«جەڭچى ئاكامغا» دىن تۇغۇلغان تېيىپجان ئېلىيوف
بۈگۈن، 19-فېۋرال 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىلىرىدىن ۋە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى تېيىپجان ئېلىيوف ۋاپات بولغان خاتىرە كۈنى.
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ 1944-1949-يىللىرىدىكى مۇستەقىللىق، ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ ئاشۇ شىددەتلىك كۈرەشلىرىدە دۈشمەن قولىدىن تارتىپ ئالغان قوراللار بىلەن قوراللىنىپ، پۈتۈن ۋەتەننى ئازاد قىلىش يولىغا ئاتلانغان ئوغۇل-قىزلار قاتارىدا، ئۆزىنىڭ تۇنجى شېئىرىنى « جەڭچى ئاكامغا» دەپ ئاتاش بىلەن ئەنە شۇ جەڭچىلەر روھىغا بېغىشلاپ، ئاخىرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان تېيىپجان ئېلىيوفنىڭ ۋاپاتى خاتىرە كۈنىدە مەرھۇمنى ياد ئېتىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. تېيىپجان ئېلىيوف دېگەن بۇ جاراڭلىق ئىسىمنى تەكرارلىغىنىمىزدا كۆز ئالدىمىزدا ئوخشاشلا مەرھۇم بىلەن دەۋرداش، سەپداش بولغان ئاشۇ «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» ۋە «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنى ھەم «كۈرەش»، «ئىتتىپاق» ژۇرناللىرىنى بازا قىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىلىرى ئەنۋەر ناسىرى، زۇنۇن قادىرى، نۇربوساقوف، ئەلقەم ئەختەم، ئابدۇلھەي روزى، تاجىدىن قادىرى، داۋۇت تۇرەخمەتوف، كېۋىر نىيازى، تۇرسۇن قاھارى، ئابدۇرېشىت ئىمىن، خېلىل ھەمراھ، تۇرغۇن ئالماس، نىمشېھىت ئەرمىيە ئېلى ۋە باشقىلار نامايان بولىدۇ.
شۇنىڭدەك يەنە خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى يەتتە ۋىلايەتتىكى لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئەخمەت زىيائىي، ئابدۇللا روزى، رەخمىتۇللا جارى، ئىمىن تۇرسۇن ۋە باشقا ئونلىغان ئەدىبلىرىمىزمۇ ئوخشاشلا كۆز ئالدىمىزدىن ئۆتىدۇ. تېيىپجان ئېلىيوف شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئەدەبىياتىنىڭ ياش ۋەكىللىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ئەدەبىيات سېپىگە قوشۇلۇپ، ئاخىرى خىتاي كومپارتىيەسى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز كونتروللۇقىغا ئالغاندىن كېيىنكى بويۇنتۇرۇق ئاستىدىكى مۇستەملىكە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا باشقا پېشقەدەم ئەدىب سەپداشلىرى بىلەن بىرگە مىللىتىمىز مەدەنىيىتى-ئەدەبىيات-
مۇتلەق كۆپ قىسىم نامايەندىلىرىمىز 1949-يىلىدىن كېيىن توختاۋسىز ئېلىپ بېرىلغان « ئۈچكە قارشى» « بەشكە قارشى»، «ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى تازىلاش»، «يەرلىك مىللەتچىلەرگە زەربە بېرىش»، «سوتسىيالىستىك تەربىيە» ھەرىكەتلىرى، شۇنىڭدەك « مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ۋە باشقا تارىختا كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى مۇرەككەپ، ھەرخىل لوزۇنكىلار، قاتمۇ-قات سىياسىي كۈرەشلەر، بېسىملار، جازالاشلار، قالپاقلار، زۇلۇملار ھەم ھەر ۋاقىت ئۆزىگە كېلىدىغان خەتەرلەر ئاستىدا خۇددى يورۇق يۇلتۇز كەبى پارلىدى. ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ باشلىرىغا كەلگەن بۇ خىل بېسىم، چەكلىمە، زەربە، قامال، كونتروللۇق دۇنيادا باشقا ھېچقانداق ھۆر خەلق ئەدىبلىرى ئۇچرىمىغانىدى.
