You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

ئاپتورى: Prof. James A. Millward پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد 

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: دوكتورانت مىھراي ئوسمان

 كۆپ يىللاردىن بۇيان، خىتاي ئۇيغۇرلارنى پاختا ياكى تۆۋەن باھالىق ئىشلەپچىقىرىشتا ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ قوللانماقتا. تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كەم دېگەندە 83 داڭلىق دۇنياۋى ماركىنىڭ بۇ مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمى بىلەن مۇناسىۋىتى بار. ئۇنداقتا بۇ زۇلۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كىملەرنىڭ قانداق مەسئۇلىيىتى بار؟

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى (خ ك پ) نىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەك، ئائىلىلەرنى پارچىلاش ۋە تۇغۇت چەكلەش قاتارلىق سىياسەتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بولغان ئېنىقلىمىسىغا ئۇيغۇن. بۇ ۋەھشىيلىك قارشىسىدا تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىشى يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغان جازا سىياسىتى، ئىنسانپەرۋەرلىكتىن بەكرەك ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بولغان جىددىيلىك پەسەيگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېڭى بىر سوغۇق ئۇرۇش پەيدا قىلىپ، كوۋىد 19 كىرىزىسىغا قارشى مەغلۇپ بولغان سىياسەتلىرىنى يوشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۈشكۈرتۈشىگە قارىتا، باشقا دۆلەتلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىرىزىسقا قانداق ئىنكاستا بولۇشى كېرەك؟ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەقەلەرنى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش تەھدىتى ۋە رىقابەت دائىرىسىدە تونۇش مۇمكىنمۇ؟

جورجتوۋىن ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پىروفېسسورى جېيمېس مىلۋارد خ ك پ نىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويغان سىياسەتلىرىنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتورنىڭ كۆز قارىشىچە بۇ، ئون يىلدىن بۇيانقى خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۇيغۇر رايونىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە بۇ رايوندىكى كىشىلەرنى «خىتايلاشتۇرۇش»نىڭ ئەڭ ئاخىرقى سىياسىتى. خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپ سانلىقنى ۋە كۆپ خىللىقنى قوللايدىغان سىياسەتنى ئەمەس، بەلكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى تاللىدى. بۇنىڭغا ئاساسەن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى گوموگىنلىق «خىتاي جەمئىيىتى» بەرپا قىلىشنى نىشان قىلغان ۋە خ ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «خىتاي ئارزۇسى» دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان مىللەتچى ۋە يەككە خىتاي كىملىكىنى مەقسەت قىلغان بىر كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پاختا ئىشلەپچىقىرىشى، ئەرزان ئەمگەك كۈچى ۋە ئۇيغۇرلار

جېيمېس مىلۋارد ماقالىسىدە 2009-يىلىغا قايتىش ئارقىلىق بۈگۈنگە باھا بېرىشكە تىرىشقان، ئۇيغۇرلارنىڭ 2009-يىلىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۇرۇمچىدە ئېلىپ بارغان تىنچ نامايىشىنىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇشى ۋە زوراۋانلىقلارنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خ ك پ  سانائەت ۋە سودا رايونلىرى قۇرۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ شەرقىدىكى باي ئۆلكە، شەھەرلەرنى سەپەرۋەر قىلغان ۋە بۇ رايونغا سېلىنغان مەبلەغنى كۆپەيتكەن.

خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ئەمگەك كۈچى تەننەرخىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، دۆلەت پاختا ئىشلەپچىقىرىش ۋە قوشۇلما قىممەت ئىشلەپچىقىرىشنى خىتاينىڭ دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدىن ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكىدى. بۇنىڭ بىلەن، نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرى زاۋۇتتىن خىزمەت تېپىش بىلەن بىرگە خىتاي ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە ئېرىشەلەيدۇ.

