You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » شەرقىي تۈركىستاندىكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرى

شەرقىي تۈركىستاندىكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرى

پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت (ئەگە ئۇنىۋېرسىېتىتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئېنىستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كېڭەش كومىتېتى رەئىسى)

ئۇيغۇرچىسىنى تەييارلىغۇچى: ئابدۇرېھىم پاراچ

جەدىتچىلىك 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرى تاتار زىيالىيسى ئىسمائىل غاسپىرالى باشچىلىقىدا، روسىيە مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مائارىپتىكى ئىسلاھات ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

جامالىددىن ئافغانىغا ئوخشاش ئىسلاھاتچى ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە نەزەرىيە ۋە ئىدىيەۋى ئاساسىنى تاپقان بۇ ھەرىكەت، دەسلەپتە ئەنئەنىۋى مەدىرىس ئۇسۇلىنى تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا زامانىۋى مائارىپ سىستېمىسىنى دەسسىتىش مەخسىدى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەسىرى پەقەت شۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان ئىدى.

قازاننىڭ قىرىمنى مەركەز قىلغان، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ ھەرىكەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيانى قاپلىغان ۋە باراۋەرلىك، ھۆرلۈك، مۇستەقىللىق، مىللىي دۆلەت قاتارلىق ئەھمىيەتكە ئىگە نوتۇقلار بىلەن بۇ رايونلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ئوبرازىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكەن. ئوتتۇرا ئاسىيا جۇغراپىيەسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان شەرقىي تۈركىستانمۇ بۇ تەرەققىياتلارنىڭ سىرتىدا قالمىغان.

شەرقىي تۈركىستاندىكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتى مائارىپىدا «كونا ئۇسۇل» دىن «يېڭى ئۇسۇل» غا ئۆتۈش جەريانى 19. ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «پەننى مەكتەپ»، «يېڭىچە مەكتەپ»، «يېڭى مائارىپ تۈزۈمىدىكى مەكتەپ» دىگەندەك ئىسىملار بىلەن ئاتالغان مەكتەپلەرنىڭ بارلىققا كىلىشى 1870- يىللارغا تۇتۇشىدۇ. 1884- يىلى ئىسمائىل غاسپىرالى باغچىسارايدا ئاچقان «ئۇسۇلى جەدىت ئوقۇلى» غا ئوخشايدىغان «ئۇسۇلى جەدىت مەكتىپى» ياكى «جەدىت مەكتىپى» دەپ ئاتىلىدىغان مەكتەپلەر 1910- يىللاردىن باشلاپ قۇرۇلغان. ئەمما، مەيلى «پەننى مەكتەپ» ياكى «يېڭىچە مەكتەپ» بولسۇن، مەيلى «ئۇسۇلى جەدىت مەكتىپى» ياكى «جەدىت مەكتىپى» بولسۇن ئۆتۈلىدىغان دەرسلىك ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى كۆپ پەرق قىلمايتتى. شۇنداق بولغاچقا «ئۇسۇلى جەدىت» مەكتەپلىرى بىلەن «پەننى مەكتەپ»لەر بەزىدە بىر بىرى بىلەن ئارلىشىپ كىتىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاندا تۇنجى بولۇپ «پەننى مەكتەپ»، «يېڭىچە مەكتەپ» لەرنى ئاچقانلار مۇساباي ئاكا-ئۇكىلار ئىدى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئاكا-ئۇكا مۇسابايلار دىگەن ئىسىم بىلەن تونۇلغان مەشھۇر سودىگەر باۋۇدۇن باي ۋە ھۈسەين باي 1870- يىللىرىدىن باشلاپ مائارىپ ئىسلاھات ھەرىكىتىنى قوزغىدى. باۋۇدۇن باي 1870- يىللىرى قازاندىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ يۇرتىغا قايتقان ۋاقىتتا، قازانلىق ئۈچ ئوقۇتقۇچىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەلگەن ۋە بۇلارنى غۇلجىدىكى بەيتۇللا مەدرىسىدە خىزمەتكە قويغان. 1875- يىلى بەيتۇللا مەدرىسىدە مۇستەقىل بىر مەكتەپ ئېچىپ، دىنى دەرسلەردىن باشقا ئەدەبىيات، ھېساپ، جۇغراپىيە، تارىخ دىگەندەك دەرسلەر ئۆتۈلگەن.

ئاكا-ئۇكا مۇسابايلار 1883- يىلى، باشقا مەنبەلەردە 1885- يىلى ئاتۇشنىڭ ئېكىساق يېزىسىدا ئۈچ سىنىپلىق بىر مەكتەپ ئاچقان بولۇپ، «ھۈسەينىيە مەكتىپى» دەپ ئاتالغان بۇ مەكتەپنىڭ 1888- يىلىدىكى دەرسلىكلىرىگە قارايدىغان بولساق، «ئۇسۇلى جەدىت» مەكتەپلىرىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. دەرسلىكتە «ئانا تىل»، «ناخشا» (مۇزىكا)، «ھېساپ»، «تەبىئەت»، «تارىخ»، «جۇغراپىيە»، «تەنتەربىيە»، «رەسىم»، «تەجۋىد»، «ئەرەب-پارىس تىلى»، «رۇس تىلى» قاتارلىق دەرسلەر بار ئىدى.

بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى قازاندا ئوقۇغان ياكى قازان ۋە ئىستانبۇلدىن تەكلىپ قىلىنغانلار بولغاچقا، قازان ۋە ئىستانبۇلدىكى مەكتەپلەردە ئۆتۈلگەن دەرسلەر ئۆتۈلگەن. ئوقۇتقۇچىلارغا مائاش بىرىلگەن ۋە يېڭى ئىمتىھان سىستېمىسى يولغا قويۇلغان. ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارغا دىپلوم ۋە گۇۋاھنامە بىرىلگەن، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى ئاجرىتىلغان، قىز ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئايرىم سىنىپ ئېچىلغان ئىدى. كىيىنكى يىللاردا ئاكا-ئۇكا مۇسابايلار قەشقەر ۋە غۇلجىلاردىمۇ موشۇنىڭدەك نۇرغۇن مەكتەپلەرنىڭ ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. مەسىلەن: غۇلجىدىكى «ھۈسەينىيە مەكتىپى» (1889)، «ھۈنەر-كەسىپ مەكتىپى» (1905)، «تۇرانىيە مەكتىپى» (1911)، «سايرامىيە مەكتىپى» (1913)، «مەكتەبى نۇر» (1916)، «جەمئىيەت مەكتىپى» (1924)، «كەشفىيە مەكتىپى» (1925)، «مۇرات مەكتىپى» (1928) قاتارلىقلار. ياپۇنىيەلىك تەتقىقاتچى ئوئىشى شىنىچىرو ئاكا-ئۇكا مۇسابايلارنىڭ بۇ ھەركىتى، ئۆز سانائەتلىرىدە ئىشلەيدىغان خادىملارنى يىتىشتۈرۈشنى مەخسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تەتقىقاتچىنىڭ بۇ كۆز قارىشى مەلۇم تەرەپتىن توغرا بولىشى مۈمكىن، ئەمما ياۋرۇپا، روسىيە ۋە تۈركىيەدىكى تەرەققىياتلارنى يېقىندىن كۈزىتىپ، جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ھەقىقىي مەناسىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن ئاكا-ئۇكا مۇسابايلارنىڭ، مائارىپ ئىسلاھاتىغا مۇناسىۋەتلىك تىرىشچانلىقى ۋە خىزمەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇلۇغۋار مەقسەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.

