You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ھىجران يوللىرى

ھىجران يوللىرى

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

سابىت داموللام: «ياخشى بىلەن ئەسكىنىڭ يۈزى ئەسلىدە ئوخشاش، ھەربىر ئىنسان ھەق قۇدرەتىنىڭ يەر يۈزىدىكى نامايەندىسى، ئۇنىڭدا ھەق قۇدرەتىنىڭ ئالامەتلىرى ئەڭ مۇجەسسەم ھالدا تەجەللى بولغان. شۇڭا ھەقنى تونۇش ئۆزىنى سۈزۈك تونۇشتىن باشلىنىدۇ، مانا بۇ، ئالەمنى بىلىشنىڭ پرىنسىپى. ئالەمنى ۋە ئۆزىنى قانچە ياخشى بىلگەن كىشى، ھەققە شۇنچە يېقىن بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ھەقنى تونۇشى ئۇنىڭ ئەمەللىرى، ئىنتىلىشلىرى ۋە ئۇنىڭ قانداق يولدا مېڭىشىغا باغلىق. ئەگەر ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، ياخشى نەرسىلەرگە ئىنتىلىپ ۋە مۇرۇۋەت يولىدا ماڭسا، ئادەمنىڭ ياخشىلىقى تېشىغا تېپىپ، پۈتۈن ئىش – ھەرىكىتى ياخشىلىققا مايىل بولىدۇ ۋە ھەققە شۇنچە يېقىنلىشىدۇ.

ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغان تەقدىردە، ئادەمنىڭ ئىچىدە ئەسلىدىلا بار بولغان ھايۋانىي خۇسۇسىيىتى ئۆز رولىنى دەرھال جارى قىلدۇرۇپ، يامانلىقى تېشىغا تېپىدۇ – دە، قىلغان – ئەتكىنى ئەسكىلىككە مايىل بولۇپ، ھەقتىن شۇنچە يىراقلىشىدۇ. ئىنسان تەبىئىتىدىكى بۇ ئىككى قۇتۇپ، ئىككى خىل خۇسۇسىيەت ھەرۋاقىت توقۇنۇش ئىچىدە بولىدۇ. ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا جەننەتتىن قوغلانغاندىن بۇيان ئىنسانىيەتنىڭ باشلىرىغا كەلگەن بارلىق قىسمەتلەر، يەر يۈزىدە يۈز بەرگەن بارلىق بالايىئاپەتلەر، شۇنداقلا دەھشەتلىك ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى، ئەنە شۇ ئادەم تەبىئىتىدىكى ياخشى بىلەن ياماندىن ئىبارەت ئىككى قارىمۇقارشى ماھىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز توقۇنۇشلىرىدىن بولغان ئەمەسمۇ؟

دەرۋەقە، مەن خوجانىياز ھاجىمنى ھازىرچە توغرا يولدا دەپ قارايمەن ۋە ئۇنىڭ بۇ يولىغا جېنىمنى تەسەددۇق ئېتىمەن. ۋاقتى كەلگەندە بۇ يولنىڭ دىيىتىنى ئەزىز جېنىم بىلەن ئۆتۈسەممۇ ئەلھۆكمۇلىللاھ!

ئەگەر ھەقىقەتەن خوجانىياز ھاجىم توغرا يولنى تاللىمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئەسكىلىكى ھامان تېشىغا تېپىدۇ. ئەسلى ئەسكىلىكنى ئۆزىگە ئۆزى قىلغان بولىدۇ. بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزىنى ساقلاپ قالماق ئۇنچىلىك تەس ئىش ئەمەس، ئەسلى تەس بولغان نەرسە ئەسكىلىكتىن ساقلانماق، ئادالەتنى ھىمايە قىلماق، ۋىجداننىڭ سورىقىدىن قۇتۇلماق. چۈنكى، ئۆلۈم ئەسكىنىڭ ئالدىغا قاراپ تېخىمۇ تېز يۈگرەيدۇ. ئۇ چاغدا ئۆلۈم بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئەمەس، بەلكى خوجانىياز ھاجىمنىڭ ئالدىغا تېز يېتىپ بارىدۇ. ئەمما مەن يەنىلا بۇ ئىشلاردا كۆپ ئۈمىدۋار. سىلىمۇ تەشۋىشتىن قۇتۇلۇپ ئۈمىدۋار بولسىلا. ئۈمىد، كۆپ ۋاقىتلاردا تېخىمۇ زور جانلىقلىقنى، تېخىمۇ كۈچلۈك ھوشيارلىقنى ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر پىكىرلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئىلگىرىلەش، تەرەققىي قىلىش، ئەركىنلىك ئارزۇسىدۇر. ئۈمىد ھەرگىز ھەددىدىن ئاشقان تىلەك ئەمەس. چۈنكى تىلەك ئاچ كۆزلۈكنىڭ، خىرىسنىڭ ئانىسىدۇر.

