You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىغا 30 يىللار توشقاندىن كېيىن خىتاي نېمە بولىدۇ؟

تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىغا 30 يىللار توشقاندىن كېيىن خىتاي نېمە بولىدۇ؟

نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

ھەش–پەش دېگۈچە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق ياش ئوقۇغۇچىلارنى قىرغىن قىلىش ۋەقەسى، يەنى 1989- يىلىدىكى 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىغا 33 يىل بولدى. بۇ 30 يىللار شۇ تارىخىي داۋالغۇشقا قاتناشقان 18-20-نەچچە ياشلىق بالىلارنى بۈگۈن 50 نەچچە ياشلىق ئادەملەرگە، بەزىلىرىنى 60 ياشلىقلارغا ئايلاندۇرغان بولسا، ئەشۇ ياشلارنى قىرغان جاللاتلارنى ئاللىبۇرۇن جەھەننەمگە ئۇزۇتۇپ بولدى. بۇ ئۆتكەن 30 يىللار بىلەن جاللاتلارنىڭ پىرى دېڭ شاۋپىڭ باشلىق ئۆز قېنىدىن، ئۆز پۇشتىدىن بولغان ياش ئەۋلادلىرىنى تانكىلارغا باسۇتۇرۇپ، كۆيدۈرۈپ، پىلىموتلار بىلەن ئوققا تۇتۇپ ۋەھشىيانە، رەھىمسىزلەرچە قىرىپ تاشلىغان كوممۇنىست جاللاتلىرىنىڭ باباۋشەندىكى جەسەت كۈللىرىنى خىتايلار ئۆزلىرىنىڭ ھامان تارىخ ئالدىدا سوتلاپ، كۆككە سورۇيدىغانغىمۇ يەنە ئاز دېگەندە 30 يىل قالدى.

بۇ ئۆتكەن 30 يىل خىتاي مىللىتىنى، خىتاي دۆلىتىنى سىياسىي جەھەتتىن ئوزگەرتەلمىسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆزگەرتىپ، ئەسلىدىكى گادايلار- پرولېتارىياتىنى بۈگۈنكى پۇلدارلارغا، بۈگۈنكى بۇرژۇئازلارغا، ئەسلىدىكى ياماق ئىشتانلىق، لاتا خەيلىكلەرنى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكانىڭ ئەڭ ئېسىل ماركىلىرىنى ياراتمايدىغان، يەنى ئەسلىنى ئۇنۇتقان «ئېسىلزادىلەر» گە ئايلاندۇردى.

بۇ 30 يىللار، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيەت گۇرۇھىنى تېخىمۇ دىكتاتورلۇققا، تېخىمۇ ئەسەبىي زوراۋانلىقلارغا كۆندۈرۈپ، دۇنيادىكى ھېچقانداق ئىنسانىي سۆيگۈ، ئىنسانىي ۋە سىياسىي قەدرى-قىممەت ئۆلچەملىرىنى، خەلقئاراۋى نورمىلارنى ھۆرمەت قىلمايدىغان ۋە كۆزگە ئىلمايدىغان مۇشتۇمزورغا ئايلاندۇردى. بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قانداق خورلىنىۋاتقانلىقى بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولسا كېرەك!

بۇ 30 يىللار ئەينى ۋاقىتتىكى چىرايىدىن سەبىيلىك يېغىپ تۇرغان مىليونلىغان دېموكراتىيە تەلەپ قىلغان ياش خىتايلارنى بۈگۈنكى كۆندە ئۆزلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سەبىيلىكىگە پۇشايمان قىلىدىغان، ئەينى ۋاقىتتا ئۆزلىرى چوقۇنغان غەرب دېموكراتىيەسىگە خىرىس قىلىش روھى بىلەن چوڭ مىللەتچىلىك خاھىشى گىرەلەشكەن ھالدا ئۆزگەرتىپ تەربىيەلىدى. بۇ 30 يىل، ئەسلىدە مىڭلىغان ليۇ شاۋبولارنى تۇغۇشى كېرەك ئىدى، ئەپسۇسكى خىتاي خەلقى پەقەت بىرلا ليۇ شاۋبودىن باشقىنى ئاپىرىدە قىلالمىدى. خىتايلار ئۆز ليۇ شابوسىنى قۇتۇلدۇرالمىدى، ئەكسىچە ئۆزلىرى ئۇنىڭ خارلىنىشى ۋە يوقىتىلىشىغا سۈكۈت قىلدى.

