You Are Here: Home » داڭلىق كىشىلەر » ئۇلار تەتقىقات قامۇسىنى ئۇيغۇرلارغا بېغىشلىغان بىر جۈپلەر ئىدى…ئەپسۇس! – سەلىمە ئا. كامال

ئۇلار تەتقىقات قامۇسىنى ئۇيغۇرلارغا بېغىشلىغان بىر جۈپلەر ئىدى…ئەپسۇس! – سەلىمە ئا. كامال

ئۇلار تەتقىقات نەتىجىلىرى قامۇسىنى ئۇيغۇر خەلقىگە بېغىشلىغان، بىئولوگىيە ئىلىم دۇنياسىدا ئۇيغۇر نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۇۋاتقان بىرجۈپلەر ئىدى. ئەپسۇس

– سەلىمە ئا. كامال

تەبىئىي پەن دۇنياسىدا ئىنسانىيەت ئەقىل ئامبىرىغا مەزمۇن قوشۇۋاتقان ئۇيغۇر ئالىملىرىمىز كۆپ. تۈركىيەنىڭ ۋان يۈزىنچى يىل ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئاكادېمىكلىرى—مۇھەببەت كامال بىلەن ئەھمەت ئۆمەر كوچاك ئېنتومولوگىيە (ھاشارات ئىلمى) بىئولوگىيە ئىلمى ساھەسىدە دۇنياغا تونۇلغان تەتقىقاتچىلاردىندۇر.

بىرجۈپ ئالىملار ئۈرۈمچى-ئىلى ئارىسىدىكى تاغلاردا ھاشاراتلارنى تەكشۈرمەكتە

ئۇلار تەتقىقاتلىرى جەريانىدا بايقىغان يېڭى تۈرلەرگە ئۇيغۇرنىڭ مەشھۇرلىرى، تارىخىي قەھرىمانلىرى، قەدىمقى تۈرك ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەر، ئاتالغۇلار، مىللىي ئاڭنىڭ تىكلىنىشىگە ئۇل سالغان مىتولوگىيەلىك ۋە جۇغراپىيەلىك يەر ناملىرىنىمۇ قوللىنىش ئارقىلىق يىلتىزداش ئىككى مىللەت نامىنى جانلىقلارنى ئىلمىي ئىسىملەندۈرۈش ئارقىلىق بىئولوگىيە ئىلىم ساھەسىدە (nomenclature) ئەبەدىيلەشتۈرگەن كەسپداشلار، ھاياتىنى بىئولوگىيە تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان ئالىملار ئىدى. ئىسىملەندۈرۈش كودى ئاساسىدا ئۇلار 2000 كەنجىتۈر ئىسمىنى ئىلمىي ماقالىلىرىدە (1) (ICZN)  شەرھلىگەن ۋە دۇنياغا ئېلان قىلغان. Synonym nouns يەنى مەنىداش ئىسىملار كۆزدىن كۆچۈرۈش ۋە تۈزىتىش جەريانىدا Homonym nouns يەنى ئاھاڭداش ئىسىملارنى يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئىلمىي ئىسىملارغا ئۇيغۇر نامىنى بەرگەن. مەن بۇ ماقالىدا ئۇلار ناملىرىنى تىرىلدۈرگەن مەشھۇرلىرىمىزنى، يەر ناملىرىنى، قەدىمىي سۆزلۈكلەرنى ساناپ بولالمايمەن. پەقەت بىرنەچچە مىسال كۆرسىتىمەن. (ئەگەر تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز، ماقالە ئاخىرىدىكى ئۇلىنىشقا قاراڭ)  (2)

2000 Kocak,seven & Kemal Tomares dobrogensis Uigurica
2001 Kocak & Kemal Poliasagittgerra Uighuria
2004 Kemal & Kocak Eupithecia Uighurica
2004 Kemal & Kocak Phtheochroa Uighurica
2005 Kemal & Kocak Cigaritis Uighurica
2007 Kocak & Kemal (ئۇرۇقداش ئىسمى) Uihuria

