You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرىشى ۋە تۈركىيە مىللىي سىياسىتى

شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرىشى ۋە تۈركىيە مىللىي سىياسىتى

دوكتور مۇستافا كۆك

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئابدۇرېھىم پاراچ

ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلى ئالدىدا شەرقىي تۈركىستانلىق 12-13 ياشلاردىكى بىر قىزنىڭ ئىچى-ئىچىدىن ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ: «سىلەردە ھېچ ۋىجدان يوقمۇ؟ سىلەرنىڭ پەرزەنتىڭلار يوقمۇ؟ نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر؟ مىنىڭ دادام نەدە؟ ئۇكام نەدە؟ مەن دادامنى، دادامنىڭ ھىدىنى سېغىندىم. تۆت يىلدىن بىرى ئۇكامنى كۆرۈپ باقمىدىم» دەپ پەرياد قىلغان ۋىدىيوسىنى نۇرغۇنلىرىڭلار كۆرگەن بولۇشىڭلار مۇمكىن. بۇ كىچىك قىزنىڭ بۇ ئازاپلىق شىكايەتلىرىنى كۆرگەن ھەر قانداق بىر ۋىجدانلىق كىشىنىڭ ئۇ كىچىك قىزغا ئوخشاش يىغلىغۇسى كىلىدۇ ياكى ھېچ بولمىسا بوغۇزىغا بىر نەرسە كەپلىشىپ، شۇلارنى يازىدۇ:

«سەن ۋە ئۇكىلىرىڭ، ئاكا-تاغىلىرىڭ بۇ سوئالنى روھى ئۆلۈپ ماشىنا ئادەملەرگە ئايلانغان ئۇلاردىن (خىتاي دائىرىلىرىلىرىدىن) ئەمەس، بۇ يەردىكى  (تۈركىيە ۋە پۈتۈن ئەركىن دۇنيادىكى) كاتتا-كاتتا تاغا-ھەدىلىرىڭدىن سورا جېنىم. چۈنكى ئۇلار ماشىنا ئادەملەر بولغاچقا نۇمۇسنى بىلمەيدۇ. ئەمما بۇ يەردىكى تاغا-ھەدىلىرىڭنىڭ يۈزلىرىنىڭ قىزارغىنىنى كۆرەلىشىڭ مۇمكىن. باشقىلاردا سىنىڭ يىغاڭنى ھىس قىلغۇدەك قەلپ يوق، ئەمما بۇ يەردىكى تاغا-ھەدىلىرىڭنىڭ ئارىسىدا قەلبىنى يوقاتمىغانلار بار، بەلكى ئۇلار سەن بىلەن بىللە يىغلايدۇ.

قانداقلا بولمىسۇن بۇ يەردە داداڭ ۋە ئىنىڭ ئۈچۈن يىغلىيالاۋاتىسەن. دىمەك سەن يەنىلا تەلەيلىك ھېسابلىنىسەن . ئەمما بېشىغا كەلگەنلىرى ئۈچۈن يىغلىغان دادىلىرىڭ، يۇرتۇڭدا قېلىپ قالغان تەڭتۇشلىرىڭ 500 بەلكى مىليون بالىلار، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرىڭ ئۇ روھى ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ «بالىلار لاگېرلىرى» ۋە «ئۇۋا» لىرىدا ماشىنا ئادەم قىلىپ يىتىشتۈرۈش ئۈچۈن زامانىۋى ماڭقۇرتلاشتۇرۇپ تەربىيەلەنمەكتە. ھازىر ئۇلارنىڭ قايسى باسقۇچقا كەلگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. يەنە 20 يىلدىن كىيىن ئۇلار ئۇ يەردە يېڭىدىن يىتىشتۈرۈلگەن كاللىسى ۋە قوللىرى  بىلەن ماشىنا ئادەملىك ماھارەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ ، ئارقىلىرىدىكى تاغا-ھەدىلىرىگە قارىتىپ قوراللىرىنى بەتلەيدۇ. ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەقدىرى ئۈچۈن ئاخىرىقى نوختا قويۇلۇشى مۇمكىن. بىزنىڭ ئۈمىدىمىز يەنىلا سەن ۋە ساڭا ئوخشاش ياشتا تۇرۇپ، دۇنيانىڭ ھەر يىرىدە مۇشۇنداق سۇئاللارنى سورىغان ، نالە قىلغان قېرىنداشلىرىڭدا قالدى قوزام. چۈنكى بۈگۈنگىچە كۆك ئاسماننىڭ ئاستىدا سورالغان ھېچبىر سۇئال-جاۋاپسىز قالغان ئەمەس. ھەرقانداق نالە-پەرياد ساداسىز قايتقان ئەمەس. ئەي، شەرقىي تۈركىستان! سەبىر قىل! ئاللاھقا چىن دىلىدىن ئىشىنىدىغانلار ۋە ۋىجدانلىق كىشىلەر ھامان سەن بىلەن بىللە.

