فۇكۇزاۋا يۇكىچى: ھەربىرىمىز مۇستەقىل بولغاندىلا دۆلەت مۇستەقىل بولىدۇ
تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر
ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن. مەزكۇر يازما ياپونىيەلىك پەيلاسوپ ۋە مائارىپچى فۇكۇزاۋا يۇكىچى (福泽谕吉) نىڭ «ئۆگىنىشكە رىغبەت» (An encouragement of learning) ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنىڭ ئېنگىلىزچە تەرجىمىسى ئاساسىدا تەييارلاندى. فۇكۇزاۋا يۇكىچى ياپونىيەنىڭ مېيجى يىللىرىدىكى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئاۋانگارتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ياپونىيەنىڭ قالاق فېئودال دۆلەتتىن ئاسىيادىكى قۇدرەتلىك، زامانىۋىي ۋە تەرەققىي قىلغان كاپىتالىستىك دۆلەتكە ئايلىنىشىدا ئىدىئولوگىيە ئاساسى يارىتىشتا ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان. ئۇ يەنە ياپونىيەدىكى تۇنجى ئۇنىۋېرىستىت بولغان «كېيئو ئۇنىۋېرىستىتى» (慶應大学) نىڭ قۇرغۇچىسى. ياپونىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق قەغەز پۇلى بولغان بىر تۈمەن يېن ئۈستىگە دەل فۇكۇزاۋا يۇكىچىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن.
«ئۆگىنىشكە رىغبەت» ناملىق كىتابنى فۇكۇزاۋا يۇكىچى 1872-يىلى قەلەمگە ئېلىشقا باشلىغان بولۇپ، كوڭزىچە پەلسەپەنى ئاساس قىلغان فېئودال ياپونىيە جەمئىيىتىدىكى تۆۋەن تەبىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىززەتلىرىدىن مەھرۇم ھالدا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشىشى سەۋەبلىك شەكىللەنگەن روھىي قۇللۇق ۋە بېقىندىلىقنى ئېچىپ تاشلىغان. ئۇ يەنە بۇنى تۈزىتىشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك جەريان ئىكەنلىكى ۋە پەقەت ھەربىر كىشىنىڭ شەخسىي مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەندىلا، دۆلەتنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى تىكلىيەلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئوقۇرمەنلىرىمىز ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى كۈزىتىپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا كېرەكلىك ماتېرىيال سۈپىتىدە ئىشلىتىپ قالسا ئەجەب ئەمەس. مەزكۇر ئەسەر ئېلان قىلىنغان بۇندىن 150 يىل بۇرۇنقى ياپونىيە جەمئىيىتى بىلەن ھازىرقى ياپونىيەنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى، سىياسىي تۈزۈلمىسى ۋە دۆلەت كۈچى ۋە تەقدىرىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. مىللىتىمىز كىرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ۋە ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان كەمچىللىكلەر ھاياتىمىزنىڭ ئوخشىمىغان ساھەلىرىدە كۆزىمىزدە چېلىقىپ تۇرۇۋاتقان بىر دەۋردە، مەزكۇر ئەسەر ئىشنى قەيەردىن باشلاش ھەققىدە يەنە بىر يول كۆرسىتىپ بەرسە ئەجەب ئەمەس.
ئۈچىنچى باب: دۆلەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى
مەن ئالدىنقى بابتا ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ مەيلى باي ياكى نامرات بولسۇن، كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولسۇن، دۆلەتنىڭ مەمۇرى ياكى پۇقراسى بولسۇن تەبىئىي ھالدا باراۋەر كىشىلىك ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەن ئىدىم. ھازىر مەن بۇنىڭ مەنىسىنى كېڭەيتكەن ھالدا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىمۇ تەھلىل قىلىپ ئۆتمەكچىمەن. بىر دۆلەت ئىنسانلاردىن تەشكىللەنگەن بىر جەمئىيەت بولغانىكەن، ياپونىيە ياپونلارنىڭ، ئەنگىلىيە ئېنگىلىزلارنىڭدۇر. ياپونلار ۋە ئېنگىلىزلار ئوخشاشلا يەر ۋە كۆكنىڭ ئارىسىدا ھايات كەچۈرىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا ھېچقانداق سەۋەب يوقتۇر. ئەگەر بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىنى زەخمىلەندۈرۈشىگە سەۋەب بولمىسا، ئىككى كىشىنىڭ يەنە باشقا ئىككى كىشىنى زەخمىلەندۈرۈشىگىمۇ ئوخشاشلا سەۋەب يوقتۇر. ئوخشاش پىرىنسىپ بىر مىليون ياكى ئون مىليون كىشىگىمۇ ئورتاقتۇر؛ ئىشنىڭ ھەقىقىتى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ سانىغا قاراپ ئۆزگىرىپ قالمايدۇ.