ئۈمىد كەلگۈسى دېگەنلىك، شۇڭا ئۇ تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈنگە ئائىت ئەمەس. ئىنسان ئەسلىمىلىرى بىلەن ئۆتمۈشنى، ئۈمىدلىرى بىلەن كەلگۈسىنى قوچاقلايدۇ. ئۈمىد دائىم ئىشەنچ بىلەن بىرگە بولىدۇ، ئىشەنچ يوقالسا ئادەم ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قالىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ئۈمىدىمىز ئۆز چۈشەنچىلىرىمىزگە باغلىق بولىدۇ. چۈنكى، بىز بىر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ئۇ ئىش توغرىسىدا ئويلىشىمىز، يەنى پىكىر قىلىمز. بۇلارنىڭ ھەممىسى پائالىيەتلىرىمىزنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ. پىكىرلىرىمىز بولغاچقىلا ھايات ئەنە شۇنداق رەڭمۇ – رەڭ تۈسكە كىرگەن. بىز كاللىمىزدىكى پىكىرلەرنى ئۆز قەۋمىمىزگە نىسبەتەن ئۆچمەنلىك، ئىنتىقام، ئۇرۇش، قىرغىنلىقلار ئۈستىگە قۇرماي بەلكى، قېرىنداشلىق، سۆيگۈ، مۇھەببەتنىڭ ئۈستىگە قۇرۇشىمىز لازىم. شۇڭا، ھاياتقا ئۈمىد بىلەن قاراش ئېڭى بىزگە قىيىن شارائىتلاردا خاتىرجەملىك ئاتا قىلىپ، ئەندىشىدىن ئازات قىلىدۇ. ھەر خىل گۇمانلاردىن ساقلايدۇ. مەن ھامان شۇنداق بىر كۈنلەرنىڭ كېلىشىگە پۈتۈن قەلبىم بىلەن ئىشىنىمەن، ئۇ كۈنلەر كەلگەندە ئەپۇ قىلىنمايدىغان بەندە، قوبۇل بولمايدىغان ئارزۇ، يوقالمايدىغان زۇلۇم، شىپا تاپمايدىغان كېسەل، ھۇزۇر بولمايدىغان قەلب، ئېچىلمايدىغان كۆڭۈل، يامغۇر ياغمايدىغان تۇپراق، ئاللاھ دېمەيدىغان زۇۋان قالمايدۇ! يەنە شۇنداق بىر چاغلار كېلىدۇكى، ھەر كىم چوقۇم ئۆزىنىڭ قىسمىتىگە پۈتۈلگەن ئاشۇ يەرگە قاراپ يولغا چىقىدۇ ۋە شۇ يەرگە يېتىپ بارىدۇ. مېنىڭ بارار جايىم ئەمدى خوجانىياز ھاجىمنىڭ يېرى، مېنىڭ يولۇم ئۇنىڭ قۇتۇلۇش يولىنى ئاچىدۇ. ئەگەر بىرسى ئۆز يولىغا سادىق بولسا، جاللات ئۇنىڭ تەنلىرىنى پارام – پارچە قىلغىلى كەلسىمۇ، ئۇ يەنىلا جاللاتقا كۈلۈمسىرەپ قارايدۇ. بىزدەك بىرقانچە ئادەمنىڭ ھالاك بولۇشى ئۇنچىلىك قورقۇنچلۇق ئىش ئەمەس! ئەمما، بىر مىللەتنىڭ ھالاكەتكە يولۇقۇشى تولىمۇ ئېچىنىشلىق بىر ئىش»