2021- يىلى فېۋرال ئېيىنىڭ بىر ھەپتىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بەسبەستە ھەمبەھىرلەنگەن ئىككى ۋىدىيوغا گۇۋاھچى بولدۇق. بىرىنچىسىدە، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا توپلانغان شەرقىي تۈركىستانلىق بىر گۇرۇپ، قوللىرىدا پىلاكات ۋە ئىز دىرىكى بولمىغان تۇغقانلىرىنىڭ رەسىملىرىنى تۇتۇپ، كونسۇلدىن چىقماقچى بولغان بىر ئەمەلدارنىڭ (باش كونسۇل بولىشى مۇمكىن) ماشىنىسىنى ساقلاۋاتقان ئىدى. ئۇلار بىر ئاز ۋاقىتتىن كىيىن چىققان ماشىنىغا قاراپ ماڭىدۇ ۋە ماشىنىنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىپ، ئۇ ئەمەلدارغا ئەھۋاللىرىنى ئېيتىدۇ. ئەمما ئەمەلدار ماشىنىدىن چۈشمەيدۇ. ساقچىلار بۇ گۇرۇپقا قاتتىق ۋاسىتىلار بىلەن توسقۇنلۇق قىلىپ، ماشىنىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ. پۇرسەتتىن پايدىلانغان شوپۇر بۇ گۇرۇپنى نىشانلىغان ئەلپازدا مايغا قاتتىق دەسسەيدۇ، شەرقىي تۈركىستانلىق گۇرۇپ ئارقىدا قالىدۇ. چىقىۋاتقان ماشىنىنى  توختۇتۇش ئۈچۈن ماڭغانلارنىڭ ئارىسىدا ماشىنىنىڭ سول ئىشىكىگە ياندىشىپ ماڭغان 12-13 ياشلاردىكى  كۆك چاپانلىق، كۈلرەڭ پوسمىلىق، ئاغزىدا كۆك بايراق رەڭگىدىكى ماسكا بار شەرقىي تۈركىستانلىق بىر كىچىك قىز دىققەت تارتىدۇ. ئېنىقكى، ئۇمۇ تاغا-ھەدىلىرى ئارىسىدا چوڭ ئۈمىدلەر بىلەن ساقلاپ، ئاخىرىدا كۈچلۈك قوزغۇتۇلغان ماشىنىنىڭ كەينىدىن ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قالدى.

