لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ 100 ياشلىقىدىكى ئوي-پىكىرلەر
بۇ يىل، يەنى 2022- يىلى 22 –نويابىر ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ھېچ بىر دەۋرى بەتلىرىدىن چۈشۈپ قالمايدىغان، بەلكى ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولىدىغان ياكى يوقىلىدىغان لۇتپۇللا مۇتەللىپ تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقىدۇر! لۇتپۇللا مۇتەللىپ دۇنيادىكى كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق كۈرەش مەيدانلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ھاياتى ۋە ئىسسىق قانلىرى بىلەن ئۆز شېئىر مىسرالىرى پۈتۈپ ئۆزلىرىگە ھەيكەل تىكلىگەن شائىرلىرىغا ئوخشاش ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىنقىلابچى شائىرى، جەڭچى شائىرى ۋە ئوت يۈرەك شائىرىدۇر!
لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى – ھازىرقى قازاقىستاندىكى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەركىزى چونجىدىن ئانچە يىراق ئەمەس «چوڭ ئاقسۇ» يېزىسىدا 1999-يىلى خاتىرە ھەيكىلى ۋە خاتىرە ئۆيىنىڭ تىكلىنىشى ناھايىتى مۇھىم تارىخى ۋە مىللىي روھى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، چونجىلىقلار، چوڭاقسۇلۇقلار، ئومۇمەن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ يىلمۇ ل. مۇتەللىپنى ئەڭ ئالىي ھۆرمەت بىلەن خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىۋەتكەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا لۇتپۇللا مۇتەللىپ يەتتىسۇدىكى، كونا ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن بىرى بولغان چوڭ ئاقسۇدا سايبويى دېگەن مەھەللىدە 1922-يىلى 22-نويابىر كۈنى دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ يەنىلا ئانا ۋەتەندىكى ئاقسۇدا جاللاتلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. لۇتپۇللانىڭ بالىلىق مەزگىلىنىڭ 9 يىلى ئۆز يېزىسىدا ئۆتۈپ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دەسلەپكى سىنىپلىرىنى شۇ يەردە ئوقۇغاندىن كېيىن 1931-يىلى كوپېراتسىيەلەشتۈرۈش ۋە باي-كۇلاقلارغا زەربە بېرىشتىن كېلىپ چىققان ئۇكرائىنا ۋە باشقا جايلاردا، جۈملىدىن قازاق-قىرغىز تۇپراقلىرىدا يۈز بەرگەن زور ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئىلى دىيارىغا قاچقان مىڭلىغان ئائىلىلەر قاتارىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە نىلقىغا كېلىپ يەرلەشكەن. ئۇ، مائارىپ تەربىيەسىنى غۇلجىدا تاتار ۋە رۇس مەكتەپلىرىدە ئالغان ھەم ئۈرۈمچىدە ئىنىستىتۇتنى پۈتتۈرۈپ گېزىتخانىدا ئىشلىگەندىن كېيىن 1943-يىلى ئاقسۇغا سۈرگۈن قىلىنغان ۋە ھايات قىسمىتى ئاقسۇغا باغلانغانىدى. ئۇنىڭ ئاقسۇدىكى ھاياتى ئىلىدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى باشلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىش ھەرىكەتلىرى باشلانغان ۋاقىتقا توغرا كەلدى.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سوپاخۇن سوۋۇرۇپ، قاسىمجان قەمبىرى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، داموللا رازى قاتارلىقلار باشلىغان ئەنە شۇ 1945-يىلى 8-ئايدىن 10-ئايغىچە داۋاملاشقان ئاقسۇنى ئازاد قىلىش جەڭلىرىدە لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ يۇرتداشلىرى سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېرلىرى، ئەمما شەرقىي تۈركىستانغا ياردەمگە ئەۋەتىلگەن تۈگمەنلىك مىرزىگۈل ناسىروف، چوگ ئاقسۇلۇق ئاسىم ئىبراھىموفمۇ بار ئىدى. بۇلارنىڭ بىرى دىۋىزىيون كوماندىرى، ئاسىم ئىبراھىموف ئېسكادرون كوماندىرى ئىدى.
