You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى

ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى

(رەسىم – 1: ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن (ئوتتۇرىدىكى بادام دوپپا ۋە تون كىيگەن كىشى) ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ كوممۇنىزمغا قارشى نامايىشى. 1966 – يىلى، ئىستانبۇل.)

دوكتور مۇھەممەد ئىمىن بەگتىمۇر (ئىستانبۇل گەلىشىم ئۇنىۋېرسىتېتى تاراتقۇ ۋە ئالاقە بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئەزىمەت مۇھەممەد

قىسقىچە مەزمۇنى: ئىنسان يارىتىلىشىدىن بېرى پاناھلىنىش ۋە غىزالىنىش ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن، تەبىئىي مەنبەلەرنى ئىزدەش،تېرىلغۇ يەرلەرگە ئىگە بولۇشتەك ئىقتىسادىي سەۋەپلەر تۈپەيلى ياشاۋاتقان يەرلىرىدىن كۆچكىنىدەك، كەلكۈن، قۇرغاقچىلىق، يەر تەۋرەشكە ئوخشاش تەبىئىي ئاپەتلەر بىلەن بىرگە ئۇرۇش، ئىشغال ۋە سۈرگۈنگە ئوخشاش سىياسىي سەۋەپلەردىنمۇ باشقا يەرلەرگە كۆچۈشكە مەجبۇر قالىدۇ. تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يەرلىرىنى ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار سەۋەپلىك، خالاپ- خالىماي تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. چاق ئىجاد قىلىنغاندىن بېرى ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يەرلىرىنى ياكى ياشاۋاتقان يەرلىرىدىن باشقا يەرلەرگە كۆچىشى تېخىمۇ قولايلاشتى. پار ماشىنىسىنىڭ ئىجادى بىلەن تەرەققىي قىلغان موتورلۇق ماشىنىلارنىڭ تەرەققىياتى ئىنسانلارنىڭ كۆچۈش سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلەتتى. يۇقىرى تېخنىكا بىلەن قوراللانغان بۈگۈنكى دۇنيارىمىزدا ئاز بولمىغان ئىنسانلار ئاسانلا يەر ئالماشتۇرماقتا ۋە تۈرلۈك سەۋەپلەردىن ئانا يۇرتلىرىدىن يىراق جۇغراپىيەلەردە ياشىماقتا. ئۇلار ئولتۇراقلاشقان يەرلىرىنىڭ كۈلتۈر، ئىقتىسادىي ۋە جۇغراپىيەلىك مۇھىتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن تىرىشىش بىلەن بىرلىكتە، ئۆزلىرىنىڭ ئۆزلۈكىگە بولغان باغلىنىشىنى قوغداش ئۈچۈن، ئوخشاش كىملىكتىكى كىشلەر بىلەن بىللە ياشاشقا تىرىشماقتا.

بۇ ماقالىدە دىئاسپورانىڭ ئېنىقلىمىسى، قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى ۋە ئوخشىمىغان نۇقتىلار بويىچە ،2017 – يىلىدىن بېرى گەۋدىلىنىشكە باشلىغان ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ ئومۇمىي لىنىيىسى تەھلىل قىلىنىدۇ. بۇ دائىرىدە، ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ تەشكىللىنىش سەۋەبى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ئەھۋالى، شەكىللىنىش جەريانىدىكى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ۋە قۇرۇلما ئالاھىدىلىكلىرى تەپسىلىي تەھلىل قىلىنىپ، ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى يورۇتىلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: دىئاسپورا، ئۇيغۇر، قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى، كۆچ، ئانا ۋەتەن

كىرىش

ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى سۈرگۈن، تۇنجى ئىنسان بولغان ئادەن ئاتا ۋە ھاۋا ئانىنىڭ چەكلەنگەن مېۋىنى يېيىشىدىن كېيىن، جەننەتتىن بۇ دۇنياغا قوغلىنىشى بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ سۈرگۈندىن كېيىن ئادەم ئاتا ۋە ئۇنىڭ نەسلىدىن كۆپەيگەن ئىنسانلار ھازىرغىچە تۇنجى ئىنسان يارىتىلغان جەننەتكە بولغان سېغىنىشى، جەننەتكە قايتىش ئارزۇسى ۋە جەننەتتە مەڭگۈلۈك بەختكە ئېرىشىش خىيالىي بىلەن ياشىماقتا. ئىسلام دىنىدا، خىرىستىيان دىنىدا ۋەياكى باشقا دىنلاردا بولسۇن ، ئىنسانلارنىڭ ئەسلى يۇرتىنىڭ جەننەت ئىكەنلىكى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئانا يۇرتىغا قايتىدىغانلىقى  ئىنسانلار ئۈچۈن ئورتاق بىر پىكىر بولۇپ كەلمەكتە. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا جەننەتنى سېغىنىدىغان ۋە ھامان بىر كۈنى ئۇ يەرگە قايتىشىغا ئىشىنىدىغان ئىنسانلار، بۇ دۇنيادا بىر سۈرگۈنلۈك ھاياتىنى ياشاۋاتىدۇ، دېمەكتۇر.

بۇرۇندىن بېرى ئىنسانلار  پاناھلىنىش ۋە غىزالىنىش ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن، تەبىئىي مەنبەلەرنى ئىزدەش،تېرىلغۇ يەرلەرگە ئىگە بولۇشتەك ئىقتىسادىي سەۋەپلەر تۈپەيلى ياشاۋاتقان يەرلىرىدىن كۆچكىنىدەك، كەلكۈن، قۇرغاقچىلىق، يەر تەۋرەشكە ئوخشاش تەبىئىي ئاپەتلەر بىلەن بىرگە ئۇرۇش،ئىشغال ۋە سۈرگۈنگە ئوخشاش سىياسىي سەۋەپلەردىنمۇ باشقا يەرلەرگە كۆچۈشكە مەجبۇر قالغان. مەيلى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولسۇن ياكى زورلۇق بىلەن بولسۇن  ئانا يۇرتلىرىدىن ئايرىلغان ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە كۆچۈپ بارغان يەرلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىغا كۆنۈپ، ئۇ يەرلەرنى ئۆز يۇرتى دەپ بىلىدىغان ئىنسانلار بولغىنىدەك، ئانا يۇرتلىرىدىن ئايرىلغىنىغا نەچچە يۈز يىللار بولسىمۇ، ئانا يۇرتىغا بولغان سېغىنىشىنى يوقاتمىغان ۋە شارائىت پىشىپ يېتىلگىنىدە ئانا يۇرتلىرىغا قايتىشنى ئويلايدىغانلار ھەم مەۋجۇت. ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن ئانا يۇرتلىرىدىن ئايرىلغان ۋە ئانا يۇرت سېغىنىشىنى يوقاتمىغان ئىنسانلار تىلغا ئېلىنغاندا، «دىئاسپورا» ئۇقۇمى قارشىمىزغا چىقىدۇ.

1. دىئاسپورانىڭ ئېنىقلىمىسى

يۇنان تىلىدىكى «ئۈچۈن، چۈنكى» مەنىسىدىكى (dia) سۆزى بىلەن «ئۇرۇق، مېغىز» مەنىسىدىكى (sporos) سۆزلىرىنىڭ بىرلىشىشى بىلەن شەكىللەنگەن دىئاسپورا سۆزى «ھەر تەرەپكە تارقالغان ۋە يېيىلغان ئۇرۇقلار» دېگەن مەنىدە كەلمەكتە (يالدىز، 2013:290). بۇ سۆزنىڭ ئىشلىتىلىشى مىلادىدىن بۇرۇنقى 5- ئەسىردە سوفوكلىس، ھىرىدوت ۋە تۇكىدىدەسلەردە كۆرۈلگەن. دىئاسپورا ئۇقۇمىنىڭ زامانىمىزدىكى ئىشلىتىلىشى نۇقتىسىدىن، ئىبرانىيچە مۇقەددەس كىتاپنىڭ، ئىسكەندىرىيەلىك 70 يەھۇدىي ئالىم تەرىپىدىن يۇنانچىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسىدىكى  قوللىنىلىشى دىققەت تارتماقتا. «يەتمىشلەر ئىنجىلى» (مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىر)  دەپ ئاتالغان بۇ دىننىي كىتاپتا دىئاسپورا سۆزى جەمئىي 12 قېتىم تىلغا ئېلىنغان (باۋمان، 2000:313).