شەرقىي تۈركىستاندا تۈنجى بولۇپ «ئىسلاھاتچى» ۋە «جەدىتچى» دەپ تونۇلغان ئابدۇقادىر داموللام، ئىسمائىل غاسپىرالى ۋەكىللىك قىلغان جەدىتچىلىك ھەركىتىنىڭ بىۋاستە تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشى بولۇپ، ئەسلى ئىسمى ئابدۇلقادىر ئىبنى ئابدۇلۋارىس قەشقىرىدۇر. ئۇنىڭ تۇغۇلغان يىلىغا مۇناسىۋەتلىك ئوخشىمىغان يىلنامىلار بار. بەزىلەر 1854-1855- يىللىرى، يەنە بەزىلەر 1870- يىللىرى دەپ قارايدۇ. ئەمما، ئاساسى جەھەتتىن ئىتراپ قىلىنغان ۋاقىت بولسا 1862- يىلى بولۇپ، قەشقەرنىڭ ئاتۇش رايۇنىغا قاراشلىق مەھشەد يېزىسىدا تۇغۇلغان. دەسلەپكى مەلۇماتىنى «ھەز سۇلتان مەدرىسى» (ھەزىرىتى سۇلتان مەدىرىسى) دە، ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتىنى قەشقەردىكى «خانلىق مەدرىسى» دە ئالغاندىن كىيىن، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە بىلىم ئېلىش ئۈچۈن دەسلەپ قوقەنگە، ئىككى يىلدىن كىيىن يەنى 1891- يىلى بۇخاراغا كەلگەن. بۇخارادا سەككىز يىل ئوقۇپ، ئۆز ۋەتىنى قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن. بەزى مەنبەلەر ئۇنىڭ 1901- يىلى قەشقەرگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ 1916- يىلى 4- ئاينىڭ 19- كۈنىدىكى «ئەدەبىي بىر سۆھبەت» ناملىق ماقالىسىدىن ئۇنىڭ بۇخارادىكى ئوقۇشتىن بەك رازى بولمىغانلىقىنى چۈشىنىش مۇمكىن.

«بۇخارادىكى چۈشەنچىلەردىن زەھەرلەنگەن ئەقىل ۋە تەپەككۇرۇمنىڭ تۈزىلىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، كاتتا ئالىملاردىن ئىبنى شامىيە، قەييۇم جۇزىيە، جامالىدىن ئافغانى، شەيىخ مۇھەممەد ئابدۇ ۋە رەشىد رىزا ھەزىرەتلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەھلىل ۋە مۇلاھىزە قىلىش، شۇنداقلا ھازىرقى «تەرجىمان»، «ۋاقىت»، «شۇرا» قاتارلىق مەنپەئەتلىك گېزىت ۋە ژۇرناللارنى كۆرۈش بولدى. بۇ مەنپەئەتلىك ئەسەرلەرنى ئوقۇغان كىشىنىڭ ۋىجدانى كونىلىقتىن يۈز ئۆرۈپ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات يولىدا مۇستەھكەم تۇرىدۇ.»

بۇ قۇرلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئابدۇقادىر داموللام بۇخارادا تۇرغان جەرياندا جەدىتچىلىك ھەرىكىتى ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ تارقاتقۇچىلىرىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچۇرغان . قەشقەرگە قايتقاندىن كىيىن «خانلىق مەدرىسىدە بىر مەزگىل مۇدەررىسلىك قىلغان ۋە 1907- يىلى ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەككىگە بارغان، قايتىشىدا ئىستانبۇل ۋە مىسىرغا كىرىپ ئۆتكەن. بۇ جەرياندا ھەرخىل سەۋەپلەردىن تۈرك ۋە تاتار زىيالىيلىرى بىلەن ئۇچراشقان. ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەردە بولغان. بىر قانچە ئاي بۇ دۆلەتلەردە قېلىش جەريانىدا، بۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ ئۆزگۈرۈش ۋە تەرەققىياتلىرىنى بىۋاستە كۈزۈتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشكەن. مائارىپ سىستېمىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىلىرىگە شاھىت بولغان. بۇ كۈزۈتۈش ۋە تەسىراتلار بىلەن قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ئابدۇقادىر داموللام، ئۇيغۇرلاردىكى جاھالەتكە قارشى كۆرەشنى باشلاپ، خەلقنى ئويغۇنۇشقا چاقىرغان. ئۇ «نەسىھەتى ئامما» ناملىق ئەسىرىدە شۇنداق دېگەن:
«بۇ زامان غەپلەت ۋە بوشاڭلىق زامانى ئەمەس، ئويغۇنۇش ۋە ھۇشيارلىق زامانىدۇر. جاھالەت ۋە بىلىمسىزلىك زامانى ئەمەس، ئىلىم ۋە مەرىپەت زامانىدۇر. ھورۇنلۇق ۋە كالامپايلىق زامانى ئەمەس، تىرىشىش ۋە غەيرەت قىلىش زامانى. باشقا مىللەتلەر بىلىم نەتىجىسىدە ھاۋادا ۋە سۇدا ئەركىن كېزىپ يۈرمەكتە. بىز بولساق ھېلىھەم غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتماقتىمىز. ئۇيقۇ ئۆلۈمنىڭ تۇغقىنى ۋە باشلىنىشىدۇر. ھازىرقىدەك ئۇيقۇمىزنى داۋاملاشتۇرىۋىرىش، يوق بولۇشنىڭ ۋە ئۆلۈمنىڭ بىشارىتىدۇر. ھېلىھەم ۋاقىت ۋە پۇرسەت باردۇر.»

