You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئەخمەتجان قاسىمى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدىمۇ؟

ئەخمەتجان قاسىمى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدىمۇ؟

ئەخمەتجان ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدىمۇ؟

ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى (ئالدىنقى رەت سولدىن ئىككىنچى) بىرلەشمە ھۆكۈمەت كادىرلىرى بىلەن ئۈرۈمچىدە، 1946-يىلى

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن. مەزكۇر يازما 1947-يىلى 7-ئىيۇلدىن باشلاپ نەنجىڭدە چىقىشقا باشلىغان «خىتاي خەۋەرلىرى» يېرىم ئايلىق ژورنىلىنىڭ 1948-يىلى 1-يانۋار تارقىتىلغان 10-سانىغا بېسىلغان شۇ ناملىق ماقالىدىن تەرجىمە قىلىپ تەييارلاندى. مەزكۇر ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان خەۋەر ئەمەلىيەتتە كوچا خەۋىرى بولۇپ، ژورنال مۇھەررىرىمۇ بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى دەلىللىيەلمىگەن ۋە بۇ ھەقتە ئىلاۋە يازغان. قادىر ئىسىملىك ئوقۇرمەندىن كەلگەن مەزكۇر خەۋەر ۋە تەھلىلدە، گومىنداڭ ھاكىمىيەتىنىڭ 1947-يىلى ئۆلكەلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت بۇزۇلغاندىن كېيىن ئىلى تەرەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى مۇلاھىزە قىلىنغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتىن يىراق بولغان ئىككىنچى قېتىملىق تېنچلىق سۆھبىتى ھەققىدىكى سېنارىيە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىر تەرەپتىن ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندىنىڭ خەلق ئىچىدىكى، بولۇپمۇ تېخى ئازاد بولمىغان يەتتە ۋىلايەتتىكى ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن سوۋېت تەسىرىنى ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرۈپ، ئىلى تەرەپنىڭ كۈچىنى ئاجىز، گومىنداڭ تەرەپنى ھەربىي جەھەتتىن ئۈستۈن كۆرسىتىپ، ئاددىي خەلققە ھەيۋە قىلىشتىن ئىبارەت پىسخىلوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ بىر قىسىمى بولسا كېرەك دەپ قارايمەن. ئەمەلىيەتتە، ئەخمەت ئەپەندى ئۈرۈمچىگە قايتىپ بارمىدى. 1948-يىلى نەنجىڭدە ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتايىغىمۇ ۋەكىل ئەۋەتمىدى ۋە بايقۇت قىلدى. 


مۇھەررىرنىڭ ئىلاۋەسى: مەزكۇر ماقالە شىنجاڭدىكى ئورۇرمەن قادىر تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن. بۇ خەۋەر كىشىنى تولىمۇ ھاياجانغا سالىدىغان خەۋەر بولۇپ، بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى شىنجاڭ ۋەزىيەتى توختىماي داۋالغۇپ تۇرىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئەخمەتجان (قاسىمى) ئەگەر ھەقىقەتەن قايتىپ كېلەلىسە، ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تەبىئىي ھالدا ناھايىتى پايدىلىق بولار ئىدى. ھالبۇكى، ژورنىلىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى تەرىپىدىن تەستىقلىنىشتىن بۇرۇن، ژورنىلىمىز مەزكۇر خەۋەرگە نىسبەتەن پىكىر ۋە باھالىرىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرىدۇ.

(ژورنىلىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئورقۇرمەنىدىن كەلگەن خەۋەر)