دىئاسپورا سۆزىنىڭ يىلتىزى ۋە مەنىسىگە مۇناسىۋەتلىك ، پەرقلىق تەتىقاتچىلارنىڭ، پەرقلىق قاراش ۋە تارتىشىشلىرى بولغىنىغا قارىماي، بۇ سۆزنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن «تارقىلىش ۋە چېچىلىش» مەنىسى بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇمكىن. بۇ سۆزنىڭ مەلۇم بولغان تۇنجى ئىشلىتىلىشى، يەھۇدىلارنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 598 – يىلى ياكى 587 – يىللىرىدا پەلەستىندىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنىشى ھېكايە قىلىنغان ئەسەرلەردە ئۇچرىماقتا (دۇفويكىس، 2011:1). تۇنجى ئىشلىتىلىشىدىن ھازىرغىچە «دىئاسپورا» سۆزى، ئانا يۇرتلىرىدىن ، خىلمۇخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى ئايرىلىشقا ۋە ياكى سۈرگۈن قىلىنىشقا مەجبۇر قالغان خەلقنى ئىپادىلەشتە ئىشلىتىلمەكتە.

«دىئاسپورا، ئۆز يۇرتىدىن ياكى دۆلىتىدىن ئايرىلغان ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ ئارىسىغا تارقالغان، ئەمما ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ۋە كۈلتۈرىنى قوغداپ قالغان ئۇلۇس ياكى ئۇلۇسنىڭ بىر پارچىسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يۇنانچە بىر ئۇقۇمدۇر.» (دۇفويكىس،2011:27). ۋىللىيام سافراننىڭ ئىپادىسى بىلەن دىئاسپورا:« ئ‍ۆز ئانا يۇرتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك كوللىكتىپ خاتىرىگە، غايىگە ۋە كەچۈرمىشكە ئىگە بولغان شەخسلەردۇر. فىزىكىلىق ئورنى، كەچۈرمىشى ۋە ئۇتۇقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاتىلىرىنىڭ ئەسلى يۇرتلىرىنى غايىۋى ئۆيلىرى دەپ بىلىدىغان ۋە ئۇيغۇن شەرتلەر ئاستىدا ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ ئەسلى يۇرتلىرىغا قايتىش ئارزۇسىغا ئىگە ئىنسانلار گۇرۇپپىسىدۇر» (لايكوك، 2012:105).

نەتىجىدە «دىئاسپورا» ، مەلۇم بىر نۇقتىدىن باشلانغان بىر تارقىلىشنى ئىپادە قىلىدىغان بىر ئۇقۇم ؛ ھەم ئېتنىك، ئۇلۇسال ياكى دىننىي بىر كوللىكتىپنىڭ بىر ياكى بىردىن ئارتۇق دۆلەتتە جامائەتلەشكەن ۋە تەشكىللەنگەن ھالىدۇر؛ بىردىن ئارتۇق دۆلەتكە تارقالغان نوپۇسنى، بۇ نوپۇسلار تارقالغان يەرلەرنىڭ جۇغراپىيىسى، بەلگىلىك بىر جۇغراپىيە بىلەن چەكلەنمىگەن ھەرتۈرلۈك مۇناسىۋەت ۋە ئالاقە بوشلۇقىنى ئىپادە قىلماقتىدۇر (دۇفويكىس، 2011:13).  باشقا بىر مەنىدىن « دىئاسپورا» ، ئەسلى جۇغراپىيەلىرىدىن ئىختىيارىي ياكى زورلۇق بىلەن ئايرىلىپ، باشقا جۇغراپىيەلەردە، باشقا خەلقنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان، ئەسلى جۇغراپىيەلىرى بىلەن ماددىي ۋە مەنىۋىي ھەرتۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنى داۋام قىلدۇرىۋاتقان ياكى ساقلاشقا ئۇرىنىۋاتقان مىللىي، دىننىي ياكى ئېتنىك ئاز سانلىق گۇرۇپپىلاردۇر.

2. دىئاسپورانىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرى

دىئاسپورا ئۇقۇمىغا مۇناسىۋەتلىك خېلى كۆپ تەتقىقاتچىلار پەرقلىق ئۆلچەم ۋە مودېل يارىتىشقا تىرىشقان. بۇ تەتقىقاتچىلاردىن بىرى بولغان ۋىللىيام سافران «دىئاسپورا» ئۇقۇمىنى، مەنسۇپلىرى تۆۋەندىكى ئالتە ئالاھىدىلىكنىڭ كۆپىنچىسىگە ئىگە بولغان ۋەتەنسىز ئېتنىك، دىننىي ۋە مىللىي ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارئۈچۈن قوللىنىشقا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە (سافران، 1991:83).

1) ئۆزلىرىنىڭ ياكى ئاتىلىرىنىڭ ئوخشاش «مەركەز»دىن ئايرىلىپ، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن جىق جۇغراپىيەگە تارقىلىشى،

2) ئانا يۇرتلىرىغا باغلانغان ئورتاق بىر كوللىكتىپ خاتىرىگە، ئورتاق ئاڭ، ئورتاق ئەسلىمە ۋە ئورتاق كەچۈرمىشكە ئىگە بولىشى ۋە بۇ كوللىكتىپ خاتىرە ۋە سېمۋوللۇق نەرسىلەرنىڭ قوغدىلىشى،

3) ساھىپخان ئۇلۇس ياكى كوللىكتىپ تەرىپىدىن تولۇق قوبۇل قىلىىنىشىنىڭ ئىمكانسىزلىقى ياكى ساھىپخان كوللىكتىپ تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغانلىقىغا ۋە قوبۇل قىلىنمىغانلىقىغا ئىشىنىشى ۋە بۇ سەۋەپتىن ئۆزلىرىنى بۇ يەرگە ئائىت ئەمەس دەپ ھېس قىلىشى،

4) ئىمكان ۋە شەرتلەر ئۇيغۇن بولغاندا، ئۆزلىرى ۋە ئەۋلادلىرى سېمۋوللۇق تۈردە مەۋجۇتلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە تەلپۈنگەن ئانا يۇرتلىرىغا قايتىش ئارزۇسىنىڭ ساقلىنىشى،

5) ئانا يۇرتلىرىنىڭ قوغدىلىشى، تەرەققىي قىلىشى، يېڭىدىن قولغا ئېلىنىشى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ قوغدىلىشى پۈتۈن ئەزالارنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكى ئېڭىنى ساقلىغان بولىشى،

6) ئانا يۇرتلىرى بىلەن بولغان ھېسسىي ۋە فىزىكىلىق باغلىنىشنى شەخسىي ياكى كوللىكتىپ بىر شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقان بولىشى.

سافران تىلغا ئالغان بۇ ئالاھىدىلىكلەر، 20- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى يەھۇدى دىئاسپوراسىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ماس كەلمەكتە. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئۆزلىرىنى «دىئاسپورا» دەپ ئاتىغان خېلى كۆپ كوللىكتىپنىڭ (مىسالەن: خىتاي دىئاسپوراسى ۋە ئافرىقا دىئاسپوراسى)  ھەتتاكى يەھۇدىي دىئاسپوراسىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئانچە ماس كەلمەي قالماقتا (يالدىز، 2013:303).

