You Are Here: Home » ئومۇمى » ئافغانىستان توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە

ئافغانىستان توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە

ئاپتورى: ئەنۋەر ئەخمەد

ئافغانىستاندا، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرگەندىن كېيىن تالىبانلار ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالدى. نۆۋەتتىكى ئافغانىستان ۋەزىيىتى، دۇنيادىكى قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىيتۈركىستان مەسىلىسىگە قىزىققۇچىلار بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتىكى شەرقىيتۈركىستانلىقلار كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى بولماقتا. شۇ نۇقتىدىن ئافغانىستان توغرىسىدا، تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى.
ئافغانىستاندا 2003- يىلىدىن باشلاپ، 9 مىڭدىن ئارتۇق قىز ئۆسمۈر مەكتەپكە بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن. ئۆتكەن 20 يىل جەريانىدا 3.5 مىليون ئايال مائارىپ تەربىيىسى ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 5% ئايال، ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان.22% ئايال، خىزمەت پېپىپ ئىشلىگەن، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ نىسبىتى 27% گە يەتكەن. خۇسۇسى ئىگىلىك ياراتقانلار مىڭ كىشىگە يەتكەن.
1919- يىلى، ئافغانىستاندا ئاياللارنىڭ سايلاش- سايلىنىش ھوقۇقى بولغان، بۇ ئەن´گىلىيەدىن بىر ئىلگىرى ئىدى. 1950- يىللاردا ئاياللار ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلاشقان. 1996- يىلى تالىبانلار ھاكىمىيەتكە چىققاندىن كېيىن بۇ خىل ئەھۋال ئاخىرلاشقان. ئاياللارنىڭ مەكتەپتە مائارىپ تەربىيەسى ئېلىشى مەن´ئىي قىلىنغان،ئورانماي سىرتقا چىقىشى چەكلەن´گەن.
ئافغانىستان چوڭ چوڭ دۆلەت ئەمەس ئەمما يېقىنقى 40 يىل جەريانىدا، ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت ئافغانىستانغا كىرىپ، چېكىنىپ چىقتى. يەنى تۇنجى قېتىم سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بولسا ئىككىنچى قېتىم ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرگەنلىكىدىن كۆردۇق.
ئۇنداقتا ئافغانىستان ناھايىتى قۇدرەتلىك، كۈچلۈك دۆلەتمۇ؟
1. ئافغانىستان ئۇنداق كۈچلۈك دۆلەت ئەمەس ئەمما ئافغانىستان ئىنتايىن قالايمىقان، مۇرەككەپ زىدىيەتكە تولغان بىر دۆلەت.
2. تالىبان بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى كىشىلەر ئويلىغاندەك ئۇنداق بىر ئاددىي مۇناسىۋەت ئەمەس. ئەمىلىيەتتە تالىبانلارنى ئامېرىكا ئۆزلىرى يۆلەپ چىققان. مانا بۇ نۇقتا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ كەتكۈزۈپ قويغان تەرىپى بولۇشى مۈمكىن.
1973- يىلى، ئافغانىستاندا سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا مايىل سولچىلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان. سوۋېتلەر ئىتتىپاقى، بۇ ھاكىمىيەتنى قوللاش ئارقىلىق خىتاي دۆلىتىگە قارتشى تۇرۇشنى، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان پاكىستاننى تېزگىنلەشنى مەقسەت قىلغان.
1978- يىلىغا كەلگەندە، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا زىددىيەت كەسكىنلىشىپ، ئاخىرى ھەربىي ئۆزگۈرۈش بولغان. ھەربىي ئۆزگۈرۈش ئارقىلىق ھاكىمىيەت بەشىغا چىققان رەھبەر، سوۋەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ دىگەن يېرىگە كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن سوۋەت ئىتتىپاقى ئالاھىدە قىسىملىرى ئۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئافغانىستاندىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر زورىيىپ، سوۋېتلار ئىتتىپاقى يۆلەپ تۇرغۇزغان ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ كۈچىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئافغان ھۆكۈمىتى سوۋېتلار ئىتتىپاقىدىن ياردەم سورىغان. سوۋېتلار ئىتتىپاقى زور قوشۇن ئەۋەتىپ، ئافغانىستاندىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنى كەڭ كۆلەمدە قانلىق باستۇرغان. بۇ دەۋر دەل ئامېرىكا- سوۋېت سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلى ئىدى.
