ئۇيغۇرلار ۋە يىپەك يولى
ئابدۇللاھ جىنقارا
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئابدۇمىجىت ئەركىن
قىسقىچە مەزمۇنى: تارىختىكى ئەڭ قەدىمكى سودا يوللىرىنىڭ بىرى يىپەك يولىدۇر. خىتتايدىن ياۋروپاغا بارىدىغان بۇ كارۋانلار يولىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دۆلەتلەر باي بولدى، بۇنىڭغا جاۋابەن يولدىكى مۇھىم نۇقتىلاردا كارۋانساراي ۋە دەڭ سېلىش؛ يولنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتى بولدى. يىپەك يولىنىڭ زور بىر قىسمى تۈركىستان جۇغراپىيىسىدىن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن، قەدىمدىن باشلاپ 19-ئەسىرگىچە يىپەك يولىنى كونترول قىلغانلار تۈركلەر بولدى. تۈركلەر يولدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆز-ئارا ياكى ئوخشىمىغان دۆلەتلەر بىلەن نۇرغۇن كۈرەشلەرنى قىلدى. خىتتاينىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى يىپەك بىلەن باغلانغانلىقتىن، تارىخنىڭ ھەر بىر دەۋرىدىكى ئەڭ ئۇزۇن كۈرەش خىتتاي بىلەن تۈركلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. يىپەك يولىدىكى ئەڭ مۇھىم سودا مەركىزى شەرقىي تۈركىستان ئىدى. شۇڭلاشقا ئەڭ چوڭ ئۇرۇشلار شەرقىي تۈركىستاننى ئىگىلەش ياكى شەرقىي تۈركىستاننى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلدى.
خىتتاي، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاننى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا 1884-يىلى ئىشغال قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە خىتتاي تارىخىي يىپەك يولىنى ئاۋاتلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۇنيا سودىسىدا ئاكتىپ ئورۇندا تۇرۇشنى ئويلىماقتا. يىپەك يولىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان، تۈركلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى، تۈرك-ئىسلام مەدەنىيىتى كۆكلىگەن جۇغراپىيە بولغاچقا خىتتاي ھامان بىر كۈنى قولىدىن تارتقۇزۇپ قۇيۇش ئەندىشىسى بىلەن تۈركلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش سىياسىتىنى يولغا قويماقتا. 2000 يىلغا يېقىن تۈركلەرنى مۇھىم ئىقتىسادىي ۋە سودا خاراكتېرلىك پايدا بىلەن تەمىنلىگەن يىپەك يولى، خىتتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى پىلانى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىغا جىددىي تەرزدە تەھدىد سالماقتا. بۇ ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كونا ۋە يېڭى يىپەك يولى پىلانىدىكى رولى تارىخى ئۇچۇر ۋە ھۆججەتلەرگە ئاساسەن مۇلاھىزە قىلىنىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇرلار، يىپەك يولى، شەرقىي تۈركىستان، خىتتاي، سودا
كىرىش سۆز
قەدىمكى دەۋرلەردە، قەۋملەرنىڭ ئېھتىياجلىق مەھسۇلاتلارغا ئېرىشىشىنىڭ ئىككى خىل يولى بار ئىدى. بىرىنچى، تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق ئۆزىدە بولمىغان بايلىققا ئېرىشىش؛ ئىككىنچى، سودا قىلىش. تارىخنىڭ ئەڭ دەسلەپكى دەۋرىدىن باشلاپ خەلقلەر بىلەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ ئۇلىنى سودا-تىجارەت تەشكىل قىلغان ئىدى. سودىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تىجارەت يولىنى بارلىققا كەلتۈردى. سودا يولى ئارقىلىق ئەڭ ئېھتىياجلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى، قېزىلما بايلىقلار، زىننەت بۇيۇملىرى، ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە قوراللىرى، توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەھسۇلاتلار ۋە خام ئەشيالار توشۇلاتتى. بۇ جەھەتتە ئەڭ كونا سودا يوللىرىنىڭ بىرى بولغان؛ مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە كۈلتۈر مۇناسىۋىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىدا مۇھىم بىر ئورۇنغا ئىگە يىپەك يولى، شەرقتىن غەربكە، شىمالدىن جەنۇبقا ئوخشىمىغان كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتتىكى كىشىلەرنى ئۇچراشتۇردى.
19-ئەسىرگە قەدەر، بۇ سودا يولى ھېچقانداق مەنبەدە «يىپەك يولى» دەپ ئاتالمىغان. 19-ئەسىردە ئاۋىستىرىيە گېئولوگى فېردىناند ۋون رىچتوفېن كارۋانلار ئۆتكەن بۇ يولنى «يىپەك يولى» دەپ ئاتىدى. (Onat,2012:3) ھالبۇكى «ئۇ ۋاقىتتا سەمەرقەنت يولى، قەشقەر يولى، تەبرىز يولى دېگەندەك بارىدىغان مەنزىل ياكى شىمالىي يول، جەنۇبىي يول، غەربىي يول قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك يۆنىلىشلەر بىلەن بۇ يولغا ئىسىم قويۇلغان.» (Özdaşlı, 2015)
تۈركلەر ۋە يىپەك يولى
تۈركلەر قەدىمدىن ھازىرغىچە خىتتاينىڭ شىمالىدىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىران ۋە ئاناتولىيە زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە تۇناغىچە؛ موڭغۇلىيەنىڭ سەھرالىرىدىن، سىبىرىيە، كاسپىي دېڭىزىنىڭ شىمالى، پۈتكۈل كاۋكاز ۋە قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىن ماجارىستان تۈزلەڭلىكىگىچە بولغان رايونلاردا نۇرغۇن دۆلەتلەرنى قۇردى. قۇرۇلغان بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۈركىستاننى مەركەز قىلغان ئىدى. يەنى چەتئەللىك جۇغراپىيەشۇناس ياكى ئاپتورلارنىڭ دېگىنى بويىچە ئوتتۇرا ئاسىيا. ھالبۇكى تۈركىيە ئىسىمىمۇ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. «ئوتتۇرا ئاسىيا ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، قەلەي قاتارلىق ئۆزگىچە ۋە رەڭلىك مېتاللاردىن؛ دېڭىز، قاراكۆك تاش، تۇرخۇن، ئونىكس (بەلغەم تاش) ۋە باشقا قىممەتلىك ۋە ۋاقىتلىق تاشلاردىن؛ رەڭلىك تۇزلاردىن تەركىب تاپقان مول مىنېرال خام ئەشيا مەنبەسىگە ئىگە. ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلانغان. تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن بەزى قىممەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان يوللارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىن ئۆتىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئاخىرقى يېڭى تاش قوراللار ۋە مىس دەۋرىدىن باشلاپ، سوغدى ۋە خارەزم چېگرالىرىدىكى قۇملۇق رايونىنىڭ جەنۇبىدا ئاق-قاراكۆك تۇرخۇننىڭ قېزىۋېلىنىپ، شەرقتىكى جەنۇب ۋە غەربىي جەنۇب دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىنغانلىقى ئېنىقلاندى. (پەقەتلا بۇ دەۋرگە تەۋە لەۋلەكان ئولتۇراق رايونىدا تۇرخۇن ئىشلەپ چىقىرىدىغان 39 دانە ئىپتىدائىي سېخ بايقالدى.» (Buryakov, 2002; 422)
كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدۇكى، تۈركىستان زېمىنى يەر ئاستى بايلىقى مول رايون. تۆمۈر ۋە قىممەتلىك مېتاللارنى تاۋلىغىنىدەك يىپەك يولى بىلەن ۋىزانتىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تىجارىتىنى قىلدى. يېقىنقى دەۋردە ۋە كۈنىمىزدە شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاننىڭ خىتتاي ۋە روسىيەگە ئوخشاش ئىككى جاھانگىر دۆلەت تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشىنىڭ ۋە بۇ ئىشغالنىڭ داۋاملىشىشىغا تىرىشىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرسى ھەم تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى بايلىقىنىڭ مول بولۇشىدۇر.