ئىكىنچى ۋىدىيودا بولسا، كونسۇل تەرەپكە ئالدىنى قىلغان ھالدا ئىچ-ئىچىدىن بۇقۇلداپ يىغلاۋاتقان بۇ قىزنىڭ ئۈمىدسىزلىكتىكى نالە-پەريادى كۆرىنىدۇ ۋە بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن جۈملىلەر بىلەن: «سىلەردە ۋىجدان يوقمۇ؟ سىلەرنىڭ پەرزەنتىڭلار يوقمۇ؟… …» دەيدۇ

يېقىنقى ئۈچ ئايدىن بىرى «شەرقىي تۈركىستانلىق لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ يېقىنلىرى» نامىدا ئوتتۇرىغا چىققان بىر گۇرۇپ قېرىنداشلىرىمىز بۇ سۇئالنى پۈتۈن تۈركىيەدىن سورىماقتا ۋە ئانادولۇدىكى ئۆزلىرى تاللىغان شەھەرلەرنى ئايلانماقتا. (11- ئاينىڭ 7-8- كۈنلىرى قەھرىمان ماراشتا ئىدى.)

شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق

شۇنداق، تەخمىنەن 35 مىليون نوپۇسقا ۋە تۈركىيەدىن ئىككى ھەسسە چوڭ زىمىنغا ئىگە، بىز «ئاتا يۇرت» دەپ تىلغا ئالىدىغان ئۇ تۇپراق سۇتۇق بۇغراخانلارنىڭ، مەھمۇد قەشقىرىلەرنىڭ، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ يۇرتى بولغان شەرقىي تۈركىستان؛ دۇنيا خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا قەدەممۇ-قەدەم يوق قىلىنماقتا. 1949- يىلى ئاخىرقى قېتىم ئىشغال قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بەش «ئاپتونوم رايون » ىنىڭ بىرىدۇر. ئاتالمىش ئاساسىي قانۇنىدا: «ئىنسانلار كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئىگە. ئاپتونوم رايونلار مائارىپ، ئىلىم-پەن، تىببى ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش، مىللىي مىراسلىرىنى، مەدەنىيەتلىرىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە» دەپ يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى قەغەز يۈزىدىكى قۇرۇق گەپلەر. چۈنكى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ پەقەت «دېڭىز قاراقچىلىرى ئۇسۇلى» ئارقىلىق ئىرىشكەن ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلىرى ئىنتايىن قورقۇنچلۇقتۇر. بولۇپمۇ 2017- يىلىدىن باشلاپ «تەربىيەلەش» نامىدا ئېلىپ بارغان ئىجرائاتلىرى مىليونلىغان ئىنسانلارنى ئاتالمىش «كەسپى تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە، ئەمەلىيەتتە بولسا «يىغۋېلىش جازا لاگېرلىرى» غا مەجبۇرى سولاپ قويۇشىدىن ئىبرەت ئېلىش كېرەك . قەلئە تاملىرىغا ئوخشاش قورشاۋ تاملار بىلەن قورشالغان ۋە قۇراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن كېچە-كۈندۈز قاراۋۇللۇقتا تۇرۇپ نازارەت قىلىنىدىغان قانداق «تەربىيەلەش مەركەزلىرى ئۇ؟!… … ئوغۇرلۇقچە كامېراغا ئېلىنغان، ئىنسانىيەت تارىخىدا يۈز بىرىپ باقمىغان، ئايال، قېرى، ھەتتا كىچىك بالىلارنىمۇ ئاياپ قويماستىن ئىجرا قىلىنغان ئىشەنگۈسىز دەرىجىدىكى قىيناشلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرى، ئورۇندۇققا باغلاپ قويۇپ تەنھەرىكەت ئايىقىنى ئاغزىغا مەھكەم باغلاپ قويۇشلىرى، بويۇنلىرىغا ئۆلگەن ئىت تاپلىرىنىڭ ئېسىلىشى، قول ۋە پۇتلىرىنىڭ تۆمۈر تۇرۇبىغا مىقلىنىشى، ئىككى قولىنى ئارقىغا قايرىپ باغلاپ، بوينى  بىلەن پاچاقلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ توپتەك تۈگۈش… دىگەندەك تەسۋىرلىگۈسىز ئەھۋاللار بىلەن بىللە تىرىك تۇرغۇزۇپ تىرىلىرى شىلىنغان كىشىلەر… … بۇ خىلدىكى قىيىن-قىستاقلارغا بەرداشلىق بىرەلمەي ئۆلگەنلەر، توپ-توپ ھالەتتە ئوققا تۇتۇلغان مەيدانلار، بۇلارنى ئىجرا قىلىۋاتقان «<ئىنسان> دەپ ئاتاشتىن خېجىل بولىدىغان مەخلۇقلار» نىڭ ھاقارەت ئۈستىگە ھاقارەت ياغدۇرۇشى، مانا بۇلار دۇنيادا، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مىليون قېتىم ھەمبەھىرلەنگەن مىساللاردۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىدىغان ۋە تۇغقانلىرى نەچچە يىللاردىن  بىرى ئىز دىرەكسىز غايىپ بولغان، دۇنيانىڭ ھەر تەرەپلىرىدە كۆچمەن مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار شۇنى سورىماقتا: «دۇنيا يەنە نىمىنى ساقلايدۇ؟ ئۇ يەردىكى مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈشىنىمۇ؟

