You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » جاڭ جىجۇڭنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلەسى ھەققىدىكى كۈزىتىشلىرى ۋە ھۆكۈملىرى

جاڭ جىجۇڭنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلەسى ھەققىدىكى كۈزىتىشلىرى ۋە ھۆكۈملىرى

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، مەزكۇر يازما جاڭ جىجۇڭنىڭ 1946-يىلى ئاخىرلىرىدا جياڭ جېشىغا يوللىغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلەسىنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدىكى دوكلاتقا ئاساسەن تەرجىمە قىلىنىپ تەييارلاندى. مەزكۇر دوكلات جەمئىي 15 بەت بولۇپ، يەتتە تېمىغا بۆلۈنگەن. بۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى جاڭ جىجۇڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1946-يىلىدىكى ئومۇمىي ۋەزىيەتى ۋە يۈزلىنىشى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلەسىدە پايدىلىنىش كېرەك بولغان زىدىيەت ۋە يوچۇقلار ھەققىدىكى تەھىلىللىرى بولۇپ، خىتاينىڭ ئەينى چاغدىكى سىتراتېگىيەسى ۋە تاكتىكالىرى ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلارنى بېرىدۇ. دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان زىدىيەتلەرنىڭ ھازىرمۇ مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكى، خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ 1949-يىلىدىن كېيىن ئەنە شۇ زىدىيەتلەردىن قانداق پايدىلانغانلىقى ۋە پايدىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈش ئورۇنسىز بولمىسا كېرەك. مەزكۇر دوكلات 2016-يىلى 1-دېكابىر كۈنى مەخپىيلىكتىن قالدۇرۇلغان. 


جاڭ جىجۇڭنىڭ شىنجاڭ مەسىلەسى ھەققىدە جياڭ جېشىغا يوللىغان دوكلاتى

(張治中呈蔣中正新疆問題)

يوللانغان ۋاقت: جۇڭخۇا مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) 1- دېكابىر