يىپەك يولى شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاندىن ئۆتۈپ، ئافغانىستان، ئىران ۋە ئانادولۇغا، ئانادولۇدىن ياۋروپاغا سوزۇلغان دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئەڭ كونا سودا يولى. 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە شەرق ۋە غەرب جەمئىيەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە كۈلتۈرەل ھاياتىنى موللاشتۇرۇش بىلەن تەڭ شەرقىي ئاسىيانىڭ يىپەك، توقۇمىچىلىق ۋە قىممەتلىك مېتاللىرى ھەم ھىندىستاننىڭ مەھسۇلاتلىرى بۇ يول ئارقىلىق غەربكە يېتىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، مەدەنىيەتلەر ئۆز-ئارا سودا ئارقىلىق گۈللەندى. شۇنداقلا يىپەك يولى لىنىيىسىدە ياسالغان كارۋانسارايلار شەرق ۋە غەرب جەمئىيىتىنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە بىرىكىدىغان مەدەنىيەت ۋە سودا مەركەزلىرىگە ئايلاندى.
1-رەسىم: تارىخى يىپەك يولى
خەرىتىدە كۆرسىتىلگەندەك چاڭ ئەن (شىئەننىڭ مىڭ سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى ئىسمى) دىن باشلىنىدىغان يىپەك يولى، شەرقىي تۈركىستان چېگرىسىغا كەلگەندە ئىككىگە ئايرىلىدۇ. («يىپەك يولى خىتتاي سېپىلىدىن غەرب يۆنىلىشىدە ئۆتكەندىن كېيىن شىمال ۋە جەنۇب دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. شىمال ۋېي-شۈ، قاراشەھەر، كورلا، بۈگۈر، كۇچا ۋە ئاقسۇدىن كېيىن كاشىغەرگە؛ جەنۇب يولى بولسا مىران، چەرچەن، خوتەن ۋە ياركەنتتىن كېيىن يەنە كاشىغەرگە يېتىپ بارىدۇ»)
(Ercilasun, 2013:15) يىپەك يولىنىڭ تارمىقى كاشغەردە تەكرار بىرلىشىدۇ. قەشقەردە ئىىككىگە ئايرىلىپ مەرۋەدە بىرلەشكەندىن كېيىن، ئوتتۇرا دېڭىزغا قەدەر يېتىپ بارىدۇ. مەيلى ئاساسى يىپەك يولى بولسۇن ياكى شىمالىي يول بولسۇن، بارلىق كېسىشىش نۇقتىلىرى تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيىسىدىن ئۆتىدۇ. تۇرپان، قەشقەر، قاراشەھەر، كورلا، بۈگۈر، كۇچا، ئاقسۇ، خوتەن، سەمەرقەنت، بۇخارا، بەلخ، مەرۋە، نىشاپور قاتارلىق مۇھىم ئۆتەڭلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بارلىق شەھەرلەر تارىختىكى مۇھىم تۈرك شەھەرلىرىدۇر. يىپەك يولىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق، تۈركلەر بۇ يولدىكى سودىنىڭ ئاۋاتلىقىنى ساقلاپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېيىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يىپەك يولىدىكى سودا مەركەزلىرى تۈركىستان شەھەرلىرىنى بىر توردەك ئورىغانلىقى ئۈچۈن تۈركىستان شەھەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈرەل مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى. ياۋروپالىقلارنىڭ قۇرۇقلۇق لىنىيىسىگە پاراللېل ھالدا دېڭىز يولىنى تېپىشى بىلەن يىپەك يولى مۇھىملىقىنى يوقاتتى، بۇ دەۋردىكى تۈرك-ئىسلام دۆلەتلىرىمۇ ئەڭ چوڭ تەسىرگە ئۇچرىدى. يىپەك يولىغا ياكى ئۇنىڭ بىر قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىنى تۈۋەندىكىچە تىزىپ چىقالايمىز: ساكالار، ھۇنلار، قاڭلىقلار، كۆكتۈركلەر، تۈركەشلەر، ئۇيغۇرلار، قاراخانىيلار، غەزنەۋىلەر، خارازمشاھلار، ئالتۇن ئوردا خانلىقى، تىمۇرىيلار، بۈيۈك سەلچۇقلار، ئانادولۇ سەلچۇقلۇ دۆلىتى ۋە ئوسمانلىلار.