ئەمدى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ قىياپىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، مەدەنىيەتلىك ۋە ئويغانغان دەپ ئاتىلىۋاتقان، ئۆزلىرىدە ئۆگىنىش ۋە ئۇرۇش ماھارەتلىرى قالتىس تەرەققىي قىلغان، كۈچلۈك ۋە باي دۆلەتلەرنى بايقايمىز. شۇنداقلا ياۋائىي ۋە ۋەھشىي، مەدەنىيەت ۋە ھەربىي ساھەلەردە تولىمۇ تۆۋەن سەۋىيەدىكى نامرات ۋە ئاجىز دۆلەتلەرنىمۇ ئۇچرىتىمىز. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ياۋروپا ۋە ئامېرىكادىكى دۆلەتلەر بىرىنچى تۈرگە، ئاسىيا ۋە ئافرىقادىكى دۆلەتلەر ئىككىنچى تۈرگە كىرىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، دۆلەتلەرنىڭ بايلىقى ۋە كۈچى تاشقى كۆرۈنۈش بولۇپ، ئۇلارنىڭ پەرقلىق بولۇشى تولىمۇ تەبىئىيدۇر. لېكىن، ئەگەردە باي ۋە كۈچلۈك دۆلەتلەر نامرات ۋە ئاجىز دۆلەتلەرنى ئەزسە، بۇنىڭ مەن ئېيتىپ ئۆتكەن مىسالدىكى سۇمو چېلىشچىسىنىڭ كېسەل كىشىنىڭ بىلىكىنى سۇندۇرۇپ تاشلايدىغانلىقىدىن پەرقى يوقتۇر. دۆلەتلەرنىڭ تەبىئىي ھوقۇقلىرىدىن چىقىپ ئېيتساق، بۇنىڭغا قەتئىي يول قويغىلى بولمايدۇ. ھازىرقى دەۋردىكى ياپونىيەنىمۇ بايلىق ۋە كۈچ جەھەتتىن غەرب دۆلەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ؛ لېكىن دۆلەتلەرنىڭ تەبىئىي ھوقۇقلىرىدىن چىقىپ پىكىر قىلساق، ياپونىيە ھەرگىزمۇ قالاق ھېسابلانمايدۇ. ئەگەر بىر كۈن كېلىپ ياپونىيە شۇنداق ئادالەتسىزلىكنى بېشىدىن كەچۈرىدىغان بولسا، بىز پۈتۈن دۇنيانى دۈشمەن تۇتۇشتىنمۇ يالتايماسلىقىمىز كېرەك.
مەن يۇقىرىقى بىرىنچى بۆلەكتە ئېيتىپ ئۆتكەندەك، شۇنداق كۈن بېشىمىزغا كېلىدىغان بولسا، ياپونيەنىڭ ئىززىتى ۋە شان-شەرىپىنىڭ قولدىن كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەربىر ياپونىيە ۋەتەندىشى ئەڭ ئاخىرقى بىرىمىز قالغانغا قەدەر قۇربان بېرىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەتلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشتىكى بايلىقى ۋە قۇۋۋىتى ھەرگىزمۇ تەبىئەتنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتى ئەمەس. ئۇلارنى ئادەملەرنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەمگىكى بىلەن ئۆزگەرتىش مۇمكىن. بۈگۈنكى ھاماقەتلەر ئەتىكى ئاقىللار بولالايدۇ. ئۆتمۈشتىكى دۆلەتمەن ۋە قۇدرەتلىكلەر بۈگۈن ئاجىز ساياقلارغا ئايلىنىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا ئۆتمۈش ۋە ھازىرقى زامانلاردىن تېپىلىدىغان مىساللار ئاز ئەمەس. ئەگەر ياپونلار قىزغىنلىق ۋە كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان ھالدا ئۆگىنىشنىڭ يولىغا چىقىدىغان بولسا، شۇنداقلا شەخسىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق دۆلىتىنى بېيىتسا ۋە قۇدرەت تاپقۇزسا، بىز نېمىشقا غەرب كۈچلىرىدىن قورقۇپ قالغۇدەكمىز؟ بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەقىقەتچىل كىشىلەر بىلەن شېرىك بولايلى، ھەقىقەتچىل بولمىغان كىشىلەردىن ئۆزىمىزنى تارتايلى. يىغىپ ئېيتقاندا، مىللىي مۇستەقىللىق شەخسىي مۇستەقىللىقتىن شەكىللىنىدۇ.