روبىن كوھىن، يەھۇدىي دىئاسپوراسىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ۋە دائىم ئۇمەنە ئۆزگىرىشىگە ئۇچراۋاتقان دىئاسپورا ئۇقۇمىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىگە ئىگە قىلىشقا تىرىشماقتا. بۇ سەۋەپتىن كوھىن سافراننىڭ ئۆلچەملىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا يەنە بۇ ئۆلچەملەرگە بەزى تۈزىتىشلەرنى كىرگۈزگەن. يەنى ئانا ۋەتەننىڭ غايە قىلىنىشىنى، بۇ دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ ساقلىنىشى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرگەن. بۇ ئالاھىدىلىكلەرگە يەنە تۆت ئۆلچەم قوشۇپ، دىئاسپورانىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكلىرىنى توققۇزغا چىقارغان. كوھىن تۈزگەن دىئاسپورانىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تۆۋەندىكىدەك كۆرسىتىش مۇمكىن (كوھىن، 1997:180):

1) ئانا يۇرتلىرىدىن كۈتۈلمىگەن بىر كىرزىس ياكى ئېچىنىشلىق ( ئۇرۇش،كېسەللىك،سۈرگۈن…) ۋەقە تۈپەيلىدىن ئايرىلىشى،

2) ئانا يۇرتلىرىدىن ئىش، تىجارەت ياكى كەڭ كۆلەملىك كۆچ-كۆچ قاتارلىق مەقسەتلەردە ئايرىلىشى،

3) ۋەتەنگە ئائىت ئورتاق بىر خاتىرە ۋە سەرگۈزەشتىگە ئىگە بولۇش،

4) سېمۋوللۇق شەكىلدە قوبۇل قىلىنغان بىر ئانا ۋەتەننىڭ غايە قىلىنىشى،

5) ئانا يۇرتلىرىغا قايتىشقا تىرىشىۋاتقان بولىشى،

6) بۇرۇندىن داۋاملاشتۇرىۋاتقان كۈچلۈك بىر ئېتنىك، مىللىي ياكى دىننىي ئاڭ بولىشى،

7) ساھىپخان دۆلەت ياكى ئۇلۇس بىلەن ئارىسىدا بەزى مەسىلىلەرنىڭ يۈز بېرىشى،

8) باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان نەسەپداشلىرى بىلەن ھەردائىم ھەمكارلىق ۋە ياردەملىشىش تۇيغۇسىنىڭ بولىشى،

9) ئۆزلىرىنى كەڭ قورساقلىق ۋە سەمىمىيلىك بىلەن كۈتىۋالغان ساھىپخان دۆلەتلەردە تېخمۇ ياخشى ياشاش ئېھتىمالىنىڭ يوق بولىشى.

كوھىن قوشقان «ئانا يۇرتلىرىدىن كۈتۈلمىگەن بىر كىرزىس ياكى ئېچىنىشلىق (ئۇرۇش، كېسەللىك، سۈرگۈن…) سەۋەپلەرتۈپەيلىدىن ئايرىلىشى» ۋە «ئانا يۇرتلىرىدىن ئىش، تىجارەت ياكى كەڭ كۆلەملىك كۆچ-كۆچ  قاتارلىق مەقسەتلەردە ئايرىلىشى» غا ئوخشاش ئ‍الاھىدىلىكلەر بۈگۈنكى دىئاسپوراغا ئېنىقلىما بېرىشتا ۋە ئومۇمىي رامكىسنىڭ شەكىللەندۈرىلىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىماقتا. بۇندىن بۇرۇن بېرىلگەن ئېنىقلىمىلاردا دىئاسپورا ئ‍ۇقۇمىدا، بەكرەك ئانا يۇرتلىرىدىن «مەجبۇرىي» ئايرىلغان ئېتنىك، مىللىي ياكى دىننىي كوللىكتىپلار مۇھىم ئ‍ورۇندا تۇتۇلغان بولسا،  كوھىننىڭ بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى دىئاسپورانىڭ ئ‍ۇقۇمىغا قوشۇشى بىلەن ئىش ئىزدەش، تىجارەت قاتارلىق، «ئىختىيارىي» كۆچۈش ھەرىكەتلىرى بىلەن ئ‍انا يۇرتلىرىدىن ئايرىلغان كوللىكتىپلارمۇ دىئاسپورا دائىرسىگە كىرگۈزۈلدى.

ئۇقۇمنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە خېلى كۆپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان گابرېئىل شەففىر «diaspora politics: At Home Abroad» ناملىق كىتابىدا، چەتئەلدە (ئ‍انا يۇرتلىرىدىن باشقا بىر جۇغراپىيەدە) ياشاۋاتقان كوللىكتىپنىڭ دىئاسپورا بولىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە (2013:9):

1) ئانا يۇرتلىرىدىن ئىختىيارىي ياكى مەجبۇرىي ھالدا ئايرىلىشى،

2) تەۋە كىشىلىرى ئوخشاش ئېتنىك، مىللىي ۋە دىننىي يىلتىزدىن كەلگەنلىكلىرىنى قوبۇل قىلغان بولىشى،

3) ئانا يۇرتىدىن باشقا بىر ياكى بىرنەچچە دۆلەت ياكى جۇغراپىيەلەردە ئاز سانلىق بولۇپ ياشاۋاتقان بولىشى،

4) تەۋە كىشىلەر بىر تەرەپتىن ئانا يۇرتىدىكى ۋە باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان نەسەپداشلىرى بىلەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقان بولىشى،

5) بۇ كولىكتىپقا تەۋە كىشىلەر بىر- بىرى بىلەن داۋاملىق قويۇق بولغان ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە بولىشى، ئىقتىسادىي،سىياسىي ۋە باشقا كوللىكتىپ تېمىلاردا ئاكتىپ بولىشى،

6) مەنسۇپلارئاكتىپ رول ئويناۋاتقان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى، سىياسىي، كۈلتۈر پائالىيەتلىرىدىن باشقا يەنە، ئانا ۋەتىنى، ساھىپخان دۆلەت ۋە باشقا خەلقئارالىق ئامىللار ئارىسىدا قۇرۇلغان مۇناسىۋەتكە تەسىر كۆرسىتىپ، دۆلەت ھالقىغان ئالاقە تورىنى شەكىللەندۈرگەن بولىشى.

كوھىن ۋە شاففىر تېخىمۇ كەڭ بولغان بىر قاراش بىلەن ، ئىش ئىزدەش،تىجارەت ۋە باشقا ئىختىيارىي كۆچۈش ھەرىكەتلىرى بىلەن ئانا يۇرتلىرىدىن ئايرىلغان كوللىكتىپلارنىڭمۇ دىئ‍اسپورانى شەكىللەندۈرەلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ. نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا كوھىن ۋە شاففىرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دىئاسپورا ئالاھىدىلىكلىرى، قاتناش ۋە ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى تەرەققىياتى بىلەن بىر ئىنساننىڭ دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر دۆلىتىگە ئاسانلا كۆچۈپ بارالايدىغان بۈگۈنكى دۇنيانىڭ دىئ‍اسپوراسىنى  تېخىمۇ ئېنىق ۋە تەپسىلىي بىر شەكىلدە ئىپادىلىمەكتە ۋە تەسۋىرلىمەكتە. شۇڭلاشقا ئانا ۋەتەنلىرىدىن باشقا يەردە ياشاۋاتقان ھەرقانداق بىر كوللىكتىپنى «دىئاسپورا» دەپ تونۇش ئۈچۈن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئالاھىدىلىك ۋە شەرتلەرنىڭ ئاساس قىلىنىشى، دىئاسپورا تېمىسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ بىر شەكىلدە كۈزىتىلىشىگە ۋە چۈشىنىلىشىگە ياردەم قىلماقتا.

