ئۇيغۇرلۇق قۇربانى: پەخىرلىك ناخشا چولپىنى مۇرات ناسىروفنى ئەسلەپ
ھەقىقىي ئۇيغۇر سۆيگۈسى، ئۇيغۇرلۇق روھى چوقۇم مەلۇم بەدەللەرنى تۆلىيەلەيدىغان ۋە شۇ بەدەللەرنى تۆلەشنى ئازاب ئەمەس، شەرەپ دەپ بىلگەن ئادەملەرگە خاستۇر. مەن ئۇيغۇر دېگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىدە مۇنداق سۆيگۈ بولۇشىغا تولۇق ئىشەنمەيمەن. چۈنكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن مىڭلاپ ئۆز مىللىتىگە ئىچى ئاغرىمايدىغان ئادەملەر چىققان ۋە ھازىرمۇ بار! ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلار ئۆز تۇپراقلىرىدا ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى قۇربان قىلغان ۋە قىلىدۇ!
ئۆز تارىخىي ۋەتىنىدە تۇغۇلمىغان، ئۆز ۋەتىنىنىڭ بىر تېمىم سۈيىنى ئىچىپ باقمىغان، ئەمما ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ مەزكۇر مۇقەددەس ۋەتىنىگە ۋە ئۆزى تەۋە بولغان خەلققە چەكسىز مۇھەببەت باغلىغان ئىككىنچى ۋە ياكى ئۈچىنچى ئەۋلاد كۆچمەن ئۇيغۇرلار ھەم بار. ئەنە شۇلارنىڭ بىىرى مېنىڭ قىسقا مۇددەتلىك رەھمەتلىك دوستۇم مۇرات ناسىروف ئىدى!
مەن مۇرات بىلەن 1995-1996-يىلى موسكۋادىكى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ئوقۇۋاتقان ۋە تەتقىقات قىلىۋاتقان ۋاقتىمدا تونۇشۇپ ئارىلاشقانىدىم.شۇنىڭدىن كېيىن تاكى 2006-يىلىغىچە تېلېفون ئالاقىلىرىدا بولدۇم.
ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي قىسمەتلىرى بىلەن 160 يىلغا يېقىن باغلىنىشلىقى بار رۇسىيەنىڭ پرېزىدېنتى 11-ئيۇن كۈنى ئامېرىكا ن ب س تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرىىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى، لاگېرلىرى مەسىلىسىدىكى سوئالىغا دۇچ كەلگەندە ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا باشلىق غەرب بىلەن بىر سەپتە ئەمەسلىكىنى كۆرسەتسىمۇ، لېكىن بۇ «قىرغىنچىلىقى» دىن خەۋەردار ئىكەنلىكى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەم ئۇيغۇر خەلقىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
لېكىن ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنى خىتاي بىلەن ئوخشاش توندا «تېررورچى»، «ئۈچ خىل كۈچ»، شۇڭا ئۇلارنى خىتاي «كۇرستا تەربىيەلىدى» دېمىدى.
پۇتىن ئۇيغۇرلارنى ھەقىقەتەن ياخشى بىلىدۇ! ئۇ، ئۆزىنىڭ تۇۋالىق دوستى، ھازىرقى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇنىڭ تۇۋادىكى قەدىمكى ئۇيغۇر شەھىرى پورباجىننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشلىرىنى يېقىندىن قوللىغان ۋە مەخسۇس شويگۇ بىلەن بۇ شەھەرنى زىيارەت قىلىپ، قەدىمكى شانلىق ئۇيغۇر تارىخىدىن دەرس ئالغانىدى. قەدىمكىنى بىلگەن ئادەم بۈگۈننىمۇ بىلىدۇ، ئەلۋەتتە.
پۇتىن دېگەندەك ئۇ ئىلگىرى خىتاي زىيارىتىدە كۆرگەن ۋە ئۇنىڭغا خىتاينى ماختاپ بەرگەن ئۇيغۇرلارمۇ بار. ئۇلار بەلكى نۇر بەكرى، شۆھرەت زاكىر. ئەركىن ئىمىرباقى ياكى باشقا بىرەرى بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. ئەمما ئۇلارنىڭ پۇتىننى ھاياجانلاندۇرالىشى ناتايىن، لېكىن پۇتىننى ھاياجانغا سالغان ئۇيغۇرلارمۇ بار ئىدى. بۇ بولسىمۇ پەخرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى، رۇسىيە ناخشا چولپىنى مۇرات ناسىروف ئىدى. پۇتىن نازاربايېف قاتارلىق ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن جەم بولغان بىر سورۇندا مۇرات ناسىروف ناخشا ئېيتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغانىدى. ئۇنىڭ ناخشىسى زىلزىلە قوزغىغاندا ھاياجانلانغان پۇتىن مۇراتنى چاقىرىپ كۆرۈشۈپ نازاربايېف قاتارلىقلارنىڭ ئالدىدا «مۇرات سېنىڭ مىللىتىڭ كىم بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ. مۇرات دەرھال «مەن ئۇيغۇر، ئۇيغۇر بالىسى، لېكىن قازاقىستانلىق، ئالمۇتالىق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئەسلى پۇتىن مۇراتنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلسە كېرەك، لېكىن ئۇ نېمىشقىدۇر نازاربايېفنىڭ ئالدىدا سوراپ قويىدۇ.