ئۇنىڭ بۇ خىتابى كىشىلەردە مىللىي تۇيغۇنىڭ ئويغۇنىشىغا ۋە سىياسىي ئاڭنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەپ بولغان. ئابدۇقادىر داموللام ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، بىلىم بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭى ئوقۇتۇش مېتودىنى يولغا قويغان ۋە يېڭىچە دەرسلىك ئوقۇتۇشى ئېلىپ بارغان. ئەمما كونا ئەنئەنىگە مەھكەم ئېسىلغانلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ، 1909- يىلى يەنە قايتىدىن قوقەن، تاشكەنت ۋە بۇخاراغا كەتكەن ھەمدە، بۇ يەرلەردە 1912- يىلىغىچە قالغان. بۇ ۋاقىت بۇ شەھەرلەردە جەدىتچىلىك ھەرىكەتلىرى تەرەققىي قىلىپ، يىلتىز تارتقان ۋاقىتلار ئىدى.

«ئاخىرى ۋەتىنىمگە قايتىپ، خەلقنى تەرەققىيات، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىسلاھاتقا چاقىردىم. نەتىجىدە بۇ چاقىرىق مىنىڭ ۋەتەندىن ئايرىلىشىمغا سەۋەپ بولدى. يەنە قوقەن ۋە بۇخاراغا كەتتىم. تەلىيىمگە، بۇخاراغا بارغان ۋاقتىمدا <ئۇسۇلى جەدىت ھارام، ئۇنۇڭدا ئوقۇغانلار دىنسىز> دىگەندەك پەتىۋالارنىڭ ئورنىغا كاتتا ئۇستازلىرىمىز <ئۇسۇلى جەدىد ۋاجىپ، ئۇنى ئوقۇش زۆرۈردۇر> دەپ پەتىۋا چىقارغان ئىدى.»

شۇنداق قىلىپ، بۇ يۇرت كېزىشلەر ئابدۇقادىر داموللامغا چوڭ تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. 1912- يىلى قەشقەرگە قايتىپ كىلىپ، ئۆز ئالدىغا بىر ئۇسۇلى جەدىت مەكتىپى ئاچقان. بۇ جەريانىدا قىزلار مەكتىپى ئېچىش تەشۋىقاتىنىمۇ ئېلىپ بارغان. ئۇ بىر تەرەپتىن باشقا دۆلەتلەردىن ئوقۇتقۇچى تەكىلىپ قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەر يىلى ئىستانبۇل، قازان، ئۇفا، ئورەنبورگ قاتارلىق شەھەرلەرگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئوسۇلى جەدىت مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇش ئۈچۈن «ئەقائىد زەرۇرىييە» (مۇھىم ئەقىدىلەر)، «مۇتالەئى ھىدايەت» (توغرا يول ھەققىدە ئىزدىنىشلەر)، «ئىبادەت ئىسلامىيە» (ئىسلامدا ئىبادەت)، «سەرب نەھۋى» (مورفولوگىيە ۋە سىنتاكىس)، «ئەقائىد جەۋھەرىيە» (ئاساسى قائىدىلەر)، «تەلىمى سەبىيان» (بالىلارغا تەربىيە)، «ئىلمى جۇغراپىيە»، «تەھسىلى ھېساپ» ( ھېساپ ئوقۇشلۇقى)، «تەجۋىدى تۈركىي»، «مىفتاھۇل ئەدەپ»، «بىدايەتۇس سەرب»، «بىدايەتۇن نەھۋى» قاتارلىق دەرسلىك كىتابلارنى تەييارلىغان.

ئابدۇقادىر داموللام بىر تەرەپتىن، پۈتۈن زېھنى ۋە غەيرىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇسۇلى جەدىد ئوقۇتۇشى ئۈچۈن تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن شىۋىتسىيە دىن تارقاتقۇچىلىرىنىڭ تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە ۋە دوختۇرخانا، مەكتەپ، يېتىمخانا ئېچىش ۋە ھەقسىز خىزمەت قىلىش بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئالداشلىرىغا قارشى كۆرەش ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ بۇ كۆرەشلىرى خەلق ئارىسىدىكى ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە خەلقنىڭ ئۇسۇلى جەدىت مەكتەپلىرىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغىغان. ئەمما ئۇنىڭ خىتاي ۋە خىتاي غالچىلىرى بولغان كونىلىق تەرەپدارلىرى بىلەن بولغان كۆرەشلىرى ئاسانغا توختىمىغان. چۈنكى خىتاي دائىرىلىرى ئۇسۇلى جەدىت مەكتەپلىرىگە قارشى دەسلەپكى ۋاقىتتىن باشلاپلا پاسسىپ پوزىتسيەدە بولغان بولۇپ، كونىلىق تەرەپدارلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان. ئۇسۇلى جەدىت مەكتەپلىرىنى تاقاپ، خىتايچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان «شۆتاڭ» (مەكتەپ) لارنى ئاچقان ۋە ئوقۇغۇچىلارنى مەجبۇرى بۇ يەرلەردە ئوقۇتۇشقا ئۇرۇنغان. 1907-1910- يىللار ئارىسىدا پەقەت ئونسۇ ناھيەسىدىلا 16 «شۆتاڭ» ئېچىلغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستاندا 1912- يىلىدىن 1928- يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ياڭزىنشىڭنىڭ بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك شۇ سۆزلىرى ئىبرەت ئېلىشقا تېگىشلىك سۆزدۇر.

«خەلقنى باشقۇرۇشنىڭ تەس بولۇشى، ئۇلار ئارىسىدىكى بىلىملىك كىشىلەرنىڭ كۆپ بولغانلىقىدىن بولىدۇ. خەلقنىڭ بىلىمسىز قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. خەلقنى بىلىم بىلەن ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى زاۋاللىققا ئېلىپ كىلىدۇ. خەلقنىڭ بىلىمى ئاشقانسىرى ھەممىدىن قۇسۇر تېپىپ، يامانلىق ئويلايدۇ. ۋەقە تۇغدۇرۇپ، دۆلەتنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. ھۈنەر-سەنئەتلىك كىشىدىن بىرسى كۆپەيسە، دۆلەتكە زاۋاللىق ئېلىپ كىلىدىغان كىشىدىن بىرسى كۆپىيىدۇ. دۇنيادىكى تەلۋىلىك ئاساسىي جەھەتتىن ئەقىللىك كىشىلەرنىڭ ئىشىدۇر. مەكتەپ _ ياخشى نەرسە ئەمەس. ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا يامانلىقنى ئۆگۈتۈپ، راھەتسىزلىك ئۇرۇقىنى چاچىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، پۈتۈن مەكتەپلەرنى يوق قىلىش كېرەك. مەن پەقەت بىلىمسىز كىشىلەرنى ئىشلىتىمەن. ئەقىللىك ۋە بىلىملىك كىشىلەرنى ئەسلا ئىشلەتمەيمەن. بىلىمسىز كىشىنى باشقۇرۇش ئاسان، ئۇلارنى خالىغان يەرگە ھەيدەپ بارغىلى بولىدۇ. شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ مائارىپىغا رۇخسەت قىلمايمەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىققان تالانتلىق ۋە ئەقىللىك كىشىلەرنى نازارەتكە ئېلىپ، بىر باھانە بىلەن يوق قىلىمەن.»

