشۇ ئەڭ دەسلەپكى چاغلاردا ماڭا تراژ توپلاشىپ بەرگەن ئەل-ئاغىنە، دوست-يارەنلەرىمنى پەقەت ئۇنتۇپ قالمايمەن. ئۇلارنىڭ مەنىڭ ئىلمىي تەتقىقات كىتابلارى يازغۇچىسى ۋە ساتقۇچىسى بولۇش يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچىشىمدا ئويناغان تەئسىرلىك رولى مەنىڭ تەشەككۇرلۇق قەلبىمدە ئىھتىرام بىلەن مەڭگۈ ساقلانىدۇ:

ھىكايەت، 1993-يىلى، ساق ئالتە يىل سەرپ قىلىپ يازغان خاس ئەسەرىم «ئۇيغۇر تىلى لەكسىكولوگىيەسى»نى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتىغا ئىلتىماس بىلەن سۇندۇم. مەزكۇر نەشىرىيات ئەسەرىمنى نادىر ماۋزۇلۇق ياخشى ئەسەر باھالاپ، نەشىر قىلىشقا قوبۇل قىلدى. ئەمما مۇناسىۋەتلىك باشلىق كىشى نەشىرىياتچىلىقنىڭ شۇ چاغدىكى تەلەپى بويىچە، تراژنى ئۈچ مىڭدىن ئاشۇرالاسام، تەخىرسىز نەشىر قىلىپ بەرىدىغانلىقىنى ئەيتتى. تەخى چىقماغان كىتاب ئۈچۈن ئۈچ مىڭ دانە تراژ توپلاش دەگەن ئەيتىشقا ئاسان، ئەمما روياپقا چىقارماق مۇشەققەتتىن مۇشەققەتلىك ئىش ئىدى. قەنى، تەۋەككەلتۇ ئەلەللاھ!

شۇ يىلى 7-ئايدا، يازلىق تەئتىل قىلىپ، قەشقەرگە كەلدىم. پۈتۈن تەئتىلىمنى تراژ توپلاش ئۈچۈن ئانا يۇرتنىڭ جەنۇبىي يارىمىنى كەزىش بىلەن ئۆتكۈزدۈم. پەقەت ئەسىمدىن چىقمايدۇ، ئالدى بىلەن قەدىمىي ئودۇن ئەلى خوتەنگە باردىم. شۇ يىللاردا خوتەن ۋىلايەتىگە، كەيىنچە ئۆسۈپ مەملىكەتلىك سىياسىي كەڭەشنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولغان جۈرئەت مەمتىمىن ئەپەندى ۋالىي ئىدى. «ئەسسالام!» بىلەن ۋالىينىڭ ئىشخاناسىغا كىردىم بىر ئەرتەگەنلىكى. جۈرئەت ۋالىي ئۆزىنىڭ ئازادە ئىشخاناسىدا خوشھال قوبۇل قىلدى. مەن كەلىش مەقسەتىمنى ئەيتتىم. ۋالىي ئاپتاپ مىسال خۇش چىراي بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ دەدى: «>ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەرگەر بىلىدۇ< دەگەن گەپ مۇتلەق توغرا، ساۋاقداشىم. مەن سىزنىڭ بۇ قىممەتلىك ئەمگەكىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك نەشىردىن چىقىپ، كەڭ ئىلىم ئەھلى بىلەن بالدۇرراق يۈز كۆرۈشۈشى ئۈچۈن، قولۇمدىن كەلگەننىڭ ھەممەسىنى قىلىپ بەرىمەن، خاتىرجەم بولۇڭ». ئارقادىن ئۇ دەرھال تەلىفون بەرىپ، خوتەن ۋىلايەتلىك كىتابخانانىڭ باشلىقىنى ئىشخاناسىغا چاقىرتىپ كەلدى. كۆز ئالدىمدالا يوليورۇق بەرىپ، ئەسەرىمنىڭ قىممەتلىك ۋە خەرىدارلىق كىتاب بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا جەزمەن ياخشى تراژ بەرىشىنى تاپالادى. ئۆزىنىڭ كاتىپىنى ماڭا قوشۇپ، قاراقاش ناھىيەسى قاتارلىق جايلارغا بارىپ، تراژ توپلاتىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، بىر خوتەندىنلا بەش يۈز تراژ توپلاندى. روشەنكى، بۇ مەنىڭ ئەمگەكىمدىن ئەرمەس، بەلكى مەنىڭ بىلەن بەيجىڭدىكى مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدە 1972-يىلدىن 1975-يىلغىچە ھەمكەسىپ بولۇپ بىرگە ئوقۇغان ساۋاقداشىم، كەيىن بىرلىكتە شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، يانمۇ يان سىنىپلاردا دەرس سۆزلەگەن خىزمەتداشىم جۈرئەت مەمتىمىن ۋالىينىڭ خالىسانە ياردەمىدىن كەلگەن خەيرلىك نەتىجە ئىدى.

شۇنداق، جۈرئەت مەمتىمىن ۋالىي قاتارلىق ھەم ئىلىمدار ھەم ئەمەلدار بولغان ئاقكۆڭۈل ساۋاقداشلارىمنىڭ، دوستلارىمنىڭ مىننەتسىز ياردەمى بولغاچ، شۇ قاتىملىق تراژ توپلاش پائالىيەتىم تولامۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. نەتىجەدە، «ئۇيغۇر تىلى لەكسىكولوگىيەسى» ماۋزۇلۇق ئۇ خاس ئەسەرىم ئۈچ مىڭ بەش يۈز تراژ بىلەن، 1995-يىل 5-ئايدا، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرەپىدىن نەشىر قىلىندى.