پۇتىن بىر مەزگىل زىلزىلە قوزغىغان مۇرات ناسىروفنىڭ ناخشىلىرىدىن زوقلانغانىدى. مۇرات ناسىروف ئۇيغۇر خەلقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېر مەسىلىسى تېخى يۈز بەرمىگەندە، دۇنيادا ئۇيغۇرلار كەڭ بىلىنمىگەن ئاشۇ 1997-2002-يىلى ئارىسىدا تونۇتقانىدى.
لېكىن، بۇنىڭدىن 14 يىل ئىلگىرىكى، 19-يانۋار كۈنىدىكى موسكۋانىڭ قىش-زىمىستانلىق ئاخشىمى پۈتۈن رۇسىيە ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنى زىلزىلىگە سالغان بىر پاجىئە يۈز بەردى. بۇ پۈتۈن رۇسىيە ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا كەڭ تونۇلغان ناخشا چولپىنى مۇرات ناسىروفنىڭ تراگېدىيەلىك ئۆلۈمى ئىدى.
مانا ھازىر مۇرات ناسىروفنىڭ تېخى ھازىرغىچە كىشىلەرنى قايىل قىلالمىغان سىربلىق ئۆلۈم تراگېدىيەسىگە 14 يىل بولدى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئۆلۈمدىن پۇتىنمۇ ئىېچىنغان بولسا كېرەك!
مەن بۈگۈن مۇرات ناسىروفنى ئەسلىدىم.
مۇرات ئۆلگەن شۇ كۈنى، يەنى 2007-يىلى 19-يانۋار ئاخشىمى موسكۋا تېلېۋىزىيەلىرى، ئاساسلىق گېزىتلىرى، تاراتقۇلىرى تۇشمۇتۇشتىن بۇ تراگېدىيەنى خەۋەر قىلدى. مىليونلىغان رۇسىيەلىكلەر تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بۇ خەۋەردىن ھەيرانلىق ھېس قىلىشسا، يەنە مىليونلىغان ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئاچچىق كۆز ياشلىرىنى تۆكۈشۈپ، «تامبوۋاغا بارماقچى بولغان بالا»، «سەن دېمەك مەن»، «ئايدىڭ كېچىلەر» قاتارلىق ناخشىلارنىڭ شوخ، ياڭراق ۋە مۇڭلۇق سادالىرىغا جور بولۇپ، مۇراتنى ئەسلەشتى. ئەتىسىدىن باشلاپ پۈتۈن رۇسىيە، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ئەللىرى گېزىتلىرى، تېلېۋىزىيە قاناللىرى مۇرات ناسىروفنىڭ ئۆلۈمىگە ئائىت خەۋەرلەرنى تۇشمۇتۇشتىن ئېلان قىلىشتى! كىشىلەر موسكۋا گېزىتلىرى ۋە تاراتقۇلىرىنىڭ « مۇرات ناسىروف ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى»، «مۇرات ناسىروف ئۆز ئۆيىنىڭ بالكونىدىن سەكرىدى»، «مۇرات ناسىروف زەھەرلىك چېكىملىك چەككەنىدى»، «مۇرات ناسىروف دېپرېسسىيەدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش يولىنى تاللىدى» دېگەندەك تۈرلۈك ئۇچۇرلىرىغا ئىشەنمىدى ۋە مەتبۇئاتلاردا ئوخشاشلا مۇرات ناسىروفنىڭ ھېچقانداق زەھەرلىك چېكىملىك چەكمەيدىغانلىقى، ھاياتلىققا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارايدىغان يېڭى ئىجادىيەت پىلانلىرىنى تۈزۈپ ئىزدىنىۋاتقان شۇنىڭدەك ئىككى پەرزەنتنىڭ كۆيۈمچان ئاتىسى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ قەستكە ئۇچرىغان بولۇشىغا ئائىت ئۇچۇرلار ۋە پەرەزلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن مۇرات ناسىروفنىڭ ئۆلۈمى بىردىنلا سىرلىق ئۆلۈمگە ئايلانغان بولۇپ، كىشىلەر بۇ سىرنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتتى. ساقچى ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈش خۇلاسىسىسى بولسا مۇراتنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى كىشىلەرنى تېخىمۇ سىرلىق سوئاللارغا چۆمدۈردى. مانا بۇ تراگېدىيەگە 14 يىل بولدى. بىراق مۇرات ناسىروفنىڭ ئۆلۈمى يەنىلا سىر سۈپىتىدە قېلىۋەردى! بىراق ئۇنىڭ ناخشىلىرى ئوخشاشلا ياڭراۋەردى! رۇس چولپانلىرى، مۇراتنىڭ دوستلىرى ئۇنى ياد ئېتىپ، ئۇنىڭ يېقىملىق ۋە لىرىك ئاۋازى بويىچە ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ئورۇنداش ئارقىلىق مەزكۇر تالانتلىق چولپانغا بولغان سېغىنىشى ئىزھار قىلىشتى. رۇسىيە ناخشىچىلىقىنىڭ ئايال شاھى دەپ ئاتالغان ئاللا پۇگاچيوۋا مۇراتنىڭ ئۆلۈمىگە چوڭقۇر قايغۇرۇپ، ئۇنىڭ مېيىتى بىلەن خوشلىشىۋاتقاندا «بىز ئەڭ تالانتلىق ۋە ئەڭ يېقىملىق بىر ئاۋازدىن ئايرىلدۇق» دېگەنىدى!