ئۇيغۇر قەھرىمانلىرىغا، تارىخىي مەشھۇر شەخسلەرگە ئاتالغان ناملاردىن ئۆرنەكلەر:

2000 Kocak & Kemal Papiliomachaon Rizvangul
2000 Kocak & Kemal Princeps alcmenor Sadirpalvan
2001 Kocak & Kemal Hyponephele dysdora Iparkhan
Q2006 Kocak & Kemal Yette Qizia
2013 Kemal & Kocak Polyommatus Nazugum
2018 Kemal & Kocak Arctia caja Roshengul
2008 Kocak & Kemal Mahmudkashkaria
2017 Kocak & Kemal Loxostege Ayhan Ana
2019 Kemal,Kocak & Kizildag Singara Qutadghubilik

مەدەنىيەتلىك خەلقىمىز تارىختىن بۇيان سەنئەت مىراسلىرىمىزنى ئاسراپ، بېيىتىپ، ئەۋلادلارغا مىراس قىلىپ كەلمەكتە. خۇددى ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن «12 مۇقام» ھەققىدە ئېيتقاندەك: «… يىپەك يولى خارابلىشىپ، ئەۋزەللىك بۇلاقلىرى قۇرۇغان، مىسلىسىز تالان-تاراجغا، خورلۇققا ئۇچرىغان ئۇيغۇر خەلقى بۇ سەنئەت گۆھىرىنى ئۆزىنىڭ گاداي چاپىنى ۋە جاراھەتلىك قەلبىدە نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان تۇتىيادەك ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كەلدى».(3) بۇ ئالىملار بولسا، ئۇنى دۇنياغا جاكارلىدى:

2000 Kocak & Kemal Graphium Agamemnon Amannisa
2002 Kocak & Kemal Kirinia Melike (4)

«تەمبۇر شاھى» نامىدا تونۇلغان- نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن:

2005 Kocak & Kemal Polyommatus NuriTamburia

مىللەتپەرۋەر، ئوت يۈرەك ئاككاردىئونچى ،ياڭراق ئاۋازلىق ناخشىچى زەينىسا ئىبراھىم ئۈچۈن:

2015 Kocak & Kemal Virgichneumon digrammus Zeinisa

يۇقىرىدىكى كەنجىتۈر ئىسىملىرى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىن ياۋروپاغىچە بولغان جايلاردا تارقالغان تاكسونلارغا بېرىلگەن ئىلمىي ئىسىملار بولۇپ ،سەھىپە ئېتىبارى بىلەن ھەممىنى ئاتاپ بولالمىدىم. ئۇيغۇرلار بىلەن يىلتىزداش بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ تۆرىلىش رىۋايىتىدىكى ئانىلار ۋە بالىلارنى قوغدىغۇچى ئىلاھ «ئوماي ئانا» غا ئاتالغان بىر تۈر ئىسمى ئۈچۈن:

2020 Kemal & Kocak Butleronea Umay

باھار بايرىمىمىز، يەنى، نەۋرۇز بايرىمىمىزغا ئاتالغان بىر ئۇرۇقداش ئىسمى ئۈچۈن:

2010 Kemal & Kocak Nevruzia

يەنىمۇ مۇھىم بىر خەۋەر شۇكى، بۇ بىر جۈپ ئالىملار 1381 — 1335 -يىللاردا ئانادولودا ھۆكۈم سۈرگەن بىر ئۇيغۇر دۆلىتى- ئەراتنا سۇلتانلىقىنىڭ نامىنىمۇ تۈر ئىسمى ئۈچۈن قوللانغان:

2006 Kemal & Kocak Nemophora Eretna

يۇقۇرىدىكىلەر ئۇيغۇر تارىخىغا ۋە ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىغا ئاتالغان ئىلمىي ناملارنىڭ پەقەت بىرقىسمى.

