ماتۇرىدىنىڭ دىن چۈشەنچىسىدە كەڭ قورساقلىق
ماتۇرىدىنىڭ دىن چۈشەنچىسىدە كەڭ قورساقلىق (باشقا دىن ۋە مەزھەپلەرگە بولغان قارىشى)
پروفېسسور دوكتۇر ساففەت سارىكايا (سۇلايمان دەمىرئەل ئۇنىۋېرسىتى ئىلاھىيەت فاكۇلتىتى ئوقۇتقۇچىسى، ئىسپارتا)
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئىدىقۇت ئوغلى
كىرىش
مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرىكى تۈركلەر ئېتىقاد قىلغان ئەنئەنىۋىي دىنلىرىغا ئاساسەن پەرىقلىق دىن مەنسۇپلىرى ۋە باشقا ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە، باشقا مىللەتلەردە كۆرۈلمىگەن بىر كەڭ قورساقلىق چۈشەنچىسىگە ساھىپ ئىكەنلىكى بىلىنمەكتە. بۇ كەڭ قورساقلىق چۈشەنچىسىنى ئەنئەنىۋىي تۈرك دىنىدا شەكىللەندۈرگەن ئىككى ئېتقاد قىممىتى بار: ئۇنۋېرسال تەڭرى چۈشەنچىسى ۋە بۇ چۈشەنچىنى ئاساس قىلىپ تەڭرىنىڭ ياراتقانلىقى سەۋەبىدىن پۈتۈن ئالەمنىڭ، ۋە ئىچىدىكىلەرنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ھۆرمەتنىلىنىشكە ھەقلىق ئىكەنلىكى. بۇ ئىككى قىممەتكە ئاساسەن دۇنيا قاراشلىرىنى ۋە دىن چۈشەنچىلىرىنى شەكىللەندۈرگەن تۈركلەرنىڭ ئېتىقادىدا تەڭرى، يالغۇز ۋە ئۇنۋېرسال بولۇپ، ھەممەيلەننىڭ ۋە ھەر نەرسىنىڭ تەڭرىسىدۇر. ھەر نەرسىنى ئۇ ياراتقان. ھەر نەرسە ئۇنىڭ مۈلۈكى ۋە ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر. بۇ ئاساستا يارىتىلغانلارمۇ تەڭرىنىڭ ئەسىرىدۇر، پەقەت مۇشۇ سەۋەپتىن بەزى ھۆرمەتلىنىشلەرگە ھەقلىقتۇر. ئەنئەنىۋىي تۈرك دىنىدا ھەرخىل تەبىئەتكە چوقۇنۇشلاردا بۇ خىل چۈشەنچىنىڭ ئىزلىرىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇ چۈشەنچىنىڭ بىر داۋامى سۈپىتىدە باشقا ئىنسانلارنىڭمۇ ئوخشاش تەڭرىگە ئىتقاد قىلغانلىقىنى قوبۇل قىلغان تۈركلەر ئارسىدا قوشنىلىرىنىڭ دىنلىرىغا قىزىقىشى، بولۇپمۇ غەرىپكە قارىتا نوپۇس ھەركەتلىرى باشلانغان زامانلاردىن ئېتىبارەن پەرىقلىق دىنلارغا بولغان قىزىقىشىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.
تۈركلەرنىڭ ئىسلام بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە كېيىنكى زامانلاردا ئىسلامنى قوبۇل قىلىشىدا كونا دىن چۈشەنچىلىرىنىڭ ئاكتىپ بولغانلىقى، ھەتتا ئىسلامنى قوبۇل قىلغان تۈركلەرنىڭ ئۆمۈشتىن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان مىللىي كىملىكلىرىنى قوغدىيالىغانلىقى ئېتراپ قىلىنماقتا. تۈركلەر، ئىسلاملىشىش جەريانلىرىدا بۈيۈك نىسبەتتە ئۆز چۈشەنچىلىرىگە ئۇيغۇن بولغان ھەنەفىي، ھەنەفىي\ماتۇرىدى دىن چۈشەنچىسىنى قوبۇل قىلغان. بولۇپمۇ ھەنەفىي\ ماتۇرىدىلىكنىڭ تۈركلەرنىڭ سىرتىدىكى مىللەتلەرگە بەك كۆپ يېيىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ بولماسلىقى، بەزى ۋاقىتلاردا ماتۇرىدىلىكنىڭ تۈركلەرگە خاس بىر مەزھەپ دەپ قارىلىشىغا سەۋەپ بولغان.
بىز بۇ دوكلاتىمىزدا ماتۇرىدىلىكنىڭ قۇرغۇچىسى دەپ قوبۇل قىلىنغان ئەبۇ مانسۇر مۇھەممەد ب.مۇھەممەد. ب.مەھمۇد ئەل- ماتۇرىدىنىڭ (333\944) دىن چۈشەنچىسىدە ئەنئەنىۋىي تۈرك دىنى مەنبە قىلغان بىر كەڭ قورساقلىق چۈشەنچىسىنىڭ ئىزلىرىنى تەتقىق قىلىمىز. بۇ يەردە يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئىككى ئامىلنى بىرمۇ بىر ئانالىز قىلمايمىز، بۇنى كۆرۈش پۇرسىتىمىزمۇ بولمايدۇ. شۈبھىسىزكى ئىسلام بىلەن بىرلىكتە يېڭى بىر دىن ۋە دىن چۈشەنچىسى بولغان. دېمەكچى بولغىنىمىز، يېڭى دىن مەنسۇپلىرىنىڭ ئۆتمۈشتىكى دىن ۋە ئۆرۈپ-ئادىتلىرىدىن بەزى ئامىللارنى يېڭى دىنغا ئېلىپ كىرىشىگە دائىر ئىجتىمائىي ئېنىقلىمىدۇر. شۈبھىسىز بۇ خىل كۆچۈرۈشتە چۈشەنچىلەر ۋە ھادىسەلەر ئوخشاش بولمايدۇ، يېڭى دىننىڭ ئوخشاش ئېلېمېنتلىرى بىلەن شەكىللىنىدۇ ۋە ئىپادە قىلىنىدۇ. بۇ سەۋەپتىن بىزنىڭ ئىمام ماتۇرىدىدە تەتقىق قىلىدىغىنىمىز، ئۇنى كونىلىققا قايتۇرۇش ئەمەس، تۈركلەرنى ياكى ماتۇرىدىلىكنى باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەردىن ۋە مەزھەپلەردىن پەرىقلىق قىلغان كەڭ قورساق پوزىتسىيەلىرىنىڭ ئاساسلىرى بولىدۇ. بۇ يەردە بىز داۋاملىق ئەشئارىيلاردىن، ھاشەۋىيلاردىن، خارىجىيلاردىن، مۇئتەزىلەدىن، شىئەدىن پەرىقلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ماتۇرىدىلىكنىڭ دىنىي كەڭ قورساقلىق چۈشەنچىسىنى، بۇ مۇناسىۋەتتە «باشقىلارغا» خىتاب قىلىش ئۇسلۇبىنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ شەخسىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا تىرىشىمىز. بۇ جەرياندا ئىمام ماتۇرىدى بىلەن ئالاقىلىق ئىككى ئاساسلىق ئەسەرگە، بولۇپمۇ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ ئىزاھاتىغا قارايمىز ۋە باھالاشلىرىمىزدا يېڭى تەتقىقاتلاردىن پايدىلىنىمىز. كېيىن ماتۇرىدىنىڭ پەرىقلىق دىن ۋە مەزھەپلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىپادىلىرىدىن تېمىنىڭ كونكىرت ھەجىمىنى ئوتتۇرغا قويۇشقا تىرىشىمىز.