شىنجاڭ ئۆلكەلىك ھۆكۈمەت باش كاتىپى ليۇۋ مىڭچۈن (刘孟纯)، ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى چۈي ۋۇ (屈武)، شۇنداقلا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ۋەكىلى ليۇۋ زىروڭ (刘泽荣) لارنىڭ تەكلىپى ۋە تۈرتكىسى بىلەن جاڭ جىجۇڭ (张治中) ئىلى تەرەپنىڭ تەلەپلىرىگە ئۆز قەلىمى بىلەن خەت قايتۇرۇپ، بۇ ئاينىڭ 11-كۈنى نەنجىڭدىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھەر قايسى تەرەپلەر بەس-بەستە جاڭ جىجۇڭنىڭ ئىلى تەرەپكە قايتۇرغان بۇ خېتىنىڭ مەزمۇنىنى تالاش-تارتىش قىلىشماقتا. بەزىلەر «بۇ گېنىرال جاڭ جىجۇڭنىڭ ئىلى تەرەپكە يوللىغان ئاخىرقى بىر پارچە ئۇلتىماتۇمى» دېيىشسە، يەنە بەزىلەر «بەلكىم مەركەز ئىلى تەرەپنىڭ تەلەپلىرىگە ماقۇل بولغان ئوخشايدۇ» دېيىشتى. چۈنكى، دۆلەت مەھكىمەسى ھەيئىتى بورھان (شەھىدى) نەنجىڭدە مۇخبىرلارغا ئوچۇق ھالدا:« مەركەز ئاساسىي قانۇن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن شىنجاڭ ئۆلكە رەئىسىنى ئالدىن سايلاپ ئۆتكۈزۈپ خەلق بىۋاستە سايلىسا بولىدۇ» دېگەن ئىدى. بۇ گەپتىن «گەرچە ئىلى تەرەپنىڭ مەسئۇد (سابىرى) نى دەرھال ئالماشتۇرۇۋېتىش تەلىپىگە ماقۇل بولمىغان بولساقمۇ، ھېچ بولمىغاندا يېقىندا بۇ تەلەپكە تېزدىن يېقىنلىشىمىز» دېگەن مەنا چىقاتتى. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىلى تەرەپكە يول قويغانلىقى ۋە جاڭ جىجۇڭنىڭ يېلىنىپ يالۋۇرۇشقا ئۆتكەنلىكىدۇر.

لېكىن ليۇۋ مىڭچۈن قاتارلىقلار ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن كۈنىنىڭ ئەتىسى مانا بۇ خەۋەر تارقىلىشقا باشلىدى -«<شەرقىي تۈركىستان> ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى دەپ ئاتىلىۋاتقان ئەخمەتجان (قاسىمى)، ھازىر ئاخىرى توساتتىنلا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەنمىش». بۇ كىشىلەر ئويلاپ باقمىغان بىر ئىش ئىدى. چۈنكى، ئەخمەتجان (قاسىمى) مەلۇم تەرەپ (سوۋېت تەرەپ دېمەكچى) تەربىيەلەپ چىققان، شۇنداقلا ئىلى ۋەقەسى جەريانىدىكى بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن بىر كادىر بولۇپ، ئۆتكەن يىلى (مىنگونىڭ 35-يىلى، 1946-يىلى) تېنچلىق سۆھبىتىدىن كېيىن مۇئاۋىن رەئىسلىككە كۆتۈرۈلگەن ۋە شىنجاڭنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە بىر مەزگىل دەۋر سۈرگەن بىر زات ئىدى. پەقەت مەسئۇد (سابىرى)نىڭ رەئىس بولۇشىغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۆلكەلىك ھۆكۈمەتتىكى رەخىمجان(سابىرھاجى) قاتارلىق ئىلى تەرەپ كىشىلىرىنى باشلاپ تۇيۇقسىز كېتىپ قالدى. يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسىيەسى قاتتىق بولغاچقا، تېنچلىق سۆھبىتى نەتىجە بەرمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەلۇم تەرەپنىڭ ئەخمەتجانغا تاپشۇرغان ۋەزىپەسى تولىمۇ مۈشكۈل بولۇپ، ئۇ ئۆز كەلگۈسىنىڭ پارلاق ئەمەسلىكىنى بىلىپ يەتكەن، ياكى ۋىجدان ئازابى تارتقان بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ تولىمۇ ئەپچىل ۋاستىلەر بىلەن ئاخىرى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن شەرتلەرنى يۈزتۇرانە سۆھبەتلىشىشكە تەييارلىق قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا، ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان»نىڭ ئارقىسىدىكى تىزگىنلىگۈچىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى پۈتۈنلەي ئېچىپ تاشلانغان بولىدۇ.

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئىلى تەرەپنىڭ جاڭ جىجۇڭغا يازغان خېتى يوللانغاندىن كېيىن، رەئىس جياڭ جېشى ئەخمەتجان (قاسىمى) غا مەخپىي تېلىگرامما يوللاپ ئۇنى نەنجىڭگە كېلىپ، شىنجاڭ ۋەزىيەتى ھەققىدە سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىلغان. لېكىن مەلۇم تەرەپنىڭ قاتتىق نازارىتى تۈپەيلىدىن، ئۆزمەيلىچە ھەرىكەت قىلالماي، سۆھبەتلىشىش ئىشى بىر ياققا قايرىپ قويۇلغان. ھازىر ليۇۋ مىڭچۈن ۋە چۈي ۇۋ قاتارلىقلارنىڭ نەنجىڭگە بېرىشى مانا مۇشۇ ئىش ئۈچۈندۇر. ئويلىمىغان يەردىن ھازىر ئەخمەتجان (قاسىمى) قايتىپ كەپتۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى شىنجاڭ ۋەزىيەتىدە يېڭى ئىلگىرلەش بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بورھان (شەھىدى) نىڭ ئۆلكەگە رەئىس بولۇش ئىشى يەنە سۇغا چىلىشىدىغان بولدى.