باشقا دۆلەتلەردە، بولۇپمۇ تۈركىيەدە تۇرىدىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن نەچچە يىللاردىن بىرى خەۋەر ئالالمىغانلىقى ھەققىدە توۋلاشماقتا. جازا لاگېرلىرىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنىمۇ بىر يېرىم يىلدىن بىلگەنلەر بار. 2020- يىلى 12- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىستانبۇلدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئەر-ئايال، قېرى ياش بولۇپ يۈزلىگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار قار، يېغىۋاتقان يامغۇرغا، بولىۋاتقان سوغۇققا، ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقلىرىغا قارىماستىن 17 كۈنگىچە «ئائىلە نۆۋىتى» نامايىشى ئېلىپ، نارازىلىقىنى بىلدۈردى. ئەرشنى تىترەتكۈدەك پەريادلارنىڭ، تۈركچە، ئىنگىلىزچە ۋە خىتايچە يېزىلغان لوزۇنكىلاردا تىلدا ئېلىنغىنىنى ئوخشاشلا «ئەي خىتاي، ئائىلەم قەيەردە؟! ئائىلەمدىكىلەرنى قويۇپ بەر! ئانامنى ۋە دادامنى قويۇپ بەر! قېرىنداشلىرىمنى قويۇپ بەر!» ئىدى. 17 كۈندىن كىيىن ئىستانبۇل ۋالىيلىقىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى نەتىجىسىدە كونسۇل تەرىپىدىن «دىلەكچىلەرنى قوبۇل قىلىش» ۋەدىسى بىلەن ساددىلارچە ئۈمىد بىرىلدى. ئارىدىن ھېچقانچە ۋاقىت ئۆتمەيلا خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئاددىي بىر قەغەزگە شەرمەندىلەرچە يېزىلغان «سىلەر ئەۋەل ئۆزۈڭلارنىڭ شەخسى ئىجتىمائىي ئالاقە ھىساباتىڭلاردا ئوچۇق ۋە ئاشكارا ھالدا <بۇنىڭدەك بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلەر ۋە بۆلگۈنچى شەخسلەر بىلەن بولغان بارلىق ئالاقەڭلارنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى، ئىككىنچى بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقى> غا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈشىڭلار كېرەك، ئۇنىڭدىن كىيىن بىز ئويلىشىپ باقىمىز» دىيىلگەن تەھدىت خېتى تاپشۇرۇۋېلىندى. خىتاينىڭ ئىككى يۈزلىمىچى، ئارتىست قىياپىتى يەنە  بىر قېتىم بىلدۇق. 2021- يىلى 2- ئاينىڭ 3- كۈنى بۇ گۇرۇپنىڭ «ئائىلە نۆۋىتى» پائالىيىتىنى ئەنقەرەدىكى خىتاي كونسۇلى ئالدىغا ئېلىپ كەلگەنلىك يېڭى خەۋىرى تارقالدى. ئوخشاش نالە-پەرياد، ئوخشاش لوزۇنكا، ئوخشاش ساقچى توسقۇنلۇقى!… بىز بولساق قايغۇرغان ھالەتتە ھېچ ئىش قىلالمىغانلىقىمىزدىن ئاچچىق يۈتۈپ قاراپ تۇردۇق.