7) كۈزىتىشلىرىم ۋە ھۆكۈملىرىم

بۇ يىلى (1946-يىلى) سېنتەبىرنىڭ باشلىرىدا پېقىر غۇلجانى كۆزدىن كەچۈرۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆزلىرىگە تېلىگرامما يوللاپ، ئەينى چاغدا غۇلجا تەرەپتە دىپلوماتىيە مەسىلەسى ۋە مىللىي مەسىلە گىرەلىشىپ كەتكەن ۋەزىيەتنىڭ تولىمۇ ئېنىق ئىكەنلىكىنى دوكلات قىلغان ئىدىم. ھازىر بولسا پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھالەت مانا بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ كېڭىيىشىگە قاراپ يۈزلەنمەكتە. ئادەتتە ۋەزىيەتكە ئۈمىدسىز قارىغۇچىلار بەلكىم پۈتۈن شىنجاڭنىڭ «غۇلجالىشىپ» (伊宁化) كېتىۋاتقانلىقىدەك يۈزلىنىشكە جىددىيلىك ئىچىدە كۆز تىكمەكتە. شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن تولىمۇ ئەنسىزلىك ئىچىدە نەزەر ئاغدۇرماقتا. لېكىن، ئەگەردە سەگەكلىك بىلەن بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داۋالغۇشلارنى كۈزىتىدىغان بولساق، بۇنى تېنچلىقتىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىۋاتقانلىقى ئەمەس، ئەسلى تېنچلىقتىن كېيىن چوقۇم پەيدا بولىدىغان ئەگەشمە تەۋرىنىش دەپ قاراش ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇن بولىدۇ. شۇڭا نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى تۈرلۈك مەسىلەلەرنى ھەل قىلغاندا، چوقۇم ئېھتىيات بىلەن ئاۋايلاپ ئىش كۆرمەي بولمايدۇ. لېكىن ھەددىدىن زىيادە ئۈمىدسىز بولۇش مەركەزنىڭ شىنجاڭغا نىسبەتەن قوللىنىۋاتقان ئاساسىي سىياسەتىنى تەۋرىتىپ قويىدۇ.( ئۈچ مەسلەكنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنى ساقلاپ قېلىش، پاك ۋە ئوچۇق ئاشكارە سىياسەتنىڭ كۈچى بىلەن شىنجاڭنى تېنچلاندۇرۇش، گۈللەنگەن ئىقتىسادنىڭ كۈچى بىلەن شىنجاڭنى قۇرۇش مەركەزنىڭ ئاساسىي سىياسەتىدىن ئىبارەت.) بۇنداق بولسا بىز ئاۋۋال قوغداۋاتقان بارلىق نەرسىلىرىمىزدىن قۇرۇق قېلىپ، ھەممە تەرەپتىن پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالىمىز.  بۇ خىل ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مۈشكۈل، ئاقىۋىتى تولىمۇ خەتەرلىك بولۇپ، تەبىئىيكى تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىزدۇر.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بارلىق ھەقىقەتلەر بىر تەرەپتىن دىپلوماتىيە ۋە مىللىي مەسىلەنىڭ شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلەلىرىنىڭ چىگىش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى يېتەرلىك ئىسپاتلاپ تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئىككى چوڭ مەسىلە ئارىسىدا يەنە يوققا چىقارغىلى بولمايدىغان نۇرغۇن زىدىيەتلەر بارلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ تۇرماقتا. مىللىي مەسىلەنى ئېلىپ ئېيتساق، مەسىلەن «تۈرك»  سېستىمىسى(突厥系) ۋە «غەيرىي تۈرك» سېستىمىسى(非突厥系)دىكى مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىدىيەت، «تۈرك» سېستىمىسى ئىچىدىكى مىللەتلەردىن ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلار ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەت، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئىچىدە قەدىمچىلەر (守旧派) بىلەن ئىسلاھاتچىلار(维新派) ئارىسىدىكى زىدىيەت، ياشلار بىلەن ياشانغان بوغۇن ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەت، يۇقىرى تەبىقە (مەسىلەن ئاخۇن، بەگ قاتارلىقلار) بىلەن ئادەتتىكى پۇقرا ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەت، مەركەزگە مايىللار(亲中央派) بىلەن سوۋېتقا مايىللار(亲苏派) ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەت قاتارلىقلارنىڭ ھېچبىرى جەمئىيەتتىكى مۇرەككەپ ۋە گىرەلىشىپ كەتكەن مۇناسىۋەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرمەي قالمايدۇ. غۇلجا ۋەقەسىنىڭ تەسىرى ۋە خىتايغا قارشى تەشۋىقاتنىڭ ئىشلىتىلىشى بىلەن بۇ خىل زىدىيەتلەر خىرەلىشىپ، دىققەت تار دائىرىدىكى مىللەتچىلىك چاقىرىقلىرىغا مەركەزلىشىپ، ۋاقىتلىق بىرلىك شەكىللەنگەن. بۇ خىلدىكى يۈزلىنىش ئەگەر ھۆكۈمەت يەنىلا ئىلگىرىكى زالىم ھۆكۈمرانلىق ئىستىلىنى ساقلاپ قالسا بېلىقنى سۇنىڭ ئېقىشىغا قويۇپ بەرگەندەك داۋام قىلىپ، «تۈرك» سېستىمىسىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنى خىتايلارنى ئورتاق ھۇجۇم نىشانى قىلغان ھالدا مەھكەم ئىتتىپاقلىشىشقا مەجبۇرلايدۇ. لېكىن، ئەگەر بىز دېموكراتىك ۋە ئەركىن سىياسەتتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ خەلقىنى ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان ھوقۇقلاردىن بەھرىمان قىلىپ، خىتايلارغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشتەك مەقسەتنى بارا-بارا يوققا چىقىرالىساق، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىچكى زىدىيەتلىرى ئۆزلىكىدىن كۆپىيىپ ۋە ئۆتكۈرلىشىپ بارىدۇ ۋە نەتىجىدە بىرلىكتە خىتايلارغا قارشى تۇرىدىغان ۋەزىيەت قايتا شەكىللەنمەيدۇ.

دىپلوماتىيە مەسىلەنى ئېلىپ ئېيتساق، ئادەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭدىكى قەستى ھەققىدە تۆۋەندىكى ئۈچ خىل پەرەزنى قىلىش مۇمكىن:

1- شىنجاڭنى تارتىۋېلىپ، ئۇنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇرۇش.

2- شىنجاڭنى خىتايدىن ئايرىپ چىقىپ، ئىككىنچى تاشقىي موڭغۇلىيەگە ئايلاندۇرۇش.