دوكتور مۇھەببەت كامال خانىم دالا تەكشۈرۈشىدە

دوكتور مۇھەببەت كامال

مۇھەببەت كامال—غۇلجا شەھرىدىكى مەرىپەتپەرۋەر كاماللار جەمەتىنىڭ ئوغلانى، مىللىي ئارمىيەمىزنىڭ ۋوزۋود كوماندىرى ئابدۇلھەق ئا. كامال بىلەن ئىمانلىق، مەدەنىيەتلىك ۋە رۇس تىل- يېزىقىنى بىلىدىغان ئارتۇقچىلىقى بىلەن 80 -يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇققانلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا تەشنا خەلقىمىز ئۈچۈن خالىس تەرجىمانلىق قىلغىنىدىن، ئەدەپ-ئەخلاقلىق، ۋاپادار قىزلىرىنىڭ نەتىجىلىرىدىن خوشاللىق تاپقان باغرى كەڭ، گۈزەل ئانا رەھىمە غۇلامىدىننىڭ 7-قىزى ئىدى.

ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا بىئولوگىيە كەسپى بويىچە ئۇنىۋېرىستېتنىڭ باكلاۋۇرلۇق دىپلومىنى ئېلىپ، غۇلجا شەھەرلىك 14 -ئوتتۇرا مەكتەپتە بىئولوگىيە، خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى بولغان،  ئۆزىگە ئەزەلدىن قاتتىق تەلەپ قويىدىغان مۇھەببەت خىزمەت داۋامىدا ئۆگەنگەنلىرىنىڭ ھازىرقى زامانىۋىي بىلىم ئۆلچىمىگە ئاجىزراق كېلىۋاتقىنىنى ھېس قىلغان. ئۇ كەسپىي بىلىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن 1995-يىلى تۈركىيەگە بارغان، ھەمدە ئەنقەرە گازى ئۇنىۋېرىستېتىدا بىئولوگىيە كەسپى بويىچە ماگېستىرلىق دىپلومى ئالغان. «تەڭرىتاغلىرىنىڭ كېپىنەك فائوناسى ۋە زوئوجۇغراپىيەسى» تېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، دوكتور بولغان. ئاندىن تۈركىيە ۋان يۈزىنچى يىل ئۇنىۋېرىستېتىدا ئاكادېمىك ھاياتىنى باشلىغان. ئىسپانىيەنىڭ مورسىيە ئۇنىۋېرىستېتىدا «ئىسپانىيە لېپدوپتېرا فائوناسى ۋە بىئولوگىيەلىك خىلمۇ-خىللىق تەتقىقاتى»نى تاماملىغان. ئۇ ئىلمىي تەكشۈرۈشلىرىنى 2004 – 2006 -يىللىرى ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغلىرىدا، كېيىنچە قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئسپانىيە، ئافرىقا ۋە شەرقىي شىمالىي، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە داۋاملاشتۇرغان. شۇنىڭدىن ھازىرغىچە تۈركىيە ئانادولو ۋان يۈزىنچى يىل ئۇنىۋېرىستېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