دىن چۈشەنچىسى
ماتۇرىدى يازغان تەۋىلاتتىكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرگە قارىغىنىمىزدا يۇقۇردا بايان قىلغان ئىككى خۇسۇس بىلەن ئۇچرىشىمىز. ماتۇرىدىنىڭ دىن ئۇقۇمىغا يۈكلىگەن مەنا ئۇدۇل تەۋھىدنى، ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ئۇنىۋېرسال دىن چۈشەنچىسىدۇر. ماتۇرىدى سېستىمىسىنى ھەقىقىي ۋە خالىس دىن،بۇ دىننى تەشكىل قىلغان مېتودلۇق ئاساسلار، دىن-شەرىئەت ئايرىمى، ئىمان-ئەمەل ئايرىمى ئۈستىگە قۇرغان. ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ۋە ئادالىتىدىن سۆز قىلغان ئايەتلەرنىڭ ئىزاھاتىدا بولسا باشقا ئىنسانلارغا بولغان قارىشىنىڭ يىپ ئۇچلىرى يوشۇرۇنغان.
تېمىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ بىرىنچىسى: لَٓا اِكْرَاهَ فِي الدّٖينِ قَدْ تَبَيَّنَ الرُّشْدُ مِنَ الْغَي «دىندا زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى»ئايىتىدۇر. ماتۇرىدى بۇ ئايەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىزاھاتىدا، «زورلاپ قوبۇل قىلغۇزۇلغان نەرسىنىڭ دىن بولمايدىغانلىقىنى ھەتتا ئىمانمۇ بولمايدىغانلىقىنى» دىگەندىن كېيىن،» سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى»ئايىتىگە ئىشارەت قىلىپ، » ئىسلامنىڭ (رۇشد)، ئاللاھنىڭ ئىنكارىدىن (غايي) ئايرىلغاندىن كېيىن دىندا زورلاشنىڭ يوقلىقىنى» ئىپادە قىلغان. چۈنكى دىن زورلاش بىلەن ئەمەس ئوچۇق-ئاشكارە بولغانلىقى ئۈچۈن قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ قوبۇل قىلىش بىلەن بىرلىكتە مۇسۇلمان بولغانلار ئىتائەت قىلىشقا زورلانمايدۇ. ئەكسىچە ئاللاھ ئىتائەت قىلىشنى ئۇلارغا ياخشى كۆرگۈزىدۇ.
ئايەتنىڭ ئىزاھاتىدا دىننىڭ ئىمان ئىشى، ئىماننىڭ بولسا قەلبىي بىر پائالىيەت ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلىپ قەلىبلەرگە ئەسلا بېسىم ۋە زورلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى دىگەن.
وَقُلِ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكُمْ فَمَنْ شَٓاءَ فَلْيُؤْمِنْ وَمَنْ شَٓاءَ فَلْيَكْفُرْ «< ھەق پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نازىل بولىدۇ، خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن> دېگىن» ئايىتىنىڭ ئىزاھاتىدا ئىمام ماتۇرىدى ئاۋۋال، ئىسرا 17. ۋە فۇسسىلەت 41. ئايەتلەرنىمۇ زىكىر قىلىپ قىلىنغان ئەمەللەرنىڭ باشقىلار ئۈچۈن ئەمەس پەقەتلا كىشىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى دەپ، كىشىنىڭ قىلمىشلىرىغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. كېيىن رەسۇلۇللاھنىڭ ئىپادىسى بىلەن؛ «شۈبھىسىز مەن رسالىتىمنى سىلەرگە جاكارلايمەن، سىلەرنى ئىسلامغا كىرىش ئۈچۈن مەجبۇرلىمايمەن، خالىغانلار ئىمان ئېيتسۇن، خالىمىغانلار ئىنكار قىلسۇن» دەپ ئىمان ئېيتىشنىڭمۇ ئىنكار قىلىشنىڭمۇ كىشىنىڭ تاللىشى ۋە ئىرادىسى بىلەن بولىدىغانلىقىنى، تاللىشىغا قارىتا نىسىۋىسىنى ئالىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ.
بۇ يەردە ماتۇرىدىنىڭ ئوچۇق ھالدا ئىمان-ئەمەل ئايرىمىدىن چىقىش قىلىپ مۇرجىئىي\ ھەنەفىي ئەنئەنسىگە ئەمەل قىلغانلىقىنى كۆرۋالالايمىز. چۈنكى بۇنداق بىر ئايرىش بىلەن بىرگە ئىمان تېمىسىدا ئېتقاد قىلغانلارنىڭ باراۋەرلىكىنى ئېلىپ كەلگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئېتقاد، شەكىللەنگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۆزلىرىنى مۆئمىن ھېساپلىمىغان، ئىقرار قىلىشلىرىغا قارىماي ئىمانلىرى توغرىسىدا شۈبھە شەكىللەندۈرگەن، ئەڭ كىچىك ئەمەلسىزلىكنى ئىمانسىزلىق بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ چەتكە قاققان خارىجىي زىھنىيىتى ۋە ئەمەۋىي ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى پوزىتسىيىسىنى ئىپادە قىلاتتى. بۇ قارشى پوزىتسىيە ئەنۇ ھەنىفە، ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن بىرلىكتە سېستىمىلىق ئىزاھات بىلەن ھوقۇقىي باراۋەرلىككە ئېرشتى. يەنى ئاللاھنىڭ دىنىنى قوبۇل قىلغان ھەممە ئادەم دۇنيا ھاياتىدا مۇسۇلمان دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ، ھەرخىل سەۋەپلەردىن باشقىلىرى بىلەن ئايرىۋىتىلمەيدۇ ۋە مۇسۇلمان دەپ مۇئامىلە قىلىنىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن ئىمام ماتۇرىدىنىڭ تائەتلەر مەسىلىسىدىمۇ ئىمان ئېيتقانلارغا بېسىم قىلىنمايدىغانلىقنى ئىپادە قىلىشى مۇكەممەل بىر چۈشەندۈرۈشتەك كۆرۈنمەكتە. چۈنكى ئىمان ساھىپلىرىگە تائەتلەرنىڭ ياخشى كۆرسىتىلگەنلىكى، بۇ ياخشى كۆرۈشنىڭ نەتىجىسىدە تائەتلەرنىڭ قىلىنىدىغانلىقىنى دەيدۇ. ئۇ، اُو۬لٰٓئِكَ الَّذ۪ينَ هَدَى اللّٰهُ فَبِهُدٰيهُمُ اقْتَدِهْ » ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكىن.» ئايىتىنىڭ ئىزاھاتىدا » نامازنى، روزىنى، زاكاتنى تەرك قىلغانلار ئازغۇن دىيىلمەيدۇ. لېكىن خۇدانىڭ زىتىنى دىن قىلىۋالغانلار ئازغۇن دىيىلسە بولىدۇ.» دەپ مەسىلىگە بولغان قارىشىنى ئوتتۇرغا قويماقتا؛ تائەتلەر توغرىسىدىمۇ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ مەجبۇرلانمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.
ماتۇرىدىنىڭ بەقەرە 256.ئايەتنىڭ ئىزاھاتىدا تەكىتلىگىنى بولسا دىننىڭ قەلبىي پائالىيەت شەكلىدە ئوچۇق-ئاشكارە ئىكەنلىكى، رۇشد ۋە غايي ئايرىلغاندىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ ئەسلا دىن ھەققىدە زورلانمايدىغانلىقىغا بولغان تەكىتلەشتۇر.
بۇيەردە ئۇنىڭ دىندىن نېمىنى چۈشەنگەنلىكىگە قاراش كېرەك. ئۇ، ئەنئامنىڭ 90.ئايىتىدە ئەمەل قىلىنىشى بۇيرۇلغان «ئەل-خۇدا» نىڭ «ئۆزى بىلەن دىن قىلىنغان شەيئىنىڭ ئىسمى» ئىكەنلىكىنى دەپ مۇنداق داۋام قىلىدۇ: «بۇ بولسا پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ پەقەت بىر دىن ئۈچۈن كەلگەنلىكىگە دەلىلدۇر. بۇ دىننى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس. شۇرا 13. ئايەتمۇ بۇنىڭغا ئىشارەتتۇر. شۈبھىسىز دىن تەكدۇر ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئېھتىمالى يوقتۇر، لېكىن شەرىئەتلەر ھەرخىلدۇر ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىندۇر.» بۇ يەردە ئىشارەت قىلغان شۇرا 13. ئايەتتە بولسا «دىن» كەلىمىسىنىڭ قۇرئاندا » جازا (فاتىھە 3)، ھۆكۈم (يۇسۇف 76)، مەزھەپ ۋە ئېتىقاد قىلىنغان نەرسىلەر (كافىرۇن 6؛ ئال ئىمران 19)» مەنسىدە كەلگەنلىكىنى ئىپادە قىلىپ، ئايەتتە ئاخىرقى مەنانىڭ، مەزھەپ ۋە ئېتىقاد قىلىنغان نەرسىلەر مەنىسىنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقىنى دەيدۇ.