سوۋېتلەر ئىتتىپاقى تەسىرىنىڭ جەنۇبىي ئاسىياغا قەدەر كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامەرىكا سوۋېتلەرگە، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق كۈچلەرنى قوللىغان. ئۇلارنى ئىلغار ئۇرۇش قوراللىرى بىلەن تەمىنلىگەن. ئەينى چاغدا خىتاي دۆلىتى، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ تالىبانلارنى قوللىغان. ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە، پاكىستاننىڭ ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسى 1979- يىلىدىن 1992 – يىلىغىچە، ئافغانىستاندا 100 مىڭدىن ئارتۇق (جىھادچى) پارتىزان ئەسكەر يېتىشتۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلەردىنمۇ پىدا´ئىي ئەسكەرلەر كېلىپ، سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. بىن لادىنمۇ ئەنە شۇ قاتاردا سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كېلىپ سەپكە قوشۇلغانلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ تەشكىلاتى كېيىنكى ۋاقىتتا ئامېرىكىغا قارشى „بازا تەشكىلاتى“ غا ئايلانغان.
ئەينى چاغدا خىتاي دۆلىتىمۇ ھەربىي خادىملىرىنى ئافغانىستانغا ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم قىلغان، ھەتتا ئىككى تەرەپ بىرلىشىپ مەشق قىلىش بازىلىرىنى تەسىس قىلغان. نەتىجىدە ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر زورىيىپ، ئافغانىستان ھاكىمىيىتى لىڭشىپ قالغان. سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىمۇ زور تالاپەتكە ئۇچراپ، ئاخىرى 1988- يىلى، ئۆز قوشۇنلىرىنى ئافغانىستاندىن چېكىندۈرگەن. سوۋېتلەر ئىتتىپاقى قوشۇنى چېكىڭەندىن كېيىن، ھۆكۈمەتكە قارشى قارشى جىھادچىلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچكى زىددىيىتى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشكە باشلىغان. ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئۇزلۈكسىز توقۇنۇش يۈز بېرىپ تۇرغان.
ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى كانداھار رايونىدا تالىبانلار باش كۆتۈرۈشكە باشلاپ ۋە 1994- يىلىدىن باشلاپ، ئۇلار رەسمى سىياسى، دىنىي، ھەربىي كۈچ بولۇپ شەكىللەن´گەن. ئۇلار 1996- يىلى كابۇلغا ھۇجۇم قىلىپ، ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغان. 1997- يىلى دۆلەت نامىنى „ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىگى“ دەپ ئۆزگەرتكەن. بۇ مەزگىلدە تالىبانلارغا قارشى بولغان „شىمالىي ئىتتىپاق“ دىگەن قەۋم ئافغانىستاننىڭ شىمالىي ۋە غەرپ تەرىپىدىكى رايونلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىپ، ئۆز تەسىرى ئاستىدا تۇتۇپ كەلگەن. تالىبانلار تېرور تەشكىلاتى بىلەن ئىنتايىن مۇرەككەپ مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن. تېرور تەشكىلاتلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغان.
2001- يىلىدىكى 11- سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئەسكەر چىقىرىپ، تالىبان ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا زەربە بېرىشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن تالىبانلار بىن لادىن بىلەن بىرلىكتە تاغ- جىلغىلار ئىچىگە يوشۇرۇندى. تالىبان ھاكىمىيىتىمۇ غۇلاپ چۈشتى.
ئامېرىكىنىڭ دەسلەپكى مەقسىدى، بىن لادىننى تۇتۇش، تالىبانلارنى جازالاش ئىدى. چۈنكى تالىبانلار بىن لادىننى قانات ئاستىغا ئالغان ۋە ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان. كېيىنكى ئەھۋال ئامېرىكىنىڭ تەسەۋۇر قىلغىنىدەك بولمىدى. تالىبانلارنىڭ قوراللىق ھۇجۇملىرى ئافغانىستاننىڭ ھەممە يېرىنى قاپلاشقا باشلىدى.
