يىپەك يولى، ئىشغال، ئاسىمىلاتسىيە ۋە ئېرقىي قىرغىنچىلىق
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت (ئەگە ئۇنىۋېرسىېتىتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئېنىستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كېڭەش كومىتېتى رەئىسى)
تۈرۈكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئىدىقۇت ئوغلى
قىسقىچە مەزمۇنى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپبارغان ئېرقىي قىرغىنچىلىقى، كۈچ مەركەزلىرىنىڭ ئويۇنى ۋە ياكى پروجېكتى دەپ كارى بولۇنمايدىغان ياكى كۆرمەسكە سېلىنىدىغان بىر ئەھۋال ئەمەس. ھەممىدىن بۇرۇن تۈرك دۇنياسى، تۈركلۈك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ئەھۋلدۇر. بۈگۈن تاراتقۇلارغا چىقىۋاتقانلار پەقەت ۋەھشىلىكنىڭ كۆرۈنگەن تەرىپى. خىتاي خەلقىنىڭ ۋە كۈلتۈرىنىڭ تەبئىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭ رېئاللىققا ئىشىنىشى ئەلۋەتتە قىيىندۇر. مەسىلە ئىنتايىن چوڭقۇر يەرلەردە. شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەنلەر خىتاينىڭ ئىشغال ۋە يوقىتىش سىياسىتىنىڭ تەبئىي نەتىجىسىدۇر. ئۆز بىخەتەرلىكىنى باشقا خەلق ۋە كۈلتۈرلەرنى يوق قىلىش ئۇقۇمى ئاساسىدا بەرپا قىلىشقا تىرىشۋاتقان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تۈركلۈكنى يوقىتىش بىلەن قانائەت قىلمايدىغانلىقى ئېنىق.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: يىپەك، يىپەك يولى، خىتاي، ئۇيغۇرلار، ئىشخال، ئاسىمىلاتسىيە ۋە ئېرقىي قىرغىنچىلىق
كىرىش
يىپەك قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ سىياسىي مەقسەتلەر ئۈچۈن قوللىنىلغان. خىتاي ئىمپىراتورى، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 177-يىلىدا ھون ھۆكۈمدارىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئون پارچە پىششىققلاپ ئىشلەنگەن يىپەك، ئون پارچە نەقىشلىك يىپەك رەخت، 40 پارچە ھەرخىل رەڭلىك يىپەك، 40 پارچە قىزىل رەڭلىك ئېغىر يىپەك رەخت، 40 پارچە يېشىل يىپەكلىك رەخت ھەدىيە قىلغان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغالىدىمۇ يىپەك ۋە يىپەك يولى ئامىلىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. خىتاي، خەن سۇلالىسى زامانىدا يىپەكنىڭ غەربىي دۆلەتلەردىكى قىممىتىنى بايقاپ، يىپەك ئىشلەپچىقىرىشنى دۆلەت كونتروللىقىغا ئالغان ۋە ئىشلەپچىقىرىلغان يىپەكنى غەرىپكە ئۇلاشۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشكە باشلىغان ئىدى.
مىلادىيدىن بۇرۇنقى 136-يىلدا تەكشۈرۈش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلگەن جاڭچىيەن يىپەك يولىنىڭ شىئەن-قۇمۇل-تۇرپان لىنىيەسىنىڭ بەلگىلىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. تارىخىي باسقۇچلاردا تۇرپان-لوپنۇر-قەشقەر لىنىيەسى بەلگىلەنگەن؛ تۇرپان ۋە قەشقەر خىتاي يىپەكلىرىنىڭ تارقىتىش مەركىزى ھالىتىگە كەلگەن؛ يىپەك بۇ مەركەزلەردىن غەربىي دۆلەتلەرگە توشۇلغان.
خىتاي خاندانلىقلىرى خىتاي ئىقتىسادى ۋە تىجارىتىنىڭ مەركىزىدە يەر ئالغان يىپەكنىڭ غەربىي دۆلەتلەرگە بىخەتەر ھالدا توشۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن يىپەك يولى ئۈستىدىكى تۇپراقلارنى ئىشغال قىلماقچى بولغان؛ تاڭ سۇلالىسى، قوشۇنىنى تۈركىستانغا يوللىغان. 751-يىلى تالاستا ئېلىپبېرىلغان ئۇرۇشتا ئېغىر تالاپەتكە ئۇچۇرغان خىتايلار، تۈركىستان تۇپراقلىرىغا 1000 يىل ئاياق باسمىغان لېكىن ئىشغال قىلىش پىلاندىن ئەسلا ۋاز كەچمىگەن. 1759-يىلدا شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان مانجۇ-خىتاي قوشۇنى، 1884-يىلى شەرقىي تۈركىستانى ئىككىنچى قېتىم ئىشغال قىلىپ «يېڭى چىگرا \ يېڭى تۇپراق» مەنىسىدىكى شىنجاڭ ئىسمى بىلەن خىتايغا قوشۇۋالغان.