3- شىنجاڭنىڭ خىتاينىڭ زىمىنى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، ئەمما ئۇنى مەڭگۈ شىنجاڭدىكى سوۋېتكە مايىل ھۆكۈمەت ئارقىلىق ساقلاپ تۇرۇش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش.

بىرىنچى خىل پەرەزگە كەلسەك، بۇندىن بۇرۇن شىڭ شىسەي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى مۇناسىۋەتلىرىدىن كۈزەتكەندە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇنداق قەستى يوق ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ خەلقئارالىق ۋەزىيەت سوۋېت ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن كۈندىن كۈنگە كەسكىنلىشىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ خىل ئېھتىماللىق ھەرگىزمۇ رېئاللىققا ئايلىنالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈسىتگە ئۆتكەن يىلى (1945-يىلى) سېنتەبىر ۋە ئۆكتەبىردىكى شىنجاڭنىڭ ھەربىي ۋەزىيىتى ئىنتايىن ناچارلاشقان پەيتتىمۇ سوۋېت تەرەپنىڭ ئۆزلىكىدىن ئارىمىزدا كېلىشتۈرگۈچى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدەك ھەقىقەتنى نەزەرگە ئالغاندا ئىككىنچى خىل پەرەزنىڭمۇ تېخى ۋاقتى ئەمەسلىكىنى بىلىپ يېتەلەيمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىگە بولغان مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن ئۈچىنچى خىل پەرەز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنراق. لېكىن ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭدا پىلانلاپ قوزغاۋاتقان مىللىي ھەرىكەت شىنجاڭ خەلقىنىڭ خىتايدىن ئايرىلىش ھەرىكىتىنى كۈنسېرى كۈچەيتمەكتە. قارىغاندا سوۋېت تېخى خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى دىپلوماتىك سىياسەتلىرىگە قانائەت ھېس قىلمىغاندەك كۆرۈنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا يەنە بارا-بارا ئىلگىرلەپ، بىرىنچى، ئىككىنچى خىل ئېھتىماللىقنى ئىشقا ئاشۇرماقچى ئىكەنلىكىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ خىلدىكى ئېنىقسىزلىققا تولغان ۋەزىيەت شىنجاڭ مەسىلەسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇرغۇن زاتلارنى تولىمۇ قايمۇقتۇرۇپ قويماقتا.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان تارىخىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئىچكىرىلەپ تەكشۈرگەندە، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن زىدىيەتلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقاش مۇمكىن. مەسىلەن، كۆرۈنۈشتىكى ئېتىبار بېرىش بىلەن ئەمەلىيەتتىكى تالان-تاراج قىلىش (بۇرۇنقى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرى بىلەن ھازىرقى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن غۇلجا ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرى قارارلىقلارنى مىسال ئالساقلا كۇپايە)، كۆرۈنۈشتىكى ئوچۇق يورۇقلۇق بىلەن ئەمەلىيەتتىكى دېكتاتورلۇق (بۇرۇن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن شىڭ شىسەي ئېلىپ بارغان تېرورلۇق ھۆكۈمرانلىق بىلەن ھازىر غۇلجادا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كونتروللۇق قاتارلىقلار ئىسپات بولالايدۇ)، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا شىنجاڭ خەلقىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆتمۈشتە شىنجاڭدا قالدۇرۇپ كەتكەن قىلمىشلىرىغا نىسبەتەن قورقۇنچى ۋە بىزارلىقى، سوتسىيالىزم ۋە ئىسلام دىنى تەلىماتلىرىنىڭ بىر-بىرى بىلەن قەتئىي سىغىشالماسلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن شىنجاڭ خەلقى ئارىسىدا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان تۈرلۈك زىدىيەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. شۇڭا ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقى پەقەت نۆۋەتتە ئەۋجىگە چىققان مىللىي ھەرىكەتتىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ خەلقىنى «خىتايغا قارشى تۇرۇش» دىن ئىبارەت نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆتمۈشتىكى شىڭ شىسەي ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تارىخىي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى خاتېرەلىرىنى سۇسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. بۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ مىللىي مۇناسىۋەتلەردىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تارىخىي ئىچكى زىدىيەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن قوللىنىش ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق. بۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈنكى كۈندە خىتاي سوۋېت مۇناسىۋەتلىرى ئومۇميۈزلۈك ھالدا تولىمۇ نازۇك باسقۇچتا تۇرغان چاغدا، سوۋېت تەرەپنىڭ مەركەزنىڭ شىنجاڭدا ئىجرا قىلىۋاتقان دوستانە سىياسەتلىرىنى «خىتاينىڭ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان ۋاقتلىق تەدبىرى» دەپ ھېسابلىشى ۋە كېلەچەكتە خەلقئارا ۋەزىيەتكە ۋە خىتاي-سوۋېت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنى خىتاينىڭ ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ سوۋېتكە قارشى تۇرىدىغان قولايلىق بازىسىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن دەپ قارىشى ئېھتىمالغا يېقىن. شۇنىڭ ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭدا مەۋجۇت بولغان مىللىي مەسىلەدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنى كونترول قىلىش ئارقىلىق خىتاينى چەكلىشى تەبىئىيكى زۆرۈر بولغان بىر قەدەمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن تېنچلىق ئەمەلگە ئاشمىدى، ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئالاھىدە بولۇۋېلىش خاھىشىمۇ ھازىرغىچە ئۆزگەرمىدى. ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئارمىيەسى ھازىرغىچە بىتىمگە بىنائەن ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنمىدى. جاي جايلاردىكى مىللىي ھەرىكەت ۋە خىتايلارغا قارشى، خىتايغا قارشى، مەركەز ئارمىيەسىگە قارشى قۇتراتقۇلۇقلارنىڭ كۈنسېرى جىددىيلىشىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سوۋېتنىڭ مىللىي مەسىلەدىن پايدىلىنىپ بىزگە سېلىۋاتقان تەھتىدىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى. بۇنى يەنە ۋاقتنى سوزۇش ئارقىلىق ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتۇشتىن ئىبارەت تاكتىكا دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ.