شەرقىي تۈركىستاندا ھەر خىل قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇملار ئاساسلىقى ئائىلىنى مەركەز قىلغان ھالدا كۈنسىرى ئېغىرلىشىپ بارماقتا. خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلانغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ تىراگېدىيەلىرى ، ئەرلىرى توپلىما جازا لاگېرىلىرىغا ئېلىپ كىتىلگەن ئۆيلەرگە ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» پىلانى بىلەن خىتاي ئەرلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە كىلىپ چىققان ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار، جازا لاگېرلىرىدا تۇغماس قىلىۋىتىلگەن ياش قىزلار ۋە يىگىتلەر، يالغان باھانىلەر  بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئوپراتسىيەدە ئىچكى ئەزالىرى ئېلىنىپ خەلقئارا بازارلاردا سېتىلىۋاتقان ياشلار، ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان 500 مىڭ، ھەتتا مىليوندىن ئارتۇق ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىۋاتقان بالىلارنىڭ تىلى ۋە دىنىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ، «بالىلار لاگېرلىرى» دا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىش ۋەقەلىرى… يەنە نۇرغۇن، نۇرغۇن ئىشلار. بۇ ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنىڭ يەنە باشقا مىساللىرىدىن، ئىلىم-پەن، سەنئەت ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە دۇنياغا تونۇلغان  شەرقىي تۈركىستانلىق قانچىلىغان مەشھۇر كىشىلەردىن پىروفېسسور ئىلھام توختى، مۇھەممەت سالىھ داموللام ۋە ئابدۇرەھىم ھېيت… قاتارلىقلار بۇلار ئارىسىدىكى پەقەت ئۈچ مەشھۇر ئىسىم.

كۆرۈلگەن بۇ ئەھۋاللارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بۈگۈنكى يېڭى دەۋىردىكى جازا لاگېرلىرىغا، ئاتالمىش «تەربىيەلەش» مىساللىرىغا ئائىت  بولغان كۆرۈنۈشلەر. خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى پىرىنسىپلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، «<ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى > غا بىرىلگەن ھوقۇقلاردىن بىرى بولغان بولغان <ئاپونومىيەدىكى ئىلىم-پەن ئەھۋالى>» قانداق؟ دەپ سورىسىڭىز : دۇنياغا داڭلىق ئالىملاردىن ئاكادېمىك پىروفېسسور دوكتور ئىلھام توختى 2014- يىلىدىن تارتىپ «بۆلگۈنچىلىك » جىنايىتى بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، ھېلىھەم تۈرمىدە. ئىلھام توختى 2019- يىلى ياۋرۇپا بىرلىكى تەرىپىدىن «ساخارۇف كىشىلىك ھوقۇق ۋە تىنچلىق مۇكاپاتى » غا ئىرىشتى. بۇ دېگەنلىك _ ياۋرۇپالىقلار پىروفېسسور ئىلھام توختىغا ئوخشاش بىر ئالىمنىڭ ئەسلا بۆلگۈنچى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەنلىكى. (ئەپسۇس، بىرەر مۇكاپات بىلەن بىز خاتىرىلىگەن بولساق) بۇنىڭدىن باشقا شەرقىي تۈركىستانلىق داڭلىق ئالىم، مۇفەسسىر مۇھەممەت سالىھ داموللام 2018- يىلنىڭ باشلىرى 82 يېشىدا كوممۇنىست خىتاي تۈرمىسىدە شەھىد قىلىندى. يەنە شۇنىڭدەك 28 يىللىق ھاياتىنى خىتاي تۈرمىسىدە ئۆتكۈزگەن شەرقىي تۈركىستانلىق مەشھۇر ئالىملاردىن ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلى 2018- يىلى 12- ئايدا، مەشھۇر دىنى ئالىم ئابدۇلئەھەت مەخسۇمھاجىم 2019- يىلى شەھىد قىلىندى. بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كوممۇنېستلىرىنىڭ پىلانلىق ھوجۇملىرىدىن قازاقلارمۇ ساق قالمىدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ «قازاق ئاپتونوم رايونى » لۇق تۇرسۇن خەلىلۇللامۇ ئىككى يىل بۇرۇن جازا لاگېرىغا سولانغان بولۇپ، 2020- يىلى 12- ئاينىڭ 14- كۈنى لاگېردا شەھىت قىلىندى.