دوكتور ئەھمەت ئۆمەر كوچاكنىڭ ۋاپاتىغا ئاتالغان خاتېرەلەردىن بىرى

پروفېسسور دوكتور ئەھمەت ئۆمەر كوچاك

ئەھمەت—تۈركىيەنىڭ بايبۇرت ۋىلايەتىدە تۇغۇلغان. تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئالباي (پولكوۋنىك) دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانى مەھمەت نۇرىددىن بىلەن نەرمىن سۈرەييا خانىمنىڭ ئوغلىدۇر. ئۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئەنقەرەدە ئوقۇغان. ئەنقەرە ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ تەبىئىي پەن فاكولتېتىدا باكلاۋۇرلۇق، ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇق دىپلومىنى ئالغاندىن كېيىن، تەتقىقاتچى سۈپىتىدە گېرمانىيەنىڭ تەبىئەت تارىخى مۇزىيلىرىدا 1992-1978 يىللار ئارىسىدا كۆپ قېتىم تەتقىقاتلار ئىشلىگەن. ئەنقەرە ئۇنىۋېرىستېتى، گازى ئۇنىۋېرىستېتى ۋە ۋان يۈزىنچى يىل ئۇنىۋېرىستېتلىرىدا 46 يىل ئوقۇتقۇچى، تەتقىقاتچى بولغان. ئاكادېمىك ھاياتىدا گازى ئۇنىۋېرىستېتى تەبىئىي پەن فاكولتېتىنىڭ قۇرغۇچى مۇدىرى، ۋان يۈزىنچى يىل ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پەن-ئەدەبىيات فاكولتېت مۇدىرى، تەبىئىي پەن فاكولتېتى بىئولوگىيە بۆلۈم باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەر نى ئۆتىگەن. كۆپلىگەن ماگېستىر، دوكتور ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرگەن. ئەھمەت ئۆمەر كوچاك يەنە Centre for Entomological Studies Ankara (CESA) ،Priamus ،Case News قاتارلىق بەش ئىلمىي ژورنالنىڭ قۇرغۇچىسى، باش تەھرىرى، ئىلمىي ماقالە يازغۇچىسى ۋە بۇ ژورناللارنىڭ نەشىر قىلغۇچىسى بولغان. ئۇ ئۆز مەبلىغى بىلەن ئېكىسپېدىتسىيەچىلەرنى تەشكىللەپ، ئاۋسترىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، شىمالىي ماكىدونىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدە، شۇنداقلا، ۋەتىنىمىزنىڭ تەڭرىتاغلىرىدا، قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە، جەنۇبىي ئافرىقىدا ۋە تايلاند قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە 24 قېتىم ئېنتومولوگىيەلىك تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلغان.

ئۇ كەسپىي ھاياتىدا خەلقئارا ئىسىملەندۈرۈش كودى ياراتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تۈرك خەلقىنىڭ تارىخى، مەشھۇرلىرى، مەدەنىيىتىگە ۋارسلىق قىلىشتىن ئۈلگە ياراتقان بولۇپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەۋردىكى مىللىي قەھرىمانلىرىغا نۇرغۇن ئىلمىي ئىسىملارنى بەرگەن. مەسىلەن:
1981 Kocak Alishirnevaia
1981 Kocak Baburia
1981 Kocak Yunusemreia
غازى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك «مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئەسىرىم» دەپ كۆرسەتكەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىلىغا ئاتاپ، زامانىۋىي، كۈچلۈك تۈرك خانىم-قىزلىرىغا ئېيتقان:
«…خانىم-قىزلار يەرلەردە سۆرۈلۈشكە ئەمەس، مۈرىلەرگە ئېلىپ يۈرۈشكە لايىق … »دېگەن سۆزىگە بېغىشلانغان:
2020 Kemal,Kizildag & Kocak Elegia Feminina
ئەھمەت ئۆمەر كوچاك-ھاياتىنى ئېنتومولوگىيە ئىلمىگە بېغىشلىغان، دۇنيا بىئولوگىيە ئىلمى ساھەسىدە تونۇلغان ساناقلىق ئالىملاردىن بىرىدۇر. ھۆرمەتلىك ئالىمنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى نەتىجىلىرى بەك كۆپ. يۇقۇرىدا كۆرسەتكەنلىرىمىز يۈزدىن بىرىمۇ ئەمەس.

بىر جۈپ ئالىمنىڭ ئىلمىي ھاياتى

ئەھمەت ئۆمەر كوچاك ئىش ئۈستىدە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلماقتا

ئۇستاز بىلەن شاگىرتنىڭ ئائىلە قۇرۇشى سۆيگۈ بىرلىكىدىنمۇ، كەسپ بىرلىكىدىنمۇ ماس كەلگەن. ئۇلار نىكاھتىن كېيىنكى تۇنجى تەتقىقاتىنى تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئېتەكلىرىدە ،يەنى، نىلقىنىڭ گۈزەل يايلاقلىرىدا، ئۈرۈمچى جەنۇبىي تاغ (قىبلەتاغ) باغرىدا ھاشارات تۈرلىرىنى بىرلىكتە كۈزىتىش-تەتقىق قىلىشتىن باشلىغان. ئۇنىڭغا ئۇلاپلا، قازاقىستان، قىرغىزىستانلارغىچە سوزۇلغان تەڭرىتاغلىرىدا ۋە سىر دەريا بويلىرى، ئىسسىقكۆل رايونى، كۈنگەي-تەسكەي ئالاتاۋدا، كەتمەن رايونىدا، سوگۇتى، قارا تاغ، قاراج تاغلىرىدا «تەڭگە قاناتلىقلار ئەترىدى» ئۈستىدە ئىلمىي تەكشۈرۈشلەردە بولغان.

