You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » 3-قېتىملىق ئۇ.ئا. ئانا تىل مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچۈن پەخرى رەئىسىمىز دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ تەبرىك سۆزى

3-قېتىملىق ئۇ.ئا. ئانا تىل مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچۈن پەخرى رەئىسىمىز دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ تەبرىك سۆزى

0IMG_0472

ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى، مېھمانلار، دوستلار،

ئۇكىلار ۋە سىڭىللار:

بۈگۈن سىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم،
ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك، ۋە ئىنتايىن قىممەتلىك بولغان بىر ئىشنى ئېلىپ
بېرىۋاتىسىلەر.  يەنى سىلەر ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى
بىلەن، ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىپ، 21-فېۋرال خەلقئارا ئانا تىل
بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۈگۈنى بىلەن
كەلگۈسى ئۈستىدە ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىۋاتىسىلەر.  مەن گەرچە ھازىر
يەر شارىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بولساممۇ، مۇشۇ خېتىم ئارقىلىق
ھەممىڭلارنى مۇشۇ پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن قىزغىن
تەبرىكلەيمەن—مۇبارەك بولسۇن!  ھەمدە سىلەرگە چىڭ كۆڭلۈمدىن تەشەككۇر
ئېيتىمەن—سىلەرگە رەخمەت!

سىلەرمۇ ئاڭلىغان بولىشىڭلار مۇمكىن: بۇ يىل ئۇيغۇر دىيارىدا تۇنجى بولۇپ
ئاتالمىش «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سىنىپىدا ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار
ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپتۇ.  كىشىنى ناھايىتى ئېچىندۇرىدىغىنى، ئۇيغۇرچە
تور بەتلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ بالىلار ئوقۇش ۋە يېزىش
جەھەتتە ئۇيغۇرچىدىمۇ تولۇق ساۋاتلىق بولالماپتۇ، خەنسۇچىدىمۇ ھەم
شۇنداق.  كەسپىي دەرسلەردە باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن سەۋىيىگە
يەتكەنلىكىدىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەسكەن.  مەن ئۆزەمنىڭ يېقىنقى
ماقالىلىرىدە بايان قىلىۋاتقىنىدەك، يەھۇدىلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى
ساۋاتلىق بولۇپ بولغىنىغا ھازىر 1900 يىلدىن ئاشتى.  ئۇيغۇرلار بولسا
ھازىرمۇ ساۋاتسىز قېلىۋاتىدۇ.

بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلق قانۇن دائىرىسى ئىچىدە
قولىدىن كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.  ئۇلار ئانا تىل
يېسىلە ئېچىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ.
بالىلىرىنى ئانا تىلدا ئۆيىگە ئۆگىتىش ئارقىلىق ساۋاتلىق قىلىش يولىدا
ئىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.  بەزىلىرى قانۇنىي ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، ھازىرقى
ئاتالمىش «قوش تىل مائارىپى» سىياسىتىنىڭ خاتا سىياسەت ئىكەنلىكى
ئاساسىدا، مائارىپ ئورۇنلىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا تەمشىلىۋاتقانلارمۇ
بار.  مەسىلەن، بىر قېرىندىشىمىز بىر ئۇيغۇرچە تورغا مۇنداق دەپ يېزىپتۇ:

نەقىل:
مائارىپ ئىدارىسى ئۈستىدىن ئەرز
قېرىنداشلار، ھازىر مىللىي مائارىپىمىزنىڭ پاتقاققا قانچىلىك پېتىپ
كېتىۋاتقانلىقىنى ئۆزۈڭلارمۇ كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر. بۇ يىل ئوتتۇرا مەكتەپكە
چىققان تۇنجى قارار ئاتالمىش «قوش تىللىق» ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىكى
ساۋاتسىز بالىلارنىڭ نىسبىتى مىللىي مائارىپىمىزنىڭ مەغلۇبىيىتىنى «مانا
مەن» دەپ ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بۇنىڭغا ئاھ ئۇرۇپ، قايناپ – قاقشىغان بىلەن
ئىش پۈتەمدۇ؟ ئاقىۋەت زىيان كىمگە بولىدۇ؟
مەن بۇ توغرىدا كۆپ ئويلىنىپ، ئاخىرى مائارىپىمىزدىكى مەغلۇبىيەتنىڭ باش
جاۋابكارى – مائارىپ ئىدارىسى دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە
ئەرز سۇنۇشنى لايىق تاپتىم. بىراق مەن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ
باقمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مەن ھېس قىلغان جىنايەت
پاكىتلىرى قانۇنغا ئۇيغۇن بولدىمۇ-يوق؟ بۇنى تورداشلار بىلەن
مەسلىھەتلىشىپ، بىرلىكتە ئەرز سۇنۇش ئۈچۈن، بۇ ئەرزنامىنى تورغايوللىدىم.
تورداشلار، بولۇپمۇ ئادۋۇكاتلارنىڭ كۆرۈپ بېقىپ، مەسلىھەت بېرىشىنى،
چۈشۈپ قالغان پاكىتلار بولسا تولۇقلاپ قويۇشىنى ھەمدە مەن بىلەن بىرگە
مىللىي مائارىپىمىز ئۈچۈن دەۋاگەر بولۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
نەقىل تۈگىدى.

ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقىمىزنىڭ قانچىلىك قىيىن شارائىت ئاستىدا
ياشاۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە ئايان.  شۇنداق بولىشىغا قارىماي، ئۇلار مەن
يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمدەك ئىشلارنى قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ.  ئانا تىلنى
قوغداش يولىدا قولىدىن كېلىشىچە ئىزدىنىۋاتىدۇ، ۋە تىرىشىۋاتىدۇ.

ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىنىڭ 2013-يىللىق «قوش تىل مائارىپى يىللىق
ئىلمىي دوكلاد يىغىنى» بۇ يىل 13-فېۋرالدىن 16-فېۋرالغىچە مەن تۇرىۋاتقان
يەرگە 100 كىلومېتىر كېلىدىغان «لوڭ بىچ» دېگەن شەھەردىكى بىر چوڭ
كونفراتسىيە مەركىزىدە ئېچىلدى.  مەن 15-فېۋرال كۈنى بۇ يىغىندا دۇنياغا
تونۇلغان يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل مۇتەخەسسىسلىرىدىن بىر
قانچىسى دوكلاد بېرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق
بولغان، دۇنيادا تونۇلغان يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل
مۇتەخەسسىسى كاڭاس خانىممۇ بارلىقىنى ئاڭلاپ، يىغىن ئورۇنلاشتۇرغۇچىلىرى
بىلەن ئالدىن ئالاقىلىشىپ، ئۇلاردىن ئۆزەمنىڭ بىر كۈنلۈك يىغىنغا
قاتنىشىشى ئۈچۈن ئىجازەت ئالدىم.  ھەمدە 15-فېۋرال كۈنى ئىشتىن سوراپ،
ئاشۇ يىغىنغا بېرىپ، بىر كۈن ئىلمىي دوكلاد ئاڭلىدىم.  ئۇ كۈنى كاڭاس
خانىم بىر ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىس سۈپىتىدە 3 سائەت ئىلمىي
دوكلاد بەردى.  ھەمدە ئۆزىنىڭ بارلىق بوش ۋاقىتلىرىنى ماڭا ئاجراتتى.
بىز كۆپ پاراڭلاشتۇق.  كەچتە مەن ئۇ خانىمنى لوس ئاڭېلېس شەھىرىدىكى بىر
كىچىك ئۇيغۇر رېستۇرانتىغا ئاپىرىپ، كاۋاپ، لەغمەن ۋە گۆش-نان بىلەن
مېھمانمۇ قىلدىم.  ئۇ خانىمنىڭ نەزىرىدىمۇ ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا
قويىلىۋاتان، باشلانغۇچ 3-سىنىپىغا چىقمىغىچە ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئانا
تىلنى ئۈگەتمەيدىغان ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» تۈزۈمى پۈتۈنلەي خاتا
بولۇپ، ئۇ خانىم بۇنى تىل جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەدەنىيەت
جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ۋە ئىنسانىيەت ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن بىر
جىنايەت، دەپ قارايدىكەن.  ئىلمىي ئاساستىكى توغرا «قوش تىللىق مائارىپ»
بويىچە بولغاندا، ئۇيغۇر بالىلىرىغا 4-سىنىپقا چىققىچە ھەممە دەرس ئانا
تىلدا ئۆتىلىشى، 4-سىنىپقا چىققىچە خەنسۇ تىلى ئۆتۈلمەسلىكى، ۋە
تەبىئىي-پەن دەرسلىرىنى خەنسۇ تىلىدا ئۆتۈش ئوتتۇرا مەكتەپتە باشلىنىشى
كېرەك ئىكەن.

بۈگۈن سىلەر چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن
مۇشۇنداق بىر ئەھمىيەتلىك ئىشنى ئېلىپ بېرىپ، ئانا تىلنى قوغداش، ئۇيغۇر
مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈش يولىدا ئۆزۈڭلەرنىڭ بىر كىشىلىك بۇرچىنى ئادا
قىلىۋاتىسىلەر.  مىللەتپەرۋەرلىك، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، مىللەتنىڭ
غېمىنى يېيىش دېگەن مۇشۇنداق بولىدۇ.  مەن سىلەردىن ناھايىتىمۇ
پەخىرلىنىمەن!  سىلەردىن ناھايىتى سۆيۈنىمەن!  ئاخىرىدا مەن سىلەرنىڭ
بۈگۈنكى بۇ پائالىيىتىڭلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىشىغا چىن كۆڭلۈمدىن
تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!