ئابدۇقادىر داموللامنىڭ 1924- يىلى 8- ئاينىڭ 14- كۈنى سەھەردە ياللانما قاتىل تەرىپىدىن ئۆز ئۆيىدە ئۆلتۈرۈلىشىنى بۇ نوقتىدىن چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئەمما بۇ خىلدىكى سۇيىقەست ۋە توسالغۇلار جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ يېيىلىشىنى توسۇپ قالالمىغان. بۇ ھەرىكەت تېخىمۇ پىداكار قوغدىغۇچىلارنى ۋە ۋەكىللەرنى يىتىشتۈرۈپ چىقىشنى داۋام قىلغان. مەھمۇت مۇھىتى مانا شۇ ۋەكىللەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ 1885- يىلى تۇرپان ئاستانىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1910- يىلىدىن باشلاپ، تىجارەت بىلەن شەمەي، قازان ۋە موسكۇۋا قاتارلىق شەھەرلەرگە بارغان ۋە ئۇ جەريانىدا كۆپلىگەن تاتار جەدىتچى زىيالىيلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەردە بولغان. تاتار زىيالىيلاردىن مىللەتنى ئويغۇتۇش، مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇش، ھۆرلۈككە ئىرىشىشنىڭ بىردىنبىر يولى- مەكتەپ ئېچىپ مىللەتنى تەربىيەلەش ئىكەنلىكىنى ئۆگەنگەندىن كىيىن، يۇرتىغا قايتىپلا ئالدىن كۆرەر كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە مەكتەپ ئېچىشقا تىرىشقان. بىراق ئېچىلغان مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلالايدىغان كىشىلەرنى تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن 1913- يىلى قازانغا بېرىپ، تاتار زىيالىيلىرىدىن ھەيدەر ئەپەندىنى تەكلىپ قىلغان ۋە تۇرپان ئاستانىدىكى ئۆز ئۆيىنىڭ ھويلىسىدا بىر مەكتەپ ئاچقان. «مەھسۇدىيە مەكتىپى» دەپ ئاتالغان بۇ مەكتەپ تۇرپاندىكى تۈنجى ئۇسۇلى جەدىت مەكتىپى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

بۇ مەكتەپتە تىل ۋە ئەدەبىيات، جۇغراپىيە، ھىساپ، تەبىئەت، دىن، تەنتەربىيە قاتارلىق دەرسلەر ئۆتۈلگەن. تىل ۋە ئەدەبىيات دەرسىدە ئابدۇللا توقاينىڭ شېئىرلىرى ئوقۇتۇلغان. بۇ مەكتەپتە ئۈرۈمچى، گۇچۇڭ قاتارلىق باشقا شەھەرلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئىدى. مەخسۇت مۇھىتى ئۇسۇلى جەدىت مەكتەپلىرىنى تېخىمۇ كىڭەيتىش ئۈچۈن 1917- يىلى يەنە روسىيەگە بېرىپ، تاتار زىيالىيلىرىدىن مۇھىببۇللا ئەپەندى، گۈلەندەم ئاۋىستاي، ئەلى ئىبراھىم، ھىسامىدىن ئەپەندى قاتارلىق ئالتە كىشىنى تەكلىپ قىلىپ، بۇلارنى ئۈرۈمچى ۋە گۇچۇڭدا ئېچىلغان مەكتەپلەرگە ئەۋەتكەن ۋە بۇلارنىڭ پۈتۈن خىراجەتلىرىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالغان. 1921-1925- يىللىرى تۇرپاندا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان تاتار خانىم گۈلەندەمنىڭ «مەكتەبى گۈلەندەمىيە»، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەرىپىدىن 1927- يىلى ئېچىلغان «ھۆررىيەت مەكتىپى» قاتارلىقلارمۇ ئۇسۇلى جەدىت مەكتەپلىرىدىن ھىساپلىنىدۇ. بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار يېتىشىپ چىققان بولۇپ، بۇلارمۇ يېڭىدىن ئېچىلغان مەكتەپلەردە خەلقنى تەربىيەلەشنى داۋاملاشتۇرغان.

مەخسۇت مۇھىتى ئۆز ۋاقتىدىكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ 1929-1931- يىللىرى ئارىسىدا موسكۇۋا، تاشكەنت، ئالماتا قاتارلىق شەھەرلەردە زىيالىيلار ۋە سىياسىيونلار بىلەن كۆرۈشكەن، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەردە بولغان ۋە مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولىنىڭ پەقەت قۇراللىق كۆرەش ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن. 1931- يىلى قۇمۇلدا خوجانىياز ھاجىم باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان مىللى قوزغىلاڭ جەريانىدا ئۆزى بىۋاستە قۇمۇلغا بېرىپ، خوجانىياز ھاجىم بىلەن كۆرۈشكەن ۋە بۇ مىللىي قوزغىلاڭنى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئومۇملاشتۇرۇش ھەققىدە پىكىرلەشكەن. ئىنىسى مۇسۇل مۇھىتى، مەخمۇت مۇھىتى ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن بىرلىكتە تۇرپاندا بىر مىللىي قوزغىلاڭ تەشكىللەپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قۇراللىق كۆرەش ئېلىپ بارغان، ھەمدە 47 يېشىدا شەھىد بولغان.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەڭ ئوت يۈرەك ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مىللەتچى ۋە رېئالىست شائىر دەپ تونۇلغان. ئۇ 1901- يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇرپانغا قاراشلىق باغرى يېزىسىدا، باي بىر سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى ساۋادىنى يېزىسىدا ئېلىپ ئەرەپچە، پارىسچە ۋە خىتايچە ئۆگەنگەن. 1913- يىلى 3- ئايدا يېڭى شەھەردە ئۇسۇلى جەدىت (يېڭىچە مەكتەپ) تە، 1914- يىلى مەخسۇت موھىتى تەرىپىدىن ئاستانىدە ئېچىلغان «مەھسۇدىيە مەكتىپى» نامىدىكى ئۇسۇلى جەدىت مەكتىپىدە ئوقۇغان. بۇ جەرياندا تاتار زىيالىيسى ئەلى ئىبراھىموۋدىن دەرس ئالغان. 1916- يىلى بوۋىسى مەخسۇم ھاجى بىلەن بىللە شەمەيگە بارغان ۋە ئۇ يەردە روسچە ئۆگەنگەن. بۇ ۋاقىتتا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيانى قاپلىغان جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇنىڭغا ئەڭ كۆپ تەسىر قىلغان كىشى، تاتار شائىرى ئابدۇللا توقاي بولۇپ، بۇنى ئۇنىڭ «بىزنى سەۋەپسىز ئەيىپلەيدۇ» ناملىق شېئىرىغا يازغان «باردۇر» تېمىسىدىكى تەقلىدى شېئىرىدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