3. دىئاسپورالارنىڭ تۈرلەرگە ئايرىلىشى

3.1. دىئاسپورالارنىڭ تەشكىللىنىش سەۋەپلىرى نۇقتىسىدىن تۈرلەرگە ئايرىلىشى

ئانا  ۋەتەنلىرىدىن ئايرىلىپ چەتئەلدە ياشاۋاتقان كوللىكتىپلارنىڭ تەشكىللىنىشىنىڭ ئارقىسىدا ئومۇمىي جەھەتتىن دىن، تىجارەت ، سىياسەت، ئوخشاش ئىرق ۋە ئوخشاش كۈلتۈرقاتارلىق سەۋەپلەرمەۋجۇتتۇر. يەنى بۇلارنىڭ ھەرقانداق بىرسى ياكى بىر نەچچىسىنىڭ بىرلىشىشى، دىئاسپورانىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىللاردۇر. مايكىل بىرۇنىئو بۇ ئامىللارنى ئاساس قىلىپ، تۆت تۈرلۈك دىئاسپورا تىپىنى تىلغا ئالماقتا (بىرۇنىئو، 2010:77) :

1) تىجارىي دىئاسپورالار: بۇ تۈردىكى كوللىكتىپ پەقەتلا تىجارىي مەقسەت، ماددىي مەبلەغ سېلىش ۋە قەدەم ئېلىش نەتىجىسىدە شەكىللىنىدۇ. تۈپ مەقسىتى تىجارەتتۇر. باشقا ھەممە نەرسىلەر بۇنىڭغا باغلىق ياكى ئارقا پىلاندىدۇر. خىتاي ۋە ھىندى دىئاسپوراسى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. ھىندى دىئاسپوراسى پەرقلىق ئېتىقادتىكى (مۇسۇلمانلار، ھىندىلار ۋە خىرىستىيانلار ۋە باشقىلار) كىشىلەرنىڭ تەشكىللىنىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەنلىكتىن، بۇ يەردە دىن ئاساسىي باغلىغۇچى ۋە شەكىللەندۈرگۈچى رول ئوينىمايدۇ. بۇ خىل دىئ‍اسپورا مەنسۇپلىرىنى بىر- بىرى بىلەن باغلاپ تۇرىدىغان ئ‍ەڭ مۇھىم نەرسە تىجارىي مەقسەت ۋە پايدىلىرىدۇر.

2) دىننىي دىئاسپورالار: بىر دىنغا باغلىق ۋە دىن ئاساسىدا شەكىللەنگەن كوللىكتىپتۇر. يەھۇدىي، يۇنان ۋە ئەرمەن دىئاسپورالىرى بۇنىڭغا مىسالدۇر. دىئاسپورا مەنسۇپلىرىنىڭ ئىشەنگەن دىنى، ئىلاھىي كىتاپلار، دۇئا تېكىستلىرى، ئىبادەت يەرلىرى (مەسجىد، سىناگوك ۋە چېركاۋ) ۋە مۇراسىملار، دىننىي دىئاسپورانىڭ ئەڭ مۇھىم ھەل قىلغۇچ ئامىللىرىدۇر.

3) سىياسىي دىئاسپورالار: ئانا ۋەتەنلىرى تاجاۋۇزچىلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندا ۋە دىئاسپورا مەنسۇپلىرىنىڭ بىردىنبىر غايىسىنىڭ ،مۇستەقىل بىر ئۇلۇس دۆلەت قۇرۇش بولغان ۋاقتىدا مەيدانغا كەلمەكتە. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى پەلەستىن دىئ‍اسپوراسىدۇر.

4) ئىرقىي ۋە كۈلتۈر دىئاسپورالىرى: دىئاسپورا مەنسۇپلىرى ئوخشاش ئىرق ياكى كۈلتۈرگە ئىگە بولغانلىقى ۋە بۇنىڭغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن تەشكىللەنمەكتىدۇر. ئورتاق بەرپا قىلغان كىملىكلىرىنىڭ ئېنىقلىنىشىدا يەنىلا ئىرق ۋە كۈلتۈرھەل قىلغۇچ ئورۇندىدۇر. مىسالەن، قارا تەنلىكلەر دىئاسپوراسى. ئافرېقا- ئامېرىكىلىقلىرىنىڭ بىردىئاسپورا ئاتىلىشىدا ، ئوخشاش رەڭ ۋە ئوخشاش ئىرققا ئىگە بولىشى؛ قۇل سودىسى ۋە چوڭ ئېتىزلارنىڭ قۇل ئىش كۈچى بولىشىغا ئو‍خشاش تارىخلىرى مۇھىم رول ئوينىماقتا.

 3.2. دىئاسپورانىڭ ئانا ۋەتەنلىرىنىڭ سىياسىي ئەھۋالى نۇقتىسىدىن تۈرلەرگە  ئايرىلىشى

شاففىر،دىئاسپورا جامائىتىنىڭ ئانا ۋەتەنلىرىنىڭ سىياسىي ئەھۋالى نۇقتىسىدىن بۇ ئۇقۇمنى، دۆلەتلىك (دۆلىتى بولغان) دىئاسپورالار ۋە دۆلەتسىز دىئاسپورالار دەپ ئىككىگە ئايرىيدۇ. دۆلەتسىز دىئاسپورا، ئەسلى ۋەتەنلىرى ئېنىق بىلىنمىگەن ۋە ياكى ۋەتەنلىرى باشقا ئۇلۇسلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان دىئاسپورانى كۆرسىتىدۇ (2003،23). دۆلەتلىك (دۆلىتى بولغان) دىئاسپورا بولسا مەۋجۇت بىر دۆلىتى ۋە مۇقىم بىر ئانا ۋەتىنىنى بولغان بىر ئەھۋالدۇر. مىسالغا ئېلىپ ئېيتساق، ئەنگىلىيەدىكى تۈرك دىئاسپوراسى.

3.3. دىئاسپورانىڭ تارىخي نۇقتىدىن تۈرلەرگە ئايرىلىشى

دىئاسپورانى تارىخي نۇقتىدىن تەتقىق قىلغان مىشەل رەيىس (2004:41) دىئاسپورانى ۋاقىت تەرتىپى بويىچە ئۈچ ئايرىم دەۋىرگە ئايرىيدۇ:

1) كىلاسسىك دىئاسپورالار: قەدىمقى زامانلاردىن تارتىپ 1500 – يىللارغىچە بولغان مەزگىلدە مەيدانغا كەلگەن دىئاسپورالار. مىسالەن، يۇنان دىئ‍اسپوراسى، يەھۇدى دىئاسپوراسى ۋە ئەرمەن دىئاسپوراسى.

2) يېقىنقى زامان دىئ‍اسپوراسى: 1500 – يىللاردىن 1945 – يىللىرىغىچە بولغان دەۋردە ئوتتۇرىغا چىققان دىئاسپورالاردۇر. مىسالەن، شىمالىي ئامېرىكىغا ۋە ياۋروپاغا قىلىنغان چوڭ كۆچۈشلەر بىلەن (ئۇرۇش، قۇللۇق، سۈرگۈن، ئىش ئىزدەشكە ئوخشاش ) شەكىللەنگەن دىئاسپورالار.

3) ھازىرقى زامان دىئاسپورالىرى: 1945 – يىللاردىن ھازىرغىچە بولغان مەزگىلدە شەكىللەنگەن دىئاسپورالار. مىسالەن، ئامېرىكىدىكى ئىسپانىكلەر.

رەيىسنىڭ تۈرلەرگە ئايرىشىغا ئاساسەن، بۇرۇنقى چوڭ ئاپەتلەر، ئۇرۇشلار، كېسەللىكلەر، سۈرگۈنلەر ۋە باشقا تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ، دىئاسپورانىڭ شەكىللىنىشىدىكى تەسىرلىرىنى چۈشىنىش نۇقتىسىدىن مۇھىم بىر رولغا ئىگە.

3.4. دىئاسپورا مەنسۇپلىرىنىڭ ئورنىغا ئاساسەن تۈرلەرگە ئايرىلىشى

ھەر دىئاسپورا ئەزاسىغا، ئۇياشاۋاتقان ساھىپخان دۆلەتتە خالىسۇن -خالىمىسۇن بىر ئىجتىمائىي ئورۇن  بېرىلمەكتە. بېرىلگەن بۇ ئورۇن، دىئاسپورا ئەزالىرىنىڭ ساھىپخان دۆلەتتە بولىشىنىڭ سەۋەبى ۋە مەقسىتىگە قارىتا بەلگىلەنمەكتە. بۇ نۇقتىدىن كوھىن (1997:179)، دىئ‍اسپورالارنى تېخى پەرقلىق بىر نۇقتىدىن تۈرلەرگە ئايرىماقتا.

1) مەزلۇم دىئاسپوراسى : ئافرىقىلىقلار،يەھۇدىلەر ۋە ئەمرمەنلەر.

2) ئىشچى دىئاسپوراسى : ھىندىلار، تۈركلەر

3) ئىشغال دىئاسپوراسى : ئ‍ىنگىلىزلار، فرانسۇزلار، ئىسپانلار.