دېمەك، ئەڭ تالانتلىق، قابىلىيەتلىك چولپانلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رىقابەت ۋە ئېلىشىش مەيدانى بولغان موسكۋا سەھنىسىدە غالىپ چىقىپ، 1997-2003-يىللىرى ئارىسىدا موسكۋانىڭ ئاللا پۇگاچيوۋا، فىلىپ كىركوروف، ئولېگ گازمانوف، ئاليۇنا ئاپىنا قاتارلىق ئەڭ داڭلىق ئوننەچچە چولپانلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان، سىنلىق ناخشىلىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرى ئارقىلىق پۈتۈن رۇسىيەلىكلەرنىڭ، جۈملىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان دۆلەتلەر سەنئەت مۇخلىسلىرىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان مۇرات ناسىروف ھاياتتىن ئەبەدىي خوشلاشقان بولسىمۇ، بىراق مۇرات ناسىروف دېگەن بۇ ئىسىم رۇسىيە زامانىۋى ناخشا -سەنئەت سەھىپىسىدە ئۆزىنىڭ ئالدىنقى ئورنىنى ساقلىدى. مۇرات ئۆلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ناخشىلىرى، ناخشا ئېيتىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى يەنىلا ھازىرمۇ ھەر كۈنى، ھەر ۋاقىتلاردا ئوخشاشلا ياڭرىماقتا! تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر نۇقتا مۇرات ناسىروفنىڭ ئۆلۈم خەۋەرلىرىنىڭ ھەممىسىگە شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ھايات ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەممىسىگە «دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇيغۇر»، «مۇرات ناسىروفنىڭ مىللىتى ئۇيغۇر» دېگەن سۈپەتلەش قوشۇلۇش ئۇنتۇلۇپ قېلىنمىغانلىقى ئۈچۈن تېخى ئۇيغۇر مىللىتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ھەتتا نامىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان رۇسلار، ياۋروپالىقلار، پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلقۇدىكى ھەر مىللەت كىشىلىرى مۇرات بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مىللىتىنى بىلگەنىدى!
مۇرات ناسىروفتىكى ئۇيغۇرلۇق
ئەگەر ھازىر ھايات بولسا، 2021-يىلى 12-ئايدا 52 ياشقا كىرگەن بولار ئىدى! 38 يېشىدا ئالەمدىن كەتكەنىدى.
مۇرات ناسىروف ھەقىقىي ئۇيغۇر پەرزەنتى ئىدى! ئۇ 1969-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، دادىسى ئىسمائىل ناسىروف ۋە ئانىسى خاتىرە خانىملار 1958-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىگە كۆچۈپ چىقىپ ئالمۇتادا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. مۇرات ئائىلىدىكى 5 پەرزەنتنىڭ بىرى ئىدى.
ئۇنىڭ سەنئەتتىكى قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە دادىسىنىڭ تەسىرى زور بولغان. دادىسى ئىسمائىل ناسىروف ئەسلى كەسپىي سەنئەتكار بولۇپ، قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن، 1940-يىللاردىن باشلاپ قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا سەنئەت گۇرۇپپىلىرىدا ئىشلىگەن. 1945- يىلى 8-ئايلاردا سوپاخون سوۋۇروف باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ بىر گۇرۇپپىسى ئاقسۇ ئەتراپىدا جەڭلەرگە قاتناشقان.