ئەنقەرە «ئېتنومولوگىيە تەتقىقات مەركىزى» ۋە «جەنۇبىي Soutpansberg تەبىئىي ھاياتنى قوغداش مەركىزى» نىڭ تەشكىللىشىدە ئافرىقىغا تۆت قېتىم بېرىپ، «تەڭگە قاناتلىقلار ئەترىتى— پەرۋانە، كېپىنەكلەرنىڭ فائونا، ئىكولوگىيە ۋە بىئولوگىيەسى ئۈستىدە تەتقىقات» تېمىسىنى ئىشلىگەن. بۇنى تاماملىغاندىن كېيىنلا تايلاند چىياڭمەي ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇدا ئۈچ قېتىم تايلاندقا بېرىپ، «تەڭگە قاناتلىقلار ئەترىتى» نى تەكشۈرۈش-تەتقىق قىلىشقا قاتناشقان. ئۇلار بىلەن بەش يىللىق ئىلمىي تەتقىقات ھەمكارلىق توختامى تۈزۈشكەن. ھاشارەتشۇناسلىق ئىلىمي تەتقىقات سېپىگە قوشۇلغان كېيىنكى 12 يىلدا 170 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. بۇماقالىلەر ئامېرىكا، گېرمانىيە، ۋېنگرىيە، فرانسيە، ئىسپانىيە … قاتارلىق 43 دۆلەتتىكى كەسپىي مۇزىيلار، تەتقىقات مەركەزلىرى، كۈتۈپخانىلىرى ۋە ئىنتېرنېت توربەتلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تارقالغان.

ئۇلارپەقەت تۈركىيەدىلا 580 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ، 400 مىڭ ئەۋرىشكە توپلاپ، 20 يىلدا دۇنيا مىقياسىدىكى 220 تاكسوننىي ئۇرۇقداش، 137 تاكسوننىي تۈر، 73 تاكسوننى يىغقان. دۇنيا مىقياسىدىكى 220 تاكسوننىي ئۇرۇقداش، 137 تۈر، 73 تاكسوننىي كەنجىتۈر كاتېگورىيەسىدە ئىسىملەندۈرگەن، ئېلان قىلغان ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى 900 گە يەتكەن. ئەھمەت بىلەن مۇھەببەت بىرلىكتە توپلىغان 400 مىڭ ھاشارات ئەۋرىشكىسنىڭ تۈرى 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. توپلىغان ھاشارات ئەۋرىشكىلىرىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىككى يۈرۈش تۇرالغۇسىنى دىزىنفېكسىيەلەپ، ئەۋرىشكىلەرنى تۈرى بويىچە ئارخىپلاشتۇرۇپ ساقلىغان. ئىسمى-جىسمىغا ،ئارمانلىرى ئەمەلىيىتىگە لايىق بۇ بىر جۈپلەر بىئولوگىيە ئىلمىگە ياشلىقىنى، مۇھەببىتىنى قوشۇپ ئاتىۋەتكەن ھەقىقىي «كەسپ سەۋدايىلىرى» دۇر.

