روسىيە – خىتاي دوستلىقى نەگىچە؟
تۈركچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى: ئا. سەردار زاغئوغلى
غەربنىڭ بېسىمى بىلەن يېقىنلاشقان خىتاي – روسىيە ئىتتىپاقى مەڭگۈلۈكمۇ؟ بۇ ئىتتىپاقنىڭ چېكى نېمە؟ ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى قەيەردە ئايرىلىدۇ؟ ئافغانىستاننىڭ يېڭى ۋەزىيىتى موسكۋا – بېيجىڭ مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ھۆكۈمران دۇنيا تەرتىپىنىڭ كۈچى ئاجىزلىشىۋاتقان پەيتتە دۇنيا سىياسىتىدە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تەسىرى كۈچىيىۋاتىدۇ: روسىيە ھەربىي كۈچى بىلەن، خىتاي ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچى بىلەن.
ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس ۋە ئۇلار غەربنىڭ مەلۇم جازالىرىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇنىڭغا پاراللېل ھالدا، موسكۋا بىلەن بېيجىڭنىڭ مۇناسىۋىتى كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار تارىختىكى ئەڭ ياخشى دەۋرنى باشتىن كەچۈرۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى ۋە تالىبانلارنىڭ رايوننى كونترول قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى تېخىمۇ مۇھىم ھالەتكە كېلىشكە باشلىدى.
ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي – روسىيە ئىتتىپاقى ئۇزۇن مۇددەتلىكلمۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوقۇرۇشۇپ قالىدىغان مەنپەئەتلىرى بارمۇ، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىتتىپاقنىڭ شەكىللىنىشىدە قانداق تەسىرى بار؟ دېگەندەك سوئاللارنى ئەسكە سالىدۇ. بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى ئىزدەش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە بولغان گۇمانلىق يېقىنلىشىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش ۋە خىتاي – روسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش كېرەك.
ئىمپېرىيەلەر دەۋرىدىن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىگىچە خىتاي ۋە روسىيە
روسلارنىڭ ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە كېڭىيىشى جۇغراپىي جەھەتتىن شەرققە قاراپ تەرەققى قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ زېھنى ھەرۋاقىت غەربكە بۇرالغانىدى. موڭغۇللارنىڭ ھۇجۇمى ۋە روسلارنىڭ 250 يىلغا يېقىن (13 -ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە) تاتار – موڭغۇل مۇستەبىتلىكىدە قېلىشى روسلارنىڭ كىملىكىنىڭ ۋە ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. روس ياۋرو – ئاسىيالىقچىلارنىڭ قارىشىچە ، تاتار – موڭغۇل ھۆكۈمرانلىقى دەرىجىدىن تاشقىرى روس مىللىتىنىڭ (1) بارلىققا كېلىشىگە، روسىيەنىڭ دۆلەتلىشىشىگە ۋە ياۋرو – ئاسىيا ئىمپېراتورىغا ئايلىنىشىغا زور تۆھپە قوشقان. روسىيەدىكى غەربچىلەر بولسا بۇ دەۋرگە باشقىچە قارايدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزىگە ۋە روسىيەدە ئۇمۇملاشقان پىكىرگە قارىغاندا؛ بۇ دەۋر روسلارنىڭ غەربلىشىشىنى كېچىكتۈرگەن ۋە روسىيەگە مۇستەبىتلىكنى مىراس قالدۇرغان «قاراڭغۇ دەۋر» ئىدى.
بۇ دەۋرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بولسا، روسلاردا ئاسىيانى ۋەھشىي دەپ قاراش خاھىشىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى بولۇپ، روسلارنىڭ بۇ قارىشى ئۇلارنىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.