ئىشغالچى كۈچلەرگە قارشى چوڭ كۆرەشلەر نەتىجىسىدە 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان؛ خىتاي-سوۋېت ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە يىقىلغان بۇ دۆلەتتىن كىيىن 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئىككىنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىنغان. دەسلەپ مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاش ۋە مۇستەقىللىقىگە ياردەم قىلىش ۋەدىسى بىلەن ئوتتۇرغا چىققان خىتاي كوممۇنىستلىرى، 1949-يىلدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خالىشى ۋە رازىلىقىسىز قانۇنسىز بىر شەكىلدە رايوننى ئاخىرقى قېتىم ئىشغال قىلغان.
ختاي كوممۇنىست رېجىمى 70 يىللىق ئىشغال مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن ئاسىمىلاتسىيە مەركەزلىك سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي لاھىيەلىرى بىلەن تۈركلەرنى پىلانلىق، پروگراممىلىق ۋە سېستىمىلىق بىر شەكىلدە يوقىتىشقا ۋە خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان.
خىتاي كوممۇنىستلىرى، ئاۋۋال شەرقىي تۈركىستانغا مىليونلاپ خىتاي كۆچمەن يەرلەشتۈرۈپ رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ۋە مىللىي-ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلىقىنى بۇزغان؛ تۈركلەرنى ئاز سانلىق قىلىپ قويغان. 1949-يىلدا خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئومۇمىي نوپۇسىدىكى نىسبىتى بەش پىرسەنت بولسا، 1980-يىللارغا كەلگەندە 40 پىرسەنتكە يەتكەن.
كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى، ئىككىنچى قەدەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۈلتۈرەل توقۇلمىسىغا قول سالغان؛ ئەنئەنىۋىي ئەرەپ ئېلىپبەسىنىڭ ئورنىغا ئاۋۋال كىرىل ئېلەپبەسىنى، كىيىن خىتاي پىنيىن ئاساسىدا ياسالغان لاتىن ئېلىپبەسىنى ئالماشتۇرغان؛ 1980-يىللاردا تۈركلەرگە تەكرار ئەرەپ ئېلىپبەسىنى، 2000-يىللاردا بولسا «كومپىيوتىر يېزىقى» يېڭى لاتىن ئېلىپبەسىنى تاڭغان. شۇنداق قىلىپ نەسىللەر ئارسىدىكى ئالاقىنى ئۈزۈپ، خەلىقنى بىر-بىرىنى چۈشەنمەس ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان. يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلىقلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سېستىمىدا ھوقوقى ۋە تەسىرى بار يەرگە كېلىشلىرى تۈرلۈك سىياسىي لايھىيەلەر بىلەن توسالغان، ئۇلارنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئاپتونوم رايون ھەق ۋە ھوقوقلىرىنى ئىشىلتىشىگە پۇرسەت ۋە ئىمكان بەرمىگەن.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرىنى سۆمۈرۈپ، تۈركلەرنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايلارغا مۇھتاج ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان. 2000-يىللاردا «قوش تىللىق مائارىپ» ئىسمى بىلەن مەكتەپلەردە خىتايچە مائارىپنى يولغا قويۇپ ئۇيغۇر تۈركچىسىنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسىنى تارايتقان. ئاخىرقى يىللاردا بولسا «خىتايچە ئىسلام» ئىسمى ئاستىدا ئىسلامنى خىتاي كوممۇنىست سېستىمىسىغا ئۇيغۇن ھالەتكە ئېلىپ كىلىشكە ئۇرۇنۋاتىدۇ. جامەلەر، دىنىي زاتلار، دىنىي نەشىرلەر ۋە دىنى پائالىيەتلەر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نىشانى بولغان.
خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىگە قاراتقان ئاسىمىلاتسىيە سىياسىتى، 2017-يىلىدىن باشلاپ ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۆزگەرگەن. شەرقىي تۈركىستانغا قۇرۇلغان ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى»، ئەمەلىيەتتە بولسا جازا لاگېرلىردا، مىليونلارچە تۈرك مەجبۇرىي توپلىنىپ؛ ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىپ خىتاي مىللىي كىملىكىنى ۋە ئاتېئىزىمنى قوبۇل قىلىشقا زورلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە يۈزلەرچە پروففېسور، دوتسېنت، دوختۇر، مائارىپچى، دىنىي زاتلار، سەنئەتچىلەر بار. بۇ كىشىلەر يىللاردىن بېرى ھەرخىل ئۇنىۋېرسىتىتلاردا، ئىدارە ۋە ئورگانلاردا خىتاي ئاساسىي قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايون قانۇنلىرىدا ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ھەق ۋە ھوقوقلارغا ئاساسەن دۆلەت نازارىتى ئاستىدا ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇيۇقسىز گۇناھكار دەپ ئېلان قىلىنىدى. بۇلارنىڭ بىر قىسمى تۈرمىگە سولاندى، بىر قىسمى بولسا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى.
خىتاي كوممۇنىست رېجىمى، شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپبارغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇم سىياسىتىنى دىنىي ئاشقۇنلۇق، رادىكاللىق ۋە تېرورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قاراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەگەر شەرقىي تۈركىستاندا دېيىلگىنىدەك رادىكاللىق مەقسەت قىلىنغان بولسا بۇنىڭ مەسئۇلىيەتچىسى يەنىلا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىدۇر. خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ 70 يىلدىن بېرى مۇسۇلمان بىر خەلىققە ئېلىپبارغان ئاتېئىست مائارىپى سىياسىتىنىڭ تەبئىي نەتىجىسىدۇر. بىلىنگەندەك ئۇيغۇر خەلقى مۇسۇلمان بىر خەلىقتۇر. دىنىي تەربىيە ئېلىش، دىنىي زاتلارنى يېتىشتۈرۈش خەلىقنىڭ تەبئىي ئىھتىياجىدۇر. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى 70 يىلدىن بېرى دىنىي مائارىپقا رۇخسەت بەرمىگەن، مۇسۇلمان خەلىققە مەجبۇرىي ئاتېئىست مائارىپنى قوبۇل قىلغۇزماقتا.
خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىڭ پۈتۈن بۇ ئىجرائاتلېرى 25-30 مىليونلۇق شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىنى تامامەن يوق قىلىشقا، ئىشغال قىلغان شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىنى ئەبەدىي خىتاي تۇپرىقى قىلىۋېلىشقا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئاۋراسيا يولىنى ئاچىدىغان يېڭى يىپەك يولى پروجېكتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگەقىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى بۈگۈن ناھىيىتى ئېنىق ئاشكارا بولماقتا.
شۇنداق كۆرۈنىدىكى خىتاي، يىپەك يولى پروجېكتى بىلەن تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرىق، بالقان يېرىم ئارىلى ۋە شەرقىي ياۋروپانى تىجارەت تورلىرى بىلەن بىر-بىرلىرىگە باغلايدۇ؛ كېيىن ئىنشا قىلغان گىئو-ئىقتىسادىي بەلباغ بىلەن مەزكۇر رايونلارغا يەرلىشىدۇ؛ كېيىن رايوننى سىياسىي تەسىرى ئىچىگە ئېلىشقا كۈچەيدۇ. ئىمپېرىيالىست مەقسەتىك بۇ پروجېكىتنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىشى بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن توسالغۇلارغا دۇچ كەلگەندە مەزكۇر جۇغراپىيەدە ئۇرۇش ۋە ئىشغال ئۇسۇللىرى ئىشىلتىدۇ. چۈنكى خىتاي بۇ پروجېكتنىڭ ئەمىلىيلىشىشى ئۈچۈن تىرىليونلاپ دوللار مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. بۇ مەبلەغلەرنىڭ قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ئۇسۇل قوللىنىشتىن باش تارتمايدۇ. يېڭى يىپەك يولى ئۈچۈن مۇھىم توسالغۇ دەپ قارىغان شەرقىي تۈركىستان تۈركلىكىنى بىرتەرەپ قىلىشقا ئۇرۇنىشى بۇنىڭ تۇنجى بىشارىتىدۇر.
يېڭى يىپەك يولى پروجېكتى، تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىگە دەسلىپىدە بەزى مەنپەئەتلەرنى ئېلىپ كەلسىمۇ ئۇزۇن مۇددەتتە تۇپراقلىرىنى تارتىۋالىدۇ. خىتاي دەسلەپتە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنى قەرزدار قىلىپ قويىدۇ، قەرزىنى تۆلىيەلمىگەن دۆلەتلەردىن تۇپراق تەلەپ قىلىدۇ.