مانا مۇشۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قانداق بىر مەدەنىيەت ھاياتىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىۋالغىلى بولىدۇ. جازا لاگېرلىرىغا سولانمىغانلارمۇ ئۆز ئۆيلىرىدە تۈرمە ھاياتىنى باشتىن ئۆتكۈزمەكتە. كوچىلار قۇپقۇرۇق. بۇنىڭدەك پىسخولوگىيەلىك بېسىم ئاستىدا مەدەنىيەت ھاياتى مەۋجۇت بولامدۇ؟ تەخمىنەن ئىككى يىل بۇرۇن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ جازا لاگېرىغا سولانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر خەلق ناخشىچىسى ئابدۇرەھىم ھېيت، پەقەت مەشھۇر كىشىلەردىن بىرسى.

ئىتىقات مەسىلىسى بولسا پۈتۈنلەي بىر تىراگېدىيە. رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش چەكلەنگەنگە ئوخشاش، 80 ياشلاردىكى ياشانغانلارنىڭ «ھاراق ئىچىش مۇسابىقىلىرى» مەجبۇرى ئېلىپ  بېرىلماقتا. دىنى تەلىم-تەربىيە بىرىدىغان ئورۇنلار پۈتۈنلەي تاقالغان بولۇپ، ياشلار ئاتېئىستلىققا تەشۋىق قىلىنماقتا. دىنى كىتاپلار مەيدانلارغا دۆۋىلىنىپ كۆيدۈرۈلمەكتە. خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ سۈنئىي ھەمرا ئارقىلىق ئىرىشكەن خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە مىڭلىغان مەسچىتلەر چېقىلىپ، تۈپتۈز قىلىۋىتىلگەن. بولمىسا خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا «ئاپتونوم رايونلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مىراسلىرىنى، مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە» دېيىلگەن . بۇ دېيىلگەنلىرى پۈتۈنلەي يالغان.

كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ب د ت گە مۇراجىئەت

يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەن، پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم بولغان خىتاينىڭ بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىكى ئاشكارا رېئاللىقلارنى ب د ت دە بىرەر تۈرك، ياكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئەمەس بەلكى ياۋرۇپا دۆلەتلىرى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەكتە. مەسىلەن: 2019- يىلى 22 دۆلەت (ئارىسىدا تۈركىيە يوق 42 ئەزا) كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا خەت يېزىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تىلغا ئالدى. بۇ مەكتۇپتا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنى نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە غايەت زور كۆلەمدىكى جازا لاگېرلىرى، مۇكەممەل نازارەت ۋە كۈزۈتۈش، شۇنداقلا باشقا كۆپلىگەن چەكلىمىلەرگە بولغان ئەندىشىسى بىلدۈرۈلۈپ، شۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينى ئۆز مىللىي قانۇنىغا رۇئايە قىلىشقا، شەرقىي تۈركىستان (ئەسلى تېكىستتە «شىنجاڭ» دىيىلگەن) ۋە خىتاي رايونلىرىدىكى دىن ۋە ئىتىقات ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشتىن، ئۇلارنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقىنى چەكلەشتىن ساقلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز».