بۇنىڭدىن باشقا دۆلەت ئارمىيەسى قازاق ئاتلىق قىسىملىرى بىلەن بىرگە شىخۇ كىرىپ ئورۇنلاشتى. شىخۇنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ ئىلى، ئالتاي ۋە تارباغاتايغا تۇتىشىدىغان مۇھىم يول ئېغىزىغا جايلاشقانلىقى، ھەربىي جەھەتتىن ناھايىتى قىممەتلىك ئىكەنلىكى، ۋە ماناس دەرياسى كۆۋرۈكىنىڭ رېمونت قىلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىقلار شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، ئارمىيەمىز ئىلى، ئالتاي، تارباغاتايغا كىرىپ ئورۇنلىشىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىلى تەرەپ ئەنسىزلىك ئىچىدە ئالاقىزادە بولۇپ كەتكەن گەپ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەخمەتجان (قاسىمى) نىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ھۆكۈمەتكە بېقىنغانلىقى بۇنىڭ بىلەن پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىز بولمىسا كېرەك.

ئەخمەتجان (قاسىمى) نىڭ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرگە كەلسەك، ھازىر ھەر قايسى تەرەپ يەنىلا بۇ ئىشنى قاتتىق سىر تۇتىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا ھازىر ئەخمەتجان (قاسىمى)، ليۇۋ مىڭچۈن ۋە مەسئۇد (سابىرى) لار شەرتلەرنى كېلىشىۋاتقان بولسا كېرەك. تەستىقلانمىغان يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا، گېنىرال جاڭ جىجۇڭ ئەخمەتجان (قاسىمى) نىڭ نەنجىڭگە بېرىپ سۆھبەتكە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئەخمەتجان (قاسىمى) نىڭمۇ ئەلۋەتتە ئۆلكەلىك ھۆكۈمەت رەئىسلىكى ئورنىدا ئولتۇرۇپ باققۇسى بار. لېكىن، شىنجاڭ مەسىلەسىنىڭ ھازىرغىچە بولغان ئۆزگىرىشى ۋە پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كۆرۈنۈشتە گەرچە بۇ ئەخمەتجان (قاسىمى) بىلەن مەسئۇد (سابىرى) نىڭ جېدىلىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مەلۇم تەرەپنىڭ ئارقىدىن تىزگىنلىشىدىن كېلىپ چىققاندۇر. شۇ يادىمىزدا بولسۇنكى، بۇ يىل (1947-يىلى) ئىيۇلدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ساۋلىيېۋ خىزمەت دوكلات قىلىش ئۈچۈن دۆلىتىگە قايتىش ئالدىدا، جاڭ جىجۇڭ ئايردرومغا چىقىپ ئۇزىتىۋاتقاندا ساۋلىيېۋقا:« بۈگۈنكى كۈندە، ئىلى تەرەپ ھەرگىزمۇ ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. نېمىشقا؟ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي: چۈنكى، ئىلى-ئۈرۈمچى ئارىسىدىكى ئۇرۇش پارتلايدىغان بولسا، پۈتۈن دۇنيادىكى زاتلار مەسئۇلىيەتىگە لايىق ھالدا ۋەزىيەتنى كۈزىتىدۇ. ئەمدى ھەرگىزمۇ بۇنى ئىلى خەلقى بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش دەپ قارىمايدۇ!» دېگەن. بۇ ئاددىي جۈملىلەردىن ھازىرقى شىنجاڭ ۋەزىيەتىنى تەخمىن قىلالايسىز، ئەلۋەتتە.

مەنبە: «خىتاي خەۋەرلىرى» يېرىم ئايلىق ژورنىلى (中国新闻半月刊)، 1948-يىلى 1-يانۋار تارقىتىلغان 10-سانى


مەزكۇر خەۋەر بېسىلغان ژورنالنىڭ مۇقاۋىسى ۋە خەۋەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى:

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top