«ياۋرو-ئاسىيا كېسىشىش ئېغىزى: ئۇيغۇر رايۇنى تارىخى» نىڭ يازغۇچىسى مىللۋاردنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان سىياسەتلەر ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ زاۋۇت ئىشچىسىغا ئايلاندۇرۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كوممۇنىستىك پارتىيە ئۇيغۇر كىملىكىگىمۇ ھۇجۇم قىلدى. قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق تارىخى كونا شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاياللارنىڭ ئۈچۈن يۈزىنى يېپىشىنى ۋە ياغلىق چىگىشىنى، ياشلارنىڭ ساقال قويۇشىنى چەكلىدى، شۇنداقلا توپلىشىپ ناماز ئوقۇش، رامىزاندا روزا تۇتۇش ۋە ھاراقتىن پەرھىز تۇتۇشقا قارشى چىقتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش سۈرئىتىنى تېزلەتتى. ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بەئوۋۇلفدىنمۇ كونا بولغان ئۇيغۇر تېكىستلىرىنى ئەمەس، بەلكى خىتايچە كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى دەرسلىك قىلىشقا مەجبۇرلاندى. خىتاي كومپارتىيەسى بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي، ئۆيدە قۇرئان كەرىم ساقلاش قاتارلىق «دىنىي ئاشقۇنلۇق»نىڭ ئىز قوغلاپ تېپىپ چىقىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرۇشقا ساقچى ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىمۇ ئەۋەتتى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بولغان ئېنىقلىمىسى

ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى يىللاردا باشتىن كەچۈرگەن زۇلۇمى، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىگە ئۇچرىشى ۋە خىتاينىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچەيگەن بېسىمى ماقالىدە مۇنداق تەسۋىرلەنگەن:

«2013-2014-يىللىرى كىچىك كۆلەمدىكى تېرورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىدىكى يېڭى پارتىيە سېكرېتارى چېن چۇەنگو يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش ۋە ساقچى تورى بىلەن گۇمانلىق رايونلارغا زىچ ھالەتتە ساقچىخانا ۋە تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. يېڭى تىپتىكى سۈنئىي ئەقىل ئاخبارات سىستېمىسى، ھەرىكەت ۋە بىئولوگىيەلىك سانلىق مەلۇماتنى ئاساس قىلغان كەڭ كۆلەملىك مەلۇمات ئامبىرىدىن تەركىب تاپقان. بۇ سىستېما رادىكال ئىدىيەلىك پىكىرگە ئىگە دەپ قارالغان تەخمىنەن 2 مىليون ئۇيغۇر تۈركنى تۈرمىگە تاشلاش ياكى سوتنىڭ بۇيرۇقىسىز تۇتقۇن قىلىش ئۈچۈن تۈرگە ئايرىش ئاساسىدا خىزمەت قىلىدۇ. قولغا ئېلىنغانلارنىڭ بالىلىرى، خىتايلاردەك تەربىيەلەش ئۈچۈن يېتىم-يېسىرلار مەكتىپى ۋە ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى خىتاينىڭ كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان خىتايلارنى تېخىمۇ كۆپ بالىلىق بولۇشقا ئىلھاملاندۇرغان بولسا، ئەكسىچە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تۇغۇت چەكلەشكە باشلىدى. مەجبۇرىي ئۈزۈك سېلىش (2018-يىلى، بۇ قىلمىشلارنىڭ % 80 ى توپلام نوپۇسنىڭ ئاران % 1.8 نى تەشكىل قىلغان  ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان) ئاختا قىلىش ۋە كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش قاتارلىقلار بىلەن، خ ك پ 2015-يىلدىن 2018-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى % 84 تۆۋەنلەتتى. بىر گۇرۇپپىغا تەۋە بالىلارنى باشقا گۇرۇپپىغا يۆتكەش ۋە تۇغۇتقا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان تەدبىرلەر ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئېنىقلىما بەرگەن بەش ئامىلنىڭ ئىككىسىگە ماس كېلىدۇ.»

ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئىشلىتىش سېستىمىسىدە يەر ئالغان 83 دۇنياۋى داڭلىق ماركا

تارىخشۇناس مىلۋارد ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەت شارائىتىنىمۇ تىلغا ئالغان:

«2019-يىلدىن باشلاپ، خ ك پ راۋاجلاندۇرۇش لايىھەسىنىڭ بىر تارمىقى قاتارىدا ئۇيغۇر رايونىدىن يىغىۋېلىش لاگېرى ۋە يېزىلىرىدىن نەچچە يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرنى ئېلىپ خىتاينىڭ شەرقىدىكى ئۆلكىلىرىدىكى سانائەت رايونلىرىغا ئېلىپ كەلدى.

بۇنىڭ بىلەن بىرگە، خ ك پ نەچچە ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرنى خىتاينىڭ شەرقىدىكى زاۋۇتلارغا ئەكېلىپ ، تامامەن ھەربىي ئىنتىزام بىلەن باشقۇرۇلىدىغان ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر رايونىغا مەبلەغ سالغان يۈزلىگەن شىركەتلەرنى قۇردى، ھەمدە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەمگەك لاگېرلىرى بىلەن بىرگە يەنە جازا لاگېرلىرىنى قۇردى.

يېقىنقى تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كەم دېگەندە 83 دۇنياۋى داڭلىق ماركا بۇ مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈلمىسى بىلەن چېتىشلىق.»

يېڭى سوغۇق ئۇرۇش: ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت

بۇ سىستېما يىللاردىن بۇيان بۇ شەكىلدە ۋە دۇنيانىڭ ئالدىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقاندا، سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىتايغا بولغان غەزىپى تۇيۇقسىز ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا كۈن تەرتىپىدە تېخىمۇ كۆپ ئورۇن ئېلىشىغا يول ئاچتى. مىللۋاردمۇ ماقالىسىدە بۇ ئاخىرقى جەرياننى شۇ شەكىلدە تەسۋىرلىگەن:

«ئامېرىكا بۇ تەمىنلەش زەنجىرىدىن ئېكسپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈش، چەكلەش ۋە ئۇيغۇر رايونىلا ئەمەس، خىتاينىڭ ھەر قايسى رايونىدىن ئېكسپورت بىلەن شۇغۇللانغان شىركەتلەرنىڭ تەپسىلىي تەكشۈرۈلۈش جەريانىنى بىر ھەسسە كۈچەيتىشتە ھەقلىق. ئوخشاشلا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن بىلەن دۇنياۋى ماگنىتسكىي كىشىلىك ھوقۇق جاۋابكارلىق قانۇنىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، چېن ۋە ئۇيغۇر رايۇنىدىكى باشقا ئەمەلدارلارنى جازالاش ئېلىپ باردى. بۇنىڭ بىلەن، خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ۋە شىركەتلىرى ئامېرىكا سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ قارا تىزىملىكى بولغان ​​«ئورۇن تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلۈپ، ئامېرىكا تېخنولوگىيەسىگە ئېرىشىشى چەكلەندى. ترامپنىڭ بىر يېرىم يىلدىن بۇيان كەينىگە سۈرگەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قانۇنىنى يولغا قويۇشى ياخشى ھېسابلانغان ۋە دەل ۋاقتىدا ئېتىلغان بىر قەدەم. بۇنداق بولغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭ بىلەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دىققەت تارتىش ئارقىلىق، شى جىنپىڭنىڭ پىرېزىدېنت ترامپنى قايتا سايلىنىشىغا قولايلىق يارىتىدىغان ئىككى تەرەپلىك سودا كېلىشىمى تۈزۈشنى ئۈمىد قىلغان ئىدى.