ئەپسۇس ئاقسۇنى قورشاپ ۋاقتىدا ئالالماسلىقتىكى ئاساسلىق سەۋەب سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى مەسلىھەتچىلىرىنىڭ ئاقسۇ فرونتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويماسلىق، يەنى ئەسلىدىن ئاقسۇنى ئازاد قىلىپ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تولۇق ئازاد بولۇشىنى خالىماسلىقى، يەنى ستالىن سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانى بويىچە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارالىق سىياسىي مەنپەئەتلىرنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنى ماناس دەرياسى بويىدا توختىتىپ، خىتاي تەرەپ بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە قىستاش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاقسۇ فرونتىغا ھېچقانداق چوڭ ھەربجي كۈچ ۋە قورال-ياراغ، پارتلاتقۇچ دورىلىرىنى ئەۋەتمەسلىكى، يەنى ئاقسۇ ۋە پۈتۈن جەنۇبنىڭ ئازاد بولۇپ ئىلى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىشىنى خالىماسلىقى ئاچقۇچلۇق سەۋەب بولغانىدى. ئەگەردە ئۇلار ئاقسۇنى ئازاد قىلالىغان بولسا، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق قولغا ئېلىنغان « شەرقىي تۈركىستان ياشلار ئۇچقۇنى» تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى قۇتۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. خىتايلار ل. مۇتەللىپ قاتارلىق ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلىرىنىڭ قۇتۇلۇپ قېلىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ ئاۋانگارتلىرىغا ئايلىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈپ تاشلىغانىدى.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ پەقەت ئوت يۈرەك شائىرلا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ باتۇر ۋە تىز پۈكمەس جەڭچىسىدۇر! لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ كۆپ قىسىم شېئىرلىرى مۇستەقىللىق، ئازادلىق كۈرەش ئىنتىلىشلىرى ۋە كۈرەش روھى بىلەن سۇغۇرۇلغان شېئىرلاردۇر. ئۇنىڭ ھەر بىر مىسراسى كىشىلەرگە ئەنە شۇنداق يۈكسەك روھنى ئاتا قىلىدۇ.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1946-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلى تەرەپنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئۈرۈمچىدە ۋە ئىلىدا خاتىرىلىنىشكە باشلىدى ھەتتا ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئىلى تەرەپ، يەنى ش ت ج تەرەپ ل. مۇتەللىپ قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈمى مەسىلىسىنى سۈرۈشتە قىلىپ ئېنىقلاشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا ئىمكانىيەت بەرمىدى. ئەمما ل. مۇتەللىپ 1947-يىلى غۇلجىدا يۈكسەك دەرىجىدە خاتىرلىپ ۋە مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ نامى ۋاڭ قادىر بېغىغا بېرىلىپ، بۇ باغ ل. مۇتەللىپ باغچىسى دەپ ئاتىلىش بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، بىراق 1949-يىلىدىن كېيىن خىتاي كوممۇنىستلىرى بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرمىدى.
ل. مۇتەللىپ 1950-1960- يىللاردا خىتاي كومپارتىيەسى بەلگىلەپ بەرگەن« ئىنقىلابىي قۇربان»، « جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان»، « شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى كۈرەش قىلغان» دېگەن سىياسىي رەڭ ۋە رامكا ئاستىدا ئۇيغۇر ئېلىدە خاتىرىلەندى، ئەمما ئارىلىقتا يەنى 1960-1970-يىللاردا چەكلەندى. 1980-يىللاردىن باشلاپ يەنە خاتىرىلەشكە رۇخسەت قىلىنىپ، ئۇنىڭ ھەققىدە درامىلار، كىنولار ئىشلەندى، رومانلار، داستانلار، كىتابلار يېزىلدى ۋە يىغىنلار ئېچىلدى. ئەمما ئارىلىقلاردا دائىم مۇنداق خاتىرىلەشلەرگە چەك قويۇلۇپ تۇردى.1980-يىللاردا قايتىدىن خاتىرىلىنىشكە كۆپ يول قويۇلسىمۇ، ئەمما خۇددى چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەندەك مۇنداق ئاممىۋى ۋە داغدۇغىلىق شەكىللەردە بولمىدى.