ئابدۇللا توقاي پەقەت ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغىلا ئەمەس، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئەنۋەر ناسىرى، ئەلقەم ئەختەم، تۇرسۇن ۋاھىدى قىزىق، مەھمۇت مۇھىتى قاتارلىق كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئۇسۇلى جەدىت مەكتەپلىرىدىكى ئەدەبىيات دەرسلىرىدە ئاساسي جەھەتتىن ئابدۇللا توقاينىڭ شېئىرلىرى ئوقۇتۇلاتتى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن مەكتەپ ئېچىپ، خەلقنى تەربىيەلەش ۋە ئويغۇتۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. ئىبراھىم مۇتئى بەرگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۇ تاتار زىيالىيلىرىدىن ھەيدەر ئەپەندى ۋە ئەلى ئىبراھىموۋغا ئوخشاش مەشھۇر ئوقۇتقۇچىلارنى تۇرپانغا تەكلىپ قىلىپ، مەكتەپ ئاچقان. ھەتتا تۇرپاندا «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر كۈتۈپخانىسى» نى ئېچىپ، خەلقنىڭ بىلىم ئېلىشىغا كېرەكلىك زۆرۈر شارائىتلارنى ھازىرلاشقا تىرىشقان. ئۇنىڭ شەخسى كۈتۈپخانىسىدا تۈركىيەدە نەشىر قىلىنغان ژۇرناللارنىڭ، بولۇپمۇ «شۇرا» ژۇرنىلىنىڭ يىللىق توپلىمىنىڭ بولۇشى تولىمۇ ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ژۇرناللار ئۇنىڭ مىللىي كىملىك ئېڭى ۋە شۇنداقلا مىللەتچىلىكىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مىللەتچى شائىردۇر. مىللەتچىلىك بىر مىللەتنىڭ قۇرۇلۇشى، بىرلىكى، داۋاملىشىشى، ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇشى، ئىچكى ۋە تاشقى مىللىي مەنپەئەتى قاتارلىقلارنى قوغداشقا ئائىت بولغان بىر ئىدېئولوگىيە ھەرىكىتىدۇر. فىرانسىيە ئىنقىلابىدىن كىيىن ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، دېموكراتىيە ۋە ئولۇس دۆلىتى ئاتالغۇلىرى بىلەن بىللە ئۈنۈملۈك بىر سەۋىيەگە يەتكەن ۋە مۇستەملىكە خەلقلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ۋە جاھانگىرلىككە قارشى كۆرەشلىرىنىڭ ئىدېئولوگىيە تىلى ۋە باشقۇرغۇچىسى بولغان. شەرقىي تۈركىستاندا 1933 ۋە 1944- يىللىرى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتلەر جەدىتچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن ئويغانغان خەلقنىڭ، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ھۆرلۈك، باراۋەرلىك، دېموكراتىيە ۋە مۇستەقىللىق كۆرەشلىرىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.
جەدىتچىلىكنىڭ سىياسىي ئۆلچەملىرىدىن بىرىنى تەشكىل قىلغان مىللەتچىلىك، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھەرىكەت ئۇسۇلى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتىدە يېتەكچى ئىدىيەگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇ تەخەللۇس قىلىپ قوللانغان «ئۇيغۇر» سۆزىمۇ، تاسادىپىي تاللىنىپ قالغان بىر سۆز ئەمەس ئىدى. تارىخى ، مەدەنىي ۋە سىياسىي پىكىرنىڭ سىڭدۈرۈلۈشى مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي كىملىكنىڭ ئىپادىسىدۇر. مىللەت بىلەن بىرلىشىش، مىللەت بىلەن بىر بولۇش ئارزۇ ۋە يۈزلىنىشنىڭ نامايەندىسىدۇر. «ئويغان»، «باردۇر»، «ئاچىل»، «ئىستىمەس» قاتارلىق مەشھۇر شېئىرلىرى ئۇنىڭ مىللەتچىلىك چۈشەنچىسىنى ئوچۇق بىر شەكىلدە ئىپادىلەپ بىرىدۇ.

ئەي پېقىر ئۇيغۇر ئويغان، ئۇيقۇڭ يىتەر،
سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كىتەر.
بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزۈڭنى قۇتقۇزمىساڭ،
ئاھ، سىنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.

قوپ! دېدىم، بېشىڭ كۆتۈر، ئۇيقۇڭنى ئاچ!
رەقىبىڭ باشىنى كەس، قانىنى چاچ.
كۆز ئېچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقمىساڭ،
ئۆلىسەن ئارماندا بىر كۈن نائىلاج.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قەتئىيلىك بىلەن مىللەتنى ئويغۇنۇشقا، دۈشمەننىڭ بېشىنى كىسىشكە، قېنىنى چېچىشقا چاقىرىدۇ. ئۇنىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسىي پىكىردىن ئوزۇق ئالغان مىللىي ۋىجدانى، ئۇ ئۆزى تەۋە بولغان مىللەتنىڭ يوق بولۇشىغا ئەسلا يول قويمايدۇ.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ مىللەتچىلىكى شېئىرلىرىدا قوللانغان تەسەۋۋۇرلىرىدىمۇ ئەكىس ئىتىدۇ. ئۇ ئۆز مىللىتىنى «ئاي» ۋە «يار» غا ئوخشاتسا، دۈشمەننى «يەجۇجى-مەجۇجى»، «يالماۋۇز»، «جىن»، «ئەجدەرھا»، «ئىت» ۋە «ياۋا توڭگۇز» غا ئوخشىتىدۇ.

مىللەتچىلىك ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىدىمۇ ھەل قىلغۇچ ئامىل بولغان. ئۇ 1931- يىلى قۇمۇلدا پارتلىغان مىللىي قوزغىلاڭنىڭ رەھبىرى خوجىنىياز ھاجىغا، غەنىيمەت ئېلىنغان زامانىۋى قۇراللارنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە رېمونت قىلىشنى ئۆگۈتۈش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدىن بىر تاتار تېخنىك ئەۋەتكەن. ئۇنىڭ 1931- يىلى 17 كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر تەشكىلات قۇرۇپ، خىتايغا قارشى مىللىي قوزغىلاڭغا ئۇرۇنىشى، سىياسىي مىللەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۆلچىمىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ 1932- يىلى قىران يېشىدا، نۇرغۇنلىغان جەدىتچىلەرگە ئوخشاش ھۆكۈمران كۈچلەر تەرىپىدىن شەھىد قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما، ئۇنىڭ مىللەتچىلىكى بۈگۈنكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئىلھام مەنبەسى بولۇپ داۋاملاشماقتا.