يىپەك يولىنىڭ قىسمەن پەيدا بولۇشى مىس قوراللار دەۋرىگە تۇتىشىدۇ. (مىلادىدىن ئىلگىرىكى3000-2000). ساكالار بىلەن خىتتايلارنى سودا جەھەتتە بىر يەرگە توپلىغان بۈيۈك يىپەك يولى، مىلادىدىن كېيىنكى 4-ئەسىردە Ammianus Marcellinus (322-400)تەرىپىدىن يېزىلغان «رىم تارىخى» ناملىق ئەسەردە كۆرۈلىدۇ» (كالان، 2014)، «ساكا ئوتتۇرا ئاسىيادا قۇرۇلغان تۇنجى تۈرك دۆلىتىدۇر، دېيىشكە بولىدۇ. ساكالار بۇ ئىمپېرىيەگە ئىسمىنى قويغان قەۋمدۇر. ئۇلار قالدۇرۇپ كەتكەن ئىزلاردىن، ئۇلارنىڭ بايقال بويلىرىدىن تۇناغىچە سوزۇلغان جۇغراپىيىلىك رايوندا ياشىغانلىقى چۈشىنىلمەكتە.» (چاندارلىئوغلۇ، 2002: 16)
خىتتاي بىلەن تۇنجى سودا مۇناسىۋىتىنى باشلىغان تۈرك دۆلىتى، شەرقىي تۈركىستاندىن ۋېنگرىيە تۈزلەڭلىكىگىچە بولغان رايوندا ئاسىيا ۋە ياۋرو-ئاسىيا سەھرالىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ساكالاردۇر. (ساكالار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن قاراڭ:
“Durmuş, İ.(2015). İskitler. Ankara: Akçağ Yayınları”, “Özcan, E.S.(2016). Kültür Tarihi Açısından İskit-Türk Aynılığı. İstanbul: Selenge Yayınları).
خىتتاي بىلەن تۈركلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ۋە سودا مۇناسىۋەت لىرىدىن كېيىن، ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغىنى خىتتاينىڭ ھەربىي جەھەتتە يېڭەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئەھۋالدا، ئۆيلىنىش سىياسىتىنى (ساھىبجامال ھىيلىسى) يولغا قۇيىشىدۇر. ئۇ پەقەت دۈشمەنگە ئەسكىرىي جەھەتتىن تەڭ كېلەلمىگەنلىكتىن ئەمەس، ئىچكى مالىمانچىلىق ۋە تاشقى تەھدىتكە تۈركلەرنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن قارشى خىتتاينىڭ 2000 يىلدىن بۇيان راۋاجلاندۇرغان ۋە قوللىنىپ كەلگەن دىپلوماتىيە تاكتىكىسىدۇر.
تارىخىي مەنبەلەردە ئۆيلىنىش سىياسىتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاسىيا ھۇن دۆلىتىنىڭ ئۇلۇغ خانى باتۇر تەڭرىقۇت (مېتە خان) دەۋرىدە باشلانغانلىقىنى كۆرىمىز. «خىتتاي ئىمپېراتورى خەن گاۋزۇ پىڭچېڭدا يەتتە كېچە-كۈندۈز ھۇنلارنىڭ قورشاۋىدا قالدى. باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئايالىغا سوۋغات ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن قۇتۇلالىغان، ئارقىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى198-يىلى خىتتاي ئوردىسىدىكى بىر مەلىكىنى ھۇن خانىغا ياتلىق قىلىپ ئەۋەتىش ئارقىلىق ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى» (193 (Kutluk, 2010, بۇ كېلىشىم بىلەن خىتتايلار ھۇنلارغا باج تاپشۇرۇشقا باشلىدى. خىتتاي مەنبەلىرى قەستەن باج ۋە غەللە دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ھەدىيە دەپ بايان قىلىدۇ. تۈركلەر ئېھتىياجلىق مەھسۇلاتلارنى ئۇلار تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك يىللىق باجنىڭ بەدىلىگە ئالغىنىدەك بىر-بىرىگە ئەڭ يېقىن ۋە كۈچلۈك ئىككى قوشنا سۈپىتىدە تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرغان.
تۈركلەرنىڭ سودا يولىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشى بۇ كۈرەشلەردە تۈركلەرنى كۈچلەندۈردى. بۈيۈك ھۇن دۆلىتىنىڭ مىلادىدىن كېيىنكى 216-يىلىدا يىقىلىشىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا قاڭلىقلار، تۈركەشلەر، كۆكتۈرك، قارلۇق ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق دۆلەتلەر قۇرۇلدى.
كۆكتۈركلەر، ئىمكانقەدەر كەڭ دائىرىگە ئۇزانغان، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بارلىق تۈركلەرنى بىر بايراقنىڭ ئاستىغا يىغقان ئىدى. كۆك تۈركلەرنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن قۇرغان سىياسىي، سودا، ھەربىي مۇناسىۋىتى، ئۇرۇشلىرى ۋە كۈلتۈرەل بايلىقلىرى بىلەن تۈرك تارىخىدا ئالاھىدە ئورنى بار. كۆك تۈرك ئەلچىلىرى خىتتاينىڭ پايتەختىدىن ئىستانبۇلغىچە نۇرغۇن پايتەختلەرگە كېلىپ كەتكىنىدەك، ئون نەچچە قېتىم چەتئەل ئەلچىلىرىنى قوبۇل قىلدى. ئەلۋەتتە، بۇ دەۋردىمۇ خىتتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىگە ئوخشاش خىتتاي بىلەن بولغان ئۇرۇشمۇ تارىخ بېتىدىن ئورنىنى ئالدى. ئورخون مەڭگۈ تاشلىرىدا بىلگە قاغان تۈرك خەلقىگە شۇنداق خىتاب قىلماقتا:
«… ئۆتىكەن ئورمانلىقىدىن ياخشى جاي ھېچ يوق ئىكەن، ماكان قىلىدىغان يەر ئۆتىكەن ئورمانلىقى ئىكەن. بۇ يەردە ئولتۇرۇپ خىتاي مىللىتى بىلەن كېلىشتىم. ئالتۇن-كۈمۈش، يىپەكنى ئىچى سىقىلمايلا بېرىدۇ. خىتاي مىللىتىنىڭ سۆزى تاتلىق، يىپەك رەختلىرى يۇمشاق ئىكەن. تاتلىق گېپى، يۇمشاق يىپەك رەختلىرى بىلەن ئالداپ يات مىللەتنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرىدىكەن. تاتلىق گېپى، يۇمشاق يىپەك رەختلىرىگە ئالدىنىپ نۇرغۇن تۈرۈك خەلقى ئۆلدى. جەنۇبتىكى چوغاي تېغىغا توپلىنىپ ئولتۇراقلىشايلى، دېسەك ئۇ يەردىكى يامان نىيەتلىك كىشىلەر شۇنداق تەشۋىق قىلىدىكەن: ئۇزاق بولسا ناچار مال بېرىدۇ، يېقىن بولسا ياخشى مال. نادان كىشىلەر بۇنىڭغا ئىشىنىپ يېقىن بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى. ئەي تۈرۈك خەلقى! ئۇ يەرگە بارساڭ ئۆلىسەن! ئۆتىكەن زېمىنىدا ئولتۇرۇپ كارۋان ۋە ئەلچى ئەۋەتسەڭلار ھېچ چاتاق يوق. ئۆتىگەن تېغىدا تۇرىۋەرسەك بىزگە ئۆمۈر بويى ئامانلىق بولىدۇ.»
