بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى توغرىسىدا
ئاپتورى: ئەنۋەر ئەخمەت
بۇ نۆۋەتلىك بېيجىڭ 2022- يىللىق قىشلىق ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى، يېقىنقى زامان تارىخىدىكى كۈچلۈك قارشىلىق، نارازىلىققا دۇچ كەلگەن بىر قېتىملىق ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھىساپلىنىدۇ. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ دېپلوماتىك بايقۇت قىلىشى، خەلقئارادىكى 400 دىن ئارتۇق تەشكىلاتنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، خىتاي دۆلىتى خەلقئارا ئولېمپىك كومىتېتى، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بولغان ئېقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئولېمپىك تارىخىدىكى يازلىق ۋە قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىغا ساھىپخانلىق قىلىشتەك رىكورتنى ياراتتى.
ھازىرغا قەدەر بۇنداق بىر خەلقئارالىق چوڭ تەنھەرىكەت يىغىنى توغرىسىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەرلەردە سەلبىي مەزمۇن زور سالماقنى ئىگىلەپ، تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ تەنتەنىسى بارغانچە خۈنۈكلەشمەكتە. 2022- يىلى 02- ئاينىڭ 04- كۈنىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدىن باشلانغان، خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى، دۆلەت ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرى ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ نوپوزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئاساسلىق تېما بولۇپ تەشۋىق قىلىنىۋاتىدۇ.
خەلقئارادا، چوڭ كۆلەمدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، دىنىي ۋە تېخنىكا ساھەلەردىكى يىغىن، يىغىلىشلارنىڭ ئۆز ئالدىغا پىرىنسىپى ۋە دائىرىسى بولىدۇ. بۇنىڭ سىياسىي ۋە دېپلوماتىيەگە چېتىشلىق تەرىپى روشەن ئىپادىلەنمىسىمۇ ئەمما ئۇنىڭدىن خالى بولالمايدۇ. ئۇ بىر دۆلەتنىڭ نوپوزى ۋە ئۇنىۋېرسال كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ.
ئۇنداقتا، خىتاي دۆلىتى بۇنداق قارشىلىققا قارىماي ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىدى نىمە؟ قانداق نەتىجىگە ئېرىشتى دىگەنگە ئوخشاش سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن، ئۆزەم ئوقۇغان ماتېرىياللاردىن تۆۋەندىكىدەك يەكۈننى يىغىنچاقلاپ چىقتىم، دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى قۇرلاردا بولسۇن.
1. خىتاي دۆلىتى ئۆزىنىڭ بىر پارتىيەلىك، كومۇنىستىك دىكتاتور تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئىسپاتلاشنى مەقسەت قىلغان.
2. خەلقئارا دېپلوماتىيەدە ئۆزىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى كۆرسۈتۈش.
3. خەلقئارادا خۈنۈكلەشكەن ئۆبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن.
خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر پارتىيەلىك ۋە دوكتاتور تۈزۈمى غەرب ئەللىرىنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمىدىن ئەۋزەلمۇ؟
1) خىتاي دۆلىتى، غەرب ئەللىرىنىڭ مەبلىغى، تېخنىكىسى ۋە سودا جەھەتتىكى ئېتىبار بېرىش سىياسىتى تۈرتكىسىدە كېيىنكى 30 يىلدا ئۆزىنى خېلى ئوڭشاپ “تاماق يىدىڭمۇ؟“ دىگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. ئۆتكەن يىلى خىتاي دۆلىتى، ئۆزىنىڭ ئەڭ تۆۋەن كىرىم ئۆلچىمىنى خەلقئارانىڭ بىر دوللارلىق ئۆلچىمىدىن 0.70 دوللارغا چۈشۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما بىر ھەپتىدىن كېيىن خىتاينىڭ باش مىنىستىرى 600 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئېغىر نامراتلىقتا ياشايدىغانلىق ئىستاتىسكىسىنى ئېلان قىلدى.
2) خىتاينىڭ دۆلەت تۈزۈمىدە، شەرقىي تۈركىستاندا ئېرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا، كىشىلىك ھوقۇق ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە بولغاندىن تاشقىرى بۇ خىل ئەھۋال تەدرىجى خىتاي دۆلىتىدە ئومۇملىشىشقا يۈزلەنمەكتە. دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرماي، خوڭ كوڭنى ئۆزىنىڭ ئىچكى رايونىغا ئايلاندۇرۇۋالدى.
3) خىتاي دۆلىتىنىڭ 87% دىن ئارتۇق ئېقتىسادىنى، 13% گىمۇ يەتمەيدىغان، كوممۇنىست پارتىيە ھوقۇقدارلار گوروھى مونوپول قىلىۋالغان بولۇپ، پۈتكۈل خىتاي جەمئىيىتىدە ئېغىر دەرىجىدىكى ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنىش مەۋجۇت.
