You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مۇزلىغان شەھەر(1)

مۇزلىغان شەھەر(1)

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

 

ساڭا قاتتىق كۈن كەلسە،

بۇمۇ كېتەر دەپ سەۋر قىل.

زاماننىڭ ئىشىنى بىلىپتۇر،

ئۇنىڭغا شۇنچىلىك تىرەنگىن.

 

«تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن.

 

يول تاپىدىغان ۋە يول ماڭىدىغان ئەڭ گۈزەل ماكان ۋەتەندۇر. ۋەتەن گۈزەل كېلەچەك ئۈچۈن، ئۆز مېھنەت تەرى بىلەن، ئۆز جېنى ۋە قېنى بىلەن يول ئاچىدىغان ماكاندۇر. ھەركىم كىندىك قېنىنى شۇ ماكانغا تۆككەن كۈندىن باشلاپ، بۇ دۇنيانىڭ يولچىسىغا ئايلىنىدۇ. باسقان يوللىرى بولسا، بۇ دۇنيادا بار بولۇشنىڭ ئەڭ يۈكسەك غايىسى ۋە ھاياتىدىكى بارلىق كۈرەشلىرىنىڭ دەل ئۆزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەركىم مەۋجۇتلۇقتىن يوقلۇققا قاراپ تىنماي باسقان يوللاردا كۆپ نەرسىلەرنى كۆرىدۇ، ئۆگىنىدۇ ۋە ھايات ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا شۇ ۋەتەن ئۈچۈن بولىدۇ. ھەركىم ئاخىرى مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىپ كۆچۈپ كەتكەندە، باسقان يوللىرىدا ئىزلىرى قالىدۇ. ئىزلارنىڭ بەزىلىرى ئەبەدىي قالسا، بەزىلىرى دەۋرنىڭ دەبدەبىلىرىنىڭ توپا – چاڭلىرى ئىچىدە كۆمۇلۇپ قالىدۇ.

 

يۇقىرىدىن قارىسىڭىز، ئۈرۈمچى خۇددى كۆمتۈرۈلۈپ قويۇلغان يوغان قازانغىلا ئوخشايتتى. جان بېقىشقا مادارى قالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ چېھرى بەئەينى كۈل ئىچىدىكى كۆمەچتەك قارىداپ كەتكەن بولۇپ، ئۈستبېشى تۆكۈلۈپ تۇرغان ئاھالە شەھەر ئىچىدە قىروۋ سوققان يوپۇرماقلاردەك، تىرىكچىلىك كويىدا پىرقىراپ يۈرەتتى. تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقىدىن قاق سەھەردىن گۇگۇم چۈشكىچە يالاڭ كىيىمى بىلەن كوچىدا كىراچىلىق قىلىدىغان ھارۋىكەشلەرنىڭ پەيتۇنىدا ئولتۇرغان خىتاي پۇقرالىرىمۇ، ئالاقزادىلىق ئىچىدە قانداقتۇ بىر يەرلەرگە ئالدىراپ، پەيتۇنچىغا، «ئىتتىك ماڭمامسەن» دەپ خىرىس قىلىپ ۋارقىرشاتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنى شۇنچە تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشسىمۇ، ئەمما ئالايغان كىچىك كۆزلىرىدىن چىقىپ تۇرغان ئەنسىزچىلىكىنى ئەتراپىدىكى كىشىلەردىن يوشۇرالمايتتى. بۇلار نەچچە ۋاقىتتىن بېرى شاد – خورام ياشاپ، ماڭدامدا بىر يەرلىكلەرنى قاقتى – سوقتى قىلىپ، چۆنتىكىنى ئالتۇن – كۈمۈش بىلەن تولدۇرغان ئىدى. بىراق، ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بارلىقىنى كىم ئويلىغان دەيسىز؟ بۇلارنىڭ بۇنچىلىك ۋەھىمىلىك ساراسىمىغا چۈشۈپ، يۈرىكىدە بۇنداق دەھشەت قورقۇنچنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئامىل زادى نېمە؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىگە كۆكتىكى قۇياشتەك ئايان. بۇ قورقۇنچ ۋە ئالدى – كەينىگە قارىماي قېچىشلارنىڭ سەۋەبى، ماناس دەرياسى بويىدا ئۈرۈمچىگە «ھۇررا» دەپ كېرىش ئۈچۈن، كۈن ساناپ ياتقان مىللىي ئارمىيەنىڭ جاسارىتى، ھەيۋىسى ۋە تەھدىدى ئىدى. ئەمما ئادەملەرنىڭ ئاستىدىكى زېمىن ھېچ ئىش بولمىغاندەك شۇنچىلىك خاتىرجەم، شۇنچىلىك مەزمۇت تۇراتتى. ئۈستىدىن ئۆتۈۋاتقان ماشىنىلارغا، پەيتۇنلارغا، پىيادىلەرگە ۋە ئۇياقتىن بۇياققا ئۇچۇپ يۈرۈۋاتقان ئەخلەت – چاۋالارغا، ھەتتا يىراقتىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاق باشلىق تەڭرىتاغلىرىغا پەرۋامۇ قىلمايتتى. تارىختىن ئاۋۋال بار بولغان بۇ زېمىندا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تارىخى ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ، قانچىلىغان تەڭرىلەر بارلىققا كەلدى، قانچىلىغان قاغانلار دەۋران سۈرۈپ كۆچۈپ كەتتى، قانچىلىغان دۆلەتلەر ئۆرۈلۈپ، قانچىلىغان دۆلەتلەر قۇرۇلدى، قانچىلىغان ئۇرۇشلار بولۇپ، قانچىلىغان ئىنسانلارنىڭ قانلىرى تۆكۈلدى. ئەمما بۇ زېمىن ھېچ يەرگە كەتمەي، يۈزىنى كۆكتىن ئۆرىمەي، ۋاپادارلىق بىلەن يۈزىنى قۇياشقا قارىتىپ جىم تۇردى. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا، چەكسىز تارىخنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۈستىدە نۇرغۇن يوللار ۋۇجۇدقا كەلدى. ھەركىم ئۆزىنىڭ يولىدا ماڭدى. «ئوينىساڭ تۈزۈك ئوينا، ھەر كىمنىڭ يولى باشقا» دېگەن مۇشۇ بولسا كېرەك.