بۇ 30 يىللاردا شوۋىنىستلاشقان خىتاي تۈزۈمى دائىم ئۆز ئۆتمۈشىدە خىتاي خەلقىنى ئەزگەن، بوزەك قىلغان، كەمسىتكەن ۋە تالان-تاراج قىلغان دەپ شىكايەت قىلىپ كەلگەن ياۋروپالىقلار، رۇسلار، ياپونلار ئۈستىدىن غالىپ چىقىپ، ئۇلاردىن ئۆچ ئالالمىسىمۇ، ئەمما خىتاي مىللىتىنىڭ تارىخىدىكى ئۇلارنى ئىزچىل بوزەك قىلغان، ئىدارە قىلغان شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمرانلىرىغا باش ئەگمىگەن ئۇيغۇرلارنى، تىبەتلەرنى، موڭغۇللارنى، مانجۇلارنى مىللىي روھى جەھەتتىن سۇندۇرۇپ، ئاسسىمىلاتسىيە قىلىۋېتىش ئۈچۈن غەلىبىلىك كۈرەش قىلالىدى.

خىتاي دۆلەت ماشىنىسى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خۇددى سابىق ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەسكەرتكەندەك 1930-يىللاردىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق ئەڭ ئېغىر ناتسىسلارتچە لاگېر تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، ئۇنى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن سىناق قىلىپ ئىشلىتىلىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى كېلەچەكتىن بىر مىللەت سۈپىتىدە ئۆچۈرۈپ تاشلىنىش خەۋىپىگە دۇچار قىلدى. ناتسىسلارنىڭ جازا لاگېرلىرى 21-ئەسىردە ئەنە شۇ فاشىستلاشقان خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمرانلىرى گۇرۇھى تەرىپىدىن دۇنياغا قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ، ”بۇ ئەمدى قەتئىي يۈز بەرمىسۇن“ دېگەن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى بۇزۇپ تاشلىدى. دېمەك، بۇ 30 يىللار خىتاي كوممۇنىستلىرىنى ئۆز مىللەتداشلىرى ئەمەس، بەلكى، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتى ئۈستىدىن دۇنيا تارىخىدىكى ئاخىرقى بىر قېتىملىق مىللىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئېلىپ كەلدى.

گەرچە، 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 2019-يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي دېموكراتىك ياشلىرىنىڭ ئاغزىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى دەھشەتلىك تەقدىرى، يەنى 1930-يىللاردىن كېيىنكى ئەڭ ئېغىر جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئەسىلىتىلمىسىمۇ، ئەمما شۇلارنىڭ سەپدېشى ئۆركەش، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاي ھاكىمىيەت ئاپپاراتىنى ”باندىتلار گۇرۇھى“ دەپ ئاتاش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ مىليوندىن ئارتۇق قېرىنداشلىرىنىڭ ناتسىسلارچە جازا لاگېرلىرىغا سولىنىپ جازالىنىۋاتقانلىقىنى، مىللەت سۈپىتىدە يوقىلىشقا يۈزلەندۈرىلىۋاتقانلىقىنى غەزەپ بىلەن ئەسكەرتتى.

