You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئانامغا مەكتۇپ

ئانامغا مەكتۇپ

ئاپتورى: مەسئۇت سابىرى بايكوزى

سۆيۈملۈك مېھرىبان ئانا!

ئۇزۇندىن بۇيان سىزگە مەكتۇپ يازالمىدىم، چۈنكى مۇشۇ كۈنلەردە مۇھىم ئىشلار ۋەجىدىن شۇنچىلىك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. ئىككى ئايدىن بىرى جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق نىھايەت پىدائىيلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقتۇق. يىقىنقى بەش – ئالتە كۈن ئىچىدە جەڭ مەيدانىغا يۈرۈپ كېتىمىز.
مانا مۇشۇ 300 پىدائىي ياشتىن تەركىپ تاپقان قوشۇننىڭ قوماندانلىق شەرىپى ماڭا يەنى ئوغلۇڭىز ئەرتۇغرۇلغا نېسىپ بولدى. سىز تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن. ئەمما، مەن مۇشۇ دەقىقىلەردە قانچىلىك ھاياجان ئىچىدە بەيتىيار بولىۋاتقانلىقىمنى ئۆزۈم بىلىمەن. مەن پەقەت قوماندان بولغانلىقىم ئۈچۈنلا بۇنچىلىك ھاياجان بولىۋاتقانلىقىم يوق. ئانا! بۇ 300 يىگىتتەك باھادىر ئەزىمەتلەر ئاراسىدا تۇرىۋاتقانلىقىم ئۈچۈندۇر. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ ئالدىدا يول باشلاپ، دۈشمەنگە بىرىنچى پاي ئوقنى ئاتىدىغانلىقىم مېنى شۇنچىلىك بەختىيار قىلىۋاتىدۇ. ئانا! مېنىڭ قەلبىمدىكى بۇ خوشاللىق، بەختىيارلىق تۇيغۇسى شۇ ۋەجىدىن بولۇپلا قالماي، يەنە كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان باشقا خوشنۇتلۇق ئىشلارمۇ بار. سۆيۈملۈك ئانا! سىز ھەر زامان ماڭا ۋە قىرىنداشلىرىمغا نەسىھەتتە قىلىپ، مۇنداق دەيتىڭىزغۇ:«ئەگەر دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلمىساڭلار، سىلەرنى ئېمىتكەن ئاق سۈتۈمگە رازى ئەمەسمەن» ئەمدى مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سىلىڭ ئانا!، سىزنىڭ ماڭا بەرگەن ئاق سۈتىڭىزنىڭ ئەجرىنى ئاقلايدىغان بولدۇم، سىزنىڭ سۈتىڭىز ماڭا ئاشۇ پاك سۈتكە ئوخشاش ھالال بولىدىغان بولدى! مەن دۈشمەنگە قارشى جەڭگە ئاتلىنىپ، ئوق-دورا پۇراقلىرى قاپلىغان جەڭگاھتا قان كېچىپ جەڭ قىلىپ سىزنىڭ مېنى پەپىلەپ بېقىپ، كېچىچە كىرپىك قاقماي ئۆتكۈزگەن كېچىلىرىڭىزنىڭ ئەجرىنى ئاقلايدىغان بولدۇم. ئانا! سىزنىڭ مەندىن كۈتكەن ئارزۇلىرىڭىز ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى. مانا بۇ قېتىم ئانا تۇپراقلىرىمىزغا تاجاۋۇز قىلىپ بېسىپ كەلگەن ياۋلارغا قارشى ئۇرۇشتا غەلبە قىلىپ، ۋەتىنىمىزنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرىمىز. ئانا! مانا ئەمدى سىزنىڭ كۆزلىرىڭىزدىكى ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى چاقنايدىغان بولدى، سىز بىر ئۆمۈر كۈتكەن تاڭ ئەمدى ئاتىدىغان بولدى، ئانا! ئەنە شۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بەختىيارلىق ماڭا نېسىپ بولدى، بىر ئىنسان ئۈچۈن دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بەخت بولمىسا كېرەك! مانا مۇشۇ دەقىقىلەردە سىزگە بۇ مەكتۇپنى يېزىش ئارقىلىق، ئاشۇ بەختىيارلىقلاردىن سىزنىمۇ خەۋەردار قىلغانلىقىمدىن ۋە ئۆز خوشاللىقىمغا سىزنىمۇ ئورتاقلاشتۇرغانلىقىمدىن شۇنچىلىك رازىمەلىكى تۇيغۇسىغا مۇپتىلا بولدۇم. يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن جەڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، دادامغىمۇ ئايرىم مەكتۇپ يازىمەن، مۇتلەق ئىشىنىمەنكى مېنىڭ بۇ پىداكارلىقىمدىن ئەلۋەتتە داداممۇ رازى بولىدۇ. چۈنكى داداممۇ ئۆز ئۆمرىدە نەچچە قېتىم زېمىنىمىزغا بېسىپ كەلگەن ياۋلار بىلەن جەڭ قىلغان ۋە نەچچە يېرىگە ئوق تىگىپ يارىلانغان باھادىر ئەزىمەت ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق-ئالەم ئالدىدا بىر ئۆمۈر يۈزى يورۇق ياشاۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئاشۇ روشەن ئوق ئىزلىرى قەلبىمنى شادىمان ئەيلىگەن