You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » موڭغۇل مەسىلىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان ئۇيغۇر مەسىلىسى

موڭغۇل مەسىلىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان ئۇيغۇر مەسىلىسى

سايرام ئوغلانى

ئىلاۋە: موڭغۇلىيەنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئۈچۈن بەك مۇھىم بولغاچقا، سوۋېت ئىتتىپاقى 1921 – يىلىلا موڭغۇلىيەنىڭ تولۇق مۇستەقىللىقىنى قوللاشقا باشلىغان. چۈنكى شۇ چاغلاردا موڭغۇلىيە سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئەڭ چوڭ تاشقى تەھدىت ياپونىيەدىن قوغدايدىغان قالقانغا ئايلىنىپ قالغانىدى. كېيىنچە موڭغۇلىيە سىتالىننىڭ ئامېرىكىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان جاڭ كەيشى باشچىلىقىدىكى مىللەتچى خىتاي دۆلىتى ۋە ماۋزېدۇڭ باشچىلىقىدىكى ھەر ۋاقىت يۈز ئۆرۈش ئېھتىمالى بولغان قىزىل خىتاي فاشستلىرىدىن مۇداپىئە كۆرۈشتىكى ئەپلىك سېپىلىغا ئايلاندى. شۇڭلاشقا سىتالىن ھەم جاڭ كەيشىگە، ھەم ماۋ خىتايغا موڭغۇلىيە مەسىلىسىدە قىلچە يۈز خاتىرە قىلمىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە ئىستراتېگىيىلىك ئورنى تېخىمۇ مۇھىم بولغان ۋەتىنىمىزنى ئۇلارغا تاشلاپ بېرىشنى ئەۋزەل كۆردى. ئۇنداقتا سوۋېت ئىتتىپاقى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا تۈركلەرگە باققان كۆزدە ئەمەس، بەلكى ياپونلارغا باققان كۆزدە قارىدى؟ بۇنىڭغا يەنىلا تارىختىن ۋە شۇ چاغدىكى تارىخىي ئارخىپلاردىن جاۋاپ تېپىشقا توغرا كېلىدۇ.

1. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىككى خىل ئوخشىمىغان ئىستراتېگىيىسى

1917 – يىلى 7 – نويابىر بولشېۋىكلار پېتوگرادنى ئىشغال قىلىپ، چاررۇسىيەدىكى ۋاقىتلىق ھاكىمىيەت جايلاشقان قىشلىق ساراينى ئىگىلىدى. بىراق شۇ يىل ئاخىرىدىن باشلاپ ھەر قايسى مۇستەملىكە ئەللەر مۇستەقىللىق ياكى يۈكسەك ئاپتونومىيە جاكارلاپ سوۋېت مەركىزىي ھۆكۈمىتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. ۋىلادىمىر لېنىن چاررۇسىيە تەۋەسىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن ئوسمان ئىمپىرىيىسى خارابىسىدا يېڭىدىن كۈچىيىۋاتقان مۇستاپا كامال پاشانى قوللاشنى قارار قىلدى. ئۇندىن باشقا كامالنى قوللاش ئارقىلىق غەرپ ئەللىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى قارا دېڭىز ۋە كاۋكازىيە ئارقىلىق ئىسكەنجىگە ئېلىش پىلانىنى بىتچىت قىلماقچى بولغان. چۈنكى شۇ چاغلاردا غەرپتىكى كاپىتالستىك دۆلەتلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنى ھەر جەھەتتىن يېتىم قالدۇرغاندىن سىرت، ئۇنىڭ ھەر قايسى چېگرالىرىدا قوراللىق ھەيۋە كۆرسىتىۋاتاتتى. بۇ ئەھۋالدا ئۆزىگە چۈشكەن ھەربىي بېسىم ۋە سىياسىي سۇيقەستلەرنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈن مۇستاپا كامالنى قوللاشقا مەجبۇر بولغانىدى.