2002-يىلى ئىسمائىل ئاكا بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر سۆھبىتىمدە ئۇ ئۆزىنىڭ مىللىي ئارمىيە ھاياتىنى ئەسلەپ بەرگەنىدى. ئۇ تاكى 1949-يىلى 12-ئايغىچە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى سېپىدە خىزمەت قىلغاندىن كېيىن مىللىي ئارمىيە 5-كورپۇسقا ئۆزگەرتىلىپ مۇھەممەد ئىمىن ئىمىنوف كوماندىرلىقىدىكى 13-دېۋىزىيە تەركىبىدە قەشقەرگە كېلىپ تۇردى. ئۇ ھەربىي سەنئەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى ۋە 1954-يىلى 5-كورپۇس، يەنى مىللىي قىسىم تارقىتىلغاندا ھەربىي سەپتىن بوشاپ، 1958-يىلى ئائىلىسى بىلەن سوۋېت قازاقىستانىغا كۆچۈپ چىقىپ، ئالمۇتاغا يەرلەشكەن.
ئىسمائىل ئاكا قەشقەردە دىنىي تەربىيە كۆرگەن، 30 پارا قۇرئاننى يادلىغان قارى ئىدى. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر مۇقاملىرى ۋە خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىشنىمۇ ئۆگىنىۋالغانىدى. ئۇنىڭ ئارمىيە سېپىدىكى ھاياتى ۋە كېيىن بىر مەزگىل’ سەنئەت بىلەن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ بىر ئۆمۈر سەنئەتنى تاشلىمىدى. مۇھىمى ئۇ ئالمۇتاغا چىققاندىن كېيىن قارىلىقتىكى تالانتى بىلەن كۆپلىگەن دىنىي نەزىر-چىراغلاردا، نامازلاردا ئىمانلىق قىلىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىمۇ تەڭ ئېلىپ بېرىپ كىشىلەر تەرىپىدىن«ئىسمائىل سوپى» دەپمۇ ئاتالغانىدى.
مۇراتنىڭ سەنئەت ھاياتىمۇ مانا مۇشۇ ئائىلىدىكى سەنئەت مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە، يەسلى ۋە مەكتەپتىكى چاغلىرىدىن باشلاپ كۆرۈلۈشكە باشلىغان. 18 يېشىدا ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ، بۇ جايدىمۇ تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ، سەنئەت كۇرۇژۇكى قۇردى. ھەربىي مەجبۇرىيىتى ئاياغلاشقاندا موسكۋالىق سەبداشلىرى مۇراتنىڭ قابىلىيىتىگە قايىل بولۇپ ئۇنى موسكۋاغا بېرىپ ئوقۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. مۇرات تەۋەككۈل قىلىپ، ئۆيىگە قايتماستىن ئۇدۇل موسكۋاغا بېرىپ، ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن گنېسىن نامىدىكى مۇزىكا ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، ئۇنى 1996-يىلى پۈتتۈرگەن. موسكۋادىكى ئوقۇش ھاياتى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسانغا چۈشمىگەن بولۇپ، ئۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئېغىر-يېنىك جىسمانىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۇرمۇش راسخودىنى ئۆزى ھەل قىلغان.
مۇرات ناسىروف گنېسېن نامىدىكى سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقاندىلا لىرىك ۋە يېگانە ئاۋازى بىلەن مەكتەپتىكى تالانتلىق ئوقۇغۇچى ئىدى. ئۇ، 1991- يىلى يالتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ياشلار ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، پوپ ناخشا تۈرلىرى بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەپ، ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. يالتىدا قولغا كەلگەن مەزكۇر زور نەتىجىدە مۇراتنىڭ سەنئەت ھاياتىغا ئىلھام بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ موسكۋا سەنئەتكارلىرى ئارىسىدا توۇلۇشى ھەم ئۇلارنىڭ دىققەت قىلىشىغا يول ئاچقان. مۇرات بىر ياقتىن ئوقۇپ يەنە بىر ياقتىن ئۆزىنىڭ «يېڭى پورت» ناملىق ناخشا-مۇزىكا گۇرۇپپىسىنى (توپىنى) قۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىرگە كونسېرتلار ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان شۇنىڭدەك يەنە بەزى كىنو ۋە تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ، ناخشىلىرىنى ئېيتىپ بەرگەن.