دوكتور مۇھەببەت كامال خانىم تەتقىقات ئۈستىدە

بۇ كىتاپ – ئۇيغۇر خەلقىگە بېغىشلاندى

ئۇلار يەنە كەسپى تەتقىقاتقا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىشنى بىرلەشتۈرۇپ، ئۈلگە ياراتقان ئالىملاردۇر. تەبىئىي پەن تەتقىقاتىغا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىملىكىنىلا ئەمەس، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىمۇ بىرلەشتۈرگەن دېسەم، بەلكى سوئالىڭىز تۇغۇلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمسە پاكىت سۆزلىسۇن:
پروفېسسور ئەھمەت ئۆمەر كوچاك كەسپىي ھاياتىدا ئۆزى بايقىغان جاندارلارنى ئىسىملەندۈرۈش ھوقۇقىنى تۈرك مىللىتىنىڭ تارىخىي ئۇلۇغ شەخسلىرى، تارىخىي ۋەقەلىرى، تۈركىيە جۈمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشىغا قەھرىمانلىق نامى بىلەن يېزىلغان Yunusemrereia يۇنۇس ئەمرى قاتارلىق 9 قەھرىمانغا ئاتالغان ئىلمىي نام بىلەن ئىسىملەندۈرۇشتىن باشلاپ ئىشلەتكەن. شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇر قىزى،دوكتور مۇھەببەت كامالنىڭ كەسپچان يۈرىكىنى ئۇنىڭ ئۆز مىللىتى ئۈچۈن كۆيگەن يۈرىكى بىلەن قوشۇپ سۆيگەن، ئەتىۋارلىغان ئالىمدۇر.
ئىككەيلەن بىرلىكتە 16 قىسىم، 1994 بەت، 620 دىن كۆپ رەڭلىك سۈرەتتىن پۈتكەن «دۇنيا لەپىدوپتەرلىرى (كېپىنەكلەر ۋە پەرۋانىلەر) ئۈستىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە نەتىجىلىرى» ناملىق ئىلمىي قامۇسنى تۈزگەن. بۇ قامۇس — ئۇلارنىڭ 10 يىل داۋامىدا 24 خىل چوڭ تېمىدا ئىشلىگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئىلمىي يەكۈنى بولۇپ، قامۇسنى تۈزۈش باشلانغاندا ھەربىر بابىنى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئەقلىيە سۆزلىرى ۋە «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى» بىلەن باشلاش تەكلىپىنى ئەھمەت ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ بويىچە نەشىر قىلىنغان بىرىنچى بېتىگە:

«بۇ كىتاپ ئۇيغۇر خەلقىگە بېغىشلاندى» دەپ يېزىلغان. بۇ قىممەتلىك قامۇس بىئولوگىيە ئالىملىرى بولغان بۇ بىرجۈپلەرنىڭ دۇنياغا سۇنغان سۆيگۈ-مۇھەببەت سوۋغىسى بولۇپ قالماي ، بىئولوگىيە ساھەسىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرنى بىلىدىغان- بىلمەيدىغان بارچە تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن مىللەتنىڭ كىملىكى بىلەن ئىلمىي تەتقىقات كىرىشتۈرۈلگەن تارىخىي ئابىدەدۇر. ئۇيغۇردا مىللىي ئاڭنىڭ تىكلىنىشىگە ئۇل سالغان ئالىملارنىڭ دۇنيا ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە كەڭ تارقالغان ئەخلاقىي، ئىنسانىي، پەلسەپەۋىي كۆزقاراشلىرىنىڭ جەۋھەرلىرىنى تەبىئىي پەن، يەنى، بىئولوگىيە پەنلىرىنى ۋاسىتە قىلىپ دۇنياغا تۇنجى قېتىم جاكارلاشتۇر. بۇ قامۇستا تا بۈگۈنگىچە دۇنيادىكى ھېچبىر تەتقىقات ئورگىنى بىر يەرگە جەم قىلالمىغان 82189 تاكسون (تۈر ۋە كەنجىتۈرلەر) 8215 ئۇرۇقداش ئىسمى سىنونىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. قامۇستا يەنە 14572 ئورىگىنال مەنبەسى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.

دوكتور مۇھەببەت كامال خانىم دالا تەكشۈرۈش سەپىرىدە

دوكتور مۇھەببەت كامالنىڭ بايانى

… ئۆزۈم تۇنجى قېتىم نامسىز بىر جانلىقنى بايقاپ، ئىسىملەندۈرۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكىنىمدە ھاياجانلاندىم. چۈنكى، مەن كەسپىم ئارقىلىق خەلقىمنىڭ مۇڭلۇق قەلبىگە ئاز بولسىمۇ خۇشخەۋەر يەتكۈزۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدىم. مەن ئۇلۇغ ۋەتىنىمنىڭ باغرىدا تۆرەلگەن قىزمەن. دۇنيانىڭ نەرىدە بولاي، تەتقىقات نەتىجىلىرىم ئىنسانىيەتكە، يۈرىكىم بىلەن كىملىكىم كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ئاشۇ ئەزىز ۋەتىنىمگە تەۋە. مەن ئۆزۈم بايقىغان تۇنجى تۈرنى «ئۇيغۇرىئا» نامىدا ئىسىملەندۈردۈم.