4) تىجارەت دەئاسپوراسى : لىۋانلىقلار، خىتايلار

5) كۈلتۈر دىئاسپوراسى : كارىبلىقلار.

6) ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى

يېقىنقى زاماندا شەرقىي تۈركىستاندىن باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈش ھەرىكەتلىرى 20- ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدىن باشلىغان. 1933 – يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. 1944- يىلى قۇرۇلغان 2- قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى 1949 – يىلى يەنە خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن ئوخشىمىغان زامانلاردا، ئوخشىمىغان كۆچ-كۆچلەر مەيدانغا كەلگەن.  مۇستەقىل بىر ئۇلۇس دۆلىتىنىڭ مۇنقەرز بولىشى بىلەن بىرلىكتە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ قىلغان زۇلۇملىرى كەڭ كۆلەملىك كۆچۈشلەرگە سەۋەپ بولغان.

1933 – 1964 – يىللىرى ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستاندىن ئوخشىمىغان دۆلەتلەرگە كۆچۈشلەر مەيدانغا كەلگەن. 1935 – 1937 – يىللىرىدا مەخمۇت مۇھىتى بىلەن بىر كۆچ-كۆچ مەيدانغا كەلگەن. ئوخشاش ۋاقىتتا ئالتايدىنمۇ قازاقلار توپ-توپ بولۇپ كۆچكەن. 1949 – يىلىدا ئەيسا ئەلىبەگ ھاكىم، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، ھۈسەيىن تەيجى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە دەلىخان جانئالتايغا ئوخشاش مۇھىم شەخسلەر ھىندىستان ۋە پاكىستانغا كۆچكەن. 1949- يىلى 11- سېنتەبىر، 17- سېنتەبىر ۋە 20- سېنتەبىرلەردە  جانىمخان ھاجى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن  باشچىلىقىدىكى جامائەت شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلغان. بۇ كۆچۈشنىڭ سەۋەبى پەقەتلا ياخشى ھايات شارائىتىغا ئېرىشىش ياكى جاننى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئەمەس ، بەلكى ئانا ۋەتىنىدە  قىلىشقا ئامالسىز قالغان مۇستەقىللىق كۈرىشىنى داۋام قىلىش ئىدى.

ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قالغان بۇ جامائەت بېشىدا تۈركىيەدىن باشلاپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، پاكىستان ۋە ئافغانىستانغا يەرلەشكەن. تۈركىيەگە يېتىپ بارغان جامائەت 1952 – يىلى 10 – مارت كۈنى تۈركىيە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ قارارى بىلەن «رەسمىي كۆچمەن» سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. 1952 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەگە كەلگەن شەرقىي تۈركىستانلىق كۆچمەنلەر: نىدە ۋىلايىتى، ئ‍اقساراي كازاسى سۇلتانخان ناھىيە مەركىزىگە ، مانىسا ۋىلايىتى سالىھلى كازاسى مەركىزىگە، قەيسەرى ۋىلايىتىنىڭ دەۋەلى كازاسى سىندەلھۆيۈك ۋە قاراجاۋىران يېزىلىرى بىلەن يەھيالى كازاسىغا تەۋە كوپچى ۋە غوجاھاجىللىق يېزىلىرىغا، شەرقىي تۈركىستالىق كۆچمەنلەرنىڭ ئۆز يۇرتلىرىنىڭ نامىنى بەرگەن نىدە ۋىلايىتىنىڭ ئۇلۇقىشلا كازاسىغا تەۋە ئالتاي يېزىسىغا، كونيا ئەرەگلىسىگە، كونيا ۋىلايىتى مەركىزىي يېزىلىرىدىن ئىسمىلغا، ئادا بازىرىنىڭ مەركىزىگە يەرلەشكەن. 1960 – يىلىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا بېيجىڭدا ئىمزالانغان (ئافغانىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى چېگرا ئەركىنلىكى) كېلىشىمىدىىن خەۋەر تاپقان مەھمەت قاسىم جانتۈرك 130 كىشىلىك بىر جامائەت بىلەن 1961 – يىلى ئافغانىستانغا كۆچكەن (تۇنجەر: 2014) ، 1961 – يىلىدا ئافغانىستانغا كۆچۈپ بارغان شەرقىي تۈركىستانلىق كۆچمەنلرنىڭ تۈركىيەگە «رەسمىي كۆچمەن» بولۇپ ئېلىپ كېتىلىشى ھەققىدە ئىزدەنگەن ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ماقۇل جاۋپ ئالغاندىن كېيىن ئافغانىستاندىكى بىر قىسىم شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى تۈركىيەگە رەسمىي كۆچمەن قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان (تۇنجەر، 2018؛217).

(رەسىم – 2: 1965 – يىلى ئافغانىستاندىن تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار. 1965 – يىل، تۈركىيە قەيسەرى.)

1967 – يىلىدىن كېيىنىكى دەۋرلەردە كەڭ كۆلەملىك كۆچۈشلەر مەيدانغا كەلمىدى. مىڭلارچە ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمى، يارىلىنىشى ۋە يوقاپ كېتىشىگە سەۋەپ بولغان 2009 – يىلىدىكى 5 – ئىيۇل قەتلىئامىدىن كېيىنمۇ پەقەت ئاز ساندىكى بىرقىسىم ئۇيغۇرلار چەتئەلگە چىقالىغان. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قويغان  ساياھەت چەكلىمىسى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئالالماسلىقى ۋە چېگرا ۋە تاموژنىلارنىڭ بىر تال چىۋىنمۇ ئۇچالمىغۇدەك دەرىجىدە قاتتىق كونتىررول قىلىنىشى ئىدى. بۇ سەۋەپتىن مەيلى قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز يوللاردىن بولسۇن چېگرا سىرتىغا چىقىش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى.

بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدىن باشلاپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، پاكىستان ۋە ئافغانىستانلار بىلەن بىرگە ئامېرىكا، ھىندىستان، كانادا، ياۋروپا، روسىيە، ياپونىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاش ئ‍ۈچۈن كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەۋجۇت.

ئانا ۋەتەنلىرى ئۈچۈن، ئانا ۋەتەنلىرىدىن ئايرىلىپ، ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، گابرېئىل شاففىرنىڭ چەتئەلدە (ئانا يۇرتلىرىدىن باشقا بىر جۇغراپىيەدە) ياشاۋاتقان جامائەتلەرنىڭ دىئاسپورا سالاھىيىتىگە ئىگە بولىشى ئۈچۈن بەلگىلىگەن ئالاھىدىلىكلەر نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىنغاندا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىزاھلىغىلى بولىدۇ:

1) چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردىن سىرت، كۆپچىلىك ئۇيغۇرلار ئۆز كىملىكىنى، دىنىنى، كۈلتۈرىنى ۋە ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. ھەتتاكى ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغانلىقى ئۈچۈن، جېنىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن چىققانلارمۇ بار.

2) شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈپ چىققانلار يالغۇز ئۇيغۇرلارلا ئەمەس. ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە يەنە قازاق، قىرغىز ۋە ئۆزبېكلەرمۇ شەرقىي تۈركىستاندىن كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئ‍ۇيغۇرلار بولسۇن ياكى باشقىلار بولسۇن، ئارىسىدا ئاز-تولا پەرقلەر بولسىمۇ، ئوخشاش ئېتنىك ۋە دىندىن كەلگەنلىكىنى قوبۇل قىلىشىدۇ ۋە چەتئەلدە ئوخشاش نىشان ئۈچۈن تەشكىللىنىدۇ. مىسالەن، قازاقىستان ۋە تۈركىيەدىكى بەزى تەشكىلاتلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى.

3) ئانا ۋەتەنلىرىدىن باشقا بىر ياكى بىر قانچە دۆلەتتە ئاز سانلىق بولۇپ ياشايدۇ. مىسالەن: تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە باشقا دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائەتلىرى بار.

4) شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلغانلار، بىر تەرەپتىن ئانا ۋەتەندىكى ۋە يەنە بىر ياندىن باشقا دۆلەتلەردىكى قان- قېرىنداشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

5) بۇ جامائەتنىڭ ئىچىدىكىلەر رېئال ھاياتتا بولسۇن ۋە ياكى ئالاقە دۇنياسىدا بولسۇن بىر- بىرلىرى بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ئىچىدىدۇر. سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا كوللىكتىپ مەقسەتلەر ئۈچۈن تەشكىللىنەلەيدۇ.

6) ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان ئىجتىمائىي، كۈلتۈر، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، دىئاسپورا ئەزالىرى ئانا يۇرتلىرى، ساھىپخان دۆلەتلەر ۋە باشقا دۆلەتلەر ئارىسىدا قۇرۇلغان مۇناسىۋەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، دۆلەت ھالقىغان ئالاقە تورىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ مەنىدىن، يېقىندىن بۇيان خېلى كۆپ ئ‍ىككىنجى ۋە ئۈچىنجى دۇنيا ئەللىرى ئۆز چېگرىلىرى ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قارشى كوزىر سۈپىتىدە ئىشلىتىشى ۋە ھەتتا خىتاينىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۇيغۇرلارنى خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى بۇنىڭ تىپىك بىر  مىسالىدۇر.

يۇقىرىدىكىلەردىن شۇنى كۆرۈپ يېتەلەيمىزكى، شاففىرنىڭ ئانا ۋەتەنلىرىدىن باشقا دۆلەتلەردە ياشايدىغان ھەرقانداق بىر جامائەتنى «دىئاسپورا» دەپ قوبۇل قىلىش ئۈچۈن قويغان شەرتلەر ۋە ئالاھىدىلىكلەرنى ئاساس قىلغىنىمىزدا، چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى  تىلغا ئېلىنغان ھەممە ئالاھىدىلىك ۋە شەرتلەرگە تولۇق دېگۈدەك چۈشمەكتە ۋە ھەقىقىي بىردىئاسپورا دەپ قارالماقتا.

ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇش ئۈچۈن، بۇ دىئاسپورانىڭ تەشكىللىنىش سەۋەبى، ئانا ۋەتىنىنىڭ سىياسىي ئەھۋالى، مەيدانغا كېلىش تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى ۋە ئەزالىرىنىڭ ياشاۋاتقان دۆلەتلىرىدىكى ئورنىغا قاراش پايدىلىقتۇر.

ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەپلىرىگە قارىغىنىمىزدا:

مىشەل بىرۇنىئوغا ئاساسەن، ئانا ۋەتەنلىرىدىن ئايرىلىپ، چەتئەلدە ياشاۋاتقان جامائەتلەرنىڭ تەشكىللىنىشىنىڭ ئارقىسىدا ئاساسەن دىن، تىجارەت، سىياسەت، ئوخشاش ئىرق ۋە كۈلتۈرگە ئوخشاش ئامىللار يەر ئالماقتا. يەنى بۇلارنىڭ ھەرقانداق بىرسى ياكى بىرنەچچىسىنىڭ بىرىكىشى دىئاسپورانىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئاساسلىق ئامىلدۇر (2010:77). بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنى سىياسىي دىئاسپورا ياكى ئ‍ىرقچىل ۋە ياكى كۈلتۈر دىئاسپوراسى دەپ تۈرگە ئايرىش مۇمكىن. يەنى ئانا ۋەتەنلىرى خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ۋە دىئاسپورا ئەزالىرىنىڭ مەقسىتى يالغۇز، بىر مۇستەقىل ئۇلۇس دۆلىتى قۇرۇشتۇر. تەشكىللىنىش سەۋەپلىرى بۇ غايە ئۈچۈندۇر. يەنە دىئاسپورا ئەزالىرى ئوخشاش ئىرق ۋە كۈلتۈرگە ئىگە بولغانلىقى، ئوخشاش كىملىككە ئىگە بولغانلىقى ۋە بۇنىڭغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈنمۇ بىرلىشىدۇ. چۈنكى چەتئەلدە ياشايدىغان  بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردا ، مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇش  ئارزۇسى بولمىسىمۇ، ئوخشاش كۈلتۈر ۋە نەسەپتىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئ‍ۇيغۇر جامائىتىگە قوشۇلماقتا ۋە بۇ سەۋەپتىن تەشكىللەنمەكتە.

ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ ئانا ۋەتەنلىرىنىڭ سىياسىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا:

گابرىئىل شاففىر، دىئاسپورا ئاتالغان جامائەتلەرنىڭ ئانا ۋەتەنلىرىنىڭ سىياسىي ئەھۋالىدىن دىئاسپورالارنى، دۆلىتى بولغان ۋە دۆلەتسىز دىئ‍اسپوراغا ئايرىماقتا (2003:23). بۇ نۇقتىدىن ، ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنى «دۆلەتسىز دىئاسپورا» دەپ ئاتىيالايمىز. ئانا ۋەتەنلىرى تاجاۋۇزچىلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ۋە باشقۇرۇشى ئاستىدىدۇر. دىئاسپورا ئەزالىرى، ئانا ۋەتەن دەپ بىلگەن جۇغراپىيەدە كونكېرت بىر ۋەتەنگە ئىگە بولسىمۇ، مەۋجۇت بىر دۆلىتى يوق. ئۇيغۇرلاركونكېرت ۋە مۇستەقىل بىر ئۇلۇس دۆلىتىنى قۇرۇشنى غايە قىلغان ۋە بۇ مەقسەتتە تەشكىللەنمەكتە.

ئۇيغۇر دىئاسپوراسى مەيدانغا كەلگەن تارىخي دەۋرگە قارىغاندا:

مىشەل رەيىس دىئاسپورانى ۋاقىت تەرتىپى بويىچە ئۈچ ئايرىم دەۋرگە ئايرىماقتا. كىلاسسىك دىئاسپورالار، يېقىنقى زامان دىئاسپورالىرى ۋە ھازىرقى زامان دىئاسپوراسى (2004:41). رەيىسنىڭ ئايرىشىغا ئاساسەن ، ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ھازىرقى زامان دىئاسپوراسىغا تەۋەدۇر.

گەرچە بۇنىڭدىن ئۇزۇن زامانلار بۇرۇن ۋەتىنىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلار بولسىمۇ، ئۇلار بارغان دۆلەتلىرىدە يەرلىكلەرگە ئارىلىشىپ، ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەن ياكى ئۇلاردا ۋەتەنگە قايتىش ئارزۇسى بولۇپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى دىئاسپورا دېيىش تەس. شۇڭلاشقا ھەقىقىي مەنىدىن ئانا ۋەتەنلىرىگە قايتىش ئارزۇسى ۋە ئۆز كىملىكىنى قوغداش غەيرىتى بىلەن ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى 1945 – يىلىدىن كېيىن شەكىللىنىشكە باشلىغان. بۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنى ھازىرقى زامان دىئاسپوراسى دېيىشكە لايىقتۇر.

دىئاسپورا ئەزالىرىنىڭ ياشاۋاتقان دۆلەتلىرىدىكى ئورنىغا قارىغاندا:

ھەر دىئاسپورا ئەزاسىغا، تۇرىۋاتقان دۆلىتىدە ياكى جۇغراپىيەسىدە خالار- خالىماس بىر ئىجتىمائىي ئورۇن ياكى نام بېرىلمەكتە.  بېرىلگەن بۇ ئورۇن، دىئاسپورا ئەزالىرىنىڭ ئۇ دۆلەتتە ياشاش سەۋەپلىرى ۋە مەقسەتلىرىگە قارپ بەلگىلەنمەكتە. دىئاسپورانى بۇ نۇقتىدىن كۈزەتكەن كوھىن، دىئاسپورالارنى مەزلۇم، ئىشچى، تىجارەت ۋە كۈلتۈر دىئاسپوراسى قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىماقتا (1997:179). ھەقسىزلىققا ئۇچرىغان ۋە ھەققى تارتىۋېلىنىپ، ئانا ۋەتەنلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ۋە ياشاۋاتقان دۆلەتلىرىدىكى ساھىپخان جامائەتنىڭ نەزىرىدە مەسۇمانە بىر يەرگە ئىگە بولغان پەلەستىن دىئاسپوراسىغا ئوخشاش، ئۇيغۇر دىئاسپوراسىمۇ بىر مەزلۇم دىئاسپوراسىدۇر.

5. ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى

دۇفويكىس (2011:66)، چەتئەلدە ئورتاق تەجرىبىنىڭ قۇرۇلما ئۇسلۇبى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۆت پەرقلىق تىپنى تەۋسىيە قىلماقتا. بۇ قۇرۇلما تىپلىرىنى تۆۋەندىكى 1 – شەكىلدە تېخىمۇ ئېنىق شەكىلدە كۆرىۋېلىش مۇمكىن.

1 – شەكىلدە كۆرسىتىلگىنىدەك، چەتئەلدە ياشاۋاتقان جامائەتلەرنىڭ قۇرۇلما ئۇسلۇپلىرى مەركەز-ئەتراپ، سىرتقا يېپىق، ئاتوپىك ۋە قارشىلاشقۇچى قاتارلىق تۆت پەرقلىق شەكىلدە تەھلىل قىلىنماقتا. دۇفويكىسقا نىسبەتەن (2011:66):

1) مەركەز – ئەتراپ قۇرۇلمىسى: كۆچۈپ بارغان دۆلەتتە، كۆچۈش نەتىجىسىدە بىر جامائەتنىڭ مەۋجۇت بولىشى ۋە بىرلىكتە تۇرىشى، بۇ كۆچمەنلەرنىڭ ئانا ۋەتەنلىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىكتۇر. (رەسمىي ئورگانلار بولۇپمۇ ئەلچىخانا، كوسۇلخانا، كۈلتۈر مەركەزلىرى ۋە باشقىلار). ئورگانلار بىلەن بىرلىكتە بۇ كۆچمەنلەرگە ۋاكالەتلىك قىلىدىغان تەشكىلات، ۋەخپىلەرگە ئوخشاش ھۆكۈمەتسىز ئورگانلارمۇ كۆچمەنلەر بىلەن ئانا ۋەتىنى ئوتتۇرىسىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھەتتا دۆلەت چەتئەلدە ياشايدىغان پۈتۈن پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن بۇ تەشكىلات ۋە ۋەخپىلەرنى يىغىپ، پۇقرالىرىنى تەشكىللىمەكتە. مەيلى رەسمىي ياكى بىرەسمىي  ئورگانلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن بولسۇن ياكى ۋاستىسىز بولسۇن، چەتئەلدە ياشايدىغانلار ئانا ۋەتەنلىرى بىلەن ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك ياكى بىۋاستە باغلىنىشلىق.

2) سىرتقا يېپىق قۇرۇلما : كۆچۈپ بارغان دۆلەتتە ئومۇمىي جەھەتتىن بىر شەھەرنىڭ مەلۇم مەھەللىلىرىدە ياشايدىغان جامائەتنىڭ تەشكىللىنىشىدۇر. مەھەللىنى ئاساس قىلىپ تەشكىللىنىپ، جامائەت شەكلىدە ياشاشقا تىرىشىدىغان بۇ كۆچمەنلەر، كۆپىنچە ۋاقىتتا شەھەر تۈزۈلمىسىنىڭ ئىچىدە يەر ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، ئوخشاش ئىرق ۋە ئوخشاش نەسەپتىن كەلگەنلىكى ئ‍ۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئوخشاش ھايات شارائىتىغا ئىگە بولغانلىقلىرى ئۈچۈن بىرلىككە كېلىدۇ ۋە تەشكىللىنىدۇ. يەرلىك سەۋىيەدە ۋە تار دائىرىدە پائالىيەت قىلىدۇ ۋە ھەمكارلىشىدۇ. مەركەز-ئەتراپ قۇرۇلمىسىنىڭ ئەكسىچە، بۇ قۇرۇلما ئۇسلۇبىدا كۆچمەنلەرنىڭ بىرلىكتە بولۇش سەۋەبى رەسمىي بىر مىللىي مۇناسىۋەتكە ئەمەس، ئوخشىشىدىغان كىملىك ۋە ھايات شارائىتىغا تايىنىدۇ. ئايرىم ئېيتقاندا، بۇ كۆچمەنلەرنىڭ ئانا ۋەتەنلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاجىزۋە ھەتتا ھېچ يوق.

3) ئاتوپىك قۇرۇلما: بۇ دۆلەت ھالقىغان بىر قۇرۇلما ئۇسلۇبىدۇر. ئەمما فىزىكىلىق مەنىدىن مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇش ياكى تۇپراققا ئىگە بولۇشتەك دەرتلىرى ياكى خىياللىرى يوق. كۆچۈپ بارغان دۆلىتىنىڭ پۇقراسى بولماي، ئۇ دۆلەتنىڭ كىملىك ۋە كۈلتۈرىگىمۇ ماسلاشماي دۆلەتلەر ئارىسىدا ياشايدۇ. ئورتاق بىر نەسەپ، ئېتنىك ياكى دىننىي كىملىك ئەتراپىدا شەكىللەنگەن ھاياتتا ياشاش غەيرىتىدۇر. جىق دۆلەتلەردە ھاياتىنى ياشايدۇ. كۆپلىگەن ماكانلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان ۋە تىللاردا تەسۋىرلەنگەن بىر بوشلۇقتىن باشقا تۇپرىقى بولمىغان بىر جۇغراپىيە ۋە بۇ جۇغراپىيەنىڭ پۇقرالىرى. ئاتوپىك قۇرۇلمىدا، پۇقرالار دۆلەتكە تامامەن قىززىقمايدۇ. مەسىلەن، رومانلار.

4) قارشىلاشقۇچى قۇرۇلما ئۇسلۇبى : دىئاسپورانىڭ بۇ خىل قۇرۇلمىسى ئاتوپىك قۇرۇلمىغا ئوخشاش دۆلەت ھالقىغان بىر قۇرۇلمىدۇر. پەقەت ئانا ۋەتەنلىرىدە مەۋجۇت بولغان ھاكىمىيەتنىڭ بارلىقىنى ۋە قانۇنلۇقلىقىنى رەت قىلىدىغان، ئۆز تۇپراقلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ياكى قىلىنغانلىقىنى ئويلايدىغان ئىنسانلاردىن تەركىپ تاپقان دۆلەت ھالقىغان بىر قۇرۇلمىنى كۆرسەتمەكتىدۇر.

ئەلۋەتتە مۇنداق بىر قارشىلاشقۇچى خارەكتېرگە ئىگە دىئاسپورانىڭ مەقسىتى، ئۆز ۋەتىنىنى، ئۇلۇسىنى ۋە تۇپراقلىرىنى ئىشغالچىلاردىن قۇتقۇزۇشتۇر. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ چوڭ كۈچلەر تەرىپىدىن قوللىنىشى ۋە تونىلىشى ئۈچۈن تىرىشىدۇ. بەزى ئەھۋاللاردا بۇ كۈرەش دىپلوماتىك يوللار بىلەن ئېلىپ بېرىلسىمۇ، بەزى ئەھۋاللاردا ئۇرۇش شەكلىدە ئەمەلىيلىشىدۇ.