شەخسىي مۇستەقىللىق ئارقىلىق مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش
ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، بارچە دۆلەتلەر باراۋەردۇر؛ لېكىن، بىر دۆلەتتىكى كىشىلەردە شەخسىي مۇستەقىللىق روھى بولمايدىغان بولسا، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مىللىي مۇستەقىللىق ھوقۇقىمۇ ئەمەلگە ئاشماي قالىدۇ. بۇنىڭدا ئۈچ خىل سەۋەب بار بولۇپ، مەن بۇلارنى تۆۋەندىكىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.
1. شەخسىي مۇستەقىللىق روھى بولمىغان كىشىلەردە دۆلىتىگە بولغان چوڭقۇر ئەندىشە شەكىللەنمەيدۇ.
مۇستەقىللىق – بىر كىشىنىڭ ئۆز شەخسىي ئىشلىرىنى ئۆزى باشقۇرۇشى، باشقىلارغا تايىنىۋالىدىغان ئويدا بولماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ. توغرا-خاتانى ئۆزى پەرق قىلالايدىغان، ئىشلارنى توغرا پەملىيەلەيدىغان كىشى باشقىلارنىڭ ئەقلىدىن مۇستەقىل بولغان كىشىدۇر. ئۆزىنىڭ جىسمانىي ياكى ئەقلىي ئەمگىكى ئارقىلىق كۈن ئالالايدىغان كىشى باشقىلارنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىدىن مۇستەقىل بولغان كىشىدۇر. ئەگەر كىشىلەرنىڭ روھىيىتىدە مۇشۇنداق مۇستەقىل سۈپەتلەر مەۋجۇت بولمىسا ۋە باشقىلارنىڭ كۈچىگىلا تايىنىۋالىدىغان بولسا، پۈتۈن دۆلەت تايىنىۋالغۇچىلارغا تولۇپ كېتىدۇ ۋە بۇلارغا ھېچكىم ياردەم قىلمايدۇ. بۇ بەئەينى قارىغۇ ئادەم يېتەكچىسىز يول يۈرگەندەك بىر ئىش. بۇ تولىمۇ كۈلكىلىك ئەمەسمۇ؟ بەزىلەر «خەلق تايانغۇچى ھالىتىدە نادان قالدۇرۇلۇشى كېرەك» دەيدۇ؛ ياكى مىڭ قارىغۇغا مىڭ يېتەكچى تېپىلىدۇ دېيىشىدۇ. شۇڭا ئۇلار «ئاقىللار خەلق ئاممىسىنى يۇقىرىدىن باشقۇرسۇن» دەپ قارايدۇ. بۇ خىل قاراش ئەسلى كوڭزىنىڭ تەلىماتىدىن كەلگەن. لېكىن، بۇ ناھايىتى خاتا بىر قاراشتۇر. چۈنكى، ئەمەلىيەتتە ئەلنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئەخلاقى بولغان كىشىلەر بىر دۆلەتتە مىڭ كىشىدىن بىرى ئاران تېپىلىدۇ.
