You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » قەلەم كۈرىشى (11)

قەلەم كۈرىشى (11)

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

كۆڭلىگە شۇملۇقلارنى پۈكۈپ يولغا چىققان جاڭ جىجۇڭ بولسا ئۆزى ئېگىز، قوللىرى ئۇزۇن، ئورۇق كەلگەن كىشى بولۇپ، بېشىغا چوڭ كەپقالغاندەك كۆرۈنىدىغان قاسقان شەپكىسىنىڭ ئاستىدىكى چوڭ كۆز ئەينەكنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان كىچىك كۆزى، ھەر دائىم ئوۋ ئوۋلاشقا تەييار تۇرغان تەجرىبىلىك قېرى تۈلكىنىڭ كۆزىدەك چاقناپ تۇراتتى. ئۇ ئەسلىدە بۈيۈك ھەربىي خىزمەتلەردە بولغان بولۇپ، پارتىيە ۋە ئارمىيەنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ئىدى.

جياڭ كەيشى خۇاڭپۇ ھەربى مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغاندا، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە خىزمەت قىلغان. ئۇ يەنە، جياڭ كەيشى ئۆزى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان، گومىنداڭنىڭ ياش ئىشپىيونلىرىنى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان ياش ئوفېتسىرلارنى تەربىيەلەيدىغان «ياشلار تەشكىلاتى» دەپ ئاتىلىدىغان تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى ئىدى.

جاڭ جىجۇڭ ئۈچ ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن، يول ئۈستىدە لەنجۇدا چۈشۈپ، مانا بۈگۈنكى بۇ سۆھبەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. ئۇ سۆزىدە: «خەۋىرىڭلار بولغىنىدەك، شىنجاڭدا چوڭ بىر توپىلاڭ بولدى. ھەتتا توپىلاڭچىلار بىر جۇمھۇرىيەتمۇ قۇردى. شۇڭا مەركىزىي ھۆكۈمەت مېنى ئۇلار بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تەيىنلىدى. مەن شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى سىلەردەك ياخشى بىلمەيمەن. پارتىيە ۋە دۆلەت تاپشۇرغان بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ ياردىمىڭلارغا موھتاجمەن. جياڭ ۋېييۈەنجاڭمۇ شەخسەن ئۆزى ماڭا: ‹شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىنى چوقۇم ئوڭشاش كېرەك، ئۇلارنىڭ يوللۇق تەلەپلىرىنى ئورۇنلاش، رەئىس ۋە ھەرقايسى نازارەتلەرگە يەرلىك مىللەتلەردىن مۇئاۋىن ئورۇن تەسىس قىلىپ، شىنجاڭنى مەركەز بىلەن يەرلىك تەڭ باشقۇرۇشى لازىم› دەپ تەلىمات بەردى، ئۇ سىلەرگە ئۆز سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشۇمنى تاپىلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشتا سىلەرنىڭ قانداق تەلەپ ۋە پىكرىڭلار بار بولسا، ماڭا ئوچۇق – يوروقلۇق بىلەن  ئېيتساڭلار».

پوزۇر كىيىنىۋالغان ئىيسا ئەپەندى ئىككى قولىنىڭ ئون بارمىقىنى بىر – بىرىگە كىرىشتۈرۈپ، چىرايلىق تارىۋالغان قويۇق چاچلىرى شۇنچىلىك ياراشقان بېشىنى سەل ئالدىغا ئېگىپ، ئۆزىنىڭ ۋەزمىن قىياپىتىنى تېخىمۇ نامايەن قىلىپ تۇرۇپ: «بىز نەچچە يىللاردىن بۇيان پىكىر – تەلەپلىرىمىزنى مەركىزىي ھۆكۈمەتكە ئېنىق بىلدۈرۈپ كەلدۇق. ئەنە شۇنداق قان تۆكۈلۈشلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆز تەلەپلىرىمىزنى توختىماي ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ تەلەپلەرنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلدۇق. لېكىن بىزنىڭ پىكىر ۋە تەلەپلىرىمىز بۈگۈنگىچە ھېچ قوبۇل قىلىنمىدى، ئېتىبارغىمۇ ئېلىنمىدى. شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتتە ھېچ ئۆزگىرىش بولمىدى. بۇنداق بىر سىياسەت بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى تىنچلىق بىلەن ئىدارە قىلىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. ئەلۋەتتە، بۇرۇنقى سىياسەتلەرنىڭ خاتا سىياسەت ئىكەنلىكى بۇ قېتىم ھەممىڭلارغا ئايان بولدى. چۈنكى بۇرۇن تەلەپلىرىمىزنى ئېيتىش ئۈچۈن سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا باراتتۇق، بۈگۈن كۆرۇپ تۇرۇپتىمىزكى، جياڭ بۇجاڭ جاناپلىرى پىكىر – تەلەپلىرىمىزنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدىمىزدا تۇرۇپسىز. ئەمدى بىزنىڭ تەكلىپ – پىكىرلىرىمىزنىڭ ئانچە قىممىتى قالمىدى. مۇھىم بولغىنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىكىرلىرى، تەكلىپلىرى. سىزنىڭ بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ كېلىشىم قىلىدىغان كىشىلىرىڭىز بىز ئەمەس، بەلكى ئىلى تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى. لېكىن شۇنداقتىمۇ، بىز يەنىلا سىز بىلەن ئۈرۈمچىگە بېرىشنى خالايمىز».