شَرَعَ لَكُم مِّنَ الدِّينِ مَا وَصَّى بِهِ نُوحًا وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَمَا وَصَّيْنَا بِهِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَى وَعِيسَى أَنْ أَقِيمُوا الدِّينَ وَلَا تَتَفَرَّقُوا فِيهِ «سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار» دەپ نۇھقا تەۋسىيە قىلغاننى، بىز ساڭا ۋەھىي قىلغاننى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا تەۋسىيە قىلغاننى ئاللاھ سىلەرگىمۇ دىن قىلدى. ماتۇرىدىمۇ داۋاملىق مۇنداق دەيتتى:» نۇھقا بېرىلگەن دىن باشقا پەيغەمبەرلەر ئۈچۈنمۇ زىكر قىلىندى. بۇ بولسا، ئاللاھنى بىر دەپ قاراش ۋە قۇللۇقنى ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلىشتۇر. ئەنبىيا ۋە روسۇلنىڭ ھەممىسى پەقەت ئاللاھنى بىر دەپ تونۇشقا چاقىرىش ئۈچۈن ۋە قۇللۇقنى ئۇنىڭغا خاس قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن. شەرىئەتلەر ۋە ئەھكامدا ئىختىلاپ قىلىنسا بولىدۇ. چۈنكى ھەر بىرىڭلارغا بىر شەرىئەت ۋە بىر يول بەردۇق. بۇيرۇلغان.»
بۇ يەردە ماتۇرىدى ؛ دىننى، ئاللاھنى بىر دەپ تونۇش ۋە پەقەتلا ئۇنىڭغا قۇللۇق قىلىش دەپ شەرىھلىگەن؛ دىننىڭ پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە ئەۋەتىلگەن ۋە ئىنسانلارغا تەبلىغ قىلىشى تەلەپ قىلىنغان ئۆزگەرمىگەن بىر شەيئىي ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغان؛ پەيغەمبەرلەرگە ئەۋەتىلگەن شەرىئەتلەرنىڭ ئۆزگەرتىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىپادە قىلغان ۋە بۇنى ئىمتىھان دەپ قارىغان؛ مۇشۇنداق قىلىپ ئوچۇق ھالدا دىن-شەرىئەت ئايرىمى قىلغان.
ماتۇرىدى تەۋھىد دىنىنى پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە باغلاپ ئۆزگەرمەسلىكىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن دىننىڭ ئۆزگەرمەسلىكى دائىرىسدە فىترىلىكى ۋە توغرىلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ، ھەنىف، خالىس، مۇخلىس ئىپادىلىرىنىڭ «ھەققە ئۇلاشتۇرىدىغان» مەنىسىدە ھەق دىننى، تەۋھىد دىنىنى ئىپادە قىلغانلىقىنى دەيدۇ.
«باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ، توغرا دىنغا يۈزلەنگىن، مۇشرىكلاردىن بولمىغىن.» ئايىتىنىڭ ئىزاھاتىدا تەۋھىد ئېتقادىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن داۋاملىق » يارىتىلىش شاھىتلىق قىلغان نەرسىگە يۈزلىنىشكە ئەمىر قىلىندىم، چۈنكى ھەر نەپەسنىڭ يارىتىلىشى ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە شاھىتلىق قىلىدۇ.» دەپ دىننىڭ فىترىلىكىنى ھەنىف ئۇقۇمى رامكىسىدا تىلغا ئالىدۇ. لېكىن ئۇ، پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنى ھەق دىن ئۈستىدە دەپ قارايدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتى.
اِنَّ الَّذٖينَ فَرَّقُوا دٖينَهُمْ وَكَانُوا شِيَعاً لَسْتَ مِنْهُمْ فٖي شَيْءٍ » دىندا بۆلگۈنچىلىك قىلىپ تۈرلۈك پىرقىلەرگە ئايرىلغانلاردىن سەن ئادا-جۇداسەن؛ ئۇلارنىڭ ئىشى پەقەت ئاللاھقا خاستۇر.» بۇ يەردىكى «بۆلگۈنچىلىك» ھەقىقىي مەنادا كەلگەن. چۈنكى پۈتۈن دىن ساھىپلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دىنلىرى ئاللاھنىڭ دىنىدۇر. ھېچبىرى ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ دىنىدا ئىكەنلىكىنى دىمەيدۇ.
» بىزنىڭ ئۇلارغا چوقۇنۇشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇشى ئۈچۈندۇر» دەيدۇ، » بۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلار» دىيىشىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىچە ئاللاھنىڭ دىنىنى چىڭ تۇتتۇق دەپ ئويلايدۇ، لېكىن ھەقىقەتتە بولسا ئاللاھنىڭ دىنىدا تەپرىقە پەيدا قىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ دىنى ئەمەس.
بۇ ئىزاھاتلاردا، ئېتقاد قىلغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆزى ئېتقاد قىلغان نەرسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى ۋە بۇنى مەشرۇلاشتۇردىغان قاراشلارنى پەيدا قىلغانلىقىنى بايان قىلىشى تولىمۇ توغرا ۋە نەق جايىغا چۈشكەن. مۇشرىكلار، ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن بۇتلىرىنى قوللانغانلىقىنى دىيىش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرىنىڭمۇ ئاللاھنى قوبۇل قىلغانلىقلىرىنى ئىپادە قىلىپ ھەق دىن ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى داۋا قىلماقتا. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى دىندا بۆلگۈنچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەمەلىيەتتە ئوخشاش ھادىسە ئەھلى كىتاپتىمۇ مەۋجۇت. » بۇ يەردىكى پەرق، رەسۇللارنىڭ ۋە ئەنبىيالارنىڭ زامانىدا ئاللاھنىڭ دىنىغا ئەگەشكەنلىكىنى لېكىن كېيىن بۇ دىندىن ئايرىلغانلىقىغا ئارتىپ قويىدۇ. بەقەرە 89. ۋە ئال ئىمران 6. ئايەتلەر بۇنىڭغا ئىشارەتتۇر. چۈنكى ئۇلارمۇ ئۆزلىرىگە تەبلىغ كەلگەندىن كېيىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ توغرا ئېتقادلىرىدىن ئازغان، كېيىن ئۆزلىرىگە توغرىلار يەتكىنىدە بۇنى ئىنكار قىلغان. بۇ ئەھۋال بۆلگۈنچىلىكنىڭ باشقا بىر شەكلىنى كۆرسىتىدۇ.
» سەن ئۇلارنىڭ دىنىدا ئەمەس.چۈنكى ئۇلار ئاتىلىرىنىڭ دىنىنى تەقلىد قىلىدۇ. سېنىڭ دىنىڭ بولسا دەلىللەر ۋە ئىسپاتلار دىنىدۇر. شۇڭلاشقا سەن ئۇلارنىڭ دىندا ئەمەس.» بۇ ھادىسىنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە ماتۇرىدى يەنە ناھايىتى توغرا بىر مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ: ئاتىلىرىنىڭ دىنىنى تەقلىد قىلىش. ئىنسانلارغا مەيلى قانچىلىك فىترات جەھەتتىن ھەق دىنغا بولغان تونۇشى بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۇلار تۇغۇلۇشىدىن باشلاپ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ يېنىدا بولغانىقى ئۈچۈن تۇنجى دىنىي ئۇچۇرلارنى كۆپىنچە ئەھۋاللاردا تەقلىد قىلىش ئارقىلىق ئاتا-ئانىلىرىدىن ئۆگىنىدۇ. چوڭ بولغانلىرىدا بولسا دىنلىرىنى دەلىل- ئىسپاتلار بىلەن كۈچلەندۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاسانلىقچە تەقلىدچى بىر زېھنىيەت بىلەن، ئەنئەنىۋىلىشىپ كەتكەن دىنلىرىنى داۋام قىلىشقا مايىل بولغان. ئەنئەنىلىرىنىڭ ئۆزگۈرۈشكە مايىل بولىشى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ دىنى چۈشەنچىلىرىدە ئۆزگۈرىشنى ۋە ھەق دىندىن ئۇزاقلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەمەلىيەتتە بولسا ھەقىقىي تەۋھىد دىنى دەلىل- ئىسپاتنى ئاساس قىلىدۇ. دەلىل- ئىسپاتنىڭ ئاساسى بولسا ئەقىلدۇر. دەلىل ۋە ئىسپات ئەقىل بىلەن پۇت تىرەپ تۇرىدۇ. ئەقلىگە ئەگەشكەن دىنىنى قوغداپ قالالايدۇ.