ھازىرقى كۈندە خىتاي كوممۇنىست شوۋىنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئەركىن دېكلاماتسىيە قىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدى. ئاقسۇدىكى ل. مۇتەللىپ قەبرىسى يوق قىلىندى ۋە ئاقسۇ شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىگە 2000-يىللاردا ل. مۇتەللىپنىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلغانىدى. ھازىر بۇ ھەيكەل بارمۇ يوق نامەلۇم. چۈنكى مەكتەپلەردە ھازىر ئۇيغۇر تىلى مائارىپتىن پۈتۈنلەي چەكلەنگەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،1980-يىللاردا ئاقسۇ زىيالىيلىرى ۋە ئەدىبلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ نامىنى ئاقسۇ شەھىرىدىكى ئەينى ۋاقىتتا ئۇ سەيلە ۋە پائالىيەتلەر قىلغان دولان باغچىسىغا قويۇش پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان، ئەمما تەستىقلانمىغان. ئۇ ئىشلىگەن ئاقسۇ گېزىتخانىسىدىكى ئورۇننى خاتىرە ئۆيى قىلىش پىكىرلىرىمۇ بولغان. ئۇمۇ نەتىجىگە ئېرىشمىگەن.
ئومۇمەن، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ 1931-يىلىدىن باشلاپ ھاياتى ئۆتكەن نىلقا، غۇلجا شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ شەھەرلىرىدە ھېچقانداق ئۇنىڭغا ئائىت خاتىرە ئورنى تەسىس قىلىنمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى « ئىنقىلابىي قۇربان» دەپ بېكىتىپ، ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىشقا، ئۇنى ئۆزى بەلگىلەپ بەرگەن سىياسىي رامكا ئىچىدە تەشۋىق قىلىشقا يول قويغان بولسىمۇ، لېكىن نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش شەكلىدىكى ھەرقانداق بىر ئىشقا ئىمكان بەرمىگەنىدى. گەرچە بەزى قىسمەن خاتىرىلەش شەكلىدىكى ئۇرۇنۇشلار، يەنى ئۇنىڭ نامى ئاستىدا خاتىرە سىمۋوللىرىنى تىكلەش ئىنتىلىشلىرى بولسىمۇ، بۇ پەقەت ھۆكۈمەت شەكلى بىلەن ئەمەس، بەلكى شەخسلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پائالىيىتى شەكلىدە بولغانىدى. بۇلارمۇ ئوخشاشلا يىغىشتۇرۇلغان خالاس.
2022-يىلى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنى خاتىرىلەپلا قالماستىن بەلكى ئۇنىڭ ھەققىدە يېڭىدىن ئويلىنىش، يېڭىدىن پىكىر يۈرگۈزۈش، ئۇنىڭغا شۇ دەۋر كۆزى بىلەن بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇدىيىتى ۋە قىسمەتلىرىنى بىرلەشتۈرگەن نۇقتىدىن باھا بېرىپ چىقىشىمىز كېرەك. چۈنكى ل. مۇتەللىپنىڭ قىسمىتى ئوخشاشلا بۈگۈنكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئومۇمىي قىسمىتى بولۇپ قالدى. 1945-يىلى ل، مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى 30 نەچچە ئۇيغۇر ياش جاۋ خەنچى قوماندانلىقىدىكى خىتاي ھەربىي-سىياسىي دائىرىلىرى تەرىپىدىن كوللېكتىپ قىرىپ تاشلانغان، يەنى كوللېكتىپ يوسۇندا ئېتنىك قىرغىنچىلىق قىلىنغانىدى.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەنە شۇ چاغلاردىلا ئەگەر ئۇيغۇر خەلقى ئازاد بولمىسا، ئەركىن بولمىسا، بۈگۈنكىدەك ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر قىسمەتكە قالىدىغانلىقىنى، شۇڭا بىردىنبىر يول ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش روھىنى تۇرغۇزۇش ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن ۋە ئۆزى تاللىغان يولدىن ۋاز كەچمىگەن ھەم دۈشمەن قىلىچى ئاستىدا باش ئەگمىگەنىدى. ئۇنىڭ « يىللارغا جاۋاب» شېئىرىدىكى ھەر بىر مىسراغا سىڭگەن روھ شۇ دەۋر ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى كۈنىمىز ۋە كەلگۈسى ئۈچۈنمۇ كېرەك ئىكەنلىكىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن رېئاللىقلار ئىپادىلەپ تۇرماقتا.