بۇنىڭدىن خىتاي بىلەن سودا قىلىنغانلىقىنى، خىتايغا كارۋان ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئوچۇق كۆرەلەيمىز، ئەمما بىلگە قاغاننىڭ بۇنىڭدىكى تارىخىي ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلمىساق بولمايدۇ. بۇنىڭدىن تەخمىنەن 1300 يىل بۇرۇن خىتايغا ئىشەنمەسلىكنى، خىتاي بىلەن سودا ئالاقىسىدىن باشقا مۇناسىۋەتتە بولماسلىقنى ئەسكەرتىدۇ.
يىپەك مىلادىدىن بۇرۇنقى 206-يىلدىن باشلاپ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرىدىن بىرى بولغان. ئالتۇندەك ساقلىنىپ تىجارەتتە پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلەتتى. يىپەكنىڭ ئانا ماكانى تىلغا ئېلىنسا پەقەت خىتايلا ئەمەس، شەرقىي تۈركىستانمۇ ئەقىلگە كېلەتتى. چۈنكى يىپەكنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئېكسپورت نۇقتىسى شەرقىي تۈركىستان ئىدى. خىتاينىڭ ئەلچى ۋە تىجارەتچىلىرى خىتاينىڭ پايتەختى چاڭەندىن شىمالغا قاراپ سەددىچىن سېپىلىدىن ئۆتۈپ ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تۇپرىقىغا كېلەتتى. كېيىن شىمالدىكى ئۇيغۇر پايتەختى قارا بالساغۇن، ئۇ يەردىن غەربكە قاراپ مېڭىپ ئالتاي تېغىنى بويلاپ بەشبالىققا ئۆتەتتى. بەشبالىقتىن غەربكە قاراپ ھەرىكەت قىلىپ، ئىلى ۋادىسى يەتتە سۇدىن ئۆتۈپ ماۋارەئۇننەھىر ۋە غەربىي ئاسىياغا ئۇلىشاتتى. مانا بۇ يول ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ زېمىنىدىن ئۆتكەچكە تارىختا بۇ يولغا «يىپەك يولى» دېيىلگەن. خىتاي ۋە ياۋروپا تارىخچىلىرىنىڭ، شۇنداقلا بىزنىڭكىلەرمۇ يىپەك يولى دەپ ئاتىغان بۇ يولنى تارىخچى تۇرغۇن ئالماس «ئۇيغۇر يولى» دەپ ئاتاپ ئۇنىڭغا تارىختىن ھازىرغىچە كەلگەن مىللىي مەنىنى يۈكلىگەن. (قۇربان،1994)
تۈركلەرنىڭ ياشىغان ۋەتىنى نامىنى ئىپادىلىگەن تۈركىستاننىڭ ئۈچتىن بىرىنى شەرقىي تۈركىستان زېمىنى تەشكىل قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان تارىخنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىن باشلاپ تۈركلەر ياشىغان، كۈلتۈر مىراسلىرىنى ياراتقان ھەتتا تۇنجى بولۇپ ئولتۇراقلاشقان، شەھەر بەرپا قىلغان رايونلاردىن بىرى. يازما ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ رايون ھونلارنىڭ چېگرىسى ئىچىدە ئىدى. ھەتتا خىتايلىق تارىخچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتىلىرىنىڭ ھونلار ۋە ساكالار ئىكەنلىكى يېزىلغان. يەنى بۇ رايون ھونلاردىن بۇرۇنقى ساكالار دەۋرىدىن باشلاپ تۈركلەرنىڭ ياشىغان مۇھىم تۈرۈك ماكانلىرىدىن بىرىدۇر. ئىلكىل قۇربان شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرۈك مەۋجۇتلۇقىنى ئەڭ ئاز 8 مىڭ يىلغا ئاپىرىدۇ.
گېئولوگىيە ۋە ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 8 مىڭ يىل بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىقلىمىدا زور ئۆزگىرىش بۇلۇپ قۇرغاقچىلىق ئاپىتى مەيدانغا كەلگەن. بۇ سەۋەبتىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى ئاسىيانىڭ شەرقىي ۋە غەربىگە كۆچۈشۈشكە مەجبۇر بولغان. مانا بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىدىكى تارىم ئويمانلىقىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى ئالتاي تېغىدىن ئۆتۈپ ھازىرقى موڭغۇلىيە ۋە بايقال كۆلى ئەتراپىغا كېلىپ ئورۇنلاشقان. 840-يىلدا بولسا موڭغۇلىيەدىن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان)غا تەكرار كۆچكەن. بۇ ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن 8 مىڭ يىل بۇرۇن تارىم ئويمانلىقىدىن موڭغۇلىيە ۋە بايقال كۆلى ئەتراپىغا كۆچكەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. (قۇربان، 1994)
سۇلايمان قۇتلۇق مىلادىدىن بۇرۇنقى 4000-يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنى قەيىت قىلماقتا. «مىلادىدىن بۇرۇنقى 1000-2000-يىللار ئارىسىدا تۈركىستاندا مىس دەۋرىدە زور ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلگەن. مىس قورال ۋە ئۈسكۈنىلەر ئىشلەپچىقىرىشتا چوڭ رول ئويناپلا قالماي، دېھقانچىلىق، ھايۋانچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىمۇ راۋاجلاندۇرغان. ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسىنىڭ ئېشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن يېڭى ئىقتىسادىي ساھەلەر، كەسىپلەر مەيدانغا كېلىپ ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلاتلىرى كۆپ خىللاشقان. ئىشلەپچىقىرىلغان ئارتۇق مەھسۇلاتلار خىتاي يىپەك سودىسىدا قوللىنىپ، ئىپتىدائىي پۇللارنىڭ (دېڭىز قېپى، قاشتېشى دېگەندەك) ئىشلىتىلىشى بىلەن ئەسكىرى سىنىپ يېڭىدىن شەكىللەنگەن ۋە ئىپتىدائىي جەمئىيەت تەرتىپى بۇزۇلۇپ يېڭى سىنىپلار مەيدانغا كەلگەن.» دېمەكتە. (قۇتلۇق، 2010:29)
بۇنىڭدىن كۆرەلەيمىزكى شەرقىي تۈركىستان ئەڭ ئاز 8 مىڭ يىللىق تارىخقا ۋە يىلتىزى چوڭقۇر مەدەنىيەتكە ئىگە. بۇ مەدەنىيەتنى ياراتقانلار تۈۋرۈكلەردۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى ياشاپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھمىيىتىنى يىپەك يولىغىلا باغلاشمۇ توغرا ئەمەسكى، شەرقىي تۈركىستان زېمىنى دۇنيادا تۇنجى بولۇپ پاختا ئىشلەپچىقىرىلىپ، پاختا توقۇمىچىلىقى ئېلىپ بېرىلغان يەردۇر. شەرقىي تۈركىستانلىقلار پەقەت ئىشلەپچىقىرىپ سېتىش بىلەنلا قالماي توقۇمىچىلىقنىڭ خىتاي ۋە دۇنياغا تارقىلىشىدا باشلامچى بولغان.