مۇشۇ ئېھتىياج تۈپەيلى، لېنىن 1921 – يىلى 16 – مارتموسكۋادا سوۋېت – تۈركىيە دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقداشلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا چاررۇسىيە ئىشغال قىلىۋالغان قارس، ئەرداھان ۋە ئەرزۇرۇمنى مۇستاپا كامالغا قايتۇرۇپ بەردى. شۇ قاتارداغەربىي ئەرمەنىيە ئېگىزلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئارارات تېغىمۇ تۈركىيەگە تەۋە بولدى. مۇستاپا كامالمۇ بۇنىڭ بەدىلىگە ھازىرقى گرۇزىيەگە قاراشلىق مۇھىم دېڭىز پورتى باتۇمنى لېنىنغا ئۆتۈنۈپ بەردى. شۇنداق قىلىپ مەزكۇر كېلىشىم ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئۇرۇشى تېز غەلىبە قىلىشقا باشلىدى. لېنىن كامالغا ئون مىليون رۇبلى ئالتۇن ۋە چاررۇسىيە دەۋرىدىن قېپقالغان نەچچە مىليون دانە توپ ئوقلىرى ۋە زەمبىرەكلەرنى قەرز ھېسابىدا تەمىنلەپ بەردى.

ئورۇسلارنىڭ تۈركلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسىدىن ئۇيغۇرلار مەھرۇم بولدى. چۈنكى سوۋېت ئىتتىپاقى يېڭى قۇرۇلغاندا ئەمەلىي كۈچى بەكلا چەكلىك بولۇپ، بىپايان سىبىرىيە ۋە يىراق شەرق رايونىدا چارپادىشاھنىڭ قالدۇق ئەسكەرلىرى توختىماي توپىلاڭ چىقىرىۋاتاتتى. ئون يىل ئىلگىرى خىتاينى كورىيەدىن قوغلاپ چىقىرىپ، مەنچىڭ خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشىگە ئاساس سالغان ياپونىيە چاررۇسىيە ۋە مەنچىڭ ئىمپىرىيىسىنىڭ يوقالغانلىق پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، يىراق شەرق، ساخالىن ۋە تاشقى مانجۇرىيەگە قاراپ كېڭىيىشنى پىلانلاۋاتاتتى.

ياپونىيە ئارمىيىسى ھەتتا 1919 – يىلى يىراق شەرقتىكى مۇھىم شەھەر ۋىلادىۋوستوكقا ئەسكەر كىرگۈزۈپ، ھەربىي مانىۋېر باھانىسى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېغىر تەھدىت سالغانىدى. دېمەك لېنىن شەرقتە ياپونلارنىڭ كۈچلۈك ھەربىي تەھدىتى ۋە خەتىرى ئاستىدا قالغانىدى. بۇ ئەھۋالدا لېنىن ياپونغا قارشى كۈچ سۈپىتىدە پەقەت مەنچىڭ مۇستەملىكىسىدە 266 يىل قۇل قىلىنغان يېڭى خىتايلار قۇرغان ھاكىمىيەت بىلەن ھەمكارلىشىش يولىنىلا تاللىيالايتتى. دەل مۇشۇ ياپونغا قارشى ئېھتىياج تۈپەيلىدىن، لېنىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى قوللىماسلىقنى قارار قىلغان. ئاقىۋەت ئۇيغۇرلار ئورۇسلارنىڭ شەرقتە ياپونغا قارشى سىياسىي ئېھتىياجى سەۋەبىدىن خىتاي – ئورۇس دوستلۇقى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان. ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربانلىق قىلىنىشى بەدىلىگە تاشقى موڭغۇل مۇستەقىل بولغان.

غەربتىكى تۈركلەر بولسا، ئورۇسلارنىڭ غەرپتە ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيەگە قاتتىق قارشى تۇرۇش ئېھتىياجى تۈپەيلى سوۋېت تەرىپىدىن تولۇق ھەربىي ياردەمگە ئېرىشىپ، دۆلىتىنى قۇرۇۋالغان. گەرچە ئۇيغۇر نامى 1921 – يىلى 3 – ئىيۇن تاشكەنت قۇرۇلتىيىدا ھازىرقى تارىم ۋە جۇڭغارىيەدە ياشايدىغان خەلقنىڭ سىياسىي نامى بولۇپ ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇلالماي قالغان. تۈرك نامى ئۇيغۇر نامىدىن ئىككى يىل كېيىن، يەنى 1923 – يىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ھازىرقى ئىزمىردىن ناخچىۋانغىچە، قارستىن ئانتالىياغىچە بولغان ئاناتولىيە ئاھالىسىنى كۆرسىتىدىغان سىياسىي مىللەت نامىغا ئايلىنىپ، ئەسلى مەنە ۋە ئۇقۇم دائىرىسى زوردەرىجىدە كىچىكلەپ كەتكەن. شۇ يىلى 29 – ئۆكتەبىر تۈركىيە نامىدا بىر دۆلەت قۇرۇلۇپ، بۇرۇنقى ئوسمانىلار دېگەن مىللەت نامى بىكار قىلىنغان.