خەلقى تۈرك ۋە مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقان دۆلەتلەر «ئىككى تەڭگىلىك» تىجارەتلىرىگە زىيان يەتمەسلىكى ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن ب د ت دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىتاينى ئەيىبلەشكە ئىمزا ئېتىشتىنمۇ ئۆزىنى تارتتى. خەلقئارا مەيدانلاردا ھەتتا ب د ت دا سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ، باش مىنىستىرلار ،  دۆلەت رەئىسلىرى دۇنيادىكى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان بارلىق مىللەتلەرنى ساناپ كىلىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى رەتكە تىزىدۇ- يۇ، ئەپسۇس، شەرقىي تۈركىستاننى ئېغىزغا ئالالمايدۇ.

«جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بىرىش» كېلىشىمىدىن تۈركىيە مىللىي سىياسىتىگىچە

ئەمدى پات يېقىندا ئوتتۇرىغا چىقىش ئىھتىمالى بولغان يېقىن كەلگۈسىدىكى خەتەر ھەققىدە توختۇلۇپ ئۆتەيلى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي ئارىسىدا 2017- يىلى 5- ئاينىڭ 13- كۈنى ئىمزالانغان «جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بىرىش كېلىشىمى» تالاش تارتىشلارنى پەيدا قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ يېقىندا تۈركىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىش ئىھتىمالى بارلىقى سۆزلەنمەكتە. ئەمەلىيەتتە پىرېزىدېنت ئەردوغان تەرىپىدىن 2019- يىلى 4- ئاينىڭ 12- كۈنى «تەستىقلانسا بولىدۇ» دەپ ئىمزالىنىپ، تۈركىيە پارلامېنتى رەئىسلىكىگە ئەۋەتىلگەن ۋە پارلامېنت باشلىقى مۇستافا شەنتوف تەرىپىدىنمۇ 2019- يىلى 4- ئاينىڭ 26- كۈنى ئىمزالىنىپ، 5- ئاينىڭ 8- كۈنى مۇناسىۋەتلىك كومىتېتلارغا ئەۋەتىلگەن. ئەلۋەتتە، بىزدىن خېلى بۇرۇنلا ھەرىكەتكە ئۆتكەن خىتاي  دائىرىلىرى 12- ئاينىڭ 22- كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24- نۆۋەتلىك يىغىنىدا بۇ كېلىشىمنى ئاۋازغا قويۇپ، رەسمىي تەستىقلىغان ۋە 2020- يىلى 12- ئاينىڭ 26- كۈنى ئىلان قىلىنغان.

ئەگەر خەتەر راستقا ئايلىنىپ، خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ «جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بىرىش كېلىشىمى» تۈركىيە پارلامېنتىدا تەستىقلانسا يېڭى «بورانتال كۆۋرۈكى پاجىئەسى» يۈز بىرىشى مۇمكىن. تۈركىيەدە كۆچمەن سۈپىتىدە تۇرۇۋاتقان، تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئىرىشەلمىگەن، مەزلۇمنىڭ مەزلۇمى بولغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز بار. زالىم خىتاي ئەڭ ئاز بولغاندا بۇلارنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى نۇرغۇن باھانە بىلەن تەلەپ قىلىدۇ ئەلۋەتتە.

يۇقىرىدا خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىنى كۆردۇق . خىتاي تۈركىيەگە تۆت-بەش يىل بۇرۇن پەقەت ئوقۇش ئۈچۈنلا كەلگەن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ ئاشكارا ھالدا بۆلگۈنچى ھىساپلاپ، «تېررورچى » دەپ ئاتايدۇ. مىللىي سىياسەت روھىغا ئىگە بولغان كىشىلىرىمىز نەزىرىدە تۈركىيە بىزگە ئوخشاش پاناھلانغان بارلىق تۈركلەرنىڭمۇ ۋەتىنى.