مەسىلەن، بىز بىر دۆلەتتە بىر مىليون ۋەتەنداش بار ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدە مىڭ ئاقىل بار دەپ قىياس قىلساق، 999 مىڭ كىشى نادان ھېسابلىنىدۇ. كۆپچىلىكنى ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئەخلاقى بىلەن كونترول قىلغىلى بولىدۇ دېسەكمۇ، كىممۇ ئۇلارنى ئۆز بالىلىرىدەك سۆيسۇن ۋە ئۆز پادىلىرىدەك ئاسرىسۇن. ئۇلار كۆپچىلىككە يۇمشاق ۋە قاتتىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ھۆكۈمەتنىڭ كېتىۋاتقان يولىنى كۆرسىتىپ قويالىشى مۇمكىن. نەتىجىدە، كۆپچىلىك ئامما ئاڭسىز ھالدا يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىدىغان بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا، بۇلاڭچىلىق ۋە قاتىللىق يۈز بەرمەسلىكى، ئەلدە تېنچلىق ۋە تەرتىپ ئورنىتىلىشى مۇمكىن. لېكىن، ئەمەلىيەتتە ئەھۋال باشقىچە بولىدۇ. يۇقىرىقى قىياسىمىزدىكى دۆلەتنىڭ كىشىلىرى خوجايىنلار ۋە مېھمانلاردىن ئىبارەت ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنىدۇ. خوجايىنلار دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ھېلىقى مىڭ نەپەر ئاقىلدۇر. قالغانلار بولسا نادان مېھمانلاردۇر. مېھمان بولغانىكەن، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئەندىشەلىرى ناھايىتى ئاز بولىدۇ. ئۇلارقول قوشتۇرۇپ خوجايىنلىرىغا تايىنىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلىتىگە بولغان كۆيۈمچانلىقى خوجايىنلىرىنىڭكىدەك كۈچلۈك بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ دۆلىتىگە تۇتقان مۇئامىلىسىمۇ خۇددى يات كىشىلەرنىڭكىگە ئوخشايدۇ. دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرى ھەققىدە سۆز ئېچىلغاندا، ئۇلارنى يانداپ ئۆتۈپ كېتىش مۇمكىن. ئەمما چەتئەللەر بىلەن ئۇرۇش پارتلىغان چاغدا بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ نەقەدەر ئەخمىقانە ئىكەنلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. نادان ۋە قۇدرەتسىز بولغان كۆپچىلىك ئاۋام ئۆز دۆلىتىگە ئاسىيلىق قىلماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار ئىچىدە «بىز مېھمانلار بولغانىكەنمىز، نېمىشقا جېنىمىزنى سېلىپ بەرگۈدەكمىز؟» دېيىشىپ، بۇ كۈرەشتىن باش تارتىدىغان نۇرغۇن كىشى چىقىدۇ. شۇڭا بۇنداق دۆلەتنىڭ نوپۇسى ئاتاقتا بىر مىليون بولغان بىلەن، دۆلەتنىڭ قوغداشقا كەلگەندە بۇ سان ئۇنىڭدىن تولىمۇ تۆۋەن تۇرىدۇ. بۇنداق دۆلەتنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، ئەگەر تاشقى خىرىسلاردىن ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىمەن دەيدىكەن، ياپونىيە چوقۇم ئۆزىنى مۇستەقىللىق روھى بىلەن تويۇندۇرۇشى كېرەك. ھەربىر ۋەتەنداش ئۆز سالاھىيىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىشى لازىم. ئوقۇغان ۋە ئوقۇمىغان، قارىغۇ ۋە كۆزى كۆرىدىغان بارچە كىشى دۆلەتنىڭ ۋەتەندىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشى لازىم. ئېنگىلىزلار ئەنگىلىيەنى ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتى دەپ قارىشى كېرەك؛ بىز ياپونلار بولساق ياپونىيەنى ئۆزىمىزنىڭ دەپ قارىشىمىز لازىم. ئۇ بىزنىڭ بولغانىكەن، بىز ئۆز ئانا يۇرتىمىزنى ئۆز ئۆيىمىز دەپ مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. ئانا ۋەتەن ئۈچۈن بايلىقىمىزلا ئەمەس، ھەتتا جېنىمىزنىمۇ قۇربان قىلىشتىن باش تارتماسلىقىمىز كېرەك. مانا بۇ دەل ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ بۈيۈك ۋەزىپىسىدۇر. ئەلۋەتتە، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى -ھۆكۈمەت، سىياسىي جەھەتتىن ئالغاندا باشقۇرۇلغۇچىلار -خەلقدۇر. لېكىن، بۇ پەقەتلا ئۈنۈمنى كۆزلىگەن ئىش تەقسىماتىدۇر. ۋەتەننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى قاش-كىرپىك ئارىسىدا قالغان چاغدا، پاسسىپ ھالدا تاماشا كۆرگۈچى بولۇۋېلىپ، دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنى پۈتۈنلەي ھۆكۈمەتكە كۆتۈرە بېرىۋېتىش ۋەتەنداشلارنىڭ ۋەزىپىسىگە يېقىشامدۇ؟ بىر كىشىنىڭ نام شەرىپىگە ئەنگىلىيەلىك پالانچى ئەپەندى، ياپونىيەلىك پوكۇنچى ئەپەندى دېگەن شەكىلدە شۇ دۆلەتنىڭ ئىسمىمۇ قوشۇپ يېزىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇ كىشى ئۆز دۆلىتىدە كۈندىلىك ھاياتىنى ئەركىن داۋام قىلىدىغان ھوقۇققا ئىگە بولالايدۇ. ئۇ بۇ خىل ھوقۇققا ئېرىشكەن ھامان، ئۇنىڭغا تېگىشلىك ۋەزىپىلەرمۇ يۈكلىنىدۇ.