مۇستاپا كامال دۆلەت قۇرۇپ بولۇپلا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈپ، بارلىق كوممۇنست كۈچلىرىنى تازىلىغان. ئاندىن غەرپكە مايىل يول تۇتقان. ۋىلادىمىر لېنىن بەرداشلىق بېرەلمەي، 1924 – يىلى 21 – يانۋار ئۆلگەن. سىتالىن مۇستاپا كامالنىڭ بۇ ئىشىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، 1943 – يىلى تېھران يىغىنىدا تۈركىيە، ئىران ۋە ئافغانىستاننى ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن بۆلۈشۈۋېلىش تەكلىپى بەرگەن. بۇ پىلانغا چېرچىل قارشى چىقىپ توختىتىپ قويغان. بىراق سىتالىن يەنىلا تۈركىيەدىن بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆچ ئالغان. ئۇ ئىسمەت ھۆكۈمىتىنى مەجبۇرلاپ، ئىستانبۇل بوغۇزىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەركىن چىقىپ يۈرىدىغان سۇ يولىغا ئايلاندۇرغان. 1944 – يىلى 14 – ئاۋغۇست بورالتان كۆۋرۈكى ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، تۈركىيەنىڭ مىللىي غۇرۇرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغان.

خىتايلارنىڭ دۆلەت ئاتىسى سۈن ۋېنمۇ غەرپ ئەللىرىدىن جىددىي ياردەم كۈتۈۋاتقان ۋاقىتتا، ئويلىمىغان يەردىن ياردەم سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن. ئەمما يېڭى خىتاي دۆلىتى قۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇمۇ سوۋېتلەردىن يۈز ئۆرۈپ، غەرپكە ياخشىچاق بولغان كامالچە يول بولغان. كېيىنچە ئۇنىڭ ۋارىسى جاڭ كەيشى ھەتتا سىتالىنغا شىلتىڭ ئېتىپمۇ ئۈلگۈرگەن. ئۇ شېڭ شىسەي ئارقىلىق، سىتالىن تازا يامان كۈندە قالغان ۋاقىتتا، يەنى 1943 – يىلى سېنتەبىردە سىتالىنغا قاراشلىق ۋەتىنىمىزنى تۇنجى قېتىم خىتاي زېمىنى قىلىۋالغان. سىتالىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزنى مەيدانغا چىقارغان. بىراق ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنى يەنىلا سوۋېتنىڭ چوڭباش ئاغرىقىغا ئايلىنىدۇ دەپ قاراپ، بۇنداق چوغنى ئۆزى تۇتۇشنى خالىماي، بەلكى ئۆزى يۆلەپ چىققان قىزىلباندىت خىتايغا شەرتلىك ھەدىيە قىلىۋەتكەن.

گەرچە 1950 – يىلى 14 – فېۋرالدىكى سوۋېت – خىتاي مەخپىي كېلىشىمىنىڭ 17 – ماددىسىدا ۋەتىنىمىزدە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت قۇرۇش پىلانى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ پىلان يەنىلا سىتالىننىڭ 1953 – يىلى 5 – مارت ئۆلۈپ كېتىشى تۈپەيلىدىن سۇغا چىلىشىپ، ئورنىغا 1955 – يىلى 10 – ئايدا ساختا ھەم ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى قورچاق ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن. بىز يەنىلا 151 يىللىق رۇس مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلماي تۇرۇپ نۆۋەتتىكى پاتقاقتىن تولۇق قۇتۇلالمايمىز.