مەزكۇر خاس ئەسەرىم نەشىر قىلىنىپ تارقاتىلغاندىن كەيىن، خەلقىم، ئىلىم ئەھلى مەنىڭ ئۇ ھالال ئەمگەكىمنى ئوبدان باھالادى: شىنجياڭ ئۇنىۋەرسىتىتى ئوتتۇرا ئاسىياشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جىن يۈپىڭ (金玉平) ئەپەندىم «ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى ساھەسىدىكى بىر زور بۆسۈش» (维吾尔语言学领域里的一大突破) ماۋزۇلۇق ئوبزۇر ئەلان قىلىپ، ئەسەرىمنى ئەلا نەتىجەلىك قىممەتدار ئەمگەك قىلىپ مۇئەييەنلەشتۈردى. 1996-يىللىق ئىلمىي كىتابلارنى باھالاشتا، مەزكۇر كىتاب ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە «بىرىنجى دەرىجەلىك ئىلمىي خاس ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئەرىشتى. شۇ يىلى، بەيجىڭ شەھىرى بويىچە «ئىككىنجى دەرىجەلىك مۇنەۋۋەر خاس ئەسەر» باھالانىپ، مۇكاپاتلاندى؛ 1997-يىل مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەت يازىقىدا نەشىر قىلىنغان ئىلمىي كىتابلارنى باھالاشتا، «دۆلەت ئۈچىنجى دەرىجەلىك مۇنەۋۋەر خاس ئەسەر» باھالانىپ مۇكاپاتلاندى. مەن ئۇ مۇكاپاتلارغا ئەرىشىپ شەرەپ سەھنەسىگە چىققان ۋاقتىمدا، مەزكۇر ئەسەرىمنىڭ نەشىر قىلىنىپ، كەڭ ئىلىم ئەھلى بىلەن يۈز كۆرۈشۈشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە خالىسانە ياردەم قىلغان قارىنداشلارىمنى شۈكرانە يۈرەكىم بىلەن سۆيۈنۈپ، تەكرار-تەكرار ئەسلەدىم.

شۇنداق، ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە! ئاشۇ بەختىيار چاغلارنى ۋە شۇ چاغلاردا ماڭا ھەمدەم بولغان مەردانە دوستلارىمنى ھەمىشە ھۆرمەت بىلەن ياد ئەتىمەن. چۈنكى، ئۇ قارىنداشلارىمنىڭ خالىسانە ياردەملەرى ئەمەلىيەتتە، مەنىڭ مەزكۇر ئىلمىي كىتاب يازىقچىلىقى ۋە ساتىقچىلىقى يولىدا بەجىرىم قەدەملەر بىلەن ئالغا ماڭىشىمغا تۈرتكە بولغان يىمىرىلمەس كۈچ بولغان ئىدى!

«تاڭىرقامايمەن دوستلار، تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى» (ل. مۇتەللىپ)

مەن يازغان ئىلمىي تەتقىقات كىتابلارى ئاساسەن ئۆزەم سۆزلەگەن چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقى ۋە ئەدەبىياتى، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلى سۆزلەمشۇناسلىقى (لەكسىكولوگىيە) ھەققىدە بولغاچ، نەشىردىن چىققان كىتابىمنىڭ باش خەرىدارلارى ئالدى بىلەن مەنىڭ دەرسىمنى ئاڭلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلارىم بولدى تەبىئىي ھالدا. ئالايلۇق، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتىدە، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» ۋە «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» ئاتالىدىغان ئىككى مەجبۇرىي (必修) دەرس بىلەن «ئەلىشىر نەۋائىي ئەسەرلەرى تەتقىقاتى» ۋە «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى تەتقىقاتى» ناملىق ئىككى تاللاما (选修) دەرس بار. مەجبۇرىي دەرسلەرنى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن سەكسەن ئادەم، تاللاما دەرسلەرنى بولسا، قىرىق ئەتراپىدا ئادەم ئاڭلايدۇ. مەزكۇر دەرسلەر ھەر يىلى تەكرارلانىدىغان بولغاچ، مەن نەشىر قىلدۇرغان كىتابلارنىڭ تۆرتتىن بىر قىسمى بىزنىڭ مەكتەپتەلا ھەزىم قىلىۋەتىلىدۇ. ئاندىن، لەنجو شەھەرىدىكى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ئىنستىتۇتىمۇ كەيىنكى چاغلاردا، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتى بىلەن ئوخشاش دەرسلەرنى ئاچىپ، مەنىڭ كىتابلارىمنى دەرسلىك قىلدى. ئۈرۈمچىدىكى شىنجياڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر مۇقام كەسپى ئوقۇغۇچىلارىمۇ مەنىڭ “ئەسلىي يازىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى” (2005-يىل نەشىر قىلىنغان) ۋە “ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى ئۈستىدە تەتقىقات” (2009-يىل نەشىر قىلىنغان) دەگەن كىتابلارىمنى دەرسلىك قىلدى. ئۇندىن باشقا، مەنىڭ كىتابلارىم ئانا يۇرتىمىزنىڭ ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرىدىكى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ئوقۇيدىغان ۋە ئوقۇتىدىغان مۇناسىۋەتلىك ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەكىتمەلىك پايدالانما ماتىرىيالى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر ساتىۋالىدۇ، پەمىمچە.