1997-يىلىدىن كېيىن ئۇنىڭ نامى بىردىنلا پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا كەڭ تونۇلدى. ئۇ، «تامبوۋغا بارماقچى بولغان بالا» ناملىق ناخشىسىنى ئېيتىپ، داڭ چىقاردى. ئۇنىڭ بۇ ناخشىسى رۇسىيە جۈملىدىن پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىدىكى ياشلارنىڭ ئەڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ۋە ئاڭلايدىغان ناخشىسىغا ئايلاندى.. مۇرات ناسىروپ ئارقىدىنلا ئاتاقلىق رۇس ناخشىچىسى ئالىيونا ئاپىنا بىلەن بىرگە «ئايدىڭ كېچە» ناملىق ناخشىسىنى ۋە «مەن دېمەك سەندۇر» ناملىق ناخشىسىنى ئېيتىپ، ناخشا ھەۋەسكارلىرىنى يەنە بىر قېتىم زىل-زىلىگە سالدى.
مۇرات ناسىروف ناخشا چولپىنى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە قابىل كومپوزىتور ۋە شائىر ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ داڭلىق ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ۋە تېكىستلىرىنى ئۆزى يازغانىدى. ئۇ ھەتتا بىر قىسىم داڭلىق رۇس چولپانلىرى ئۈچۈنمۇ مۇزىكا ئىجاد قىلىپ بەرگەن ۋە ناخشا تېكىستلىرى يېزىپ بەرگەنىدى.
مۇرات ناسىروف 2005-يىلىغىچە رۇسچە «مېنىڭ تارىخىم»، «ئويغاتقىن مېنى»، «كىمدۇر بىرى ئەپۇ قىلىدۇ»، «بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن بىلەن بولمىغان» ۋە ئۇيغۇرچە «قالدىم يالغۇز» قاتارلىق بەش ناخشىلىرى توپلىمىنى تارقاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ پلاستىنكىلىرى كەڭ بازار تاپتى. مۇرات ناسىروف مەخسۇس كومپوزىتورلۇق ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ رۇس ناخشىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلمىلىرىنى جۈملىدىن ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستان مۇزىكىلىرىنىڭ قۇرۇلمىلىرىنى ياخشى ئۆگەنگەن ھەم تەتقىق قىلغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۆز ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئۆزى ئىشلەش بىلەن ئۆزىنىڭ ھېسسىياتى بىلەن سۆزىنى ۋە مۇزىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرالىغان.
مۇرات ناسىروف موسكۋا سەھنىلىرىدە تۇنجى بولۇپ، ئۇيغۇرچە «گۇلايىم» ناخشىسىنى ئورۇنداپ، زىلزىلە پەيدا قىلدى. بۇ ناخشا ئۇنىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە ناخشىسى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ جاراڭلىق، ياڭراق، لىرىكىلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە يېگانە ئاۋازى بىلەن ئېيتقان ئۆزى قايتىدىن ئاككوردلاشتۇرغان مۇزىكىغا جور بولۇپ ئېيتقان بۇ ئۇيغۇرچە ناخشىسى ئارقىلىق رۇسلارنى، پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىكى تاماشىبىنلارنى ئىختىيارسىز ھالدا ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئويناشقا سالغانىدى! لېكىن ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن بىر مەزگىل ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتماي پۈتۈنلەي رۇسچە ۋە ئىنگلىزچە ناخشىلارنى ئېيتىشقا كىرىشىپ كەتتى. ئەمما 2003-يىلى دادىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇ بىردىنلا ئۇيغۇرلۇق روھىغا قايتتى. ئۇ ئۇيغۇرچە راۋاب، دۇتار قاتارلىق چالغۇلارنى چېلىشقا، ئۇيغۇر چالغۇلىرى بىلەن ئۇيغۇرچە ناخشىلارنىمۇ ئورۇنداشقا باشلىدى. ئاخىرى
2004-يىلى دادىسىغا بېغىشلاپ «قالدىم يالغۇز» ناملىق ئۆزىنىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە ناخشا ئالبومىنى تەييارلاپ موسكۋا شەھىرىدە نەشر قىلىپ تارقاتتى. بۇ رۇسىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇرچە ئۈن پلاستىنكىسى بولۇپ، مەزكۇر پلاستىنكا موسكۋا ۋە رۇسىيە بازارلىرىدا تارقالدى. مانا ئەمدى، رۇسلار ئۇيغۇرچە ناخشا پلاستىنكىسى سېتىۋېلىپ ئاڭلايدىغان مەنزىرە شەكىللەندى. مۇرات ناسىروف موسكۋا تېلېۋىزىيەلىرىنىڭ زىيارەتلىرىدە ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرىنى، ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنى، ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇردى ھەتتا ئانىسى بىلەن بىرگە ئېكرانغا چىقىپ ئۇيغۇر تائاملىرىنى ئېتىپ كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن موسكۋانىڭ داڭلىق چولپانلىرى ئاللا پۇگاچيوۋا، فىلىپ كىركوروف ۋە باشقىلار ئۇنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا كېلىپ ئۇيغۇرچە لەڭمەن ۋە مانتىلارنى يەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. مۇرات ھەممىلا يەردە، ھەممىلا ئۆزى ھەققىدىكى گېزىت ماقالىلىرى، خەۋەرلىرى، تېلېۋىزىيە زىيارەتلىرىدە «مەن ئۇيغۇر»، «دادام ئىسمائىل سوپى قەشقەردىن» دەپ تونۇشتۇرۇشنى ئۇنتۇمىدى. مۇرات بىر رۇسىيە گېزىتلىرىنىڭ بىرىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دەپ بىلدۈرگەن: «مەن ئۇيغۇر، دادام رەھمەتلىك ئىسمائىل سوپى ناسىروف قەشقەردە تۇغۇلغان، ئانام خاتىرە غۇلجىدا تۇغۇلغان، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرلۇقۇمدىن پەخىرلىنىمەن، مەن موسكۋا ۋە ئالمۇتالاردا ياشايمەن، باشقا ئەنئەنىلەرنى ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆز ئەنئەنەمنى سۆيۈش بىلەن ياشايمەن».