4) خىتاي دۆلىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، پۈتكۈل خىتاي جەمئىيىتىدە ئەرلەرنىڭ سانى كۆپ، چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى شەھەرلەردە ياشانغانلار كۆپ بولۇش، ئاياللارغا ئېتىبارسىز قاراش قاتارلىق بىنورماللىق بارلىققا كەلدى.
5) غەربنىڭ ھەر ساھەدىكى ياردىمى بىلەن شەكىللەنگەن ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە نوقۇل ئېكىسپورت، دۆلەت ئىچىدە بولسا ئۆي- مۈلۈك تىجارىتىگە تايىنىشتەك ئەھۋال بارلىققا كېلىپ، 2018- يىلى، خىتاينىڭ خەلقئارا پىرىنسىپلارغا رىئايە قىلماسلىقى سەۋەپلىك پەيدا بولغان سودا كىرىزىسىدا ئىقتىساتنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭ بىلەن زەنجىرسىمان پەيدا بولغان ئىشسىزلىق نىسبىتى ئۆرلەش، ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق ۋە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەتتىكى قانۇنىي ئورنىغا ئېغىر خىرىس ئېلىپ كەلدى.
6) كورونا ۋىرۇسى باشلانغان 2 يىلدىن بۇيان، خىتاي دۆلىتىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىگى سەۋەپلىك دۇنيا ئېغىر بۆھراندا تۇرۇۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتى تۇرتكىسىدە، خىتاي دۆلىتىدە ئېغىر ئىجتىمائىي، سىياسى داۋالغۇش پەيدا قىلدى. ھازىرغىچە ۋىرۇس سەۋەپلىك ئۆلگەنلەر توغرىسىدا خىتاي دۆلىتى ئىزچىل ساختىلىق قىلىپ كەلمەكتە.
7) يۇقۇرى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت بويىچە پۇخرالارنى نازارەت قىلىش سېستىمىسىنى ئورنۇتۇپ، ساقچى دۆلىتى بەرپا قىلدى. ھەتتە بۇ خىل سېستىما شەرقىي تۈركىستاندا ھەر- بىر ئائىلىلەرگىچە ئومۇملاشتۇرۇلدى.
» (8بىر يول بىر بەلباغ» پىلانى بويىچە، خىتاي دۆلىتى 100 دىن ئارتۇق دۆلەتكە مەبلەغ سېلىش باھانىسىدە نۇرغۇن دۆلەتلەرنى تۆلىيەلمەس قەرزگە بوغۇپ قويدى. يۇقۇرى ئۆسۈمدە قەرز بېرىپ، تۆلىيەلمىگەن دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز پورتى قاتارلىق ئەسلىھەلىرىنى مونوپول قىلىۋالدى.
9) تۈرلۈك ۋاستىلەر بىلەن خەلقئارالىق ئورگانلارغا سىڭىپ كىرىپ، پىرىنسىپقا ئايلانغان دۇنياۋى تەرتىپ، قائىدىلەرنى بۇزۇۋاتىدۇ. ھەتتا بىر قىسىم دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۆزىنىڭ دىكتاتور تۈزۈمىنى، كېڭەيمىچىلىكىنى قوبۇل قىلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ.
10) خىتاي جەنۇبىي دېڭىزىدا ئېغۋاگەرچىلىك قىلىپ، قوشنا دۆلەتلەردە تەھدىت پەيدا قىلدى. بۇ خىل ئەھۋال نۆۋەتتە رايون ۋە دۇنيا خارەكتېرلىق ھەربىي ھازىرلىقنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەپ بولدى. خىتاي دۆلىتىنى، دۇنيانىڭ تېنچلىقى ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارايدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى بارغانچە كۆپەيمەكتە.
دىمەك يۇقۇرىدا قەيت قىلىنغان نۇقتىلار خىتاينىڭ بىر پارتىيەلىك، دىكتاتور تۈزۈمىنىڭ دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى «ئەۋزەللىكى» نى تولۇق نامايەن قىلىشقا يىتەرلىك ئەمەس.