سېنگوكۇ دەۋرى (戦国時代 يەنى يېغىلىق دەۋرى)دە (1476-1568)، سۇرۇگا (ياپونىيەنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىدىكى بىر ئۆلكە)لىق ئىماگاۋا يوشىمىتو (Imagawa Yoshimito) ئودا نوبۇناگا (Oda Nobunaga)غا قارشى تۈمەنلىگەن قوشۇن تارتقاندا ئوكېخازاۋا (Okehazawa) دېگەن جايدا نوبۇناگانىڭ پىستىرمىسىغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. كېيىن نوبۇناگا يوشىمىتونىڭ بارىگاھىنى تېرىپېرەن قىلىۋەتكەن ۋە يوشىمىتونىڭ كاللىسىنى ئالغان ئىدى. سۇرۇگانىڭ قوشۇنلىرىمۇ شۇنىڭ بىلەن چۆچۈپ كەتكەن ئۆمۈچۈكلەردەك چېچىلىپ كەتكەن ۋە بىرەر قەپەسمۇ ئېلىشماستىنلا بەدەر قېچىشقان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن سۇرۇگانىڭ شانۇ-شەۋكەتلىك ئىماگاۋا ھاكىمىيىتى بىر كۈندىلا غۇلىغان ۋە مەڭگۈگە يوقالغان ئىدى. ئىككى-ئۈچ يىل ئىلگىرى فىرانسىيە ئىمپېراتورى ناپولېئون III فىرانسىيە-پرۇسسىيە ئۇرۇشى پارتىلىغاندا پرۇسسىيەگە ئەسىرگە چۈشتى. لېكىن، فىرانسىيە ئۈمىدسىزلەنمەستىن، تېخىمۇ جەڭگىۋار روھ بىلەن قايتۇرما زەربىگە ئۆتۈپ، قان كېچىپ كۈرەش قىلدى. بىر نەچچە ئاي بەرداشلىق بەرگەندىن كېيىن، ئاخىرى بىر كېلىشىم ئىمزالاندى ۋە فىرانسىيە ئامان قالدى. ئۇنىڭ تەقدىرى ئىماگاۋانىڭكىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق ئىدى. بۇنچە زور پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب نېمە؟ سەۋەب شۇكى، سۇرۇگانىڭ خەلقى يالغۇزلا يوشىمىتوغا پۈتۈنلەي تايىنىپ قالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئورنى «مېھمانلار» قاتارىدا بولۇپ، سۇرۇگانى ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتى دەپ قارىمايتتى. فىرانسىيەدە بولسا نۇرغۇنلىغان ۋەتەنپەرۋەر پۇقرالار بار بولۇپ، ئۇلار دۆلىتى دۇچ كەلگەن كىرىزىسقا نىسبەتەن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، باشقىلارنىڭ قايىل قىلىشىغا مۇھتاج بولماستىنلا ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلاندى. مانا بۇ قەدىمقى سۇرۇگا بىلەن زامانىۋىي فىرانسىيەنىڭ پەرقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ مىسالدىن قارايدىغان بولساق، دۆلەت كىرىزىسقا يولۇقۇپ خەلقنى مۇداپىئەگە چاقىرغاندا، مۇستەقىللىق روھى بار بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىگە چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ خىل روھ كەم بولغان كىشىلەردىن روشەن پەرقلىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز.
2. ئۆزىدە مۇستەقىللىق روھى بولمىغان كىشىلەر چەتئەللىكلەر بىلەن ئالاقە قىلغاندىمۇ مۇستەقىللىق ھوقۇقىنى ئىشلىتەلمەيدۇ.