2001- يىلى، ئافغانىستاندىكى تالىبانلارغا قارشى كۈچلەر گېرمانىيەگە كېلىپ باش قوشۇشۇپ قايتقاندىن كېيىن ئافغانىستاندا يېڭى ھۆكۈمەت قۇردى. 2004- يىلى 10- ئايدا، خەلق سايلىغان پرەزىدىنتىنى سايلاپ چىقتى.
ئافغانىستان ئىنتايىن كەمبەغەل، مىللىتارىسلار باش كۆتۈرگەن، چىرىكلىك ئەۋج ئالغان بىر دۆلەت. ئافغانىستان´غا خەلقارادىن بېرىلگەن ياردەمنىڭ كۆپ قىسمى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چۆنتىگىگە كىرىپ كېتىپ، دۆلەت ئېقتىسادىنى ياخشىلاش پىلانلىرى ئىشقا ئاشمىغان. ئافغانىستاننىڭ ئېقتىسادىي كېلىش مەن´بەسى ئەپيۇن سېتىش ۋە كانن بايلىقلىرىنى سېتىشتىن كەلىدىغان بولۇپ، كان بايلىقلىرىنى ئېچىش ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي دىگۈدەك چەت´ئەل شىركەتلىرىگە سېتىۋەتكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە خىتاي دۆلىتى ئىگىلىۋالغان كان بايلىقلىرىنى ئېچىش ئىمتىيازى ئىنتايىن زور سالماقنى تەشكىل قىلىدۇ. ئافغانىستان ئۇنىڭدىن ناھايىتى ئاز كىرىم قىلىدۇ. ئېقتىسادىي جەھەتتە ۋەيرانە، ئىچكى جەھەتتە مالىمانچىلىققا پاتقان بۇنداق بىر دۆلەتنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش، ئامېرىكا ئۈچۈن ئاسان ھەل قىلالايدىغان مەسىلە ئەمەس ئىدى.
كونا ھۆكۈمەت، تالىبانلارغا ئەشەددىي دۈشمەن بولغان „شىمالىي ئىتتىپاق“نىڭ قوللۇشى بىلەن پۇت تىرەپ تۇرغان. „شىمالى ئىتتىپاق“ تەسىرىدىكى ئاھالىلەر ئاساسەن ئۆزبېگ، تاجىكلاردىن بولۇپ، ئافغانىستان نوپوسىنىڭ تەخمىنەن 30% نى تەشكىل قىلىدۇ. تالىبانلار تەسىرىدىكى ئاھالىلەر بولسا نوپۇسنىڭ تەخمىنەن 40% نى تەشكىل قىلىدۇ، نوپۇس سېلىشتۇرمىسى جەھەتتىكى پەرق چوڭ ئەمەس.
ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا، بۇ قوراللىق كۈچنىڭ ئەزالىرىنى بىۋاستە ئارمىيە، ساقچى، كوماندېر قىلىپ ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقيسى ساھەلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغان. مۇنتىزىم ھەربىي تەلىم- تەربىيە كۆرمىگەن، سېستىمىلىق يېتىشتۈرۈلمىگەن „شىمالى ئىتتىپاق“ نىڭ ئەزالىرى ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ئىشىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ھەر خىل ئاپپاراتلىرى ئىچىدە، 41% نىسبەتنى ئىگىلىگەن. ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي كوماندېر، ساقچى باشلىقى قاتارلىق ساھەدە تاجىكلار 43 % نى ئىگىلىگەن. ئۇلار ئافغانىستان مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشتقا قارىغاندا بەكرەك ئۆزىنىڭ قوراللىق كۈچ كوماندېرلىرىنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشقا ئادەتلەن´گەن.
ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ تىزىملىكتىكى ئارمىيە سانى 350 مىڭ بولۇپ، ئەمىلىيەتتە ئۇرۇش قىلالايدىغان ئەسكىرى كۈچىنىڭ سانى 250 مىڭغىمۇ يەتمەيدۇ. ئارمىيەنىڭ راسخودىنى ئۇزۇن يىل ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەمىنلەپ كەلگەن، شۇنداق بولغاچقا ئافغانىستان ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتنى قوغداش جەڭگىۋارلىقى تۆۋەن، بەشتىن بىر قىسمى ساۋاتسىز. بۇ نۇقتىدىن، ئافغانىستاننى كۈچلۈك دۆلەت دەپ قاراش ئەمەلىيەتتىن يىراق.