ئەمدى بۇ يازما ماۋزۇسىنىڭ ئىككىنجى قىسىمغا كەلسەك: شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرىشى تۈركىيە تۈركلىكى ئۈچۈن  ئەسلا يېڭى بىر سىياسەتنىڭ ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مىللىي سىياسەتنىڭ باش تېمىسىدۇر. شۇڭا قايسى پارتىيە ھوقۇق تۇتۇشتىن قەتئىينەزەر، شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرىشىدا قەتئىي يول قويماسلىق ۋە بۇ مەسىلىنى پۈتۈن بىر مىللەتكە باغلاش لازىم. ئەلۋەتتە ئۆزىمىزنىڭ كۈچىنى بىلىمىز، مىللىتىمىزنى بىرەر  تەۋەككۈلچىلىككە تارتمايمىز. ئەمما ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانىغا ئۇرۇپ تۇرۇپ، خەلقئاراۋىي كۈچكە ئىگە بولغان كىشىلىك ھوقۇق نوقتىسىدا ئىتتىپاقلىشىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشىمىز كېرەك . بۇ شەكسىز قىلىنىشى كېرەك بولغان مەسىلە. بۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ۋىجدان ئىگىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىرلىكتە ئىش قىلىش ھەمكارلىشىش ۋە ئورتاق ئاساس تۇرغۇزۇپ، بىللە ھەرىكەت قىلىشنىڭ ۋاقتى كەلدى. بەزى سۆھبەت  ۋە مۇھاكىمىلەرنى، زىياپەتلەرنى ئويۇشتۇرۇش ئارقىلىق، خەلقتە ئەسلىدە بار بولغان سەمىمىيلىك ئېڭىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش لازىم. شەرقىي تۈركىستاننى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆزلەشمە ۋە ھەمكارلىقلارنىڭ دۆلەتنىڭ باشقا نۇرغۇن ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا تېخىمۇ قولايلىقلارنى ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتكىلى بولىدۇ. يامانلىقلاردىنمۇ ياخشىلىق ئىزدەش بىزنىڭ مەدەنىيەت گېنىمىزدا ئەسلىدىنلا بار  بولغان بىر ئىش. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يامانلىقنى ياخشىلىققا ئۆزگەرتىش بىزنىڭ غەيرەت ۋە ئىرادىمىزگە باغلىق.

خۇلاسىلەپ قارايدىغان بولساق، ئىنسانىيەت ئەزەلدىن ئۆزىنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە بۇنداق كوللېكتىپ تەھدىت ئاستىدا ھىس قىلىپ باقمىغان ئىدى. بۇ، كونا دۇنيانىڭ كۆپ قىسمىنىڭ باغرىدىن كىسىپ ئۆتىدىغان «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانى ئارقىلىق قىسماققا ئېلىش ئىھتىمالى بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئالدامچىلىق خاراكتېرى، قورقۇنچلۇق نوپۇسى ۋە رەقەملىك تېخنىكىنىڭ ياردىمى بىلەن پۈتۈنلەي «كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغان دۇنيا تەرتىپى يارىتىش» مەقسىتى سەۋەبىدىن، «كوممۇنىست خىتاي تەھدىتى » بولۇپ كۆرۈنمەكتە. يەنىمۇ يىغىنچاقلىغاندا، پەقەت بىزلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا ئەگەر كاللىسىنى ئىشلىتىپ ئويلانمايدىغان بولسا، قۇرۇلماقچى بولغان «يېڭى دۇنيا» نىڭ، ھەتتا قىزىق ئۇرۇشلارنىڭ باي-كەمبەغەل دېمەستىن نېمىلەرنى ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.

ياشىسۇن شەرقىي تۈركىستان ۋە بارلىق ئىزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ھۆرلۈك كۆرىشى!

مەنبە: Doğu Türkistan Dâvası Ve Millî Siyaset

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top