ماتۇرىدى ، ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن فىترىي دىن، ھەق دىننىڭ قايسىسى ئىكەنلىكىگە جاۋابنى يەنە قۇرئاندىن تاپىدۇ: وَمَنْ يَبْتَغِ غَيْرَ الْاِسْلَامِ دٖيناً فَلَنْ يُقْبَلَ مِنْهُۚ وَهُوَ فِي الْاٰخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرٖينَ «كىمكى ئىسلامدىن باشقا غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر.»
ماتۇرىدى مۇنداق دەيدۇ: » تىلەش تەلەپ قىلىش دىمەكتۇر. «ھەرگىز ئۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ.» ئىپادىسىدە، كىشى بۇنىڭدىن نېمىگە تايىنىدىغاندۇ؟ دىگەن ئويغا كېلىدۇ. ھالبۇكى دىننى تىلەشتىكى مەقسەت ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشتۇر.» ئايەت، ئىسلامدىن باشقا دىننى تىلىگەنلەرنىڭ ياخشىلىقلىرى ۋە ئەمەللىرى بىكار بولىدىغانلىقى مەنسىىنى بىلدۈرمەكتە؛ ئىسلامدىن باشقا دىن ئۈچۈن قىلىنغان تىرىشىشنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى؛ ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن بۇتلارنى ۋە باشقىلىرىنى دىن قىلغانلارنىڭ بۇلار بىلەن يېقىنلىشالمايدىغانلىقلىرىنى؛ ھەقىقىي غەيرەتنىڭ، ھەق دىنىي تەلەپ ئۈچۈن سەرىپ قىلىنىشى كېرەك ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەرمەكتە.» ئىخلاس بولسا ئاللاھنىڭ دىنىغا ئەگىشىش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش ۋە كۈچەش دىمەكتۇر.
ماتۇرىدى بۇ بايانىدىن كېيىن كاپىرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دىنلىرىغا ئىسلام ئىسمىنى بەرمىگەنلىكىنى » ئىسلامنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ دىنى سۈپىتىدە تەۋھىدكە ئىمان ئېيتقانلار ئەگەشكەن دىننىڭ ئىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.»
پۈتۈن بۇ بايانلارنى مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا، ماتۇرىدى قوبۇل قىلغان ئۇنىۋېرسال دىننىڭ چىگراسىنى مۇنداق سىزالايمىز: دىن، ئىنساننىڭ فىترىتىگە ئۇيغۇن ھەق دىن، ھەنىف دىن، خالىس دىن دەپ تەرىپلەنگەن، پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە ئەۋەتىلگەن، ئاللاھنى بىر دەپ تونۇشنى ۋە پەقەتلا ئۇنىڭغا قۇللۇق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەر تۈرلۈك دىنىي پائالىيەتنى تەۋھىدكە يۈزلەندۈرگەن، ھەر تۈرلۈك شىركنى رەت قىلغان، تاغىير ۋە تەنسىھكە ئىمكانى بولمىغان، دەلىل ۋە ئىسپاتقا تايانغان، ئىسمى ئىسلام بولغان تەۋھىد دىنىدۇر. تەۋھىدنى مەركەز قىلغان بۇ دىننىڭ، ھەزرىتى ئادەمدىن باشلاپ ھەزرىتى مۇھەممەدكىچە بولغان ئىنسانلارغا ئۆزگەرمەس بىر شەكىلدە تەبلىغ قىلىنغانلىقىغا قارىساق، ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا دەۋەت قىلىنغان ئاللاھنىڭ، ھەر شەيئىنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە ھەممە ئىنساننىڭ رەببى، ئۇنىۋېرسال يىگانە تەڭرى ئىكەنلىكىنى چۈشىنۋالالايمىز. بۇ خىل چۈشەنچە تۈركلەردە بولۇپ ئۆتكەن ئۇنىۋېرسال تەڭرى چۈشەنچىسى بىلەن ئوخشىشىدۇ. يېقىنقى زاماندا ئېلىپبېرىلغان بەزى تەتقىقاتلار ھەقىقەتەن بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ماتىرياللارغا ئىگە. شۇ سەۋەپتىن ئىمام ماتۇرىدى ، ياشىغان جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانىغا ئورنىتىلغان ئىلاھ ئۇقۇمىنى، قۇرئاننى ئاساس قىلىپ ۋە ئىسلام دائىرىسى ئىچىدە تۇرۇپ سېستىمىلىق شەكىلدە تىلغا ئالغان. بۇ چۈشەنچە، ئۇنىڭ كۆپخىللىق جەھەتتىن شىركنى ئىپادە قىلمىغان دىنىي چۈشەنچىلەرگە تەڭپۇڭلۇق ۋە كەڭ قورساقلىق بىلەن قارىشىغا ئىمكان سۇنغان.
رەھمەت ۋە ئادالەت چۈشەنچىسى
ئىمام ماتۇرىدى نىڭ كەڭ قورساقلىق چۈشەنچىسىنى چۆردىگەن ھالدا تىلغا ئالماقچى بولغانىمىز يەنە بىر تېما بوسا ئىنسانلارغا رەھمەت، ئادالەت، شەپقەت ۋە مەرھەمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك پوزىتسىيىسىدۇر. ئۇ فاتىھە سۈرىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تىلغا ئالغاندا، جانابى ھەقنىڭ ئاللاھ ۋە راھمان ئىسىملىرىنى بۇ سۈرە بىلەن ئۆزىگە خاس قىلغانلىقىنى ۋە راھمان ئىسمىنڭ تەجەللىسى بولغان رەھمىتى بىلەن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ قۇتۇلغانلىقى ۋە بەختكە ئېرىشكەنلىكىنى، خەتەرلەردىن قوغدالغانلىقىنى دېگەندىن كىيىن » جانابى ھەقنىڭ كەڭ رەھمىتىنىڭ بىر تەجەللىسى بولسا يارىتىلغۇچىلارنىڭ بىر-بىرىگە كۆرسەتكەن شەپقەت ۋە مەرھەمەتنى ياراتقانلىقىدا.» دىيىش ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى جانلىقلارنىڭ-جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ- ئارسىدىكى، مۇھەببەت، شەپقەت ۋە مەرھەمەتنىڭ ئاللاھنىڭ راھمان ئىسمىنىڭ بىر تەجەللىسى دەپ قارىغان، يۇنۇسنىڭ ئيتقىنىدەك» يارىتىلغۇچىغاس كەڭ قۇرساق بولىمىز، ياراتقۇچى سەۋەبىدىن» جۈملىسىنىڭ مېتافىزىك ئارقا كۆرۈنىشىنى كۆرسەتمەكتە. ئەمەلىيەتتە ماتۇرىدىنىڭ رەھمەتنى ئىپادىلەيدىغان شۇ ئايەتنى چۈشەندۈرۈشىمۇ ئوخشاش يۆنىلىشتە:
فَبِمَا رَحْمَةٍ مِنَ اللّٰهِ لِنْتَ لَهُمْۚ وَلَوْ كُنْتَ فَظًّا غَلٖيظَ الْقَلْبِ لَانْفَضُّوا مِنْ حَوْلِكَࣕ فَاعْفُ عَنْهُمْ وَاسْتَغْفِرْ لَهُمْ وَشَاوِرْهُمْ فِي الْاَمْرِۚ فَاِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللّٰهِؕ اِنَّ اللّٰهَ يُحِبُّ الْمُتَوَكِّلٖينَ «ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى؛ ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن؛ (كېڭەشكەندىن كېيىن) بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ.»