بۇندىن باشقا يەنە بىر تۈرلۈك كۈزىتىشكە قارىغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا بولغان كۆزقارىشىدا بەلكىم بۇنى ئايرىم بىر مەسىلە دەپ تونۇغان بولۇشى، خىتاي-سوۋېت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىمىغان بولۇشى ھەم ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن. غۇلجا ۋەقەسى ھەل بولغانلىقتىن بۇ خىل قاراشنى مەلۇم دەرىجەدە تەستىقلاش مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تەرەپ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ھازىر شىنجاڭدىكى خىتاي-سوۋېت سودىسى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مەسىلەلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. ئەگەر بۇ سۆھبەت كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجە بەرسە، شىنجاڭدا ۋاقتلىق بولسىمۇ تېنچ بىر ۋەزىيەت شەكىللەنسە ئەجەب ئەمەس. ھازىر سوۋېت تەرەپنىڭ تۈرلۈك ئىپادەلىرى بىز تەرەپنى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق جەھەتتە ئەڭ زور چەكتە يول قويۇشقا قىستاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل تەھلىل شىنجاڭدىكى خىتاي-سوۋېت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى سۈرەتلەپ بېرەلمىسىمۇ، ئۇنى ھازىرقى مۇرەككەپ ۋە قالايمىقان مۇناسىۋەتلەردە دىققەتكە ئەرزىيدىغان بىر ئامىل دەپ قاراشقا بولىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغانلارغا ئاساسلانغاندا، مەيلى سوۋېت تەرەپنىڭ قارارى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ مەسىلەسىنى ھېچ بولمىسا ھازىرقىدەك بىر باسقۇچتا دىپلوماتىيە مەسىلەسى ۋە مىللىي مەسىلەنىڭ سىرتىغا چىقىپ تۇرۇپ ھەل قىلىشقا يولى يوق. بۇ ئىككى مەسىلەنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئايرىلماس مۇناسىۋىتى بولسىمۇ، دىپلوماتىيە مەسىلەسىگە دىققەت قىلىپلا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەتكە نىسبەتەن «تېگىشلىك ئىشلارنى چامىمىز يەتكۈچە قىلىش» تىن ئىبارەت تۈپ تەدبىرنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەك.