ئەدىبلىرىمىز، نامايەندىلىرىمىز ئۆز ئىرادىسىگە، ئۆز خاھىشىغا، ئۆز ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولمىغان، يەنى بەلگىلەپ بېرىلگەن، تېڭىلغان «ئۇلۇغ داھىي ماۋ زېدوڭ»، «ئۇلۇغ پارتىيە» نى مەركەز قىلغان سىياسىي شوئارلار ۋە رامكىلار بىلەن ئۆز ئىجادىيەتلىرىگە قىسمەن داغلارنى چاچقان بولسىمۇ، لېكىن چۈشىنىشچان، ئەقىللىق، ئاق كۆڭۈل خەلقىمىز، شاكىلىنى ئىلغاپ چىقىرىۋېتىش ئۇسۇلى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ نامايەندىلىرىنى ئۆزلىرى تىكلىدى ۋە قەدىرلىدى. تېيىپجان ئېلىيوف ئەنە شۇ خەلق تىكلىگەن ۋە سۆيگەن شېئىرىيەت نامايەندىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. خەلقىمىز ئاشۇ دەۋرلەر ئەدىبلىرىمىز ئىجادىيەتلىرىدىكى دەۋر داغلىرىنى چۆرۈۋېتىپ، ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ ئىجادىيەتلىرىنىڭ خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان قىسىملىرىنى ئەسلىرىدە چىڭ تۇتتى ۋە بۇلارنى ئاشۇ نامايەندىلىرىمىز ئىجادىيىتىنىڭ ھەقىقىي ئەسەرلىرى، ھەقىقىي پىكىرلىرى ۋە تۆھپىسى دەپ چۈشەندى.
خۇددى بۈگۈنكى ئۆزبېك، قازاق، ئەزەر، تۈركمەن، تاجىك ۋە باشقىلار رۇس-سوۋېت سوتسىيالىستىك تۈزۈمىدە لېنىنىزىم، ستالىنىزم، ماركسىزم ۋە «ئۇلۇغ پارتىيە»، «ئۇلۇغ داھىي»، «ئۇلۇغ سوۋېت خەلقى» لوزۇنكىسى ئاستىدا ئۆز مىللىي ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىلىرى بولۇپ شەكىللەنگەن ئەربابلىرىنى مۇستەقىللىق دەۋرىدە يەنە يېڭىدىن باھالاپ، ئۇلاردىكى دەۋر مەجبۇرىيىتى تاڭغان سىياسىي رەڭلەرنى، يەنى شاكاللارنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇلارنى ئوخشاشلا ئۆز مىللىي ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىلىرى سۈپىتىدە تىكلىگەندەك بىزمۇ ئەركىن مۇھىتتا ئۆز نامايەندىلىرىمىزنى قايتىدىن باھالاپ چىقالايمىز ئەلۋەتتە.
تېيىپجان ئېلىيوف ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى، ئۇنىڭ بىلەن دەۋرداش بولغان ئەدىبلىرىمىز بولمىغان بولسا، بىزنىڭ مىللىي ئەدەبىياتىمىز تەرەققىي قىلمايتتى ۋە بۈگۈنكى كۈنىمىزگە ئۇلاشقان ئەدەبىياتىمىز بولمايتتى. دېمەك، دەۋرلەر بىر-بىرىگە ئۇلاندى ۋە ئۇلىنىدۇ.
تېيىپجان ئېلىيوف ۋە باشقا بارلىق ئۆتۈپ كەتكەن نامايەندىلىرىمىز نۇر ئىچىدە ياتقاي! روھلىرى ھەرزامان شات بولغاي!