ئەمدى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقى ۋە ئۇنىڭغا تالىق تەتقىقات بويىچە يازىلغان ئىلمىي كىتابلارغا نىسبەتەن ئومۇمىي ئۇيغۇر جەمئىيەتىنىڭ ۋە بۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىيەت دۇنياسىنىڭ تونۇشى ۋە بىلىش دەرىجەسى تۆۋەندىن تۆۋەن بولغانى ئۈچۈن، بۇ خىل كىتابلار كىتابچىلىق سورۇنىدا ساتقىلى بولمايدىغان كىتابلار قاتارىغا كىرىدۇ. بۇ ئەھۋالنى ۋە بۇ رىئاللىقنى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىدىكى كەمتۈكلۈك، ئۇيغۇر زىيالىيلارىدىكى نامرات مەغرۇرلۇق كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ قارايمەن. خەنزۇ تىلى مائارىپىدا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن تارتىپلا قەدىمقى خەنزۇ يازىقى توغراسىدا، يەئنى ھازىرقى خەنزۇ يازىقىنىڭ قەدىمقى شەكلى ۋە مەئنە-ئۇقۇم ئۆزگەرىشى، تەرەققىياتى ھەققىدە ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ تەپسىلىي بىلىم بەرىلىدۇ. ئۇيغۇرچە مەكتەپلەردە بولسا، ئون ئىككى يىل ئوقۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ ھازىرقى ئۇيغۇر يازىقىمىزنىڭ يىلتىزى بولغان چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنىڭ ھەرپلەرىنىمۇ تونۇمايدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس جەدۋەلىدىن «ئۇيغۇر تىلى دەرسى»نى چىقىرىۋەتكەن، مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى ئىلىمى بويىچە بىلىم بەرىدىغان «ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى» تۈزۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئۇيغۇر زىيالىيلارىنىڭ «سەرخىللەرى»مۇ ئۆزلەرىنىڭ مۇسۇلمانچە ئىسىملەرىنىڭ قەيەردىن قانداق كەلگەنلىكىنى ۋە ئەسلىدە قانداق يازىلغان ۋە نەمە مەئنە-ئۇقۇم ئۇقتۇرىدىغانلىقىنى شەرھلەپ بەرەلمەيدۇ. ھەتتا، ئۆز ئىسىم-ناملارىنىڭ مەئنە-ئۇقۇمىغا مۇتلەق قىزىقمايدۇ. ئۆزلەرىنىڭ ئىسىملەرىنى ئۆلگەن ئىسىم دەمەيدۇ-يۇ، بىراق، ئۆزلەرىنىڭ ئاتا-بابالارى قۇلاقىغا ئەئزان چىللاپ تۇرۇپ قويغان ئىسىملەرىنىڭ ئۇقۇم-مەئنەسىنى چۈشەندۈرۈپ بەرەلەيدىغان چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنى بولسا، ھىچ تەپتارتماستىن ۋە ھىچ خىجىل بولماستىن «ئۆلگەن يازىق»، “كەڭ ئۇيغۇر خەلق ئامماسىدىن ئايرىلىپ قالغان يازىق” (ئاغزىغا تاش-توپراق!) دەپ ئاتايدۇكى، بىلگەن ئادەمگە بۇ ئۇيغۇر مائارىپ – مەئرىپەتچىلىكىدىكى بىر چوڭ تراگىدىيەدۇر!

ھەسرەتا! بۇ ئەھۋالدا نەمە قىلىش كەرەك؟ «تاڭىرقامايمەن دوستلار، تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى؛ چۈشۈرمەيمەن كۈرەشكە دەپ تۈرگەن بۇ بىلەكلەرنى» (ل. مۇتەللىپ: «خىيالچان تىلەك»تىن)- بۇ ئۇيغۇر پىداكارلىقىنىڭ نەمۇنەسى، ۋەتەنپەرۋەر شائىر لوتفۇللاھ مۇتەللىپ بىز ئەۋلادلارغا قالدۇرغان ھىدايەتكار بۈيۈك خىتابتۇر!

شۇنداق، ئىلىم ھاياتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق ھايات، ھەر قانداق تۇرمۇش مۇشۇنداق ھەق بىلەن ناھەق، توغرا بىلەن خاتا ئوتتۇراسىدىكى زىددىيەت ۋە كۈرەش ئىچىدە مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدىكەن. «مەنىڭ ئىشىم ھەق ئىدى، ئەمما سەن بۇنى تونۇمادىڭ» دەپ ھەممە ئادەم بىلەن سوقۇشۇپ بولالمايدىكەنسەن. قاقشاپ-قەيىداپ، يامانلاپ ئولتۇرساڭ، ئۆزەڭنىڭ ھەميانىڭغا زىيانكى، ئاشۇ ناھايەتى ئاز ساندىكى بولسامۇ، سەنىڭ ئىشىڭنىڭ دۇرۇسلۇقىنى بىلگەن قولداشلارىڭغا چىن دىلىڭدىن تەشەككۇر ئەيتىپ، ئۆز ئىشىڭنى داۋاملاشتۇرۇشۇڭ، ئۆزەڭ ھەقىقەت دەپ تونۇغان يولدا، دادىل (چوڭ يۈرەك) قەدەملەر بىلەن ئالغا ماڭىشىڭ لازىم بولىدىكەن شۇ، تەجرىبە-ساۋاقلارىمچە!
مەن مۇشۇنداق چۈشەنچە ۋە ئەقىدە ئاساسىدا، ئۆز كىتابچىلىقىمنى نەچچە ئون يىل ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇردۇم. كىتابچىلىقىم ئارقالىق، ئىلمىي كىتاب يازىقچىلىقىمنى ئۆزەم بىلەن ئۆزەم قەتئىي بوشاشماستىن قوللاپ، ئۆز ساھەمدىكى بىرىدىن يەنە بىرى ئەگىز بولغان ئىلىم چوققالارىنى بىردىن، بىردىن باش ئەگدۈرۈپ، بويسۇندۇرۇپ كەلدىم. يازىقچىلىقىم مۇشەققەتلىك، كىتابچىلىقىم جاپالىق بولسامۇ، ئەمگەك جەريانىم قىزىقارلىق، كۆڭۈللۈك ۋە بەلەن نەتىجەلىك بولدى. كىتابچىلىقىم يولىدا مەن ئۇچراتقان، مەن بىلەن ھال-مۇڭلاشقان، ئەمەلىي ئىپادەسى بىلەن مەنى قوللاغان كۆيۈملۈك قارىنداشلارىم مەنىڭ ئۈچۈن تولامۇ قىممەتلىك ۋە سۆيۈملۈك ئىدى.
مەن بۇ يەردە، 2012-يىل يازلىق تەئتىل مەزگىلىدە، قەشقەردە قىلغان كىتابچىلىقىم خاتىرەسىنى مىسال ئالىپ، ئوقۇرمەنلەرىم بىلەن ئورتاقلاشىپ باقسام، دەپ قالدىم:
2012 -يىل 18-ئىيۇل (چاھارشەنبە).

كومپيوتەر سومكاسىدىن سەل چوڭراق ئىككى خالتا ۋە كۆپ يانچۇقلۇق بىر قارا سومكاغا ئون تۆرت دانە كىتاب (يەتتەسى «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان» ‹تۆۋەندە، «مۇپەسسەل بايان» دەيىلىدۇ›، يەتتەسى «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكاسى» ‹تۆۋەندە، «گرامماتىكا»لا دەيىلىدۇ)نى زىچ ئەمما قاتلاشتۇرماي جايلاشتۇرۇپ سالىپ، ئۆزەم تۇرىۋاتقان قەشقەر تەنتەربىيە سارايى ئائىلەلىكلەر قوروسى (يەنى تەنتەربىيە يولى 30- قورو)دىن چىقىپ، بىر قولۇمدا بىر دانە گرامماتىكا كىتابىنى سەييارە ساتىقچىلاردەك تۇتۇپ كۆتۈرگەنىمچە جەنۇبىي ئازادلىق يولىنى بويلاپ، ھەيتگاھ مەيدانى تامان يۈرۈپ كەتتىم. جەنۇبىي ئازادلىق يولى بىلەن خەلق يولىنىڭ كەسىشىش نۇقتاسىغا كەلگەندە، لەخمە يول بىلەن قارشىغا ئۆتتۈم-دە، غەربكە بۇرۇلۇپ، «غەربىي خەلق يولى»نى بويلاپ «قۇمدەرۋازا يولى»كوچاسىنىڭ دوقمۇشىغا كەلدىم. كوچانىڭ غەرب تەرەپىگە ئۆتۈپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك پوچتا ئىدارەسى بىناسى بىلەن تامخوشنا بۈرجەكتىكى «تەجەللىي كىتابخاناسى»غا ئەسسالام بىلەن كىرىپ كەلدىم.

ئاخشام تەلىفوندا پۈتۈشكەنىمىز بويىچە، كىتابخانا خوجايىنى ئابدۇلغەنىي ئەپەندىنىڭ ئوغلى مەۋلانبەگ ساقلاپ تۇرغانىكەن، ئۇنىڭغا سەككىز دانە گرامماتىكا كىتابى ۋە يەتتە دانە مۇپەسسەل باياننى ساتىپ قويۇشقا ھاۋالە قىلىپ تاپشۇردۇم.
19-ئىيۇل (پەنجشەنبە).

بۈگۈن مەن كىتابچىلىق قىلغاچ، تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىسى مەزگىلىمدە ئوقۇغان ئانا مەكتەپىم قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپكە باردىم. ئەرتەگەن سائەت 9:30 ئەتراپىدا. دەسلەپ مەكتەب ئىلمىي مۇدىرى دولقۇن تۇرسۇن بىلەن كۆرۈشتۈم. دولقۇن تۇرسۇن 1983-يىلدىن 1988-يىلغىچە مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتىدە ئەلا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئىدى. بىز دولقۇن ئوغلان بىلەن، ئۆز زامانىسىدا ئۇ ماڭا ئوقۇغۇچى بولغان چاغدامۇ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلىپ مەنىڭ ئانا مەكتەپىمگە ئوقۇتقۇچى بولغاندىن كەيىنمۇ، ئوخشاشلا بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەتلەشىپ ۋە قەدىرلەشىپ كەلىۋاتقان ئىلىم سەۋدالارىدىن ئىدۇق. شۇڭا، بىز تەبىئىي ۋە قىزغىن كۆرۈشتۇق. 10 دانا كىتاب (بەش دانە گرامماتىكا ۋە بەش دانە مۇپەسسەل بايان) ئۆتكۈزدۈم. بىر دەم ھال-مۇڭلاشقاندىن كەيىن، ئۇ مەنى مەئمۇرىيەت بىناسىنىڭ ئىككىنجى قەۋەتىدىكى مەكتەب باشلىقى نۇرىمۇھەممەد ئەھمەد ئەپەندىنىڭ ئىشخاناسىغا باشلاپ چىقتى. نۇرىمۇھەممەد ئەھمەد ئەپەندىمۇ 1987- 1989- يىلىلارى مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ كادىرلار تەربىيەلەش بۆلۈمىدە، ئىككى يىل ئوقۇغان ئىدى. ھەممەمىزنىڭ ئىلىملىك كەلىپ چىقىشىمىز مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى بولغاچ، قىزغىن مۇئامىلەلىك كۆرۈشمە بولدى.

مەن قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپتە (ئۆز زامانىسىدا «قەشقەر ۋىلايەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپى» دەيىلەتتى)، 1963-يىلدىن 1969-يىلغىچە ئوقۇغان ۋە مەدەنىيەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان ئىدىم. بىر كەم ئەللىك يىلدىن كەيىنمۇ، ئانا مەكتەپىمدە، ئانامنىڭكىگە ئوخشاپ كەتىدىغان ئىللىق مۇئامىلەگە مۇيەسسەر بولغانلىقىمدىن سۆيۈندۈم.
20- ئىيۇل (جۈمە).

بۈگۈن قەشقەر 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە 10 كىتاب (ھەممەسى مۇپەسسەل بايان) ئالىپ چىققاچ، ئىلىم زىيارەتى قىلدىم. مەكتەپ باشلىقى مۇختەر مۇھەممەدرەھىم ئەپەندى مەكتەب دەرۋازەسى ئىچىدىكى كەڭ سەھنەدە قىزغىن قارشى ئالدى. ئاندىن، مەكتەبنىڭ جەنۇبقا قاراپ ئاچىلغان ۋە چوڭ دەرۋازا بىلەن پاراللىل تۇرىدىغان يان دەرۋازىغا ياقىن قىلىپ سالىنغان مەكتەب مەئمۇرىيەت بىناسىنىڭ ئىككىنجى قەۋەتىدىكى ئىشخاناسىغا ئالىپ چىقتى. بۇ يىل ئەللىك توققۇز ياشقا كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن مۇختەر مەكتەب باشلىقى ئۆزىنىڭ مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدە ئوقۇغان يىللارىنى مۇھەببەت بىلەن ئەسلەپ ئۆتتى، مەزكۇر مەكتەبتە ئۇنىڭغا بىلىم بەرگەن مۇئەللىملەرىنىڭ ئەھۋاللارىنى بىر-بىرلەپ سورادى. ۋاپات بولغانلارىغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەدى؛ ھاياتلارىنىڭ تەنلەرىگە سالامەتلىك، خىزمەتلەرىگە ئۇتۇق-نۇسرەت تىلەدى.