مۇستەقىللىق روھى بولمىغان كىشىلەر باشقىلارغا تايىنىشقا مۇھتاج. باشقىلارغا تايانغان ئادەم ئۇلاردىن قورقىدۇ. باشقىلاردىن چۆچۈپ تۇرغان كىشى ئۇلارغا كۈچۈكلىنىپ ئۆتىدۇ. ئۇلارنىڭ قورقۇنچى ۋە ئىتائەتمەنلىكى بارا-بارا ئادەتكە ئايلىنىدۇ؛ ئۇلار يۈزلىرىگە مىس نىقاب تارتىشقا ئۆتىدۇ. ئۇلار نومۇسنى ئۇنۇتىدۇ ۋە تالاش-تارتىش قىلىش كېرەك بولغان سوئاللارغا دۇچ كەلگەندە لام-جىم دېمەيدۇ. باشقىلار بىلەن يۈزلەشكەندە بولسا ئۇلار دالدەك ئىگىلىپ تازىم قىلىشنىلا بىلىدۇ. بۇلار ئادەتكە ئايلىنىپ، ئادەمنىڭ تەبىئىتىگە سىڭىپ كەتكەن چاغدا ئۇنى ئۆزگەرتىش تولىمۇ قىيىن بولىدۇ. مەسىلەن، ھازىر ئاددىي پۇقرالارغىمۇ تەگئات (فامىلە) قوللىنىش ۋە ئات مىنىش ئۈچۈن رۇخسەت بېرىلدى، شۇنداقلا سوت جەريانلىرىمۇ زامانىۋىيلاشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاددىي پۇقرالارنىڭ رەسمىي ئورنى سابىق سامۇراي جەمەتلىرى بىلەن تەڭ بولدى. ئەمما ئۇلارنىڭ كونا ئادەتلىرى بۇنىڭغا ماس ھالدا ئوخشاش سۈرەتتە ئۆزگەرگىنى يوق. ئۇلارنىڭ ئاددىي پۇقرا بولۇشتەك تەبىئىتى كونا دەۋردىكىگە ئوخشاش بولۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان سۆز-ھەرىكىتى ۋە مۇئامىلىسى يەنىلا شۇ تۆۋەن تەبىقىنىڭ ئىدى. ئۇلار يۇقىرى تەبىقەدىكىلەر ئالدىدا تەمتىرىمەستىن بىر جۈملە ئېيتالمايتتى. تۇر دېسە تۇراتتى؛ ئۇسسۇل ئوينا دېسە، ئۇسسۇل ئوينايتتى. ئۇلارنىڭ قۇللۇقى خۇددى ئۆيلەردە بېقىلىدىغان ئېچىرقاپ كەتكەن ئىتلارغا ئوخشايتتى. ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ مىس نىقاب تارتىۋالغان، روھسىز، كۈچ-قۇۋۋەتسىز كىشىلەر ئىدى.
توكۇگاۋا باكۇفۇ (江戸幕府) ھاكىمىيىتى مەزگىلىدىكى قەدىمقى دەۋرلەردە مىللىي بىكىنمىلىك سىياسىتى ئاستىدا كىشىلەر ئاللىبۇرۇن روھسىز ھالەتكە كېلىپ بولغان ئىدى. بۇ خىل ھالەت ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرائاتلىرىغا تەسىر قىلمايلا قالماستىن، بەلكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە پايدىلىق ئىدى. باكۇفۇ ھاكىمىيىتى خەلقنىڭ نادانلىقى ۋە قۇللۇقىغا مەقسەتلىك ھالدا تۈرتكە بولغان، شۇنداقلا ھاكىمىيەتتىكى كىشىلەر بۇنىڭدىن مەيدىسىنى كېرىپ يۈرۈشكەن ئىدى. لېكىن، ھازىر ياپونىيە چەتئەللەر بىلەن رەسمىي مۇناسىۋەت ئورناتقان دەۋردە بۇ خىل سىياسەتنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان زىيىنى تولىمۇ ئېنىق كۆرۈنمەكتە. مەسىلەن، ئەگەر چەت ياقىدىكى بىر سودىگەر بېلىنى رۇسلاپ، چەتئەللىكلەر بىلەن سودا قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ يوكوخاماغا كەلگەن بولسا، ئۇ ئەڭ ئاۋۋال چەتئەللىكلەرنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشىدىن، ئاندىن ئۇلارنىڭ پۇلىنىڭ كۆپلىكىدىن، سودا ئورۇنلىرىنىڭ چوڭلۇقىدىن، پار بىلەن ماڭىدىغان پاراخوتلىرىنىڭ سۈرىتىدىن چۆچۈپ كېتىدۇ. ئۇ ھەتتا تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ، سودىدىن يالتىيىپمۇ كېتىدۇ. ئەگەر بىر مەزگىل ئۆتۈپ، ئۇ چەتئەللىكلەر بىلەن سودا قىلالايدىغان پەيت كەلگەندە، چەتئەللىكلەرنىڭ سودا ماھارىتىدىن ئۇنىڭ ئەقلى لال بولىدۇ. چەتئەللىكلەر تولىمۇ يولسىز تەلەپلەرنى قويغان چېغىدا، ئۇنىڭ كۆزلىرى تورلىشىپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ئۈستۈنلىكى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىدىن لاغىلداپ تىتىرەپ كېتىدۇ. ئۇ گەرچە چەتئەللىكلەرنىڭ قويغان تەلەپلىرىنىڭ يولسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، نەتىجىدە يەنىلا نۇرغۇن زىيان تارتىشقا ۋە تولىمۇ ئېغىر شەخسىي ھاقارەتكە ئۇچراشقا مەجبۇر بولىدۇ.
لېكىن، بۇ پەقەت بىر كىشىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن بىر دۆلەتنىڭ زىيىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ بۇ پەقەت بىر كىشىگە قىلىنغان ھاقارەت ئەمەس، بەلكى ياپونىيەگىمۇ قىلىنغان ھاقارەت دەپ قارىلىدۇ. بۇ دېھقاننىڭ ئەخمىقانە روھىيىتى مۇستەقىللىقنىڭ تەمىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تېتىيالماي كەلگەنلىكنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئۇلار سامۇرايلارغا بوزەك بولغان ۋە سوت مەھكىمەلىرىدە ئاياق ئاسىتى قىلىنغان. ھەتتا فېئۇدال جەمئىيەتتە ئاڭ تۆۋەن مائاش ئالىدىغان ئاشىگارۇلار (چېرىكلەر) بىلەن يۈزلەشكەندىمۇ، دېھقانلار ئۇلارغا يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىدەك مۇئامىلە قىلىشى كېرەك ئىدى. بۇ خىلدىكى قۇللۇق ئۇلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنىڭ يىلىكلىرىگىچە ئورناپ كەتكەن؛ بۇنى بىر كېچىدىلا يۇيۇپ تاشلىغىلى بولمايدۇ. بۇڭا بۇخىلدىكى توخۇ يۈرەك ئادەملەرنىڭ دادىل ۋە قورقماس چەتئەللىكلەر ئالدىدا خۇدۈكسىرەپ كېتىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئۇلارنىڭ قىلىقلىرى مەن ئالغا سۈرگەندەك شەخسىي مۇستەقىللىقى بولمىغان كىشىلەرنىڭ چەتئەللىكلەر ئالدىدىمۇ مۇستەقىل پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.
3. ئۆزىدە مۇستەقىللىق روھى بولمىغان كىشىلەر باشقىلارغا تايىنىۋالىدۇ ۋە بەزىدە قەبىھ ئىشلاردىن باش تارتمايدۇ.