پېقىرنىڭ قارىشىچە، بۈگۈنكى كۈندە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارادا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرى ئاللىبۇرۇن ناھايىتى كۈچلۈك زەربىگە ئۇچرىدى. ئۇنىڭ تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال ۋەزىيىتى ئاللىبۇرۇن ھەممە يەردە ئاشكارىلىنىپ بولدى. بۇندىن كېيىنكى شىنجاڭ ۋەزىيىتى ئەمدى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى قىسمەن مەسىلە ھالىتىگە قايتمايدۇ. «چاچقا چېقىلسا، پۈتۈن بەدەن تىترەپتۇ» دېگەندەك، سوۋېت ئىتتىپاقى ھەرگىزمۇ شىنجاڭ مەسىلەسى سەۋەبىدىن خەلقئارادا تالاش-تارتىشقا قېلىشنى، تېخىمۇ چوڭ زەربىگە ئۇچراپ كېتىشنى خالىمايدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئورنى جەھەتتىن ئالغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھۇجۇم قوزغاش ئېھتىماللىقى يوق. سوۋېت ئۈچۈن مۇداپىئە جەھەتتىكى بىخەتەرلىك ئېھتىياجىنى قامداش ۋە سىياسىي جەھەتتىن كونترول قىلىشنىڭ قىممىتى ھەربىي جەھەتتىكى قىممەتنى بېسىپ چۈشىدۇ. بۇ نۇقتا ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، باش قاتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭ مەسىلەسىنىڭ چىگىش نۇقتىسى ئەمەلىيەتتە مىللىي مەسىلەدە. مىللىي مەسىلەنى ھەل قىلىشتا بولسا ئوچۇق يورۇق سىياسىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش، بولۇپمۇ ئاكتىپ ھالدا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت قوش تەدبىر ئاستىدە تېزلىكتە خەلقنى كۆڭلىنى مايىل قىلىپ، ئۆزىمىزگە قاراتقىلى بولىدۇ. مانا بۇ سەمىمىيلىك بىلەن ھىيلە مىكىرگە، يۆلەش بىلەن پايدىلىنىشقا، ئادىللىق بىلەن زومىگەرلىككە تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت ئەڭ ئاقىلانە چارە.

ئەگەر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بوشىشىپ قالمىساق، ۋاقتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ۋەزىيەتنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكىلى بولۇشى مۇمكىن. ھازىر سىياسىي قۇرۇلمىلار جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئاز بولسىمۇ ئۈنۈم كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ۋەقە يۈز بەرگەن ئۈچ ۋىلايەت ۋە باشقا يەتتە ۋىلايەتنىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرغاندا قارشى تەرەپنىڭ كاتتىۋاشلىرى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھېسىداشلىقىنى قولدىن بېرىپ قويدى. مەركەزنىڭ كەڭرى سىياسىتى پۈتۈن ئۆلكە خەلقىنىڭ چوڭقۇر تونۇشىغا ئېرىشتى. ئىقتىسادىي قۇرۇلمىلارغا كەلسەك، مەيلى ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى ۋە ماددىي ئىمكان جەھەتتىن بولسۇن، مەركەزنىڭ ھەر تەرەپلىمە قوللىشىغا ئېرىشمەكتە. كونكېرىت لايىھەلەر ئايرىم ھالدا سۇنۇلماقچى. پەرىزىمچە قارشى تەرەپنىڭ شىنجاڭنى «خىتاينىڭ مۇستەملىكەسى» دېگەن تەشۋىقاتى مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۆلىشى بىلەن مۇقەررەر ھالدا دەلىل ئاساسىنى پۈتۈنلەي يوقىتىدۇ. شۇڭا نۆۋەتتە شىنجاڭ ئۆلكەسىدىكى نۇرغۇنلىغان داۋالغۇشلارغا نىسبەتەن، ھەرگىزمۇ يەڭگىللىك بىلەن قاراشقا بولمايدۇ. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن بىزنىڭ تۈپكى ئېتىقادىمىزدىمۇ تەۋرىنىش بولماسلىقىنى، ھەددىدىن زىيادە ئۈمىدسىزلىككە چۆككەن ھالدا پىكىر قىلماسلىقىمىزنى ھەم ئۈمىد قىلىمەن. پىكىرلىرىمنى ئەقىلگە ئۇيغۇن ھالدا تەپسىلىي بايان قىلدىم. قۇبۇل قىلغايلا.

مەنبە: تەيۋەن دۆلەتلىك تارىخ سارىيى


مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن پارچىلار:

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top