19- ئەسىرگە قەدەر، خىتاي روسىيە ئۈچۈن يىراق بىر مەدەنىيەت ۋە رايونغا ۋەكىللىك قىلاتتى. 17- ئەسىردە روسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا بىر قىسىم چېگرا توقۇنۇشلىرى ۋە 1689- يىلى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تۇنجى قېتىملىق كېلىشىم (نېرچىنسك) بولغان بولسىمۇ، 19- ئەسىرگىچە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر ئۆز – ئارا تەسىر كۆرسىتىش بولمىدى. كېيىنكى دەۋردە خىتاي روسىيە ئۈچۈن ھەرۋاقىت گۇمان بىلەن قارىلىدىغان، ھەتتا تەھدىت دەپ كۆرۈلىدىغان دۆلەتكە ئايلاندى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي روسىيە خىتاينى يەنىلا كىچىك كۆرەتتى. 19- ئەسىردە خىتاينىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلانغان روسىيە چىڭ سۇلالىسى بىلەن تۈزگەن ئايگۇن (1858)، بېيجىڭ (1860) ۋە تارباغاتاي (1864) كېلىشىملىرى ئارقىلىق يىراق شەرقتە ئىمپېرىيىسىنىڭ كېڭىيىشىگە تۆھپە قوشتى.(2) بۇ ئەھۋال روسىيەنىڭ كېيىنكى ئەسىرگە قەدەر داۋاملىشىدىغان خىتايدىن ئۈستۈن ئىكەنلىك ئېڭىغا ئېگە بولۇشىنى ۋە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى گۇماننى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىمۇ خىتاي بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئېھتىياتچانلىق بىلەن داۋاملاشتى. سوۋېت ئىتتىپاقى خىتاينى كۆپ قېتىم قوللىغان بولسىمۇ، بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسدا بەزى مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىنى توسۇپ قالالمىدى. چېگرا توقۇنۇشلىرى يۈز بەردى،خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان تەيۋەن مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلەلمىدى ۋە ھىندىستان مەسىلىسىدە ئوخشىمىغان پوزىتسىيەلەردە بولدى. بۇ مەزگىلدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەتنىڭ كۆز قارىشى ۋە ئىنقىلابنىڭ ئۈچىنچى دۆلەتكە كېڭىيىشى توغرىسىدىمۇ پەرقلىق پىكىرلەر ئوتتۇرغا چىققان بولۇپ، نەتىجىدە «خىتاي – سوۋېت ئىتتىپاقى بۆلۈنۈشى» يۈز بەردى.
خىتاينىڭ كوممۇنىست رەھبىرى ماۋزېدۇڭ، ستالىندىن كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كاپىتالىستىك دۆلەتلەر بىلەن باشلىغان تىنچلىقنى ئاساس قىلىش ئۇسۇلىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇنى «يېڭى خىيانەتچىلىك» دەپ ئاتىدى ۋە كاپىتالىستىك دۆلەتلەر ۋە ئامېرىكىغا قارشى تېخىمۇ قاتتىق سىياسەتنى تەشەببۇس قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، روسلارنىڭ خىتايغا تۇتقان «چوڭ ئاكا» پوزىتسىيىسى بېيجىڭدا ئىزچىل بىئاراملىق پەيدا قىلىۋاتاتتى. ھەتتا، ماۋزېدۇڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە «سىلەر ھەرگىز خىتايلارغا ئىشەنمەيسىلەر، پەقەت روسلارغىلا ئىشىنىسىلەر. سىلەرچە، روسلار بىرىنچى دەرىجىلىك كىشىلەر؛ خىتايلار بولسا ئەخمەق ۋە پەرۋاسىز كىشىلەردۇر.» (3) دېگەنىدى.
سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىگە ئەگىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى مىخايىل گورباچېف دەۋرىدە خىتاي – سوۋېت ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى نورماللىشىشقا باشلىدى. گورباچېفنىڭ ئىسلاھاتى ۋە ئەركىنلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەن ئىدىيەۋى ئىتتىپاق ئاخىرلىشىشقا باشلىدى ۋە مۇناسىۋەتلەر تېخىمۇ رېئال ئاساستا مۇقىملىشىشقا باشلىدى.
خىتاي – روسىيە مۇناسىۋىتى نېمىشقا ۋە قانداق نورماللاشتى؟
سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن، خىتاي بىلەن روسىيە چېگرا مەسىلىسى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارى 100 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان بولۇپ، خىتاي روسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى ھېساپلىنىدۇ. روسىيە خىتايغا زور مىقداردا خام ئەشيا ۋە قورال – ياراق ساتىدۇ.
ئىككى دۆلەتنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشى ئىككى دۆلەتنى بىر – بىرىگە يېقىنلاشتۇرغان ئەڭ مۇھىم ئامىل بولدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا روسىيەنىڭ غەربلىشىش ۋە ئەركىنلەشتۈرۈش تىرىشچانلىقىنىڭ مەغلۇبىيىتى، غەربنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇغراپىيەسىدە تەسىرىنى كۈچەيتىشى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 1999-يىلى يۇگۇسلاۋىيەگە ئارىلىشىشى روسىيەنىڭ تاشقى دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ۋە ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
2000- يىلدىن كېيىن ، روسىيە ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ رەھبەرلىكىدە، سابىق روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېۋگېنى پىرىماكوفنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق تاشقى سىياسەت ئۇسۇلىغا ئاساسەن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇغراپىيىسى ۋە ياۋرو – ئاسىياغا يۈزلەندى. روسىيە 1990 – يىللاردىكى ۋىلادىۋوستوكتىن لىسبونغا «بۈيۈك ياۋروپا» تاشقى سىياسەت نەزەرىيەسىدىن، 2000- يىللاردىكى شاڭخەيدىن پېتېربۇرگقا «بۈيۈك ياۋرو – ئاسىيا» نەزەرىيەسىگە ئۆتتى. يېڭى نەزەرىيەگە ئاساسەن، روسىيە ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىق تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ قالدى. (4)
قىرىمنى يۇتۇۋېلىشى سەۋەبىدىن غەربنىڭ روسىيەگە قاراتقان ئىقتىسادىي جازاسى روسىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىگە سەۋەب بولدى. يېڭى تۈزىتىش(5) ۋە كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا سىستېمىسىنى تەلەپ قىلىدىغان ئىككى دۆلەت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەرشارى سىياسىتىدە ھەمكارلىشىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ھەم بىرازىلىيە، روسىيە ، ھىندىستان، خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق دۇنيادىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بەش چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ ئىچىدە ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا بىرگە بولۇشى خەلقئارا سىياسەتتىكى ئورنىنى بىر – بىرىگە يېقىنلاشتۇرىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي غەربكە قارشى ئىقتىسادىي كۈچ ، روسىيە ھەربىي كۈچ ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا.