توكۇگاۋا باكۇفۇ ھاكىمىيىتى مەزگىلىدە بىر قىسىم كىشىلەر سانكې (يۇقىرى تەبىقەدىكى ئۈچ جەمەت) غا ئوخشاش ئاتاقلىق دايمىيولار(كېنەزلەر)نىڭ ئىسمىنى ئىشلىتىپ، پۇل قەرز بېرىش ئارقىلىق ناھايىتى ئادالەتسىز تىجارەتلەرنى قىلاتتى. ئۇلارنىڭ قۇۋلۇق-شۇملۇقلىرى ناھايىتى يىرگىنىشلىك ئىدى. ئەگەر قەرز ئالغۇچى پۇلنى قايتۇرالمىسا، ئۇلار شۇ زامات سوت مەھكىمىسىگە قايتا-قايتا ئەرز سۇناتتى. لېكىن، ئەگەر ئۇ ھۆكۈمەتتىن قورقۇپ، سوتقا ئەرز سۇنمىغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ نام-ئاتىقى ۋە كۈچىدىن پايدىلىنىپ، قەرز ئالغۇچىلارغا تەھدىد سېلىشى تېخىمۇ ئېغىر چۈپرەندىلىك ئەمەسمۇ؟ بىز ھازىر بۇ خىل ھادىسىلەردىن قورقۇپ قالمايمىز، ئەمما، ئەجەبا ھازىر چەتئەللىكلەرنىڭ نوپۇزىدىن پايدىلىنىۋاتقانلار يوقمۇ؟ مېنىڭ بۇ ھەقتە تېخى ئېنىق ئىسپاتىم يوق، شۇڭا كېسىپ ئېيتالمايمەن. لېكىن بۇرۇنقى ئىجرائاتلارنى نەزەرگە ئالساق، شۇنداق ئىشلارنىڭ ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە يۈز بەرمەيدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىمەن. بۇندىن كېيىن ئەگەر چەتئەللىكلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلغانلار ئىچىدە ئۇلارنىڭ نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ قەبىھ ئىشلارنى قىلغانلار بايقالسا، بۇ شۈبھىسىزكى دۆلىتىمىزگە تەگكەن تەسۋىرلىگۈسىز قارغىشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز مۇستەقىللىق روھى بولمىغان كىشىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئاسان دەپ ھۇشيارلىقىمىزنى يوقىتىپ قويمايلى. بالا-قازا دەل ئويلىمىغان بۇرجەكلەردىن ياغىدۇ. كىشىلەردىكى مۇستەقىللىق روھى قانچە ئاجىز بولسا، دۆلىتىمىزنىڭ ئاسىيلىققا دۇچار بولۇش خەۋپى شۇنچە كۈچىيىدۇ. بۇ دەل مەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن باشقىلارغا تايىنىپ قەبىھ ئىشلارنى قىلىشنىڭ مىسالىدىندۇر.
يۇقىرىدا مەن كىشىلەردە مۇستەقىللىق روھى بولماسلىقنىڭ بىر دۆلەتكە كەلتۈرىدىغان زىيانلىرىدىن ئۈچ مىسالنى ساناپ ئۆتتۈم. ئەگەر مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بار بولغان كىشىلەر مەۋجۇت بولسا، مەيلى جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋىي ياكى خۇسۇسىي ساھەسىگە مەنسۇب بولسۇن، چوقۇم ھازىردىن باشلاپ ئۆزىنىڭ شەخسىي مۇستەقىللىقىنى تىكلەشكە كىرىشىشى كېرەك. ئەگەر قۇدرىتى يەتسە، ئۇلار چوقۇم باشقىلارنىڭمۇ ئۆز مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەمدە بولۇشى كېرەك. ئاتا-ئانىلار ۋە ئاكا بولغۇچىلار ئۆز بالىلىرى ۋە ئۇكىلىرىدا بۇ خىل روھنى تىكلىشى كېرەك؛ ئوقۇتقۇچىلار بولسا مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنى بۇ ئىشقا يېتەكلىشى كېرەك. مەيلى قانداق جەمئىيەت تەركىبىدىن كېلىپ چىققان بولسۇن، ھەربىر كىشى مۇستەقىل ھالدا قەد كۆتۈرۈشى ۋە ياپونىيەنى قوغدىشى كېرەك. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاددىي كىشىلەرنىڭ ئازاد بولۇشى ۋە دۆلەتنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، كۈلكىسىنى كۈلەلىشى، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكنى ئۆز خاھىشىغا باغلىۋېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ يۈكىنى ئۆزلىرى يالغۇز كۆتۈرۈشىدىن ئەۋزەلدۇر.
مەنبە: فۇكۇزاۋا يۇكىچى (Fukuzawa Yukichi) نىڭ 1872-1876 يىللىرى يېزىلغان «ئۆگىنىشكە رىغبەت» (An Encouragement of Learning) ناملىق كىتابىنىڭ شۇ ناملىق ئۈچىنچى بابىنىڭ ئېنگىلىزچە تەرجىمىسى.
قوشۇمچە: فۇكۇزاۋا يۇكىچىنىڭ «ئاسىيادىن ئايرىلىش نەزەرىيەسى» ناملىق ئەسىرى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدا: