You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » جاڭ جىجۇڭ: مەسئۇد سابىرى رەئىس بولسۇن!

جاڭ جىجۇڭ: مەسئۇد سابىرى رەئىس بولسۇن!

جاڭ جىجۇڭ: مەسئۇد سابىرى رەئىس بولسۇن!

1946-يىلى نويابىردا جياڭ جېشى «خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتايى» غا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللەرىگە بەرگەن زىياپەتتە

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن. مەزكۇر يازما 1947-يىلى 14-ماي كۈنى جاڭ جىجۇڭ جياڭ جېشىغا يوللىغان ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئۆلكەسى رەئىسلىكىگە نامزات بېكىتىش ھەققىدىكى تېلىگراممىغا ئاساسەن تەييارلاندى. تېلىگراممادا جاڭ جىجۇڭ ئۆلكە رەئىسلىكىگە ئۇيغۇرلاردىن بىر كىشىنى تەيىنلەشنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەرەپكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە رەئىس نامزاتىنى بېكىتىشتىكى مۇھىم شەرتلەرنى بايان قىلغان. گەرچە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ۋە گومىنداڭغا مايىل كىشىلەر مەسئۇد ئەپەندىنىڭ ئۆلكە رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىشىنى «شىنجاڭ تارىخىدىكى كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ۋەقە» دەپ تەشۋىق قىلسىمۇ، مەزكۇر تېلىگراممىدا جاڭ جىجۇڭ بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندا كۈنسېرى ئۇلغىيىپ بېرىۋاتقان مىللەتچىلىك ھېسىياتلىرى ۋە مىللىي ئازاتلىق ھەرىكەتلىرىنى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىلغان ۋاقتلىق تاكتىكا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. گومىنداڭ ھۆكۈمەتى مانا بۇ خىل تاكتىكا بىلەن 11 بىتىم مەزگىلىدە ھەر ئىككى تەرەپ قوشۇلغان «ئۆلكە رەئىسىنى بىۋاستە سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈش»نى توختىماي كېچىكتۈردى. مەسئۇد سابىرى ئەپەندى 1947-يىلى 28-ماي كۈنى رەئىسلىك ۋەزىپەسىنى تاپشۇرۇۋالدى. گومىنداڭ ھاكىمىيەتى گۇمران بولغىچە ئاتالمىش ئۆلكە رەئىسىنى يەنە بىر قېتىم خالىغانچە ئالماشتۇردى. مەزكۇر تېلىگرامما مەخپىي بولۇپ، 2016-يىلى 1-دېكابىر كۈنى مەخپىيەتلىكى قالدۇرۇلغان. 


نەنجىڭ، رەئىس جياڭ (جېشى) غا يوللانغان 3322-نومۇرلۇق تېلىگرامما

1947-يىلى 14-ماي كۈنى چۈشتىن كېيىن 14:00 دە يوللاندى، 15-ماي كۈنى 1:10 دا تاپشۇرۇپ ئېلىندى.

يېقىندا تاپشۇرۇۋالغان تېلگىراممادىن شىنجاڭ ھۆكۈمەت رەئىسى مەسىلەسى ھەققىدە خەۋەر تاپتىم ۋە ھازىر رەئىس (نامزاتىنى) ئالماشتۇرۇشنى پەقەت ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارايمەن. بۇنىڭ ئەسلى سەۋەبى، بۇ ھەقتە سەل ئىككىلىنىپ، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدىغان بولساق، تولىمۇ چوڭ پاراكەندەچىلىككە ئۇچرايدىغانلىقىمىزدۇر. پېقىر بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىمەن:

1) مەركەزنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىر ئۇيغۇرنى ئۆلكە رەئىسلىكىگە تەيىنلىگەنلىكى رادىكاللار (ئىلى تەرەپ) نىڭ مىللەتچىلىكنى قۇتراتقۇلۇق قىلىشنىڭ تۇتقۇسى قىلىۋېلىش پىلانىنى بىتچىت قىلدى. بۇ قارشى تەرەپنى ھەممىدىن بەك ساراسىمىگە سالغان بىر ئىش بولۇپ، ئۇلار پىلانلاۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى بۈگۈنكى بارلىق چارە-تەدبىرلىرى بىلەن ھېچ كۈچىمەيلا تاقابىل تۇرۇش مۇمكىن. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئاقىلانە بىر قارار بولغان ئىدى. پېقىر ئىلگىرى شىنجاڭدا 50 يىلغا يېقىن تۇرۇپ، شىنجاڭ ۋەزىيەتى ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچەگە ئىگە بولغان، 80 ياشقا كىرىپ قالغان ليۇۋ ۋېنلوڭ (刘文龙) ئەپەندىگە بۇ ھەقتە مەخپىي ئالاقە ئەۋەتكەن ئىدىم. ئۇ بۇ چارەنى «چۈشىنىشلىك ۋە ئاقىلانە دەپ باھا بەرسەكمۇ ئازلىق قىلىدۇ» دەپ ماختاپ كەتتى.

2) بۇ ئىش ھەققىدە گەرچە مەركەز ئېنىق بىر پەرمان ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، بۇ ئۇچۇر نەنجىڭ ۋە شاڭخەيدىكى ھەرقايسى گېزىتلەردە بەس-بەستە ئېلان قىلىنىپ، ئاشكارە خەۋەرگە ئايلىنىپ كەتتى. شىنجاڭدىكى زاتلارمۇ بۇ ھەقتە ئاز-تولا خەۋەر تاپتى. ئەگەر بۇ خەۋەرنى ئاشكارىلاشنى يەنە بىرئاز كەينىگە سۈرىدىغان بولساق، كۆپىنچە ئۇيغۇرلار گۇمان قىلىشى ۋە خاتا چۈشىنىشى مۇمكىن. بۇ شىنجاڭ ۋەزىيەتىنى داۋالغۇشقا ئېلىپ كېلىدىغان سەۋەبلەرنى كۆپەيتىدىغان بىر ئىش بولۇپ، بىزگە زىينى باركى ھېچ پايدىسى يوق.

3) شىنجاڭ ئۆلكەسىدىكى ئۇيغۇر زاتلار ئىچىدە مەسئۇد (سابىرى) دىن باشقا دۆلەتكە بۇنچىلىك سادىق، بۇنچىلىك دۇرۇس، ۋە ھازىرقى ۋەزىيەتكە ماس بىلىم سەۋىيەسى ۋە ئەقلىي قابىلىيەتى بولغان يەنە بىر نامزات يوق. ھازىر دۆلەت مەھكىمەسى قايتىدىن تەشكىللىنىپ، دۆلەت مەھكىمەسى ھەيئەتلىكى (国府委员) گە بورھان (شەھىدى) تەيىنلەندى. ئەمدى يەنە مەسئۇد (سابىرى)نىڭ رەئىسلىككە تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلمىساق، مەسئۇد تەرەپتارلىرى ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدۇ. ئەقەللىي ئەدەب-قائىدەلەر نۇقتىسىدىنمۇ مەركەزنىڭ مەزكۇر سادىق چېگرا رايون رەھبىرىگە بۇنداق مۇئامىلە قىلىشى توغرا كەلمەيدۇ.

4) ئۆلكە رەئىسى ئالماشقاندىن كېيىن، ئۆلكەلىك ھۆكۈمەت باش كاتىپلىق ۋەزىپەسىگە ئەمدى بىر خىتاينى تەيىنلەش ھەرگىزمۇ توغرا بولمايدۇ. ئەيسا (يۈسۈپ ئالپتېكىن) مەسىلەسىگە كەلسەك، ئۇنى مەسئۇد (سابىرى) ئۆزى تەۋسىيە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا مەسئۇد (سابىرى) ئەتراپلىق ئويلاشقاندىن كېيىن، گەرچە ئەيسا ئۆتمۈشتە ئىككى قېتىم گەپ سۆزدە خاتا كېتىپ قالغان* تەرىپى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى، ئىدىيە جەھەتتىن ئۆزگىرىپ، باشقا ئۇيغۇر زاتلار بىلەن ئوخشىمايدىغان پىكىرگە ئېغىپ كېتىدىغان دەرىجىدە ئەمەسلىكىنى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئەڭ مۇۋاپىق نامزات ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ خىزمەتتىكى نەتىجەسىنى كۈتىمىز.

ھۆرمەت بىلەن جاڭ جىجۇڭ

مەنبە: تەيۋەن دۆلەتلىك تارىخ سارىيى

* 1946-يىلى نويابىر-دېكابىر ئايلىرىدا نەنجىڭدا ئېچىلغان «خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتايى» مەزگىلىدە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئەپەندىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى بىلەن ئالىي مۇختارىيەت تەكلىپ لايىھەسىنى ھازىرلاش ۋە تەشۋىق قىلىشتا ھەمكارلاشقانلىقى مەلۇم بولۇپ، ئەيسا ئەپەندى مەزكۇر لايىھەگە قول قويغان ۋەكىللەردىن بىرى ئىدى. مەسئۇد سابىرى ئەپەندى بۇ ھەقتە ئەيسا ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇنىڭ بۇ ھەرىكەتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ تەنقىدلىگەنلىكى گومىنداڭ ئىسىتخبارات ھۈججەتلىرىدە ھەم خاتېرەلەنگەن. مەزكۇر تېلىگراممىدا دېيىلگەن ئەيسا ئەپەندىمنىڭ گەپ-سۆزدە كەتكەن «خاتالىقلىرى» دىن بىرى بەلكىم شۇ قېتىمقى ھەرىكەتنى كۆرسەتسە كېرەك.


مەزكۇر تېلىگراممانىڭ ئەسلى نۇسخىسى:

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top