تارىخىي تەجىربىدىن يولغا چىقىپ شۇنى دىيەلەيمىزكى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان خىتاي، بۇ تۇپراقلارنى سەكرەش تاختىسى ئورنىدا پايدىلىنىپ تۈركىستان تۇپراقلىرىنى ئىشغال قىلىشنى نىيەت قىلغان. ئىقتىسادىي، كۈلتۈر، سىياسىي ۋە جۇغراپىيەلىك-كېڭەيگۈچى ئەمەللىرى ئۈچۈن قوللىنىدىغان شوئارى يېڭى يىپەك يولى پروجېكتىدۇر.
خىتاي، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇ يەردىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە، ئوتتۇرا شەرىق ۋە ياۋروپا بازارلىرىغا ئۇلىشىش ئۈچۈن بۇ پروجېكتتىن پايدىلىنىدۇ. خىتاي، ھاياتى مۇھىملىققا ئىگە بۇ پروجەكتنىڭ ئەمەلىيلىششى ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە تەييار. شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرى،بۇ پروجەكتنىڭ تۇنجى قۇربانلىرىدۇر. خىتايلار تارىختا يۇمشاق يىپەكلىرى بىلەن تۈركلەردىن ئات ئېلىپ تۈركىستاننى قانداق ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسا بۈگۈنمۇ ئوتتۇرا شەرق ۋە تۈرك جۇغراپىيەسىدىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە بۇ نىيەت بىلەن ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
خىتاي، يىپەك يولى ئۈستىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك مۇھىملىققا ئىگە بولغان نۇقتىللارنى سېتىۋېلىشقا، سېتىۋېلىش ئىمكانى بولمىسا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىجارىگە ئېلىۋېلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. مەقسەت يېڭى يىپەك يولىنىڭ نازارىتىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇشتۇر. ئەگەر تۈركىيە باشلىق تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بىر گەۋدە بولۇپ تەڭ ھەركەت قىلسا يېڭى يىپەك يولى پروجېكتىنى ئۆز مەنپەئەيىگە، يەنى تۈرك ئەللىرىنىڭ تىجارەت ۋە كۈلتۈر باغلىرىنى بىر-بىرىگە باغلىغان يېڭى تۈرك يولىغا ئۆزگەرتەلىشى مۇمكىن.
خۇلاسە
بۈگۈن تېنچ ۋە ھىندى ئوكيانلىرىدا چەكلىنىپ قالغان خىتاي، ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا تۈركىستان جۇغراپىيەسىگە مۇھتاجدۇر. ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە مەنبەلىرى، ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپا بازارلىرى خىتاي ئۈچۈن ھاياتى مۇھىملىققا ئېگىدۇر. تۈركلەر بۇ يولنىڭ كونتروللىقىنى ۋە نازارىتىنى قولىدا تۇتالىسا تۈركلەر خىتايلارغا ئەمەس؛ خىتايلار تۈركلەرگە مۇھتاج بولىدۇ. لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى ۋە تېزراق تۇران قوشۇنىنىڭ تەشكىللىنىشى، خىتاينىڭ قەرز تۇزاقلىرىدىن قۇتۇلۇشى، تۈرك تۇپراقلىرىغا خىتاي نوپۇسى ۋە كۈلتۈرىنىڭ سىڭىپ كېرىشىنى كەسكىن توسىشى كېرەك.
نەتىجىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقاندا ھەر ۋاقىت بىلگە قاغان ۋە كۆلتېگىننىڭ شۇ سۆزلىرى قۇلاقلىرىمىزدا جاراڭلىسۇن: «خىتاي مىللىتىنىڭ گىپى تاتلىق، يىپەكلىرى يۇمشاق ئىكەن. تاتلىق سۆز، يۇمشاق يىپەك بىلەن ئالداپ، يىراقتىكى خەلىقلەرنى يېقىنلاشتۇرىدىكەن. يېقىنلىشىپ يەرلەشكەندىن كىيىن يامان نىيەتتە بولىدىكەن.»، «تاتلىق سۆزلىرىگە، يۇمشاق يىپەكلىرىگە ئالدىنىپ تۈرك مىللىتى، جىق ئۆلدۈڭ. تۈرك مىللىتى ئۆلىسەن.»، «(خىتاي)، بۇنچىلىك كۈچىگىنىنى ئويلىماستىن تۈرك مىللىتنى ئۆلتۈرەي، يىلتىزىنى قۇرىتىۋىتەي دەيدىكەن.»
ئەسكەرتىش: پايدىلانغان مەنبەلەرنى ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسىدىن كۆرۈڭ.
ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسى: İpek, İpek Yolu, İşgal, Asimilasyon ve Soykırım