تارىختىكى بارلىق مەسىلىلەر يىغىلىپ قالدى. ئوشۇق ۋاختىمىز ۋە ئوشۇق ئادەم كۈچىمىز يوق. پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بارچە مەسىلىلەرنى بىر – بىرلەپ تېزدىن يولىدا ھەل قىلماقتىن باشقا ئىلاجىمىز يوق.

2020 – يىلى 5 – مارت رۇسىيە ئاساسى قانۇننى قايتا تۈزىتىپ ماقۇللىدى. مەزكۇر ئاساسى قانۇن رۇسىيەنىڭ بۇندىن كېيىنكى تاشقى ئىشلار سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ قانۇنغا كۆرە ۋىلادىمىر پۇتىن 2036 – يىلغىچە رۇسىيەدە ئۇدا دەۋران سۈرەلەيدۇ. بىز ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئۆزگىرىشتىن ئۆز نېسىۋېمىزنى ئېلىۋېلىشىمىز كېرەك. «يامانلىغان تىلەمچىنىڭ خورجۇنىغا زىيان!» دەيدۇ ئەجداتلار. بىز رۇسلاردىن 150 يىل يامانلاپ يۈردۇق. پەس خىتايلار 150 يىل قانچە خورلۇق تارتسىمۇ ئورۇسلارنىڭ كەينىدىن ئىتتەك سوكۇلداپ يۈرۈپ بۈگۈنكى دۇنياۋىي تەسىرگە ئىگە كۈچلۈك ئەلگە ئايلاندى.

«بىز ھەم ئۆزىمىزدىكى كىبىرلىك ، ھەم ئۆزىنى كەمسىتىدىغان ئاكىسىراش ئىللەتلىرىنى كېلەر يىلغا قالدۇرماي تۈپتىن يوقىتىشىمىز كېرەك!».

«ئەجداتلارنىڭ خۇشاللىقى بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز، ئۇلارنىڭ قايغۇسى بىزنىڭ قايغۇمىز ۋە دەردىمىزدۇر! ئەگەر بۇنداق بىر ئورتاقلىق بولمايدىكەن، ئۇنداقتا تارىخ بىر دۆۋە كېرەكسىز ئەخلەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ!».

2. ياپون ۋە خىتاي ئامىلى سەۋەپلىك موڭغۇللارغا نېسىپ بولغان ئامەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاپەت

1921 – يىلى 24 – يانۋار ۋىلادىمىر لېنىن موڭغۇلىيەنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى قوللاشنى قارار قىلغان. نەتىجىدە 1924 – يىلى 24 – ئىيۇل موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.

1921 – يىلى 4 – ئىيۇن ۋىلادىمىر لېنىن موسكۋادا ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىقىنى قوللىماسلىقنى قارار قىلغان. نەتىجىدە ئۇيغۇرلار شۇ يىلدىن باشلاپ تاكى 1949 – يىلغىچە ئۇدا بەش قېتىم قارا ۋە قىزىل خىتاي باندىتلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

3. سۇيقەستلىك 1945 – 1947 – ۋە 1949 – يىللار

1947 – يىلى 1 – ماي تېخى دۇنياغا كەلمىگەن خىتاي كوممۇنست دۆلىتى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونىنى قۇرۇپ، موڭغۇللارنىڭ 20 مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم قوشۇنى بىلەن بىرلىشىپ، شەرقىي شىمالدىكى لىياۋنىڭ – شېنياڭ جېڭىدە گومىنداڭنى مەغلۇپ قىلىپ، مانجۇرىيە بىلەن موڭغۇل دالاسىنى بازا قىلىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن خىتاي دۆلىتىنى قۇرغان.