جەدىتچىلىك ھەرىكىتى پەقەتلا مائارىپ ۋە ئەدەبىياتتىلا بولۇپ قالماستىن، نەشىرىياتچىلىق ساھەسىدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ۋەكىللىرى بار. قۇتلۇق شەۋقىي شۇلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا شائىر ۋە نەشىرياتچىلىق بىلەن تونۇلغان بولۇپ، 1918- يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. دەسلەپكى ئوقۇشتىن كىيىن دادىسى بىلەن بىللە ھەجگە بارغان. كىيىن مىسىردىكى «دارۇلئولۇم ئەزھەر جامىيسى» دە ۋە ئىستانبۇلدا ئوقۇغان. قەشقەرگە قايتقاندىن كىيىن 1910 ۋە 1920- يىللىرى ئابدۇقادىر داموللامغا ئوخشاش جەدىتچىلەر بىلەن بىللە ئوقۇ-ئوقۇتۇش، نەشىرىياتچىلىق ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە ناھايىتى كەڭ پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. 1918- يىلى «ئاڭ» گېزىتىنى، 1933 ۋە 1934- يىللىرى «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى» (يېڭى ھايات) گېزىتلىرىنى چىقارغان. بۇ گېزىتلەرگە ئۆزىمۇ «شەۋقى» تەخەللۇسى بىلەن شېئىر ۋە ماقالىلەر يازغان.

بىر قىلىچ بەرسە خۇدا، كەس دەپ ئۇنىڭغا بۇيرۇسام ،
ئۈزسە خەلقنىڭ بوينىدىن خارلىق كىشەن-زەنجىرىنى.
گەر خاراپكەن ئەل-ۋەتەن، كاللامنى ئۈزسۇن ئۇ قىلىچ،
كۆرمىسۇن شەۋقى كۆزى قۇللۇقتا ئەل تەقدىرىنى.

قۇتلۇق ھاجىنىڭ تەھرېرلىگىنى قىلغان گېزىتلەرنىڭ تىلىغا قارىغىنىمىزدا، جەدىتچىلەرنىڭ پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدا ئومۇملاشتۇرماقچى بولغان ئورتاق تۈركچە ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ گەۋدىلىك بولغانلىقىنى كۆرىمىز. «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى»، «ئەركىن تۈركىستان»، «يېڭى ھايات» قاتارلىق گېزىتلەرنىڭ تىلى چاغاتاي ئۇيغۇرچسى، تۈركىيە تۈركچىسى، تاتارچە، ئۆزبىكچىگە ئائىت بولغان تەركىبلەردىن تەشكىل تاپقان ئارلاش تىل ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. گېزىتلەردە «ئابونە»، «سەنە»، «ئەۋراق»، «قاردېش»، «گەنچ»، «چالىشماق»، «ئۇلاشماق»، «ئۇغراماق»، «ئىستەمەك»، «بىراقماق»، «ئىشلەۋچى»، «ئوقۇۋ»، «بايلاماق»، «كەتتە» دىگەندەك سۆزلەر ۋە ئىپادىلەر، ئۇنىڭدىن باشقا، «-داكى»، «-دان»، «ئولۇنماق»، «سورانماق»، «ياھۇد» قاتارلىق مورفولوگىيەلىك ئېلىمېنتلار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. جەدىتچىلەرنىڭ ئورتاق تۈركچە يارىتىش تەشەببۇسى ۋە تىرىشچانلىقلىرى 1940- يىللاردا ئېيسا يۆسۈپ ئالىپتېكىن تەرىپىدىن نەنجىڭدا نەشىر قىلىنىپ، 1980- يىللىرىغىچە تەيۋەندە داۋاملىشىۋاتقان «خانتەڭرى» ژۇرنىلىدىمۇ ئەكىس ئەتكەن. بۇنى «خانتەڭرى» (تىيانشان) ژۇرنىلىدا تۈركىيە تۈركچىسىگە ئائىت سۆزلەرنىڭ كۆپلىكىدىن بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

قۇتلۇق ھاجى شەۋقى 1937- يىلى 4- ئايدا شىڭشىسەي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 10- ئايدا تۈرمىدە شەھىد قىلىنغان.

1937- يىلى مەيلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تۈرك جەدىتچىلىرى بولسۇن، ياكى شەرقىي تۈركىستاندىكى جەدىتچىلەر بولسۇن ئۇلار ئۈچۈن قانلىق بىر تارىخ بولغان بولۇپ، بۇ يىلدا مىڭلىغان، يۈزمىڭلىغان جەدىتچى ۋە زىيالىيلار بىر پۈتۈن يوق قىلىنغان ئىدى. ھازىرقى دەۋىر مائارىپ تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخىسلەردىن بىرى بولغان مەمتېلى تەۋپىقمۇ، مانا موشۇ يىلدا خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن كۆيدۈرۈلۈپ، شەھىد قىلىنغان.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «مەمتېلى ئەپەندى» ئىسمى بىلەن تونۇلغان مەمتېلى تەۋپىق، جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، 1901- يىلى ئاتۇشتا دۇنياغا كەلگەن. دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا مەلۇماتنى شۇ دەۋىردىكى ئۇسۇلى جەدىت مەكتىپى ھىساپلىنىدىغان «ھۈسەينىيە مەكتىپى» دە ئالغان ۋە 1920- يىلى ئىلىغا، 1926- يىلى شەمەيگە، ئۇنىڭدىن كىيىن تاشكەنتكە بارغان. 1929- يىلى قىرىم ئارقىلىق ئىستانبۇلغا كىلىپ، ئۇ يەردىكى بىر دارۇلفۇنۇندا تارىخ، جۇغراپىيە، ئەدەبىيات، پىداگوگىكا، مۇزىكا ۋە تەنتەربىيە قاتارلىق دەرسلەرنى ئالغان ۋە 1933- يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى» ئەزالىرىدىن «تۈرك ياشلار بىرلىكى»دىكى مەجىددىن ئەپەندى، تۇرسۇن ئەپەندى، ئابدۇللا ئەپەندى، ھىسامىدىن ئەپەندى، تەلەت ئەپەندى قاتارلىق 12 كىشى بىلەن بىللە شەرقىي تۈركىستانغا قايتقان. ئۇ ۋەتەنگە قايتقاندىن كىيىن پۈتۈن كۈچى ۋە زېھنىنى مائارىپقا بېغىشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ غايىسى مىللەتنى ئويغىتىش ۋە ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئىدى.