30 يىل ئىلگىرى تيەنئەنمېن مەيدانىدا مىليونلىغان خىتاي ئوقۇچىلارنىڭ ئالدىدا 20 ياشلىق ئۆركەش ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر، داھىي سۈپىتىدە ئەركىنلىك ھەيكىلى بىلەن تەڭ تىكلەنگەندە يۈز مليونلىغان خىتاي خەلقى ئۆركەشتىن ئۇيغۇرلاردىكى قەھرىمانلىق روھىنى كۆرگەن ۋە ئۇنىڭدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىشقان ھەم سۆيۈنگەن بولسا، ئەپسۇسكى بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۆركەشنىڭ بىر قانچە مىليون مىللەتداش- قېرىنداشلىرى ناتىسىسلارچە لاگېرلاردا ئازاپ چېكىۋاتقاندا، شۇنچە ئۇزۇن تارىخى مۇساپىلەرنى ساق-سالامەت باشتىن كەچۈرۈپ، شانلىق ئىنسانىيەت مەدەنىيەتلىرىنى يارىتىپ، ئىنسانىيەتكە ھەسسە قوشقان بىر مىللەت مىللىي كىملىك ۋە مەدەنىيەت كىملىكى بويىچە يوق قىلىنىشقا ئۇچراۋاتقاندا ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، «توختا»، «بۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خىتاي مىللىتى، خىتاي خەلقى ئۈچۈنمۇ نومۇس» دەپ مەيدانغا چىقالمىدى. لېكىن، يەنىلا ئەشۇ ئوركەش ئۆز كىملىكىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆز خەلقى ئۈچۈن ئۆزى يىغلاش يولىنى تۇتتى.

دېمەك، بۇ 30 يىللاردىكى ئىلھام توختىنىڭ پاجىئەسى ئۇيغۇرلارنىڭ پارلامېنت ۋە دىئالوگ، چۈشەندۈرۈش يولى بىلەن ئۆز خەلقىنىڭ ئارزۇلىرىغا يېتىشىنىڭ پەقەت بىر «چۈش» ئىكەنلىكىنى، بۇ چۈشنىڭ شوۋىنىزىملىق خىتاي مىللىي دۆلىتى مەيلى كوممۇنىستىك ۋە ياكى كۆپپارتىيەلىك دېموكراتىك شەكىلنىڭ ھەرقانداقىدا ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى چالدى.

لېكىن، بۇ 30 يىللار شۇنداق بىر يۈزلىنىشنى كۆرسەتتىكى دۇنيادىكى بىرىنچى كۈچ بولۇش يولىدا ھەرقانداق ۋاسىتىدىن ۋاز كەچمەيدىغان كوممۇنىستىك خىتاي ياكى فاشىستىك شوۋىنىستىك ئىدىيەۋى خىتاي ئامېرىكا باشلىق دېموكراتىك دۇنيانىڭ، قۇدرەتلىك دۇنيانىڭ ھەقىقىي رەقىبىگە ئايلاندى. چۈنكى، ئۇ ئۆزى دۇنياغا خوجا بولۇش يولىدا ھەركىم بىلەن دۈشمەنلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ، زاۋاللىقتىن باشقا خۇلاسىنى چىقارمايدۇ خالاس! ھەرقانداق، دۇنيا بىلەن دۈشمەنلەشكەن فاشىستلاشقان، ئەسەبىيلەشكەن، مۇشتۇمزورلاشقان، دىكتاتورلاشقان كۈچنىڭ بىرلا ئاقىۋىتى بار ! ئۇ بولسىمۇ ئاخىرى گۇمران بولۇش! مىسسال شۇكى، بىز كونا تارىخنى ئەسلىمەيلا يېقىنقى دەۋرلىرىمىزگە نەزەر بېرەيلى !قېنى گىتلېر ناتسىسىزمىنىڭ قۇدرەتلىك 3 – ئىمپېرىيەسى؟ قېنى دۇنياغا قارشى گىتلەر فاشىزمى بىلەن بىرلەشكەن قۇدرەتلىك ياپون مىلىتارىزمى ۋە ئىتالىيە فاشىزمى؟ قېنى دۇنيانى تىترەت كوممۇنىستىك سوۋېت قىزىل ئىمپېرىيەسى؟ دېمەك، بۇ 30 يىللار يوقىلىش نۆۋىتىنىڭ كىمگە كەلگەنلىكىنى كۆرسەتتى؟

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top