مەن بۇ تەبرىك خېتىمنى بۇرۇنقىدەكلا ئۆزەمنىڭ «ئانا تىل نېمە ئۈچۈن
ئىنتايىن مۇھىم؟» دېگەن ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئىشلەتكەن، ئانا تىل
توغرىسىدىكى بىر قانچە داڭلىق سۆزلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن (بۇ
سۆزلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى ئاشۇ ماقالىدا بار):
–تىل ھەر بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ئېگىز مۇنارى. ئەگەر ئاسسىمىلياتسىيە
بىر مىللەتنىڭ كىملىكىنى بىتچىت قىلىۋېتىدىكەن، ئۇ مىللەتنىڭ خەلقىمۇ
يوقىلىدۇ.

–تىل بىلەن مەدەنىيەت يالغۇز سۆز بىلەن سۆز بوغۇملىرى بولۇپلا
قالماستىن، بەلكى ئۇلار ئادەم بىلەن ياراتقۇچىنى ئۆز-ئارا ئالاقىلاشتۇرۇپ
تۇرىدىغان نەرسە.  ئەگەر مەن ئۆز تىلىمدا ئايەت ئوقۇيالىسام، ئۇ خۇددى
بىر جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىن چىققاندىن كېيىن ئالغان تۇنجى نەپىسىمگە
ئوخشاش ئىش بولىدۇ.  تىل بىلەن مەدەنىيەت بىز بىلەن ياراتقۇچىنى ئۆز-ئارا
باغلاپ تۇرىدىغان ھەمرەيدىن ئىبارەتتۇر.

–تىل بىلەن مەدەنىيەتنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار
ئايرىلىۋېتىلىدىكەن، تىل پەقەت بىر قورال، ياكى بىر نەرسىگە ئايلىنىپ
قالىدۇ.  بىزنىڭ تىلىمىز بىلەن مەدەنىيىتىمىز بىزنىڭ كىملىكىمىز بولۇپ،
ئۇلارنىڭ بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى، بىزنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىمىزنى، ۋە
بىزنىڭ نەگە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
–بىز مۇشۇ زېمىندىن، ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇ ماكانىدىن كەلگەن. بىز مۇشۇ
زېمىنغا مەنسۇپ، ۋە ئۇنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى مۇشۇ
زېمىندىن تاپىمىز.  بىزنىڭ تىلىمىز بىزنى مۇشۇ بىر ھەقىقەتكە
قايتا-قايتىلاپ ئېلىپ كېلىدۇ.  بۇنى تولۇق چۈشىنىش بىزنىڭ ئۆز تىلىمىز
بىلەن ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاش، كۈچەيتىش ۋە كېڭەيتىشىمىزنىڭ نەقەدەر
مۇھىملىقىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن ناھايىتىمۇ زۆرۈر.

–ئانا تىلىمىز ياراتقۇچىمىزدىن كەلگەن بىر سوۋغات.  بۇنداق مۇقەددەس
سوۋغاتنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ تۇرۇش، ئۇنىڭ يوقۇلۇپ
كېتىشىگە يول قويماسلىق كېرەك.

–بىزنىڭ قەدىمقى تىلىمىز بىزنىڭ مەدەنىي ۋە روھىي مىراسلىرىمىزنىڭ
ئاساسى. ئەگەر ئۇ بولمايدىكەن، بىز ياراتقۇچىمىز بىزدىن كۈتكەندەك بىر
شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىغان بولاتتۇق.

–بىزنىڭ ئانا تىلىمىز بولمايدىكەن، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنىڭ ساقلىنىپ
قېلىشى مۇمكىن ئەمەس.

رەخمەت!

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرىي رەئىسى، ئەركىن سىدىق

يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل
مۇتەخەسسىسى كاڭاس خانىم ۋە پەخرى رەئىسىمىز دوكتور ئەركىن سىدىقنىڭ خاتېرە سۈرەتلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر

0DSC04354 0IMG_0463 0IMG_0472

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

Comments (2)

  • ھۇن زات

    ‏‏ئەدسسلامۇئەلەيكۇم بارلىق ئانتىل ئۇچۇن ھارماي جاپاچىكۋاتقان قىرىنداش لاغا ئالا دىن سالامەتلىك تىلەيمەن
    ‏ھەم ئىشلىرغا ئۇتۇق تىلەيمەن ماڭغان ئىزڭ لادىن گۇل ئۇبسۇن يان مۇخەلقى مىز ئۇچۇن ياخ ئىشلاقىپ بىرشىڭ لانى ئۇلۇغ ئالادىنتىلەيمە

  • غۇلامجان

    ئانا تىل توغىرسىدا يىزىلغان يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان مۇنۇ سۆزلەرنى كۆرۇپ كۆزۇمگە ياش ئالغىلى ئازقالدىم، بىراق كۆڭلۇمنى يىرىم قىلغىنى بىرەر تالمۇ ئىنكاس چۇشمەپتۇيا،تىخى مەن ئىنكاسلارغا توشۇپ كەتكەندۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top