بۇ سۆزلەر جاڭ جىجۇڭنىڭ قۇلىقىغا ئانچە ياقمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيەدىكى تالانتىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇرۇق يۈزىگە چوڭ كېلىپ قالغان كۆز ئەينىكىنى سول قولى بىلەن سەل تۈزەپ قويۇپ، ئۆتكۈر بېقىشلىرى بىلەن ئۈچ ئەپەندىگە بىر قارىۋېتىپ، نېپىز لەۋلىرىنى تىترىتىپ تۇرۇپ: «ئېيتقانلىرىڭىزغا تامامەن قوشۇلىمەن. پىقىر سىلەرنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن بەرگەن قىممەتلىك پىكرىڭلارغا ھەر دائىم ئېتىۋار بېرىپ كەلگەن ۋە بۇ توغرىسىدا جياڭ ۋېيۈەنجاڭ بىلەنمۇ سۆزلەشكەنمەن. بىز ھازىر ئۆتكەن ئىشلارنى تەگەپ ئولتۇرىدىغان ۋەزىيەتتە ئەمەس. چۈنكى، نۆۋەتتىكى شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى سىلەر ئويلىغاندىنمۇ نەچچە ھەسسە جىددىي. مەن سىلەرنىڭ پىكىر-تەلىپىڭلارنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە ئەتىلا يولغا چىقىمەن. ئۇ يەردىكى خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ ئىشنىڭ تېگى – تەكتىنى بىلگەندىن كېيىن، سىلەرنى چاقىرتىمەن. بىز ئۈرۈمچىدە يەنە بار مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلىمىز، قېنى، بۇنىڭغا مەسئۇد ئەپەندى نېمە دەيدىكىن؟»

نەچچە يىللاردىن بېرى ئۆز ۋەتىنىگە قايتىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىپ چاڭقاپ كەتكەن مەسئۇد ئەپەندى، بۇ گەپلەرگە يەنە نېمە دېسۇن؟ ئۇ ئىنقىلاب خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن بېرى، مۇشۇ كۈنلەرنىڭ كېلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلغان ئەمەسمىدى؟ ھەتتا مەسئۇد ئەپەندى ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىشى ئۈچۈن مەركەزدىن رۇخسەت سوراپ، جياڭ كەيشى ۋە ئۇنىڭ كاتىپىغا خەتمۇ يازغان، ئەمما رۇخسەت بېرىلمىگەن ئىدى. مانا بۈگۈن بولسا جياڭ بۇجاڭ ئۆز ئاغزى بىلەن ۋەتەنگە بېرىش توغرىسىدا گەپ قىلىۋاتاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىچىدە شۇنچىلىك خۇش بولغان بولسىمۇ، ئەمما خۇشاللىقىنى چېھرىدە ئەكس ئەتتۈرمەي، ئۆز پىكرىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «ئەلۋەتتە، شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ خىزمەت قىلىش ھەممىزنىڭ ئارزۇسى. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىزگە ئېھتىياجى چۈشكەن ئىكەن، بىزنىڭ ياق دېيىشكە نە ھەددىمىز. ئەمما ئۇ يەرگە بارغاندا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى مەۋجۇت سىياسىتىدىن ۋاز كەچمەي، بىزنى ئالدىغا ئىتتىرىپ قويۇپ، ئىلى تەرەپنى ئىستەكلىرىدىن ۋاز كەچۈرۈش ئۈچۈن بىزنى قوللىنىمەن دەيدىغان ئىش بولسا، بىزنىڭ بارغاىنىمىزدىن بارمىغىنىمز ياخشىراق.