تۆۋەندە خىتاي دۆلىتىنىڭ خەلقئارا دېپلوماتىيەدە يالغۇز ئەمەسلىك تەرىپىگە قاراپ باقايلى:
خىتاي دۆلىتى، بۇ نۆۋەت ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەتتا قىشلىق تەنھەرىكەت كوماندىسى بولمىغان دۆلەت رەھبەرلىرىدىن تۈرلۈك ۋەدىلەر بىلەن پەقەت 21 دۆلەتنىڭ رەھبىرىنى تەكلىپ قىلالىدى. كەلگەن مېھمانلار، پۇتىندىن باشقىسى كىچىك دۆلەتلەر ۋە بىر قىسىملىرى خىتاي دۆلىتى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش ۋەدىسى بەرگەنلىكى ئۈچۈن كېلىپ قاتناشقان. پۇتىن ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئېزىز مېھمانلار مۇنبىرىدە بولماستىن، بەلكى باشقا ئورۇندا ئولتۇرغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ خىتاي دۆلىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى روشەن ئىپادىلىدى. پۇتىن ئەسلى ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇكرانىيە كىرىزىسىدا، غەربنىڭ جازالىشىغا ئۇچراپ قالسا، كېلىپ چىقىدىغان زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش غېمىنى قىلىشقا، خىتاي دۆلىتى بىلەن ئېنىرگىيە سودا توختىمى ئىمزالاشقا بارغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېنىرگىسىنى يۇقۇرى باھا ۋە ياۋرو ئوبوروتىغا ساتقان پۇتىن، خىتاينىڭ دۆلەت زىياپىتىگىمۇ قاتناشماستىن 9 سائەت ئىچىدە كېلىپ كېتىپ بولغان.
-2008يىلىدىكى بېيجىڭ يازلىق ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋە 54 چوڭ دۆلەت رەھبەرلىرى، يۇقۇرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەمەلدارلىرى بولۇپ جەمئىي 80 دىن ئارتۇق دولەتنىڭ رەھبەرلىرى كەلگەن. بۇ نۆۋەت پەقەت 21 دۆلەتتىن كەلگەن، پۇتىندىن باشقىسى كىچىك دۆلەتلەر ۋە بىر قىسىملىرى خىتاي دۆلىتىدىن ئېقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم ئېلىشقا كەلگەنلەر. بۇ نۇقتىلار خىتاي دۆلىتىنىڭ، خەلقئارا دېپلوماتىيەدە يالغۇزلۇققا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئاخىرقى نۇقتىدا، خىتاي دۆلىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى قايتا تىكلەش نىشانىمۇ بىكار بولدى. بۇ يىلقى، خىتاي دۆلىتىنىڭ 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ئۈچۈن تۆھپە ھازىرلاشمۇ ئىشقا ئاشمىدى.
1. ئولېمپىك مەشئىلىنى ئۇيغۇرغا كۆتەرتكۈزۈپ، خەلقئارادا ئۇيغۇر ئېرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەپلىك خۈنۈكلەشكەن ئۆبرازىنى تېخىمۇ چۈشۈردى. چۈنكى ئەينى چاغدا گېتلېرمۇ يەھۇدىلارغا ئولېمپىك مەشئىلىنى كۆتەرتكۈزگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال شى جىنپىڭ بىلەن گېتلېرنىڭ ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللانغانلىقىنى نامايەن قىلدى.
2. خىتاي دۆلىتىنىڭ چويلاتوپ ماھىرى، پېڭ شۇاينىڭ جىنسىي سەتچىلىك ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭ 8 بالىنىڭ ئانىسى ۋەقەسى، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئولېمپىك تەنتەنىسىگە زور سەلبى ئىنكاس ياراتتى.
3. ئۇكرانىيە كىرىزىسىدىكى، روسىيەنىڭ ناتوغا قارشى مەيدانىنى قوللاپ، ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارشى بىرلىكسەپ بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى توڭلۇتۇپ قۇيۇلغان „ئۆز -ئارا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى“ نىڭ ئەسلىگە كېلىشى كۆپۈككە ئايلاندى.
4. مۇسابىقە جەريانىدىكى ناھەقسىزلىق ۋە جەنۇبىي كورىيەنىڭ خىتاي تەرەپتە تۇرۇشىدەك ئەھۋالنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ ياپونىيە ۋە ئامېرىكا تەرەپكە ئۆتۈپ، خىتايغا قارشى بىرلىكسەپ بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ ھەپتە ئېلىپ بېرىلغان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى راي سىناشتا، خىتاي تەرەپنى ياقىلايدىغانلار 43%، ئامېرىكا تەرەپنى ياقىلايدىغانلار 57% گە چىققان.
5. ئارگېنتىنانى قوللاپ فالىكلاند ئارىلى توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتلىرى، ئەنگىلىيەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە تېخىمۇ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا سەۋەپ بولدى.
6. ياۋروپا ئەللىرىدىن بارغان تەنھەركەتچىلەرنىڭ، مۇسابىقە جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرى غەرب ئەللىرىدىكى نوپوزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋەر قىلىدىغان ئاساسلىق تېمىسىغا ئايلاندى. يىغىنچاقلىغاندا، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەسلىدىلا خۈنۈكلىشىپ بولغان سەلبى ئوبرازىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقى بىكارغا كەتتى.