مۇرات ناسىروفنىڭ ئايالى ناتالىيا لاتۋىيەلىك ئۆز ساۋاقدىشى ئىدى. ئۇلار مۇزىكا مەكتىپىدە بىرگە ئوقۇغان.
ئۇلار رەسمىي ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادىتى بويىچە ئالمۇتاغا بېرىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىدا نىكاھ ئوقۇتۇپ توي قىلغان. لېكىن ئۇلار ئۇزۇن ۋاقىت بىرگە ياشاپ، تېخى رەسمىي توي خېتى ئالمىغانىكەن. ئۇلارنىڭ قىزى لىيا 1996-يىلى، ئوغلى ھاكىم 2000-يىلى تۇغۇلغان. مۇراتنىڭ ئايالى بۇ ئىككى پەرزەنتنى ئۆزى يالغۇز بېقىپ چوڭ قىلدى.
مۇرات ناسىروفنىڭ ئايالى ئۇنىڭ ئەڭ سەمىمىي ۋە ئەڭ يېقىن قوللىغۇچىسى بولۇپ، ئۇ ئايالىغا ئۇيغۇرچە ئۆگەتكەندىن سىرت يەنە ئۇيغۇرچە ناخشىلارنىمۇ ئۆگەتكەن. ئۇلار دائىم سەھنىلەردە ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى جور بولۇپ ئېيتقان.. مۇرات ھەتتا ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە تاماقلارنىمۇ تەييارلاشنى ئۆگىتىپ قويغان.
مۇرات ئۆز خەلقىنى قانچە سۆيسە، ئۆز خەلقى مۇراتنى شۇنچە سۆيدى. 2005- يىلى ئالمۇتادىكى قازاقىستان ئۇيغۇر بايلىرى كۇلۇبى تەشكىللىگەن «ئىھلام مۇكاپاتى» بېرىش مۇراسىمىدا باھالىغۇچىلار بىردەك ھالدا ئۇنىڭ تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا سەنئەت ۋە ناخشا-مۇزىكا ساھەسى بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك «ئىلھام مۇكاپاتى» بەردى..
2007-يىلى 19-يانۋار كۈنى مۇرات ناسىروف ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇ ئالمۇتاغا ئېلىپ كېلىنىپ، ئالمۇتا شەھىرىدىكى زارىياۋوستوكا مەھەللىسىدىكى زاراتگاھلىققا دادىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنىپ ھەيكەل ئورنىتىلدى.
ئۇيغۇرلار مۇرات ناسىروفنى ئەڭ چوڭقۇر سېغىنماقتا ۋە خاتىرىلىمەكتە. ئۇنىڭ نامى پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا، يەنى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئۇيغۇرلار دىيارى، يەنى شەرقىي تۈركىستان ۋە باشقا ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغىمۇ كەڭ تونۇلدى.
ئالمۇتادىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىدىن مۇرات ئەخمىدى، دىلناز ئەخمەدىيېۋا، پولات ھېزىموف ۋە باشقىلار مۇراتنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى، ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر ياش چولپانلىرى ھەر يىلى دېگۈدەك ئۇنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلاپ مۇسابىقىلەرنى ۋە فېستىۋاللارنى ئۆتكۈزۈپ كەلدى. قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتان شەھىرىدىكى بىر كوچىغا مۇرات ناسىروفنىڭ نامى بېرىلدى. رۇسىيە تېلېۋىزىيەلىرىدىمۇ ھەر يىلى دېگۈدەك مۇرات ناسىروفنى خاتىرىلەيدىغان پروگراممىلار بېرىلىپ كەلدى. يېقىندا مۇرات ناسىروفنىڭ ئانىسى خاتىرە خانىمنىڭ ۋاپاتى قايتىدىن رۇسىيە ۋە باشقا ئەللەر مەتبۇئاتلىرىدا مۇرات ناسىروف بىلەن بىرگە خەۋەر قىلىندى.
ئانا ۋەتەن، ئانا مىللەت ۋە ئانا مەدەنىيەت روھى
مۇرات ناسىروفنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئۆز مىللىتىگە قايتىپ كېلىشى، ئۇنىڭ رۇسىيە چولپىنىدىن ئۇيغۇر چولپىنى بولۇشنى ئەۋزەل كۆرگەنلىكى، مېنى ئويغا سالدى ۋە قولۇمغا قەلەم ئېلىشكە ئۈندىدى. مېنىڭچە ئۆز ئۆتمۈشى ۋە مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇپ، ئۆزىنىڭ ھازىرقى مەۋجۇتلۇقىنى چۈشەنمىگەن بىر مىللەتنىڭ قاراڭغۇلۇقتا، روھىي ۋە ماددىي خارلىقتا قېلىشى تەبىئىي.
مۇراتنىڭ قايتىپ كېلىشى، ئەسلى تومۇردىكى قانىڭ ۋە قەلبىدىكى روھنىڭ غەلىبىسى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى تاللىشى ئىدى. مۇرات ئۆز خەلقىنى قانچە سۆيسە، ئۆز خەلقى مۇراتنى شۇنچە سۆيدى. ئالمۇتادىكى قازاقىستان ئۇيغۇر بايلىرى كۇلۇبى تەشكىللىگەن «ئىلھام مۇكاپاتى» بېرىش مۇراسىمىدا باھالىغۇچىلار بىردەك ھالدا ئۇنىڭ تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا سەنئەت ۋە ناخشا-مۇزىكا ساھەسى بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك «ئىلھام مۇكاپاتى» بەردى.
مۇرات، قەشقەر پەيزىۋات ۋە مارالبېشىدىكى يەر تەۋرەشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، موسكۋادىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەردە مەخسۇس خەيرىساخاۋەتلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، ۋاپات بولغان ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىغا ماتەم بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇق بۇرچىنى ئادا قىلدى.
رۇسىيە ناخشا چولپىنى، رۇسىيە ۋە ئۇيغۇر سەنئەت تارىخىدىن پەخىرلىك ئورۇن ئالغان ئۇيغۇر يىگىتى مۇرات ناسىروف ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇلىرىنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تۇپراقلىرىنى كۆرۈش، دادىسى تۇغۇلغان ئەزىزانە قەشقەرنىڭ تۈمەن دەرياسىنىڭ سۈيىنى بىر يۇتۇم ئىچىش، بۈيۈك ئالىم مەخمۇد قەشقىرىڭ قەبرىسىنى تاۋاب قىلىپ، شۇ يەردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ زاتلىرىغا ئاتاپ دۇئا قىلىش، ئەگەر مۇمكىن بولسا، «قالدىم يالغۇز» ناخشىسىنى ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە غۇلجا سەھىنىلىرىدە ئېيتىش ئىكەنلىكىنى ھاياجان بىلەن سۆزلەپ بەرگىنىدە ئۇيغۇرنىڭ مۇساپىرلىق تارىخىغىنى ۋە ئۇيغۇرنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇساپىر بولغانلىقىنى ئەسلىگىم كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا ۋەتەنلىرىدىن ئايرىلىپ، تاشقى دۇنيادا ماكانلىشىپ قېلىش تارىخى خېلى ئۇزۇن. ئەڭ قەدىمقى ۋاقىتلارنى قويۇپ تۇرۇپ، پەقەت يېقىنقى ئۈچ ئەسىردىن سۆز باشلىغىنىمىزدا تاكى ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ چەت مەملىكەتلەرگە كۆچۈش دولقۇنىنى ئالتە قېتىمغا ئومۇملاشتۇرۇش مۇمكىن.