شەكىل – 1: چەتئەلدىكى ئورتاق كەچمىشنىڭ قۇرۇلما تۈرلىرى

دىئاسپورانىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۆت پەرقلىق قۇرۇلما ئۇسلۇبىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر دىئاسپوراسى قارشىلاشقۇچى دىئاسپورا شەكلىدە ئورۇن ئالماقتا. يەنى ئانا ۋەتەن بىلگەن بىر مىليون 800 مىڭ كۋادرات كېلومېتىرلىق شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسى، خىتايلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ۋە دىئاسپورانى تەشكىل قىلغان ئەزالارمۇ بۇ ئىشغالنى ۋە ھاكىمىيەتنى رەت قىلماقتا. ھەم شەخس، ھەم دىئاسپورا شەكلىدە سۈرگۈن ھاياتىنىڭ مەقسىتى ئانا ۋەتەنلىرىنى ئىشغالچىلاردىن قۇتقۇزۇشتۇر. . ئۇيغۇرلاربۇ نىشانغا يېتىش ئ‍ۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقىنىدا قورال- ياراق، ئۇرۇش ياردىمى ۋە باشقا ئىمكانلار بولمىغانلىقتىن،  دىپلوماتىك يوللارنى قوللىنىپ،  مۇستەقىللىق داۋاسىنىڭ ھەقلىق ۋە يوللۇقلىقنى ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە بەزى غەرپ دۆلەتلىرى تەرىپىدىن  ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا. ئانا ۋەتەنلىرىدىكى مەۋجۇت ھاكىمىيەت بىلەن ياكى رەسمىي دۆلەت بىلەن زىت بىر مۇناسىۋەتتە بولغان ئۇيغۇر دىئاسپوراسى، ئانا ۋەتەنلىرى بىلەن تاق يۆنىلىشلىك بىرئالاقە ۋە مۇناسىۋەت ئىچىدە. ئانا ۋەتەنلىرىنى سېغىنىدۇ، ئېرىشىشنى ئويلايدۇ، يېڭىدىن قۇرۇشنى ۋە قايتىشنى ئويلايدۇ. ئەمما ئانا ۋەتىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت  نۇقتىسىدىن  ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ يېتەرسىزلىكى  بولسا پەن-تېخنىكا بىلەن قوراللانغان 21- ئەسردە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئانا ۋەتىنى بىلەن ئالاقىسىنىڭ بولماسلىقى ۋە بۇ ۋەجىدىن ئانا ۋەتەننىڭ، ئۇزاقلاردا ئۆزىگە بولغان بۇ خىل شەكىللىنىشنىڭ بارلىقىدىن، تەلپۈنۈش  ۋە مۇستەقىللىق داۋاسىنىڭ بارلىقىدىن بىخەۋەر قېلىشىدۇر.

ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ باشقا نۇرغۇن دىئاسپورالارغا ئوخشىمايدىغان بىر تەرىپى ئىچكى ۋە سىرتقى دىئاسپوراغا ئايرىلىشىدۇر. 1964 – يىلىدىن كېيىن ئەرمەن دىئاسپوراسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېگراسى ئىچىدىكى ئىچكى دىئاسپورا ۋە بۇ چېگرىنىڭ سىرتىدىكى سىرتقى دىئاسپورا دەپ بۆلۈنگىنىدەك، ئۇيغۇر دىئاسپوراسىمۇ خىىتاينىڭ چېگرىسى ئىچىدىكى ئىچكى  دىئاسپورا ۋە بۇ چېگرىنىڭ سىرتىدىكى سىرتقى دىئاسپورا دىن تەشكىل تاپماقتا.

پەقەت ئۆزىنىڭ قىممەت، كۈلتۈر ۋە كىملىكلىرىنىڭ قوغدىلىشى ۋە داۋاملىشىشى ئۈچۈن تىرىشىش بىلەن كۇپايىلەنگەن ۋە ئومۇمىي جەھەتىىن ئۇنىۋېرسىتىت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاز بىر قىسىم تىجارەتچىلەردىن تەشكىل تاپقان بۇ ئىچكى دىئاسپورا نىڭ سىرتقى دىئاسپورادىن ئەڭ مۇھىم پەرقى بولسا، ھېچقانداق بىر سىياسىي تەشكىللىنىش ياكى مۇستەقىللىق داۋاسى ئېلىپ بارمىغانلىقىدۇر.

خۇلاسە

«دىئاسپورا» ئۇقۇمىنىڭ ئاساسىغا قارىغاندا، ئارقىدىكى نەرسىنىڭ زورلاش ۋە چارىسىزلىك ئىكەنلىكىنى دېيىش مۇمكىن. دىئاسپورالار، بىر كىمنىڭ شۇنداق بىر ھاياتنى خالغانلىقىدىن مەيدانغا كەلگەن ئەمەس. ئۇ بىر مۇشەققەتلەر، ئازاپلار ۋە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار بىلەن تولغان ياشاش شەكلىدۇر. خالانغان ۋە ئارزۇ قىلىنغان بىر ھايات شەكلى ئەمەستۇر. دىئاسپورا ئەزالىرىنى بىرلەشتۈرگەن ۋە بىر- بىرىگە باغلىغان نەرسە بولسا، بۇ خىل ھاياتقا سەۋەپ بولغان ئورتاق كەچۈرمىىش، ئورتاق خاتىرە، ئازاپ، زورلاش ۋە چارىسىزلىكلەر ۋە بۇلارغا سەۋەپ بولغا ھادىسىلەردۇر.

تەشكىللىنىش سەۋەپلىرى سياسىي، ئىرقىي ۋە كۈلتۈر ئاساسلارغا تايانغان ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ئورتاق كەچۈرمىش، ئورتاق خاتىرە، ئورتاق ئازاپ، ئورتاق زورلۇق ۋە چارىسىزلىكتىن ، ئوخشاش كىملىككە ئىگە بولغانلىقى ۋە بۇنىڭغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن بىرلىكتە ياشىماقتا. ئانا ۋەتەنلىرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان بۇ جامائەت «دۆلەتسىز دىئاسپورا» دەپ ئاتالماقتا. دىئاسپورا ئەزالىرى ئانا ۋەتەن بىلگەن جۇغراپىيەسىدە كونكېرت بىر ۋەتەنگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما مەۋجۇت بىر دۆلىتى يوقتۇر. كونكېرت ۋە مۇستەقىل بىر ئۇلۇس دۆلىتى قۇرۇشنى غايە قىلماقتا ۋە ئومۇمىي جەھەتتىن بۇ نىشان ئۈچۈن تەشكىللەنمەتكتە. بىرىجى دۇنيا ئۇرۇشىىن كېيىن شەكىللىنىشكە باشلىغان ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنى، تارىخىي نۇقتىدىن «ھازىرقى زامان دىئاسپوراسى» دەپ تونۇش مۇمكىن.  ياشاۋاتقان دۆلەتلىرىدە مەسۇم بىر ئورۇنغا ئىگە بولغانلىقتىن، پەلەستىن ۋە سۈرىيە دىئاسپوراسىغا ئوخشاش «مەزلۇم دىئاسپورا» دەپ بىلىنمەكتە. قارشىلاشقۇچى خۇسۇسىيىتى بىلەن تەشكىللەنگەن بۇ دىئاسپورا، ئانا يۇرتلىرىنى، ئۇلۇسىنى ۋە زېمىنىنى ئىشغالچى خىتايلاردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دىپلوماتىك يوللار بىلەن كۈرەش قىلماقتا. مۇستەقىللىق داۋاسىنىڭ ھەقلىقىنى قوغداش ۋە بۇنىڭ كۈچلۈك دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن يول ئىزدىمەكتە.

بۇ ماقالە ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرى، قۇرۇلما ئۇسلۇبى ۋە قىسقىچە تارىخى ھەققىدە توختالدى. بۇ ئۇيغۇر دىئاسپوراسىغا كىرىش باسقۇچىدۇر. ئەلۋەتتە مەۋجۇتلۇق ئۇرۇنىشى ۋە مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى كۈنسېرى قىيىنلىششۋاتقان ئۇيغۇر دىئاسپوراسى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە تەپسىلىي ئىزدىنىش كېرەك بولغان بىر تېمىدۇر. ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ئۇچىرىغان مەسىلىلەر (سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە كۈلتۈر نۇقتىسىدىن)، مەۋجۇت جۇغراپىيەسىدىكى سىياسىي سستىما بىلەن مۇناسىۋىتى؛ مەۋجۇت جۇغراپىيەسىدىكى سىياسىي سېستىمىنىڭ خىتاي دۆلىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئانا ۋەتەنلىرىنىڭ مەۋجۇت ئەھۋالى نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىنىشى، تېمىنىڭ تېخىمۇ ياخشى يورۇتۇلۇپ بېرىلىشىغا پايدىلىقتۇر.

ئەسكەرتىش: پايدىلانغان مەنبەلەرنى ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسىدىن كۆرۈڭ.

ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسى: Uygur Diasporasının Yapısal Özellikleri

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top