» خەۋەردە كەلگىنىدەك ئىنساننىڭ مەخلۇقاتقا رەھمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك: ھەزرىتى رەسۇل ئەسھابىغا: » بىر-بىرىڭلارغا رەھمەت قىلغانغا قەدەر جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر» » بىز رەھمەت قىلغانلاردىنمىز يا رەسۇلۇللاھ!» دىيىلگىنىدە، مۇنداق بۇيرىدى؛ » كىشىنىڭ ئوغلىغا ياكى قېرىندىشىغا رەھمەت قىلىشى ئەمەس، بەلكى بەزىڭلارنىڭ بەزىڭارغا رەھمەت قىلىشىدۇر.» كىچىكلىرىمىزگە رەھمەت قىلمىغان، چوڭلىرىمىزغا ھۆرمەت قىلمىغان بىزدىن ئەمەس.» » يەر يۈزى ئەھلىگە رەھمەت قىلمىغانغا ساما ئەھلىمۇ رەھمەت قىلماس» ئۇ نەقىل قىلغان خەۋەرلەردىن شەپقەت مەرھەمەتنىڭ يېقىن تۇققانلارغا، خەلق ئىچىدە ھەممەيلەن بىر-بىرىگە، تونۇيدىغان ۋە تونۇمايدىغانلارغا، چوڭ- كىچىكلەرگە، ۋە باشقىلارغا كۆرسىتىلىشىنڭ كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.
مۇسا ۋە ھارۇن (ئە. سا.) بۇيرۇلغان؛ » ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، ئۇ ۋەز-نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى ياكى قورقۇشى مۇمكىن.» بۇيرىقىنى بولسا؛ » سۆزدىكى يۇمشاقلىق، سۆزدىكى قاتتىقلىققا قارىغاندا قەلىبلەرگە ئورۇنلىشىشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ،قوبۇل بولۇشىنى تېزلاشتۇرىدۇ، تائەتكە باشلايدۇ. ئاللاھ تائالا رەسۇللىرىغا قىلغان مەخلۇقاتلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، شەپقەت ۋە مەرھەمەت بىلەن يۇمشاق مۇئامىلە قىلىش بۇيرىقىنى زاھىردە پۈتۈن ئىنسانلارغا قىلماقتا، بۇنى قەلبلەردە ئىتتىپاقلىقنىڭ ئارتىشى ۋە بىرلىكنىڭ سەۋەبى؛ سۆزدىكى قاتتىقلىق ۋە قوپاللىقنى ئايرىلىش سەۋەبى قىلماقتا.» دەپ ئىزاھلايدۇ.
» پەرۋەردىگارىڭ بىھاجەتتۇر، رەھمەت ئىگىسىدۇر.» ئايىتىدىكى زۇرراھمەتنى » مەخلۇقاتنى ياراتقاندا، بەزىلىرىنى بەزىلىرىدىن پايدىلىنىشى ئۈچۈن ۋە سەرپ قىلىشى ئۈچۈن ياراتتى. ئۇلارنىڭ يارىتىلىشى ئۆزلىرىنىڭ پايدىسىغىدۇر.» دەپ ئىزاھلاش ئارقىلىق شەپقەت ۋە مەرھەمەتنىڭ جانلىقلارنىڭ بىر-بىرى ئارسىدىكى پايدىلىنىش مۇناسىۋەتىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئىشارەت قىلىدۇ.
ئىنسانلارغا كۆرسىتىلگەن ئادالەتنىڭ ئەڭ ئوچۇق ئىپادىلىنىشى ئادالەتلىك مۇئامىلە قىلىشتۇر. ماتۇرىدى ئادالەتكە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە، پوزىتسىيىسىنى ناھايىتى ئوچۇق ئوتتۇرغا قويىدۇ: لَا يَنْهَاكُمُ اللَّهُ عَنِ الَّذِينَ لَمْ يُقَاتِلُوكُمْ فِي الدِّينِ وَلَمْ يُخْرِجُوكُم مِّن دِيَارِكُمْ أَن تَبَرُّوهُمْ وَتُقْسِطُوا إِلَيْهِمْ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ » سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشىڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ.» ئېھتىمال شۇكى، بۇ ئايەتتە چەكلەنمىگەن نەرسە اقساط\توغرىلىقتۇر. توغرىلىق بولسا ئادالەتتۇر. دوست ياكى دۈشمەن بولسۇن ئادالەتتىن ئايرىلىش چەكلەنگەن ئەمەس.» ئۇ مائىدە 8. ئايەتنى ئىشارەت قىلىپ» ئايەت، دۈشمەننىڭ يېرىدىمۇ ئادالەتنى تەرك ئېتىشنى ھالال كۆرمەيدۇ.» دەپ، ئۆز خەلقى بىلەنلا ئەمەس، دۈشمەنلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىمۇ ئادالەت ۋە توغرىلىقنىڭ ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان پىرىنسىپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
بۇ پىكىرلەرنى ئىمام ماتۇرىدىنىڭ يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان دىن چۈشەنچىسىنىڭ داۋامى شەكلىدە قاراشقا بولىدۇ. ئۇ، ئاللاھقا نىسبەت قىلىنغان رەھمەت ۋە ئادالەتنى يەر يۈزىدە پۈتۈن ئىنسانلارغا يايغان، ئۇلار ئارسىدا يارىتىلىش ۋە فىترات نۇقتىسىدىن، جىنسىيەت نۇقتىسىدىن پەرىقلىق قارىمىغان. بۇ ئەھۋال پەرىقلىق خەلقلەردە كۆرگىنىمىزدەك ئۈستۈن ئېرق، ئۆزىدىن باشقىلارنى خور ۋە پەس كۆرۈش، تەبىقە سېستىمىسى ۋە باشقا پوزىتسىيە ۋە قىلمىشلارنى ھالقىپ ئۆتۈپ، ئىنسانغا ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن قىممەت بەرگەن بىر چۈشەنچىنىڭ تەبئىي نەتىجىسىدۇر.
ئىمام ماتۇرىدىنىڭ دىن چۈشەنچىسىدە كەڭ قورساقلىقنىڭ ئەمەلىيەتكە ئەكس ئېتىشى
بۇ رەھمەت ۋە ئادالەت چۈشەنچىسى بىلەن ئىمام ماتۇرىدىنىڭ ئىنسانلارغا يارىتىلىشلىرى سەۋەپلىك ئېرىشكەن ھۆرمەتنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئوچۇق دىيەلەيمىز. ئەمەلىيەتتە ئۇ، ئۆزىنىڭ كالامچىلىقىغا قارىماي، مەيلى غەيرىي مۇسۇلمان ئامىللارغا بولسۇن، مەيلى مۇسۇلمان مەزھەپ ئەزالىرىغا بولسۇن ھۆرمەت قىلىدىغان بىر ئۇسلۇبنى قوللانغان.
تەنقىد قىلغان قاراشلارنى ھەرخىل قېلىپلاشقان ھۆكۈملەر بىلەن ئەيىپلەش ۋە تۆۋەن كۆرۈشنىڭ ئورنىغا، مۇناسىۋەتلىك دەلىل ۋە ئىسپاتلارنى ئەقلىي پىكىر ۋە مۇھاكىمىلىرى بىلەن ئوتتۇرغا قويۇپ قارشى قاراشلارنى ئاغدۇرغان، رەقىپلىرىگە رەددىيە بەرگەندە ئۇلارغا ھاقارەت قىلىپ ھۆرمەتسىزلىك قىلىشنىڭ ئورنىغا كەڭ قورساقلىقىنى ئىپادىلىگەن ئۆزىگە خاس بىر ئىلمىي ئۇسلۇبقا ساھىپ بولغان.
بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ مۇشرىكلەرگە قارشى، قۇرئاندىن مەنبە ئالغان بولسا كېرەك، قاتتىق ۋە مۇرەسسەسىز بىر پوزىتسىيەگە ساھىپ ئىدى. مۇئتەزىلەگە قارشى بەزىدە ئۆز ئۇسلۇبىغا ماس كەلمىگەن ھالدا قاتتىق ۋە كۆزگە ئىلمايدىغان مۇئامىلىلەردە بولغان. بەزى مەزھەپلەرنى تەنقىد قىلىدىغان رىۋايەتلەرنى، ئىشەنچىلىكلىكىگە بولغان ئىھتىياتىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ھەزرىتى پەيغەمبەر سۆزلىگەندەك ئېلىپ ئۇلارغا قارشى قوللىنىشتىن چېكىنمىگەن. ئۆزى مەنسۇپ بولغان گۇرۇپنىمۇ ھەر يەردە قوغداپ تۇرۇپ قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن. دوكلاتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلۈمىدە بۇ ھەقتىكى كونكىرت مىساللارنى بېرىمىز.
ئىلمىي پوزىتسىيىسى
بۇ تېمىدا ماتۇرىدىدە بەك جىق مىسال تېپىلىدۇ. ئۇ، تەۋىلاتىدا ئايەتلەرنى ئىزاھلىغاندا رەقىپلىرىنىڭ قاراشلىرىنى چۈشەكەپ قويىدىغان، تەنقىدلەيدىغان بىر دەلىل كۆرگىنىدە » بۇ تېمىنىڭ مۇئتەزىلەنىڭ ئەمەس، بىزنىڭ دېگىنىمىزدەك ئىكەنلىكى مۇقۇم بولدى»، » بۇ ئايەت مۇئتەزىلەنىڭ قارىشىنى رەت قىلىدۇ»،» بۇ ئايەتلەر كەررامىييەنى پۈتۈنلەي رەت قىلىدۇ»، » بۇ يەردە كارامىتانىڭ دىگىنىدەك ئەمەس، كىتاپنىڭ بىر يەردە بار ئىكەنلىكىگە بىشارەت بار»، » بۇ ئايەت رافىزانىڭ ئىمامەت ھەققىدىكى سۆزىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشىغا دەلىلدۇر.» غا ئوخشاش ئىپادىلەر قوللانغان. مەسلەن مۇمتەھىنە 1. ئايىتىنىڭ ئىزاھاتىدا،
» ئايەتتە ئىماننىڭ چېكى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر دالالەتت بار. ئەھۋال ھاشەۋىييە، مۇئتەزىلە ۋە ئەسھابۇل- ھەدىسنىڭ: » تائەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىماندۇر» دېگىنىدەك ئەمەس. ئايەتتە خىتاب قىلىنغان لازىمۇن لەھ بىلەن مۇقۇم بولدىكى، ئىماننىڭ زۇ-ھادلىكى كىشىنىڭ ئۆز نەپسىدە. ئۇ بولسا قەلب بىلەن تەستىق قىلىشتۇر. بۇنىڭ سىرتىدىكى تائەتلەر شەرىئەتتۇر.» دەيدۇ.
«تەۋھىد» ىدە، مەرقايۇننىيەنى تەنقىدلىگەندە «نۇرنىڭ يۇقۇرىدا، زۇلمەتنىڭ تۆۋەندە ئىكەنلىكىنى، ئىككىسىنىڭ ئارسىدا نۇر-زۇلمەت بولمىغان بىر ۋاستىچىنىڭ بارلىقى، بۇنىڭ تۇيغۇ ۋە سەزگۈگە ئىگە بولغان ئىنسان ئىكەنلىكىنى دېگەن.» دەپ ئۇلارنى تونۇشتۇرۇپ، كېيىن ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى تەنقىد قىلىشقا داۋام قىلىدۇ.
يۇقۇرىدا دىيىلگەن، ئۇنىڭ ئەنئام سۈرىسىنىڭ 90. ئايىتىنىڭ ئىزاھاتىدىكى » نامازنى، روزىنى، زاكاتنى تەرك قىلغان ئادەم ئازغۇن دىيىلمەيدۇ. لېكىن خۇدانىڭ زىتىنى دىن قىلغانلار ئۈچۈن «
ئازغۇن» دىيىلىدۇ.» دالالەت ئاتالغۇسىنى خۇدا ئۇقۇمىنىڭ زىتى شەكلىدە دىندىكى ئېزىش دەپ چۈشەنگەنلىكى؛ دىندا ئىزاھلاشتىكى ئوخشىماسلىقلارنى دالالەت ئۇقۇمى بىلەن ئىپادىلىمىگەن. بۇ پوزىتسىيە ئۇنىڭ كىلاسسىك مەنبەلەردە ئەھلى دالالەت، فىراقى داللەگە ئوخشاش ئۇقۇملار بىلەن ئىپادىلەنگەن مۇئتەزىلە، خاۋارىج، شىئە ۋە باشقا پىرقىلەرنى مۇسۇلمان دەپ قوبۇل قىلىپ، تەكفىر قىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ ئومۇمىي بايانلاردىن باشقا بىلمەيدىغان تېمىلاردا سۈكۈتنى تاللىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بايانلىرىمۇ بار. ئەنئام 159. ئايەتنىگە مۇناسىۋەتلىك ئىزاھاتىنىڭ باشتىكى جۈملىلىرى مۇنداق يېزىلغان:» دىنلىرىنى بۆلگەنلەرنىڭ كىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا؛ كافىرلار، ئەھلى-دالال، ھارۇرىييە، يەھۇدىلار ۋە خىرىستىيانلار دىيىلگەن بولسىمۇ، بىز ئۇلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز ۋە بۇ مەسىلىدە دەلىل قىلغۇدەك بىر مەلۇماتىمىزمۇ يوق.» بۇ سۆزلەر بىلەن ئوچۇق ھالدا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردىن بىخەۋەر ئىكەنلىكى ۋە يىتىپ كەلگەن رىۋايەتلەر بىلەنمۇ چۈشەنچە ھاسىل قىلالمىغان تېمىلاردا ئىپادىسىنى بىلدۈرمەستىن جىم تۇرۇشنى تاللىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بولمىسا ئۇ، رەقىبى بولغان بۇ گۇرۇپپىلار توغرىسىدىكى رىۋايەتلەردىن تاللاپ ياكى ئومۇملاشتۇرۇپ تۇرۇپ » بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇمكىن» دىسىمۇ بولاتتى.
ئوخشاش پوزىتسىىيەسىنى سابىئىلەر توغرىسىدىكى بايانلىرىدىمۇ كۆرەلەيمىز. بەقەرە 62. ئايەتنىڭ ئىزاھاتىدا، » سابىئۇن، پەرىشتىلەرگە چوقۇنىدىغان ۋە زەبۇر ئوقۇيدىغان بىر خەلقتۇر؛ يۇلتۇزلارغا چوقۇنىدىغان بىر خەلققە دىيىلىدۇ؛ مەجۇسىلار بىلەن خىرىستىيانلار ئوتتۇرسىدىكى بىر خەلقتۇر؛ يەھۇدىلەر بىلەن مەجۇسىلار ئوتتۇرسىدا بىر خەلقتۇر؛ زىندىقلارنىڭ مەزھىپىگە ئەگىشىدۇ، ئىككى تەرەپلىمىلىك قاراشنى قوبۇل قىلغانلار» دەپ شەرىھلىگەندىن كېيىن، » ئۇلارنىڭ كىتابى يوقتۇر، بىزدە ئۇلار ھەققىدە بىر مەلۇماتمۇ يوق.» دەپ ئۇلارنىڭ كىملىكى توغرىسىدا سۈكۈت قىلىدۇ.