مەنمۇ ئۆزەمنىڭ مۇشۇ 2012-يىلدىن ھىسابلاغاندا، ساق ئەللىك ئىككى يىل مۇقەددەم، يەنى 1960-يىلدىن 1963-يىلغىچە مەزكۇر ئوتتۇرا مەكتەبتە ئوقۇغانلىقىمنى پاينەك باشىمنى سىلاپ ئولتۇرۇپ ئەسلەپ ئۆتتۈم. كۈنىمىزدە، ئانا مەكتەپىمنىڭ باشلىقىلىق ئورۇندۇقىدا ئون ئىككى يىلدىن بۇيان مەزمۇت ئولتۇرۇپ، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ بۈگۈنى ۋە گۈزەل ئارزۇلۇق ئەرتەسى ئۈچۈن، بىجانىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان مۇختەر ئەپەندىگە مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەدىم. مۇختەر ئەپەندى مەن ئالىپ كەلگەن «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان» ناملىق كىتابىمنى مەمنۇنىيەت بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئۇنى مەكتەب كۇتۇبخاناسىغا قويۇپ، ياش ئەۋلادلارنىڭ ئوقۇپ پايدالانىشىغا بەرىدىغانلىقىنى ئەيتتى.
26-ئىيۇل (پەنجشەنبە).

ئەرتەگەن سائەت ئوندا، قەشقەر شەھەرى پايناپ يولى 119-قورودىكى قەشقەر شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەبكە بارىپ، مەكتەب باشلىقى مۇزەپپەر مۇھەممەدنى زىيارەت قىلدىم. 10 كىتاب (بەش پارچە مۇپەسسەل بايان، بەش پارچە گرامماتىكا) ئالغاچ بارغانىدىم، مالىيە بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغان ئابلەتجان مۇئەللىمنىڭ ۋاسىتەچىلىكى بىلەن ئون بەش مىنۇت ئىچىدە ساتىپ بولۇندى. تەكلىپ بويىچە، ئەرتەسى جۈمە كۈنى يىگىرمە دانە كىتاب ئالىپ كەلدىم 3- ئوتتۇرا مەكتەبكە. جۈمە كۈنىدە ھەممە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار جۈمەلىك يىغىۋالىش قىلىنىدىكەن (ئەپەندىلەرنىڭ جۈمە نامازىغا بارىشىنى توسۇش ئۈچۈن). شۇڭا يەنە ئالىدىغانلار بولۇشى مۇمكىن دەيىلگەنىدى. دەگەندەك، تىل-ئەدەبىيات كافەدراسىنىڭ مۇئەللىم- خانىملارى مۇزەپپەر مۇھەممەد مەكتەب باشلىقىنىڭ نەق مەيداندا رىغبەتلەندۈرۈشى نەتىجەسىدە، يەنە ئون كىتاب ساتىۋالىشتى، كۆپ مەمنۇن بولدۇم.

مۇزەپپەر مۇھەممەد مەكتەب باشلىقى ئوچۇق پىكىرلىك، راۋان سۆزلەيدىغان ئوتتۇرا ياش ئەپەندىم ئىكەن. ئوتتۇرا مەكتەپ، خۇسۇسەن تولۇق ئورتا سىنىپ ئوقۇغۇچىلارىنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ۋە ئۇنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەققىدە ھال-مۇڭلاشتۇق. ھەمپىكىر ئىكەنمىز. ئۇمۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەبلەردە، «ئۇيغۇر تىلى» دەيىلىدىغان ۋە ئاغىرلىق نۇقتاسى ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكاسىنى شەرھلەشكە قاراتىلغان دەرسنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىغا ماڭا ئوخشاشلا ناقايىل ئىكەن.
27-ئىيۇل (جۈمە).

مەكتەپ باشلىقى ئەنۋەر بىلەن بولغان تەلىفونلۇق كەلىشىم بويىچە، جۈمە كۈنى چۈشتىن كەيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت ئىككىدە، قەشقەر شەھەر قورغان يەزاسىدىكى بەشىنجى ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ، ئالتە دانە كىتاب ساتتىم. مۇئاۋىن ئىلمىي مۇدىر خانىم مەكتەپ باشلىقىنىڭ ھاۋالەسى بويىچە، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلارىدىن سەككىز نەپەر چىرايلىق خانىم-قىزنى مەكتەپنىڭ كىچىك مەجلىسخاناسىغا يىغىپ بەردى. ئۆزەمنى ۋە ئالىپ چىققان كىتابلارىمنى قىسقالا تونۇشتۇردۇم. خانىملار : «بىر تور (بىر مۇپەسسەل بايان ۋە بىر گرامماتىكا) كىتابقا ئەللىك كويدىن بەرەيلى» دەيىشتى. مەن: «باشقا مەكتەپلەردە، ئەينەن كىتاب باھاسى بويىچە ئەللىك بەش كويدىن ساتتىم. ھەقسىزلىق بولماسۇن، كەم بولار» دەدىم. نەتىجەدە، ئالىپ بارغان ئون تۆرت كىتابتىن ئاران ئالتەنى ساتالادىم. ھاۋا خەلى بەكلا ئىسسىق بولغان كۈن ئىدى. سەككىز كىتابنى يۈدۈپ (كەم دەگەندەمۇ يىگىرمە جىڭ كەلەر)، مەكتەپتىن چوڭ يولغىچە بىرەر كىلومەتىر پىيادە يۈرۈپ، 20-يولنىڭ ئاپتوۋۇزىغا ئولتۇرۇپ، قايتىپ كىردىم شەھەرگە. چۈشتە ھەر كۈندىكى ئادەتىم بويىچە ئۇخلاۋالالماغاچ، بەكلا ھارغىنلىق ھىس قىلدىم ئالتمىش ئىككى ياشىمدا. خەلق باغچاسى ئالدىغا كەلگەندە، ئىچىگە كىرىپ، سۆرۈندەپ ئۇزاق ئولتۇردۇم: بۆككىنە ئورمانلار بىلەن پۈركۈنگەن قەشقەر خەلق باغچاسى ئۇيغۇر باغۋەنچىلىك سەنئەتىنىڭ نامايەندەسى ئىدىكى، يۈز مودىن ئاشقىن كۆلەملىك بۇ باغچا ئەرىقلارىنىڭ ئالىنىشى، كۆللەرىنىڭ مۇئەييەن ئارالىق قالدۇرۇپ قازىلىشى ۋە گۈل-گىياھلارنىڭ تىكىلىشى ھەممەسى گىئومەتىرىيەلىك ئۆلچەك بىلەن قىلىنغان. بۇ يەر ھەمىشەملىك سالقىنگاھلىقى ۋە ساپ ھاۋاسى بىلەن بەجايىكى قەشقەر شەھەرىنىڭ ساغلام ئۆپكەسى ئىدى. ئولتۇرا-ئولتۇرا ساپ ھاۋادا قايتادىن جانلانغاندەك بولدۇم. ھەلىقى ھاردۇقلارىم ۋۇجۇدۇمدىن پەقەتلا چىقىپ كەتكەنىدى.
3-ئاۋغوست (جۈمە).

قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتىنىڭ پىنسىيونىرى، مەنىڭ كىتابچىلىقىمنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن ئىنى بۇرادەرىم مۇختار مۇھەممەدىي ئەپەندىنىڭ شاپائەتى بىلەن، ئۇنىڭ ماشىناسىغا ئولتۇرۇپ، توقۇزاق ناھىيە سايباغ يەزالىق ئوتتۇرا مەكتەبكە چىقىپ، ساق يىگىرمە كىتاب (گرامماتىكا) 6-ئاۋغوست (دۈشەنبە).

ئاتاقلىق شائىرە، چىمەنگۈل ئاۋۇت خانىمنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتىدىكى ئىشخاناسىغا چىقىپ، خانىمنىڭ سەمىمىي ياردەمىدە، ناھىيەلەردىن كەلگەن كىتابچى دوستلارىغا يىگىرمە كىتاب (ئون گرامماتىكا ۋە ئون مۇپەسسەل بايان) ساتقان بولدۇم.
10-ئاۋغوست (جۈمە)،

كارخاناچى ئىنى بۇرادىرىم ئەنۋەر كۆك بىلەن بىللە، چۈش سائەت 12:30 دە، شەھەرلىك 7- ئوتتۇرا مەكتەپكە يىگىرمە بەش كىتاب (يىگىرمە گرامماتىكا، بەش مۇپەسسەل بايان) ئالىپ چىقتۇق. مەكتەپ پارتىيە ياچىيكاسىنىڭ سەكىرتارى مۇختەر ئەپەندى بىزنى ئىشخاناسىدا قوبۇل قىلدى. شۇ مەكتەپلىك ۋارىسجان مۇئەللىمنىڭ تونۇشتۇرۇشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى نەتىجەسىدە، بەش دانە گرامماتىكا ساتتۇق. ئۇ يەردىن 10-ئوتتۇرا مەكتەپكە باردۇق. دەرۋازا ئالدىدا مەكتەپ باشلىقى، ئىلمىي مۇدىرلار ئۇچراپ قالدى ۋە بىر دانە گرامماتىكا ساتىۋالدى. «بىز تەشۋىق قىلىپ قويايلى» دەپ ھىسداشلىق بىلدۈردى. ئۇ يەردىن 4- ئوتتۇرا مەكتەبكە بارىپ، ئابدۇراھمان مامۇت مەكتەپ باشلىقىنىڭ ئىشخاناسىدا تولامۇ قىزغىن قارشى ئالىندۇق. سۈرەتلەرگە چۈشتۇق. ئابدۇراھمان مەكتەپ باشلىقى «كۇتۇبخاناغا» دەپ يەتتە گرامماتىكا ئالدى. باشقا مۇئەللىملەر بەش دانە گرامماتىكا ساتىۋالدى. شۇنداق قىلىپ، بۇگۈن ئۈچ مەكتەپتە ئون سەككىز دانە گرامماتىكا كىتابىنى ساتقان بولۇپتۇق، ئەلھەمدۇلىللاھ.

خاتىرەمنى ئوقۇپ بۇ يەرگە كەلگەندە، ئوقۇرمەنلەرىممۇ ماڭا ئوخشاشلا تونۇشقا كەلىشى مۇمكىنكى، مەن ھەرگىزمۇ بىچارە كىتابچى ئەرمەس، پەقەت سەييارە (كەزگۈچى، يۈرگۈچى) كىتابچىمەن، خالاس. مەن بىر ئىلمىي كىتاب يازغۇچىسى بولغانىم ئۈچۈن، مەنىڭ ئوقۇرمەنلەرىم ئەلبەتتە ئىلىمگاھ مەكتەپلەردە بولىدۇ. مەن كىتابلارىمنى كۆتۈرۈپ قايسىبىر مەكتەپنىڭ دەرۋازەسى ئالدىدا پەيدا بولسام، يا بىر تونۇشۇم ئۇچراپ قالىدۇ، يا بىر تونۇشۇمنىڭ تونۇشى مەكتەپ ئىچىدىن چىقىپ كەلىدۇ.

كۆپىنچە ھاللاردا، مەكتەپ باشلىقلارىغا ئالدىن تەلىفون قىلىپ، ئىجازەت سورايمەن. مەندەك بىر ياشى ئالتمىشتىن ئاشقان مويسىپىت ئادەم: «مۇنداق بىر كىتاب يازىۋىدىم، رەسمىي ھۆكۈمەت نەشىرىياتىدىن نەشىر قىلىنغان، ھوزۇرىڭىزغا ئالىپ چىقسام» دەسەم، ئۇ مەندىن ياشتا كىچىك بولغان مەكتەپ باشلىقلارى ھەرگىزمۇ: «كىتابىڭنى بۇ يەرگە ئەپچىقما، ئاكا!» دەمەيدۇ-دە. كىتابىم ھەقىقەتەن مۇئەييەن قىممەتى بار ئەھمىيەتلىك ئەسەرلا بولىدىكەن، ئۇنىڭ خەرىدارى چىقىدۇ، ساتىلىدۇ.