ئەمما مۇناسىۋەتنىڭ ياخشىلىنىشىغا قارىماي، ئىككى دۆلەتنىڭ بىر قىسىم زىيالىي ۋە سىياسىي سەرخىللىرىدا ئېھتىياتچان پوزىتسىيە ۋە گۇمانلىنىش يەنىلا داۋام قىلىۋاتىدۇ.
ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى سىممېترىكمۇ؟
روسىيەدىكى غەربچىلەرگە نىسبەتەن، خىتاي روسىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسەتتە رىقابەتچىسى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق مەدەنىيەت يېقىنلىقى يوق بولۇپ، ئۇلار روسىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە خىتايغا پايدىلىق تەڭسىز سىممېترىكلىقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
ئۇلار يەنە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى روسىيەگە بىئاراملىق پەيدا قىلغانلىقىنى، بۇنىڭغا قارشى روسىيەنىڭ تىنچ ئوكياندىكى كېمىيىۋاتقان تەسىرىنى قايتىدىن كۈچلەندۈرۈشكە ئۇرۇنىشىنىڭ خىتاينى بىئارام قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، روسىيەنىڭ نوپۇسىنىڭ ئازىيىشى بىلەن تەڭ سىبىرىيەدە كۆپىيىۋاتقان خىتاي نوپۇسى روسىيەگە ئۇزۇن مۇددەتتە چاتاق چىقىرىش كۈچىگە ئىگە.
خىتاي – روسىيە مۇناسىۋىتى بۇزۇلامدۇ؟
ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قارىماي، خىتاي – روسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ قىسقا ۋە ئوتتۇرا مۇددەتتە ناچارلىشىشى مۇمكىن ئەمەستەك تۇرىدۇ. چۈنكى، خىتاي روسىيەگە قارشى بۇ سىممېترىك مۇناسىۋەتنى ئىشلىتىشكە ئۇرۇنمايۋاتىدۇ.
ئىككىنچىدىن، مۇناسىۋىتىنى ئۆز – ئارا ئىشىنىش ۋە ئەۋرىشىملىك ئۈستىگە ئورناتقان روسىيە بىلەن خىتاي رايون مەسىلىسىدە ئوخشاش پوزىتسىيەدە بولۇش ئۈچۈن بىر – بىرىگە بېسىم ئىشلەتمەيدۇ. بۇ نۇقتىدا، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان رىقابىتىدە، روسىيەنىڭ خىتاي بىلەن بىرلىكتە بىۋاسىتە ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. ھەتتاكى، خىتاي – ئامېرىكا كۈرىشى روسىيەگە مانېۋىر مەيدانى تەييارلاپ بېرىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، ئەتراپىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن كاشىلىسى بولغان ۋە ئىتتىپاقدىشى ئاز بولغان خىتايغا نىسبەتەن، روسىيە بىلەن رىقابەتلىشىش ئۆزىنىڭ تېخىمۇ يالغۇز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاخىرقىسى، روسىيەنى ئەمەس، بەلكى خىتاينى نىشان تاختىسىغا قويغان ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى دونالد ترامپقا ئوخشىمايدىغان، «ئامېرىكا يەنە قايتىپ كەلدى» دېگەن شوئار بىلەن سايلانغان ۋە غەرب ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئەركىن دۇنيا تەرتىپىنى قايتىدىن ئورنىتىشى ئۈمىد قىلىنغان جو بايدىننىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇشى، روسىيە ۋە خىتاينى يېقىنلاشتۇرغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ.
تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاننى كونترول قىلىشىدىن كېيىن، خىتاي ۋە روسىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى تېخىمۇ ئومۇملىشىدۇ ۋە بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىق كۆپىيىدۇ. خىتاي ۋە روسىيەنىڭ ئاۋغۇستتا ئېلىپ بارغان ھەربىي مانېۋىرىمۇ بۇ ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
گەرچە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي بىلەن روسىيەنىڭ قىسقا ۋە ئوتتۇرا مۇددەتتە مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىش ئېھتىماللىقى يوقتەك تۇرىدۇ.