ئويغىنىڭ ئەھلى ۋەتەن، بىزمۇ شادىمان بولىنىڭ،
ئىلمۇ ئىرپان يولى ئۈچۈن ئەمدى قۇربان بولىنىڭ.
ئىلمۇ ئىرپان نۇرى ئال، مىللىتىڭ باشىغا ساچ،
ئۆزگىدەك ئۆز يۇرتىمىزغا بىزمۇ سۇلتان بولىنىڭ.

مەمتېلى تەۋپىق ئاتۇشتا ئوقۇتقۇچى يىتىشتۈرۈش كۇرسى ئېچىپ، ئالتە ئاي ئىچىدە 60 ئوقۇتقۇچى نامزاتى يىتىشتۈرگەن ۋە بۇلارنى ھەر قايسى يېزىلاردا ئېچىلغان مەكتەپلەرگە ئەۋەتكەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىقىملىرى يۇرتتىكى بايلار ۋە مەھەللە ئاقساقاللىرى تەرىپىدىن ھەل قىلىنغان. ئۇ ئىستانبۇلدا كۆرگەن مائارىپ سىستېمىسىنى يېڭى ئاچقان مەكتەپتە ئۆز پىتى ئىجرا قىلغان. «ئىزچىلار گۇرۇپپىسى» قۇرۇپ چىقىپ، مەكتەپ ھاياتىنى رەڭدارلاشتۇرغان. بۇ ئارقىلىق خەلقكە ئۈمىد بېغىشلىغان. 1935- يىلى ئاتۇشقا قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىنى ئېچىپ، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ تەلىم-تەربىيەسى ئۈچۈن كاتتا تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.

مەمتېلى تەۋپىق ئۆز نۆۋىتىدە بىر شائىردۇر. ئۇمۇ ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا ئوخشاش مىللىتىنى ئوقۇشقا، بىلىم ئېلىشقا، ئويغۇنۇشقا چاقىرغان.

ئەي ۋەتەن ئەۋلادى ئەمدى ئۇيقۇدىن كۆزۈڭنى ئاچ،
تۇتۇشۇپ قوللارغا قول، شادۇ خەندان بولىنىڭ.
ئىلمۇ ئىرپان نۇرى ئال، مىللىتىڭ باشىغا چاچ،
ئۆزگىدەك ئۆز يۇرتىمىزغا بىزمۇ سۇلتان بولىنىڭ.

ئەمما، ئوتتۇرا ئاسىيادا جەدىتچىلەر سىتالىن تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان پەيتتە. سىتالىننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچىقى شىڭشىسەيمۇ ئۇيغۇر جەدىتچىلىرى ۋە زىيالىيلىرىنى دۆلەت تېرورلۇقى بىلەن يوق قىلغان ئىدى. مەمتېلى تەۋپىق 1937- يىلى خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن ئوتتا كۆيدۈرۈلۈپ شەھىد قىلىنغان.

بۇلاردىن باشقا يەنە سابىت داموللام، مەخمۇت مۇھىتى، مەسئۇت سەبىرى بايقۇز، ئېيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، مۇھەممەت ئەمىن بۇغرا، قۇربان قودايغا ئوخشاش كىشىلەرمۇ بار بولۇپ، بۇلار جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى مۇھىم ۋەكىللىرىدۇر. بۇ زاتلارنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي تارىخى ۋە مەدەنىيەت تارىخىدىكى تۆھپىلىرى ئەسلا ئۇنتۇلمايدۇ .

شەرقىي تۈركىستاندىكى ھازىرقى مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا ئوسمانلى تۈركلىرىنىڭمۇ چوڭ تۆھپىسى باردۇر. قەشقەر خانلىقى ھۆكۈمدارى ياقۇپ بەگنىڭ ئوسمانلى دۆلىتىگە بەيئەت بىرىشى، ئوسمانلىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا دىققىتىنى ۋە قىزىقىشىنى قوزغىغان بولۇپ، پەقەت ھەربىي جەھەتتىنلا ئەمەس، مەدەنىيەت ساھەسىدىمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ياردىم ۋە قوللىشىنى توختىتىپ قويمىغان. ئوسمانلى دۆلىتى 1870- يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا ئېچىلغان مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن. مەسىلەن: 1880- 1890- يىللىرى ئاكا-ئۇكا مۇسابايلار ئوسمانلى دۆلىتىدىن تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار بىلەن مەكتەپ ئاچقان ۋە بۇ مەكتەپلەردە تىل، ئەدەبىيات، ماتېماتېكا، تارىخ ۋە جۇغراپىيە دەرسلىرى ئۆتۈلگەن. ئاكا-ئۇكا مۇسابايلار تۈركىيەدىن تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە:

1. ئابابەكرى ئەپەندى (ئەبۇبەكىر بەي)
2. ئەخمەت كامال (ئاھمەت كەمال)
3. ئابدۇراخمان ئەپەندى (ئابدۈراھمان بەي)
4. مۇكەررەم (بەي)

1913- يىلى تۈركىيەدىن ئەخمەت كامال، ئەمرۇللا بەي، سەمىي بەي، نەسرۇللا بەي قاتارلىق بەش كىشى قەشقەرگە كىلىپ، جانان كوچىسىدىكى يۆسۈپ ئاخۇننىڭ ھويلىسىغا 26 ئوقۇغۇچىنى يىغىپ، بىر سىنىپ ئاچقان ۋە ئالتە ئاي دەر بەرگەن. ئەمما بۇلاردىن ئەخمەت كامال 1890 ياكى 1913- يىللىرى شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەن. ئۇ بىرلىك ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىكى تەلەت پاشانىڭ تەلىپى، ئاكا-ئۇكا مۇسابايلارنىڭ ئائىلىسىدىن ئوبۇلھەسەن ھاجىنىڭ بۇ تەلەپنى قوبۇل قىلىشى نەتىجىسىدە 1914- يىلى شەرقىي تۈركىستانغا بارغان. ئەمرۇللا بەي (ھۈسەين ئەمرۇللا (باركان) بەي) ۋە سەمىي بەي (كۇچۇباشى سەلىم سەمىي بەي) بولسا «تەشكىلاتى مەخسۇس» نىڭ ئەزالىرىدىن ئىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تۈركىيەدىن شەرقىي تۈركىستانغا بارغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئوسمانلى دۆلىتى تەرىپىدىن تاللىنىپ ۋە ۋەزىپە بىرىلىپ ئەۋەتىلگەن كىشىلەر ئىدى. بۇلاردىن ئەخمەت كامال ئىلكۇل دەل شۇلارنىڭ مىساللىرىدىن بولۇپ، ئۇ بىرلىك ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى تەرىپىدىن 1914- يىلى قەشقەرگە ئەۋەتىلگەن. ئاكا-ئۇكا مۇسابايلار ئاتۇشنىڭ ئىكساق يېزىسىدا ئاچقان مەكتەپنى دارۇلمۇئەللىمىنگە ئۆزگەرتكەن بولۇپ، ھەبىبزادە دارۇلمۇئەللىمىن دەپ ئاتالغان بۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى يىتىشتۈرۈشكە باشلىغان.