مەن قاناتلىرى گۈزەل كېپىنەكنى ئاجايىپ باتۇر قىزىمىز- شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ 26 كۈندىن كېيىن ھەرەمباغنى ئازات قىلىش جېڭىدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان 19 ياشلىق رىزۋانگۈلنىڭ نامىدا ئىسىملەندۈرۈشنى قارار قىلدىم. ئۆزۈم رىزۋانگۈلنىڭ قېنى سىڭگەن ئەشۇ ئۇلۇغ زېمىندا تۇغۇلغان- ئۆسكەن بولغاچقا، ئەڭ ئاۋۋال بۇ قەھرىمانىمىز يادىمغا كەلدى. مەن ئەھمەتكە قارارىمنى ئېيتتىم، رىزۋانگۈلنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۈم. ئۇ قوللىدى. مەن تىترىگەن قوللىرىم، كۆز ياشلىرىم بىلەن ئۇنىڭغا بېغىشلانغان قۇرلارغا تەۋەرۈك ئىسىمنى يازدىم. «ئىسىملەندۈرۈش كومېتىتى» نىڭ تەلىپىگە بىنائەن رىزۋانگۈلنىڭ كىملىكىدىن قىسقىچە يازما مەلۇمات بەردىم.

يەنە بىر نامسىز جانلىقنى بايقىغان ۋە ئىسىملەندۈرگىنىمدە «سادىر پالۋان»روھىنى ئەسلىدىم … شۇنداق قىلىپ ئەر-ئايال ئىككىمىز بىئولوگىيە تەتقىقاتىغا چۆككەندىن تارتىپ ،مەن كەسپىي ئۇستازىم، ئۆمۈرلۈك يولدىشىم پروفېسسور ئەھمەت ئۆمەر بىلەن بايقىغان 121 جانلىققا: «ئۇيغۇر»، «قەھرىمان يەتتە قىزلىرىم»، «ئاماننىسا»، «نازۇگۇم»، «ئىپارخان»، «ئايخان ئانا» دېگەندەك ئىسىملارنى بەردۇق. «تەمبۇر شاھى» نامى بىلەن سەنئەتسۆيەر خەلقىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتېرىلەش ئۈچۈن، پەقەت تەڭرىتاغلىرىمىزدا مىڭ يىللار ياشاپ كەلگەن قاناتلىرى توم، كۆركەم بىر پەرۋانىنى مۇزىكا پەرۋانىسى «نۇرى تەمبۇر» نامىدا تىزىملاتتۇق. نۇرىغا ئاتاپ سىن لېنتىسى تەييارلاپ، نۇرى ئورۇندىغان دۇتار-تەمبۇر-ساتار مۇزىكىلىرىنى كىرىشتۈرۈپ ئىسىملەندۈرۈش كومېتىتىغا تاپشۇردۇق. بىر نازۇك پەرۋانىنى بايقىغىنىمدا، مىللىي ئارمىيەمىزنىڭ سېستراسى، جىڭ ئۇرۇشىدا باتۇر جەڭچىلەرنى ئۇسسۇزلۇقتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خەتەرگە ئۆزىنى ئېتىپ، قۇربان بولغان 17 ياشلىق روشەنگۈل كۆزئالدىمغا كەلدى. ئەھمەت ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ، پەرۋانىنىڭ نامىنى ئۇنىڭغا ئاتىدۇق. ئىسىملەندۈرۈش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىشتا بىز خەلقىمىزنىڭ قەھرىمان يىگىت-قىزلىرىنى ئالدىن ئويلاشتۇق. بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ھۆر ياشاش ئارمانى ئۈچۈن دۈشمەنلىرى بىلەن قىلغان كۈرەشلىرىنى، تۆككەن ئىسسىق قانلىرى، تەقدىم ئەتكەن ئەزىز جانلىرىنى دۇنيا مەڭگۈ ئۇنۇتمىسۇن، خەلقىمىز ئاشۇ ئۇلۇغ ئارمانغا يەتكەن قۇتلۇق كۈنلەردە قەھرىمانلىرىمىزغا يىقىلماس ئابىدىلەر تىكلىسۇن، دېگەن ئارزۇدا بولدۇق.