تىلغا ئېلىنغان قانۇن ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك مانىتسكىي جازالىرى، ئاقساراينىڭ خىتاي دۆلىتى ۋە خىتايلارغا قاراتقان باشقا رەقىپچە ھەرىكەتلىرىدىن پەرقلىق ئەمەس. خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا نەچچە مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى ئېلىش، يەرشارى خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەلگە قارىشى تۇرۇشتا ھەمكارلىشىشنىڭ ئورنىغا كوۋىد 19 ۋىرۇسىغا «خىتاي ۋىرۇسى» دەك ئىرقچىلىق ئىپادىسى قوللىنىش ئارقىلىق، خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاكادېمىكلارنىڭ جاسۇس دەپ قارىلىشى، خ ك پ ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ساياھىتىنىڭ چەكلىنىشى، تېكساسنىڭ خيۇستون شەھىرىدىكى خ ك پ كونسۇلخانىسىنىڭ تاقىلىشىنى بۇ قىلمىشلار ئىچىدە دەپ قاراش مۇمكىن.»

خىتاي بىلەن دۈشمەنلىشىش دولقۇنى

مىلۋاردنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنى ئۇلغايتىدىغان قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلەر بولسىمۇ، ئەمما رەھبەرلەرنىڭ ھوقۇققا بولغان ئاچكۆزلۈك ۋە ئەسەبىيلىكىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك.

«بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكا ۋە خىتاي ھازىرقى رەھبەرلىرىدىن ياخشى ئەھۋالدا. باشقا دۆلەتلەر، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئامېرىكا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن باشقا ھۆكۈمەتلەرنى تېزدىن ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشى ۋە سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ چەكلىنىشى، ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار شىركەت ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئەيىبلىنىشى ۋە جازالاندۇرۇلۇشى، ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قوللاش ۋە قانۇنلۇق پاناھلاندۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلە.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى بىر قىسىم دېموكراتىك دۆلەتلەر ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەھشىيلىكنى ئەيىبلىدى. بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كېڭەشتىن تۇيۇقسىز ئايرىلىشنى قارار قىلىپ، خىتاينىڭ كېڭەشنى مەقسىتىدىن يىراقلاشتۇرۇشىغا يول ئاچتى. گەرچە ئەنگلىيە ، ياۋروپادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر، كانادا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 دۆلەت بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان دۆلەتلەردىن سان جەھەتتە ئاز بولسىمۇ، ئەمما بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتۇشنى ئەيىبلىگەن بىرلەشمە باياناتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا بولغان كونترولسىز سىياسىتىنى ئاستىلىتىشى، ئىرقچىلىققا ۋە خىتاي بىلەن رەقىپلىشىشكە قارىشى كۈرەشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم. ئەگەر ئەنگلىيە ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا دېموكراتىك ئىتتىپاقداشلار ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق ئۇرۇشتا ئارىدا قالغاندا، خۇاۋېي توقۇنۇشى يۈز بېرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ.

ئاقسارايدىكى چەتئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىكى بارلارنىڭ خىتايلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارماقچى بولغان بۇ مەزگىلدە، خىتاي بىلەن بولغان مەدەنىيەت مۇناسىۋىتىنى ساقلاش ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ مۇھىم. ئامېرىكىنى قوللايدىغانلاردىن كېلىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش خاراكتېرلىك سۆزلەر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ كەڭ تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق خىتاي دۈشمەنلىكىنىڭ كورونا ۋىرۇس كىرىزىسى بىلەن بىرلىكتە ئەۋج ئېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.»

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە تۇنجى قېتىم 2020-يىلى 30-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان.

ماقالىنىڭ ئەسلى ئىنگلىزچە مەنبەسى:

The Uighurs’ suffering deserves targeted solutions, not anti-Chinese posturing

James Millward

https://www.theguardian.com/commentisfree/2020/jul/27/the-uighurs-suffering-deserves-targeted-solutions-not-anti-chinese-posturing

ماقالىنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى: 

Uygurlara yönelik zulüm nasıl engellenir?

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top