كۈزنىڭ سوغۇقى مۇنچىلىك جاندىن ئۆتسە، قىشنىڭ سوغۇقى قانچىلىكتۇ؟ دەپ ئويلىدى مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى. چۈنكى، ئۇنىڭغا ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسە مۇزلاپ تىتىرەۋاتقاندەك كۆرۈنۈۋاتاتتى. يا يۈزى كۈلگەن بىرەر ئىنسان، يا يېقىملىق شىلدىرلىغان بىرەر دەرەخ، يا سايرىغان بىر قۇش ۋە ياكى دېرىزىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان بىرەر تەشتەك گۈل كۆرۇنمەيتتى. يولنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى يالىڭاچلىنىپ قالغان ئاق تېرەكلەر تەڭرىتاغلىرىدىن بۆسۈپ كەلگەن كۈزنىڭ نەشتەردەك سانجىلىۋاتقان شامىلىدا، ئاققوۋۇقنىڭ تام تۈۋىدە غال – غال تىترەپ تۇرغان مەدىكارلار بىلەن تەڭ ھۇشقىتىپ لىڭشىيتتى. پاكار – پاكار ئۆيلەرنىڭ مورىسىدىن كۆتۈرۈلگەن قاپقارا ئىس – تۈتەك يۇقىرىغا كۆتۈرۈلمەي، خۇددى كۇھىقاپنىڭ ئىچىدىن چىققان ئەجدىھادەك ئادەملەرنىڭ بېشىدا تولغىنىپ يۈرەتتى. قۇياشنىڭ يۈزىنى قاپقارا پەردە يۆگۈۋالغاچقا، كۈپكۈندۈز تۇرۇپمۇ ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە گۇڭگا كۆرۇنەتتى. تۆگىدەڭنىڭ ئارقىسىكى غۇلاچ يەتكۈسىز تۈۋرۈكلىرى قاندەك قىزىل سىرلانغان بۇتخانىنىڭ ئىچىدىكى خىتاي ئاھالىسىنىڭ قۇيرۇقى ئايۋانغىچە ئۇزانغان ئىدى. دان تىرىپ يەۋاتقان قارغىلاردەك بېشىنى بىر ئىگىپ، بىر كۆتۈرۈۋاتقان خىتايلار كۈجە – ئىسرىق ۋە شام چىراقلار يېقىپ، شام چىراقنىڭ نۇرىغا چۆمۈلگەن بۇتلار ئالدىدا تەڭرى – ئەنبىيالاردىن مەدەت ۋە ئېسەنلىك تىلەپ، تائەت – ئىبادەت قىلىۋاتاتتى. ئۈچ ئەپەندىنى ئېلىپ ماڭغان قارا پىكاپ قالايمىقان رەستە – كوچىلاردىن ئۆتۈپ، تۆگىدەڭنىڭ ئارقا تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان شەھەر مەركىزىدىن يىراقراق ھەربىي مەكتەپنىڭ قورۇسىغا ئۇدۇل كىرىپ كەتتى. دەل مۇشۇ مەزگىلدە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ۋاكالىتەن ئىلى تەرەپتىن كەلگەن ئەھمەتجان ئەپەندى، رەھىمجان سابىرھاجى، ئوبۇلخەيرى تۆرە قاتارلىق ئۈچ ۋەكىل بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋەكىلى جاڭ جىجۇڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق تىنچلىق سۆھبىتى رەسمىي باشلانغان ئىدى. بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە، ئىلى تەرەپتىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرى ئۆز ھۆكۈمىتى نامىدىن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىش تەكلىپ – لايىھەسىنى گېنېرال جاڭ جىجۇڭغا تاپشۇردى. گېنېرال جاڭ جىجۇڭمۇ «مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى كۆرسەتمە لايىھەسى»نى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىگە تاپشۇردى. جاڭ جىجۇڭ بۇ كۆرسەتمە لايىھەنى لەنجۇدا ئۈچ ئەپەندىدىن تاپشۇرۇۋالغان پىكىر – لايىھەلەرنىڭ ئىچىدىكى ئۆزى قىزىل قەلەم بىلەن «x» بەلگىسى قويغان ماددىلارنى چىقىرىۋېتىپ، قالغان قىسىملىرىغا ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا يەنە «يەرلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش»دېگەن ماددىنى قىستۇرۇپ تۈزۈپ چىققان ئىدى. «يەرلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش»نىڭ ئاساسلىق چارىلىرى:

«ھازىر قالايمىقانچىلىق ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ناھىيەلەردە، تەرتىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە يېزا – بازارلارنىڭ باشلىقلىرىنى سايلاشنى تاماملاش، ئالتە ئاي ئىچىدە ناھىيەلىك كېڭەشنىڭ سايلىمىنى تۈگىتىش، خەلقچىلىق سىياسىتى يولغا قويۇش.

ناھىيەلىك كېڭەشلەر قۇرۇلغاندىن كېيىن، ناھىيەلىك كېڭەشلەرنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرى بويىچە ھەرقايسى ماددىلارغا قارىتا تەكلىپ سۇنۇش ھوقۇقى ۋە يەرلىك مەمۇرىي خادىملارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرى ئۈستىدىن پاش قىلىش، تەپتىش قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.

ناھىيەلىك كېڭەش قۇرۇلۇپ ئالتە ئايدىن كېيىن، يەرلىك خەلقتىن ئىناۋىتى يۇقىرى، بىلىم قابىلىيىتى كۆرۈنەرلىك بولغان ئىككى ئادەمنى سايلاش، ھۆكۈمەت ئۇلاردىن بىرىنى ناھىيە ھاكىملىقىغا قويۇش.

ھاكىمنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت مۇئاۋىن ھاكىم تەيىنلەيدۇ.

ھەرقايسى ۋىلايەتلەرنىڭ ۋالىيلىرىنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت كۆرسىتىدۇ، مەركەز ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ھەمدە يەرلىك زاتلارنى تاللاپ ئىشلىتىدۇ. باشقا يەرلىك مەمۇرىي خادىملارنى ئىشقا قويغاندا، كۆپىنچىسىنى يەرلىك زاتلاردىن تاللاپ ئىشلىتىشنى پرىنسىپ قىلىش كېرەك…» قاتارلىقلار ئىدى.

ئىككى تەرەپنىڭ بىرىنچى قېتىملىق سۆھبىتى ناھايىتى جىددىي تالاش – تارتىشلار ئىچىدە ئۆتتى. گەرچە جاڭ جىجۇڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ ياردىمىدە، سۆھبەت ۋەكىللىرى بىلەن رەسمىي شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئىلى ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مەقسىتىگە يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئەھمەتجان قاتارلىق ۋەكىللەر بىر جۇمھۇرىيەتنىڭ ۋەكىللىرىگە خاس سالاھىيەت بىلەن پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جاڭ جىجۇڭنى ناھايىتى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. بولۇپمۇ ئەھمەتجان ئەپەندى ئۆزىنىڭ ناتىقلىق قابىلىيىتىگە ۋە يۇكسەك سىياسىي بىلىمىگە تايىنىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي ئەركىنلىكىنى، ئازاتلىقىنى، مىللىي مەنپەئەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش  ۋە خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىكىدىن ئۈزۈل – كېسىل قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان قوراللىق ئىنقىلابى ھەققىدە قىسقا، مېغىزلىق قىلىپ چۈشەندۈرۈش بەردى. ئۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىنقىلابىغا قىلىنغان تۆھمەتلەرگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى:

«شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئاھ – زارلىرى چېكىگە يەتكەن ئەمگەكچى خەلقنىڭ قولىغا قورال ئېلىپ ئادالەت ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرىنىڭ نەتىجىسى. ئادالەت ھەقسىزلىك ۋە زۇلۇم قىلماسلىق دېگەنلىك بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەت جەريانىدا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىشلارنى توغرا، قانۇنغا ئۇيغۇن، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيەتلىرىنىڭ مىزانىغا ماس قەدەمدە قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئادالەتلىك بولغان دۆلەت ۋە ھۆكۈمدارنى ‹ئادىل› دەپ ئاتايمىز. ئادالەتنىڭ ئەكسى زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىق. ئادالەتلىك بولۇش ئىنسانىيەتچىلىكنىڭ ئەڭ يۈكسەك مىزانى ۋە خەلقىمىز ھەم دىنىمىزنىڭ ئەڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى. بىزنىڭ ئىنقىلابىمىز ئادالەت ئۈچۈن ئادالەتسىزلىككە قارشى قىلىنغان ئىنقىلاب. ياخشىچاق بولماق ئاسان، ئەمما ئادالەتلىك بولماق تەس. ئادالەتلىك بولۇش ئۈچۈن تەڭ ھوقۇقلۇق، تەڭ – باراۋەر بولۇش، باشقىلارغا تاجاۋۇزچىلىق قىلماسلىق لازىم. تەڭ ھوقۇق ۋە تەڭ – باراۋەر بولغاندىلا بىرلىك – باراۋەرلىك ئىچىدە ئىتتىپاقلاشقىلى بولىدۇ، تاجاۋۇزچىلىق بولمىسىلا، ئۇرۇش ۋە قان تۆكۈلۈش بولماي، تىنچىلىق ۋە دوستلۇق ئىچىدە باراۋەر تەرەققىي قىلىپ، گۈزەل دۇنيانى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئادالەت تەلەپ قىلىمىز، ئۆز ئازاتلىقىمىزنى تەلەپ قىلىمىز!»

ئەھمەتجان ئەپەندىم ئۆز خەلقىنىڭ ئازاتلىق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىنقىلابىنىڭ ئالتۇن مېۋىسى نەتىجىسىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەلەپ ۋە پىكىرلىرىنى پەلسەپىۋى قائىدە ۋە دىيالېكتىكىلىق نەزەرىيە ئاساسىدا ناھايىتى مەزمۇنلۇق قىلىپ سۆزلەپ، گېنېرال جاڭ جىجۇڭنىڭ چېكىسىدىن تەر ئاقتۇرۇۋەتتى. ئۇ ئالدىدىكى 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ مۇنچىلىك قابىلىيەتلىك سىياسىيون ۋە دىپلومات ئىكەنلىكىگە ھەيران – سەيران بولۇپ داڭ قېتىپ ئولتۇرۇپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۆزىنىڭ پىشقان تەجرىبىلىرىگە تايىنىپ، ئۆز ھىيلىسىنى ئىشقا سېلىپ:

_ مەن 60 ياشقا تاقاپ قالغان ئادەممەن، سىز بىلەن يېشىمىز بىر ھەسسە دېگۈدەك پەرقلىنىدىكەن. ئەگەر مۇنداق تاكاللىشىۋېرىدىغان بولساق ماڭا ھار كېلىدىكەن. مەن مەركەزگە ئېيتاي، باشقا ياشراق ئادەم ئەۋەتىپ سىز بىلەن سۆزلەشسۇن، – دېدى ۋە يەنە، – مەن بۇ يەرگە تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋەزىپىسى بىلەن كەلدىم، ھازىر ئۆزۈمنى تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم، دەپ قارايمەن، ئەگەر تىنچلىق ئەمەلگە ئاشمىسا، مەن ئەڭ ياخشىسى خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىپ، ئۈرۈمچىدىن كەتسەم بولىدۇ، – دەپ پوپوزا قىلىپ، تېرە تاراقلاتتى.

ئەھمەتجان ئەپەندى گېنېرال جاڭ جىجۇڭنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى ئەڭ تەرەققىيپەرۋەر، سوۋېت ئىتتىپاقىغا مايىل كىشى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ئەگەر ئۇ كېتىپ ئورنىغا باشقا بىرسى كەلسە، بۇ سۆھبەتنى ئېلىپ بېرىش تېخىمۇ قىيىنغا توختايتتى. ئۇ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەنپەئىتىنىڭ مۇشۇ قېتىمقى سۆھبەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلەتتى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن باشقا ئىككىنچى بىر يولنىڭ يوقلۇقىمۇ ئۇنىڭغا مەلۇم ئىدى. مىللىي ئارمىيەنىڭ ماناس دەرياسى بويىدا بېسىم بىلەن توختىتىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تىنچلىق بىتىمى تۈزۈشكە مەجبۇرلانغانلىقى ۋەكىللەرگە سىر ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ، تىنچلىق سۆھبەت ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ ئالىي مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بارلىق كۈچى ۋە قابىلىيىتى بىلەن كۈرەشكە ئاتلانغانىدى. شۇ ۋەجىدىن، ۋەكىللەر گېنېرال جاڭ جىجۇڭنىڭ تەكلىپ – لايىھەسىنى ئېلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن غۇلجىغا يۈرۈپ كەتتى.

 

(داۋامى بار)

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top