***

ئۇلار مانا مۇشۇنداق بىرجۈپلەر ئىدى. كەسپتە ئالىملاردىن، مىللەتپەرۋەرلىكتە، ۋىجداندا ئالىيجانابلاردىن، تۇرمۇشتا يار-يۆلەكلەردىن، دەرس مۇنبىرىدە بىئولوگىيە ئىلمىنىڭ قۇرۇماس بۇلاقلىرىدىن ئىدى. ئەپسۇس …! بۇ قېتىم دۇنياغا تارقىلىپ، ئىنسانىيەتكە ئېغىر ئەلەملەر كەلتۈرگەن ۋىروس- ھۆرمەتلىك ئالىمنى، ئائىلىسىنىڭ ۋە شاگىرتلىرىنىڭ مېھرىبانى ئەھمەت ئۆمەر كوچاكنى ئۈچ كۈن ئىچىدە، ھېچكىم بىلەن خوشلاشتۇرماي ئېلىپ كەتتى … بۇ قاباھەتلىك كۈن 2020 – يىل 11 – ئاينىڭ 18 -كۈنى ئىدى.

ئەلۋىدا، ئۇستاز! سىز خانىمىڭىز بىلىمخۇمار ئۇيغۇر قىزى مۇھەببەتنىڭ كەسپتىكى نەتىجىلىرى ئۈچۈن ئۇستاز بولدىڭىز. ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىنىڭ نامىنى، تارىخى بىلەن باغلانغان مەدەنىيەت دۇردانىلىرى ۋە ھېكمەتلىرىنى بىئولوگىيە ئىلىم دۇنياسىدا ئەبەدىيلەشتۈرۈشىگە ياردەمچى، سادىق قوللىغۇچى بولدىڭىز. ئەجرىڭىزنى ئۇنۇتمايمىز. دۇنيا ئالىملىرى قاتارىغا يېزىلغان ئۆچمەس نامىڭىز سۆيگۈنىڭ قۇدرىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىل تارىغا باغلاندى.

بىرجۈپ ئالىم ئافرىقا تاغلىرىدا ئىلمىي تەكشۈرۈشتە. دوكتور مۇھەببەت كامال خانىم تەجرىبىخانىدا

ئىزاھات:
(1) بىئولوگىيە ئىلىم تەتقىقاتى داۋامىدا ھەرقانداق بىرئالىم- تەتقىقاتچى ئىلگىرى باشقىلار بايقىمىغان جانلىقلار تۈرىنى بايقىسا ئۇنىڭغا خاس ئىسىم قويۇش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ. شۇ ئالىم ياكى تەتقىقاتچى قويغان ئىسىم شۇ جانلىقنىڭ ئۆسۈش- ياشاش قانۇنىيەتلىرى ئىسپاتلانغان تەتقىقات نەتىجىسىگە ئوخشاش مەڭگۈ بايقىغۇچىغا مەنسۇپ بولىدۇ. باش شتابى گېرمانىيەدىكى «خەلقئارا زوئولوگىيەلىك ئىسىملەندۈرۈش قائىدىلىرى بويىچە نازارەت قىلىش كومېسسيونى» كۆزدىن كۆچۈرىدۇ، تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ ۋە بىئولوگىيە ئىلىم دۇنياسىغا ئېلان قىلىنىدۇ.

(3) «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت» ئا. مۇھەممەتئىمىن. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى  88–بەت.

(4) «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن شائىرە، ئېلانچىك مەلىكەگە بېرىلگەن كەنجى ئۇرۇقداش ئىسمى.
(2) Bibliography

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top