ئەگەر بىزگە ھەقىقەتەن ئىشىنىدىغان بولساڭلار، يەرلىك سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنى تامامەن بىزگە بېرىڭلار. بۇرۇنمۇ مەيلى ياڭ زېڭشىن بولسۇن، مەيلى جىن شۇرىن بولسۇن ۋە ياكى شېڭ شىسەي بولسۇن، مەركەزگە بويسۇنماي، شەرقىي تۈركىستاندا ئۆزى خان، ئۆزى بەگ بولۇپ ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزدى. ھەتتا ئۆز ئالدىغا ئارمىيىسى، ئۆز ئالدىغا پۇلى بار بولغان، تاشقى ۋە ئىچكى سىياسەتلىرىنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرىدىغان مۇستەقىل بىر دۆلەتتەك بولۇۋالدى. مەركەزنىڭ ھەرقانداق ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلمىدى. ئەمما بىز بولساق، مەركەزگە باغلىق بولغان، پەقەت ئىچكى ئىشلىرىمىزنى تامامەن ئۆزىمىز باشقۇرىدىغان چىنىي تۈركىستاننى ئىستەۋاتىمىز. ئەگەر بۇ تەلەپلىرىمىز ئورۇنلىنىدىغان بولسا بىز كېتەيلى. ئەكسىچە، ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى تۆكىدىغان ئىش ئۈچۈن كېتىدىغان بولساق، ئەڭ ياخشىسى بۇ يەردە ئۆلگىنىمىز تۈزۈك، چۈنكى بىز مىللىتىمىزنىڭ دەشنام تۈكۈرۈكلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ ئۆلۈپ كېتىشنى ھەرگىز خالىمايمىز».

جاڭ جىجۇڭ ئىيسا ئەپەندىنىڭ تەرجىمانلىق قىلىشى بىلەن مەسئۇد ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىنىڭ مەزمۇنىنى ئۇققاندىن كېيىن، ناھايىتى رازى بولغان قىياپەت بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ ئولتۇردى. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، ئۈچ ئەپەندىنىڭ قانداق تەكلىپلىرى بولسا، ئۇ ئەلۋەتتە جان دەپ قوبۇل قىلاتتى. چۈنكى ھازىرقى چاغ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارغا ئەڭ ئېھتىياجى چۈشكەن چاغ ئىدى. شۇڭا ئۇ پۈتۈن رازىمەنلىك تۇيغۇسىنى كۆز ۋە يۈزلىرىدە ئىپادىلەپ، مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى «ئەڭ رادىكال ئادەم» دەپ قارايدىغان مۇھەممە ئىمىن ئەپەندىگە چىرايىنى تېخىمۇ ئېچىپ تۇرۇپ: «مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىنىڭ قاراشلىرىنىمۇ ئاڭلاپ باقساق، ئەلۋەتتە سىزمۇ بۇ تەكلىپلىرىمگە ياق دېمەيسىز ھەقاچان، نېمىلا دېمىگەن بىلەن ئۆز يۇرتىڭىزغا بېرىپ، ئۆز خەلقىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىسىز ئەمەسمۇ؟» دەپ مۇغەمبەرلىك بىلەن كۈلدى.

دېمىسىمۇ، مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى ئۆز ئانا يۇرتىدىن ئايرىلغىلى نەق ئون يىل بولغان ئىدى. مۇشۇ ئون يىل جەريانىدا ئۆز ۋەتىنىگە قايتىشنى ئارزۇ قىلمىغان بىر دەقىقىسىمۇ يوق دېسەك، ھەرگىز پو ئاتقان بولمايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، «يۇرتىڭىزغا بېرىپ، ئۆز خەلقىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىسىز» دېگەن بۇ جۈملە، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئون يىلدىن بېرى ئاڭلىغان سۆزلەر، جۈملىلەر ئىچىدىكى ئەڭ يېقىملىق جۈملە ئىدى. بولۇپمۇ، ئۆزىدىن مەركەزنىڭ تەكلىپ – پىكىرلەرنى بېرىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ چوڭ غەلىبە ئىدى. گەرچە بۇ غەلىبىنىڭ ئىلى ئوغلانلىرىنىڭ قېنى بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى بىلسىمۇ، يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنىڭ قىممەتكە ئىگە بولۇۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن ئىدى.