نىشان بەلگىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دادامنىڭ پاك ۋۇجۇدىكى ئاشۇ يارا ئىزلىرى بىلەن بومبا پارچىلىرى قالدۇرغان تارتۇقلار بىزنى ھەر ۋاقىت دۈشمەنگە قارشى جەڭگە رىغبەتلەندۇرۇپ كەلگەن ئەمەسمىدى؟! ئانا! مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مۇشۇنداق ئۇلۇغ جەڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، پۈتۈن قەلبىم بىلەن رازى بولۇپ، ئالدىقى سەپكە ئاتلىنىش، ھەربىر ۋىجدانلىق دادىنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئوغۇل ئۈچۈن ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ مۇقەددەس ۋەزىپىدۇر.
ئانا، سىز مەندىن تېخىمۇ ئومدان بىلىسىز، مېنىڭ دادام بۇ ھاياتتا قولىدىن كېلىشىچە ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىپ كەلدى ۋە تا بۈگۈنگە قەدەر ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ئەمدى بۈگۈنكى كۈندە ئاشۇ ئۇلۇغ ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ قان ۋە جان بەدەللىرىگە كەلگەن بۇ ئەزىز ۋەتەننى دۈشمەنگە تارتقۇزۇپ قوياتتىقمۇ؟ ياق ئانا! ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، بىز ئاشۇ پىداكار ئاتىلارنىڭ پەرزەنتتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ۋىجدانىمىزغا مۇخالىپ كېلىدىغان ئۇنداق ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايمىز. بىزگە بۇنداق قىلىش ھەرگىز ياراشمايدۇ. قەسەم قىلىمەنكى، بۇنداق ئىش ھەرگىز سادىر بولمايدۇ. دۈشمەنگە قۇل بولۇپ ئۆتۈش، ئەجداتلىرىمىز ئارىسىدا ئەلمىساقتىن تارتىپ سادىر بولۇپ باقمىغان، بۇندىن كېيىنمۇ زىنھار قۇل بولمايمىز. بىر كۈن قۇل بولۇپ ياشىغاندىن كۆرە مىڭ ئۆلگەن ئەۋزەلدۇر! مەن بۇلارنى ئويلىغىنىمدا ھەقىقەتەن ئەقلىمدىن ئازغىلى تاسلا قالىمەن، دەرۋەقە، بۇنداق بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئانا !شۇ ۋەجىدىن دەرھال جەڭگە ئاتلاندۇق. سىزنىڭ مېنى پاك سۈتۈڭىز بىلەن باققىنىڭىزدىن باشقا، ماڭا يەنە نۇرغۇن ئەجرىڭىز سىڭگەن، ئۇلارغىمۇ رازى بولۇڭ. بەلكىدە بۇ قېتىم بوۋامغا ئوخشاش شېھىتلىك شارابى ئىچىپ، ئائىلىمىزگە ئىككىنچى قېتىم شېھىتلىك شەرىپىنى ناھىل قىلىشقا مۇيەسسەر بولۇشىم مۇمكىن. جېنىمانا! سۆيۈملۈك، مېھرىبان ئانا! سىزنىڭ ئۇلۇغلىقىڭىزنى، جاسارىتىڭىزنى مېنى بىلمەيدۇ دەمسىز، مەن سىزنى ئومدان چۈشىنىمەن. ئەمما سىز يەنىلا بىر ئانا بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن، باشقا ئانىلارغا ئوخشاشلا ئۆز باغرىڭىزنى يېرىپ چىققان پەرزەنتىڭىزگە چىدىيالمايسىز. شۇ مىنۇتلاردا ئۆز ئوغلىڭىزنىڭ ئوق – بومبىلارنىڭ ئىس-تۇتەكلىرى ئىچىدە قاپقارا قارداپ كەتكەن يۈزىگە سۆيۈشنى، پاخپىيىپ كەتكەن قارا چاچلىرىنى مېھرىلىك سېلاشنى، ھەيۋەتلىك گەۋدىسىنى باغرىڭىزغا چىڭڭىدە بېسىپ تۇرۇپ يىڭلاشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانسىز ھەقاچان. مەن شۇ دەقىقىلەردە سىزنىڭ يېنىڭىزدا بولالمىغان بولساممۇ، بۇ مەكتۇپنى يېزىش ئارقىلىق قىلىۋاتقان ئىشلىرىمدىن سىزنى خەۋەردار قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ پەرزەنتلىك بۇرچىنى ئادا قىلىشنى ئويلۇدۇم. ئانا! سىزنىڭ بىغۇبار دىلىڭىزنى رەنجىتكەن بولسام مېنى كەچۇرۇڭ، سىزگە ئۆلۈم قۇچىقىدا تۇرۇپ چىن قەلبىمدىن سالام يوللايمەن. ئاشۇ قورۇق باسقان قاداق قوللىرىڭىزنى سۆيۈپ تۇرۇپ، مۇشۇ مەكتۇپ ئارقىلىق سىز بىلەن ۋىدالىشىشقا مەجبۇرمەن. سىزگە ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن ئامان-ئېسەنلىك تىلەيمەن! سۆيۈملۈك ئانا، جېنىم ئانا! مېھرىبانىم ئانا، ئامان بولۇڭ!

ھۆرمەت بىلەن ، ئوغلۇڭىز ئەرتۇغرۇلدىن.

مەنبە: «مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق روماندىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top