ئەڭ مۇھىمى، مۇشۇ جەرياندا، ياش ئىلىم سۆيەرلەر بىلەن تونۇشىمەن، مۇڭداشىمەنكى، مانا بۇ مەنىڭ خۇمارىمنى چىقارىدۇ، پىكىرىمنى ئاچىدۇ، يازىقچىلىق ۋە كىتابچىلىق ئىشىمنىڭ روناق تاپىشى ئۈچۈن زۆرۈر مەدەت ۋە نەق كۈچ بولىدۇ. ئالايلۇق، ئاشۇ 3-ئاۋغوست كۈنىدىكى كىتابچىلىقىمنىڭ جەريانىنى:

سايباغدا ئىلىم زىيارەتى

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، جۈمە، ھاۋا زەپ ئوچۇق ئىدى. مۇختار مۇھەممەدىينىڭ ماشىناسىدا، ئابدۇرەزاق جىيەن ئوغلۇم بىلەن بىللە، گرامماتىكا كىتابىدىن يىگىرمە دانە ئالىپ، سائەت ئون بىرلەردە توقۇزاق ناھىيە سايباغ يەزالىق ئوتتۇرا مەكتەپكە باردۇق.

بىر يۈز ئەللىك مۇئەللىم ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلىك سايباغ ئوتتۇرا مەكتەپى ئابدۇلغەنىي قادىر مەكتەب مۇدىرىنىڭ باشچىلىقىدا تولامۇ قىزغىن قارشى ئالدى: دەسلەپ ئىشخانادا مەكتەب ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئاندىن يىغىن زالىدا يۈز نەچچە كىشىلىك سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ بەردى. سەھنەدە، مەن، مەكتەب باشلىقى ۋە مۇختار ئەپەندى قاتار ئولتۇردۇق. سۆھبەت يىغىنى بەك كۆڭۈللۈك ئۆتتى. مەن چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۆتۈلىۋاتقان تىل-ئەدەبىيات دەرسىنىڭ مۇناسىۋەتى ھەققىدە سۆزلەدىم. ئابدۇلغەنىي مۇدىر كىتاب ئوقۇش ئادەتى مەسىلەسى ھەققىدە سۆزلەدى. يىغىندىن كەيىن، ئون ئۈچ نەپەر ئوقۇتقۇچى كىتابىمنى بىردىن ساتىۋالدى. يەتتە دانەسىنى مەكتەب مۇدىرى مەكتەب قىرائەتخاناسى ئۈچۈن ئالدى. جىيەن ئوغلۇم سۈرەت تارتىپ، مۇخبىرلىق قىلدى. زىيارەت جەريانىدا، سايباغ ئوتتۇرا مەكتەپى بىلەن خەلى تەپسىلىي تونۇشۇپ چىقتىم:

سايباغ ئوتتۇرا مەكتىپى 1960-يىلى قۇرۇلغان. ياڭى قۇرۇلغان شۇ چاغدا، پۈتۈن مەكتەپتە، سەككىز ئوقۇتقۇچى، ئىككى سىنىپ ۋە سەكسەن نەپەر ئوقۇغۇچى بار ئىدى. ھازىر مەكتەبنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلەمى بىر يۈز بىر مىڭ بەش يۈز سەكسەن يەتتە كۋادرات مەتىر، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىككى يۈرۈش بىر قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسى، ئىككى يۈرۈش كۆپ قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسى، ياڭىدىن قۇرۇلغان ئىككى يۈرۈش مەئمۇرىيەت ۋە ئومۇمىيەتلىك بىنا جەمئىي بەش مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك كۋادرات مەتىر كەلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى، ئاشخانا ۋە مۇنچا قاتارلىقلار ئىگىلەگەن يەر كۆلىمى توققۇز مىڭ تۆرت يۈز ئەللىك ئالتە كۋادرات مەتىر كەلىدۇ. مەكتەپتە شۇ تۇرقى ئوتتۇز سىنىپ، بىر مىڭ ئىككى يۈز يەتمىش سەككىز نەپەر ئوقۇغۇچى بار. بۇنىڭ ئىچىدە، قوش تىل سىنىپى ئون دانە، ئوقۇغۇچىسى ئۈچ يۈز توقسان توققۇز نەپەر. مەكتەپتە، بىر يۈز ئەللىك نەپەر ئىشچى-خىزمەتچى بار. بۇنىڭ ئىچىدە، مەخسۇس ئوقۇتۇش بىلەنلا شۇغۇللانىدىغان ئوقۇتقۇچى بىر يۈز يىگىرمە يەتتە نەپەر. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئالىي ئۇنۋانلىقلار ئون بىر نەپەر، بىرىنجى دەرىجەلىك ئۇنۋان ساھىبلارى يىگىرمە بىر نەپەر. باشلانما دەرىجەلىك ئۇنۋانى بار ئوقۇتقۇچى توقسان بەش نەپەر.

مەكتەپتە، ئىككى دانە كومپيوتەر ئۆيى، ئىككى دانە كۆپ ئىقتىدارلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەسى ئۆيى بار. ئۇندىن باشقا، ئۇسكۈنەلەرى مۇكەممەل بولغان فىزىكا تەجرىبەخاناسى، خىمىيە تەجرىبەخاناسى، بىئولوگىيە تەجرىبەخاناسى، مۇزىكا پائالىيەتخاناسى ۋە گۈزەل سەنئەت پائالىيەتخاناسى، كۇتۇبخانا ۋە قىرائەتخانا قاتارلىقلار بار. مەكتەب دۆلەتنىڭ «ئىككى كەچۈرۈم، بىر تولۇقلاما» سىياسەتىنى ئومۇمىي يۈزلۈك ئىجرا قىلىدۇ، يەنى مەكتەپتىكى پۈتكۈل ئوقۇغۇچى «ئىككى كەچۈرۈم» سىياسەتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، دۆلەتنىڭ نامرات يەزا ئىگەلىك –چارۋاچىلىق رايونلارى پەرزەنتلەرىنى يۆلەش سىياسەتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئوقۇغۇچى سانى ئالتە يۈز ئون ئىككى نەپەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچ يۈز سەكسەن نەپەر ئوقۇغۇچى مەكتەپ تەئمىنلەگەن ياتاقتا ياتىپ-قوپۇپ ئوقۇيدۇ. بۇ خىل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن يىلدا بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك كوي تولۇقلاما ياردەم سومماسى خىراجەت قىلىنىدۇ.