يۇقارقىدىكىلەردىن باشقا خىتاي دۆلىتى بۇ نۆۋەت، ئولېمپىك تەنھەرىكەت تارىخىدىكى تۆۋەندىكىدەك „بىرىنچى“ لىكنى ياراتتى.
1. كىشىلىك ئەخلاقسىزلىقتا بىرىنچىلىكنى ياراتتى. ھەر ساھەدىكى مۇلازىمەتتە، ئۆزىنىڭ تېخنىكا كۈچىنى نامايەن قىلىمەن دەپ ئادەمسىز مۇلازىمەتنى يولغا قويۇپ، „ماشىنا ئادەم“ نى ئىشلەتتى.
2. تەنھەركەتچىلەر ۋە رېپىرلارنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكى ئەڭ ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچراشتا بىرىنچىلىكنى ياراتتى. ئۇلار ھەر تەرەپتىكى كۈچلۈك نازارەت ئاستىدا مۇسابىقىگە قاتناشتى.
3. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلار، ئۆزىنىڭ شەخسى ئالاقە ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قېلىشتىكى بىرىنچىلىكنى ياراتتى.
4. تەبىئىي قار بولمىغان، سۈنئىي ئۇسۇلدا ياغدۇرۇلغان قاردا تېيىلىش بويىچە بىرىنچىلىكنى ياراتتى. 49 مىليون كۇپ مېتىر سۇ بىلەن سۈنئىي ئۇسۇلدا قار ياغدۇرۇپ، ئەسلىدىلا سۇ قىيىنچىلىقى بولغان بۇ رايوندا ئېغىر ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەپ بولدى.
5. ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنشقانلارنىڭ تۇرالغۇسى سوغوق ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلار ناچار بولۇشتا بىرىنچىلىكنى ياراتتى. تۇرالغۇنىڭ سوغۇقلىقىغا شىمالى ياۋروپادىن كەلگەنلەرمۇ شىكايەت قىلغان. ھەتتا روسىيە كوماندا ئەزالىرىمۇ يىمەكلىكلەرنىڭ ئاز ھەم ناچارلىقىدىن شىكايەت قىلغان.
6. مۇسابىقە جەريانىدا ناھەقچىلىق بويىچە بىرىنچىلىكنى ياراتتى.
7. خىتاي دۆلىتى، ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ۋاستە قىلىپ كۆزلىگەن خەلقئارالىق ئۆبرازىنى ياخشىلاشتا ئەڭ ناچار ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.
خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ نۆۋەت ئېرىشكىنى پەقەتلا، روسىيەنىڭ قىممەت باھالىق ئېنىرگىيىسى، ئارگېنتىنا بىلەن ئىمزالانغان سودا توختاملىرى ۋە ئارگېنتىنانىڭ „بىر يول بىر بەلباغ“ قۇرۇلۇشىغا قېتىلىشى بولدى. خىتاي دۆلىتىنىڭ ئولېمپىكنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پىلانلىغان مەبلىغىمۇ ئەمىلىيەتتە 10 ھەسسىدىن ئارتۇق ئېشىپ كەتكەن.
خىتاي دۆلىتىنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشى، ئولېمپىك روھىنىڭ“ دوستلۇق، باراۋەرلىك ۋە ئورتاق تەرەققىيات“ پىرىنسىپىغا خىلاپ. 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى، خەلقئارا ئولېمپىك كومىتېتى ۋە ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى تارىخىغا مەڭگۈ ئۆچمەس قارا داغ قالدۇردى.
-2022يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى گېرمانىيە
پايدىلانغان مەنبەلەر:
https://www.lkz.de/sport_artikel,-olympia-in-china-deutsche-athleten-loben-coole-spiele-_arid,672983.htmlhttps://www.sportschau.de/olympia/film-tibet-100.htmlhttps://www.zdf.de/nachrichten/sport/olympia-peking-2022-geisenberger-china-kritik-lanz-16-februar-2022-100.htmlhttps://www.bing.com/videos/search?q=nachrichten+%c3%bcber+china+olimpik+spiele&docid=20762009568648&mid=144828E67B842906358E144828E67B842906358E&view=detail&FORM=VIREhttps://www.bing.com/videos/search?q=nachrichten+%c3%bcber+china+olimpik+spiele&docid=20693673122711&mid=643B9343FD66C149D956643B9343FD66C149D956&view=detail&FORM=VIREhttp://www.geschichte-in-5.de/index.php/11-britische-inseln/94-der-falklandkrieg