بۇ تېمىدا سۇلايمان قۇتلۇق يەنە شۇلارنى يازغان: ئارخېئولوگىيىلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا مىلادىيەنىڭ بېشىدىن باشلاپ تۈركىستاندا پاختا تېرىلىپ، پاختا ئىشلەپ چىقىرىلىپ پاختا مەھسۇلاتلىرى ئىشلىنىپ كېلىنگەن. ئۇ دەۋردە خوتەن-نىيە بوستانلىقى بىلەن لوپنۇر رايونى تۈركىستاندىكى پاختا تېرىقچىلىقى ۋە ئىشلەپچىقىرىشى ئېلىپ بېرىلغان ئاساسلىق مەركەز ئىدى.
بۇ بايانلار بۇ رايوندىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنى ئارخىئولوگىيىلىك ھۆججەتلەر بىلەن ئىسپاتلىماقتا. بەگلىكلەر دەۋرى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، قاراخانىلار، چاغاتاي خانلىقى، يەكەن سەھىيە خانلىقىدەك پەرقلىق دەۋرلەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنى ۋە ئىقتىسادىي رولىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ پەقەت پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىلغان مۇھىم ماكان بولۇپلا قالماي تارىختا تۇنجى بولۇپ پاختا تېرىقچىلىقىنىڭ پەيدا بولغان ۋە پاختا توقۇمىچىلىقىنىڭ تەرەققىي قىلغان يېرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمەكتە.
ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ھەر دەۋردە داۋاملاشقان. ئادەتتە خىتايلار تۈركلەردىن ئات سېتىۋالغان ۋە باراۋىرىدە يىپەك بەرگەن. بەزى مەزگىللەردە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكىدەك يىپەكنى تۆلەيدىغان يىللىق باج ئورنىدا بەرگەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك مەزگىلىدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى پەرقلىق ھالەتكە كەلگەن. خىتايلار يېڭىلىدىغان بىر ئۇرۇش ياكى ئىچكى ئۇرۇشقا دۇچ كەلگەندە ئۇيغۇرلاردىن ياردەم سورىغان.
خىتتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، 1884-يىلى، شەرقىي تۈركىستانغا «يېڭى يەر» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان شىنجاڭ دەپ ئىسىم قويدى. يەنى 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى 1949-يىلى يەنە بىر قېتىم چوڭ قىرغىنچىلىق بىلەن ئىشغال قىلىنىپ، 1955-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نامىدا ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى بار بىر سالاھىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، پەقەت ئىسمى بار، ھۇقۇقى يوق، ئاپتونۇم رايون مەمۇرلىرى خىتاي كومۇنىستىك پارتىيسىنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىدىغان بىر ماشىنا رولىنى ئۆتىگەن.
«شەرقىي تۈركىستان ئاپتونۇم رايونى قانۇنلىرىنىڭ مەسىلەن: ھەق-تەلەپ قانۇنى، مەمۇرىي قانۇن، تىجارەت قانۇنى، سودا قانۇنى قاتارلىق قانۇنلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ئۆزى قارار بېرەلمەيدۇ. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان، خىتتاي كومۇنىست ھۈكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكىسىدۇر. ئاپتونۇم رايۇن قانۇنلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا خىتتاي مەركىزى ھۈكۈمىتى قارار بېرىدۇ. بۇ قانۇنلار ئىچىدە تىجارەت، ئىمپورت، ئېكىسپورت، كىرىدېت تەك ئۇقۇملار يوقتۇر.» (Mahmudoğlu, 1994: 18)
شەرقىي تۈركىستان، تۈركىستان ھەتتا ئاسىيانىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرى جەھەتتە ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى. خىتتاي يەر ئاستى بايلىقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن. «رايوندىكى 3000 قېزىلما بايلىقتىن 122 خىل مىنېرال ماددا چىقىرىلماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى تۆمۈر، كۆمۈر، مانگان، خىروم، قوغۇشۇن، ئۇران، .. ۋولفرامدۇر». (تۇنا، 2015: 22) شەرقىي تۈركىستان دۇنيادىكى ئەڭ زور نېفىت زاپىسىغا ئىگە.
خىتتاينىڭ يىللىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 35 مىليون توننا. بۇنىڭ 60%تىن ئارتۇقى شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىرىلىدۇ. تېخىمۇ كۆپ نېفىت زاپىسى بايقالغان شەرقىي تۈركىستاندا، خىتتايلار تۈركلەرنى نېفىت رايونىدىن يىراقلاشتۇردى، ھەمدە ئۇلارغا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى. ئوخشاشلا، ئۇلارنىڭ نېفىتتىن پايدىلىنىشىغا يول قويمىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى 18 مىليون توننا نېفىت ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئەزەربەيجاندا، ھېچ بولمىغاندا كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا يېتىدىغان نېفىتنى ئەزەربەيجان تۈركلىرىگە قالدۇردى. ئەزەربەيجان تۈركلىرى، رۇسلار قالدۇرغان ئاز مىقداردىكى ماي بىلەن كۈندىلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرالىدى. ئەگەر رۇسلارنىڭ بۇ مۇئامىلىسىنى خاتىرلىسەك، خىتتايلارنىڭ رۇسلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر مۇستەملىكىچىك يۈرگۈزگەنلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ ئانا يۇرتىدىن ئېلىنغان بۇ نېفىتنىڭ ھەممىسىنى خىتتايلارغا ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرىمىز. (Saray, 2015: 28-29)
بۇ رايون ساھىپ بولغان بايلىقلاردىن باشقا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاسپىي دېڭىزىدىن كېلىدىغان ئېنېرگىيەنى خىتتايغا يۆتكىگىلى بولىدىغان مۇھىم قاتناش يولى ھەم خىتتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەرزان سېتىلىدىغان، بۇ يەردىن خام ئەشيانىڭ خىتتايغا ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇھىم بازار. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇغداي، گۈرۈچ، ئارپا قاتارلىق يېمەكلىكنىڭ ئىستېمالىغا كېرەكلىك ئاشلىق ئامبىرىغا ساھىپ بۇلىشى تۈپەيلى خىتتاي ئۈچۈن مۇھىم جۇغراپىيە. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ رايون خىتتاينىڭ يۇمشاق قورسىقى. ئۇيغۇرلارغا بېرىلىدىغان مۇستەقىللىق شىزاڭ ۋە تەيۋەن ئۈچۈنمۇ ئۈلگە يارىتىدۇ. قىسقىسى، شەرقىي تۈركىستان ئىقتىسادىي، جۇغراپىيىلىك ۋە بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن خىتتاي ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ. Demirağ, 2014))
بۇنى بىلگەن خىتتاي شەرقىي تۈركىستاندا تۈركلەرنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى سىياسەتلەرنى يولغا قويدى: بولۇپمۇ ئىلىم ئىگىلىرى، زىيالىيلار ۋە دىنىي خادىملارنى سەۋەبسىز قولغا ئالماقتا، سوتلىماي جازا ئىجرا قىلماقتا، قوش تىل مائارىپىنىڭ يولغا قويۇلۇشى يېتەرلىك بولمىغاندەك، مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تۈرك تىلىنى پۈتۈنلەي چەكلىمەكتە، خىتاي كۆچمەنلىرىنى بۇ رايونغا كۆچۈپ كېلىپ بۇ رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇندى. تۈركلەرگە خىزمەت ئورنى ۋە زاۋۇتلاردا ئىش بەرمەسلىك ئارقىلىق ئاچارچىلىق ۋە ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچار قىلماقتا.
ئىككى بالىلىق بۇلۇش بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلمىغانلارغا مەمۇرىي ۋە ئىقتىسادىي جازا قۇيۇپ، مەيلى قانچە ياش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرماقتا. ئىبادەت قىلىش مەنئى قىلىنماقتا، مىللىي ۋە دىنىي نەشىر بۇيۇملىرىنى ئوقۇش ۋە ساقلاش مەنئى قىلىنماقتا.
مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇلار ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىدىن ئايرىۋېتەلمىدى. يېڭى يىپەك يولىغا زور ئۈمىد باغلىغان، شەرقىي تۈركىستانسىز «يېڭى يىپەك يولى تۈرى» نى يولغا قويغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەن خىتتاي، تارىختا تەڭدىشى يوق ئاسىمىلاتسىيە ۋە يوقىتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزمەكتە.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان چەكلىمىلەرگە ئەمەل قىلمىغانلار ياكى «قېرىنداش ئائىلە پىلانى» نامىدا تۈركلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىتاي مەمۇرلىرىنىڭ بايانلىرى بىلەن ئىنسانلار قولغا ئېلىندى ھەمدە قولغا ئېلىنماقتا.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خاتىرىسىگە قارىغاندا 1 مىليون، رەسمىي بولمىغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا 5 مىليون تۈركنىڭ ئاتالمىش كەسپى تەربىيە لاگېرى نامىدا لاگېرلارغا سولانغانلىقى ئوتتۇرىغا قۇيۇلماقتا. خىتتاي بۇ مەسىلىدە بايانات ئېلان قىلىشتا قەتئىي چىڭ تۇرغىنىدەك كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ بۇ رايونغا كىرىشىگە يول قويمايۋاتىدۇ. ياكى پەقەت چەكلىك ئادەمگە خىتتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا بۇ رايوننى قىسقا مۇددەتلىك زىيارەت قىلىشقا يول قۇيىۋاتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن لاگېرلارغا ئېلىپ بېرىلغان كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئېنىقلاش مۇمكىن ئەمەس.
ئەمما خىتتاينىڭ بۇ لاگېرلارنى «كەسپىي تەربىيىلەش لاگېرى» دەپ ئاتىغانلىقى ھەمدە ئۇنى بۇ نام بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە سۇنۇشى خىتتاي جۇمھۇرىيىتىنى كۈلكىگە قويغىنىدەك بۇ كىشىلەرنىڭمۇ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر سوفىتنىڭ قۇرغۇچىسى داڭلىق ماتېماتىك ۋە شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىىسى، پروفېسسور ئالىم ئەھەت، داڭلىق خەلق سەنئەتكارى ئابدۇرەھىم ھېيت، كەسپىي پۇتبولچى ئىرفان ھېزىم، داڭلىق ناخشىچى ئابلاجان ئايۇپ ۋە ئىسمى زىكىر قىلىنمىغان يۈزلىگەن، مىڭلىغان سەنئەتكار، ئاكادېمىك، ئىنژېنېر، يازغۇچى، شائىر، ژۇرنالىست، پۇتبولچى ئاتالمىش تەربىيە لاگېرلىرىغا ئېلىپ بېرىلغان، ئىلاھىيەتشۇناس مۇھەممەد سالىھ ھاجىم ۋە ئابدۇلئەھەد مەخسۇم، يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختىغا ئوخشاش يۈزلىگەن كىشىلەر ئۇ لاگېرلاردا قىينىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
بۇ كىشىلەرنىڭ ۋە مىڭلىغان داڭلىق كىشىلەرنىڭ ئاتالمىش لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ۋە بۇ لاگېرلارنىڭ «كەسپىي تەربىيىلەش لاگېرى» دېيىلىشى ئوچۇق ھالەتتە خىتتاينىڭ دۇنيا جامائەت پىكىرىنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
شەرقىي تۈركىستاندا بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا كۈچەيگەن يەنە بىر مەسىلە تۈرك-ئىسلام ئەسەرلىرىنى سىستېمىلىق يوقىتىش. ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ياشايدىغان ئەنئەنىۋى ۋە تارىخى رايونلار، يول ياساش ياكى يەر تەۋرەشكە چىداملىق زامانىۋى بىنالارنى سېلىشنى باھانە قىلىپ چېقىلماقتا. ئۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار كۆچۈشكە مەجبۇرلىنىپ خىتتايلار يېڭى سېلىنغان تۇرالغۇلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا.
بۇ سىياسەتلەر قەشقەر، تۇرپان ۋە خوتەن قاتارلىق تارىخى شەھەرلەردە قوللىنىلماقتا. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئۆلچەمدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى يولغا قويمىغاندا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنى يېڭىش مۇمكىن ئەمەس. (Çolakoğlu, 2012)
يېڭى يىپەك يولى لايىھەسى يەنى «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەبىرى، «… خىتتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭنىڭ <يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋىغى> ۋە <21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى> لايىھەسىنىڭ قىسقارتىلمىسىدىن تەركىب تاپقان. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ تۈر ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى 65 دۆلەتنى تۇتاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۆز ئىچىگە ئالماقچى بولغان دۆلەتلەر دۇنيا نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن % 63 نى تەشكىل قىلىدۇ.
بۇ تۈر بىلەن قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىن شەرقىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافرىقا، غەربىي ئاسىياغىچە ھەمدە ياۋروپانىڭ ئۇل ئەسلىھە خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش شەرتى ئاستىدا، كۆپ تەرەپلىمىلىك، كۆپ قىرلىق ۋە ئارىلاشما ئۇلىنىشنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.» (Çakan, 2017)
بۇ تۈرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي نىشانى بولغىنىدەك مەدەنىيەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك نىشانىنىڭ بارلىقىنى خىتتاي دائىم تىلغا ئالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بېيجىڭ بۇ تۈر بىلەن خىتتاينىڭ بېسىمىنى تېخىمۇ ھېس قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ سەۋەبلىك ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان دۆلەتلەرنى «يۇمشاق كۈچ» ئېلېمېنتلىرىنى ئىشلىتىپ قايىل قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.
مەسىلەن، تۈرنىڭ ھەرىكەت پىلانىدا بەلۋاغدىكى دۆلەتلەردىن تەخمىنەن 10 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا، يىپەك يولى لىنىيىسىدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا كىنو-سەنئەت بايرىمى، تېلېۋىزىيە ۋە رادىئو پروگراممىلىرىنىڭ كۆپىيىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى ۋە خىتتاي مەبلىغىنىڭ بۇ رايوندىكى ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم پۇرسىتى ئىكەنلىكى ئىپادىلەندى. (Özdaşlı, 2015).
تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا: ئاۋىستىرالىيە، يېڭى زېلاندىيە، كانادا، ياپونىيە، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، شىۋىتسىيە، لاتۋىيە، لىتۋا، ئېستونىيە، دانىيە، نورۋېگىيە، شىمالىي ئىرېلاندىيە، گوللاندىيە، ئىسلاندىيە، لىيۇكسېمبۇرگ، ئىسپانىيە، ئاۋسترىيە، ئىرېلاندىيە، بېلگىيە ۋە شىۋىتسارىيە قاتارلىق جەمئىي 22 دۆلەت باش ئەلچىسى ئىمزالىغان 2019-يىلى 8-ئىيۇلدىكى مەكتۇپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا تاپشۇرۇلدى. بۇنىڭدا شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلغان تۈركلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلىندى.
يەنە بىر تەرەپتىن، 22 دۆلەتنىڭ تۈركلەرنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ يازغان ئورتاق خەتكە قارشى رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، چاۋشيەن، ۋېنزىئۇلا، كۇبا، بېلورۇسىيە، بېرما، فىلىپپىن، سۈرىيە، پاكىستان، ئومان، كۇۋەيت، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە نۇرغۇن ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 37 دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا خەت يېزىپ، خىتتاينىڭ تېرورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا خەت يېزىش ئارقىلىق خىتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زالىم ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى قوللايدىغان دۆلەتلەرگە قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ خىتتاي بىلەن چوڭ سودا ۋە دوستلۇق مۇناسىۋىتى بارلىقى، قالغان كۆپ قىسمىنىڭ يېڭى يىپەك يولى تۈرىدە خىتتايدىن زور مىقداردا قەرز ئالغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان ۋە ئويلاندۇرىدىغان يېرى شۇكى خىتتايغا قارشى ئىنكاس قايتۇرغان 22 دۆلەتنىڭ ھېچقايسىسى شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن تىل، دىن ۋە مەدەنىيەت بېغى يوق، خىتتاينى قوللىغان دۆلەتلەرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك مۇسۇلمان دۆلەتلەر.
خىتتاي يولغا قويغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول تۈرى» كەلگۈسى 50 يىلنى شەكىللەندۈرىدۇ ۋە ئاسىيانىڭ ئەڭ شەرقى بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ياۋروپا قىرغاقلىرىنى ئۇلايدۇ. تەخمىنەن 1 تىرىليون دوللارلىق مەبلەغ ۋە 3 مىلياردتىن ئارتۇق نۇپۇسنى قاپسىغان بۇ تۈرگە 65 دۆلەت قېتىلىدۇ. نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلىرى قاتناشقان بۇ تۈرنى خىتتاينىڭ مۇسۇلمان تۈركلەرگە ۋە تۈرك-ئىسلام مەدەنىيىتىگە قارشى ئىجرا قىلغان زۇلۇم بىلەن ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشى ناھايىتى بەخىتسىزلىك. خىتتاي ساھىپ بولغان جۇغراپىي كۈلتۈرى بىلەن ئۇيغۇر تۈرك ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەسەرلىرىنى يىپەك يولى پىلانى ئۈچۈن بىر كۈچكە ئايلاندۇرالايتتى.
ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى بىر بىرىگە باغلايدىغان بۇ قۇرۇلۇشتا كاشكى كۈلتۈر پايتەختلىرى ۋە كۈلتۈرەل مىراسلار بىر-بىرىگە باغلىنالىسا، مانا بۇ ۋاقىتتا بۇ قۇرۇلۇش يېڭى بىر ئۈمىد ۋە يېڭى بىر دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈنمۇ تىنچلىقنىڭ ساداسى بولاتتى. ئەپسۇسكى، خىتاي غايەت زور بىر دۇنيا كاپىتالىزمىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، ئالدى بىلەن تېررورغا قارشى تۇرۇش نامىدا دۆلىتىدىكى تۈۋرۈكلەرگە زۇلۇم قىلىشنى ۋە تۈرۈك ئىسلام مىراسلىرىنى يوق قىلىشنى تاللىدى.
ھەم بۇلارنى ئىجرا قىلىشتا ئىنتايىن ساددا بىر مۇداپىئە ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويماقتا. داۋاملىق ئەۋەتكەن ۋەكىللىرى ئارقىلىق ئەسلىدە بۇ دېيىلگەنلەرنىڭ راست ئەمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئاتىشىدىكى «شىنجاڭ» رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرى ۋە ئېتىقادىدا ناھايىتى ئەركىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمەكتە. تۈرۈكچە تارقىتىش ئېلىپ بارىدىغان خىتاينىڭ تەشۋىقات مەركەزلىرىمۇ ئوخشاش ئىپادىنى تەكرارلىماقتا. تېخنىكا ماگىناتى خىتاينىڭ ئۆزىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن تاللىغان ئۇسۇلى چوڭ بىر ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلىدۇ. كونا پەدىدە «بىز ئاڭلىتايلى، سىز تىڭشاڭ» دەيدۇ. (Demir, 2019)
يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىلىدىغانلىقى مۇنازىرە قىلىنىشى ھەتتا تەپسىلىي ئانالىز قىلىنىشى كېرەك بولغان مۇھىم بىر تېمىدۇر. «تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى جۇغراپىيە جەھەتتىن ك ي قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى ھالقىسىدا ئورۇن ئالماقتا. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي بىر كۈچ سۈپىتىدە ئېشىۋاتقان نوپۇزىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا ھېس قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق بولۇش بىلەن تەڭ، قۇرۇلۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ياكى مەغلۇپ بولۇشقا دۇچ كەلگىنىدە كۆپ قىيىنچىلىقنى تۇنجى ھالقىدا يەر ئالغان تۈرۈك جۇمھۇرىيەتلىرى تارتىدۇ. ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىلدە خىتاي ئىقتىسادىي نوپۇسنىڭ ئېشىشى، ماللارنىڭ، پۇلنىڭ، ئىش كۈچىنىڭ ئەركىن ھەرىكەتلىنىشى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى نوپۇس تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇش تەھدىتىگە ئىگە. روسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تەڭشەك رايون ئورنىدىكى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇقىملىقى بۇ جۇمھۇرىيەتلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئەينى ۋاقىتتا روسىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ مۇھىم بولغاچقا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ نوپۇس تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ۋە خىتاي بىلەن بولغان چېگرالىرىنىڭ قوغدىلىشى پەقەت تۈرۈك جۇمھۇرىيەتلىرىگە ھاۋالە قىلىدىغان بىر مەسىلە ئەمەس. بۇ تېمىدا روسىيە، تۈركىيە ۋە تۈۋرۈك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ يېقىن ھەمكارلىققا مۇھتاجلىقى ئالاھىدە دىققەتكە ئېلىنىشى لازىم.
شەرقتىن غەربكە تىجارەت ۋە كۈلتۈر كۆۋرۈكى بولغان يىپەك يولىنى تۈركلەرنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكى مەيداندا. يىپەك يولىنىڭ تۇنجى بۆلىكىدە ئۇيغۇرلار ياشىغان ئىدى. ئۇيغۇرلار ئۆزى قۇرغان دۆلەتلەردە، باشقا تۈرك دۆلەتلىرى ياكى موڭغۇللار تەرىپىدىن قۇرۇلغان دۆلەتلەردە مائارىپتىن تىجارەتكىچە نۇرغۇن ساھەدە ئاكتىپ رول ئوينىغان. كۈنىمىزدە ئۇيغۇرلار ئەينى جۇغراپىيە شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتىدۇ. بىر ئەسىردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى رايوندا تۈركلەرگە زۇلۇم ھېچ ئازايمىغىنىدەك، ئاخىرقى 20 يىلدا يولغا قويۇلغان سىياسەتلەر بۇ يەردىكى تۈركلەرنىڭ مەۋجۇدلىقىنى جىددىي ھالەتتە خەتەرگە ئىتتىرمەكتە.
خىتاينى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچ ھالىغا ئەكىلىدىغان يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ھاسىل قىلىدىغان شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسىلىلەر ياكى زوراۋانلىق يولى بىلەن ياكى ئىنسانلار ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنىپ ھەل قىلىنىشقا تىرىشىلماقتا. ھەم ياشىغان ۋەتىنىنى تەرك قىلىشقا مەجبۇر بولغان تۈركلەرنىڭ جامائەت پىكرى ھاسىل قىلماسلىقى ئۈچۈن كۆزىتىلمەكتە ۋە خىتايغا قايتۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياشاۋاتقان دۆلەتكە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي بېسىم چۈشۈرۈلمەكتە. بۇ سەۋەبتىن شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغان تۈركلەر جىسمانىي ۋە روھىي زۇلۇمغا ئۇچرىسا، ئوخشىمىغان دۆلەتلەرگە كۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان ياكى خىتاينىڭ سىياسىتىگە باش ئېگىشنى خالىمىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا زۇلۇمنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىرتىدىمۇ كۆرسەتمەكتە.
خىتاي، يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى دائىرىسىدە ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن توختام تۈزۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان. چۈنكى بۇ يەر شەرقىي تۈركىستاندىن كېيىن يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنىڭ داۋامىدىنمۇ بەك مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە ساھىب. خىتاينىڭمۇ ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن بۇ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە ئېھتىياجى بار. يىپەك يولىنىڭ تەكرار جانلىنىشى دېڭىزغا ئۇزاق تۈرلۈك جۇمھۇرىيەتلىرى ئۈچۈن ئىقتىسادىي بىر پۇرسەتتەك كۆرۈنسىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرۈك كۈلتۈرى ۋە نوپۇسنىڭ يوق قىلىنىشىدىن كېيىن ئىشغال نۆۋىتىنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە كېلىش ئېھتىمالى بار.
خىتاينىڭ ئۇزۇنغىچە مۇنداق بىر نىيىتى يوق بولسا شەرقىي تۈركىستاندىكى باسقۇنچى سىياسەتلىرىگە خاتىمە بېرىپ تۈرمە ۋە لاگېرلاردىكى تۈركلەرنى قويۇۋېتىشى، مۇسادىرە قىلغان ماللىرىنى ۋە ئىشلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشى، مىللىي ۋە دىنىي ئىبادەت چەكلىمىلىرىنى، مەكتەپلەردىكى تۈركچە تىل چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئىقتىسادىي بايلىقلاردىن تۈركلەرنىمۇ بەھرىمەن قىلىشى لازىم. خىتاي، تۈركىيە ۋە باشقا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قېتىلىشى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان كۆرۈشۈشلەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسىلىنى قىلىشتا سەمىمىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشى لازىم.
تۈركىيە ۋە تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۈزگەن تاملارنى كۆزدىن كەچۈرۈشى، تۈزىدىغان توختاملاردا بۇنى ئالدىن ئويلىشىشى لازىم. چۈنكى يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن بىر ئىقتىسادىي پۇرسەتتەك كۆرۈنسىمۇ قەدىمكى تۈرك يۇرتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر تۈرك يۇرتى بولۇپ ساقلىنىشى ۋە ئۇ يەردە ياشىغان تۈركلەرنىڭ كوللېكتىپ يوق بولۇشىغا قارشى تۇرۇشى ئۈچۈن پايدىلىنىشى كېرەك بولغان ئاخىرقى پۇرسەت بولۇشى مۇمكىن.
مەنبە: Uygurlar ve İpek Yolu (ئاسىيا تەتقىقاتى ژۇرنىلى 2-سان 3-جىلىد)