سايباغ ئوتتۇرا مەكتەپى پۈتكۈل توقۇزاق ناھىيەسىدە، ئەخلاقىي ۋە ئەقلىي تەربىيە بويىچە بايراقدار مەكتەب سانالىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەب ئوقۇغۇچىلارىنى تاللاماي-شاللاماي يۈزدەيۈز قوبۇل قىلىدۇ. تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى سىنىپ مۇدىرى قىلىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتۇش ساپاسى ۋە سىنىپ ئاتلاش ۋە مەكتەپ پۈتتۈرۈش نىسبەتى يىلمۇيىل ئۆسۈپلا كەلىۋاتىدۇ. ئالايلۇق، ياقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، ئىچكىرى ئۆلكەلەردىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلارىغا ئۆتكەن ئوقۇغۇچى ئەللىك سەككىز نەپەر (پەقەت 2011-يىلىلا يىگىرمە ئالتە نەپەر ئوقۇغۇچى ئۆتكەن)، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتكەنلەرى ئىككى يۈز ئون نەپەر، توقۇزاق ناھىيەسىدىكى كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەبلەرىگە ئۆتكەنلەرى يەتمىش بىر نەپەر، ئۈرۈمچى، قەشقەر شەھەرى قاتارلىقلاردىكى كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەبلەرىگە كۆچكەنلەرى بىر يۈز يىگىرمە ئالتە نەپەر، ئىچكىرى ئۆلكەلەردىكى كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرىگە ئۆتكەنلەرى سەككىز نەپەر، جەمئىي تۆرت يۈز قىرىق بىر نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش نىسبەتى سەكسەن ئۈچ پىرسەنگە يەتكەن بولدى.

مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلەرى تولۇق، ئىقتىدارى مۇكەممەل، بۇلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ۋەزىپەسىنى ياخشى ئورۇنلاشىغا قولايلىق تۇغدۇرۇپ بەرمەكتە. شۇڭلاشقا، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپەتى يىلسارى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە. ئالايلۇق، مەكتەپ 2008- يىلدىن 2011- يىلغىچە ئىلگىرى-كەيىن بولۇپ، «ۋىلايەت دەرىجەلىك باغسىمان مەكتەپ»، «ناھىيە دەرىجەلىك بىخەتەر-مەدەنىيەتلىك مەكتەپ»، «ناھىيە دەرىجەلىك قوش تىل مائارىپى بويىچە ئىلغار كوللىكتىپ»، «ناھىيە دەرىجەلىك ئەخلاقىي تەربىيەسى ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپ»، «ناھىيە دەرىجەلىك ئەخلاقىي خىزمەت بويىچە ئىلغار كوللىكتىپ»، «ناھىيە دەرىجەلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقارىش تەشۋىقات خىزمەتى بويىچە ئىلغار كوللىكتىپ» قاتارلىق شەرەپناملارغا ئەرىشتى.

ئۈچ نەپەر ئوقۇتقۇچى ۋىلايەت دەرىجەلىك دەرسخانا ماھىرى تاللاما مۇسابىقەسىغا قاتناشىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا، بىرىنجى ۋە ئىككىنجى دەرىجەلىك مۇكاپاتقا ئەرىشتى. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ، ھەر دەرىجەلىك مۇسابىقە خىزمەتلەرىگە قاتناشتۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇ چاغقىچە، توققۇز نەپەر ئوقۇغۇچى دۆلەت دەرىجەلىك بىرىنجىلىككە، ئەللىك سەككىز نەپەر ئوقۇغۇچى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە بىرىنجى دەرىجەلىككە ۋە ئىككىنجى دەرىجەلىككە ئەرىشكەن بولدى. ئۇندىن باشقا، 2011-يىل 11-ئايدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ نازارەتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارەسى تەرەپىدىن بەرىلگەن «مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبۇل پائالىيەتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەكتەپ» دەگەن شەرەپ تاختاسىغا ئەرىشكەن بولدى.

روشەنكى، مەندەك بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن كىتاب يازىدىغان ئادەم ئۈچۈن ئالىپ ئەيتقاندا، ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى تەربىيەلەپ ئەۋەتىدىغان ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ رىئال ئەھۋالىنى بىلىش ئەمەلىيەتتە، تولامۇ قىممەتلىك ۋە ئەھمىيەتلىك بىر ئۆگرەنىش ھىسابلانىدۇ.

سايباغدىكى كىتابچىلىق ۋاسىتەچىلىكىدىكى بۇ ئىلىم زىيارەتىم چۈشتىن كەيىن سائەت ئىككى يارىمغىچە داۋاملاشتى. مەكتەپ مۇدىرى ۋە مۇناسىبەتلىك مەسئۇل مۇئەللىملەر بىلەن، كەلەر يىلى يازلىق تەئتىلدە قەشقەرگە كەلگەندە، مەكتەپكە يەنە تەكرار زىيارەت قىلىپ چىقىدىغان ۋە شۇ چاغدا، يۇقىرى سىنىپ ئوقۇغۇچىلارىغا «مەنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىم» دەگەن ماۋزۇدا مەخسۇس بىر لەكسىيە سۆزلەپ بەرىدىغانغا ۋەئدەلەشىپ، سايباغ ئوتتۇرا مەكتەپىدىن مەمنۇنىيەت بىلەن ئايرىلدىم ھەمراھلارىم بىلەن بىللە.

2015-يىل 16-يانۋار، توقۇزاق (توقۇز ساك)
2021-يىل 21-مارت، نەۋروز، سان ديەگو.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top