ئەھلى كىتابقا قارشى پوزىتسىيىسى
يۇقۇرىدىكى بەزى ئايەتلەرنىڭ ئىزاھاتىدىمۇ ئىپادە قىلغىنىمىزدەك ماتۇرىدىغا ئاساسلانغاندا، ئىنسانلار ئۆزلىرى ياشىغان جەمئىيەتتە ۋە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ تەسىرىدە تەقلىدچى دىن چۈشەنچىسىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ تەقلىد زاماننىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ كىبىر ۋە جاھىللىققا يىتىپ ئىنسانلاردا خاتا بىر دىن چۈشەنچىسىنىڭ ئورۇنلىشىشىنى ۋە بۇنى ئۆزلىرىچە توغرا دەپ ھېس قىلىۋېلىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ. بۇنداق ئېزىشلاردا ئاللاھ، لۇتفى كەرىمى بىلەن ئىنسانلارغا ئاسان بولسۇن دەپ پەيغەمبەرلەر ئىۋەتىدۇ. پەيغەمبەرلەرمۇ ئىنسانلارنى خالىس دىنغا، تەۋھىد دىنىغا چاقىرىپ ئۇلارنىڭ خاتا دىن چۈشەنچىلىرىنى تۈزىتىشكە تىرىشىدۇ. ماتۇرىدى بۇيەردىن چىقىش قىلىپ مۆئمىننى، » ئاللاھ قېتىدا مەقبۇل دىن بولغان ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ياكى ھەممىسىنى ئەمەس بىر قىسمىنى قوبۇل قىلغان ۋە ياكى ئاللاھتىن باشقسىنىڭ دىنىغا يېپىشقان» دەپ دەرىجىگە ئايرىغاندىن كېيىن نىسا 150-151. ئايەتلەرگە ئىشارەت قىلىپ، بىر قىسمىنى قوبۇل قىلغانلارغا كافىر دىيىلدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرلەرنى تاللىغانلىقىدىن ياكى پەيغەمبەرلەرنىڭ بىر قىسمىنى قوبۇل قىلىپ بىر قىسمىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىدىن كافىر بولغانلىقىنى دەيدۇ.
ئۇنىڭ بۇ يەردە تىلغا ئالغىنى ئۆزلىرىگە كىتاب بېرىلگەنلەر، ئەھلى كىتابتۇر. چۈنكى ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىگىلا ئىۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئيتقان، كىتابلىرىدا ئۆزلىرىدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلىرگە بىشارەت بېرىلگەن بولسىمۇ كىبىر ۋە جاھىللىقلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارنى ئىنكار قىلغان. دەل مۇشۇ سەۋەپتىن ماتۇرىدى ، ئەھلى كىتابقا قارشى ياخشى مۇئامىلىدە بولۇنىشىنى؛ ئۇلارغا قارىتا ئەقىل ۋە يارىتىلىشقا ئۇيغۇن، كىتابلارنىڭ ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىۋەتىلىش رىۋايەتلىرىگە قارشى بولمىغان ئۇسلۇبلارنىڭ قوللىنىلىشىنى تەۋسىيە قىلغان. ھ.ئۆزجان بۇ خىل قاراشنى قىسمەن بىر دىنىي پولىفىلېتىزم (كۆپلۈكچىلىك) شەكلىدە قاراپ، بۇنىڭغا ئاساسەن يەھۇدى ۋە خرىستىئانلار بىلەن دىئالوگ قۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى دېگەن. بۇنداق بىر ئىشنىڭ مۇمكىنلىكى بىلەن بىرگە، بۇ دىئالوگنىڭ كۈنىمىزدىكى بەزى گۇرۇپپىلارنىڭ قىلغىنىدەك ۋە مۇنداقچە ئېيتقاندا ماتۇرىدىنىڭ دېگىنىدەك – ئېتىقادنىڭ بىر قىسمىنى يوققا چىقىرىپ تۇرۇپ قىلىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ماتۇرىدى ئىسلامنى خالىس دىن ۋە مۇتلەق قوبۇل قىلىنىشى كېرەك بولغان دىن دەپ تەكىتلەيدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك ئايەتتىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئىسلامدىن باشقا دىنلارنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى دەيدۇ.
مۇشرىكلەرگە قارشى پوزىتسىيىسى
ماتۇرىدى ، بەقەرە 256. ئايىتى توغرىسىدا » رەسۇلۇللاھتىن كەلگەن » ئەرەبلەر(مۇشرىكلەر)دىن ئىسلام ياكى قىلىچتىن بىرىنى تاللىغىچە بىر نەرسە قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەھلى كىتاب ۋە مەجۇسىلەردىن جىزيە قوبۇل قىلىنىدۇ.» رىۋايىتىنىڭ ھۆكىمىگە قارىتا ئەھلى كىتابنىڭ جىزيە بېرىشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئېتىقادىدا مەجبۇرلانمايدىغانلىقى، لېكىن مۇشرىكلارنىڭ بۇ ھۆكۈمگە كىرمەيدىغانلىقىنى، ئۇلار بىلەن ئىسلامنى قوبۇل قىلغىچە ئۇرۇشۇش كېرەكلىكى»، ئىزاھاتىنى نەقىل قىلىدۇ. ئۇ، كافىرۇن سۈرىسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتىدا، بۇ شەكىلدە كۇفۇردا چىڭ تۇرۇپ ھەددىدىن ئاشقان جاھىللارنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، مۇشۇ يوسۇندا مۇشرىكلار بىلەن مۇناسىۋەتنىڭ كېسىلىشى ۋە ئۇلاردىن ئۈمۈد كۈتۈلمەسلىكى كېرەكىلىكىگە ئىشارەت قىلىنغانلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ. ئۇ، بەلكىم شىركنىڭ ئايەتتە ئىپادىلەنگىنىدەك كەچۈرۈم قىلىنمايدىغان بىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى ۋە كىبىر ۋە جاھىللىقنىڭ ئەڭ يۈكسەك دەرىجىسى ئىكەنلىكىنى ئويلىغان. بۇ خۇسۇستا ئۇنىڭ، ھەزرىتى پەيغەمبەردىن كەلگەن خەۋەرلەرنى ۋە ھەزرىتى ئەبۇبەكىرنىڭ رىددەگە تۇتقان پوزىتىسىيىنى ئۈلگە قىلغانلىقىنى دىيەلەيمىز.
مۇئتەزىلەگە بولغان پوزىتسىيىسى
سۈننىي كالامچىلارنىڭ بىرىنچى مۇخالىپى سۈپىتىدە مەنبەلەردە يەر ئالغان ۋە مۇناسىۋەتلىك رەددىيەلەر يېزىلغان مۇئتەزىلە توغرىسىدا ماتۇرىدىنىڭمۇ باشقىلاردىن كۆپ پەرىقلىق ئويلىمايدىغانلىقى ئېنىق. ئەمەلىيەتتە ئۇ، مەيلى كەئبىنىڭ شەخسىيىگە بولسۇن مەيلى تىلغا ئالغان مەسىلىلەرگە قارىتا باشقا مۇئتەزىلىلەرنىڭ شەخسىيىتىگە مەزھەپكە قارشى ئېغىر تەنقىدلەر ئېلىپ بارغان <تەۋھىد>ىدە » قەدەرىيە ياكى مۇئتەزىلەنىڭ زەممى» توغرىسىدا ئۇزۇن توختىلىپ، باشقا كالامچىلاردەك ھەزرىتى پەيغەمبەرگە نىسبەت بېرىلگەن » قەدەرىيە بۇ ئۈممەتنىڭ مەجۇسىلىرىدۇر» سۆزىگە بىنائەن، بۇ سۆزنىڭ مۇئتەزىلەگە ماس كېلىدىغانلىقىدىن باشلاپ، ئالەم ۋە ئىنساننىڭ ھەركىتىگە مۇناسىۋەتلىك قارىشى سەۋەبىدىن مۇئتەزىلەنى مەجۇسىلارغا ئوخشىتىپ چۈشەكەپ قويغان؛ كېيىن ئۇلارنىڭ يارىتىلىشلىرىنىڭمۇ مەجۇسىلارغا ئوخشايدىغانلىقىنى بۇ ئىبارىلەر بىلەن تىلغا ئالغان: » مۇئتەزىلە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ، خەلق ئىچىدە تونۇۋېلىشتا يەنە ئىككى روشەن ئالامەت بار. بىرىنچىسى ئۇلارغا قارىغانلارغا نىسبەتەن، يارىتىلىشى سەۋەبىدىن رەڭگىدىكى خۇنۈكلۈك؛ ئىككىنچىسى، مەجۇسىلارنىڭ ماكانلىرىغا (خانلىرىغا) بېرىشى؛ ئۆزلىرى ياشىغان ئىسلام دۆلەتلىرىنى دارۇل ئىسلام دەپ قوبۇل قىلماسلىقى.» … بۇ تەرىقىدە ئىنسانلار قەدەرىيە توغرىسىدا چۈشەندۈرگىنىمىزدەك مۇئتەزىلەنىڭ جۈرئىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئازغۇنلۇقلىرىنىڭ بۈيۈكلىكىنى بىلىۋالىدۇ.»
مۇرجىئەگە بولغان پوزىتسىيىسى
ماتۇرىدىنىڭ مۇئتەزىلەگە كۆرسەتكەن قاتتىق پوزىتسىيىسىنىڭ ئەكسىنى مۇرجىئەگە تۇتقان پوزىتسىيىسىدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. بەلكىم ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئىمان قارىشى سەۋەبىدىن مۇرجىئىي بىر پوزىتسىيە ئىچىدە بولغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭمۇ بۇ ئەنئەنىدىن كېلىشى ئۇنى بۇ تېمىدا مۇھاپىزەتچى بىر ئۇسلۇپقا يۈزلەندۈرگەن بولىشى مۇمكىن. كىتابۇت-تەۋھىدىدە » ئىرجا ھەققىدە» بىر سەھىپە ئېچىپ ئاشكارە ئەبۇ ھەنىفىنى قوغدىغان، ئىرجا ئۇقىمىنى باشقا گۇرۇپلارغا قاراتقان بىر قاراشنى ئوتتۇرغا چىقارغان. گەرچە، مەھمۇد\ مەدھىيەلەنگەن ئىرجا ۋە مەزمۇم\ ئۆچ كۆرۈلگەن دەپ ئايرىپ ئۆزىگە خاس ۋە دەل كەلگەن بىر چۈشەنچە ئۈلگىسىنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ، ئۇنى بۇ چۈشەنچىگە يۈزلەندۈرگەن ئامىلنىڭ ئۆز ئەنئەنىسىنىڭ ھەقلىقلىغىنى ۋە مەشرۇلىقىنى ئىسپاتلاش قايغۇسى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز لازىم. ماتۇرىدى مەھمۇد ئىرجانى » نىسا 48. ئايەتنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ چوڭ گۇناھ ئىشلىگەنلەر ھەققىدىكى ھۆكۈمنى ئاللاھقا قويۇپ قويغانلار»، مەزمۇم ئىرجانى بولسا، » ھەركەتلەرنى ئاللاھقا قويۇپ، ئۇلاردا بەندىنىڭ ھەركەت ۋە تەدبىرلىرىنى رەت قىلغان جەبىر» دەپ چۈشەندۈرىدۇ. خەۋەردە كەلگەن » ئۈممىتىمدىن ئىككى سىنىپقا شاپائىتىم يەتمەيدۇ: قەدەرىيە ۋە مۇرجىئە» سۆزى بولسا بۇ يەردىكى مۇرجىئەدىن جەبرىيەنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئىپادە قىلىپ، جەبىر پىكىرىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ھاشىۋىييەنى ئەيىپلەيدۇ.
خۇلاسە ۋە باھا
ئىمام ماتۇرىدى ياشىغان كۈلتۈر مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە بىر دىن چۈشەنچىسى شەكىللەندۈرگەن. بۇ مۇھىتنىڭ غەيرى ئەرەب ۋە مەركىزى ھۆكۈمەتتىن يىراق بولۇشى، ئۆزىنىڭ كۈندىلىك سىياسەت بىلەن مەشغۇل بولماسلىقى ماتۇرىدىنىڭ ئەركىن ۋە ھۆر تەپەككۇر قىلىشىنى ئاسانلاشتۇرغان ۋە ئەقىلگە تايانغان ساغلام بىر دىن چۈشەنچىسى شەكىللەنگەن. تەقلىدكە ئەمەس دەلىك ۋە ئىسپاتقا ئاساسلانغان بۇ دىن قۇرئاندا ھەق دىن، خالىس دىن، ھەنىف دىن دەپ تەرىپلەنگەن ۋە پۈتۈن پەيغەمبەلەر بىلەن چۈشۈرۈلگەن ئاللاھنىڭ دىنى، تەۋھىد دىنى، ئىسلامدۇر. پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ۋە پەقەت ئۇنىڭغىلا قۇللۇق قىلىشقا چاقىرغان. بۇ دىن چۈشەنچىسىدە يارىتىلغۇچىلاردا ئاللاھنىڭ رەھمەت سۈپىتىنىڭ ئەسىرىنى كۆرۈش ۋە ئاللاھنىڭ ھەر ئىنسانغا قارشى ئادالەتلىك بولۇش بۇيرۇقى، ئىمام ماتۇرىدىدە پۈتۈن يارىتىلغۇچىلارغا كەڭ قۇرساق بولۇش، يارىتىلىش سەۋەبىدىن لايىق بولغان قىممەتنى بېرىش، ھەر نەرسىنى ئۆز ئورنىغا قويۇش بولۇپ ئىپادىلەندى.
بۇ ئەھۋال چوڭ نىسبەتتە ئۇنىڭ ئۇسلۇبىغا تەسىر قىلغان، كىلاسسىك مەزھەپلەر تارىخى ۋە كالام مەنبەلىرىدە كۆرگىنىمىز مۇخالىپ گۇرۇپلارنىڭ تەنقىدلىگەن ۋە رەت قىلغان قېلىپلاشقان ھۆكۈملەرنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ ئىلمىي، ھۆكۈم بايان قىلماستىن تەنقىد قىلغان ۋە تەنقىدلىرىدە ھېسياتتىن بەكرەك ئەقلىي يەكۈنلەرنىڭ، دەلىل ۋە ئىسپاتلار ئەكس ئەتكەن بىر ئۇسلۇپقا ئىگە بولغان.
ماتۇرىدى ، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل ئاخىرقى دىننىڭ ئىسلام دىنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئىماننىڭ ئالاھىدىلىكىلىرى بولغانلىقلىرى ئۈچۈن ئەھلى كىتاب بىلەن بىللە ياشاشنى مۇمكىن قىلىدىغان پولىفىلېتىزملىق (كۆپلۈكچىلىك) بىر دىن چۈشەنچىسىگە ساھىپتۇر. لېكىن ئۇ، قوبۇل قىلغان دىن چۈشەنچىسىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، كىبىر ۋە جاھىللىقنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى دەپ قارىغان شىرككە ۋە مۇشرىكلەرگە قارشى قۇرئانىي بىر پوزىتسىيە بىلەن تاقەتسىز ۋە مۇرەسسەسىزدۇر.
ئىمام ماتۇرىدى بۇ خىل پوزىتسىيىدە بولىشىغا قارىماي، بىلىپ بىلمەي قوبۇل قىلغان قاراشنى ھەقلىق كۆرسەتكەن ياكى مۇخالىپ گۇرۇپقا رەددىيە بەرگەندە ھېسسىي ئىپادىلەر قوللانغان. مۇرجىئە ۋە مۇئتەزىلە ھەققىدىكى ئىپادىلىرى بۇ پوزىتىسىيىنىڭ تىپىك مىساللىرىدۇر. بەلكىم بۇ خىل ئىپادىلەر ئىنسان بولغانلىقىدىن، ئوخشىمىغان زامانلاردا ۋەقەلەرگە بەرگەن ئىنكاسلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ پەرىقلىق گۇرۇپپىلارنى تەنقىد قىلغان، ھەزرىتى پەيغەمبەرگە نىسبەت بېرىلگەن رىۋايەتلەرگە ئەسىرىدە يەر بېرىشى بولسا، ئېھتىيات قىلغان بولسىمۇ، شۇ جەمئىيەتتە بۇ خىل رىۋايەتلەرنىڭ مۇخالىپلارنى رەت قىلىش ۋە تەنقىد قىلغاندا دائىم ئىشىلتىلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭمۇ بۇ خاتادىن قۇتۇلالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىمام ماتۇرىدى قاراشلىرىنى تەنقىد قىلغان، خاتالىرىنى ئوتتۇرغا قويغان پەرىقلىق مەزھەپ ئەگەشكۈچىكىرىنى ئۇدۇل تەكفىر قىلىشقا چاقىرىق قىلمىغان.
مەنبە: «ئىمام ماتۇرىدى ۋە ماتۇرىدىلىق» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ماقالىلەر توپلىمى