1947 – يىلى 12 – ماي تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقى قايتا جاكارلانغان. 1912 – يىلى 12 – فېۋرال مەنچىڭ خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، تاشقى موڭغۇل گېگەنى چاررۇسىيىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى بىلەن شۇ يىلى مۇستەقىللىق جاكارلىغان. بىراق قوللىغۇچىسى چاررۇسىيە 1917 – يىلىلا ئاللىبۇرۇن يوقالغاچقا، ئارقا تېرىكى يوق پۇرسەت كۈتۈپ، 1924 – يىلى ئىيۇلدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىدا قايتا مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان. 1945 – يىلى سىتالىن ئۇيغۇرىستاننى قۇربان قىلىپ، جاڭ كەيشىگە موڭغۇلىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغۇزغان. 1947 – يىلى سىتالىن، كۈنسىرى ئاجىزلاپ ئاغزى – بۇرنىقانغا مىلىنىپ، گومىنداڭدىن ئۇدا مەغلۇپ بولۇپ شىمالغا سۈرۈلۈۋاتقان ماۋزىدۇڭغا تەكلىپ بېرىپ، ئىچكى موڭغۇلىيىگە ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىش بىلەن بىرگە تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى يەنە بىر قېتىم ئېتىراپ قىلغۇزغان. شۇنىڭ بىلەن ئىچكى موڭغۇلىيە ۋە مانجۇرىيە ماۋنىڭ تايانچ بازىسىغا ئايلىنىپ، بىپايان ئانا ۋەتىنىمىز گومىنداڭنىڭ سەر خىل قوشۇنلىرىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، ماۋنىڭ تېزراق غەلىبە قىلىشىدىكى كوزىرغا ئايلىنىپ قالغان.

ۋەتىنىمىزدە بولسا، گومىنداڭ سىتالىندىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، ئىچكى موڭغۇلىيە ئاپتونومىيەگە ئېرىشىپ 20 كۈن، تاشقى موڭغۇلىيە تولۇق مۇستەقىل بولۇپ 10 كۈن ئۆتۈپلا مەسئۇت بايقۇزىنى ۋەتىنىمىزگە باشلىققىلىپ، سوۋېت ۋە ئىلى تەرەپكە پانتۈركىزىم قارتى بىلەن قارشى تۇرغان. نەتىجىدە بۇ ئويۇننىڭ خەتەرلىك ئاقىۋىتىنى ھېس قىلالمىغان رەھبەرلىرىمىز ئىككى يىل ئۆز ئارا «قىزىل پاچاق كوممۇنستلار، ئەشەددىي سوۋېتپەرەسلەر»، «ئىخلاسمەن ئاپتونومىيەچىلەر، سادىق خىتايپەرەسلەر» ۋە بىتەرەپچىلەر دەپ قالپاق ئىجاد قىلىپ، ئورتاق دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشتىن، ئۆز ئارا ئىچكى توقۇنۇش پاتقىقىغا پېتىپ قېلىپ، تارىخىي پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويدى. ئەينى ۋاقىتتا ماۋنىڭ ئىستىقبالى ئېنىق ئەمەس ئىدى. بىراق 1949 – يىلى كىرىشىبىلەن ماۋمۇ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. تۈلكە جاڭ جىجۇڭمۇ سىتالىننىڭ خاھىشى بويىچە مەسئۇتنى ئېلىپ تاشلاپ، سىتالىنچى ۋە ماۋزېدوڭچى بۇرھان شەھىدىنى باشلىق قىلدى.

دەل شۇ مىنۇتلاردا جوزېف سىتالىنىڭئالاھىدە ئەلچىسى مىكويان خىتايدىكى شىبەيپودا زىيارەتتە بولدى. تۈلكە جاڭ جىجۇڭ دەرھال بېيجىندا كومپارتىيىگە تەسلىم بولۇپ، ۋەتىنىمىزدىكى قۇيرۇقلىرىنى تېزدىن كومپارتىيىگە تەسلىم بولۇشقا بۇيرۇق قىلدى. ئىيۇلدا ليۇشاۋچى موسكۋادا زىيارەتتە بولدى. كېيىنكى ئايدا سۇيقەست باشلىنىپ، سوۋېتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىلى تەرەپ ئېچىنىشلىق يوقىتىلدى. سىنتەبىردە ۋەتىنىمىزدىكى 100 مىڭ كىشىلىك گومىنداڭ تاجاۋۇزچى باندىتلىرى كومپارتىيىگە تەسلىم بولدى. ئۈچ ئەپەندى باشلىق تۈركچىلەر لاداق يولى ئارقىلىق كەشمىرگە قاچتى. ئۆكتەبىردە ئاخىرقى تەقدىرىمىز بېكىتىلىپ، خەلقىمىز 70 يىللىق قىزىل قىيامەتنى باشلىدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top