ئامېرىكا 2001- يىلىدىن 2009- يىلىغىچە ئافگانىستاندا ھىچقانداق ئىجابى نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. 2009- يىلى، ئوباما ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندىكى بەدىلى زور ئەسكىرى ھەرىكەتنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئافغانىستانغا 30 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىپ، تالىباننى پۈتۈنلەي تازىلاش پىلانىنى يولغا قويغان بولسىمۇ بۇ پىلان مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. سەۋەپ ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ پاسسىپلىقىدىن ئىبارەت. 2011- يىلىغا كەلگەندە، ئامەرىكا بىن لادىننى پاكىستاندىن قولغا چۈشۈرىدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئامېرىكا ئافغانىستاندىن تەدرىجى ھالدا ئەسكىرى كۈچىنى چېكىندۈرۈپ، 2015- يىلىغا كەلگەندە 2 مىڭ ئەسكىرى قالىدۇ. 2 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى بولغان كابۇل شەھىرىگە ئەينى چاغدا ،تالىبانلار كابۇلغا ھۇجۇم قىلىشقا جۈر´ئەت قىلالمىغان. بۇ نۆۋەت ئامېرىكىنىڭ ئاخىرقى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرگەندە، بىر قىسىم تالىبان ئەسكەرلىرىدىن تەركىپ تاپقان قوشۇن، 2021- يىلى 8- ئاينىڭ 15- كۈنى، بوش قالغان كابۇلنى قولغا چۈشۈرۈپ، پرەزىدەنت مەھكىمىسىنى ئىگىلىدى.
كۆپىنچى كىشىلەر، بۇ نۆۋەت ئامېرىكا ئافغانىستاندا ناھايىتى پاجىئېلىك يېڭىلدى دىيىشىدۇ. ئەمىلىيەتتە ئامېرىكا 20 يىلدىن بۇيان بېقىپ كەلگەن، ئېقتىدارسىز ئافغانىستان ھۆكۈمىتى يېڭىلدى دىسەك مۇۋاپىق بولىدۇ. تالىبانلار ھەرقايسى رايۇنلارغا كىرىشتە، ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ھىچقانداق قارشىلىقىغا ئۇچرىمايلا شەھەرلەرنى قولىغا ئالدى. ئامەرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈشىدىكى سەۋەپمۇ ئافغان ھۆكۈمىتى، ئارمىيەسىنىڭ دۇ دۆلەتنى باشقۇرالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەنلىكىدە.
ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا كىرىشىدىكى مەقسەت: ئافغانىستاندا دېموكراتىك ھاكىمىيەت قۇرۇش، دېموكراتىك تۈزۈم بەرپا قىلىش، ئافغانىستاننى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولماستىن بەلكى 2001- يىلىدىكى 11- سىنتەبىر ۋەقەسىنى سادىر قىلغان تېرورىس، تېرورىس تەشكىلاتىنى جازالاشتىن ئىبارەت ئىدى. تالىباننى يوقۇتۇش ئامېرىكىنىڭ مەقسىدى ئەمەس. ئەينى چاغدا ئامېرىكا ئافغانىستانغا كىرگەندە، تالىبان ھاكىمىيىتى يىقىلغان ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى ھاكىمىيەت چىققان. ئامېرىكا تەبى´ئىي ھالدا بۇ يېڭ ھاكىمىيەتنى يۆلەش، ياردەم قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ بىرەر دۆلەتنىڭ ھاكىمىيىتىنى تىكلەپ چىقىش، ئۇ ھاكىمىيەتنى ئاداققىچە قوغداش مەجبۇرىيىتى يوق.
بۇ يەردە شۇنى دىيىشكە توغرا كېلىدۇكى، ئامېرىكىنى خاتالاشتى دىسەك، ئۇنىڭ خاتالاشقان نۇقتىسى، ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت ئارمىيەسى توغرىسىدا چىقارغان يەكۈنىنىڭ خاتا بولغانلىقىدا. ئۇلارنىڭ ئېقتىدارىغا قارىتا زىيادە ئىشەن´گەنلىكىدە بولدى. ئاقىۋەتتە ئەسكەر چېكىندۈرۈش زور تالاپەتكە دۇچار بولدى.
ئەسلىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى چېكىڭەندىن كېيىن، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيىسى تالىبانلارنىڭ ھۇجۇمىغا 6 ئايغىچە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ دەپ قارىغان. ئەمەلىيەتتە ئۇلار 6 كۈڭىمۇ پايلىمىدى.
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن 70- يىللىرىغىچە بولغان جەرياندا،ئامېرىكا ئىجتىما´ئىي پەن ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخسلەر „مودەرنىزاتىئون تھەئوري“ دىگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئۇقۇم ئەينى چاغدا غەرپ ئەللىرىدە خېلى بازار تاپقان بولۇپ،“ دۇنيا تەرەققىياتى ئاخىرقى ھىساپتا غەرپچە دېموكراتىيە ۋە غەرپنىڭ جەم´ئىيەت مودېلىنى قوبۇل قىلىدۇ“ دىگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن. كېيىنكى ۋاقىتتا بۇ خىل قاراشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاندى.
دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر تەرەققى قىلدى ۋە زامانىۋىلىشىشنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ ئەمما بىر قىسىم دۆلەتلەردە تەرەققىيات، زامانىۋىلىشىش ئىشقا ئاشمىدى. ئافرىقىدا زور ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدىن سۆز ئېچىش مۈمكىن ئەمەس. ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە، تەرەققىياتتىن سۆز ئېچىش قىيىن. ئافغانىستان ئەنە شۇنداق دۆلەتلەردىن بىرى. بۇنداق دۆلەتلەردە سىياسى مۇقىمسىزلىق، جەم´ئىيەت مۇقىمسىزلىقى، مەزھەپچىلىك، ئىچكى قالايمىقانچىلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ.
كابۇلدا ياشىغان، ھەر ساھەدە يۇقۇرى سەۋىيەدىكى زاتلارمۇ يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ. يېزا – قىشلاقلاردا ئۆسۈپ يېتىلگەنلەر ئەلبەتتە يېڭىلىقنى قوبۇل قىلمايدۇ،ئۇلار تەرەققىياتقا يۈزلىنىشتىن يىراق. ئۇلار ئاتا- ئانىسىنىڭ سوۋېتلەرگە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇش ھايات كەچۈرمىشلىرىدىن تەلىم ئالغان، دۇنيا يېڭىلىقىدىن ئايرىلغان جەمىيەتتە ئۆسۈپ يىتىلگەن نامرات ئاھالىلەر. مانا بۇ نامرات ئاھالىلەر تالىبان جەم´ئىيىتى ئاساسىنىڭ ئەزالىرىدۇر. بۇ جەمىيەت ئەزالىرىنى تالىبانلار ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن ئاسانلا ھەركەتكە كەلتۈرەلەيدۇ. ئۇ نادان كىشىلەر ئاسانلا ئەگىشىدۇ. يېڭىلىقنى قوبۇل قىلمايدۇ.
تالىبانلار ھاكىمىيەتكە چىققاندىن كېيىن يېڭىلىققا ئىنتىلگۈچىلەرنى ئالدى بىلەن جازالىدى. ئۇلار ئىشنى ئالدى بىلەن مۇخبىر، سەن´ئەت ساھەسىدىكى خادىملار، ئادۋۇكات، ھەر ساھەدە خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار قاتارلىق كىشىلەرگە زەربە بېرىشتىن باشلىدى. تېلېۋىزور، كىنو ساھەسىنى مەن´ئىي قىلدى. 10 ياشتىن يۇقۇرى قىزلارنىڭ مائارىپ تەربىيەسى ئەلىشى، ئاياللارنىڭ سىرتقا چىقىشىنى مەن´ئىي قىلدى. ئۇلار ئېقتىسادىي جەھەتتە داۋاملىق ئەپيۇن سېتىپ، ئېقتىسادىنى قامداشتىن باشقا زور مىقتاردا كان ئېچىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىدىن پۇل تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.
تالىبانلار خەلقارا جەمىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نۆۋەتتە بىراز يۇمشاق سىياسەت قوللانغىنى بىلەن كېيىنچە قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشى مۈمكىن.

2021- يىلى، ئۆكتەبىر، گېرمانىيە.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top