ھارۋا چاقىنىڭ تاراقلىغان يېقىمسىز ئاۋازى ئات تۇياقلىرىنىڭ يول ئۈستىدىكى تاشلارغا سوقۇلىشىدىن چىققان ئاۋازلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، نامازشامنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزاتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي، يولنىڭ ئۇزۇنلۇقىدىن ھارغان قۇياشمۇ كۈنپېتىش تەرەپكە قىيسىيىپ، تاغ بېشىنى تەكىيە قىلىپ، ئېگىز چوققىلارغا باشقويدى. ئاتنىڭمۇ ھارۋىنى تارتىشقا ھېچ ماغدۇرى يەتمەيۋاتاتتى، ئەمما ھارۋا ھەيدىگەن ئەسكەر يىگىت كۆزلىگەن مەنزىلگە تېزرەك يېتىۋېلىش ئۈچۈن، قولىدىكى قامچىسىنى توختىماي ئوينىتىپ، ئاتقا ھەيۋە كۆرسىتەتتى. قاراڭغۇلۇقتا يولنى ئاۋايلاپ بېسىۋاتقان ئات بولسا ئۆزىگە قىلىنىۋاتقان تەھدىتتىن ئۈركۈپ، نەگە قەدەم بېسىشنى بىلمىسىمۇ، ئەمما قارىسىغا قەدەم ئېلىشقا مەجبۇر ئىدى. يولنىڭ ياقىسىدا ئاندا – ساندا كۆزگە گۇڭگا چېلىقىپ تۇرغان چۆپلەر دالانىڭ كەچكى شامىلىدا قارا يىلاندەك تولغىنىۋاتاتتى. ھارۋا بولسا ناھايىتى كۈچلۈك ئوغۇت پۇراقلىرى ۋە تېزەك تۇمانلىرىغا پۈركەنگەن پىنھان جايلارنى ئارقىسىغا تاشلاپ، بۇ قەدىمى يولدا تىنماي ئالدىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى. ھارۋا ئوڭغۇل – دوڭغۇل، ئەگرى – بۈگرى يوللار بىلەن يەنە بىر دۆڭلۈكنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، يېزىدىن خېلى ئوبدانلا ئۇزاقلاشتى.

سابىت داموللام كەينىگە مەيۈس ھالەتتە تەلمۈرۈپ قارىدى، يېزىدىكى ئۆيلەر، كوچىلار، تاملار، باغلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ كۆزىگە قاپقاراڭغۇ بولۇپ كۆرۈندى، ئۇ چىگىش بىر تۇيغۇ بىلەن ئالدىغا بۇرۇلدى، ئەمما ئالدىمۇ ئوخشاشلا قاپقاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالغان بولۇپ، ئىككى قەدەمنىڭ نېرىسىدىكى يولنى كۆرگىلى بولمايتتى. ئاسمان گۈمبىزىدە چاراقلاپ يانغان سان – ساناقسىز يۇلتۇزلارنىمۇ بارا – بارا قاپقارا بۇلۇت پەردىسى كېلىپ يېپىپ، قارا بوران ئىچىدە شىددەتلىك دولقۇن كۆتۈرگەن دېڭىزدەك كۆرۈنۈشكە باشلىغان ئىدى. سابىت داموللامنىڭ كۆڭلىگە بىردىنلا ئەنسىز بىر تۇيغۇ چۈشتى، چۈنكى پۈتۈن تەبىئەت قاراڭغۇلۇققا چۆكۈۋاتاتتى، ھارۋا خۇددى يوقلۇق سەھراسىدا غايىپ بولۇپ، ماكان ۋە زاماندىن ئايرىلغان بىر قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىۋاتقاندەكلا قىلاتتى، ئاللىقاياقلاردىن چىلبۆرىلەر توپىنىڭ ئۆز ئولجىسىنىڭ باغرىنى پارە – پارە قىلىۋەتكەندىن كېيىنكى غەلىبىسىنى ئالەمگە جاكارلىماقچى بولۇپ ھۇۋلىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىۋاتاتتى. ھارۋا مېڭىپ – مېڭىپ ئانا يۇرتنىڭ مېھىرلىك كۆزلىرىدىن پۈتۈنلەي يىراقلىشىپ، ئاخىرى تەلتۆكۈس غايىپ بولدى، شۇندىن مۇقەددەم سابىت داموللامنىڭ مۇبارەك يۈزىنى كۆرۈش ئەل – يۇرتقا ھېچ بىر زامان نېسىپ بولمىدى ھەمدە بۇ يوللار تارىختا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەلبىگە ھىجران يوللىرى بولۇپ مۆھۈرلەندى.

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top