1917- يىلىغىچە مەسئۇل ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان بۇ مەكتەپتە، نۇرغۇنلىغان ئوقۇتقۇچىلار يىتىشىپ چىققان ۋە بۇ ئوقۇتقۇچىلار بىلەن يېڭى مەكتەپلەر ئېچىلغان. بۇ مەكتەپلەردە ئوسمانلىچە ئوقۇتۇش سىستېمىسى يولغا قويۇلغان. ئەخمەت كامال ئىلكۇل شەقىي تۈركىستاندىكى ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىدە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ كۆپ قوللىشىغا ئىرىشكەن. ئەمما يېڭى ئوقۇتۇش سىستېمىسىغا، جەدىتچىلىك مەكتەپلىرىگە چىداپ تۇرالمىغان خىتاي دائىرلىرى 1917- يىلى ئەخمەت كامالنى مەكتەپتىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەلگەن ۋە تۇتقۇن قىلغان. ئىككى يىلدىن كىيىن شاڭخەي ئارقىلىق چىگىرادىن چىقىرىۋىتىش قارارى ئالغان. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا ئوسمانلى تۈركلىرى بىلەن تاتارلارنىڭ رولى ۋە تۆھپىسى ئالاھىدە چوڭ بولغان.

خۇلاسە

قازان قىرىمنى مەركەز قىلغان جەدىتچىلىك ھەرىكىتى شەرقىي تۈركىستاندا 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان بولۇپ، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ناھايىتى تىز تەرەققىي قىلغان. شەرقىي تۈركىستاندا دەسلەپ مائارىپتا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكىتى بولۇپ باشلانغان بۇ ھەرىكەت، كىيىنچە تىل، ئەدەبىيات ۋە سىياسەت قاتارلىق ساھەلەرگىمۇ كىڭەيگەن ۋە ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە سىياسىي نەتىجىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.

مائارىپتا ئاكا-ئۇكا مۇسابايلار، ئابدۇقادىر داموللام، ئەخمەت كامال ئىلكۇل، مەخسۇت مۇھىتى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتېلى تەۋپىق (مەمتېلى ئەپەندى) قاتارلىق ئاساسلىق جەدىتچىلەرنىڭ تەشەببۇسى ۋە تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە باشلانغان ئىسلاھات ھەرىكىتى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەر، يېزا بولۇپ پۈتۈن رايونلىرىغا كەڭ تارقالغان. 1930- يىلىغا كەلگەندە بۇ خىلدىكى ئۇسۇلى جەدىت مەكتەپلىرىنىڭ سانى مىڭغا يەتكەن. بۇ مەكتەپلەردە يېتىشىپ چىققان ئوقۇغۇچىلار كىيىنچە ھازىرقى زامان ئويغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدا ئىنتايىن مۇھىم روللارنى ئۆتىگەن.

جەدىتچىلىك ھەرىكىتى بىلەن باشلانغان ئانا تىلغا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش تەشەببۇسى ئۇيغۇرلاردا مىللىي تىل ئېڭى ئويغىتىش بىلەن بىرگە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ يارىتىلىشىغا سەۋەپ بولغان. ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ «تىلدا، پىكىردە، ئىشتا بىرلىك» شۇئارى بىلەن، ئۇيغۇر تىلى ئورتاق تۈركچىگە يېقىنلاشتۇرۇشقا تىرىشىلغان.
جەدىتچىلىكنىڭ دىن بارىسىدىمۇ ناھايتى مۇھىم تەسىرى بولغان بولۇپ، ئابدۇقادىر داموللامغا ئوخشاش ئىسلاھاتچى دىنى يىتەكچىلەر «كونا ئۇسۇل» غا قارشى «ئۇسۇلى جەدىت»، مۇتەئەسسىپلىككە قارشى تەرەققىيات، جاھالەتكە قارشى بىلىمگە مەيدان ھازىرلىدى. خەلقنىڭ ئىسلام دىنىنى تېخىمۇ ئاسان چۈشىنىشى ئۈچۈن كىتاپلار يازدى.

جەدىتچىلىك ھەرىكىتى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەيدانغا كىلىشىگىمۇ سەۋەپ بولدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، قۇتلۇق شەۋقى، مەمتېلى تەۋپىقتەك شائىرلار جەدىتچىلىك چۈشەنچىسى ۋە تەسىراتلىرىنى، خەلق چۈشىنەلەيدىغان ئاددىي تىل بىلەن شېئىرلىرىدا ئەكىس ئەتتۈرۈشكە تىرىشقان بولۇپ، بۇ تىرىشچانلىقلار ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە ئاساس ھازىرلاپ بەرگەن. بۇ شائىرلار شېئىرلىرىدا بىلىم، ھۆرلۈك، مىللەتچىلىك ۋە مۇستەقىللىق تېمىلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ روھى دۇنياسىدا بىر تەۋرىنىش پەيدا قىلغان.

جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجىلىرىدىن بىرى تۈركچلىك ۋە مىللەتچىلىك بولۇپ، تۈركچىلىك ۋە مىللەتچىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە سىياسىي كىملىك ئېڭىنى كۈچلەندۈرگەن ۋە مىللەتلىشىش جەريانىنى تىزلەتكەن. ئۇيغۇرلار بۇ مىللى ۋە سىياسىي ئاڭ بىلەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا، تەڭسىزلىك ۋە ھەقسىزلىككە، ئادالەتسىزلىككە قارشى كۆرەش قىلىپ، 1933- ۋە 1944- يىللىرى ئىككى قېتىم مۇستەقىللىق دۆلەت قۇرغان ۋە بۇ دۆلەتنىڭ ئىسىملىرىنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى»، «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتى» دەپ ئاتىغان. ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان بۇ ئىككى ئۆرنەك، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي روھىغا ئويۇلۇپ، كۈنىمىزدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھۆرلۈك كۆرەشلىرى ئۈچۈنمۇ ئىلھام ۋە ئۈمىد مەنبەسى بولۇپ كەلمەكتە.

ئەسكەرتىش: پايدىلانغان مەنبەلەرنى ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسىدىن كۆرۈڭ.

ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسى: Doğu Türkistan’da Ceditçilik Hareketi ve Bu Hareketin Önemli Temsilcileri

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top