مۇرات ناسىروف ئەڭ ئاخىرىدا رۇسىيە چولپىنى بولۇشتىن ئۇيغۇر چولپىنى بولۇش يولىنى تاللىغانىدى. ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۇيغۇرلۇق روھىغا سىڭدى. ئۇ ھەر كۈنى بىكار ۋاقىتتا ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت كىتابلارنى ئوقىدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلىك تارىخى، كۈرەش مۇساپىلىرىنىڭ سىرلىرىنى ئىزدىدى. ئۇيغۇر 12 مۇقاملىرى، خەلق ناخشىلىرى، رەڭگارەڭ ئۇيغۇر چالغۇلىرى، ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىدىكى پەلسەپىۋى روھلارنى ئىزدىدى.
ئۇ ئۆيىگە مېھمانغا كەلگەن داڭلىق رۇس سەنئەتكارلىرىغا، داڭلىق چولپانلارغا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ ھارمايتتى. ئۆز خەلقىنىڭ قانداق ئۇلۇغ خەلق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرەتتى. ئايالىنىڭ كەمىنەگە سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇنىڭدىكى بۇ ئۇيغۇرلۇق روھى ۋە سۆيگۈسى دەرجىدىن تاشقىرى ئىدىكى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىدى. ئۇ موسكۋا تېلېۋىزىيەلىرىگە چىقىپ ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكىسى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، يېمەك سەنئىتى، چالغۇلىرى ۋە بۇلاردىكى مول پەلسەپىۋى تەپەككۈرلەرنى چۈشەندۈرەتتى.
مەن 2005-يىلى مۇرات ناسىروف بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۆتكۇزۈلمەكچى بولغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلغانىدىم. شۇ ۋاقىتتىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمىيىتى رەئىسى دوستۇم نۇرى تۈركەل مۇرات ناسىروفنى ئېلىپ كېلىشكە بەك ئەھمىيەت بەرگەنىدى. بىراق مۇرات يولغا چىقىشقا ئاز قالغاندا ئۆزىنىڭ پروگرامما ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما كېيىن چوقۇم بارىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. لېكىن ئاخىرى نەسىپ بولمىدى.
مۇراتنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا سىياسەت ساھەسىگە ھەم ئارىلاشتى. ھەتتا بەزى مافىيەلەرنى خاپا قىلىدىغان، ھەتتا ھۆكۈمەتتىكىلەرنىڭ چىشىغا ھەم تېگىدىغان ئۆكتىچىلىك سۆز-ھەرىكەتلىرىدە ، ئىمزا قويۇش ئىشلىرىغا قاتناشقانلىقى كېيىن مەتبۇئاتلاردا ئوتتۇرىغا چىقتى.
بولۇپمۇ ئۇ ئاخىرى رۇسىيە سەھنە سودىسى، يەنى ناخشا-سەنئەت سودىسىدىكى مافىيە خاراكتېرىدىكى شەخسلەرنىڭ چىشىغا تەگدى دېگەن پىكىرلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى.
رۇسىيەنىڭ « luchmir.com» تور گېزىدە 2011-يىلى مۇرات ناسىروف ھەققىدە ئېلان قىلىنغان «رۇسىيە ئۇيغۇر بۇلبۇلىغا خاتىرىلەش ۋە رەھمەت ئېيتىش قەرزى ئۆتەيدۇ» ناملىق ماقالىدە : مۇرات ناسىروف، ۋىكتور سوي قاتارلىق بىرقىسىم سەنئەتكارلار ۋە ژۇرنالىستلارنى «ئۆلتۈرگەن قاتىللارغا لەنەت»، «پۇتىننىڭ مافىيە تۈزۈمى ۋە ئۇنىڭ بارلىق سەنئەت مافىيەلىرىگە لەنەت» دەپ خۇلاسە چىقىرىلغانىدى.
2017-يىلى مۇرات ناسىروفنىڭ ئايالى ناتالىيا «مۇراتسىز ئۆتكەن 10 يىل» ناملىق تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا چىقىپ، مۇرات ناسىروفنى ئەسلىدى. ئۇ مۇراتقا بولغان يۈكسەك مۇھەببىتى تۈپەيلىدىن ئۆزىنىڭ ئىككىنچى قېتىم توي قىلىشنى تاللىمىغانلىقى، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى بالىلارنى تەربىيەلەشكە سەرپ قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇراتنىڭ بارلىق ئەسلىھەلىرى، كىيىم -كېچەكلىرى، چالغۇ-سازلىرى شۇ ئورنىدا تۇرىۋاتقانلىقى، ھەر كۈنى مۇرات مۇزىكا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خانىدا ئولتۇرۇپ،ئۇنى ئەسلەيدىغانلىقىنى كۆرۈنۈشلەر بىلەن بايان قىلدى. مانا بۇ پەقەت مۇراتقىلا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ مىلللىتى ئۇيغۇرلۇق روھىغا باغلانغان چوڭقۇر مۇھەببەت ئىدى!