ئەلۋەتتە، ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ پىكرىنىڭ قىممەتكە ئىگە بولۇشىنى ۋە قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بولۇپمۇ، ئۇ نەچچە يىلدىن بېرى قىلغان قەلەم كۈرەشلىرىنىڭ ئۆز خەلقى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى.  ئۇ تەكلىپلىرىنى ئۆز قەلىمى بىلەن يېزىپ جاڭ جىجۇڭنىڭ قولىغا تۇتقۇزماقچى بولدى. شۇڭا ئۇ ھېچ ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايلا: «دۇنيادا كىممۇ ئۆز ۋەتىنىنى سېغىنمايدۇ دەيسىز؟ بىزمۇ ئۆز ۋەتىنىمىزنى سېغىنغاچقا، نەچچە ئايدىن بۇيان ۋەتەنگە ئەڭ يېقىن بولغان بۇ يەرلەردە ۋەتەنگە تەلپۈنۈپ يېتىپ – قوپۇۋاتىمىز. بىزنىڭ ۋەتەنگە قايتىشىمىز قانچە تېز بولسا بىز ئۈچۈن شۇنچە ياخشى. مەن ئۆز پىكىر ۋە تەلەپلىرىمنى، دوستلىرىم بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، بۈگۈن ئاخشام سىزگە يازما شەكىلدە يەتكۈزۈپ بېرىمەن. شۇڭا ھازىر ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ بولىدۇ. لېكىن شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، بىز ۋەتەنگە ئۆز خەلقىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلغىلى بارىمىز. نەچچە يىللاردىن بېرى مەركەزگە ئاڭلىتالماي كەلگەن ئارزۇلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈنلا يولغا چىقمىز» دەپ سۆزىنى قىسقالا ئېيتتى.

ئۆمرىدە مۇنداق سۆھبەت – مۇنازىرىلەرنى تالاي قېتىم قىلىپ پىشىپ كەتكەن جاڭ جىجۇڭ تەرىنى ھېچبىر ئۆزگەرتمەي، ئۇلار بىلەن شۇنچىلىك مۇلايىملىق بىلەن قول ئېلىشىپ خوشلاشتى ۋە ئۇلارنى ماختاپ ئۇچۇرۇپ، ئۆز تۇرالغۇسىغا قايتىپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرى مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىگە پەيلاسوپ نىتچېنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئەسلەتتى: «ئۇلار يەنە مەدھىيەلىرىنى قولىغا ئېلىپ، سېنى چۆرىدەپ تۇرۇپ ۋىڭىلداۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەدھىيەسى يۈزى قېلىنلىق، ئۇلار سېنىڭ تېرەڭگە، قېنىڭغا يېقىنلاشماقچى».

مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى ئىيسا ئەپەندى ۋە مەسئۇد ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، بىر قارارغا كېلىپ، ئۆز تەكلىپ – پىكىرلىرىنى يازما شەكىلدە جاڭ جىجۇڭغا يەتكۈزۈپ بەردى. جاڭ جىجۇڭ  16 تۈرلۈك تەكلىپ يېزىلغان ۋاراقچىنى ئۈستەل ئۈستىدىكى لامپىنىڭ يېنىغا ئەكىلىپ تۇتۇپ، بىر – بىرلەپ كۆز يۈگۈرتۈشكە باشلىدى.

1. مەركەز مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغان بىر پرىنسىپقا ئاساسلىنىپ، مەڭگۈلۈك سىياسەت بەلگىلەپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەرسۇن.

2. مەركەز شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بىر مىللەت دەپ تونىسۇن.

3. مەركەز دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق مىللەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، تىل – يېزىق ۋە دىنىي جەھەتتىن، ھەمدە باشقا ئىجتىمائىي ئىشلاردا تەڭ – باراۋەر ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئېلان قىلسۇن.

4. مەركەز شەرقىي تۈركىستانغا ئاشكارا، يوشۇرۇن سىياسەت قوللانمىسۇن. بارلىق سىياسەتلەر شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ پىكىر – تەلەپلىرىنى ئاساس قىلغان ئاساستا بەلگىلەنسۇن. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، مۇزاكىرە قىلىش ئىشلىرىغا شۇ يەرنىڭ يەرلىك خەلقلىرى قاتناشتۇرۇلسۇن.

5. زوڭلىنىڭ تەلىماتىغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستانغا ئالىي مۇختارىيەت بېرىلسۇن.

6. شەرقىي تۈركىستانغا بېرىلىدىغان ئالىي مۇختارىيەت يولغا قويۇلۇش ئالدىدا، مەمۇرى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا يەرلىك خەلق قاتناشتۇرۇلسۇن.

7. شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلقىنى مەمۇرى ئىدارە – ئورگانلارغا خىزمەتكە ئالغاندا، «خىتايچە بىلىش كېرەك» دېگەن شەرت قويۇلمىسۇن. پەقەت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ۋەكىل بولالايدىغان ئىقتىدارلىق، ئادىل كىشىلەر بولسا بولىدۇ.

8. شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئۆز پىكىرلىرىنى ئەركىن ئوتتۇرىغا قويۇش ئەركىنلىكى بىرىلسۇن.

9. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سۆزلەش، نەشرىيات، يىغىلىش، جەمئىيەت – تەشكىلات قۇرۇش ئەركىنلىكى تولۇق مۇھاپىزەت قىلىنسۇن.

10. مەركەز شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىدىغان ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەرنى بەلگىلەشتە، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا بەلگىلىسۇن.

11. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل – يېزىقىدا يولغا قويۇلسۇن. ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ ئاندىن خىتايچە ئۆگىنىش دەرسى يولغا قويۇلسۇن.

12. شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىمتىھانلار يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىدا ئېلىنسۇن.

13. مەركەز شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرلۈك ئالۋاڭ – ياساق، باج – سېلىقنى ئېلىپ تاشلىسۇن. غەللە ۋە دۆلەت بېجى خەلقنىڭ تاپاۋىتىگە قاراپ ئېلىنسۇن.

14. شەرقىي تۈركىستانغا چىققان خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ يەرلىك خەلقنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە ئاخىرى پۈتۈنلەي يوق قىلىش غەرىزى بار بولسا، ئۇنداق ئەمەلدارلارنىڭ يامان نىيىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقى ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخى، تىل – يېزىقى، ئۆرپ – ئادىتى ۋە تىلەك – ئارزۇلىرىغا رىئايە قىلىش توغرىسىدا مەركەز بىر تۇتاش بۇيرۇق چۈشۈرسۇن. خىلاپلىق قىلغانلارغا قانۇن بويىچە جازا بەرسۇن.

15. ئىچكىردىن چىققان خىتايلارغا بېرىلىدىغان ئالاھىدە ئىمتىيازلار ئېلىپ تاشلانسۇن. ئۇلارنىڭ ئورنى يەرلىك خەلق بىلەن ئوخشاش بولسۇن.

16. مەركەز تىنچلىقنى قوبۇل قىلغان ھەرقانداق ئىنقىلابچىنىڭ ھاياتىغا، ئەركىنلىكىگە، ھەرقانداق جازاغا ئۇچرىمايدىغانلىقىغا كېپىللىك قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى تۈرمىلەرگە قامالغانلارنى ئازاد قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلسۇن.

جاڭ جىجۇڭ ئۈستەل ئۈستىدىكى قەلەملەر ئارىسىدىن قىزىل رەڭلىق قەلەمنى ئېلىپ، ئۇنى ئويناپ ئولتۇرغاچ ئازراق ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، تەكلىپ – پىكىرلەر ئىچىدىكى بىرىنچى ماددا بىلەن بەشىنچى ماددىغا قىزىل قەلەم بىلەن «x» دېگەن بەلگىنى ئۇرۇپ، يەنە سول قولى بىلەن كۆز ئەينىكىنى ئاستا تۈزەپ قويۇپ، مىيىقىدا كۈلدى.

ئۆكتەبىر ئايلىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئىدى. خۇاڭخې دەرياسى لەنجۇ شەھىرىدىن شاۋقۇنسىز، ئاستا ئېقىپ كېتىۋاتاتتى. كەچ كۈزنىڭ تاڭ شامىلى سارغايغان چىلان يوپورماقلىرىنى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇرتۇپ ئەكىتىۋاتاتتى. ئۈستىدە يوپۇرماقلىرى قالمىغان قېرى چىلان دەرىخىنىڭ شاخلىرى سوغۇق شامالدا ئۇشتەك چىلىۋاتاتتى. قۇياشنىڭ سېرىق نۇرى «سېرىق دەريا» دەپ ئاتالغان خۇاڭخې يۈزىدە ئىز – دېرەكسىز غايىپ بولۇپ كېتىۋاتاتتى. دەريا ئۈستىدىن ئۇچۇپ كېتىۋاتقان ئايرۇپىلاننىڭ كۈچلۈك ئاۋازى دەريانىڭ سارغۇچ سۈيىنىڭ قىرغاقتىكى قۇرۇم تاشلارغا رېتىملىق ئۇرۇشىدىن چىققان شاۋقۇنلىرىنى، دەريادا تەمكىن كېتىۋاتقان كىچىك پاراخوتنىڭ موتور ئاۋازىنى ۋە دەريا لېۋىدە بېشىغا ئاق دوپپا كىيىپ ناخشا ئېيتىۋاتقان دېھقاننىڭ چۈشىنىكسىز ئاۋازلىرىنى پۈتۈنلەي بېسىپ كەتكەن ئىدى.

ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچقان ئەنە شۇ مەخسۇس ئايروپىلان ئىچىدە ئۈچ ئەپەندىدىن باشقا يەنە، ئەردەم بىلەن ئەرتۇغرۇلمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ۋەتەننى سېغىنغانلار ئىدى. دۇنيادا ۋەتەننى سېغىنىشتىن ئېسىل ۋە گۈزەل تۇيغۇ بولمىسا كېرەك. چۈنكى ۋەتەننى سېغىنىشتا گۈزەل بىر ھاياتنىڭ تەمى بار، چىرايلىق ئېچىلغان قىزىل ئەتىر گۈلنىڭ سېرىن پۇرىقى بار. ئەنە شۇ گۈزەللىكنى، ئەنە شۇ شېرىن پۇراقنى پۈتۈن ئالەمگە تېگىشكىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭدا بىر نۇر بار، بىر گۈزەل رەڭ بار. بۇلار خۇددى ئىلى دەرياسى ۋە تارىم دەرياسى يۈزىدە چاقنىغان قۇياش نۇرىدەك، دەريا يۈزىگە چېچىۋېتىلگەن سان – ساناقسىز ئۈنچىلەرنىڭ چاقنىشىغا ئوخشايدۇ. ۋەتەننى سېغىنىش تۇيغۇسىنى ئىپادىلەشكە يا شېئىر يا داستان يەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇ تۇيغۇلار شېئىر ۋە داستاننىڭ مىسرالىرىغا سىغمايدۇ، ئىپادىلەشكە تىلنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. يولچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قەلبىدىكى ۋەتەن ھەسرىتىدە يانغان ئوتنىڭ تەپتى بىر – بىرسىدىن قېلىشمايتتى. ئۇلار بەشىلىسى شۇنچىلىك سۈكۈنات ئىچىدە ئولتۇراتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قەلبىدە ۋەتەننىڭ ئوتى تېخىمۇ ئۇلغىيىپ يانماقتا ئىدى. ئۇلار بىر – بىرىنىڭ ۋەتەن ھەسرىتىنى سەل چاغلىمايتتى. چۈنكى بۇ دەرتلەرنى شۇ دەرتنى تارتقان ئادەملەر ھەممىدىن ئوبدان بىلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھىجران ھەسرىتىدە، خۇددى نەۋايى:

ئەي ساقى، مەن يۇتمىغان ھىجران خۇنى قالدىمۇ؟

مەي بەرمىسەڭ، يەنە قان يۇتۇش ئىمكانى قالدىمۇ؟

دەپ ئېيتقاندەك، چىدىغۇدەك ماجالى قالمىغان ئىدى.

ئەردەم بۈگۈن ئەنە شۇ ھېچبىر ماجالى قالمىغان روھىغا ۋە قەلبىدىكى جاراھىتىگە مەلھەم سۈركەپ، سۇنغان قاناتلىرىنى قايتا رۇسلاپ، خىيال كەمىرىنى سامادا ئۇچۇرۇپ، ئايروپىلان ئۇرۇندۇقىدا راھەت ئولتۇراتتى. ئايروپىلان ئاستا – ئاستا كۆككە قاراپ ئۆرلەۋاتقاندا، ئەردەم قۇچىقىغا چۈشكەن قۇياش نۇرىغا شۇنچىلىك تەبىئىي، شۇنچىلىك جۇشقۇن، شۇنچىلىك ساپ نىيەتلىك، شۇنچىلىك بەختلىك بىر ئىپادە بىلەن قارىدى، ئۇ، نېمىدېگەن تۇتۇق بەرمەس نۇر – ھە! دەپ پىچىرلىدى ۋە يۈزىدە بۈگۈنگىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر تەبەسسۇم جۇلالىدى. بۇ تەبەسسۇم ئاجايىپ جەلپكار ئىدىكى، مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى قانچىلىك خىيالچان ئولتۇرغان بولسىمۇ، ئۇنى ئۆزىگە جەلپ قىلماي قالمىدى.

(داۋامى بار)

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top